يەرشارى ئۇ سېخى ، مېھرىبان ئانا
يەرشارى ئۇ سېخى ، مېھرىبان ئانا،
جىمىكى مەۋجۇتلۇق ئۇنىڭ پەرزەنتى،
سۇ، ئاشلىق ،ساپ ھاۋا، كۈن نۇرى بىلەن،
باقىدۇ ئىنساننى،قۇشنى، ھايۋاننى.
ئۇ بىزگە ئاش-نان بىلەن كىيىم بېرىدۇ،
مېھرى ئىللىق گۈزەل زىمىن ماكان بېرىدۇ،
مەينەت قىلىپ بۇلغىۋەتسەك ئۇنىڭ يۈزىنى،
كېسەل تارقاپ بېشىمىزغا ئاپەت ياغىدۇ.
ئۇنىڭ بەرگەن نىممەتلىرى بىزنىڭ نېنىمىز،
دەريالاردا ئاققان سۇلار يۈرەك قېنىمىز،
ئىنسان قولى تۇسۇپ قالۇر مەينەت، نىجىسنى،
ئاسىراش ۋە گۈلەندۈرۈش بىزنىڭ بۇرچىمىز.
خاراپ قىلماي، ۋەيران قىلماي كېرىگى بارنى،
ئاسرايلى تيجەپ يەيلى بىزگە بەرگەنى،
كېسىۋەتسەك، يۇلىۋەتسەك دەل-دەرەخلەرنى،
قۇم بورانلار ۋەيران قىلار باغۇ بوستاننى.
كۇنلۈك ئەخلەت ئېشىندنى تۇرلەرگە بولۈپ،
يۇندا، قالدۇق، بىراكلارنى بىرتەرەپ قىلىپ،
ئازايتساقلا بۇلغۇما، ئىس تۇتەكلەتنى،
گۈل چېچەككە پۈركەيدۇ بىزنى خۇش قىلىپ.
2012-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى مايتاغ