ximal
كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 6

ئائىلىۋى تۈگمەن — يارغۇنچاق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2123
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 18:05:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                       ئائىلىۋى تۈگمەن — يارغۇنچاق

                                       قۇربانجان ئابلىكىم ئىمىن(كۈسەمىش)

    ئەجدادلىرىمىز قەدىمدە زىرائەت دانلىرى(بۇغداي، قوناق، تېرىق، ئارپا، پۇرچاق – ماش قاتارلىق)نى ئۆز پېتى ۋە ھەر خىل ئۇسۇلدا ئېزىپ ئىستېمال قىلىش جەريانىدا قۇلايلىق ھەم دانلارنى ئۇن قىلغىلى بولىدىغان يارغۇنچاقنى ئىجاد قىلغان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ قىممەتلىك مىراسى رايونىمىزنىڭ بەزى جايلىرىدا ھېلىھەم ئىشلىتىلمەكتە.
    يارغۇنچاقنىڭ قۇرۇلمىسى سۈپەتلىك تاراشلانغان، دىئامېتىرى 60 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر جۈپ تۈز يۈزلۈك تاش ئاستى – ئۈستى ھالەتتە مۇئەييەن ئارىلىق قويۇلۇپ، تاشنىڭ ئوتتۇرىسىغا قوزۇق قېقىلىدۇ (بۇ قوزۇق ئاستى تەرەپكە مەھكەم ئورنىتىلىدۇ) ۋە ئۈستۈنكى تاشنىڭ قىرغىقىنىڭ بىر تەرىپىگە(تۆپە تاشنى ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن) ئون سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە تۇتقۇچ ئورنىتىلىپ، بۇغداي، قوناق، ئارپا قاتارلىقلارنىڭ دانلىرى ئۈستۈنكى تاشنىڭ ئوتتۇرىسىغا قېقىلغان قوزۇقنىڭ يېنىدىكى بوشلۇققا سېلىنىدۇ. ئۇن تارتقۇچى يارغۇنچاقنى بىرخىل يۆنىلىش بويىچە تۇتقۇچنى تۇتۇپ چۆرۈيدۇ. مۇشۇنداق چۆرۈشتە ئىككى تاشنىڭ ئارىسىدىكى دان بېسىم ۋە سۈركۈلۈشتە ئېزىلىپ ئۇن ھالىتىگە كېلىدۇ. كېيىن بۇ ئۇن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، يىرىكلىرى يەنە يارغۇنچاققا سېلىنىپ يەنە شۇ ئۇسۇلدا يانچىلىدۇ. ئاخىرىدا تاسقىلىىپ قالغان كېپەك چارۋا ماللارغا يەم قىلىنىدۇ. تاش يارغۇنچاق ئاددىي بولۇپ، ئىشلىتىشكە قولايلىق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇ ئۇسۇلدا بادام، ئۆرۈك مېغىزلىرىدىن تالقان تەييارلاشقىمۇ بولىدۇ.
    يارغۇنچاقتا تارتىلغان ئۇننىڭ سۇ تەركىبى ئاز ياكى يوق دېيەرلىك، سۈپەتلىك، يۇمشاق، تەبىئىي بولىدۇ. بۇنداق ئۇندىن تەييارلانغان ياسالمىلار ئاسان قېتىپ قالمايدۇ.
    يارغۇنچاقنىڭ بۇرۇنقى ئىشلىتىلىش ئەھۋالى ۋە بۈگۈنكى تەرەققىياتى ھەققىدە دىيارىمىزدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرساق، يېڭى تاش قوراللار ۋە بىرونزا قوراللار دەۋرىگە تەئەللۇق ھەر خىل تاش يارغۇنچاق ۋە ئۇنىڭ پارچىلىرى دىيارىمىزنىڭ جەنۇب – شىمالىدىن كۆپ تېپىلغان. ئىسراپىل يۈسۈپ، ئەنۋەر قاسىم ئاپتورلىقىدىكى ‹‹غەربى يۇرت يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى›› دېگەن كىتابتا ئەڭ دەسلەپ كەشىپ قىلىنغان يارغۇنچاق تاش توقماقچە بىلەن دان ئېزىدىغان يارغۇنچاق بولۇپ، ئۇ يېڭى تاش قورال دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. بۇنداق يارغۇنچاق ئاساسىدا بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 – 4000 يىللار ئىلگىرى ئىلغارراق يارغۇنچاق (يىرىكرەك ئۇن چىقىرىدىغان) بارلىققا كەلگەن›› دەپ يېزىلغان. بىز بۇلاردىن تاش يارغۇنچاقنى ئىشلىتىش تارىخىنىڭ ناھايىتى ئۇزاقلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بىراق، بۇنداق يارغۇنچاقنىڭ ئىش سۈرئىتى ئاستا، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇشتەك يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش مەقسىتىدە ئىجادكار ئەجدادلىرىمىز دىيارىمىزنىڭ ئەۋزەل سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەمگەك سەرپىياتى ئازراق، ئۇن چىقىرىش مىقدارى يۇقىرى سۇ تۈگمىنىنى كەشىپ قىلغان. ھازىر كىشىلىرىمىز زامانىۋى توك تۈگمەنلىرىدىن پايدىلانماقتا.





Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1562
تۆھپە : 0
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 21:53:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەت بىلەن قوشۇپ يولىغىنىڭىزدا يارغۇنچاقنى چۈشۈنىش تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن .

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1562
تۆھپە : 0
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 21:54:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 00:30:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
- راس «يارغۇنچاقتا تارتىلغان ئۇننىڭ سۇ تەركىبى ئاز ياكى يوق دېيەرلىك، سۈپەتلىك، يۇمشاق، تەبىئىي بولىدۇ. بۇنداق ئۇندىن تەييارلانغان ياسالمىلار ئاسان قېتىپ قالماي»تى ...
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 09:18:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېكىن بۇنىڭ جاپاسىمۇ خېلى باردە

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2123
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:05:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماھىرە يارغۇنچاقتا ئۇن تارتىۋاتقان كۆرۈنۈشنى  يوللاپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1180
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 390
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 12:44:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارغۇنچاق بەزى يەرلەردە ھازىرمۇ ئىشلىتىلۋېتىپتۇ - دە ؟!  
ئۇنى ھازىرغىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ ۋە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ قېرىنداشلارغا ئاپىرىن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش