گېزىت مۇندەرىجىسىنى يوللاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە...
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇنبەرداشلار! يېقىنقى كۈنلەردە ھەر قايسى گېزىت ئەدەبىي بەت مۇھەررىرلىرى ياكى بەت قوللىغۇچىلىرى گېزىت ئەدەبىي بېتىنىڭ مۇندەرىجىسىنى يوللاپ، نۇرغۇن ئاپتورلارغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن ئىدى. مەنمۇ ھەر سان ئەدەبىي بەتنى بىر كۈنى ئاۋۋال مۇندەرىجىسىنى يوللاپ، ياخشى پىكىر ئېقىنى ھاسىل قىلغان ئىدىم. يېقىندا، مەلۇم تورداش ماڭا بۇندىن كېيىن، بەت يۈزىنىڭ نۇسخسىنى يوللىمىسا تەستىقلانمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ئايدىن بىرى يوللاشنى توختاتتىم، نەتىجىدە، ئاپتورلار تېلېفون قىلىپ، ئەسىرىنىڭ ئېلان قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقىنى سوراشتى، بۇ بىزگە نىسبەتەن ئاۋارىچىلىق بولمىسىمۇ، ئەمما، ئاپتورلارغا بولۇپمۇ يەرلىك گېزىتلەرگە ئەسەر ئەۋەتىدىغان باشقا يۇرتلاردىكى ئاپتورلارغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇردى... ھازىر بىز شۇ ئىشلىگەن بېتىمىزگە بېرىلگەن باھالاردىن، نۇرغۇن ياخشى ئاپتورلاردىن ئايرىلىپ قالدۇق.
يازغۇچىلار مۇنبىرى ئەدەبىيات ۋە يازغۇچىلار، تورداشلارغا مۇلازىمەت قىلىشىنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان ئىكەن، باشقۇرغۇچىلارغا بىر قانچە تەكلىپىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن:
1، ئەدەبىي بەت مۇندەرىجىسىنى يوللاش ئەسلىگە كەلتۈرۈلسە، بەت يۈزى نۇسخىسىنى يوللاش ئىمكانىيىتى بارلار يوللىسىا، ئىمكانىيىتى يوقلار مۇندەرىجىسىنى يوللاشقا ئىجازەت بېرىلسە؛ مىسالەن، گېزىتنى خاس سىستېمىدا ئىشلىگەچكە، ۋورد شەكلىدە يوللىغىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ بىزنىڭ گېزىتنى...
2، مەخسۇس گېزىت ئەدەبىي بەت مۇندەرىجىسى يوللايدىغان سەھىپە ئېچىلسا ھەم بەزى ئەسەرلەردىن تەرمىلەر يوللانسا؛
3، گېزىت ئەدەبىي بېتىنى ياشلارنىڭ بولۇپمۇ يېڭىدىن يېتىشىۋاتقان قەلەمكەشلەرنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى قىلىپ، مۇنبەردىكى بەزى ئەسەرلەرنى گېزىتلەرگە تەۋسىيە قىلساق؛
تەلىپىم مۇشۇنچىلىك ئاپتور ۋە گېزىت بەت مۇھەررىرلىرىنىڭ ئىلتىجاسىنى باشقۇرغۇچىلار ئويلىنىپ باقسا؛ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-1 21:16
|