بىۋاپا جانان
پاتىگۈل يۈسۈپ (ئايتۈرك)
كۈتۈشلەر بەك ئىغىر، ئىغىردۇر ھىجران،
يۈرەكنى ئۆرتەيدۇ بىر مۇڭ، بىر پىغان.
قەلبىمنى ھەسرەتلەر ئەتتىغۇ ماكان،
ئىشقى بار ،ۋەسلى يوق بىۋاپا جانان.
پىراقتىن لاۋۇلداپ كۆيىدۇ يۈرەك،
تولغۇنۇپ قان-ياشقا تولىدۇ يۈرەك،
ھەسرەتتە ئاھ ئۇرۇپ سولىدۇ يۈرەك،
ئىشقى بار، ۋەسلى يوق بىۋاپا جانان.
تەلمۈرۈپ كۈتسەممۇ، قىيا باقمايسەن،
ئوتۇڭدا كۆيسەممۇ سۇدا ئاقمايسەن،
ئىشەنچنىڭ تىغىدا ئەسلا ياتمايسەن،
ئىشقى بار ،ۋەسلى يوق بىۋاپا جانان.
ئاشىقمەن يۈرىكىم مۇڭغا كۆمۈلگەن،
پىغانلىق ياشلىرىم قان بوپ تۆكۈلگەن،
ۋەسلىڭگە زار بولۇپ ياشلىقىم ئۆلگەن،
ئىشقى بار، ۋەسلى يوق بىۋاپا جانان.
ئاشىقنى يىغلاتقان ياخشى ئەمەستۇر،
كۆيدۈرۈپ، كۆيمىگەن جانان ئەمەستۇر،
گۈلى بار، بۇلبۇل يوق، گۈلزار ئەمەستۇر
ئىشقى بار، ۋەسلى يوق بىۋاپا جانان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-19 12:59