ximal
كۆرۈش: 37|ئىنكاس: 1

ئايتۈرك: بىۋاپا جانان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1316
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 357
تۆھپە : 0
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:17:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بىۋاپا جانان
پاتىگۈل يۈسۈپ (ئايتۈرك)


كۈتۈشلەر بەك ئىغىر، ئىغىردۇر ھىجران،
يۈرەكنى ئۆرتەيدۇ بىر مۇڭ، بىر پىغان.
قەلبىمنى ھەسرەتلەر ئەتتىغۇ ماكان،
ئىشقى بار ،ۋەسلى يوق بىۋاپا جانان.

پىراقتىن لاۋۇلداپ كۆيىدۇ يۈرەك،
تولغۇنۇپ قان-ياشقا تولىدۇ يۈرەك،
ھەسرەتتە ئاھ ئۇرۇپ سولىدۇ يۈرەك،
ئىشقى بار، ۋەسلى يوق بىۋاپا جانان.

تەلمۈرۈپ كۈتسەممۇ، قىيا باقمايسەن،
ئوتۇڭدا كۆيسەممۇ سۇدا ئاقمايسەن،
ئىشەنچنىڭ تىغىدا ئەسلا ياتمايسەن،
ئىشقى بار ،ۋەسلى يوق بىۋاپا جانان.

ئاشىقمەن يۈرىكىم مۇڭغا كۆمۈلگەن،
پىغانلىق ياشلىرىم قان بوپ تۆكۈلگەن،
ۋەسلىڭگە زار بولۇپ ياشلىقىم ئۆلگەن،
ئىشقى بار، ۋەسلى يوق بىۋاپا جانان.


ئاشىقنى يىغلاتقان ياخشى ئەمەستۇر،
كۆيدۈرۈپ، كۆيمىگەن جانان ئەمەستۇر،
گۈلى بار، بۇلبۇل يوق، گۈلزار ئەمەستۇر
ئىشقى بار، ۋەسلى يوق بىۋاپا جانان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايتۈرك تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 12:18  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  107
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 908
تۆھپە : 2
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 17:35:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئايتۇرك ،تېخىمۇ يىڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

ھايات بىر ئېقىن سۇغا ئوخشايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش