تەشۋىش
تۇرسۇنگۇل ئەمەت
كۆزۈمدە ياش ،قەلبىمدە پىغان،
چاك –چىكىدىن تىتىلماقتا جان.
ۋاپا نەدە ؟ ساداقەت نەدە؟
تومۇرۇمدا قىيانلايدۇ قان.
ئىشەنچ گۈلى سولدى ۋاقىتسىز ،
دىل بىغىمنى قاپلاپ زىمىستان.
ئىشەنچىمدە يىراقتۇر ئۈمۈت،
سەزگۈمۈمنىمۇ قاپلىغاچ تۇمان.
ئاۋارىمەن ئۆزۈمنى بەزلەپ ،
چۈشكۈنلۈككە چۆككەنچە قانچە.
تەشۋىشىمدىن ئۈنگەن سۇئاللار،
ئازاپلايدۇ ئارماندا شۈنچە.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈتۈش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-19 00:22