ximal
كۆرۈش: 98|ئىنكاس: 0

زەپەرلەر يار بولسۇن قەدەملىرىڭگە -ئىسراپىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1715
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 26
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 20:19:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەرلەر يار بولسۇن قەدەملىرىڭگە
(قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى قۇرۇلغانلىقىنڭ 50 يىللىقى ۋە ‹‹قەشقەر ئۇنۋېرسىتېتى›› بولۇپ قۇرۇلۇشى شەرىپىگە)

تىنچىماس ھاياجان چۇلغاپ دىلىمنى،
سۆزلەشكە قىستىدى ئاجىز تىلىمنى.
سەن تامان يۈزلىنىپ، تەڭلەپ قولۇمنى،
شۇڭلاشقا ئېپكەلدىم ساڭا گۈلۈمنى.

ئەللىك ياش ياشاشقۇ تەس ئەمەس ئانچە،
ئۆتىدۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقانچە.
لېكىن سەن يول ئاچتىڭ مۈشكۈلدىن قانچە،
شۇڭلاشقا ئېپكەلدىم ساڭا گۈلۈمنى.

سامادا  پارقىراپ چولپان يا زۇھەل،
ئۆچىدۇ تاڭلاردا يېنىپ بىر مەھەل.
لېكىن سەن ياندۇردۇڭ ئۆچمەس بىر مەشئەل،
شۇڭلاشقا ئېپكەلدىم ساڭا گۈلۈمنى.

توققۇز يىل مۇقەددەم باغرىڭنى قۇچۇپ،
يۈرگەنتىم گۈللەردىن-گۈللەرگە ئۇچۇپ.
ئۇسسىسام قانغانتىم سەندىن سۇ ئىچىپ،
شۇڭلاشقا ئېپكەلدىم ساڭا گۈلۈمنى.

يار بولغاچ سەندىكى گۈزەل تىلەكلەر،
ئاھ! شۇچاغ چوغ كەبى يانغان يۈرەكلەر.
ئەمدىلىك گۈل ئاچتى غۇنچە-پۇرەكلەر،
شۇڭلاشقا ئېپكەلدىم ساڭا گۈلۈمنى.

ئەشۇ چاغ ئىدۇق بىز يۇمران گىياھ،
ئۇستازلار گىياھنى بىلىپ تۇتىيا.
ئۆستۈردى مېھرىدىن بېرىپ نۇر-زىيا،
شۇڭلاشقا ئېپكەلدىم ساڭا گۈلۈمنى.

نېمە دەپ بىلدۈرەي ساداقىتىمنى،
ياراتقان سەن تۇرساڭ سائادېتىمنى.
قەلەمگە جەملىدىم ماھارىتىمنى،
شۇڭلاشقا ئېپكەلدىم ساڭا گۈلۈمنى.

تۈزۈپتۇ شەنىڭگە بەزمە سورۇنلار،
دىلىدىن كۈي تۆكۈپ غۇنچە-بوغۇنلار.
باغرىڭدا يارالغاي باتۇر ئوغلانلار،
شۇڭلاشقا ئېپكەلدىم ساڭا گۈلۈمنى.

ياشىغىن مىڭ ياشا، ئۆرلىگىن كۆككە،
(قوشۇلدى يەنە يۈك بۇرۇنقى يۈككە.)
ياراشقاي ئىشلىرىڭ ‹‹چىرايلىق بۆك›› كە.
شۇڭلاشقا ئېپكەلدىم ساڭا گۈلۈمنى.

زەپەرلەر يار بولسۇن قەدەملىرىڭگە،
ياش تۆكمە تارتقان دەرد-ئەلەملىرىڭگە.
گۈزەل كۈي يار بولسۇن قەلەملىرىڭگە
شۇڭلاشقا ئېپكەلدىم ساڭا گۈلۈمنى.

2012-يىل 18-سىنتەبىر. يەكەن-دۆڭباغ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش