تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ئايقۇت!
شۇ گۈزەل رۇخسارىڭىزدا باھار كۈلدۈرۈپ ،ئاپئاق قەلبىڭىزدە جاھان كۈلدۈرۈپ ،خىيالەن سىزگە قاراپ تىلەك تىلىگەن دوستلىرىڭىزنى يۈرىكىڭىزدە كۈلدۈرۈپ .....توغراق يېشىدەك ئىز قالدۇرۇپ ياشىغايسىز ئەزىزىم!
بۇلتۇر بەرچىنئاينىڭ 18--سىنتەبىردىكى شېئىرىمۇ بەك يېقىملىق چىققان ئىدى.بۇ قېتىمقىسىمۇ ھەم شۇنداق چىقىپتۇ.
لەرزان لەرزان كېلەر سېنتەبىر
لەرزان لەرزان تۇيغۇلار بىلەن
ئون سەككىز تال يۇپۇرماق ئۈزدۈم
ئاي ئون سەككىزگە كىردى بەك بەلەن
چاۋاك چالار يوپۇرماقلىرىم
شامال ناخشا ئېيتسا سىزنى دەپ
بۈگۈن سىزنىڭ قۇتلۇق كۈنىڭىز
قۇشلار تۈزەر شۇنىڭ ئۆچۈن سەپ
مەن بىلمەيمەن سىز يەنە جىمجىت
يالغۇز كېسىپ ئۆتكەنسىز يولنى
بالام،بالام، جېنىم بالام دەپ
يوللار سىزگە سۇنغاندۇ قولنى
مەن بىلمەيمەن خىيالىڭىزنى
بايراقلاردەك يەلپۈنگەنسىز ھەم
ئىشىك ئوچۇق كەلسىڭىز چوقۇم
مانا،مانا ھايات دىگەن تەم!
ئەي،مەن ئۆچۈن قەدىرلىك ئىنسان
رەسىم سىزدىم سىزنىڭ ئۆچۈنلا
بۇلدۇقلايدۇ بۇلاقنىڭ كۆزى
بۇلدۇقلايدۇ ھايات بۈگۈنلا!
سېنتەبىرگە ئون سەككىز بولدى
قەلبىمدىكى بىر سۆيگۈ تولدى!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەرگىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-19 10:02