ximal
كۆرۈش: 138|ئىنكاس: 15

لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك ئادىتى ( جەۋلان55) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 969
تۆھپە : 0
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 16:02:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                   لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتى
   
<< مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ .  بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ياشىغان شارائىتى ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ پەرقلىق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، شۇ پەرقلەرنىڭ بىرى مىللەت -   
لەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك جەھەتتىكى ئۆزىگە  خاس ئالاھىدىلىكلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ . >> (1)   
  دېمەك ،  ئەجدادلىرىمىز  ھايات كەچۈرۈش  داۋامىدا  چارۋۇچىلىق، بېلىقچىلىق ، ئوۋچىلىق ۋە قىسمەن تېرىقچىلىق شەكىللىرى ئارقىلىق ئۆز تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن . بۇ مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىكى تارىخىي پاكىتلار ئېنىق دەلىللەپ بەرگەن .
  لوپنۇرلۇقلارمۇ باشقا جايلاردا ياشىغۇچى ئۇيغۇر قەۋمىلەر قاتارىدا لوپنۇر رايۇنىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك يەر شارائىتىغا ئاساسەن سۇ قوغلىشىپ دەريا ، كۆل  بويلىرىدا  كۆچمەن  ھالەتتە  تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن بولغاچقا ،  ئۆزىگە  خاس  يېمەك  –  ئىچمەك  مەدەنىيىتىنى  بارلىققا كەلتۈرگەن .
  << لوپنۇر ... ئۇ يەردە  ئىككى ئۇيغۇر كەنتى بولۇپ ، ئۇ كەنتتىكىلەر لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ ئىككى كەنتنىڭ ھەر بىرىدە 4-5 يۈزدىن ئائىلە بار . ئۇلار ئاشلىق تېرىمايدۇ ، چارۋۇچىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ . ئاشلىق ئورنىدا بېلىق يەيدۇ . ياۋا كەندىر ( چېگە ياكى لوپنۇر كەندىرى ) دە توقۇلغان رەختتە كېيىم كېيىدۇ . مامۇق چاپان كېيىدۇ. ئوۋلىغان ئۇچار قۇشلارنىڭ مامۇق پەيلىرى ئۈستىدە ياتىدۇ ... دۇئا-تىلاۋەتنى ، نامازنى بىلمەيدۇ . كورلىدىكى ئۇيغۇر شەھەرىگە بارغانلىرى چارۋا گۆشى ، ئاشلىق يېيەلمەيتتى . يەپ قويسىلا قۇسۇپ ياندۇرۇۋېتەتتى . كورلىدا بېلىق كۆپ بولغاچقا ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ تۇراتتى . ئەمما باشقا جايغا بېرىشقا پېتىنالمايتتى ... >> (2)
  يۇقۇرىدىكى نەقىلدىن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى پەقەت بېلىق يەپلا باشقا ھېچقانداق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماي ھايات كەچۈرگەن دېگەندەك چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز . ئەمما لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى پەقەت بېلىق يەپلا ، باشقا يېمەكلىكلەرنى يېمەي ھايات كەچۈرگەنمۇ ؟ ئۇنداقتا ئادەم پەقەت بېلىق گۆشىنى يەپ، ئاشلىق ۋە باشقا تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەي ھايات كەچۈرۈش مۈمكىنمۇ ؟ قانداق شارائىتتا لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدىن ئۆمۈر چولپانلىرى كۆپ چىققان ؟ ... بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشقا ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .
