ximal
كۆرۈش: 115|ئىنكاس: 6

كۇچا بوستانلىقىغا كەلگەن تارىخىي شەخىسلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2123
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 18:31:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇچا بوستانلىقىغا كەلگەن تارىخىي شەخىسلەر ۋە ئىكىسپىدىتسىيچى ،سەيياھلار
قۇربانجان ئابلىكىم ئىمىن(كۈسەمىش)
كۇچا بوستانلىقى ئادەتتە « ئۆگەن دەريا بوستانلىقى » دەپ ئاتىلىدىغان بۇلۇپ ، كۇچا ، باي ، توقسۇ ، شايار ناھىيلىرىنىڭ تىررىتورىيلىك دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا كۇچا بوستانلىقىدا ئىنسان پائالىيەتلىرى يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلانغان .بۇ بوستانلىق ئۆزىنىڭ مول بولغان كان بايلىقلىرى ، سۇ بايلىقلىرى ۋە يەربايلىقلىرىغا شۇنداقلا بۇ بوستانلىق خەلقى ئۇزاق يىللار مابەينىدە يېتىلدۈرگەن ئىجادچانلىق ، تىرىشچانلىق روھى ۋە  قەيسەرلىكىگە تايىنىپ مىلادىدىن بۇرۇنلا غەربى يۇرتتىكى ئەڭ كۈچلۈك 36 بەگلىكنىڭ ئىچىدىكى ھەربىي ، سىياسىي ، ئىقتىسادىي ،مەدىنىيەت  جەھەتتىكى كۈچلۈك مۇھىم بەگلىككە ئايلانغان . جاڭ چىيەننىڭ ساياھىتىدىن كىيىن شەكىللەنگەن يىپەك يۇلىنىڭ شىمالى يۆنىلىشىدىكى مۇھىم مەركەزلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن. بۇ ئارقىلىق غەربىي يۇرتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان مۇھىم سىياسىي كۈچ بۇلۇپ قالغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 1 – ئەسىردە بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشى بىلەن بۇجاي بۇددىزىم مەدىنىيەت – سەنئىتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن مۇھىم مەركىزى بۇلۇپ شەكىللەنگەن ۋە مىلادى 14 – ئەسىرگىچە ئۆز جۇلاسىنى يوقاتماي غەربىي يۇرتتىكى نۇرلۇق يۇلتۇز كەبى چاقناشنى داۋاملاشتۇرغان . شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيەتلىرىنىڭ تالىشىش – بويسۇندۇرۇش ، ئالاقە قىلىش نوقتىسى ، راھىبلارنىڭ زىيارەت قىلىش ، بىلىم ئىگەللەش ، ئۆز سەپىرىدىكى ئۆتۈش نوقتىسى . 19 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلانغان قىدىرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتچىللىرىنىڭ ، ھەر قايسى كېڭەيمىچىلەرنىڭ ماتىرىيال توپلاش ، ئۆزىنىڭ ھەر خىل مۇددىئاسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم نوقتىسى بۇلۇپ قالغان .
دىمەك بۇ زىمىن بىر تارتىش كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى ماگىنىت ئىدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ مول تارىخى ، مەدىنىيەت مىراسلىرى ، ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىستىراتىگىيلىك ئورنى بىلەن قەدىمدىن تارتىپ شەرق بىلەن غەربنىڭ نۇرغۇن تارىخى شەخىسلىرىنى، سەيياھ ، ئېكىسپىدىتسىيچىلىرىنى ئۆزىگە ماگىنىت كەبى تارتىپ كەلدى . بۇزېمىن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىش ، ئۆزىنى سىناش مەيدانى بولدى . بۇ بىر تۈركۈم شەخىسلەر بۇ ئوتلۇق مۇنبەت زېمىنغا قەدەم قويغاندىن كېيىن بۇ ئەلنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ، مەدىنىيتى ، ئىجتىمائىي ئەھۋالىدىن مۇھىم خاتىرىلەرنى، ئۆزىنىڭ ئىجابى ياكى سەلبىي جەھەتتىكى ئىزناسىنى قالدۇرۇپ كەتتى . بىز تۆۋەندە بۇ زېمىنغا قەدەم باسقان سىياسىي ، تارىخي شەخىسلەر ، سەيياھ ، ئېكىسپىدىتسىيچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
1.        جاڭ چىيەن جۇڭگۇنىڭ رەسمى تارىخنامىلىرىدە خاتىرلەنگەن غەربىي يۇرتقا تۇنجى قېتىم بارغان سەيياھ ۋە دىپلۇماتتۇر.
ئۇ خەنجۇڭنىڭ چېڭگۇ (بۈگۈنكى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ چېڭگۇ ناھىيىسى) دىگەن يېرىدىن بۇلۇپ، خەن ۋۇدى لىيۇچې دەۋرىدە تامغاچ بېگى بولغان. ئەينى ۋاقىتتا ھونلار دائىم چېگرىغا باستۇرۇپ كىرىپ ،خەن سۇلالىسى پۇقرالىرىنى بۇلاپ پاراكەندە قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن خەن ۋۇدى لىيۇچى تەخىتكە چىققاندىن كىيىن ھونلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى ئويلاپ،ھونلاردا ئاتا قىساسى بار بولغان توخرىيلار بىلەن بىرلىشىش ئۈچۈن غەربىي يۇرتقا ئەلچى ئەۋەتمەكچى بولدى. دەل شۇ چاغدا جاڭ چىيەن پادىشاھقا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ غەربىي يۇرتقا سەپەر قىلدى.
ئۇ ئىلگىر –ئاخىر ئىككى قېتىم غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغان بۇلۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى(خەن سۇلالىسىنىڭ جەنيۇەن 3-يىلى) جاڭ چىيەن پەرمانغا بىنائەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە يولغا چىقتى. ئۇغۇزلاردىن گەنفۇنىڭ يول باشلىشى بىلەن يۈز نەچچە ئادەمنىڭ ھەمراھلىقىدا چاڭئەندىن يولغا چىقىپ ،لۇڭشى ئايمىقىدىن ئۆتۈپ ھونلار كونتۇرۇللىقىدىكى خېشى كارىدۇرىدا كېتىۋاتقاندا ،بەخىتكە قارشى ھونلارغا ئەسىر چۈشۈپ ،ھونلار تەڭرىقۇتى ئوردىسىغا يالاپ ئاپىرىلىپ ئون يىل قامالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىنى ئۇنتۇماي ،ئاخىر پۇرسەت تېپىپ ھونلار ئىلكىدىن قېچىپ چىقىپ داۋاملىق غەرپكە قاراپ مېڭىپ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇپ ،نەچچە ئون كۈن يول يۈرۈپ ،نەچچە مىڭ چاقىرىم مۇساپىنى بېسىپ ،قۇس(بۈگۈنكى تۇرپان)،كۈسەن(بۈگۈنكى كۇچا) ئارقىلىق پامىردىن ئۆتۈپ ،پەرغانىگە ،كانگىيەگە ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ باكتىرىيەدە ئولتۇراقلاشقان چوڭ توخرىلار قېشىغا بارغان. چوڭ توخرىلاربىلەن ئالاقە ئورنىتىش مەخسىتىگە يىتەلمىگەن جاڭ چىيەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 126-يىلى چاڭئەنگە قايتىپ بارغان. ئىككىنچى قېتىم مىلادىدىن ئىلگىرىكى 119-يىلى ئۇيسۇنلارغا ئەلچىلىككە بېرىپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 115-يىلى غەلبە بىلەن چاڭئەنگە قايتىپ كېلىپ ،كىيىنكى يىلى ۋاپات بولغان.
2.بەنچاۋ ( مىلادى 32-102 – يىللار ) شەرقى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر سانغۇن ۋە دىپلۇمات . ئۇ مىلادى 73 – يىلى شەرقى خەن ھۆكۈمىتىنىڭ يارلىقى بىلەن غەربى يۇرتقا ئەلچىلىككە بارغاندىن تارتىپ مىلادى 102 – يىلى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە قايىتقىچە بولغان ئارلىقتا غەربى يۇرت بىلەن شەرقى خەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە تۆھپە قۇشىدۇ .
ئۇ مىلادى 91 – يىلى 12 – ئايدا توخرىلار بىلەن بىرلىشىپ خەن سۇلاسىغا قارشى چىققان كۈسەن بەگلىكىنى تىنجىتىپ پادىشاھ يۆلىدۇ (尤利多) نى ئاغدۇرىۋىتىپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا خەن خانى ھۇزۇرىدىكى بارىمتاي بەي با (白霸) نى خان قىلىپ تىكلەپ ، بەي فامىلىلىكلەرنىڭ 700 يىلغا سۇزۇلغان ھاكىمىيىتىنى تۇرغۇزۇپ بەرگەن . ئۆزى ( بەن چاۋ ) خەن خانىنىڭ پەرمانى بىلەن غەربى يۇرت قۇرۇقچىبېگى بۇلۇپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە قايىتقۇچە كۈسەننىڭ داۋانقۇم شەھرىدە تۇرغان ۋە غەربى يۇرتنىڭ جۈملىدىن كۈسەننىڭ ئىگىلىكى ، سىياسى ، ئىقتىسادى ، ئەھۋالىنى ناھايتى چۇڭقۇر كۈزەتكەن . بەنچاۋنىڭ ئاكىسى بەن گۇ خەننامىنىڭ تۈزگۈچىسى بۇلۇپ ،بەنچاۋنىڭ غەربى يۇرت- كۈسەن توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرى خەننامىنىڭ ئاساسلىق  ماتىرىيال مەنبەسى  بولغان .
3. لۈگۇاڭ ( 337 – 339  - يىللار ) 16 پادىشاھلىق دەۋىرىدىكى كىيىنكى لىياڭ پادىشاھلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى . ئۇ ئەسلى ئالدىنقى چىن پادىشاھلىقىنىڭ خانى فۇجىيەننىڭ ئەمىرى بۇيىچە 70 مىڭ كىشىلىك قۇشۇن بىلەن بۈيۈك بۇددا ئالىمى ، تەرجىمشۇناس كۇمراجىۋانى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئېلىپ كىتىش ئۈچۈن كۈسەنگە يۈرۈش قىلىپ ، مىلادى 383 – يىلى 12 – ئايدا يىتىپ كەلگەن ۋە قارشىلىق قىلغان كۈسەن خانى ئاقارى پاك ( بەي چۈن ) نى ئۆلتۈرۈپ 385 – يىلى كۇمراجىۋانى ۋە 20 مىڭ ئۇلاغتا ھەر خىل زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرى، دىراممچىلار ، سەنئەتچىلەر، ھەرخىل ھايۋانات نەمۇنىلىرى قاتارلىقلارنى ئېلىپ لىياڭجۇ شەھرىگە يۆتكىگەن. بۇلار كۈسەن مەدىنىيەت – سەنئىتىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە تارقىلىشىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بۇددىزىم مەدىنىيتى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ناخشا - ئۇسۇل سەنئىتىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان .
4. فاشىيەن ( 337 – 422 – يىللار ) شەرقى جىن دەۋرىدە ئۆتكەن راھىب ۋە سەيياھ . ئۇ مىلادى  399 – يىلى باشلىغان ھىندىستانغا بېرىش سەپرىدە چاڭئەندىن يولغا چىقىپ ، لىياڭجۇ ، گەنجۇ ، سۇجۇ ( جىيۇ چۈەن ) ، دۈنخۇاڭ قاتارلىق جايلارنى بېسىپ ئۈتۈپ ، شىنجاڭغا كىرگەن ۋە پىشامشان ( چاقىلىق ) ، ئاگنى ( قارا شەھەر ) ، كۇچارلارنى بېسىپ ئۈتۈپ ، شۇ يۆنىلىشلەرنى بويلاپ پامىردىن ئۆتۈپ ھىندىستانغا بارغان . ئۇ ھىندىستان سەپىرىدىن كىيىن يازغان « بۇددا ئەللىرى خاتىرىسى ›› ( فاشىيەن تەرجىمھالى ) دا « كۈسەن ئاھالىلىرىنىڭ بەك بايلىقى ، ئىقتىسادى مول ، خەلىق تۇرمۇشىنىڭ پاراۋانلىقى ، ئاھالىلىرىنىڭ ئىسىل رەخىتتىن تىكىلگەن زىبۇ – زىننەتلىك قاتمۇ – قات كىيىم كىيىدىغانلىقى ، ئالتۇن كۈمۈشلەرگە زىبۇ – زىننەت ئىشلىتىدىغانلىقى » توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان .
5 . شۈەنزاڭ ( مىلادى 602 – 664 – يىللار ) فامىلىسى چېن ، ئىسمى يى بۇلۇپ ، خېنەننىڭ گوشى ناھىيسىدىن . تاڭ دەۋىرىدە ئۆتكەن ئاتاقلىق بۇددىزىم  نەزىرىيىچىسى ۋە تەرجىمشۇناسى شۇنداقلا مەشھۇر سەيياھ . ئۇ ھىندىستان سەپىرىدە 630 – يىلى كۇچاغا كەلگەن كۈسەن شاھىنىڭ ئالاھىدە كۈتىۋېلىشىغا سازاۋەر بۇلۇپ ، بۇ جايدا 60 نەچچە كۈن تۇرغان . ئۇ ئۆزىنىڭ « بۈيۈك تاڭ دەۋىرىدىكى غەربكە ساياھەت خاتىرىسى » دە كۇچا توغرۇلۇق « كۈسەن ئېلىنىڭ زېمىنى شەرىقتىن غەربكە مىڭ چاقىرىمدىن ، جەنۇپتىن شىمالغا  ئالتەيۈز  چاقىرىمدىن ئارتۇق بۇلۇپ، مەركىزى شەھرىنىڭ ئايلانمىسى ئون يەتتە  - ئون سەككىز چاقىرىم كېلىدۇ . تۇپرىقى تېرىق ، بۇغداي ئۆستۈرۈشكە لايىق ، قىسقا غوللۇق شالمۇ بار . ئۈزۈم ، ئانار چىقىدۇ ، نەشپۈت ، قۇمئالما ، شاپتۇل ، ئۆرۈك قاتارلىقلار كۆپ . سېرىق ئالتۇن ، مىس ، تۆمۈر ، قوغۇشۇن ، قەلەي چىقىدۇ . ھاۋا كىلىماتى ئىللىق ، ئۆرپ – ئادىتى ئاددى . يېزىقى ئەنەتكەك ( ھىندىستان ) دىن كەلگەن بۇلۇپ ئۆزگەرتىلگەن . ئاھالىللىرى كىمخاب ۋە بۆزدىن كىيىم كىيىدۇ ، باشلىرىغا كەسمە چاچ قۇيۇپ ، ياغلىق چىگىدۇ ياكى بۆك كىيىدۇ . ئۇلار ئالتۇن ، كۈمۈش ۋە كىچىك مىس پۇللارنى ئىشلىتىدۇ » . « پۈۋلىمە ، تارىلىق چالغۇلارنى چېلىش جەھتتە باشقا دۆلەتلەردىن ئالاھىدە ئىكەن » « بۇلارنىڭ ئادىتىدە بوۋاق بالا تۇغۇلسا ياغاچ تاختا بىلەن بېشىنى بېسىپ ياپىلاق قىلىدۇ » . «بۇتخانا ، ساڭراملىرى يۈزدىن ، راھىپلىرى بەش مىڭدىن ئاشىدىكەن ، ھەممسى ھىنايا ( كىچىك كۆلۈڭگۇ ) مەزھىپىنىڭ سارۋاستى ۋىدا ۋىنايا تەلىماتىغا ئىخلاس قىلىدىكەن . نوم ، شاستىر ۋە ۋىنايالار ھىندىستاندىن كەلتۈرىدىكەن . ئۇلار بىر نەرسىنى ئوقۇلۇشى بۇيىچە  بۇيىچە خاتىرىلەيدىكەن . راھىپلىرى ئۈچتە پاك تائاملارنى يەۋىرىدىكەن . » . « شەھەرنىڭ شىمالىدا قىرىق نەچچە چاقىرىم يەردە بىر ئۆستەڭدىن ئۆتكەندىن كىيىن تاغ باغرىغا يېقىن جايدا شەرق تەرىپىدە بىر ، غەرىپ تەرىپىدە بىر ، ئىككى يەردە بۇددا ئىبادەتخانىسى بۇلۇپ ئىككىلىسى ئوخشاشلا چاۋغول ئىبادەتخانىسى دەپ ئاتىلىدىكەن . بۇتلىرى ئىنسان تەرىپىدىن ياسالغاندەك ئەمەس ، گويا تۆرەلگەندەك ئىنتايىن ھەشەمەتلىك ، گۈزەل تۇرىدىكەن . راھىپلىرى شۇنداق ئەدەپلىك ، سالماق ، پاك ھەم تىرىشچان ئىكەن » : « كۈسەن چوڭ شەھىرىنىڭ كۈن پېتىش قوۋۇقىنىڭ سىرىتىدىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئېگىزلىكى توقسان نەچچە گەز كېلىدىغان بۇددا ھەيكەللىرى بار ئىكەن . بۇ ھەيكەللەرنىڭ ئالدىغا بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدىغان يىغىلىش سۇرۇنى ھازىرلانغان ئىكەن . ھەر يىلى كۈز پۈتۈن خانلىق تەۋەسىدىكى راھىپلارنىڭ ھەممىسى شۇ يەرگە توپلىنىدىكەن ، خان تۆرىلەردىن تارتىپ ئاددى پۇقرالارغىچە ھەممسى ئادەتتىكى ئىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ پاكلىنىپ ، پەرھىز تۇتۇپ ، ھېرىپ چارچاشنى ئۇنتۇپ ، يىمەك – ئىچمەكنى تەرك قىلىپ ، نوم تەپسىر ۋە ۋەز نەسھەت ئاڭلايدىكەن . » : « بۇيەرلەردىكى ئىبادەتخانىلاردا بۇتلارغا ئالتۇن ، كۈمۈش ، مەرۋايىتلار ، تاۋار – دۇردۇن ، ئەتلەسلەر بېزەك قىلىنىپ ھارۋا – ھارۋىلارغا سېلىنىپ كوچىلاردا ئايلاندۇرۇلىدىكەن ، بۇ بۇت سەيلىسى دەپ ئاتىلىدىكەن : بۇنىڭغا قاتناشتۇرۇلغان ھارۋىلار مىڭ نەچچە يۈز بۇلۇپ ، ھەممسى شۇ پائالىيەت مەيدانىدا ئايلىنىپ يۈرىدىكەن . »  دىگەنگە ئوخشاش ئەمىلى خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ ، بىزنى شۇ دەۋىر كۈسەن دۆلىتى ۋە كۈسەن بۇددىزىمى توغرىسىدا ئىشەنچىلىك پاكىتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ .
6 . خۇيچاۋ 8 – ئەسىردە ئۆتكەن كورىيە(سىللا)نىڭ مەشھۇر راھىبى ، سەيياھ . ئۇ ھىندىستان سەپىرىدە كۇچانى زىيارەت قىلغان بۇلۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ « بەش ئەنەتكەك ئېلىگە سەپەر خاتىرىسى » ( راھىپ خۇي چاۋنىڭ ھىندىستان سەپىرى تەزكىرىسى ) دىگەن ساياھەت خاتىرىسىدە بۇددىزىمنىڭ شۇ مەزگىلىدىكى كۇچار رايۇنلىرىدىكى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ : « .... سۇلىدىن شەرىققە قاراپ بىر ئاي ماڭسا ، كۈسەن ئېلىگە يېتىپ بارغىلى بۇلىدىكەن . بۇ يەر غەرىبنى تىنىچلاندۇرغۇچى باش قۇرۇقچىبىگى مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولغاچقا تاڭ سۇلالىسىنىڭ قۇشۇنى كۆپىنچە مۇشۇ يەرگە توپلاشقان . كۈسەن ئېلىدە ئىبادەتخانا ۋە راھىپلار ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ ، كىشىلەر ھىنايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىىلىدىكەن . گۆش ، پىياز ، كۈدە قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىدىكەن . خەنزۇ راھىپلار ماھايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىكەن .
كەييۈەن 15 – يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى ( مىلادى 727 – يىلى ) ئەنشى (كۇچا) گەيېتىپ كەلدۇق ، شۇ مەزگىلىدىكى ھىراۋۇل جاۋجۈن ئىكەن . ئەنشىدە خەنزۇ راھىپلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئىككى ئىبادەتخانا بۇلۇپ ، ئۇلار ماھايانا مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدىكەن، گۆش يىمەيدىكەن . دايۈن ئىبادەتخانىسى رىياسەتچىسى ( راھىپكالانى ) شىيۇشىڭ ئىكەن ، ئۇ نوم دەستۇرلىرىنى سۆزلەشكە ئۇستا بۇلۇپ ، ئەسلىدە ئاستانىدىكى يەتتە ھۇجرا ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبى ئىكەن . دايۈن ئىبادەتخانىسى باشقۇرغۇچىسىنىڭ ئىسمى يى چاۋ پەرھىز ئەھكاملىرىنى تەپسىر قىلىشقا ماھىر بۇلۇپ ، ئەسلىدە ئاستانىدىكى جۇاڭيەن ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبى ئىكەن . دايۈن ئىبادەتخانىسىدىكى مىڭ خۇي يىتۇك مۆتىۋەر راھىبكالان بۇلۇپ ، نۇرغۇن ئۇتۇقلارنى قازانغانىكەن ئۇمۇ ئەسلىدە ئاستانىلىق راھىپ ئىكەن . مۇشۇ راھىپلار ئىبادەتخانىلارنى ياخشى باشقۇرىۋېتىپتۇ . ئۇلار بۇددا دىنىغا چۇڭقۇر ئىشتىياق باغلاپ بۇ يولدا نۇرغۇن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپتۇ . لوڭشىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ راھىبكالانىنىڭ ئىسمى فاخەي ئىكەن ، ئۇ گەرچە ئەنشىدە تۇغۇلغان خەنزۇ بالىسى بولسىمۇ ، ئىلىم ئۆگىنىش ، ئەخلاق - پەزىلەت جەھەتتە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكلەردىن قىلچە پەرىقلەنمەيدىكەن » دەپ خاتىرە قالدۇرغان .
7 . سېن سېن (مىلادىيە 715-770-يىللار ) تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر قۇرۇل شائىرى.
سېن سېن غەربىي يۇرتقا بېرىپ ،تۆھپە يارىتىپ ئابرۇي تىكلەش مەخسىتىدە مىلادىي 749-يىلى قىشتا ئەنشى(كۇچا)گە كېلىپ ،ئەنشىدىكى تۆت قورغاننىڭ ھېراۋۇلى گاۋشىيەنجىنىڭ قول ئاستىدا مىرزا بۇلۇپ ئىشلىگەن. ئەپسۇس ئۆزى ئويلىغان تۆھپىنى يارىتالماي مىلادىي 751-يىلى باش كۈزدە چاڭئەنگە قايتىپ كېلىدۇ. ئىككىنچى قېتىم مىلادىي 754 –يىلى غەربىي يۇرتقا كېلىپ ،ئەنشى قۇرۇقچى بىگى قۇشۇمچە بېشبالىق ھىراۋۇلى فېڭ چاڭچىڭنىڭ ھۇزۇرىدا ئەنشى ۋە بېشبالىقنىڭ ھەكەملىگىنى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ ئەنشى ۋە بېشبالىقتا ئۆتكەن 6 يىل جەريانىدا شائىرانە ھېسياتىنى ئۇرغۇتۇپ ، نەچچە يۈز پارچە قۇرۇل شېئىرلىرىنى يىزىپ ،ئەنشى (كۇچا) ۋە بېشبالىقنىڭ مەنزىرلىرىنى،شۇ مەزگىللىك ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ شېئىرى تارىخ ياراتقان.                                                                                      
8. ۋۇكۇڭ - تاڭ دەۋىرىدە ئۆتكەن راھىپ ۋە سەيياھ .فامىلىسى چې ئىسمى فېڭ چاۋ  .ئەسلى يۇرتى كىنجاپنىڭ يۇنياڭ (ھازىرقى شەنشىنىڭ جىڭياڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا)دىگەن يېرىدىن بۇلۇپ،شىمالىي ۋېي بەگلىگىدە پاناھلانغان قاڭقىل خانىنىڭ ئەۋلادى ئىدى.ئۇ تاڭ سۇلالىسى تىيەنباۋنىڭ 10-يىلى (751- يىلى )چاڭئەندىن يولغا چىقىپ غەرىبكە قىلغان ساياھىتىنى باشلىغان ۋە تاڭ سۇلالىسى جېنيۇەننىڭ 6-يىلى( 790 – يىلى )چاڭئەنگە قايتىپ كەلگەن . ئۇ غەرىبكە قىلغان بېرىش – كىلىش سەپىرىدە ئوخشاشلا كۇچادىن ئۆتكەن . سەپەردىن قايىتقاندىن كېيىن يازغان « ۋۇكۇڭنىڭ ئەنەتكەك ئېلىگە سەپەر خاتىرىسى » دە « كۈسەن خانى بەي خۇەن كۈسەن  شەھىرىدە تۇرىدۇ . شەھەر قوۋۇقىنىڭ سىرتىدا پادما ( نىلۇپەر ) ئىبادەتخانىسى بار . بۇ ئىبادەتخانىدا دۆلەت ئۇستازى ئۇتپالاۋىريا بار .ئۇ (ۋۇكۇڭ) « ئون كۈچ سۇترا » ( داسابالا سۇترا ) نى ئۇنىڭ( ئۇتپالاۋىريانىڭ) تەرجىمە قىلىپ بېرىشىغا تاپشۇرىدۇ . راھىبكالان بۇنى ماقۇل كۆرۈپ ئۈچ كەسلەم قەغەزگە بىر جىلىد قىلىپ چىقىدۇ . راھىبكالاننىڭ سۆزى تۆت قورغاندا ئاقاتتى ، ئۇ سانسكىرت تىل يېزىقى بىلەن خەنزۇ تىل – يېزىقىغا پىششىق ئىكەن . داسابالا سۇترا بولسا ساكيامۇنى شىرۋاستى ئېلىدە سۆزلىگەن سۇترا ئىدى » دەپ كۈسەندە  ئۆتكەن مەشھۇر بۇددا ئالىملىرىدىن  خەۋەر بېرىدۇ .
