ximal
كۆرۈش: 129|ئىنكاس: 3

تەۋفىق ھەكىمى نەسىرلىرىدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  569
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 11
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 18:10:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىدىيەنىڭ قەدىر-قىممىتى
تەۋفىق ھەكىمى (مىسىر)


نۇرگۈل ھېيىت تەرجىمىسى


قەلەمنىڭ ھەقىقى قۇدرىتى ئۇنىڭ ئادەمنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بىرەلىشىدە. ھەقىقى ئەرنىڭ جاسارىتى- ئۆز غورورىنى قوغداش ئۈچۈن  ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە مال – دۇنياسىنى، خۇشاللىقى ۋە بەختىنى، راھەت- پاراغىتى ۋە خاتىرجەملىكىنى، ئۇرۇق- تۇققانلىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرىنى، ياخشى كۆرىدىغان ۋە قەدىرلەيدىغان جىمى نەرسىسىنى، بارلىقنى بېغىشلاشتا.
ھەقىقى قەدىر- قىممەت- بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نەپسىنى مىزاننىڭ بىر تەرىپىگە قويۇپ ئۆزىنىڭ ئىدىيسىى ۋە چۈشەنچىلىرىنى يەنە بىر تەرىپىگە قويغاندا، ئىدىيە ۋە چۈشەنچىسى بار تەرەپ ئىغىر كىلىشتۇر. تارىختىكى بارلىق ئۇلۇغ كىشىلەر ۋە باتۇرلارنىڭ تارازىسى شۇنداق كەلگەن. بۈگۈنكىدەك ئۇلۇغ شەخىسلەر ۋە باتۇرلار قىس بولۇپ كەتكەن مىسىردا بەلكىم ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۇلۇغ ئىدىيىسى ئۈچۈن بارلىقىنى ھىچ ئىككىلەنمەي قۇربان قىلالايدىغان، ئۆز تەشەببۇسى ئۈچۈن بارلىق ھوزۇر- ھالاۋەتنى تەرىك ئىتەلەيدىغان ئادەملەر ئانچە- مۇنچە ئۇچراپ قىلىشى مومكىن. بۇنداق كىشىلەر مىسىرنىڭ روھى تۇرمۇشىدا ۋە ئىدىيەۋى تۇرمۇشىدا تالاي- تالاي قېتىم چىققان. دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەت ئۆزىدىن چىققان شۇنداق كىشىلەرنىڭ مۆرىسىگە دەسسەپ قەد كۆتۈرىدۇ. مەن بۇ گەپنى قىلچە مۇبالىغە قىلمىدىم. بۇ گەپنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايمەن. قورقۇنىچلىقى، ھازىر نۇرغۇن مىللەتلەردە بۇنداق ئادەملەر تولىمۇ قىس. شۇنداق، مېنى بىر ئىش ھەمىشە بىئارام قىلىدۇ ۋە تولىمۇ تەشۋىشلەندۈرىدۇ. ئۇ ئىش شۇكى، بۈگۈنكى كۈندە قانۇن ئىدىيەنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىپ، ساختىپەزلەر ۋە ھارام مال- دۇنيانىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەكتە.
مەن بۇ گەپنى نەچچە يىل بۇرۇنمۇ دېگەن، بۈگۈن يەنە شۇنداق دەيمەن. ئىشىنىمەنكى، مىسىردا كاللىسى ئىشلەيدىغان ئادەملەر بەك كۆپ، ئۇلار مەسىلىلەرنى ئويلىيالايدۇ، تەتقىق قىلالايدۇ، دۆلەتكە پايدىلىق كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرغا قويالايدۇ. لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ كۆز قاراش، پىكىرلىرىنى قورسىقىدا سېسىتىۋىتىدۇ ۋە ياكى پەس ئاۋازدا بىر- بىرىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىشىدۇ. ئۆز كۆز قارىشىنى مەردۇ- مەردانىلىق بىلەن بايان قىلىشقا، ئىشەنىچ ئىلكىدە تەشۋىق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئۇلار قورقىدۇ. زەربىگە ئۇچراشتىن قورقىدۇ،  ئۆز مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن قورقىدۇ. پىشىپ- يىتىلىپ ئەر بولغانلار مۇشۇنداق يول قويۇپ، چىكىنىپ، ئۆزىنى چەتكە ئىلىپ، ھىچقانداق ئاممىۋى مۇنازىرىگە قاتناشماي يۈرگەندىكىن، ھوقوق مەركەزلەشكەن ھۆكۈمرانلىق ياكى شەخىسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئىجتىمائى تۇرمۇش ۋە جەمىيەتتىمۇ شۇنداق، بىر خىل ئىدىيە كىشىلەرنىڭ بارلىق ئىدىيەسىنى كونتىرول قىلىۋالىدۇ. بىر خىل پىكىر ئاممىنىڭ بارلىق پىكىرىنى بىسىپ چۈشىدۇ. بىز