يېزىڭ مۇخبىر
ۋەتەن -ئەل سۆيگۈسى چەكسىز مۇھەببەتنى يېزىڭ مۇخبىر ،
ئۇلۇغ رىشتە ، ئاتەش مېھىر ھارارەتنى يېزىڭ مۇخبىر .
ئىلىم -ھىكمەت ساماسىدا قانات قاققان ، بەخت تاپقان ،
ھالال تەردىن زەپەر قۇچقان كامالەتنى يېزىڭ مۇخبىر .
ئاسايىشلىق ، ئىناق تۇرمۇش ، ئاۋات بازار ، باياشات ئەل ،
ئامەت -بەركىەت قۇچاق ئاچقان سائادەتنى يېزىڭ مۇخبىر .
دانا تەدبىر ، ئىلىم- پەندىن تېپىپ قۇدرەت روناق تاپتۇق ،
بېيىدۇق ھەم قۇچۇپ نۇسرەت پاراسەتنى يېزىڭ مۇخبىر .
تۈمەن سەرخىل ھۈنەر -كەسىپ كۆلەملەشتى ، راۋاجلاندى ،
بۈيۈك ئىشلارغا يول ئاچقان سىياسەتنى يېزىڭ مۇخبىر .
سۈزۈك تاڭلار ، ئۆسۈپ ئاڭلار كۈلۈپ شاد يايرىدى دېھقان ،
ئۈمىد -ئارمان چېچەك ئاچقان ھالاۋەتنى يېزىڭ مۇخبىر .
ھاتەم خىسلەت نى ئوغلانلار يېڭىپ مۈشكۈل داۋان ئاشتى ،
چىدام - غەيرەت ، پىداكارلىق ، جاسارەتنى يېزىڭ مۇخبىر .
غېرىب -مىسكىن ، مېيىب -ئاجىز ، كېسەل ، نامرات ، ياشانغانلار ،
بەھىر ئالغان پاراۋانلىق شاپائەتنى يېزىڭ مۇخبىر .
سۇسىز چۆللەر گۈلىستاندۇر ، يېزا -قىشلاق شەھەرلەشتى ،
يېڭىلىقلار تولۇپ تاشقان قىياپەتنى يېزىڭ مۇخبىر .
قېرىنداشتەك ئىجىل -ئامراق ئەللىك ئالتە مىللەت ئىناق ،
ئۇلۇغ مەنزىل ، بۈيۈك ئارمان ساداقەتنى يېزىڭ مۇخبىر .
مەنبە: قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-20 09:03