  يارمۇھەممەت تايىر تۇغلۇق ، ئابدۇبەسىر شۈكرى قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىز بىرلىشىپ يازغان << مەدەنىيەت كارۋانلىرى (1) >> دېگەن كىتابىنىڭ << كروران ئانا >> ناملىق ماقالىسىدا يۇقارقى نەقىللەرنىڭ دەل ئەكسىچە ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك نەقىللەرنى يازغان. يەنى ، << ... <بۇ جايدىن چىققان بۇغداي مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ بۇرۇن  ئۆستۈرۈلگەن  يۇملاق  بۇغداي  ئەرۋىشكىسى > دەپ قارالدى ... >>(3)
  ئىگىلىنىشىچە ۋە پىشقەدەملەر سۆزلىرىدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى ، ئەينى زاماندا لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرى ( كۆنچى دەرياسى، قىرقى دەرياسى ، ئوپقان دەرياسى، يۇملاق دەرياسى، ئاچچىق دەرياسى قاتارلىق بەش تارام ئېقىن ) ۋە لوپنۇر كۆلى ئەتراپلىرىدا ئېقىن قوغلىشىپ كۆچمەن ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولغاچقا ، ئۇلار تەبىئىي شارائىت ، جۇغراپىيىلىك ئورۇن سەۋەبىدىن باشقا ئۇيغۇر قەۋىملىرىدىن ئۆزگىچە بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن .
  يۇقارقىدەك ئۆزگىچە رايۇن ئالاھىدىلىكى ۋە كۆپ قىسىم ماتىرياللاردا زىكرى قىلىنغىنىدەك ، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى بېلىقچىلىق ، ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋۇچىلىق ۋە قىسمەن تېرىقچىلىق قاتارلىق ئىگىلىك شەكىللىرى ئارقىلىق ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ياشاپ ، ئۆزىگە خاس بولغان پارلاق يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيەت شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
  1 . بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر :
  لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى يۇقۇرىدا ئېيتىلغىنىدەك ، ئېقىن ۋە سۇ قوغلىشىپ دەريا ، كۆل بويلىرىدا ياشىغان بولغاچقا ، بېلىق ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكىگە ئايلانغان . ئۇلار دەريا ، كۆللەردىكى بېلىقلارنىڭ كۆپ بولۇشىدەك ئەلۋەك شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئەتىياز ، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە توغراقتىن چېپىپ ياسىغان كېمە ( قېيىق ) ئارقىلىق چېگە (لوپنۇر كەندىرى ) يىپىدىن ئېشىپ توقۇغان گۆلمۈ ( بېلىق تۇتىدىغان تور ) ، مانجار ( بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن توقۇلغان سېۋەت ) ۋە ساچقاق (بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان تىللىق ئارا ) قاتارلىق سايمانلار ئارقىلىق بېلىق تۇتسا ؛ قىش پەسلىدە مۇز يېڭى تۇتقاندا ( ئادەم كۆتۈرگىدەك بولغاندا ) نېپىز مۇز ئۈستىدە بېلىقنى قوغلاپ ، ساچقاق بىلەن سانجىپ تۇتقان . بۇ خىل بېلىق تۇتۇش << قۇغان >> دەپ ئاتىلىدۇ .
  بېلىقنى ئىستىمال قىلىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ .
(1) سۇغا سېلىپ پىشۇرۇلغان بېلىق گۆشى : ئادەتتە بېلىقچىلار دەريا، كۆللەردىن بېلىق تۇتۇپ كەلگەندىن كېيىن مەھەللىدىكىلەرگە ياكى توپتىكىلەرگە قۇ ( نېسىۋە ) ئايرىپ بېرىدۇ . ئۇلار يېڭى تۇتۇلغان بېلىقلارنى تازىلاپ ، سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ يەيدۇ ھەم شورپىسىنى ئىچىدۇ . ئىگىلىنىشىچە ، بىر قىسىم پىشقەدەم بېلىقچىلار بېلىق گۆشىنى ئوڭ جاۋغايدىن ئېغىزغا سېلىپ يەپ ، سۆڭىكىنى سول جاۋغايدىن چىقىرىپ يەيدىكەن .
  (2) بېلىق كاۋىپى : لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى بېلىقنى سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ يېگەندىن سىرت ، يەنە كاۋاپ قىلىپ يېيىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ . يەنى سۇدىن يېڭى تۇتۇلغان بېلىقنى تازىلاپ ، يۇلغۇن زىققا ئۆتكۈزۈپ ، ئوت قالاپ پىشۇرۇپ ، تۇز سېپىپ يەيدۇ . بۇمۇ ئىنتايىن يېيىشلىك . بۇ خىل ئادەت ھازىر ئومۇملىشىپ كەتتى .

   داۋامى بار ...

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 16:33:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىڭىز ئارقىلىق لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتى قىسمەن چۈشەندىم. داۋامىنى كۈتىمەن. رەھمەت سىزگە

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 616
تۆھپە : 9
توردا: 217
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 16:49:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھازىر ئۇجۇل دېگەن يېمەك بارمۇ؟

كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 969
تۆھپە : 0
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 17:46:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېكەن بولسىلا بار دېگەن گەپ .

مۇھەممەت توختى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2249
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 293
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 10:01:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لۇپنۇرلۇقلار تارىختىن بۇيان ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ياراتقانلاردۇر،مۇمكىن بولسا لوپنۇرلۇقلارنىڭ توي-تۆكۈن،نەزىر-چىراقلاردىكى ئۆزىگە خاس بولغان ئۆرىپ-ئادەت،مەدەنىيەتلىرى ئۈستىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىڭىز،تورداشلار تەڭ بەھىرلەنسەك بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلاتتى،سىزگە مەدەت تىلەيمەن.......

ئادىلجان قادىر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 969
تۆھپە : 0
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 10:41:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ مەدىتىگە كۆپ رەھمەت . بۇ ھەقتىمۇ ئىزدىنىۋاتىمەن .

مۇھەممەت توختى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1652
تۆھپە : 4
توردا: 431
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:29:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ. ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1416
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 327
تۆھپە : 0
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:36:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىراقلا يوللىۋەتسىڭىزچۇ؟  مىڭ بىر ھىكايەتتەك پارچىلىۋەتمەي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 969
تۆھپە : 0
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 11:59:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭغۇ بىراقلا يوللىغۇم بار ئىدى . بىراق ، مەكتەپنىڭ مەلۇمات جەدىۋىلىنى دەرھال يوللا دەپ ئالدىراتقاچقا شۇنداق بولۇپ قالدى . داۋامىنى مۇشۇ ئىككى كۈن ئىچىدە يوللايمەن .

مۇھەممەت توختى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  155
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 96
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 13:03:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەۋلان ئەپەندى ئالدىنقى قېتىم «لوپنۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى»نى يوللىغان ئىدى. بۇ قېتىم يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ھەققىدە ئىزدىنىۋىتىپتۇ. بۇ ئەمگىكىدىنمۇ سۆيۈندۈم. قارىسام تورداشلار بۇ تېمىغا خېلىلا قىزىقىپ قالغاندەك تۇرىدۇ. مەن لوپنۇرى تور خاتىرسىنى ئاچقاندىن بېرى لوپنۇرغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى توپلاپ كېلىۋاتقان ئىدىم. يېقىندا مۇشۇ ماتىرىياللارنى رەتلەپ بىر ئېلكىتاب قىلىپ چىققان ئىدىم. قىزىققۇچىلار تۆۋەندىكى مەنبەگە كىرىپ چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ.
http://www.lopnuri.com/?p=2388

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 969
تۆھپە : 0
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 13:18:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تورداشلارنىڭ مەدىتىگە رەھمەت . كۆپلەپ تەنقىدىي پىكىر بېرىشىڭىزلەرنى قارشى ئالىمەن .

مۇھەممەت توختى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 969
تۆھپە : 0
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 12:03:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  (3) قاق بېلىق :تۇتۇپ كېلىنگەن بېلىقلارنى پىشۇرۇپ يەپ ، ئېشىپ قالغان قىسمىنى كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشمەيدىغان ھەم شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا ئېسىپ قويۇپ قۇرۇتۇپ ، سوقۇما ( باغلام – باغلام ) قىلىپ ئېھتىياجغا ئاساسەن ئاز – ئازدىن ئىستىمال قىلغان . بۇ قاق بېلىق دەپ ئاتىلىدۇ . قاق بېلىقنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلغان .بىرى قاق بېلىقنى ئوتقا قاقلاپ كاۋاپ قىلىپ يېگەن ؛ يەنە بىرى قاق بېلىقنى سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ يېگەن . ئەمما قاق بېلىقنى سۇدا پىشۇرۇپ يېگەندە شورپىسىنى ئىچمىگەن .
  (4) بېلىق تالقىنى : لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېشىپ قالغان بېلىقلارنى قۇرۇتقاندىن  كېيىن ئۇنى ئېزىپ  تالقان ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ئىستىمال قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان .   يەنى  قۇرۇتۇلغان بېلىقنى ئېزىپ قورۇپ ، قاغا جىگدە (ياۋا جىگدە ) بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلغان. بۇ خىل يېمەكلىك ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكىگە ئايلانغان  .  ئۇلار ئۆيىدە غىزالانغاندا بېلىق تالقىنىنى قايناق سۇ بىلەن ئىستىمال قىلسا ، ئوۋغا چىققاندا  ياكى  سەپەرگە  چىققاندا  بېلىق تالقىنىنى ئېلىۋىلىپ ، قۇرۇق پېتىمۇ ئىستىمال قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا بېلىق تالقىنى بىلەن يېكەننىڭ ئوجۇلى (يېكەننىڭ توزغاق  قىسمىنىڭ  ئۈستىدىكى رەڭگى ساپسېرىق چېچىكى ) نى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ئېتىپ ئىچىشنىمۇ ئادەتكە ئايلاندۇرغان .
داۋامىنى ئالدىراش بولغاچقا ، تورداشلارغا داۋاملىق يوللايمەن . كەچۈرۈڭىزلەر ...

مۇھەممەت توختى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 969
تۆھپە : 0
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 15:23:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(5) بېلىق يېغى :  لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرى  بېلىقنىڭ ئىچىنى تازىلاش جەريانىدا ئىچىدىن چىققان ياغنى ئايرىۋىلىپ قورۇپ ، سۇيۇق ھالەتتىكى ياغقا  ئايلاندۇرۇپ ، قاپاققا  ياكى  تۇلۇمغا قاچىلاپ  قويۇپ  ئىستىمال قىلغان .  بېلىق يېغىنىڭ ئىستىمال قىممىتى بولۇپلا قالماي ، يەنە ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتىمۇ يۇققۇرى .
(6) بېلىق ئۈچۈسى ( ئۈچىيى) : بېلىقنىڭ قورسىقىنى يارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچىيىنى تازىلاپ ، بېلىق يېغى بىلەن قورۇپ ئىستىمال قىلغان . بۇ بېلىق ئۈچۈسى دەپ ئاتىلىدۇ .
  ئۇلارنىڭ  ئىستىمال  ئېھتىياجى  بېلىقتىن  ئايرىلالمىغانلىقى  ئۈچۈن ھازىرغىچە باشقا يۇرتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا  << بېلىقنىڭ ئۆپكىسىگە سامان تىقىپ يەيدىغان لوپلۇق >> دېگەن سۆز تارقىلىپ كەلمەكتە .
   2. ئوۋ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر :
  جۇغراپىيەلىك شارائىتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئەينى زاماندا لوپنۇر رايۇنى دەريا ، كۆل ، قۇملۇق ، توغراقلىق ، يۇلغۇنلۇق چاتقاللارنى بىر گەۋدە قىلغان بولغاچقا  ،  بېلىقتىن قالسىلا ئوۋ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇھىم يېمەكلىكى بولۇپ قالغان .
  ئوۋ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تۆۋەندىكى ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
  (1) دەريا ، كۆللەردە ياۋا غاز ، ياۋا ئۆردەك ، ئاققۇ ...  قاتارلىق سۇ قۇشلىرى  كۆپ  بولغاچقا  ،  بۇ  ياۋايى  قۇشلارنىڭ گۆشلىرىمۇ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېمەكلىك جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرغان  .  يەنى ئۇلار قۇشلارنى تۇتقاندىن كېيىن گۆشىنى سۇغا سېلىپ ھەم كاۋاپ قىلىپ ئىستىمال قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋايى قۇشلارنىڭ تۇخۇملىرىنىمۇ ئىستىمال قىلغان .
  (2) قۇملۇق ، توغراقلىق ، يۇلغۇنلۇق  ۋە  چاتقاللىقلاردا ياشايدىغان توشقان ، جەرەن ، كېيىك ، تۆگە ، قىرغاۋۇل ، كەكلىك ... قاتارلىق ياۋايى جانۋارلارنىڭ گۆشلىرىنى سۇغا سېلىپ ۋە كاۋاپ قىلىپ يېگەندىن باشقا ، ئېشىپ قالغان قىسمىنى قۇرۇتۇپ قاق قىلىپ ئىستىمال قىلغان . بۇ قاق گۆش دەپ ئاتىلىدۇ . لېكىن قاق گۆشنىڭ شوپىسى ئىچىلمەيدۇ .
   
