نەسرۇللار ئابلەت ھەققىدە
تونۇلغان شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچى، ئەدەبىي تەرجىمان، مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى،تۆھپىكار ژۇرنالىست نەسرۇللا ئابلەت1946-يىلى 13-فېۋرال ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاقيېزا تېتىر كەنتىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ 1981-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتىدا مەدەنىيەت خىزمەت يېتەكچىسى ۋە مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن،2006-يىلى 5-ئايدا ئارامغا چىققان.
نەسرۇللا ئابلەتنىڭ ئىجادىيىتى كۆپ قىرلىق ۋە كۆپ قاتلاملىق بولۇپ،ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 950 پارچە شېئىرى، يەتتە پارچە داستانى ئېلانقىلىنغان. «ھاقارەتلەنگەن پەرىشتە»،«مۇھەببەت ۋە رەزىللىك»، «كېپىنەك چۈشى» قاتارلىق پوۋېستلار توپلاملىرى، «يېشىل ياپراق»، «يامغۇر»، «سۆيگۈشەجەرىسى» قاتارلىق شېئىرلارتوپلاملىرى نەشر قىلىنغان. «غورۇر توزانلىرى»، «كۈلپەتلىك تەقدىر» قاتارلىق ئىككى پارچەرومانى، «نەسرۇللا ئابلەت ئوبزورلىرى» ناملىق توپلىمى،«ئەلۋىدا، قورال» ناملىقتەرجىمە رومانى نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئۇ يەنە خەنزۇ شائىرلىرىنىڭ 20 نەچچە پارچە شېئىر، داستانلىرىنىئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. ئەدىبنىڭ توققۇزپارچە شېئىر، داستانلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىيئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
جۇڭگو يازغۇچىلىرى ئەسىر مۇھاكىمە تەشكىلىي ھەيئىتى، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى،ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىتى، جۇڭگو بۈگۈنكىدەۋر ئەدەبىياتى تەتقىقات مەركىزى ۋە دۇنيادىكى جۇڭگولۇقلار ئەدەبىياتى سەنئەتكارلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان يىللىق ئەسەرباھالاشتا شائىر نەسرۇللائابلەتنىڭ «ھايات ناخشىلىرى»، «ئۈزۈك خىياللار»، «يامغۇر ناخشىسى»، «باھار خىياللىرى»، «تىلىكىم»،«بۇغداغا»، «قىرغاققا قاراپ»، «چىدام توغرىلىق ناخشا»،«دادا» (داستان) قاتارلىقئەسەرلىرى ئىلگىرى-كېيىن 1-، 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «جۇڭخۇا بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيەت ئىلاھى» دەپتەرىپلەنگەن. يۇقارقى ئورۇنلار يەنە2005-يىلى ئۇنىڭغا ئىككى قېتىم «مۇنەۋۋەر يازغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەرگەن. 2007-يىلى«تارىم» ژۇرنىلى تەھرىراتى ئۇنىڭغا «تۆھپىكار» مۇكاپاتىنى، 2011-يىلى4-ئايدا «مۇنەۋۋەر ئەدىب مۇكاپاتى» نى بەرگەن.
2003-يىلى نەسرۇللائابلەتنىڭ «ھايات ناخشىلىرى»ناملىق شېئىرى دۇنيا جۇڭگولۇقلار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، دۇنيا مەدەنىيەت-سەنئەتتەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن «خەلقئارالىق مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
نەسرۇللا ئابلەت 2 مىليون خەتتىن ئارتۇق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىراسلىرىنى توپلاپ ھەم رەتلەپ «ئاتۇش خەلق قوشاقلىرى»، «ئاتۇش خەلق چۆچەكلىرى»، «ئاتۇشخەلق ماقال-تەمسىللىرى»، «ئاتۇش خەلق داستانلىرى» قاتارلىق تۆت توپلامنى نەشر قىلدۇرغان.
نەسرۇللا ئابلەت 1980-يىلى 3-ئايدىن 2005-يىلى 6-ئايغىچە «قىزىلسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭمەسئۇل مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇمائارىپ تارىخى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ نامايەندىسى — ئاتۇش ئېكساق ھۈسەينىيە مەكتىپىقۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنىخاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان «مەشئەل» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن.ئۇ يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا «قومالتاغ باغرىدىكى ئۆچمەس مەشئەل»، «تېتىر بوستانلىقىدىكى شانلىق ئىزلار»، «ئىشتارچىدىكىمەرىپەت نۇرى» ناملىق ئۈچپارچە كىتابنى يېزىپ چىقىپ، مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.
نەسرۇللا ئابلەت ھازىر جۇڭگو بۈگۈنكى دەۋر سەنئەتكارلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو سەنئەتكارلارئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭدائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگوئۇيغۇر تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتىۋە جۇڭگو ئۇيغۇر 12 مۇقام ئىلمىيجەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات تەتقىقاتجەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، شىنجاڭئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىقيازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە.
نەسرۇللا ئابلەتنىڭ ئىجادىيەتتىكى تۆھپىلىرى «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىئەزالىرى ئىسىملىكى قامۇسى»، «دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر قامۇسى» ۋە «دۇنيادىكى مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس،ئىختىساسلىقلار قامۇسى» قاتارلىقنوپۇزلۇق قامۇسلاردا تونۇشتۇرۇلغان. ئۇنىڭ دۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەردە مۇكاپاتلانغان ئەسەرلىرى«جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نادىر ئەسەرلىرى» ناملىق زور ھەجىملىك ئون توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.
|