9. سالام – ئەرەپ. مىلادى 845 –يىلى خەلىپىنىڭ تاپشۇرۇقى بۇيىچە ئېلىمىزگە كېلىپ ،سەدىچىن سېپىلىنى تەكشۈرگىلى ماڭغاندا قۇم(ئاقسۇ) ،كۈسەن قاتارلىق جايلاردىن  ئۆتكەن.
10 . جى يې – شىمالى سۇڭ سۇلالىسى دەۋىرىدە ئۆتكەن راھىپ ۋە سەيياھ . ئۇ 964 – يىلى باشلىغان ھىندىستان سەپىرىدە شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئېۋىرغول ( قۇمۇل ) ، قارا غۇجا ( تۇرپان ) ، قاراشەھەر ، كۇچا ، خوتەن ، سۇلى ( قەشقەر ) ، پامىردىن ئۆتۈپ ھىندىستانغا بارغان . جى يې كۇچادىن تەكلىماكان قۇملۇقى ئارقىلىق خوتەنگە ئۆتكەن بۇلۇپ بۇ جەرياندا سىم – سىم ، قۇمتۇرا ، مازارباغ ، قىزىلقاغا ، قىزىل ، ئونباش ، ياقئېرىق مىڭ ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلغان .
11 . شىڭ چىن – شىمالى سۇڭ دەۋىرىدە ئۆتكەن راھىب . 966 – يىلى شىڭ چىن قاتارلىق 157 كىشى نوم ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا كېتىۋېتىپ كۈسەندىن ئۆتتى. ئۇ كېيىن « مەغرىپ يوللىرى » نى يازغان .
21. ۋاڭ يەندى ( 939 – 1006 – يىللار ) شىمالى سۇڭ دەۋىرىدىكى مەشھۇر دىپلومات ۋە سەيىياھ . ئۇ شىمالى سۇڭ خاقانى سۇڭ تەيزۇڭ جاۋگۇاڭيىڭنىڭ ئەمرى بىلەن 982 – يىلى 4 – ئايدىن ، 983 – يىلى باھارغىچە قوچۇ ئويغۇر ئېلىدە زىيارەت ۋە سۆھبەتتە بولغان شۇنىڭ بىلەن بىرگە 982 – يىلى 9 – ئايدا كۈسەن ئېلىگە كېلىپ يىل ئاخىرىغىچە بۇ جايدا ساياھەتتە بولغان . ئۇ ئۆزىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ۋاڭ يەندىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە : « كۈسەنلىكلەرنىڭ تېرىسىنىڭ ئاق ، كېلىشكەن كىشىلەر ئىكەنلىكى ، كۈسەندىن ئەڭ قىممەتلىك مەدەن بۇيۇم بولغان دانىكانىڭ چىقىدىغانلىقى ، ئالتۇن – كۈمۈش ، مىس ، تۆمۈردىن نەپىس بۇيۇملارنى ياساش سەنئىتىنىڭ ئۈستۇنلىكى » توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن .
17 ئىزۋىتوف رۇس كارتوگىرافى. ئۇ17 -ئەسىردە كۇچا، باي ، ئۈچتۇرپان، ئاقسۇ، سايرام، قاراشەھەر ...لەرگە كېلىپ جۇغراپىيىگە ئائىت ماتىرىياللارنى توپلىغان ھەم مۇشۇ جايلارنىڭ پاراللېل،مېرىدىئانلىرىنى ئۆلچەپ بېكىتىپ ،خەرىتىسىنى سىزىپ ئېلىپ كەتكەن.
14 . بېندېكىت – ياۋرۇپالىق مىسسىئونىر . ئۇ 1603 – يىلى جۇڭگۇغا بېرىپ دىن تارقىتىش ئۈچۈن لاھۇردىن يولغا چىقىپ ھىمالايا تاغلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ ھەمدە يەكەن ، قەشقەر ، ئاقسۇ ، كۇچار ، قاراشەھەر ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ ئىچكى ئۆلكىلەرگە يېتىپ بارىدۇ . ئۇبۇ جەرياندا بىر ساياھەت خاتىرىسى يېزىپ چىقىدۇ .                  
15. ئېبىندۇ- پورتۇگالىيىلىك .مىلادى  1603-يىلى سۇڭلىڭ چوققىسىدىن ئۆتۈپ،يەكەن ،ئاقسۇ،كۇچا ئارقىلىق شەرققە قاراپ مېڭىپ ئچكىرى ئۆلكىگە بارغان.
16. شيې چىشى - چىڭ سۇلالىسىنڭ 1726-1736-يىللىرى ئەمىلى چۈشۈرلۈپ ئولاستاي (بۇگۈنكى مۇڭغۇليە خەلىق قۇرۇليىتى جابۇخان ئۆلكىسنى كۆرسىتىدۇ)غا سۈرگۈن قىلىنغان ئەمەلدارى.ئۇ ئولاستايغا سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن ئۇلۇغ سانغۇن پىڭجۈن ۋاڭى فۇپىڭنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن كۇچا رايۇنىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ‹‹روڭمۇ خاتىرىلىرى››دە :‹‹دىڭگۇ تېغىدىكى مىڭئۆي (يەنى قۇمتۇرا مىڭئۆينى كۆرسىتىدۇ)دە ئاق كىيىم غارى بار،بۇ تاغ ‹تاڭنامە›دە تىلغا ئېلىنغان ئاق تاغنى كۆرسىتىدۇ.تاغ غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇپقا سۇزۇلغان بۇلۇپ،تەڭرى تېغىنىڭ بىر تارمىقىدۇر . ئاق كىيىم غارىدا ئون نەچچە ئاجايىپ ھەيكەل بار بۇلۇپ ، بۇزۇلۇپ كەتكەچكە ئېنىق تۇنىغىلى بولمايدۇ.غارنىڭ ئىگىزلىكى ۋە كەڭلىكى ئۆيچىلىك بۇلۇپ ، غارنىڭ يېنىدا بىر بۇلاق بار،غارنىڭ ئاق كىيىملىك چوڭ بىر نەپىس ھەيكەل بار،ئۇنىڭ كىيىم ۋە بەلۋاغلىرىشامالدا يەلپۇنۋاتقان بۇلۇپ ۋۇ داۋزىنىڭ قۇلىدىن چىققاندەك قىلىدۇ.غارنىڭ سول تەرىپىدە يەنە ئەگرى غاردىن بىرسى بار بۇلۇپ ، غەربىي جەنۇپ تەرەپتىكى  نۇرغۇن تاغ چوققىسىنى كۆرگىلى بۇلىدىكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ ئىسمى بولمىسىمۇ ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىكەن ، كۈن پاتقاندا بۇتاغقا كۈن نۇرى چۈشىدىكەن.قاردىن قايىتقان نۇرناھايىتى كۈچلۈك بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا ئۇزاق قاراشقا بولمايدىكەن . تاغنىڭ ئاستى ئۈستىدە يۈزدىن ئارتۇق غار بارئىكەن.بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈەن دەۋرىدە قىزىلغانىكەن،بۇتلارنىمۇ لامالار ياسىغان بۇلۇپ ، بۇتلار ناھايىتى غەلىتە ،سەت ئىكەن .تامغا كەيشۇ ھۆسنىخەت بىلەن سانسار نومى ئۇيۇلغان بۇلۇپ ، بۇ يۈەن دەۋرىدىكى ئادەملەر يازغان نەرسىمۇ ياكى تاڭ دەۋرىدىكى ئادەملەر ئويغانمۇ بىلگىلى بولمايدۇ. مۇناردىن بۇيەرگە 50-60چاقىرىم كىلىدىكەن . بۇ يەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي پۈتۈنلەي سېپىلدەك يارداڭلىقتۇر.بۇ سېپىلنىڭ ئۈستىگە يەنە ئىككى قەۋەت سېپىل ياسالغان بۇلۇپ، يۇقۇرلىغانسىرى تارىيىپ بارىدۇ . ئاستىدىن يۇقىرىغا قارىغاندا خۇددى ئالدىمىزدا تۇرغاندەكلا قىلىدۇ، بىراق ناھايىتى تىك بۇلۇپ چىققىلى بولمايدىكەن . چۇقۇم تاغنىڭ ئارقىسدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەككەن . يەنە بىر نەچچە مو كىلىدىغان سازلىق بار بۇلۇپ ، سۈيى كۆپ ئەمەسكەن . تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەرگە قورۇل قۇرۇپ تۈركەشلەردىن مۇداپىيە كۆرگەن. بۇددا مۇنارنىڭ ئاستىدا ئىككى پارچە مەڭگۈ تاش بار .خەتلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى تۇنىغىلى بۇلىدۇ.تاڭ سۇلالىسى كەييۈەن 3-يىلى (715-يىلى) ئەنشىنىڭ قۇرۇقچىبىگى ليۇشيۇجىڭ تەپتىش بىگى جاڭ شىياۋسۇڭ ئالياۋداگەن شەھىرىنى بېسىقتۇرغانلىقى ئۈچۈن ،بۇتۆھپە مەڭگۈ تېشىنى ئورناتقان جاڭ شىياۋسۇڭ يارلىققا بىنائەن بۇ يەرگە كەلگەنىكەن . ئۇ تۈبۈتلەرنىڭ زورلۇق زۇمبۇلۇقىغا چىداپ تۇرالمىغان .فەرغانىنىڭ كۈچى ئاجىزلىشىپ كەتكەنىدى.شۇڭا ئۇ غەربىي يۇرتقا كىلىپ ئەسكەر توپلىغان .ئۇ بۇ لەشكەرلەرنى ئېلىپ ئەنشىدىن مىڭ چاقىرىمغىچە ئۇزاپ كەتتى . شەخسەن ئۆزى ئەسكەر باشلاپ جەڭ قىلدى. تۈبۈتلەرنى ئەسىرگە ئالدى ۋە ئۆلتۈردى . شۇڭلاشقا بۇ تۆھپە ئابىدىسىدە ئۇ چاڭ خۇي ۋە چىڭ تاڭ بىلەن بىرگە تىلغا ئېلىنغان .›› دەپ خاتىرە قالدۇرغان.
17. چى شىيى –ئەسلىي ئىسمى چىن يۈەن، مانجۇلارنىڭ كۆك تۇغلۇقلار قۇشۇندىن. 1754-يىلى تەشرىپدارلىقتىن ئۆتكەن .ئۆزىنىڭ ‹‹ياقا يۇرتتىكى ئەرزىمەس پاراڭلار››دىگەن ئەسىرنىڭ 3-تومىدا كۇچا قىزىلقاغا مىڭئۆي ۋە قۇمتۇرا مىڭئۆي توغرىسىدا توختىلىپ ،‹‹غارلار ياسىلىپ ، بۇت رەسىملىرى سىزىلغان››،‹‹تۆت- بەش يۈز غار قىزىلىپ ئىچى رەڭگارەڭ بېزىلىپ ، تۈبۈتلەرنىڭ ھەيۋەتلىك بۇتى سىزىلغان››،ھەم ‹‹تۈبۈتلەرنىڭ خىتى بار ››دەپ يازغان.                        
18. شۈسۇڭ(1781-1848-يىللار) ئىلىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر جۇغراپىشۇناس ئالىمى .جېجىياڭنىڭ شاڭيۇ دىگەن يېرىدىن بۇلۇپ،بالا ۋاقتىدا شۈنتىيەن ۋىلايىتىنىڭ داشىڭ  ناھىيىسى(ھازىرقى بېيجىڭ شەھىرى نىڭ داشىڭ رايۇنى)گە كۈچۈپ كەلگەن.ئۇ ئىنتايىن ئەقىللىق ۋە تىرىشچان بولغاچقا 25 يېشىدىلا خانلىق ئىمتىھانىدىن بىرىچى دەرىجىلىكلەر ئىچىدىن ئىككىنچى بۇلۇپ ئۆتۈپ تەشرىپدارلىققا ئىرىشىدۇ.29 ياشقا كىرگەن يىلى تاڭ سۇلالىسى ئۇمۇمىي ھۆججەتلەر سارىيىغا كىرىپ،باشقۇرغۇچى،قۇشۇمچە باش تەھرىر قاترلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستگەئېلىپ،‹‹تاڭ سۇلالىسى ئۇمۇمى ھۆججەتلىرى››نى تەھرىرلەشكە ئۇمۇميۈزلۈك مەسئۇل بۇلىدۇ.شۇنداقلا ‹‹سۇڭ سۇلالىسىگە دائىر مۇھىم خاتىرىلەر››،‹‹تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئىككى پايتەختىدىكى كىتاپلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ››قاتارلىق مۇھىم ئەسەرلەرنى يازىدۇ ياكى  يىزىشنى باشلايدۇ. مەرىپەت بىلەن ئىدارە قىلىش قەدىرلىنىۋاتقان دەۋردە،شۈسۇڭ مۇشۇ تۆھپىلىرى بىلەن جىياچىڭ خان تەرىپىدىن  مۇكاپاتلىنىدۇ ۋە شۇ يىلىلا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىلىم تەپتىشلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. بىراق ،ئۇنىڭ ياش تۇرۇپلا مۇشۇنداق كاتتا شۆھرەتلەرگە ئىگە بۇلۇپ كىتىشىدىن ھەسەت قىلىشقان بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇئىلى جىياڭجۈن مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي ئىلىنىڭ كۈرە شەھرىگە پالىنىدۇ. ئۇ 1812 –يىلى كۈرەگە كەلگەندىن كىيىن ، ئىلى جىياڭجۈنى سۇڭ يۈن تەرىپىدىن ۋاڭ تىڭكەي، چى يۈنشى يازغان ‹‹غەربىي چىگرانى  باشقۇرۇشقا دائىر ئىشلار ››(1812 –يىلى داۋگۇاڭ خان تەرىپىدىن شىنجاڭ ھەققىدە قىسقىچە بايان دەپ نام قۇيۇلغان) دىگەن تەزكىرە كىتابىنى تۈزۈتۈشكە بۇيرۇلىدۇ.  ئۇ ئىلى جىياڭجۈنىنىڭ رۇخسىتى ۋە قوللىشى ئاستىدا تەزكىرىنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىىدا ئۇزاق مەزگىل نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش  ئىمكانىيىتىگە ئىرىشىدۇ. 1816   _  يىلى شۈسوڭ قەشقەردىن ئۈرۈمچى ئارقىلىق ئىلىغا قايتىشىدا قىزىل مىڭ ئۆي ۋە قۇمتۇرا مىڭ ئۆي توغرىسدا خاتىرە قالدۇرغان. ئۇ تۈزگەن ‹‹ غەربىي يۇرتنىڭ دەريا-ئېقىنلىرى ھەققىدە خاتىرە ››دىگەن ئەسىرنىڭ 2-تومىدا ‹‹قىزىل دەرياسى يەنە جەنۇپقا قاراپ 30 چاقىرىمدىن ئارتۇقراق ئېقىپ مىڭئۆينىڭ غەربىدىن ئۆتىدۇ . تاغ ئاستىدىكى نەپىس بۇلۇتلارنىڭ ھەيۋىتىنى ھازىرمۇ ھېس قىلغىلى بۇلىدۇ. تامدا خۈيچېن دېگەن بېغىشلىما بۇلۇپ راھىپنىڭ ئىسمىدەك قىلىدۇ .دەريا يارنىڭ ئاستىدىن ئۆتۈپ ،يەكەن دەرياسىغا قۇشۇلىدۇ ھەم ئۆگەن دەرياسى دەپ ئاتىلدۇ . ئۆگەن دەرياسى شەرىققە قاراپ ئېقىپ يەنە جەنۇپقا بۇرۇلۇپ 40چاقىرىمچە ئېقىپ دىڭگۇ تېغىنىڭ غەرىبىدىن ئۆتىدۇ ، تاغ بەكلا ھەيۋەتلىك ،ئۇنىڭغا بەش غار قېزىلغان بۇلۇپ ،ئېگىزلىكى ئىچكىرلىكى ئىككى غۇلاشتىن ئاشىدۇ ،تېمىغا ئوندىن ئارتۇق بۇت چىقرىلغان مارجانلىرى پارقىراق گۈللىرى خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغاندەك كۈرىندىغان رەڭگارەڭ تام رەسىملىرى بار ،.....سانسىكىرىتچە ھۆسنىخەت بىلەن  يېزىلغان  خېتى شەكىللىك ھالقىسى بار… بۇنىڭدىن  باشقا بىريەرگەسىرامانىڭ ئىسمى ئۇيۇلغان .غەربى قىرغىقىدا بىر قەدىمىكى شەھەر بار ›› دەپ خاتىرە قالدۇرغان . ئۇ ئەنە شۇنداق تۈمەن چاقىرىم سەپەر قىلىپ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىىدا بارمىغان جايى قالمىغان بۇلۇپ، مۇشۇ جەرياندا توپلىغان ماتىرىياللىرىغا ئاساسەن  ‹‹غەربىي چىگرانى  باشقۇرۇشقا دائىر ئىشلار ››نى تۈزەتكەندىن باشقا يەنە ‹‹غەربىي يۇرتنىڭ دەريا-ئېقىنلىرى ھەققىدە خاتىرە››،‹‹خەننامىدىكى غەربىي يۇرت تەزكىرىسىگە تۇلۇقلىما ئىزاھات›› قاتارلىق كىتابىنى يىزىپ چىققان.1820-يىل بېيجىڭغا قايتىدۇ.         
19 . لىن زېشۈ ( 1785 – 1850 – يىللار ) چىڭ سۇلالىسى دەۋىرىدىكى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر ، مەشھۇر مىللى قەھرىمان ، دۇنيا زەھەر چەكلەش پىشىۋاسى . 1839 – يىلى خۇمىندا ئەپيۈن كۆيدۈرگەن ۋە 1840 – يىلى ئەپيۈن ئۇرۇشى رەسمى پارتىلىغاندا ئۇرۇشقا باشتىن ئاخىر قوماندانلىق قىلىپ ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىللىرىغا زەربە بەرگەن . 1841 – يىلى گۇاڭجۇ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان . داۋگۇاڭ خان يارلىق چۈشۈرۈپ ئۇنى   تۆھپە كۆرسىتىپ گۇناھىنى يۇيۇشقا ئىلىغا سۈرگۈن قىلغان . ئۇ سۈرگۈن مەزگىللىرىدىمۇ دۆلەت ، خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ ، ئىلىدا بوز يەر ئېچىش ۋە سۇ ئىنشائاتى قۇرلۇشى ئىشلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدۇ . ۋە ئۇنى پىلانلايدۇ . 1845 – يىلى داۋگۇاڭ خانىنىڭ پەرمانى بۇيىچە كۇچا ، ئۈچتۇرپان ، ئاقسۇ ، خوتەن ، يەكەن قەشقەر ، قارا شەھەر ، قاتارلىق يەتتە شەھەردە بوز يەر ۋە سۇ ئىنشائاتى قۇرلۇشلىرىنى تەكشۈرىدۇ . ئۇ بۇ جەر يانلاردا 3 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن ، 4 – ئاينىڭ 6 – كۈنىگىچە تويبولدى دىگەن جايدا ( ھازىر شايار ناھىيسىگە تەۋە ) ئېچىلغان بوز يەرگە بېرىپ ، ئەتراپتىكى 68 مىڭ مودىن ئارتۇق يەرنى ئۆلچەپ چىققان .
20 . چوقان چىڭغىزوۋىچ ۋەلىخانوف ( 1835 – 1865 – يىللار ) چاررۇسىينىڭ قازاق مىللىتىدىن يىتىشىپ چىققان ئوفتسېرى ، داڭلىق شەرقشۇناس . ئۇ 1858 – 1859 – يىللىرى شىنجاڭغا قىلغان ساياھىتىدە كۇچادا ئىجتىمائى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋە مىڭ ئۆيلەر توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن . ئۇ ياۋرۇپا ئالىملىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم مىڭئۆيلەر توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشكەن كىشى ھېسابلىنىدۇ . ئۇ كۇچا مىڭئۆيلىرى توغرىسىدا توختىلىپ « ... نۇرغۇن ئۆڭكۈر بۇلۇپ ، بىر ئۆڭكۈردە تاشتىن ئۇيۇلغان بۇت ھەيكىلى بار . بۇ قۇرۇلۇش تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ . » دەپ يازىدۇ .
21 . ئا . ن . كوروپاتكىن – چارروسىينىڭ مەشھۇر كېڭەيمىچى ئوفېتسېرى ، دىپلومات . ئۇ چارروسىينىڭ تۈركىستاندىكى باش ۋالىيسى فون كائوفماننىڭ بۇيرىقى بىلەن توپچى قىسىملار كاپىتانى  ن . كوروپاتكىن ، لېيتنات ن .سىتارتسىيېۋ ، ئا . سونارگولوۋ ، دوختۇر ئېرىن ، تەبىئەتشۇناس ۋىلىكىنىسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چار پادىشاھ ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ 1876 – يىلى 25 – ئۆكتەبىر ( 6 – نويابىر ) دە تېرەك داۋان ئارقىلىق قەشقەر شەھرىگە كەلگەن . 1876 – يىلى 11  - يانىۋار ( 23 – يانىۋار ) دىن 1877 – يىلى 6 – فېۋرال ( 18 – فېۋرال ) غىچە ۋاقتىنچە كورلىدا تۇرۇۋاتقان شۇ مەزگىللەردىكى ئاتالمىش يەتتە شەھەر ھاكىميىتىنىڭ ھۆكۈمرانى ياقۇپبەگ ئاتالىق غازى  بىلەن دىپلۇماتىيە سۆھبىتى ئېلىپ بارغان . بۇ جەريانلاردا قەشقەر ، مارالبېشى ، ئاقسۇ ، باي ، كۇچا ، كورلا قاتارلىق جايلارغا بارغان ۋە بۇ جايلارنىڭ ئەھۋاللىرىنى ھەر جەھەتتىن ئىنچىكە كۆزەتكەن ، مۇشۇ كۆرگەن - بىلگەنلىرىنى ئاساسىدا « قە شقەرىيە » ناملىق كىتابنى يىزىپ شىنجاڭنىڭ جۈملىدىن كۇچانىڭ ئىقتىساد – سودا ئەھۋالى ، تەبئىي مەھسۇلاتلىرى ، كىيىم – كېچەك ، يىمەك – ئىچمەك ئادەتلىرى ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئادەتلىرى ، مەمۇرى رايۇنلارغا بۆلىنىشى ، مەمۇرى باشقۇرۇش ئەھۋاللىرى ، ھەربى كۈچ قاتارلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇنۇشتۇرغان .
22 . پىرژىۋالىسكىي ( 1839 – 1888 – يىللار ) روسىينىڭ داڭلىق ئېكىسپىدىتسىيچى . 1876 – يىلى لوپنۇرغا قىلغان ساياھىتىدە ئىلىدىن شەرىققە قاراپ يولغا چىقىپ ، تەڭرىتاغدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، يۇلتۇز ۋادىسى ئارقىلىق كۈسەن زېمىنىغا كەلگەن ۋە جۇغراپىيلىك ئۆلچەش سىزىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇ بۇ سەپىرىدىن قايىتقاندىن كېيىن « غۇلجىدىن ، تەڭرىتېغىدىن ئۆتۈپ لوپنۇرغا قاراپ ئىلگىرلەش » ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يېزىپ چىققان .
23 . كارېي – ئەنگىلىيلىك ئېكىسپىدىتسىيچى . ئۇ 1885- بىر ئېكىسپىدىتسىيە گۇرۇپپىسنى باشلاپ لېھتىن يولغا چىقىدۇ . ئۇلار دەسلەپ تىبەتكە كېلىدۇ ، ئاندىن قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن  ئۆتۈپ كېرىيە ۋە خوتەن بوستانلىقىغا بارىدۇ . بۇ يەردىن يەنە خوتەن دەرياسىنى بويلاپ تەكلىمان چۆلىنى كېسىپ ئۆتۈپ تارىم دەرياسىغا چىقىدۇ . ئۇلار يەنە كۇچا ، كورلا ، قارا شەھەر ، تۇرپان ، قۇمۇل بوستانلىقىنى ئايلىنىپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ ۋە بۇيەردىن كەشمىرگە قايتىدۇ . كارىي كېيىن ئۆزىنىڭ « جۇڭگۇ تۈركىستانىغا ساياھەت » ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىدۇ .
24 . خامىلتون بوۋېر – ئەنگىلىينڭ لېيتېنانت دەرىجىلىك ئوفتسېرى . ئۇ 1890 – يىلى كۇچاغا ۋەزىپە بىلەن كەلگەن ۋە كوناشەھەر خانىقا مەسچىت ئالدىدا بىرەيلەندىن سۇ بېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن تېپىلغان قىيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقىغا يېزىلغان سانسىكىرىت يېزىقىدىكى ۋەسىقىنى سېتىۋالغان . بۇ ۋەسىقىنىڭ نامى بولمىغاچقا بوۋىرنىڭ نامى بىلەن « بوۋېر قوليازما نۇسخىسى » ياكى‹‹ بوۋېر كىتابى›› دەپ ئاتالغان . بۇ ۋەسىقە 7 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ قىسىمى تىبابەتچىلىك – دورىگەرلىككە دائىر مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان قالغان قىسىملىرى ئىپتىدائىي پالچىلىق ۋە سېھرى ئەپسۇنلاردىن ئىبارەت . بۇ ۋەسىقە بېنگال ئاسىيا ئىلىمى جەمئىيتىنىڭ تىلشۇناسلىق كاتىپى ، دوكتور خورنىلى تەرىپىدىن 1891 – يىلىدىن 1912 – يىلىغىچە تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىنغان . بۇ قوليازما ھازىر ئەنگىلىيە ئوكسفورد ئونۋېرېستىتىنىڭ بودلىيان كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا . بۇ ۋەسىقە بۇددىزىم دەۋىرىدىكى كۈسەن تىبابەتچىلىك – دورىگەرچىلىك مەدىنىيتىنىڭ شانلىق مەنزىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇھىم ماتىرىيالدۇر .
25 . سېۋىن ھېدىن ( 1865 – 1952 – يىللار ) شىۋىتسىيلىك مەشھۇر جۇغراپىيشۇناس ، ئارخېئولوگ ، ئېكىسپېدىتسىيچى. ئۇ 1894 – يىلىدىن 1896 – يىلى 12 – ئايغىچە ئۆزىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان .ئۇ 1895-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى قەشقەرگە كەلگەندىن باشلاپ،مارالبېشى ،كىرىيە ،كۇچا، قاراشەھەر، كورلا، لوپنۇر قاتارلىق جايلاردا ئارخېئولۇگىيىلىك ۋە جۇغراپىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، كۇچادا 1896 – يىلى 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنىدىن 18 – كۈنىگىچە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى . ئۇ بۇ قېتىملىق ئېكىسپېدىتسىيدە نۇرغۇن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئېلىپ كەتكەن ۋە توپلىغان ماتىرىياللىرغا ئاساسەن « ئاسىيانى كېسىپ ئۆتۈش » ناملىق 2 توملۇق ئەسىرىنى يېزىپ چىقىپ 1898-يىلى نەشىر قىلدۇرىدۇ.
26.كوزلوۋ(1863-1935-يىللار)روسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئېكىسپېدىتسىيىچىسى.
1898-يىلى كوزلوۋ كۇچاغا كېلىپ سۇ بېشى بۇددا خارابىسى قاتارلىق ئۇرۇنلارنى تەكشۈرگەن. سۇ بېشى بۇددا خارابىسىدىن تارىخى مەنبەلەردە خاتىرلەنگەن ،ئېغىرلىقى 2000كېلۇگىرامدىن ئاشىدىغان قاشتېشىنى بايقاپ ،ئۇنى پارچىلاپ رۇسىيىگە ئەكەتمەكچى بولغاندا ،كۇچا خەلقى قوزغىلىپ قاشتېشىنى چەتئەلگە ئېلىپ كىتىشكە يول قويمىغان.
27.ۋاتانابى تىششىن (渡边哲信) ۋە خورى كېنىيۇ    – ياپۇنىيە 1-قېتىملىق داگۇ ( ئوتانى ) ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىنىڭ ئەزالىرى . 1902 – يىلى ياپۇنىيە شىبېنيۈەن ئىبادەتخانىسىنىڭ 22 – ئەۋلاد راھىبكالانى ئوتانى كوئول ( داگۇ گۇاڭرۈي – 1876 – 1948 – يىللار ) شەخسى مەبلەغ بىلەن ۋاتانابى تىششىن ، خورى كېنىيۇ ،بېندوخۇيلۇڭ ، جىنشاڭ دەنخۇڭ قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان 1 – قېتىملىق ئوتانى ( داگۇ ) ئېكىسپېدىتسىيە ئەتىرىتىنى تەشكىللەپ شىنجاڭغا كەلگەن . ۋاتانابى تىششىن ۋە خورى كېنىيۇ ئوتانىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بۇيىچە 1903 – يىلى 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن  4 – ئاينىڭ 22 – كۈنىگىچە قىزىل مىڭئۆيدە تەكشۈرۈش ، قېزىش ، خاتىرلەش ، رەسىمگە تارتىش ۋە ئۆلچەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇلار بۇر يەردە تۇرغان يەتتە كۈن جەريانىدا 60 تىن ئارتۇق غارنى تەكشۈرگەن . ئۇلار بۇ جەريانىدا 224 – غاردىكى سەككىز پادىشاھنىڭ شارىرا تالىشىشىدىكى بىراخمان دۇرانانىڭ رەسمىنى ۋە 198 – غاردىكى نوم نوملاش رەسىمىنى كېسىپ ئېلىپ كەتكەن شۇنىڭ بىلەن قالماي سۇ بېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى ، تۇڭگۇز باش قەدىمكى شەھىرى ، قۇمتۇرا مىڭئۆيلىرىدە ئارخېئولۇگىيلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان ۋە نۇرغۇن ھەيكەل ، قورچاق ، ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە مەشھۇر « جەسەت كۈلى قۇتىسى » نىمۇ ياپۇنىيەگە ئېلىپ كەتكەن . بۇقېتىمقى تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ۋاتانابى تىششىن 1937 – يىلى ، خورى كېنىيۇ 1959 – 1961 – يىلى ساياھەت خاتىرىلىرىنى ئېلان قىلغان .
28 . ئالبېرت گرونۋېدىل ( 1856 – 1935 – يىللار ) ۋە ئالبېرت . ۋون ، لېكوك ( 1860 – 1930 – يىللار ) گېرمانىينىڭ مەشھۇر شەرقشۇناس ئېكىسپىدىتسىچىللىرى . ئۇلار ئايرىم – ئايرىم ھالدا « گىرمانىيە تۇرپان ئىكىسپىدىتسىيە ئەترىتى » نىڭ 1 - ، 2 – قېتىملىق تەكشۈرۈشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، 1905 – يىلى بىرلىكتە بۇ ئەترەتنىڭ 3 – قېتىملىق تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ . بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش 1907 – يىلى 4 – ئايغىچە داۋاملاشقان بۇلۇپ ، مارالبېشى ، كۇچا ، تۇرپان . قاراشەھەر ، قۇمۇل قاتارلىق جايلار بۇ قېتىمقى ئېكىسپىدىتسىينىڭ تەكشۈرۈش نوقتىسى بولغان. تەكشۈرۈشكە گىرونۋېدېل ، لېكوك ، بېرلىن خان جەمەتى ئېتنوگرافىيە موزىينىڭ تېخنىكىسى تېئودور باتۇس ۋە گىرونۋېدېلنىڭ خەنزۇچە بىلىدىغان ياردەمچىسى پورت قاتناشقان . ئۇلار 1906 – يىلى 1 – ئاينىڭ 27 – كۈنىدىن   2 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە قۇمتۇر مىڭئۆيدە غارنىڭ تۈزلۈش ۋە جايلىشىش خەرىتىسىنى سىزىدۇ ، غاردىكى رەسىملەرنىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرىدۇ ۋە ياخشى ساقلانغان ㎡ 26.8 كۆلەمدىكى رەسىملەرنى كېسىپ ئېلىپ كىتىدۇ . 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن باشلاپ قىزىل مىڭئۆيگە كېلىپ رەسىمگە تارتىش ، تام رەسىملەرنى كۆچۈرۈپ سىزىش ۋە كېسىش شۇنداقلا ئارخېئولوگىيلىك قېزىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . غارلارغا نام بېرىپ نۇمۇر قۇيۇپ چىقىدۇ . بۇ جەرياندا نۇرغۇن قەدىمى قوليازمىلار ، نەپىس بۇددا ھەيكەللىرى ، ياغاچ ئويمىلارنى قولغا چۈشۈرىدۇ .
گېرونۋېدېل بۇ قېتىمقى ئېكىسپىدىتسىيدىن قايتىپ گېرمانيىگە بارغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ 1902 - ، 1903- يىللاردىكى ۋە بۇ قېتىمقى(1905 - ، 1907 – يىللاردىكى ) يىغقان ماتىرىياللىرغا ئاساسەن 1912 – يىلى « جۇڭگۇ شىنىجاڭدىكى قەدىمكى بۇددا ئىبادەتخانىللىرى » دىگەن ئەسىرىنى ، 1920 – يىلى « قەدىمىي كۇچا » دىگەن كىتابنى نەشىر قىلدۇرىدۇ .
لېكوك 1913 – يىلى 4 – ئايدىن 1914 – يىلى 2 – ئايغىچە گىرمانىيە ( پىروسىيە ) خانلىق تۇرپان ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتىنىڭ 4 – قېتىملىق پائالىيتىنى ئېلىپ بارىدۇ . ئۇلار بۇ جەرياندا قىزىل مىڭئۆي ، قۇمتۇرا مىڭئۆي ، سۇ بېشى بۇددا ئىبادەت خانىسى، سىم- سىم مىڭئۆي قاتارلىق جايلاردا ، تام رەسىملىرىنى كېسىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ھەر بىرىنىڭ 70-80 كېلوگىرام كېلىدىغان 156 ساندۇق يادىكارلىقنى گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىدۇ . لېكوك بۇ سەپەرلەردىن كىيىن يېغىلغان ماتىرىياللارنى  رەتلەپ 1918- يىلى 7توملۇق ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى بۇددىزىم يادىكارلىقلىرى›› دېگەن ئەسىرىنى 1925-يىلى ‹‹ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سەنئەت ۋە مەدەنىيەت تارىخى ئاتلىسى ›› دىگەن رەسىملىك كىتابىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ . بۇ ئاتلاسقا قىزىل ، قۇمتۇرا ، قىزىلقاغا ، سىم – سىم مىڭئۆيلەرنىڭ نەپىس تام رەسىملىرى كىرگۈزۈلگەن .
29 . ئاكا – ئۇكا بېرژوۋىسكىيلار – 1905 – يىلىدىن 1906 – يىلىغىچە قۇمتۇرا ، قىزىل ، سىم – سىم مىڭئۆيلىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغان روسىيلىك ئېكىسپىدىتسىيچىلەر . ئۇلار مىڭئۆيلەردە رەسىم تارتىش ، تام رەسىملىرىنى كۆچۈرۈپ سىزىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . ھەيكەل ، كۈسەن يېزىقىدىكى بىكشۇلارنىڭ پەرھىزنامىسىنى ۋە قىزىل مىڭئۆينىڭ 198 – غارىدىكى رەسىملەرنى كېسىپ ئېلىپ كېتىدۇ .
30 . پائۇل بېللىئوت ( 1878 – 1945 – يىللار ) مەشھۇر فىرانسۇز شەرقشۇناس . ئۇ غەرپ دۇنياسىغا تۇنۇلغان تالانتلىق مەشھۇر خەنزۇشۇناس ، ئالىم ئېدۋارد چاۋانىسنىڭ شاگىرتى بۇلۇپ ، خەنزۇ تىلىدىن باشقا ئوتتۇرا ئاسىيادا قەدىمدە قوللىنىلغان، ھازىر يوقالغان دەپ قارىلىپ كەلگەن 13 خىل تىل يېزىقنى پىششىق بىلەتتى . بېللىئوت مەسئۇل بولغان بۇ ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتىدە گىئوگرافىيە ئالىمى لوئىس ۋائىلانت ، فوتۇگراف نائۇتتى قاتارلىق تۆت كىشى بار بۇلۇپ ، بۇ ئەترەت 1906 – يىلى 6 – ئاينىڭ 15 – كۈنى پارىژدىن يولغا چىقىپ موسكىۋا ، ئودىنبۇرۇگلار ئارقىلىق تاشكەنتكە ۋە شۈەنزاڭنىڭ ساياھەت لىنىيسى بۇيىچە داۋاملىق شەرققە قاراپ مېڭىپ  قەشقەرگە كەلگەن . ئۇ تاشكەنتتە تۇرغان ئىككى ئاي جەريانىدا ۋە قەشقەردىكى تەكشۈرۈش جەريانلىرىدا ئويغۇر تىلىنى سېستىمىلىق ئۆگەنگەن ۋە تەتقىق قىلىغان .
پائۇل بېللىئوت قەشقەر ، ئاتۇش ، مارالبېشىدىكى تەكشۈرۈش پائالىيتىنى تۈگىتىپ 1907 – يىلى 2 – ئايدا كۇچاردىكى ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈش پائالىيتىنى باشلايدۇ . قۇمتۇرا مىڭئۆيدە 2 ئايدىن ئارتۇق تۇرۇپ نۇرغۇنلىغان لاي ھەيكەل ۋە كۈسەن يېزىقىدىكى تارشا پۈتۈكنى تاپىدۇ . 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنىدىن ، 6 – ئاينىڭ 4 – كۈنىگىچە دۇلدۇلئۇقۇر بۇددا خارابىسىدە (شاھتۇر ۋە ئۈچتۇر خارابىسىدە) ئارخېئولوگىيلىك قېزىش بىلەن شۇغۇللانغان . قېزىش جەريانىدا ۋۇجۇ يارمىقى ، كەييۈەن تۇڭباۋ پۇلى ، بىراھمانچە خەتلەر بىلەن تولغان كۈسەن خانلىقىنىڭ ئىجتىمائى – ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئائىت گەج تاختايغا ئۇيۇلغان ھۆججەت ، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان كۆك رەڭلىك ئەينەك پارچىلىرى ، ساپما كەش ، تىپىك قەندىھار سەنئەت ئۇسلۇبىدا ياسالغان رەڭلىك بۇددا ھەيكىلى ، نەپىس نەقىش ئۇيۇلغان ياغاچ لىم  ، تۈۋرۈك ، سۈپۈرگە ، بىردانە ياغاچ قۇلۇپ ، مىس كۆرگۈ  (ئەينەك ) ، ئۈچ دانە تۈمۈر تامغا  ، شىر سۆرىتى ۋە بۆكەن سۆرىتى نەقىشلەنگەن قاشتېشى تامغىنى تاپقان . يەنە بىر ئېغىز راھىبلار ياتىدىغان ۋىخارا غارىدىن بىرنى قازغاندا بۇ يەردىن شۇ دەۋرلەردە بۇددا ھەيكەللىرىنىڭ .باش قىسمىنى قۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ياغاچ قېلىپىدىن بىرنى تاپقان . بىر بۇتخانا خارابىسى ئەتراپىدىن يىل دەۋرى 750-800-يىللار ئارىلىقىغا تەۋە بولغان بۇددا ھەيكەللىرىنى كۈچۈرۈپ – كۆپەيتىپ باسىدىغان ياغاچ تاختايدىن بىرنى تاپقان . ساقاللىق بىراھمان ، ئۇچۇۋاتقان مالائىكىلەرمەزمۇنىدىكى تام سۆرەتلىرىنى كېسىپ ئېلىپ كەتكەن . ئۇ 1907- يىلى 6- ئاينىڭ 6- كۈنى سۇ بېشى بۇدداخارابىسىگە بېرىپ ئۆز پائالىيىتنى باشلىغان . 6- ئاينىڭ 17- كۈنى ئاخىرلاشتۇرغان . ئۇ قېزىش جەريانىدا ياغاچتىن ياسالغان جەسەت كۈلى قۇتىسىدىن ( شارىرا قۇتىسى ) 30دانە ، يېشىل رەڭلىك ساپالدىن ياسالغان ئۈچ قۇلاقلىق كوزىدىن بىرنى تاپقان . 100 پارچىدىن ئا رتۇق سۆرە ت تارتقان . بىر قىسىم تام سۆرەتلىرىنى كېسىۋالغان . ئۇنىڭدىن باشقا پېللېئوت قۇتلۇق ئوردا ، تۇڭگۇز بېشى قەدىمى خارابىسى ، قىزىلقاغا مىڭئۆي ، شالدىراڭ خارابىلىر ىنى كۇچانىڭ شىمالىدىكى مىس ، كۆمۈر كانلىرىنى تەپسىلى تەكشۈرىدۇ . پائۇل بېللئوت 1907- يىلى 9- ئايدا كۇچادىن نۇرغۇن يادىكارلىقلارنى ئېلىپ فىرانسىيىگە قايتىدۇ . كېيىنچە ‹‹ كۇچادىكى ئارخىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى ›› ، ‹‹دۇلدۇلئوقۇر ۋە سۇ بېشى›› ، ‹‹كۇچا مىڭئۆيلىرى ››، ‹‹كۇچا تام سۆرەتلىرى ۋە نەقىش بېزەكلىرى›› دىگەن ئەسەرلەرنى يازىدۇ .
31. مارىك ئاۋىل سىتەيىن (1862-1943-يىللار) ئەنگىليە تەۋەلىكىدىكى ۋىنگىريلىك يەھۇدى ئېكىسپىدىتسىيىچى ، ئارخېئولوگ. ئۇ ئۆمرىدە ئۈچ قېتىم شنجاڭدا ئېكىسپىدىتسىيەپائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇ 1907- يىلى ۋە1913-يىلدىن 1916-يىلغىچە  جەمئى 2 قېتىم كۇچا بوستانلىقىدىكى مىڭ ئۆي ۋە بۇددا ئىبادەتخانىلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان . بۇ يىللاردا  غەنىيمەت ئالغان يادىكارلىقلارنى رەتلەش ، تۈرگە ئايرىش ، تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ‹‹ غەربى يۇرت ›› ، ‹‹ ئاسىيانىڭ كىندىكى ››  قاتارلىق كىتاپلارنى يازغان .
32. سېرگى پېدوروۋسكى ئولدېنبۇرگ ( 1863-1934- يىللار ) – روسيىلىك بۇددىزىم ئالىمى . ئۇ 1909-1910-يىللىرى ۋە  1914- 1915-يىللىرى تۇرپان ، كۇچا ، نىيە قاتارلىق جايلاردا ئېكىسپىدىتسىيە تەكشۈرىشىدە بۇلىدۇ . كۇچادىكى  مەزگىللىرىدە سۇ بېشى  قەدىمى شەھىرى ۋە سىم - سىم ، قۇمتۇرا ، قىزىل مىڭئۆيلىرىنى تەكشۈرىدۇ. رەسىم ، ھەيكەللەردىن بۇلۇپ جەمئى 100دانىدىن ئارتۇق بۇيۇمنى دۆلىتىگە ئېلىپ كەتكەن . ئۇ قايتقاندىن كىيىن ‹‹ 1909-1910- يىللاردىكى جۇڭگو تۈركىستاندىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى ›› دىگەن ئەسرىنى يازغان .
33. نومۇرا ئىزا بىرونى – ياپۇنىيە 2-قېتىملىق داگۇ (ئوتانى )ئېكسپىدىتسىيە ئەترىتىىنىڭ ئەزاسى  . ئۇ 1909-يىلى 3-ئاينىڭ 18- كۈنى قىزىل مىڭئۆيگە كېلىپ ، 67-68- غارنى تەكشۈرۈپ قەدىمى كۈسەن يېزىقىدىكى ئېلىم – بېرىم ھۆججەتلىرى ۋە بىر قىسىم نوم پارچىلىرىنى قولغا چۈشۈرىدۇ . كىيىن قۇمتۇرا  مىڭئۆينىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان شاھتۇر، ئۈچتۇر خارابىسى (دۇلدۇلئۇقۇر بۇددا خارابىسى) دە قېزىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ لاي ھەيكەل بېشى ، لاي ھەيكەل ، مىس يارماق ، مىس تامغا ، ياغاچ تاۋاق تاپىدۇ . ئېكىسپىدىتسىيدىن كىيىن ‹‹ مۇڭغۇلىيە، شىنجاڭ سەپىرى›› دېگەن ئەسىرىنى يازغان .
34. يۇشكاۋا شۇئىجرۇ- ياپۇنىيە 3- قېتىملىق داگۇ ( ئوتانى ) ئېكىسپىدتىسىيە ئەترىتىنىڭ ئەزاسى . ئۇ 1912- يىلى قىزىل مىڭئۆي ، قۇمتۇرا مىڭئۆي ، سۇ بېشى  بۇددا ئىبادەتخانىسى دا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ رەسىم تارتىش ، تام رەسىمىنى كۆچۈرۈپ سىزىش ، قېزىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە جۇلۇق يارماق ، سانسىكرت يزىقىدىكى قوليازما پارچىسىنى تاپقان . ئۇ بۇ قېتىمقى ساياھىتى توغرىسىدا ‹‹ تەڭرىتاغ سەپىرى ›› ناملىق ساياھەت خاتىرىسىنى يازغان .
35. نۇشرىۋان يائۇشۇۋ(تەخمىنەن1880-1917-يىللار) مەشھۇرتاتاريازغۇچىسى ، ئالىم ، سەيياھ . ئۇتەخمىنەن1880-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدائۇفا ۋىلايىتىنىڭ بەرىبەي ناھىيە بوغادى يېزا مىنتال كەنتىدىكى ئوتۇن كۆمۈرى ساتىدىغان شىريەزدان ئەخمەت ئوغلى يائۇشېف ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.ئۇ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ساۋاتىنى ئۆز يېزىسىدا ئالغان بۇلۇپ، كىيىنچە ئىلىمخۇمار نوشىرۋان يائۇشېف ئۇفادىكى يېڭىچە ئۇسۇلدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان ئالىيە مەدرىسىدە ئوقۇغان.ئۇ1914-يىل يازدىن تارتىپ 1917-يىلى 4-ئايغىچەشىخو،ماناس،كۇچا،ئاقسۇ،مارالبېشى،قەشقەر،يېڭىسار،يەكەن،قاغىلىق، خوتەن، كىرىيىلەردە ساياھەت ۋە ئىجتىمائىي تەكشۈرۈشلەردە بولىدۇ.بۇ ئۈچ يىلغا يېقىن شىنجاڭ ساياھىتىدە ئەينى دەۋر ئۇيغۇرخەلقىنىڭ سىياسىي ، ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ، مەدىنىيەت ئەھۋاللىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ . ئۇ 1915 – يىلى3-ئايدا كۇچاغا كەلگەن بۇلۇپ ئۇ بۇ ساياھىتىدە خەلقنىڭ ئۆز مىللەت نامىنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكىنى ، بۇ جايدا يېڭىچە( پەننى )مائارىپتىن ئەسەر يوقلىقىنى كۈرۈپ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن 50 كە يېقىن بالىنى يېڭىچە مائارىپ تەربىيسى بۇيىچە ئوقۇتىدۇ ، بىراق ئۇزاق ئۆتمەي بۇبالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئاتالمىش سەۋەبلىرى بىلەن بالىلىرىنى ئۇقۇتماسلىقى بۇ ياش ئالىم ۋە ساياھەتچىنىڭ خالىس نىيتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول قويمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلگەنلىرى توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرى قازان،ئۇفا قاتارلىق شەھەرلەردەچىقىدىغان‹‹ تىل يارىش›› ، ‹‹شورا ››ژورناللىرىدا ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ ماتىرىياللىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى .
36. شې بىن(1887-1948)خونەن ئۇنېۋىرسىتىتى ئىقتىسادشۇناسلىق فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى ،ئىقتىسادشۇناس.خونەن ئۆلكىسى خېڭياڭ ناھىيىسىدىن.ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغان.1912-يىلى ياپۇنىيەگە بېرىپ زاۋداۋتىيەن
(早稻田大学)ئۇنېۋېرسىتىتىنىڭ سىياسىي –ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە تىرىشىپ ئۇقۇغان.1914-يىلى جۇڭخۇا ئىنقىلابى پارتىيىسىگە قاتناشقان.1916-يىلى ياپۇنىيىدىكى ئۇقۇشىنى تۈگىتىپ  ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن.  
1916-يىلى شىمالىي مىللىتارىستلار ھۆكۈمىتى مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ تاپشۇرۇقىغا  بىنائەن مالىيە مىنىستىرلىكى خادىمى سالاھىيىتى  بىلەن يۇرتى خۇنەندىن يولغا چىقىپ، 14 ئاي سەپەر قىلىپ، شۇ دەۋردە شىنجاڭدا تەسىس قىلىنغان 43 ناھىيىنىڭ 38 ىدە ئەمەلىي تەكشۈرۈش  ئېلىپ بارغان.ئىككىنچى يىلى 12-ئايدا روسىيىنىڭ سىبىرىيە –يىراق شەرق تۆمۈريۇلى بىلەن مانجۇرىيىدىن ئۆتۈپ بېيجىڭغا قايتىپ بارغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان ‹‹ شىنجاڭغا ساياھەت خاتىرىسى ›› نى يېزىپ چىقىپ ،‹‹ئېقىم مەسىلىلىرى گېزىتىدە ››ئېلان قىلدۇرغان.. بۇ ساياھەت خاتىرىسىدە شىنجاڭغا جۈملىدىن كۇچاغا ئائىت قىممەتلىك ماتىرىياللار خاتىرلەنگەن. شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 17-يىللىرىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ،ئىجتىمائىي، مىللەتلەر، دىپلۇماتىيە ئەھۋالىدىن خېلى تەپسىلى مەلۇماتلار بېرىلگەن.                                               
‹‹شىنجاڭ ساياھەت خاتىرسى ››دە ‹‹مىنگونىڭ 6-يىلى (1917- يىلى ) 6 - ئاينىڭ 6-كۈنى كۇچادا قوندۇم . چۈشتىن بۇرۇن سائەت 7 دە شېرنېلىف ، (چېن) چىيۈەن ، (ياڭ) چىڭمىڭ قاتارلىقلارئاتقا مىنىپ دىڭگۇ تېغىغا بېرىپ ، مىڭئۆي خارابىسىنى زىيارەت قىلدۇق...توغراقدۆڭ داۋاننىڭ غەربىي جەنۇپ تەرىپى دىڭگۇ تېغى ياكى مىڭئۆي دەپ ئاتىلىدىكەن. دەريانى بويلاپ ئاستى –ئۈستى ، ئوڭ-سول تەرەپلىرىگە تۆت-بەش يۈز غارقىزىلغان بۇلۇپ، بەكمۇ ھەشەمەتلىك ئىكەن ، ھەرخىل رەڭدە ئالتۇن ھەل بىرىلىپ سىزىلغان غەرىبدىكى بۇت رەسىمى ئانچە ئىگىز بولمىسىمۇ، لىكىن تاملار تۇشۇپ كەتكەن ، ئەپسۇس كۆپ قىسمىنى ئىلگىرى زىيارەتكە كەلگەن چەت ئەللىك سەيياھلار ئۇيۇپ ئېلىپ كەتكەن بۇلۇپ، پۈتۈن سىماسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.ئەڭ غەرىبتىكى بەش غارنىڭ ئىگىزلىكى غۇلاچتىن ،غارنىڭ ئىچكىرلىكى ئككى غۇلاچتىن ئارتۇق كىلىدىغان ناھايىتى چىرايلىق بۇت ياسالغان، لىكىن ئۇزۇن يىللار مابەينىدە چىرىپ پۈتۈن بۇت قالمىغان. ئوتتۇرىدىكى بىر ئۆينىڭ تېمىنىڭ بەش يېرىگە يازما شەكىلدە سانسىكىرىت يىزىقىدا ئىرماش-چىرماش بېغىشلىما يىزىلغان بۇلۇپ ، مەنىسنى بىلمىدۇق . بۇلارنى مۇتەخەسىسلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن نۇسخا ئېلىپ قايىتتۇق.تامغا ئاق كىيىملىك ھەيكەل ۋە خەنزۇچە سانسار نومى سىزىلغان، دەپ ئاڭلىغان بولساقمۇئىزدەپ تاپالمىدۇق ياكى ئىگىز غاردىنمۇ بۇنى بىلەلمىدۇق...بۇيەردىن غەربىي شىمالغا قاراپ مېڭىپ تاغدىن ئۆتۈپ 40چاقىرىم ماڭىمىز، بايدىمۇ بۇددىزم خارابىلىرى خېلى كۆپكەن.يەنە خەنزۇيېزىقىدا يېزىلغان ئابىدىمۇ بار ئىكەن،بۇلار خېلى ياخشى ساقلىنىپ قاپتۇ. قىشتا دەريا سۈيى مۇز تۇتقاندامۇزغا دەسسەپ ئۆتكىلى بۇلىدىكەن. لىكىن ھازىر مۇز ئىرىپ ئۆتكىلى بولمىغاچقا چوڭ يول ئارقىلق باي قىزىلغا بېرىپ ئۇ يەردىن جەنۇپقا قاراپ ماڭدۇق .كۇچا شەھىرىنىڭ شەرقىگە 20 چاقىرىم كىلىدىغان يەردە بىر مىڭئۆي ، 16چاقىرىم كىلىدىغان سۇبېشى دىگەن يەردە چوڭ بۇتخانا بار بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا قىزىلغان غارلار گۈزەل تام رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن، ۋاقىت قىس بولغاچقا ئۇنىڭ دىدارىنى كۆرەلمەي قالدۇق››دېيىلگەن. يەنە ‹‹شەھەر شەرقىدىكى  گوڭگېجۇاڭنىڭ(ھازىرقى ئايرۇدۇرۇمنىڭ) شىمالىدا خايۇجى قازغان كارىزنى كۆردۈم ، كارىزنىڭ سۈيى ئۇلۇغ بۇلۇپ كۈنىگە 20 نەچچە مو يەرنى سۇغۇرالايدىكەن.››دەپ خاتىرە قالدۇرۇپ  ئابدۇقادىرھاجى توڭلىڭ(خاتۇڭلىڭ) باشچىلىقىدا قېزىلغان كارىزنىڭ 1917-يىلىدىكى  ئەھۋالىدىن خەۋەر بەرگەن.                        
37.  روۋىيا ئېنۋار(1865-1935-يىللار)شىۋىتسىيىلىك مىسسىئونېر .
1894-يىلى شىۋىتسىيە خىرىستىيان دىنى باش جەمئىيىتى دىن تارقىتىش ئۇيۇشمىسى شىنجاڭدا خىرىستىيان دىنىنى تارقىتىش ئۈچۈن بىر تۈركۈم مىسسىئونېرلارنى قەشقەر،يەكەن،يېڭىسار،كۇچالارغا ئەۋەتكەن .ئۇلار بىر تەرەپتىن دىن تارقاتقان بولسا،يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە قارىتىش ئۈچۈن  غەرپچە داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. روۋىيا ئېنۋار دەل ئاشۇلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، تەخمىنەن 1917-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە كۇچانىڭ دۈشەنبە بازىرىغا يەنى خانقىتام  بازىرىغا كېلىپ ئۆزى يالغۇز 18 يىل دىن تارقىتىش شۇنداقلا كېسەل داۋالاش  بىلەن شۇغۇللانغان.1935-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى شېۋىتسىيىگە قايتىشىدا تاشكەنتتىن مۇسكىۋاغا بارىدىغان پويىزدا ئالەمدىن ئۆتكەن.                                 
38. خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى (1893-1966-يىللار) جۇڭگۇ ئارخېلوگىيە ساھەسىدىكى مەشھۇر ئالىم. خۇبىينىڭ خەنچۈەن دىگەن يىرىدىن .1918-يىلى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە كەسپىنى پۈتتۈرگەن. خۇاڭ ۋېنبى ئۇقۇش پۈتتۈرگندىن كېيىن مەكتەپتە قېلىپ دۆلەت ئىلمى تەتقىقات ئورنىدا پروفېسور شېن جىيەنشىغا ياردەملىشىپ بىر مەدەنىيەت يادكارلىقلىرى كۆرگەزمىخانىسى تەسىس قىلىپ، بۇ يەردە ئىشلەش جەريانىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى پەرقلەندۈرۈش تەجىرىبىسىگە ئىگە بولغان .1927-يىلى شىۋىتسىيىلىك سېۋىن ھېدىن شىنجاڭنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن  چوڭ كۈلەملىك بىر  ئىلمى تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، شىمالى مىللىتارىستلار ھۈكۈمىتىدىن رۇخسەت ئالىدۇ. لېكىن بېيجىڭدىكى بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن بۇ ئۆمەك جۇڭگۇ –شۋېتسىيە غەربىي شىمالنى ئىلمىي تەكشۈرۈش بىرلەشمە ئۆمىكى بۇلۇپ تەشكىللەنگەن. خۇاڭ ۋېنبى جۇڭگۇلۇق بەش ئالىمنىڭ بىرى سۈپىتىدە بۇ بىرلەشمە ئۆمەككە قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ئارخېئولۇگىيە تەتقىقاتىنى باشلايدۇ. خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى 1928-يىلى جۇڭگۇ شىۋىتسىيە غەربى شىمالنى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ تەركىبىدە شىنجاڭدىكى قەدىمىي ئىز خارابىلەر قاتارىداھازىرقى توقسۇ ناھىيىسى تەۋەسىدىكى جېجۆگۈەن خارابىسى ، داۋانقۇم شەھىرى خارابىسى ۋە ئۇچقات شەھىرى خارابىسىدە ئارخېئولوگىيلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ ھەر خىل ماددى بۇيۇملارنى خېلى كۆپ قېزىۋالدى . ‹‹تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈ ش دوكلاتى ››خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندىنىڭ 1928-1929-يىللىرىدىكى تارىم ئويمانلىقىنى ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈش دوكلاتى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىڭئۆي خارابىلىرىدىن بۇكىتابتا قارا شەھەر شىكشىن مىڭئۆي، كۇچا قۇمتۇرا مىڭئۆي، كىرىش (سىم-سىم)مىڭئۆي، سۇ بېشى قەدىمكى شەھرى (چاكرى ئىبادەتخانىسى) مىڭئۆي،بايدىكى تىتىر مىڭئۆي ۋە قىزىل مىڭئۆي،جىگدىلىكئېقىن مىڭئۆي توغرىسىدا خاتىرىلەر بار. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى قىزىل مىڭئۆيدىكى تەكشۈرۈش بىرقەدەر ئېلىپ بېرىلغان.خىزمەت جەمئىي 16كۈن داۋام قىلغان بۇلۇپ، قىزىل مىڭئۆي رايۇنلارغا ئايرىپ نۇمۇر قۇيۇلغان يەنە بىر قىسىم غارلارنىڭ ئۆرە، تەكشى يۈز خەرىتىسىۋە پۈتۈن غارنىڭ ئاددىي جايلىشىش خەرىتىسى سىزىپ چىقىلغان ، شۇنداقلا يەنە قۇم بىلەن تۇشۇپ كەتكەن بىر  تۈركۈم غارلار تازلىنىپ ، خېلى كۆپ خارابىلەر بايقالغان؛18-غاردىن تاڭ دەۋرىنىڭ كەييۈەن يىللىرى (713-714)يېزىلغان دەپ قىياس قىلىنغان‹‹ھەربىي يۈرۈش قۇشۇننىڭ قوماندانى ياڭ سىلى ئالسۇن...     ئۇدۇن قۇرغىنىنىڭ ھەربى بازىسىنىڭ نەرسىسىسىنى ئوغرى ئالدى،مۇبادابىرسى بۇ ئىشنى سۇراپ قالسا.... غا ئاساسلانسۇن›› دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان كەمتۇك ھۆججەت بايقالدى.105-غاردىن ‹‹جېنيۇەن7-يىلى (مىلادىيە791-يىلى)غەرىبكە 21 تۇياق كالا كەتىتى ››دېگەن خەت يېزىلغان قەغەز پارچىسى تېپىلغان:49-غاردىن بىر دانە ‹‹دالى يارمىقى ››(مىلادىيە769-يىلى) ۋە 200-غاردىن ‹‹تىيەنباۋ13-يىلى›› دېگەن بېغىشلىما قاتارلىقلار بايقالغان بۇلۇپ ،بۇلارنىڭ ھەمىسىنى قىزىل مىڭئۆينىڭ خارابلاشقان دەۋرىنى تەتقىق قىلىشتا يانداش ئىسپات ماتىرىيالى قىلىشقا بۇلىدۇ. 1958 – يىلى يەنە بىر قېتىم جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيسى تەكشۈرۈش ئۆمىكى تەركىبىدە كۇچادىكى قارادۆڭ ئىزى،مازاپىتان قەدىمكى قەبرىستانلىقى،پىلاڭ قەدىمكى شەھىرى،مىڭتەن ئاتا قەدىمقى شەھىرى، تاڭۋاڭ قەدىمقى شەھىرى..... قاتارلىق جايلاردائىلگىرلىگەن ھالدا ئارخىئولۇگىيىلىك تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى بۇ قېتىمقى تەكشۈرىشىدە كۇچانىڭ تارىخى،مەدەنىيىتى توغرىسىدا يېڭىچە كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇلۇپ، بۇلار ئۇنىڭ ‹‹شىنجاڭدىكى ئارخېئولۇگىيىلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى›› ناملىق ئەسىرىدە مەركەزلىك گەۋدىلەنگەن.                                                                                    
39. خەن لېرەن (1898-1947 –يىللار)   دۆلىتىمىزنىڭ چاۋشىيەن مىللىتىدىن  بولغان رەسسامى.  ئەسلى ئىسمى خەن گۇاڭيۈ ،جىلىن ئۆلكىسىنىڭ لوڭ جىڭ ناھىيىسىدە دېھقان ئائىلىسىدەتۇغۇلغان. 1920-يىلى شاڭخەي گۈزەل –سەنئەت تېخنىكۇمىىدا ،1928-يىلى فىرانسىيە  لوۋېر گۈزەل –سەنئەت ئىنىستۇتىدا  ئۇقۇغان.  ئۇ فىرانسىيىدىكى ئۇقۇشىنى تۈگەتكەندىن كىيىن سوۋىت ئىتتىپاقى، پولشا، گىرمانىيە،شىۋىتسارىيە، بىلگىيە ،ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئىكىسكۇرىسىيىدە بولغان.   1937-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن. 1944-يىلى پارتىيىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن ئىلگىر-كىيىن بۇلۇپ، غەربىي شىمالنىڭ دۇنخۇاڭ،شىنجاڭلاردا  خىزمەت قىلغان.1947-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى  49يېشىدائايرۇپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغان. ئۇ شىنجاڭدىكى 5 يىللىق ھاياتىدا ئىلگىر-كىيىن كۇچا ،قەشقەر، چەرچەن،چاقىلىقتىكى   مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزلىرىدا ئارخىئولۇگىيىلىك  تەكشۈرۈش،قىزىش ،رەتلەش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ مەزگىللەردە1946- 1947-يىللىرى ، خەن لېرەن ئەپەندى  ئىككى قېتىم قىزىل مىڭئۆيگە كېلىپ ،تام رەسىملىرىنى كۈچۈرۈش خىزمىتى  بىلەن  شۇغۇللانغاندىن باشقا ،قىزىل مىڭئۆي تام رەسىملىرىنى  دەۋرگە  ئايرىپ سېلىشتۇرۇش  ئۈستىدە ئىزدەنگەن.ئۇقىزىل مىڭئۆيدىكى تام رەسىملىرى مۇكەممەل ساقلانغان غارلاردىن 76 غارغا نۇمۇر سېلىپ،نۇمۇرنى غارنىڭ تاملىرىغا ئۇيۇپ قويغان.ھازىرقى 69-غارنى بايقاپ، ئۇغارغا ئالاھىدە 1-غار دەپ نام بەرگەن.                                                                  
قىزىل مىڭئۆي 10-غار ئاساسى خانىسنىڭ ئارقا تېمىدا ئۇ يازغان بېغىشلىما بار.ئۇ بېغىشلىمىسىدا: ‹‹گىرمانىيلىك لېكوك يازغان‹‹شىنجاڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى›››ھەم ئەنگىيىلىك سىتەيىن يازغان‹‹غەربى يۇرتنى ئارخىئولوگىيلىك تەكشۇرۇش خاتىرىسى››دېگەن ئەسەرنى ئوقۇپ، شىنجاڭدا مول قەدىمدىكى  سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار بولدۇم. بۇنىڭ بىلەن مەندە  يېڭى بىر كۆز قاراش پەيدا بولدى .شۇڭا 1946-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بۇيەرگە يالغۇز كېلىپ ،تام رەسىملىرىنىڭ كۆزنى قاماشتۇردىغانلىقىنى ھەم يۇقىرى سەنئەت قىمىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى  ،دۆلىتمىزنىڭ باشقا  جايلىردىكى غار ئىبادەتخانلىرىنىڭ ئۇنىڭغا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدىم . ئەمما تاملارنىڭ تولىسنى چەتئەل ئارخئولوگىيە ئەترەتلىرى  سۇيۇپ ئېلىپ كەتكەن بۇلۇپ،بۇ ھەقىقەتەنمۇ مەدەنىيەت جەھەتتىكى چوڭ يوقىتىش. 14كۈن تۇرۇپ بىر قانچە  پارچە ماي بوياق رەسىمنى سىزىپ چىقتىم.پۇختا تەييارلىق قىلىپ ئىككىنچى  يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى چاۋ باۋچى ، چىن تىيەن ،فەن گو چاڭ،سۇن بىدۇڭ قاتارلىقلارنى ئېلىپ 2-قېتىم بۇ يەرگە كەلدىم. ئالدى بىلەن غارلارغا نۇمۇر قۇيۇپ جەمىئي 75غارنى سىتاستىكا قىلىپ چىقتىم . ئاندىن بۈلۈنۈپ ، كۆچۈرۈپ سىزىش، خاتىرلەش ، رەسىم تارتىش ، قىزىش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردۇق. 6-ئاينىڭ19-كۈنى خىزمەتنى توختاتتۇق . بۇقەدىمقى مەدىنيەت خەزىنىسنى تېىخىمۇ نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن ، ئېكىسكۇرسىيگە كەلگەن جانابلارنىڭ ئالاھىدە ئاسىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .خەن لېرەن .6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاخىرى 13-غارنىڭ ئاستى تەرىپىدىن بىر مۇكەممەل غارنى قىزىپ چىقتۇق. بۇنىڭغا 6كۈن ، 60ئەمگەك كۈچى كەتتى. بۇ غارنىڭ رەسىملىرى ئۆزگىچە بۇلۇپ ، بۇنىڭغا ئالاھىدە 1-غار دەپ نۇمۇر قويدۇق. ››دەپ شۇ چاغدىكى ئەھۋالدىن بىزنى خەۋەردار قىلىدۇ.
ئازاتلىقتىن كىيىن دۆلەتنىڭ مەخسۇس ئۇرۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە چاڭ شۇخۇڭ،يەن ۋېنرۇقاترلىق تەتقىقاتچىلار ۋە ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنىدىكىلەر ئىگىرى –كىيىن بۇلۇپ بىر قانچە قېتىم كۇچا بوستانلىقدىكى مىڭئۆي ۋە قەدىمى خارابىلەرنى تەكشۈرۈپ ،بۇ توغرىسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇلۇپمۇ 11 – نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن شىنجاڭ كۈسەن مىڭئۆي تەتقىقات ئورنى ۋىلايەتلىك ، ناھىيلىك مەدىنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ئۇرۇنلىرىدىكى داڭلىق ئالىملار ، تەتقىقاتچىلار ، كەسپىي خادىملار ۋە باشقىلار ھەر دەرىجىلىك كەسپىي ئۇرۇنلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى ۋە يىتەكلىشى بىلەن كۇچا بوستانلىقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئارخېئولوگىيلىك تەكشۈرۈش ۋە قېزىش ئېلىپ باردى ۋە بارماقتا . بۇ ئارقىلىق ئۇلار بىلەن كۈسەن تارىخى ۋە مەدىنىيىتىنىڭ شانلىق تارىخىي ئىسپاتلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ، بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ، ئالمىغان تارىخىي شەخىسلەر ۋە ئېكىسپىدىتسىيچى ساياھەتچىلەرنىڭ قايسى خىل مۇددىئادا بۇ دىيارغا قەدەم بېسىشىدىن قەتئىي نەزەر ئۇلارنىڭ كۈسەن مەدىنىيتى - كۇچا بوستانلىقىنىڭ ئوخشىمىغان تارىخى باسقۇچتىكى تارىخى باسقۇچتىكى تارىخىي جەريانلىرىنى ئۆز يازمىللىرى ، ئۆز پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ساقلاپ قالغانلىقىغا ۋە بۇ ئارقىلىق بىزنى شۇ دەۋىرلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن مول ماتىرىياللار مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ئۆز رەھمىتىمىزنى بىلدۈرۈپ ئۆتۈشنى ئۆزىمىزنىڭ بىر كىشلىك تارىخى مەجبۇرىيتى دەپ بىلىمىز .
ئاخىرىدا بۇ تىمىنى يۇرۇتىشىم ئۈچۈن ئىلمىي يىتەكچىلىك قىلىپ ماتىرىيال ۋە پىكىر –تەكلىپلىرىنى ئايىمىغان كۈسەن تاشكېمىر تەتقىقات ئورنىدىكى تەلئەت ئۇبۇلقاسىم تۈمەن ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئايگۈل قادىرخانىمغا ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى ئېيتىمەن.
پايدىلانغان ماتىرىياللار :
1. گېڭ شىمىن : « بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى شىنجاڭ ۋە تۈركىي خەلىقلەر بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشى » شىنجاڭ ئۇنۋىرىستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1983-يىلى 1 - سان .
2.جۇيىڭرۇڭ : « شىنجاڭدىكى قىزىل مىڭئۆينىڭ ۋۇجۇدقا كىلىش تارىخى شەرت - شارائىتلىرى » شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتى ئىلمىي ژۇرنىلى 1983 - يىلى 4 – سان .
3.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئالىي مەكتەپ تارىخ دەرسلىكىنى تۈزۈش گورۇپپىسى تۈزگەن:‹‹ شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى›› شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى  1994-يىل 7-ئاي 1-نەشىرى 2001-يىلى 6-ئاي 7-بېسىلىشى(ئۇيغۇرچە نەشىرى)
4. جۇچىڭباۋ : « غەربىي يۇرتقا كەلگەن ئېكىسپىدىتسىيچىلەر » شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ، 1996 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى .  
5. كۇچا ناھىيلىك تەزكىرە كومىتىتى تۈزگەن : « كۇچا ناھىيە تەزكىرىسى » شىجاڭ خەلىق نەشرىياتى ، 1997 - يىلى ئويغۇرچە نەشىرى .
6. ئەسئەت سۇلايمان : « تارىم قۇۋۇقى چېكىلگەندە » شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى 2002 - يىلى نەشىرى .
7. لىيۇ چاڭمىڭ،جۇشۈەن تۈزگەن: شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر ( 1-4-5-قىسىم ).شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2007-يىل نەشىرى
8.كۈسەنشۇناسلىق جەمىيىتى تۈزگەن: كۈسەنشۇناسلىق تەتقىقاتى مەجمۇئەسى 1-قىسىم  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشىرىياتى 2008-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى  
9.شى شاۋمىڭ: قىزىل مىڭئۆي سەنئىتى ئىلمى ماقالىلەر توپلىمى شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت فوتۇسۈرەت نەشىرىياتى 2008-يىل خەنزۇچە نەشىرى.
10. شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى(ئۇيغۇرچە 2004-يىل1-سان)، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى(ئۇيغۇرچە2003-يىل5-سان)، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى(ئۇيغۇرچە 1999-يىل –سان) ، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى(ئۇيغۇرچە 2008-يىل 2-سان)، شىنجاڭ تەزكىرىسى(ئۇيغۇرچە 1995 - يىلى 4 – سان)، شىنجاڭ تارىخدىن تەرمىلەر(ئۇيغۇرچە 2000-يىل2 –سان)قاتارلىق ژورناللار ۋە ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى  مەجمۇئەسنىڭ ئۇيغۇرچە 19- سان(2008-يىل باسمىسى) .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈسەمىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 18:33  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 774
تۆھپە : 1
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 00:23:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ئەتراپلىق بولغان ئىلمىي ئەمگەككەن . تېخىمۇ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقاي .

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 00:27:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربانجان ئابلىكىم ئىمىن(كۈسەمىش)نىڭ ئىزدىنىشلىرىدىن سۈيۈندىم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 09:21:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىمىي ئىزدىنىشىڭىز خېلى زور بولۇپتۇ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1763
تۆھپە : 20
توردا: 408
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 15:10:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۈزەل يۇرتىمىزنىڭ ماڭا قاراڭغۇ بولغان خېلى كۆپ ئۇچۇرلىرىنى بىلىۋالغىنىمدىن خۇشال بولدۇم ۋە خىجىللىق ھىس قىلدىم. ئەجرىڭىزدىن ئۈنگەن تېخىمۇ كۆپ ھوسۇللاردىن ئورتاق بەھىرلەنگەيمىز.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2123
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 15:42:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سائادەت خانىم مېنىڭ چ چ نۇمۇرۇم 1833712855 . مۇمكىن بولسا چ چ نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز ؟!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 14:52:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆسەنشۇناسلىق تەتقىقاتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ماقالىكەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش