ximal
كۆرۈش: 65|ئىنكاس: 1

تەنھالىق تەزكىرىسى(داستان)ئادىلجان قادىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2249
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 293
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 10:09:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھالىق تەزكىرىسى
(داستان)
ئادىلجان قادىر
1
كەچكۈزدىكى سېرىق جمجىتلىق،
جۇت كۆرمىگەن يىشىل قەلىبنى،
سارغايىتماقتا ئاستا ۋە ئاستا،
شاھىت بۇلۇپ ئاچچىق كۆز ياشقا.
مەنىسىزلىك بۇغار كاناينى.
ئۆكتەبىرنىڭ چەكسىزلىكىدە،
جۇپ ئىزلارنى كۆمدى خازانلار،
رەڭدارلىقمۇ يۈتتى گۈللەردە.

مىنىڭدىنمۇ مىسكىن ئاجايىپ،
دىۋانىگە ئايلانغان دەرەخ،
سالپايغان چەللىلەر تۇرار رەتمۇ-رەت
ئاپتاپ سۇنۇپ
پەلەس چېقىشىپ
تامنى يۆلىشپ ئولتۇرىشار كۈزدىكى ھورۇنلار
قۇرساق......
قاراپ تۇرماس ئۆمۇدسىزلىككە،
ئىزتىراپقا باقماس ئەمەلىيەت،
ياشاش كېرەك!
بۇ بىر ھەقىقەت.
تېڭىلماقتا كۈدە-كۆرپىلەر
ئارتىلماقتا ئاستا ئۆشنەمگە
مېڭىلماقتا تۇپىلىق يوللار
تەنھالىقتا تېپىلدى بىر ئىش
بىكارچىلىق كەتتى كەلمەسكە.

سەلكىن شامال
ئۆكتەبىردىن قوغلاپ ھاياتنى،
سارغۇچ رەڭدە بىزەپ دالانى،
خازانلارغا قاتتى رەھمسز،
ئەڭ ئاخىرقى بىرتال ياپراقنى.
2
تۆت كۆز بىلەن كۈتەر دېرىزەم،
مەجنۇنلارچە يۇلۇمغا قاراپ،
پۇچۇق قىلدى ئەينەكلىرىنى،
جىمجىتلىقنى تاش قىلىپ ئېتىپ،
مەھەللىدىكى كەپسىز بالىلار.
جۇدۇنلاردا يىغلار ئۈن سېلىپ،
تۇڭۇپ كىتىپ تىترىسەم غال-غال،
سەھەرلەردە ئويغىتار مىنى،
كۈن نۇرلىرى چۈشكەندە پال-پال.
شامال چىقسا ئىسقىرتىپ مۇڭلۇق،
يالغۇزلۇقنى چاندۇرماس ھامان.
بىر بۇلۇڭغا يۆلەپ قۇيۇلغان –
گىتتار ھېرىپ كەتتى ئىھتىمال.
ياش تۆكۈلەر تارىللىرىدىن،
ئانچە-مۇنچە جىرلاشتىن باشقا.
سەھرادىكى كەپسىز بالىلار-
خۇشياقمايدۇ گىتتار تىڭشاشقا.
خۇمار بۇلۇپ قالغان ئوخشايمەن،
ئالۋاستىدەك يالغۇز ياشاشقا.
ئۆمۈدسىزلىك مىنگەشكەن ھايات،
ئۈندەر مىنى ئۈنسىز ياشاشقا.

جمجىت كەپەمدە
قىينار مىنى ھىجران ۋە پىراق
ئوخشاتمايمەن سىنى ھېچكىمگە
شەھەردىكى شەھەرلىك قىزچاق.
3
ھىدلىرىڭنى ھىدلدپ شاماللار،
كۇچىلاردا يۇرگەندۇر ئەگىپ،
قارچۇقۇڭدا غۇۋا سۈرىتىم،
غۇۋالىشىپ كەتكەندۇر بەلكىم.

سالام خەتلىرىڭ
باغلاشمىغان سۆزلەر لۇغىتى
بارغانسىرى كىمەيگەن بەتلەر
ئورۇقلىتار بىرتال لىپاپنى
جانلاندۇرۇپ تەنھالىقىمنى
يىرتىۋىتەر ئۆمۈدلىرىمنى.

يۈرۇكۇمنى لىپاپقا سېلىپ
ساڭا ئاتاپ شېئىرلار يېزىپ
سالام يوللاپ مەكتۈبلىرىمدە
تۇتقۇزغانتىم پوچتىكەشلەرگە.
ئۇنتۇپ قالدى بەلكىم پوچتىكەش
بەلكىم سەنمۇ يازمىدىڭ ئادرىس
يېرىم يولدا چۈپ قالدى ياكى-
ئۇزۇن بولدى يوقتۇر خەۋەرىڭ.

سىنىڭ ھاياتىڭ
تەقدىرىمگە قىلىنغان چاقچاق
ياشاپ كەلدىڭ قەلبىمدە يەنە
بوپ كەتسىمۇ يۈرەكلەر چاك-چاك.

يالتىرايدۇ كۆمۈشرەڭ دالا
تۈنجى قېتىم قارياغقان كېچە
يېرىم يۇمار كۆزلىرىنى ئاي
ئىچ ئاغرىتىپ تەنھالىقمغا.
يىلان كەبى كىلەر ئىزلىرىم
قارلىق يولدا ماڭا ئەگىشىپ
شوخ كۈلكىلەر،تەلۋە چاقچاقلار
قارلىق تاشلاپ ئوينىغان چاغلار
ئەكىس سادا بىرەر قەلبىمگە
سېغىندۇرۇپ ھەممە ھەممىنى
تاتلىق ئازاپ شىرىن ئەسلىمە.

بۇ قىش
كىيدۈرمەكتە پاقتىلىق چاپان
ئوتۇن ياردۇردى
كاناي قاقتۇردى
سوغۇق دىگەن چايان.

تەنھالىقنىڭ خىلۋەتلىكىدە
ئىچ ئاغرىتىپ قالدىم تاملارغا
ھېرىپ كەتكەن كەبى مۈكچىيىپ
غېرىپسىنار جىمجىت ئۆي ئىچى
ئاسراپ كەلدى تەنھالىقمنى
دىكابىرنىڭ سوغۇقلىرىدا.

يىراق يىراق مەھەلىلەردە
قوي كالىلار مەرىشىپ بىردىن-
خىيال خىيال بولماي ئاخىرى
ئۇخلاپ قالدى ئۇخلاش ئۈچۇنلا
جىمجىتقىنە ۋاقىتلىق ئىشچى.
4
سەھەر
ئىش بېشىنىڭ سەت ئاۋازىدىن
داۋام قىلار داۋاملىششنى
سۆزلەشلەرگە بۇلۇپ بىپەرۋا
ئالدىراشلا ئۆتكۇزدۇم ھامان
ئادەم ئارا تەنھالىقىمنى
ۋاقىت خىيال ھەمدە بىر كۈننى.
يوقتۇر لىكىن
يوقلىما ۋە سىناق،ئىمتاھان.
تۇلۇپ كەتكەن زاۋۇت ئىچىگە
باش لىڭشىتقان ساقتا ئىنتىزام.
قىزچاق
خىيال
سىنىپ
مۇئەللىم
خۇش ناۋالىق مەكتەپ گۈللۈكى
كەپسىزگىنە مەكتەپ ھاياتى.
غەمسىز چاغلار قاپتۇ ئالبۇمدا-
مەن ئىزلەيمەن تەنھالىقمنى
ياتسىرىغان ئادەملەر ئارا.
زاۋۇت ئىچىدە
مەن يەنىلا-
«ئوقۇغان بالا»
5
مارىت
بەك يېقىمسىز ئاۋاز چىقىرىپ
زاۋۇت ئىچىدە يۈرمەكتە مېڭىپ.

رەڭسىز دالا غەمكىن ئەتىياز
دېرىزەم سىرتىدا تۇرار بىچارە
ئەگىپ يۈرەر لالما بۇلۇتلار
كۆك قەھرىدە بۇلۇپ ئاۋارە.

دەريا ئۆستەڭ ئىرىپ توڭلاردىن
يۇلقۇنۇپ ئاقماقتا ئالدىراش ئەگىز.
چۇرۇقلىشىپ غەمسىز قۇچقاچلار
تەبىئەتكە زوق بىرەر چەكسىز.
باھار يوقتۇر تېخى قەلبىمدە
پىراقىڭدا خىياللار تەگسىز.

بىز ناتۇنۇش بولغاندىن بىرى
ئەسلەپ ئۆتەر كۈنلىرىم سىنى.

تەنھالىقنىڭ پەسىللىرىدە
بىخ چىقاردى تاللار ئۈچ قېتىم.
قۇلاق سېلىپ يۇرسىمۇ ھەرچاغ
گىتتارىمنىڭ جىرلاشلىرىغا
مەن يەنىلا ناتۇنۇش يىگىت
سەھرادىكى مەسۇم قىزلارغا.
شېئىر پەسلى يىتىپ كەلسىمۇ
خىياللىرىم ئىزلەر قايغۇنى
ئىتائەتلىك بۇلۇپ تۇتقۇندەك
بۇلۇپ ئۆتتۈم ھىسيات بەندىسى.

يەپ كەتمەكتە يىرگىنىشلىك سىخ
گۈزەل غايە ھەمدە ئىشەنچنى
يەپ كەتمەكتە پەرۋاسىز يەنە
ئالتۇن ياشلىق،ئالتۇن ئۆمۈرنى.

سەن بىلمەيسەن يىراق بىر يەردە
تارتىۋاتقان ئازابلىرىمنى.
ھىچ تەسسەۋۇر قىلالمايسەن ھەم
ياش چىقارماي يىغلاشلىرىمنى.
تۇپا رەڭلىك تەنھا شائىرنىڭ
نەدە قالدى ئارزۇ ئارمىنى
چاراقلىغان تۇرمۇشۇڭ ئارا
كۆرەلمەيسەن سىياق رەڭگىنى.

قاۋاقلارغا بۇلۇپ خېرىدار
ئۈلپەت بولدۇم ھاراقكەشلەرگە
تىنىق تىنىق خىيال نۇرلىرى
تامچىلايتى قەدەھلىرىمگە.
ئىقبال غۇۋا قىسمەت نامەلۇم
ئىشەنمەيتىم قەدەملىرىمگە.
خىتىڭ بارمۇ قۇلۇڭدا؟
ساق قۇپارمەن ئەتە سەھەر دەپ
يەپ كەتسىمۇ يۇرەكلەرنى دەرىت
تەسەللى بىرىدۇ پەقەت ۋە پەقەت
تۇرىدۇ يېنىڭدا قول باغلاپ پەقەت
تارتىشىپ بىرەلمەس دەرتىلىرىڭنى خەق
بىركۈن ئۆتسە بىر كۈن غەنىيمەت.

پىنھانلاردا باقار جۇپ كۆزلەر
ئىچ ئاغرىتىپ يالغۇزلۇقۇمغا
تىرىشاتتى بۇلۇپ بىتاقەت
يەتمەك بۇلۇپ دەردۇ ھالىمغا.

قادالغاندۇر كۆڭۈل كۆزۈمگە
مۇھۇر بۇلۇپ ئويۇلغان سۇرەت
ئىشىق ئەھلى بولساڭ كۆزۈڭگە
كۆرۈنمەيدۇ ھېچكىم ھېچنىمە.

ياڭراپ كىتەر كۈلكە-چاقچاقلار
ئىش ھەققىنى تارقاتقان كۈنى
ھالاللىقتا ياشىغاچقىلا
تەسەللىگە يارقىلار مىنى.
شۇ ئازغىنە ئىش ھەققىمىزنىڭ
ئوت كۈيىدۇ بېشىدا لىكىن
مىھرىم باردۇر بىلمەيمەن ئۆزۇم
باغلاپ تۇرار غايىپ بىر زەنجىر.
ئوچۇق-يۇرۇق دىلكەش پاراڭلار
كەمسىتىش يوق ھەممە بەرىبىر.

شەھىرىڭگە ئوخشاش سىنىڭمۇ،
ھەممە يەرنىڭ ئۆزلىكى باردۇر،
ئۆزىمىزنىڭ سەۋەنلىكىدىن
بەدەل تۆلەش ھەققىمىز باردۇر.

مەن ياراتتىم ئۆزۈمنى قايتا
ئىرادەمدىن قايتىپ ئۆزۇمگە
مۇھەببەت باغلىدىم قايتا ھاياتقا.
5
تەبىئەتنىڭ كۆركى زىننىتى
زەپ چىرايلىق باھار گۈللىرى
قوزغار دىلدا ئوتلۇق ھاياجان
كاككۇكلارنىڭ تىنماي سايرىشى.
باھاردىكى مەيىن شاماللار
سۆيۈپ ئۆتۇپ تەنھالىقمنى
يوقلاپ كەلدى ئىلھام پەرىسى.

قوياش كۈلگەن دەم ئېلىش كۈنى
ئوخشاپ قاپتۇ گۈزەل تەبىئەت
بەختى كۈلگەن چىرايلىق قىزغا.
جۇپ-جۇپ ئىشچان ناخشا ياڭرىتىپ
ئىشلەر ھارماي سالا ئېتىزدا.
پى پى ياساپ ئوينار دالىدا
خۇشال-خۇرام غەمسىز بالىلار
چۆچەك ئېيتىپ بەرسۇن سايىدا
تال چىۋىقنى مىنىپ كىلىڭلار
ئەزەلدىنلا ئامراق سىلەرگە
غېرىپقىنە تەنھا ئاكاڭلار.

كىتاب،خىيال،غېرىپ شېئىرلار
بۇلۇپ قالدى تەنھالىققا جۈر
غېرىپسىنىپ قالدى ئۆي بەلكىم،
تەنھالىقىم كىتەيلى يۇر يۇر

سېغىنغاندۇر ئانام بۇلۇپ زار
ئاچام،سىڭلىم قاراپ يۇلۇمغا
يېرىم پەسىل دىدار كۆرۇشمەي
سېغىنىشلار تەگدىغۇ جانغا.
مەن ئۈچۈن
باش قاتۇرۇپ تالاي قېتىملاپ
كىرپىك قاقماي كېچە-كېچىلەپ
يىغلىغاندۇر ئۆكسۈپ ئىسەدەپ
«ئاچ-توقمىدۇر؟كەپسىز بالام»دەپ
تولغاندۇر ئۇزۇن تۈنلەردە
ئاھ!بىچارە مىھرىبان ئانام.
مەن ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھامان.
6
چاقنايدىكەن ياشلىق چېغىڭدا
سۆيگۇدىگەن بەك قىسقا مۇددەت
قىسمەتلەرگە تولغان بۇئالەم
كۆرسىتىدۇ نۇرغۇن كارامەت.
«ساداقەتلىك بولساڭلا ئاشىق،
قۇچاق ئاچار ساڭا مۇھەببەت»
دەپ بەزلەيمەن ئۆزۇمنى پەقەت.

بەخىت تىلەي ساڭا ئەي قىزچاق،
قۇچاق ئاچسۇن ساڭا سائادەت!
خاتىمىسى بولسۇن سۆيگۇنىڭ،
ئەڭ ئاخىرقى بىرپارچىلا خەت.

جىمىرلايدۇ كۆكتە يۇلتۇزلار
تۈن قوينىدا ئۇخلايدۇ دۇنيا
خىلۋەتتىكى جىمجىت كەپەمدە
مەن يەنىلا ئۇيقىدىن بىدار.
قەغەز قەلەم ھەمدە كىتابلار
ھەمراھ بۇلار تەنھالىقمغا
مىسرالاردىن ئىزلەپ تەسەللى
ئۆمۇد بىلەن باقتىم ھاياتقا.
ئازاب مەڭگۇ ئەمەس ئالەمدە
قىممەتلىكتۇر ۋىجدان ۋە غۇرۇر
ياشايمەن!
               يەنىلا غالىپ ۋە مەغرۇر.

مۇھەببەت كۆڭۈلنىڭ ئەزىز مىھمىنى
مۇھەببەت ئىنساننىڭ شىرىن كەچمىشى
مۇھەببەت ياشلىقنىڭ كۆركەم جىلۋىسى
ئاخىرلىشار چوقۇم بىركۈنى
تەنھالىقنىڭ بۆيۈك تارىخى.


2002-2003-يىللار





Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2653
تۆھپە : 8
توردا: 196
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 10:31:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماس سەھىپىگە يۆتكىيەلمىدىم.

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش