لىكسىيەنىڭ تەقدىرى
فىليەتون
ئادىلجان قادىر
بايىلا مىھماندارچىلىقتىن چىشىنى كوچىلاپ، قورساقلىرىنى تومپايتىپ، خۇددى ئېغىر ئاياق ئايالدەك ئىغاڭشىپ مېڭىپ چىققان ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گۈلدىراس ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۆزىنى ۋە لىكسىيە سۆزلەش گۇرۇپپا ئەزالىرىنى بىر قۇر تونۇشتۇرىۋەتكەندىن كىيىن، لىكسىيەنى باشلىۋەتتى.
يىغىن زالىدا بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۈگىنىش خاتىرلىرىنى،ۋەزىپە ئۈچۈن، كۆنگەن ئادەتلىرى بويىچە«ئەستايىدىل»ۋاراقلىشىپ، كۆزلىرى بىلەن لىكسىيە ئاڭلاۋاتاتتى، بۇ لىكسىيەنىڭ تىمىسى«چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلايلى»ئىدى.
ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى، بۇ لىكسىيەنى ئاڭلاۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىنىڭمۇ،چىرىكلەشكۈدەك ھۇقۇق-مەرتىۋىسى يوق،ئادەتتىكى قۇلىقى يۇمشاق«گىزىت چىراي،ئىشخانا مىجەز»يۇۋاش-يۇمشاق كادىرلار ئىدى ،ھوقۇقدارلار بولسا ھېلىقى زىياپەتنىڭ كۈچىدە، يەنىلا كونا سەنەمنىڭ كويىدا ئالدىراش بولغاچقا بۇ لىكسىيەنى ئاڭلاشقا ۋاقىت ئاجىرتالمىغان ئىدى،شۇنىڭ بىلەن ئالاھىدە تەييارلانغان«چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ،پاكلىقنى تەشەببۇس قىلايلى»تىمىسىدىكى بۇ لىكسىيە،ئەشۇ يۇمشاق قۇلاقلارغا،سڭىپ كەتتى.............
2012-يىل ئىيۇل