ھۆكۈمران ئوروندىكىلەرنىڭ پىكىرىگە ھىچقانداق ئويلانمايلا ئىشىنىۋاتىمىز، ئاڭسىز ھالدا ھەر خىل كۆز قاراشلارغا ماسلىشىپ، ئەگىشىپ كېتىۋاتىمىز ۋە ياكى بىزگە ماس كىلىدىغان كەلمەيدىغان بارلىق كۆز قاراشلارنى بىر يولىلا سۈپۈرۈپ تاشلاۋاتىمىز. بىز ئەمىلىيەتتە دىكتاتۇرىنى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز يۈرگۈزۈۋاتىمىز. بىزنىڭ ئاساسى قانۇنىمىز، بىزنىڭ ھاكىميەت تۈزۈمىمىز، بىزنىڭ دىمگىراتىك تۈزۈمىمىز بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىزگە دەخلى تەرۇز قىلمايۋاتىدۇ، بەلكى بىز ئۆزىمىز خالاپ ئۆز ئەركىنلىكىمىزنى تەرىك ئەتتۇق، ئۇنى تاشلىۋەتتۇق. چۈنكى بىز ئۇنى قوغداشنى ھەم تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئويلىيالمىدۇق ھەم بىلمىدۇق. بىز ئۆزىمىز ئانچە ئىشىنىپ كەتمەيدىغان باشقىلارنىڭ پىكىرىگە ئىشىنىشنى خالىدۇقكى، ئۆز پىكىرىمىز، ئۆز كۆز قارىشىمىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى، زىيان تارتىشنى خالىمىدۇق. دۇنيادىكى ھىچقانداق تۈزۈم بىزگە ئوخشاش بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەركىن كۆز قارىشىمىزنى ئىپادىلەيدىغان چاغدا قورۇقتۇق، ھورۇنلۇق قىلدۇق ۋە سەل قارىدۇق. ئۆز قارىشىمىزدا چىڭ تۇرالمىدۇق.
ئەگەر سىلەر ئەركىنلىككە ۋە ئادىمىيلىك قەدىر- قىممەتكە ئىرىشمەكچى بولساڭلار، ئەڭ ئاۋال كاللاڭلاردىكى ھەر بىر خىل پىكىر تەرمەچلىرىنى بىر- بىرلەپ تىرىپ، بىر باغلام قىلىپ چىقىڭلار. باشقىلارنىڭ پىكىرىگە، گەرچە ئۇلار سىلەرنىڭ ئەڭ يىقىن دوستۇڭلار بولسىمۇ، ئۆزگىنىڭ پىكىرىگە قارىغۇلارچە، چوڭقۇر ئويلىنىپ باقمايلا ئىشىنىۋەرمەڭلار. باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىۋەرمەڭلار. باشقىلارنىڭ پىكىرىنى قوبۇل قىلىۋەرگەن ئادەم  ئاخىرىدا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
ئىت باتۇر، لېكىن ھىچكىم ئۇنىڭ باتۇرلىقىنى كۆزگە ئىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ دوسىتلىرى بوينىغا باغلاپ قويغان زەنجىرنى قىلچە قارشىلىقسىز ، ئاسانلا قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىتنىڭ باتۇرلىقى قىلچە مەدىھيەگە ئەرزىمەيدۇ. ئىتنىڭ بوينىنى باغلايدىغان زەنجىر ئالتۇندىن ياسالغان بولسىمۇ بەرىبىر زەنجىر. ئۇ ئىتنى باغلاپ تۇرىدۇ.



(خەنزۇچە« ئەرەپ نەسىرلىرى» ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى. )


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  217
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 639
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 20:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۈرگۈل خانىمنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلەيمەن.
ئۇنىڭ  تۇنۇشتۇرۇشى بىلەن بۇ يازما ئاستىدا تەۋفىق ھەكىمى نەسىرلىرىدىن ھوزۇرلىنىشنى  كۈتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۇنىرە ئالىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 20:46  


يۇپۇرماقنىڭ سارغايغىنىنى كۆرگۈم يوق ئىدى. ئەمما، كۆرمەي ئىلاجىم يوقلىقىنى كۈز كەلگەندىن بېرى ھىس قىلىۋاتىمە

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2063
تۆھپە : -1
توردا: 395
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 20:37:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بېغەملىك-خەلقلەرئۈچۈن ئۈمىتسىزلىكتىنمۇ ئۆتە يامان.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 00:18:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە ئىشلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش