ئىزدىدىڭ قانات
- شائىر بىلال ئەزىزى خاتىرىسىگە-
خىيالنى خىيالدىن ئويغاتقىنىمدا،
مەن سېنى سېغىنىپ قالىمەن پات-پات.
زۇلمەتنى قاخشىتىپ ئۆتتۈڭ دۇنيادىن،
خورلانغان ھۆرلۈككە ئىزدىدىڭ قانات.
يالقۇنلۇق تىلەكلەر قۇچاغلاشقاندا،
گۈلخانغا ئايلاندى قاينام ئۆركىشى.
رىشتىڭگە ئەل رىشتى سالدى پايانداز،
تۈنلەردە بولدۇڭسەن ھەقنىڭ دىلكىشى.
قەلبىڭدە پارلىغاچ ۋەتەن دەپ سادا،
ئېچېنىش ئىلكىدە باقتىڭ زامانغا.
رەقىپلەر تاريولدا پايلاپ ھەر دەقىق،
قۇل قىلماق بولۇشتى بىر بۇردا نانغا.
ئاتەشتەك مېھىرلىك نەپەسلىرىڭدىن،
دىللارغا تارالدى ئۈمىدنىڭ نۇرى.
-كۈرەش-دەپ چاپچىدى تومۇرلىرىڭمۇ،
دۇنيادا ئادەمدەك ياشاش ھوزۇرى.
بىغۇبار تۇيغۇلار ئالى تىلەكلەر ،
ئۇچقۇنغا ئايلىنىپ ئوت ياقتى دىلغا.
جاھالەت تورىدا باقتىڭ يۇلقۇنۇپ،
ۋادەرىخ!..
بىر يىغا كەپلەشتى تىلغا.
**************************
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-19 09:20