ئەخمەتجان بالىلارنىڭ سۈيىدە ئاققان «چۆچەكچى بالا» ھەم «قوشاقچى بالا». ئو بالىلار ئەدەبىياتىمىزغا سانائىل ھەرفىيەلىك بالىلار قوشاقلىرىدىن ئىبارەت بىر شەكىلنى ئەكىردى. مەن تۈۋەندە بۇ ھەقتە يېزىلىپ «ئۆسمۈرلەر گىزىتى» دە ئېلان قېلىنغان ماقالەمنى «چۆچەكچى بالا» نى تەبرىكلەپ ھۇزۇرلارغا سۇندۇم.
يىڭىلىق ئېلىپ كەلگەن «چاپتىكەش چاشقان»
(ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ سانائىل ھەرفىيەلىك بالىلار قوشاقلىرى توغرىسىدا)
ياسىن ئابدۇقادىر
ئۇيغۇر بالىلار شېئىرىيتىدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىن باشلاپ گۇڭگا شېئىرنىڭ تەسىرىدە يىڭىلىنىش بولۇپ ئىلگىرىكى شۇئارۋازلىق، قېلىپۋازلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قوتۇلۇپ تەربىيەچانلىقتىن سەنئەتچانلىققا قاراپ يۈزلەندى. ھازىرقى بالىلار شېئرلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسى خىلى يۇقۇرى، ھەتتا دۇنيا بالىلار شېئىرىيىتى بىلەن تەڭ سەۋىيەدە دېيىشكە بولىدۇ.
بالىلار شېئىرلىرىمىز تېما جەھەتتىن تەرەققى قىلپلا قالماي شەكىل جەھەتتىنمۇ تەرەققىياتقا ئىرىشتى. شەكىل رەڭدارلىقى بالىلار پىسخىكىسىنىڭ چىقىش نوقتىسى. بۇنى بىلگەن خەلقىمىز بالىلار شېئىر- قوشاقلىرىنىڭ تۈرىنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلغان. بالىلار شېئىرلىرى تىماتىك مەزمۇنىغا قاراپ لىرىك شېئىر ۋە ئېپىك شېئىر دەپ ئىككى تۈرگە؛ ئىپادىلەش شەكلىگە قاراپ شېئىرى چۆچەك، شېئىرى ھېكايە، شېئىرى مەسەل، پەننىي شېئىر، باللادا ۋە داستان قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنگەن. بالىلار قوشاقلىرى ئەللەي ناخشىسى، ئويۇن قوشاقلىرى، ساناق قوشاقلىرى، ھەرپ قوشاقلىرى، ئېيتىشىش قوشاقلىرى (سوئال- جاۋاپ قوشاقلىرى)، زەنجىرسىمان قوشاقلار، يېڭىلىتماقلار، يالغان قوشاقلار، تېپىشماقلىق قوشاقلار، تەبىئەت قوشاقلىرى، تۇرمۇش قوشاقلىرى، ھەجىۋىي قوشاقلار، ئونىۋېرسال قوشاقلار قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنگەن. يېقىندا كارتون قوشاقلار، سانائىل ھەرفىيەلىك بالىلار قوشاقلىرى قاتارلىق يىڭى تۈرلەر مەيدانغا كەلدى.
بالىلار يازغۇچىسى ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىدە ئىلان قىلىنغان بىر يۈرۈش سانائىل ھەرفىيەلىك بالىلار قوشاقلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
سانائىل ھەرفىيەلىك شېئىر شەكلى- مىسىرالاردىكى ھەربىر سۆزنىڭ باش ھەرپىنى ئوخشاش بولغان سۆزلەردىن شېئىر تۈزۈش سەنئىتىدۇر. « سانائىل ھەرفىيە » دېگەن بۇ ئاتالغۇنى شائىر جاپپار رېھىم تۇنجى بولۇپ «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 1992- يىللىق 12- ئاۋغۇست سانىدا شۇ تۈردىكى بىرقانچە شېئىرى بىلەن مەتبۇئات يۈزىگە ئېلىپ كىرگەن.
شائىر جاپپار رېھىم سانائىل ھەرفىيەلىك بۇ يىڭى بىر شېئىرى شەكلىنى ئىدىقۇت خانلىقى دەۋرىدىكى بەزى شېئىرلاردىكى ھەربىر مىسىرادىكى باش سۆزنىڭ ئوخشاش ھەرپ بىلەن تۈزۈلۈپ « باش قاپىيە » ھاسىل قىلغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكنى ئۇيغۇر خەلق ئەل ئىچى سەنئىتى تېكىستلىرىدىكى ھەربىر سۆزنىڭ ئوخشاش ھەرپتىن تۈزۈلىدىغان « سۆز ئويۇنى » شەكلى بىلەن ئىجادىي بىرلەشتۈرۈپ ئىجاد قىلغان. شۇنىڭدىن بويان بۇ شېئىرى شەكىل شائىر جاپپار رىھىم روھلانى باشچىلىقىدا مەتبۇئاتتا ئۆزىنىڭ رۇلىنى جارى قىلدۇرىپ كەلمەكتە.
سانائىل ھەرفىيەلىك بالىلار قوشاقلىرى بولسا يىڭىلىقپەرۋەر بالىلار يازغۇچىسى ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بالىلارنىڭ رەڭدارلىققا بولغان قىزىقىشى ئاساسىدا يۇقارقى شېئىر شەكىلدىن ئىلھام ئىلىپ يۇرۇقلۇققا چىقارغان بالىلار شېئىر شەكلى.
ئەدەبىيات تىل سەنئىتى. بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تىلغا قويىدىغان تەلىپى تېخىمۇ يۇقۇرى. چۈنكى بالىلارنىڭ بىلىدىغان سۆزى كۆپ ئەمەس، بالىلارنىڭ بۇ كەم تەرىپىنى تولۇقلاشنى بالىلار ئەدەبىياتى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. جۈملىدىن سانائىل ھەرفىيەلىك بالىلار قوشاقلىرىدىن ئىبارەت سۆز ئويۇنلۇق خوسۇسىيەتگە ئىگە بولغان بۇ يىڭى تۈر بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تىل ئۆگىتىش رولىنى تېخىمۇ ئاتقۇرالايدۇ.
ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ بۇ بىر يۈرۈش سانائىل ھەرفىيەلىك بالىلار قوشاقلىرىنى تۈۋەندىكى تۈرلەر بويىچە تەرەپلەپ ئۆتىمىز:
1. بۇ قۇشاقلار، مىسىرالاردىكى ھەربىر سۆزنىڭ باش ھەرپى ئوخشاش بولغان سۆزلەردىن تۈزۈلۈپ سانائىل ھەرفىيەلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە تەسەۋۋۇر مول بولۇشتەك خۇسۇسىيىتىگىمۇ ئىگە بولۇپ بالىلارنى قىزىقۇرىدۇ.
مەسىلەن:
قاتلايمىزا، قاتلايمىز،
قەغەز قېيىق قاتلايمىز.
قونۇپ قەغەز قېيىققا،
قەشقەرلەرگە قاتنايمىز.
-«قەغەز قېيىق» تىن
بۇ شېئىردا «قەغەز قېيىقتا قەشقەرگە بېرىش» تىن ئىبارەت بالىلارچە تەسەۋۋۇر ئوتتۇرغا قويۇلغان.
2. بۇ قۇشاقلار ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك بولۇش بىلەن بىرگە سۆز ئويۇنلۇق خاراكتىرىگە ئىگە بولغان.
مەسىلەن:
ياغاچ يولۋاس يۇلقۇنۇپلا،
ياسىن يېنىدىن،
ياۋۇزلارغا يوپۇرلىدى،
ياتقان يېرىدىن.
-«ياغاچ يولۋاس» تىن
سانائىل ھەرفىيەلىك قۇشاقلاردىكى سۆزلەرنىڭ باش ھەرپى ئوخشاش بولۇش شەرتى بولغاچقا سۆز تاللاشتا مەلۇم بوغۇلۇش بولاتتى. لېكىن يۇقارقى قۇشاقتا تەبىئى رېتىم، ئاھاڭدارلىق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. شۇنداقلا مەلۇم ئويۇن خاراكتىرىنىمۇ ئالغان.
3. بۇ قۇشاقلاردا مەزمۇن ئۇدۇلدىن-ئۇدۇل ئىپادىلەنمەستىن مەلۇم ئوبرازلار ئارقىلىق سەنئەتلىك تۈستە ئىپادىلەنگەن.
مەسىلەن: «باتۇر بارماق» ناملىق قۇشاقتا «بەش بارمىقىم بىرلىشىپ بازغان بولدى، بوزۇقلارنىڭ بۇرنىغا بارغان بولدى. بەش بارماقتا بۈيۈككىنە بىرلىك بولدى.» دەپ ئىناقلىق «بارماق» ئوبرازى ئارقىلىق بالىلارچە ئوتتۇرغا قويۇلغان.
4. بۇ قۇشاقلاردا شېئىرى مىسرالاردىكى قاپىيە توقلىقىنى ئىزچىل ماسلاشتۇرۇش ئاپتۇرنىڭ ھەرپ شەكلى بۇيىچە سۆز تاللاش ۋە مىسرالارغا سۆز ئۇرۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئۆزگىچە ماھارىتىنى نامايەن قىلغان.
بۇ بىر بۆلەك قۇشاقلارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئالاھىدىلىك تۇلۇق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بۇلۇپ، سۆزلەرنىڭ ئاھاڭدارلىقى ۋە قاپىيەنىڭ توقلىقى بالىلارنىڭ قۇشاقنى ئەستە ساقلاش جەھەتتىكى قىزىقىشىنى ئاشۇرغان.
قويۇپ قويدى قىزىم قويغا
قىلتىقىنى.
قورقۇتقاچقا قوينىڭ قىزى
قىزچىقىنى.
-«قوينىڭ قىزى» دىن
5. بۇ قۇشاقلارنىڭ بالىلارغا سۆز ئۈگىتىش، بالىلارنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتىكى رۇلى كۈرۈنەرلىك بۇلۇپ، بالىلارغا ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا تۇرمۇشتا ئۇچرىشىش پۇرسىتى بولمىغان بىر قىسىم سۆزلەر ۋە يەرلىك شىۋىلەرنى بىلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
مەسىلەن:
‹‹چاپتىكەش، چىپتا، ئوڭچى، پو، پاخشەك...›› دېگەن سۆزلەر بالىلىرىمىزغا نىسبەتەن يېڭىلىق سۆزلەر بۇلۇپ، بالىلار بۇ سۆزلەرنىڭ ھازىرقى تىلىدىكى ئىستىمال مەنىلىرىنى ھىس قىلىشقاندا، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ مەنە پاساھىتىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىشى مۇمكىن.
دېمەك، بالىلار يازغۇچىسى ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ سانائىل ھەرفىيەلىك بالىلار قۇشاقلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشى بىر ياخشى باشلىنىش بولدى. «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىنىڭ سەھنە ھازىرلىشى بىلەن بالىلار ئەدەبىياتىمىز خەزىنىسىگە يەنە يېڭى بىر جاۋاھىرات قېتىلدى. بۇ بالىلىرىمىزنىڭ تەلىيى ئەلبەتتە.
مەن باشقىلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن كىيىن ئەخمەتجان ئابدۇللاغا ھەمدەم بۇلۇپ بۇ خىل جاۋاھىراتتىن خىلمۇ خىل گۈلدەستىلەرنى تىزىپ بالىلارغا سۇنىشىنى ھەمدە بۇ جەرياندا سۆزنىڭ بالىلارچە يىنىك بولىشىغا، تەسەۋۋۇر بىلەن قاناتلاندۇرۇپ ھىسىيات بىلەن جان بىرىشكە ئالاھىدە ئىتىبار بىرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا بۇ خىل شەكىلدىكى قۇشاقلارنى «ھەرپلىك بالىلار قوشاقلىرى » دېمەستىن «سانائىل ھەرفىيەلىك بالىلار قوشاقلىرى» دەپ تۇلۇق ئاتاش تەكلىپىنى بىرىمەن. چۈنكى، بالىلار قوشاقلىرىمىزدا ئەسلىدىنلا «ھەرپ قوشاقلىرى» دېگەن بىر قۇشاق تۈرى بار بۇلۇپ، بۇ ھەرپلەر ھەققىدە يېزىلغان قوشاقلاردۇر. شۇڭا بۇ ئىككى قۇشاق شەكلىنى بىر بىرىدىن ئايرىپ ئاتاشقا توغرا كىلىدۇ.
يول يەنىلا ئاچقۇچىلارغا مەنسۇپ. بالىلار بىزدىن تۆت كۆز بىلەن يىڭىلىق كۈتمەكتە.
|