  داۋامى بار ...

مۇھەممەت توختى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2249
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 293
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 15:46:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزنىڭ ئۆرىپ-ئادەت،مەدەنىيەت-سەنئىتى ئۈچۈن ئىزدەنگەنلەر ھارمىغاي،سىلىگە تەشەككۈر،ئالدىنقى قېتىم تەشەببۇس قىلغىنىمنى ئۇنتۇپ قالمىغايلا،مەن لوپنۇرلۇق قېرىنداشلارنىڭ مەدەنىيتى،ئۆرىپ-ئادىتىگە شۇنداقلا،يۇرەك تارىمىزنى چىكىپ ھۇجۇدىمىزنى لەرزىگە سالىدىغان ساپ ئاھاڭلىق ناخشىللىرىنى ئاڭلاپ قانمايمەن...........

ئادىلجان قادىر

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 969
تۆھپە : 0
توردا: 146
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-9 09:36:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3. چارۋۇچىلىق مەھسۇلاتلىرى تۈرىدىكى ( گۆش تۈرىدىكى ) يېمەكلىكلەر
  لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى  دەسلەپكى  ئىپتىدائىي    قىلىش  داۋدمىدا ياۋايى  ھايۋانلارنى  تۇتۇۋېلىپ  كۆندۈرگەن  ھەمدە  <<  يىپەك يولى >> دىكى كارۋانلار ئارقىلىق تەدرىجى ھالدا ئات ، كالا ، قوي، ئۆچكە ،  تۆگە ...  قاتارلىق  ئۆي  ھايۋانلىرىنى بېقىشنى بىلگەن شۇنداقلا ئۇلارنى بېقىپ كۆپەيتكەن .  شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۆش تۈرىدىكى ھەرخىل غىزالارنى تەييارلاپ ئىستىمال قىلغان .
  (1) ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشىنى سۇغا سېلىپ يەپ ، شورپىسىنى ئىچكەن . ئۆيگە مېھمان كەلسە ، گۆشنى چارا ( تەڭنە ) غا سۈزۈپ چىقىرىپ مېھماننىڭ ئالدىغا قويىدۇ .
  (2) توغراق ، يۇلغۇن ئوتۇنلىرىنى قالاپ چوغ چۈشۈرۈپ ، گۆشنى يۇلغۇن زىققا ئۆتكۈزۈپ قاقلاپ كاۋاپ قىلىپ يېگەن . بۇ خىل ئادەت ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە .
  (3) قوي ، ئۆچكە ( كىچىك بولسا تېخىمۇ ياخشى )  نى  تۇلۇم قىلىپ سويغاندىن كېيىن ، گۆشنى پارچىلاپ تۇلۇم ئىچىگە سېلىپ، ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ ، قۇمنى كولاپ كۆمۈپ ئۈستىگە ئوت قالاپ ، قۇمنى قىزدۇرۇپ پىشۇرىدۇ . بۇ خىلدىكى تائام ئىنتايىن يېيىشلىك بولىدۇ .


داۋامى بار ...

مۇھەممەت توختى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش