ximal
كۆرۈش: 215|ئىنكاس: 2

ئەڭ كىچىك مىكرو ھېكايىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2249
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 293
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:38:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مىكرو ھېكايىلەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئۆزۈم بىرقانچىنى يېزىپ باقتىم،ياقتۇرىشىڭلارنى ئۆمۈد قىلىمەن.
يىتىم بولغان قىز
(مىكروھېكايە)
ئادىلجان قادىر
-دادا سىز ئىدايىڭىزدا قۇنغان كۈنى كەچتە جى جى ئىتەي دەپ چىقسام،ئاۋۇ ئۆيدە ئاپامىنى بى ئاكاش ھابا ئىتىۋاتىدۇ.........
ئۆلۈم
(مىكرو ھېكايە)
ئادىلجان قادىر

تاۋۇت ئىچىدە بىر ئادەم،سىرتىدا مىڭ ئادەم.....ھايات ۋاقتىدا كۆتۈرۈشنى ئويلاپمۇ باقمىغانلار ،ئەمدىكلىتە يېغا-زارە ئىچىدە نۆۋەت بىلەن كۆتۇرۇشمەكتە........تاۋۇت ئىچىدىكى ئادەم ئۈچۈن بۇ دۇنيا تامام يۇقالغان.........
باشلىق
(مىكرو ھېكايە)
ئادىلجان قادىر
-مىنىڭ باشلىقىم بەك قاتتىق قول،بەك قوپال....
-مىنىڭ باشلىقىم بەك شەھۋانى.....
-مىنىڭ باشلىقىم بەك يولسىز.........
-مىنىڭ باشلىقىم دەم ئېلىش ۋاقتىمىزنى دائىم ئەھمىيەتسىز ئىشلارغا سەرىپ قىلىۋىتىدۇ....
-مىنىڭ باشلىقىم بەك نەپسانىيەتچى.....
-مىنىڭ باشلىقىم قاپاققا ئەمەس باراڭغا ئامراق.....
-مىنىڭ باشلىقىم بەك ماقتانچاق.......
-مىنىڭ باشلىقىم يىغىن ئېچىپ ئادەم ئۆلتۇرەلەيدۇ.........
-مىنىڭ باشلىقىم خۇشامەتچىلەرگە بەك ئامراق.........
-مىنىڭ باشلىقىم يۇقىرىغا ئۆرلەش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشىنى قىلىشتىن يانمايدۇ........
-مىنىڭ باشلىقىم بەك بىلىمسىز،مۇناسىۋەت ۋە تەخسىكەشلىك بىلەن باشلىق بولىۋالغان....
-ھە.....ئۇنداق بولسا سىلەر ياخشى ئادەمنىڭ قەدرىنى بىلمەيلا قالماستىن،بىلىملىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلىمەپسىلەر..............
تاڭ سىڭ
(مىكرو ھېكايە)
ئادىلجان قادىر
-ئەپسۇننى ئۇنتۇپ قالماي،يۇۋاشلىق بىلەن سەپىرىڭنى داۋاملاشتۇر!
-نەپسىڭ يامان بولغىنىڭ بىلەن كۆڭلۈڭ ياخشى،سۇن ۋۈكۈڭنى ياخشى نازارەت قىل!
-ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي يۈك تاقاڭنى كۆتۈر!
-ئومىي توفو!ئالۋاستى ساخاۋەتچىم!ئاۋالۇكسۇۋارا بۇتساتۋا كۆڭۇللىرىگە ئىنساپ بەرگەي!مەن پەقەت غەرىپكە بېرىپ نومنى تىنىچ ئامان ئەكىلىۋالساملا بولدى.............



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2273
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 396
تۆھپە : 0
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-2 15:33:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مىكرۇ ھېكايىلەر ئادەم ئۇقۇپ بولغاندىن كېيىن كۈلكىگە ئىتتەرسىمۇ، ئەمما كەينىدە ماراپ تۇرغان ئەخلاقنىڭ چاقىرشى بىزنى ئويلاندۇردىكەن .ئەجىرىڭىزگە رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 94
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 14:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا سىز فىليەتون بىلەن مىكىرو ھېكايىنىڭ پەرقى توغرىسىدا ئازراق ئويلىشىپ باقسىڭىز بولغۇدەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش