ximal
كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 10

شائىرنىڭ ئاۋازى(ئوسمانجان زۇنۇن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  119
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 463
تۆھپە : 4
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 03:04:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                        
                                 شائىرنىڭ ئاۋازى

                          

                                        ئوسمانجان زۇنۇن
  


     ئەگەر شېئىر ھاياتىي كۈچنى ئىزدەيدىكەن ،ئۆزى چوقۇم ھەركەت قىلغۇچى بولىشى ھەم كىتاپخانلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئۆزلۈكسىز ئۆزىگە جەلىپ قىلىشى كىرەك.
    تىل-يېزىق شېئىرنىڭ تۈپ قىياپىتىدۇر .تىلنىڭ يېزىق شەكلىدە ھەرخىل ئاجايىپ- غارايىپ تىزىلىشى ۋە بىرىكىشى شائىرنىڭ روھىي كەيپىياتى ۋە مەۋجۇت ئاڭ تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.
شېئىر بىرخىل خاتىرە شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئۇرۇنۇشتىن ئىبارەت. ئۇ ۋاقىتنى چەكسىز ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ،ھاياتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىغا بولغان چوڭقۇر سىزىمنى ئىپادىلەيدۇ.مەن بىر شائىرنىڭ ئۆلۈمىگە چىداپ تۇرالىساممۇ لىكىن شېئىرنىڭ ئۆلۈمىگە چىداپ تۇرالمايمەن .چۈنكى شېئىرىيەت زىمىنى نۇرغۇنلىغان شائىرلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ،ئۇ ھەرقانداق بىر كىشىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
    پەقەت سەنئەت بولغاچقىلا ئىنسانلار يۈكسىلىشكە قاراپ ئىنتىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە شېئىرنىڭ ئىنسانلارغا يېقىنلىشىشى ئىنتايىن قىيىن .چۈنكى ،بىز تەپەككۇر تۇلپىرىنى ئىنسان ۋۇجۇدىغا قارىتىپ ھەر قانچە دېۋىتسەكمۇ، لىكىن ئۇ روھ ئالىمىدىن شۇنچە ئۈركۈپ تۇرۇدۇ.
       تېل-يېزىق شېئىرنىڭ قۇرۇلمىسى شۇنداقلا ئىشىكى ۋە ھەقىقەتكە ئېلىپ بارىدىغان يولىدۇر.مىنىڭ تىل ئويۇنۇم سىنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىڭغا تەسىر قىلىپ ، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ بىلەن كۈرەش قىلىشقا باشلاپ كىرگىنىدە شائىرلىق ئۈچۈن سادىر قىلغان گۇناھېمنى كاچۈرگەيسەن .
    شېئىرىيەت كوچىسى  خۇددى شاھنىڭ قورغىنىغا ئوخشايدۇ.ئۇ شۇنچە نۇرلۇق ۋە ھەيۋەت . لىكىن سەن كىرىشكە ئامالسىز .بىراق ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالساڭ، چىقىپ كىتىشىڭ تېخىمۇ بەسىي مۈشكۈلدۇر    .
   شائىرنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى شەيئىلەرنىڭ سىرىتقى ئىنكاسى ئەمەس، بەلكى شەيئىلەرنىڭ تۈپ قىياپىتىگە بولغان ئىنكاستۇر. سۇڭا جىسىم بىلەن جىسىم ۋە ھەرخىل سەزگۈ ئارىسىدىكى ئابىستىراكىتنى مۇناسىۋەت بارلىققا كىلىدۇ.گەرچە شائىرلارنىڭ ئاۋازى ناھايىتى تۆۋەن ۋە ئاجىز تەھدېت پەيدا قىلسىمۇ لىكىن  لىكىن ئۇ يۇقۇرى ئاۋازبىلەن ۋارقىرىغانغا قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق ،تېخىمۇ مەنىلىك.ئۇ گويا يىراقتا تۇرۇپ كۆزنىڭ كۇيرىقىداساڭا كۈلۈمسىرىگەندەك،سىنىڭ پىشانەڭ ياكى دولاڭغايەڭگىلگىنە  بىرنى ئۇرۇپ قويۇپ، كىتىپ قالغان نازىنىنغا ئوخشايدۇ.
   مىنىڭ شېئىرىيەتتە ئىپادىلەشكە تىرىشىدىغىنىم - ھېسسىياتنىڭ بۇلىقى ۋە ھاياتىمنىڭ مەخپىيەتلىكىدۇر .بىراق ، ۋاقتى كەلگەندە ،ئۆزۈمنىڭ شەخسى شەكلىنى بۇزۇپ ئۆتۈپ، باشقىلارنىڭ يۈرەك قېتىدىكى مەخپىيەتلكىنى پارتلىتىمەن . شېئىرغا نىسبىتەن دىمەكچى بولغىنىم _ بىر خىل ئىنتايىن مۈشكۈل غايە.مىنىڭ شېئىرلىرىم _ تۇرمۇشۇمنىڭ مەزمۇنىغا نىسبەتەن قان بىلەن گۆشتەك يېقىن .
   شېئىر ھاياتلىققا بولغان بىرخىل كۈتۈش.شۇنداقلا تىل يېزىققا بولغان چوڭقۇرمۇھاببەتتۇر.شۇنداق بولغاچقا مەن شېئىر يازىمەن .شائىرنىڭ ھاياتىي  شەرتسىز ھالدا شېئىرنىڭ ھاياتىنى بەلگىلەيدۇ.شېئىر شائىرنىڭ توختىماي سوقۇۋاتقان ئوتلۇق يۈرىكىنىڭغىل-پال ھەركىتىدۇر .
   مەن تەسەۋۋۇر قىلالمايمەنكى،ئادەم بىلەن ئادەم يۇزمۇ يۇز تۇرۇپمۇ ئەگەر تىل يېزىق بولمىسا ،ھايات بىلەن ھاياتنىڭ ئېقىن ئالماشتۇرۇشى بولمىسا قانداق بوپكىتەر ؟ پەقەت تىل-يېزىق بولغاچقىلا قىلچە گۇمانلانمايمەنكى، شېئىرنىڭ نەفىس تىنىقى ئىنسانلارغا نىسبىتەن تېخىمۇبىمالال، تېخىمۇ يېقىملىق .
  شېئىرىيەتتىكى ئەنئەنىگەقارىتا مىنىڭ دەيدىغىنىم شۇكى، ئەزەلدىن تارتىپ مەلۇم ئەىنئەىنىگە تەۋەسىز ئادەم مەۋجۇت ئەمەس ،ئەنئەنىگە تەۋەسىز ئادەمنى تەسەۋۇر قىلىشمۇ مۈمكىن ئەمەس.
     بىراق ئەنئەنىمۇ ئەزەلدىن ھەممە ئادەم بىلىدىغان نەرسىمۇ ئەمەس.بىر مىللەتنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان نەرسىسى ياكى ھازىرغىچە سۈكۈت قىلىپ كەلگەن نەرسىسى ئېھتىمال ئەنئەنىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر قىسمى بولىشى مۇمكىن.ئەمما ئەنئەنە  كىشىلەر قەلبىگە ئۆزلىكىدىن ئېقىپ كىرمەيدۇ . قانداق قىلىپ ئەنئەنىگە كىرىش ۋە ۋارىسلىق قىلىش_ھەربىر شائىرغا نىسبىتەن مۈشكۈل سىناقتۇر!شېئىر ئەنە شۇنداق ئەنئەنە ھاياتلىقىنىڭ بۇلىقىدىن تەبىئى ئېقىپ شەكىللەنگەندىلا ،كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ ئۆزتۇغۇمىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا شېئىر شائىر قەلبىنى تىل -يېزىق ئارقىلىق  نەفىس چۈمپەردىگە ئوراپ،لەرزان لېرىكىغا ئايلاندۇرۇدۇ ، شۇنداقلا شېئىر بىر قېتىملىق تاسادىپىي يۇكسىلىشنى خام خىيال قىلىپ تەبىئى ۋە ساپلىققا يېقىنلىشىدۇ. لىكىن ئەڭ ئۇلۇغۋار شېئىرنىڭمۇ بۇ خىل ساپلىققا يىتىشى ئىتايىن قىيىن .چۇنكى سۆزلەر ئىنسانىيەتنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرالمايدۇ  .شۇڭا ئۇنىڭ بىزگە ئېلىپ كىلدىغان خۇشاللىقى ئۈمىدىمىزدىكىدىن چەكلىك.ئەپسۇسكى بۇ ئازاپنى ئويلىغاندا ئەڭ ياخشىسى شائىر بولمىغان تۈزۈك . بىراق بىز يەنىلا شېئىر يېزىشقا مەجبۇرمىز. چۈنكى بىز ئۆز -ئۆزىمىزگە يوشۇرۇنغانمىز .
    شېئىر شۇنداق زىددىيەتلىك جەريان ھەمدە ھاياتلىقنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىش ھالىتى .شۇڭا ئۇ ئۆلۈمدەك يۇكسەك ھەم سىرلىق . ئۇ ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتنى تونۇش ۋە تۇرمۇشنى كۈزۈتۈشىنىڭ ئىلھامىدىن پەيدا بولغان يالغان سۆز. ئۇ ئۆلۈمنى ،ئاپەتنى، ھېجران ۋە ئازاپنى قوغلايدىغان ئۆزلۈكسىز تىرىچانلىق، شۇنداقلا مەڭگۈ مۇددىئاسىغا يېتەلمەسلىكتۇر .
   سۇ - ئۇسسۇزلۇق ئۈچۈن، ئوت -ئىسىنىش ئۈچۈندۇر .بۇلارنىڭ ھەممىسى شېئىر بىلەن مۇناسىۋەتسىز .بىراق شېئىر يېزىش ئۈچۈن سۇ ئۇسسۇزلۇقنىڭ، ئوت سوغۇقنىڭ دەردىنى تارتىشى كىرەك.شائىر ئۈچۈن ئۇلۇغۋارلىقتىن باشقا  ھېچقانداق تاللاش ئېمكانىيىتى يوق .
  شېئىر يېزىش بىرخىل ئازاپلىق جەريان ھەمدە يۈكسەك مەدەنىي ھايات ھالىتىدۇر.بۇ مەڭگۈلۈك چەكسىز ئالەمدە ،شائىرنىڭ شېئىر ئۈچۈن جان تالىشىشى بەلكىم بىھۇدىدۇر .لىكىن بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز كىرەككى ،بىر ئۇلۇغ شائىرنىڭ ئۆلۈمى ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.چۇنكى شائىر ئازاپلىق كۆيۈپ تۇرغۇچى، مۇھاببەتنى ، يالقۇننى قەلىبتىن قەلىبكە تۇتاشتۇرغۇچى.مانا بۇ شائىرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان ئەڭ زور تۆھپىسى.
  ئاللاھ شائىرلارغا ۋەقەنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ئىچىنى كۈزۈتۈش، شەكىلدىن ماھېيەتنى كۆرۈشتەك ئىقتىدارنى ئاتاقىلغان .ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغىمۇ، سەل قارىشىغىمۇ كۆنۈك.چۇنكى ھېچقانداق ئامال يوق.بۇ شائىرنىڭ تۇغۇلۇشىدىنلا بەلگىلەنگەن تەقدىرى !
  شۇڭا دەيمىزكى، بىزنىڭ بىر ئۆمۇر كۈرەش قىلشىمىز - ھەقىقىي ئادەم قىياپىتىگە كىرىشكە ئىنتىلىشتىن ئىبارەت.
   شېئىر يېزىش _ شائىرنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش جەريانىدۇر .شۇڭا ، شائىرنىڭ تىلى چوقۇم ئاۋامنىڭ تىلى بولىشى كىرەك. شائىر شېئىرنى دەپلا شېئىر يازماي، ئۇنى بىرخىل كۈچلۈك ئىستەك دەپ بىلىشى كىرەك.
  گەرچە، شائىرنىڭ دىگەنلىرى بەزىدە ئەمەلىيەتتىن يىراق بولسىمۇ ،لىكىن ئۇ بىز ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان نىشاندۇر !شائىرنىڭ ئازابىمۇ ، شاتلىقمۇ ئاشۇ ئۇلۇغۋار نىشاندا !...

