ximal
كۆرۈش: 113|ئىنكاس: 4

ئىككى شېئىر ( قاراتېكىن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  906
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 16:14:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى شېئىر


نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن
__________

مېنى كىم دەيسىز؟


ئىچىمدىكى شاختا،
مەي باغلىغان قىزىل ئالما سىز.
رېئاللىقتۇر قات-قات باراخسان
مەخپىيەتكە ئورالغىنىڭىز.


ئۇزىدىڭىز،ئۇزاپ كەلدىڭىز،
پەسىللەردىن،پەسىلگىچە تا!
ۋەھىمىگە باغلانغان نازۇك،
مېنىڭدىكى چەكسىز ئىشتىھا.



رەسسام

مەن سىزىمەن سىزنى يوقلۇققا،
بارچە شەكىللەردىن يۇشۇرۇن.
ئايرىلىشتىن ۋەھىمە يەيمەن،
رەسىمىڭىز پۈتۈشتىن بۇرۇن.

مەن بىلىمەن،سىزمۇ بىر رەسسام،
سىزماسلىققا يوقتۇر ئىختىيار.   
بوشلۇقىدا قىياسىڭىزنىڭ ،      
چالا ياكى پۈتكەن رەسىم بار.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 771
تۆھپە : 0
توردا: 117
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 18:24:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارا تىكىن راستىنى دىسەم بۇ شىئىرلىرىڭزنى مەن ياقتۇرمۇدۇم.
چۇنكى مەن سىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك غەزەللىرىڭىزنى ئۇقۇشقاكۈنۈپ كەتكەن.لىكىن مەن سىزنى غەزەللا يېزىپ بارماق ۋەزنىدىكى تۆتلۇك شىئىرلارنى يازماڭ دىيىشىم ھەم ھازىرقىدەك شىئىرنى تەپسىلى مۇھاكىمە قىلماي ياقتۇرمۇدۇم دەپ ئىنكاس يېزىشىممۇ توغرا ئەمەس.
چۇنكى ھەممە ئادەم غەزەل زانىرىدا ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت ياكى نامانجان بۇلالمايدۇ.خۇددى سىزمۇ بارماق ۋەزنىدە مۇتەللىپ ماڭسۇر ياكى غۇجىمۇھەممەت بۇلالمىغاندەك.
سىزگە دوستانە بىر تەكلىۋىم ياخشى ئەسەرلەرگە ئىنكاس يازغاندا شۇنىڭدىن باشقىنى تۇلۇق ئىنكار قىلىدىغان مەنسىتمەسلىك پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئىنكاسلارنى يازمىسىڭىز مۇنبەر ئۈگىنىش مەيدانى يول تېپىپ كىتىۋاتقانلار غادىيىپ يۇرىدىغان ،تەم-تىم مىڭىۋاتقانلار خۇدۇكسىرەيدىغان بولماسلىقى كىرەك.
ئوۋچىنىڭ تىمىسىدىكى ئىنكاسىڭىزغا قاراپ بېقىڭ سەل غەيرى پۇراق چىقىۋاتىدۇ.

forum.php?mod=viewthread&tid=6586

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  906
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 449
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 13:40:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تولا ھالدا ( ئۆزۈمنىڭ مەيلى باشقىلارنىڭ بولسۇن) ئەسەرلەرگە ئىنكاس بىلدۈرمەيمەن.
نېمە ئۈچۈن ؟
شەخسىيىتىم تېڭىلىپ قالمىسۇن دەپ. بىراۋغا شەخسىيىتى سەۋەپلىك زەرەر يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئۆتە سەھۋەنلىك يوق.
يەنە،بىراۋغا ( بىلىپ،بىلمەي) ياشاش شەكلى لايىھىلەپ قويۇشتىن ساقلىنىش زۈرۈر دەپ تونۇيمەن.
يۇقارقىلارنى چۈشىنىش  مۇرەسسە تەلەپ قىلمىسا كېرەك.
ياخشى كۆڭۈلنى بىلمىگەنگە چىقىرىلىپ ئەيىپلىنەيكى،ئەيىپسىز ئېتىراپ قىلىنىشتىن پاناھلىناي.

ئامان بول ئۆزۈم،مەن سېنىڭدە.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1143
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 14:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  215
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 145
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 23:54:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزىدىڭىز ،ئۇزاپ  كەلدىڭىز،
پەسىللەردىن ،پەسىللەرگىچە.
ۋەھىمىگە باغلانغان نازۇك ،
مېنىڭدىكى چەكسىز مۇساپە.

كەچۈرۇڭ !ئاتاكاچىلىق قىلىپ قويدۇم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش