سېھىرلىك سېۋەت
ئاپتورى: ئىززەتگۈل ساتتار (تۇلۇنئاي)
1
يۇلتۇز ئادىشىم،
تاشلاپ بەر سېۋەت.
چىقسام سېۋەتكە،
ئاغزىڭدا پۈۋلەپ،
مېنى ئۇچۇرۇۋەت.
تاشلاپ قوي ئاندىن،
گۈزەل ئورمانغا.
پەرىشتە مومام،
چىقسۇن ئالدىمغا.
چىرايلىق كەپە،
بولسۇن بىر ياندا.
2
بالىسى يوق ئىكەن،
بىچارە يالغۇز.
بېغىدىن ئۈزدى،
پۇرىدى يالپۇز.
مېنى كۆرۈپ ئۇ،
بەك خۇشال بولدى.
قىزىم بولغىن دەپ،
بېشىمنى تۇتتى.
يېشىل يالپۇزدىن،
چۆچۈرە ئەتتى.
ئوخشىدى راسا،
ئۇ ئەتكەن تاماق.
جىق-جىق يەپ بولدۇم،
ئولتۇرۇپ ئوماق.
لېكىن مومامغا:-
‹‹بالا بولمايمەن.
مېنىڭ ئاپامنى،
يالغۇز قويمايمەن.
مەن يوققاپ كەتسەم،
ئاپام يىغلايدۇ.
ئاپىسىز قالسام،
كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ››.
دېسەم مومامغا،
ئۇ كۈلۈپ كەتتى.
‹‹يالغۇزلۇق دەردى،
ماڭىلا لايىق.
تاتمىسۇن ئاپاڭ،
بۇ بەك ئازابلىق.
گۆشلۈك يۈرىكى،
بولمىسۇن ئاچچىق.
تېز كەتكىن قىزىم،
سەندىن ئەنسىرەپ،
قالمىسۇن ئاپاڭ.
كوچا-كويلاردىن،
كەتمىسۇن ئىزدەپ.
ئوماق بالامنى،
كۆردۈڭلارمۇ دەپ،
توپ-توپ ئادەمدىن،
يۈرمىسۇن سوراپ.
دېسەڭ ئۆزۈڭنى،
مەن دېگەن ئاپئاق،
جېدەل قىلمىغىن،
ئاپاڭغا ياق... ياق.
يۇلتۇزلۇق كېچە،
چۆچەك باشلايدۇ.
تېز باغىن قىزىم،
ئاپاڭ قېشىغا،
گۈلزار ئاپاڭنى،
ياخشى باق››دېدى.
3
سېھىرلىك سېۋەت،
يۇلتۇز نۇرىدا،
مېنى ئۇچۇرۇۋەت.
گۈزەل ئورمانغا،
مېنى قويۇۋەت.
كېيىك ئادىشىم،
چىقسۇن ئالدىمغا.
سىۋەتتىن چۈشسەم،
تاقلاپ كەتسۇن ئۇ،
ئويناپ تاق،،، تاق.
..............
دەرەخ ئۈستىدە،
سايرىسۇن ئاققۇ،
قىلىپ ۋاق،،، ۋاق.
نەغمىچى تورغاي،
بېشىمغا قونسۇن.
دوستۇم تۇلۇنئاي،
دەپ ناخشا ئېيتسۇن.
نېمىشقا قاچار؟!
توشقان قورقىنچاق.
مەن ئوۋچى ئەمەس،
قوقمىغىن مەندىن،
چىقمايدۇ چاتاق.
ماۋ، ماۋ، ماۋ،،،
كەلدى ئېيىقچاق.
يېشىل دەرەخزار،
يوپۇرماقلاردىن،
كۈچلۈك پۇتىدا،
يۇمران ئوتلاق،
چىملارنى دەسسەپ.
تاقاپ قويدۇم،
بېشىغا گۈل تاج،
ياۋا گۈللەردىن،
ئالتۇن چاچ ياساپ.
ۋىچىر، ۋىچىر، ۋىچ،
ناخشا ئېيتىدۇ،
بىر سېرىق قۇشقاچ.
كەتمىگىن مەندىن،
تەنتەك خىياللار،
خەيرلىك كېچە،
چۆچىكىڭنى چاچ.
4
سېھىرلىك سېۋەت، سېھىرلىك سېۋەت
خىياللاردا مېنى ئۇچۇرۇۋەت.
ۋات-ۋۇت، ۋات-ۋۇت،
ھەرە پىچاقتا كىسىلۋاتىدۇ،
يوغان بىر دەرخ.
كېسىپ تۇرسا دەرەخنى،
ئاپئاق تاقىر قالمامدۇ ئورمان.
دەرەخ بولمىسا چىقامدۇ شامال،
ئىسسىق ئاپتاپ بولمامدۇ جاھان.
سەلقىن دەرەخ سايە بولمىسا،
نەدە سالقىندايمىز؟
چوڭ ئادەم تۇرۇپ،
نىمىقشقا بىلمەيدۇ ئىنسان.