  
    « تەڭرىتاغ » ژورنىلى 2004 - يىلى 2 - سانىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوسمانجان زۇنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-19 03:21  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2258
تۆھپە : 18
توردا: 416
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 09:28:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر يېزىش _ شائىرنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش جەريانىدۇر .شۇڭا ، شائىرنىڭ تىلى چوقۇم ئاۋامنىڭ تىلى بولىشى كىرەك. شائىر شېئىرنى دەپلا شېئىر يازماي، ئۇنى بىرخىل كۈچلۈك ئىستەك دەپ بىلىشى كىرەك.

مونو مىسرانى ئەقلىيە سۆز قاتارىدا يادلىۋالغان ئىدىم.رەخمەت سىزگە ئوسمانجان ئاكا!

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 528
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 09:33:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈنكى شېئىرىيەت زىمىنى نۇرغۇنلىغان شائىرلاردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ،ئۇ ھەرقانداق بىر كىشىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئوسمانجان زۇنۇن شېئىريىتى بىلەن ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرىيىتىنى قانداق چۈشۈنىمىز؟

شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  119
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 463
تۆھپە : 4
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 09:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى ئىنكاسنى يازغان ئامىنە گە سالام !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  477
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 528
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 09:42:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر يېزىش _ شائىرنىڭ ئۆزىنى ساپلاشتۇرۇش جەريانىدۇر .شۇڭا ، شائىرنىڭ تىلى چوقۇم ئاۋامنىڭ تىلى بولىشى كىرەك. شائىر شېئىرنى دەپلا شېئىر يازماي، ئۇنى بىرخىل كۈچلۈك ئىستەك دەپ بىلىشى كىرەك.
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
شائىر ئۆزىنى ساپلاشتۇرامدۇ ياكى ئۆزىدىن بىر قېتىم قۇتۇلامدۇ؟
ئاۋامنىڭ تىلى قانداق تىل؟ شائىرنىڭ تىلىنى قانداق ئېتىبارغا ئېلىنىشى كېرەك؟
« شائىر شېئىرنى دەپلا شېئىر يازماي » دېگەننى قانداق ئىستىمال قىلىمىز؟
كۈچلۈك ئىستەك-كوللىكتىپ ئاڭنى كۆرسىتەمدۇ؟


شېئىر ــ ھېچنېمىنى دېيىشتۇر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1180
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 390
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:19:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  شېئىر چوقۇم ئوقۇرمەننى ھاياجانغا سېلىشى ، ئۇنى ئاڭلاشقا ، يەنى ئۆزىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر قىلىشى كېرەك .

      ئوكتاۋىيو  پاز

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  119
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 463
تۆھپە : 4
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 03:01:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، نۇربەگ :

ئالدى بىلەن مەزكۇر يازمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ  مۇلاھېزە يۈرگۈزگۈنىڭزدىن  خۇرسەنمەن . سۇئاللىرىڭىزغا ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىم بويىچە جاۋاپ بىرىپ ئۆتەي  : گەرچە بىز ئۆزىمىزنى بىلەرمەن چاغلىساقمۇ،لىكىن  ھامان ئازغۇن بەندىلەرمىز .شۇڭا جاۋابىم ناۋادا  سىز نى قانەئەتلەندۈرەلمىسە ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز .

1- ئوسمانجان زۇنۇن شېئىريىتى بىلەن ئوسمانجان ساۋۇت شېئىرىيىتىنى قانداق چۈشۈنىمىز؟
  
شېئىرىيەت _ نۇرغىنلىغان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، ئۇ بىرەر شائىرغا تەۋە ئەمەس .شۇڭا ئوسمانجان زۇنۇن شېئىريىتى بىلەن ئوسمانجان ساۋۇت شېئىريىتى مەۋجۇت ئەمەس.پەقەت ئوسمانجان زۇنۇننىڭشېئىرى ۋە ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شېئىرىلا مەۋجۇت .
  چۈنكى شېئىرىيەت ئۇقۇمىنىڭ ھەجىمى شېئىر ئۇقۇمىنىڭ ھەجىمىدىن چوڭ .

2-  شائىر ئۆزىنى ساپلاشتۇرامدۇ ياكى ئۆزىدىن بىر قېتىم قۇتۇلامدۇ؟

  مىنىىڭچە، شائىر ئۆزىنى ساپلاشتۇرالايدۇ . ئەمما ئۆزىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدۇ .چۈنكى بىز ھامان ئۆزىمىزگە تايىنىپ ياشايمىز .

3- ئاۋامنىڭ تىلى قانداق تىل؟ شائىرنىڭ تىلىنى قانداق ئېتىبارغا ئېلىنىشى كېرەك؟

ئاۋامنىڭ تىلى مۇئەييەن لىكسىكىلىق مەناغا ،ۋە گىرامماتكىلىق قانۇنىيەتلەرگە ئىگە تىل .شائىرنىڭ تىلى  بولسا ئەشۇ ئاۋامنىڭ تىلىدىن پايدىلىنىپ ئوبراز ياراتقان ۋە ھېسسىياتنى ئىپادە قىلغان تىلدۇر .گەرچە شائىرنىڭ تىلى ئوبرازلىق ، ھېسسىياتلىق بولىشى بىلەن ئەتىۋارلانسىمۇ لىكىن ، ئۇ ھامان ئاۋامنىڭ تىلىنى ئۆزىگە مەنبە قىلغان بولىدۇ .

4- « شائىر شېئىرنى دەپلا شېئىر يازماي » دېگەننى قانداق ئىستىمال قىلىمىز؟

بۇنى مەن -  شېئىرنى«   زورلاپ يازماي ، ئالۋاڭغا ، ۋەزىپىگە يازماي..»دەپ ئستىمال قىلدىم .


5 -كۈچلۈك ئىستەك-كوللىكتىپ ئاڭنى كۆرسىتەمدۇ؟
بۇيەردىكى كۈچلۈك ئىتەك  -شائىرنىڭ( شەخىسنىڭ)ئارزۇسى ۋە  غايىسىنى كۆرسىتىدۇ  .


بىرنەچچە كۈن ئالدىراش بوپ قېلىپ   ، ئىنكاسلارغا ۋاقىتىدا جاۋاپ يازالمىدىم . ئەپۇ قىلغايسىلەر  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوسمانجان زۇنۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-24 03:08  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  119
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 463
تۆھپە : 4
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 03:04:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر چوقۇم ئوقۇرمەننى ھاياجانغا سېلىشى ، ئۇنى ئاڭلاشقا ، يەنى ئۆزىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر قىلىشى كېرەك .

      ئوكتاۋىيو  پاز


دىدارنىڭ بۇ ھېكمەتنى تەقدىم ئەتكىنىگە تەشەككۇر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  453
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 682
تۆھپە : 92
توردا: 85
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 08:48:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىېرىيەتتكى چوڭقۇر ئىزدىنىشلىڭىزگە تەشەككۈر بۇ ماقالىدىن خېلى چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم رەھمەت سىزگە ..

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 790
تۆھپە : 10
توردا: 215
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 15:53:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربەگنىڭ سۇئالىغا نەزىرىنى بەرگەن ئوسمانجان زونۇنغا سالام!

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
سۇئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  119
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 463
تۆھپە : 4
توردا: 87
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 16:47:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېرىنگۈل ۋە ئايزىت  خانىملارنىڭ بۇ تىمىغا باسقان قۇتلۇق قەدەملىرىگە مەرھابا .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش