- UID
- 69
- يازما
- 138
- ھوقۇقى
- 255
- 真实姓名
- پەرھات كازىم
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 791
- تىزىملاتقان
- 2012-3-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-19
|
|
|
|
|
«تۇرپان»دىكىلەرنىڭ قۇمۇلدىكى ئەھمىيەتلىك زىيارىتى
0 T' L: ?; _, \+ Q, O
2 J/ Y3 r# f" eتۇرغۇن جالالىدىن
' [" ~# r' F) c) X, M& D5 z
/ y) t! R! Q) F: ?! k( | يېقىندا، «تۇرپان»ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىدىكى مۇھەررىرلەر تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەرجان سىدىقنىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇمۇلدا زىيارەتتە بولدى.
' l4 S: _) U4 K) g3 Q پائالىيەتكە «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، تەھرىر بۆلۈمنىڭ مۇدىرى تۇرغۇن جالالىدىن، مۇھەررىرلىرىدىن ئەمەت ئىسمايىل، ئەخمەتجان غېنى، «تۇرپان»ژۇرنىلىنىڭ تۆھپىكار ئاپتورلىرىدىن يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت، ئۇيغۇرچىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇلۇۋاتقان ئەدەبىي تەرجىمان ئەركىن رەۋەيدۇللا، تۇرپاننىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى روزى مۇھەممەت قاتارلىقلار قاتناشتى.
' |/ X) T8 _9 wزىيارەت ئۆمىكى ئالدى بىلەن قۇمۇلدىكى قەدىمكى يۇرتلارنىڭ بىرى بولغان قارادۆۋە يېزىسىغا كېلىپ، بۇ يەرگە كۈتۈۋېلىشقا كەلگەن قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى ئەھەت ئىبراھىم، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئەخمەت ھەمدۇللا، مۇھەررىرى ئۇچقۇن راخمانلار بىلەن ئۇچرىشىپ، قارا دۆۋە يېزىسىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن راھەتباغ يېزىسىدىكى «سىرلىق بۇلاق»، «قەدىمكى ئۆرپ – ئادەت كەنتى»قاتارلىق جايلاردا ئېكىسكۇرسىيەدە بولدى. كەچتە قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى ئەھەت ئىبراھىم، مەزكۇر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇن، تارىخ تەتقىقاتچىسى سەمەت ئەسرا تۇرا، شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئابلىز ئۆمەر ھاجى، يازغۇچى ياقۇپ كېرەم، زۇلپىيە ئابدۇللا ، توختاشگۈل ئابلىز قاتارلىق قەلەمكەشلەر، ئادىلجان قاتارلىق خەلق سەنئەتكارلىرى بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولدى. قۇمۇل مۇقاملىرى، خەلق ناخشا – ئۇسۇللىرىنىڭ سېھرىدىن بەھرلەندى.
; z% \, M& e" p/ V ئەتىسى قۇمۇل ۋاڭلىرى قەبرىستانلىقى يەنى «ئالتۇنلۇق»، قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى، مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى، قۇمۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىپ، چۈشتىن كېيىن گۈزەل ئاقتاش يايلىقىغا چىقتى. بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھوزۇرلانغاندىن كېيىن ئۆزى كىچىك، پاكىز، چىرايلىق، تاغ باغرىدىكى ناھىيە ئاراتۈرۈككە كېلىپ، بۇ يەردىكى ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تۇرغۇن گايىت، ئورمانچىلىق سىستېمىسىدىكى ئالىمجان، تۇرغۇن قاتارلىق قەلەمكەشلەرنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئەتىسى ئاراتۈرۈك قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى، ناھىيەلىك مۇزېي قاتارلىق جايلارنى كۆرگەندىن كېيىن تارىختىكى نامى مەشھۇر بازار - نومغا قاراپ يولغا چىقتى. بۇ جەرياندا ئۇيغۇر چوققىسى، تاش مەسچىت، نېرىنكىر، ئاداق، كېپىنەك جىلغىسى قاتارلىق تارىخى ئىزلار، يېزا بازارلاردىن سىرلىق تاغ ئارىسى، گۈزەل يايلاقلاردىن ئۆتتى. نوم بازىرىنىڭ مەرىپەتپەرۋەر باشلىقى ئىلھام مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، چاي قويدى ۋە نومنىڭ تاتلىق قوغۇنلىرىدىن يوللۇق تۇتتى. 6 M& {- Q( \9 b m2 r
چۈشتىن كېيىن سەپەرداشلار قىزغىن ساھىبخانلار بىلەن كۆزلىرى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىپ، مورى ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقتى. گۈزەل بارىكۆل ناھىيەسى ۋە پايانسىز يايلاقلاردىن، دەشتى چۆللۈكلەردىن، كۆز يەتكۈسىز توغراقلىقلاردىن كېسىپ ئۆتۈپ، كەچتە مورى ناھىيەسىگە كېلىپ قوندى. ئەتىسى سەھەردە يولغا چىقىپ، چۈش بىلەن تەڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ گۈزەل يايلىقى كەڭغولغا كېلىپ جايلىشىپ، بۇ يەرگە ۋەزىپە بىلەن چېنىقىشقا كەلگەن تۇرپانلىق كادىرلاردىن ئەخمەت، ئالىمجانلار بىلەن ئۇچرىشىپ، يېشىل يايلاق ئۈستىدە، زىلال ئېقىن بويىدا ئۇلار بىلەن 2 – 3 سائەت ھەمسۆھبەتتە بولۇپ، ئارام ئالغاندىن كېيىن يولغا چىقىپ، كېچىدە تۇرپان شەھىرىگە قايتىپ كەلدى.
5 t: x8 A6 X9 p+ \ بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قۇمۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»ژۇرنىلى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مېھمانلار بىلەن باشتىن – ئاخىر بىرگە بولدى، ئالاھىدە قىزغىنلىقى بىلەن قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ مېھماندوست، سەمىمىي خاراكتېرىنى تولۇق نامايان قىلدى. پائالىيەت جەريانىدا تۇرپان، قۇمۇل ئىككى ۋىلايەتنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىلىرى، ژۇرناللىرى تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن تەرەپلەردە چۈشىنىش ھاسىل قىلىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش، ژۇرنال سۈپىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئورتاق تونۇشقا كەلدى. بولۇپمۇ تۇرپانلىق سەپەرداشلار 5 كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا ئۆزگىچە، جەلپكار ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېكسكۇرسىيە لېنىيەسىدىن ھاياجانلىنىپ، قويۇق مىللىي ئۆرپ – ئادەتلەر، گۈزەل يايلاق، ھەيۋەتلىك تاغ تاغ، زىلال سۇ، خاسىيەلىك تووغراق ، چوڭقۇر جىلغا، ئارامبەخش شەھەر مەنزىرىلىدىن ئىلھام ئېلىپ، چوڭقۇر تەسىراتلارغا ئىگە بولۇشتى، خىزمەت، ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تاشتى. ' }3 c F! m' T+ K9 a9 c- o6 w
6 V- U7 a* a% P2 r/ F2 ^ تۆۋەندە پائالىيەت سۈرەتلىرى، سۈرەتلەرنى «قۇمۇل ئەدەبىياتى»نىڭ مۇھەررىرى ئۇچقۇن راخمان تارتقان. 4 C& p. D, t" l
9 q: c# G9 C9 s# K2 n- a
- J& Q, I5 k3 A* f: E# [
( ^+ E# t! C! }6 ^% L
|
|
|
|
|
|
|