ximal
كۆرۈش: 59|ئىنكاس: 1

ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى يەر –جاي ناملىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2123
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 15:07:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى يەر –جاي ناملىرىنىڭ مەنىسى ۋە كېلىش مەنبەسى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش.
  C8 `6 p) Z. L7 b  @7 Mقۇربانجان ئابلىكىم ئىمىن (كۈسەمىش)
% H8 J: V/ C7 V. wئۈچئۆستەڭ يېزىسى- كۇچا ناھىيە بازىرىنىڭ 18.5 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان. ئۇمۇمى يەر كۆلىمى 480100مو . شەرقى بېھىشباغ يېزىسى بىلەن چىگرىلىنىدۇ،جەنۇبى ئالاقاغۇ بازىرى بىلەن خوشنا،غەربى ئۆگەن دەرياسىنى پاسىل قىلىپ  تۇرۇپ توقسۇ ناھىيىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ،شىمالى چۆلتاغ(چىۋىر تاغ) بۇلۇپ، پۈتۈن يېزىغا داۋزىيا،قۇمتۇر، لەڭگەر، بەشكېرەم، قارسۇ، خامپاباغ، تۇغچى، ئۈچئۆستەڭ، ئارمەھەللە، ئارئۆستەڭ، غوجىلئېرىق،پەيزىۋات،قوشتۇر كەنتىدىن ئىبارەت 13 كەنت مەھەللە كومېتىتى ،68 كىچىك ئەترەت قارايدۇ. يېزىدا 1 ئوتتۇرا مەكتەپ،8 باشلانغۇچ مەكتەپ جايلاشقان.【1】 2009-يىللىق سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا جەمئى نۇپۇس30771 ئادەم ، ئۇمۇمىي  ئائىلە 7060 ، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار 23711  نەپەر  بۇلۇپ      %  74  نى ئىگەللەيدۇ. خەنزۇلار  7965  نەپەر.،باشقا مىللەتلەر100نەپەر.% F  q6 a& H; L' e$ M/ m
يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئۈچئۆستەڭ كەنتىگە جايلاشقان بۇلۇپ،يېزىمىزنىڭ يەر تۈزۈلۈشى شىمالى ئىگىز، جەنۇبقا بارغانسىرى پەسىيىپ بارىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1015-032 1مىتىر ئەتراپىدا. يېزىنىڭ ئىقلىمى چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېردىكى ئىقلمغا كىرىدۇ، قىش پەسلىدە ئاچچىق سوغۇق، ياز پەسلىدە تۇمۇز ئىسسىق  ،كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تىمپىراتۇرا پەرقى ناھايتى چوڭ.بىر يىل ئىچىدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋارايى كېلىماتى℃ 10.5. 1-ئايدا ئوتتۇرىچە تېمىراتۇرا 0دىن تۆۋەن ℃9 ،   7-ئايدا ئوتتۇرىچە تېمىراتۇرا ℃24  . بىر كۈندىكى ئەڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرا℃35 ،ئەڭ تۆۋەن تېپىراتۇرا 0 دىن تۆۋەن℃ 20 . 【2】( z% E* q0 z1 T0 w8 X0 M
ئۇمۇمى تېرىلغۇ يېرى      59000 مو  بۇلۇپ، ئاساسلىق تۇپراق  تۈرىدىن شاللىق تۇپراق ، سۇغىرىپ تېرىلىدىغان قۇمساڭ تۇپراق ۋە زەي تۇپراق بار. بۇ يېزىنىڭ تېرىلغۇ  يەرلىرى ئۆگەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا بۇلۇپ، سۇ مەنبەسى يىتەرلىك،سۇغۇرۇشقا قولايلىق. دېھقانچىلىقتا  ئاشلىق ،پاختا ئاساس قىلىنىدۇ.  باغۋەنچىلىكىمۇ خېلى تەرەققى قىلغان بۇلۇپ، يەرلىك داڭلىق مىۋىلىرىدىن قەغەز ياڭاق، مۇناقى ئۈزۈم بار .
( C  G& D* f& g5 g2009-يىللىق سىتاسىتكا بۇيىچە ھېساپلىغاندا پاختا مەھسۇلاتى 2494توننا ، ئاشلىق زىرائەتلىرى  ئۇمۇمىي مەھسۇلاتى 19739 توننابۇلۇپ ، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرچە ساپ كىرىمى4914.30 يۈەن بولغان.
" W  y4 e( L* k5 yئۈچئۆستەڭ يېزىسى ئىنسانلار خېلى بۇرۇنلا ياشىغان ۋە پائالىيەت ئېلىپ بارغان قەدىمى يۇرتلارنىڭ بىرى .' a$ p  w4 Z4 j& g6 V$ ?; i
بىزگە مەلۇمكى ، مەشھۇر بۇددا بۇددا ئىبادەتخانىسى قۇمتۇرا مىڭئۆي ئۆگەن دەرياسىنىڭ شەرقى قىرغىقىىدىكى چۆلتاغ ئېغىزىغا جايلاشقان.
+ B; c2 f9 E8 Q: G+ t( bسۇ دېمەك ھاياتلىق دېمەكتۇر ، سۇ بار جايدا ھاياتلىق بۇلىدۇ. بۇ ئەزەلىي قانۇنىيەت. ھەمىمىزگە مەلۇمكى،  ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدا ئۆگەن دەرياسى، يېڭى دەريا،خانقىتام  چوڭ ئۆستىڭى،دۆڭقوتان  چوڭ ئۆستىڭى، ئالاقاغۇ چوڭ ئۆستىڭى قاتارلىق دەريا-ئۆستەڭ،ئېقىنلار  بار بۇلۇپ،بۇلار ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدىغان موھىم ئامىل .) \  @9 X' s  }+ v% b6 H
ماتىرىياللاردىن مەلۇم بۇلىشىچە ‹‹ دەريالار تەپسىراتى ئىزاھلىرى››دائۆگەن دەرياسى ‹‹غەربى دەريا›› دەپ ئاتالغان قەدىمى دەريا بۇلۇپ، ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى    داۋزىيا،قۇمتۇر،لەڭگەر،بەشكېرەم، خامپىۋاغ، ئىپارباغ قاتارلىق مەھەلىلەر دەل ئۆگەن دەرياسىنىڭ كونا دەريا ئېقىنىنىڭ شەرقى قىرغىقىغا جايلاشقان.
2 K' {5 u* W7 l: f8 ]فىرانسىيىلىك مەشھۇر  شەرقشۇناس،ئېكىسپىدىتسىيچى  پائۇل پېللىئوت 1907-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن تاكى شۇ يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئۆگەن دەرياسىنىڭ كونا دەريا ئېقىنىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان دۇلدۇلئۇقۇر(شاھتۇر-ئۈچتۇر بۇددا خارابىسىدا) بۇددا خارابىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بۇلۇپ، ئۇ بۇجەرياندا نەپىس نەقىش ئۇيۇلغان ياغاچ لىم، ياغاچ تۈۋرۈك، ياغاچ قۇلۇپ، ياغاچ ئاچقۇچ، بۇددا ھەيكىلىنىڭ باش قىسمىنى قۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ياغاچ قېلىپ، تۈمۈر تامغا، قاشتېشى تامغا، مىس ئەينەك،بۇددا ھەيكىلىنى كۈچۈرۈپ- كۆپەيتىپ باسىدىغان ياغاچ مەتبەئە بۇيۇمى قاتارلىق ماددى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قېزىپ ئەكەتكەن. ئۇ بۇ نەرسىلەرنىڭ يىل دەۋرى توغرىسىدا ‹‹دۇلدۇلئۇقۇردىن(شاھتۇر-ئۈچتۇر بۇددا خارابىسىدىن) تېپىلغان پۈتۈن يادىكارلىقنىڭ يىل دەۋرىنى مىلادىيە 750-800-يىللار ئارلىقىدا دەپ ھۆكۈم قىلالايمىز.››دىگەن يەكۈننى چىقارغان. بىز بۇنڭدىن بۇ يېزىنىڭ تارىخىنىڭ ئۇزاق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالايمىز. 【3】
( K; W, S3 z( B5 Yئۈچئۆستەڭ يېزىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ 10-يىلى (مىلادىيە 1884-يىلى)شىنجاڭ ئۆلكىسى قۇرۇلغاندا، كۇچا  بىۋاستە قاراشلىق قۇتاتقۇ مەھكىمىسىنىڭ غەربىي يېزىسىغا تەۋە بولغان. گۇاڭشۈ 28-يىلى(مىلادىيە 1902-يىلى) كۇچا بىۋاستە قاراشلىق ئايمىقىنىڭ 4-رايۇنىغا تەۋە بولغان.مېنگونىڭ2-يىلى(مىلادىيە 1913-يىلى)كۇچا ناھىيىسى قۇرۇلغاندا ،ئاۋالقىدەكلا 4-رايۇنغا تەۋە بولغان. مېنگونىڭ35-يىلى(مىلادىيە 1946-يىلى) كۇچا ناھىيىسىدە باۋ-جىيا تۈزۈمى  رەسمى يولغا قۇيۇلغاندا ئۈچئۆستەڭ يېزىسى 4-رايۇن بەيشى يېزىسىغا تەۋەقىلىنىپ جەمئى 13 باۋ،156 جىياغا ئايرىلغان.مېنگونىڭ 37- يىلى (1948-يىلى) پۈتۈن ناھىيە  يېڭىدىن رايۇن، يېزا، باۋ، جىيالارغا ئايرىلغاندا،ئۈچئۆستەڭ يېزىسى3-رايۇن بەيشى يېزىسىغا تەۋە قىلىنپ، جەمئى  7 باۋ،128جىيا بولغان.ئازاتلىقتىن كىيىن،1950-يىلى باۋ،جىيا تۈزۈمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، خەلق ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندا ئۈچئۆستەڭ يېزىسى3-رايۇن (كۆكتىكەن رايۇنى)غا تەۋە بولغان. 1954-يىلى يەنىلا  3-رايۇن قىلىپ ئايرىلىپ، ئۇنىڭغا ئىپارباغ، ئۈچئۆستەڭ،غوجىلئېرىقدىن  ئىبارەت ئۈچ يېزا تەۋە قىلىنغان.1956-يىلىدىن باشلاپ يېزىدا ئۈچ ئالى كوپراتىپنىڭ ئاساسى قۇرۇلغان. 4 z$ p" @. p* N* m
1958-يىلى كوممۇنالاشتۇرۇش مەزگىلىدەئۈچئۆستەڭ، غوجىلئېرىق ئىككى يېزا ئۆكتەبىر كوممۇناسى بۇلۇپ،ئىپارباغ يېزىسى  سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسى بۇلۇپ قۇرۇلغان. 1959-يىلى 3-ئايدا سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسى ئۆكتەبىر كوممۇناسىغا قۇشۇلغان، شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى نامى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسى دەپ ئۆزگەرگەن. 1966-يىلى  11-ئاينىڭ 15-كۈنى نامى سەكرەپ ئىلگىرلەش كوممۇناسىغا ئۆزگەرگەن.  1978-يىلى نامى ئەسلىگە كەلگەن. 1984-يىلى كوممۇنا يېزىغا ئۆزگەرتىلگەندە ،ئۈچئۆستەڭ يېزىسى دەپ ئاتالغان. 【4】
7 Z; {' p$ Y2 r  Z' ?  q4 z( sيېزا تەۋەسىدە مەمىلكەت بۇيىچە نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن قۇمتۇر مىڭئۆي . ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە نوقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنىدىن شاختۇر-ئۈچتۇر بۇددا خارابىسى، قوشتۇر قەدىمى ئىز خارابىسى بار.
( t( Z& l4 V/ ~$ v7 nمەن تۆۋەندە بۇ يېزا تەۋەسىدىكى يەرجاي ناملىرىنىڭ ئېتمولۇگىيسى توغرىسىدىكى دەسلەپكى مۇلاھىزىلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۈتىمەن .
; C4 }. L- j' V7 q+ s           1 .ئۈچئۆستەڭ2 z! Q& g! e; {- y8 O
ئۈچئۆستەڭ –ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ۋە ئۈچئۆستەڭ كەنتنىڭ نامى بۇلۇپ،  يېزىلىق ھۇكۇمەت جايلاشقان  ئۇرۇندىن  1.4 كىلومىتىر  جەنۇبىغا جايلاشقان. * d1 O; X0 k9 p" V- g; K% l1 C# o, D: K
مەزكۇركەنىت ئۈچۆستەڭ يېزىلىق پارتىيە ھۈكۈمەت  ئورگانلىرى تۇرۇشلۇق جاي بۇلۇپ، ئۆچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ سىياسى ،ئىقتىسادى، مەدىنيەت، مائارىپ، سەھىيە، ساغلاملىق، سودا_سېتىق،تور نۇقتىلىرى پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.   
; s- ]9 e3 B7 ]) V' p1 d- Xئۈچئۆستەڭ كەنىتى 1946-يىلى 4-رايۇن بەيشى يېزىسىغا تەۋە بولغان.1950 –يىلى 5– رايۇنغا قاراپ، ‹‹ئۈچئۆستەڭ يېزىسى›› دەپ ئاتالغان. 1956 –يىلى ئۈچئۆستەڭ ئالىي كوپراتىپى بۇلۇپ ئۆزگەرتىلىپ قۇرۇلغان. 1958 –يىلى ئۆكتەبىركوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ، ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان. 1959- يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ ئۆزگەرتىلگەن،يەنىلا ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان.  1963 –يىلى داۋزىيا چوڭ ئەترىتى بىلەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، نامى‹‹ ياڭبەن چوڭ ئەترىتى››گە ئۆزگەرتىلگەن. 1976 –يىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى چوڭ ئەترەت ئەسلىدىكى بۈلۈنگەن ھالىتىگە قايتقان ۋە ‹‹ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى›› دىگەن نامى  ئەسلىگە كەلتۇرۈلگەن. 1984 –يىلى ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى ئۈچئۆستەڭ كەنىت مەھەللە  كومىتىتىغا ئۆزگەرتىلگەن.【5】
* X" `/ k# Z8 W* ^+ Z' aھازىر ئۈچئۆستەڭ كەنىت مەھەللە  كومىتىتى يەتتە كىچىك كەنت  گورۇپىسىدىن تەشكىل تاپقان بۇلۇپ ، جەمئى 839 ئائىلە ، 6376 نۇپۇسى بار. ئومۇمى يەر كۆلىمى 25000مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5000 مو.
- y( M2 A2 V& U/ s6 U2 [0 }‹‹ئۈچئۆستەڭ›› دىگەن بۇ نام مەزكۇر يېزىنىڭ تەبئىي شارائىتىغا ئاساسەن قۇيۇلغان بۇلۇپ،ئۈچئۆستەڭنىڭ ئوتتۇرىسىنى پەيلۇ ئۆستىڭى ، چاقىنىڭ ئۆستىڭى، پەيزىۋات ئۆستىڭى دىگەن ئۈچ ئۆستەڭ شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ كىسىپ ئۆتىدۇ.شۇڭا ‹‹ئۈچئۆستەڭ››دەپ ئاتالغان. بۇ ئۈچ ئۆستەڭ تۆۋەندىكىچە :
- E. B6 D$ p$ k  u- S(1)        پەيلۇ ئۆستىڭى – ئۆگەن دەرياسىنىڭ سۇ بېشىدىن (لۇڭكۇدىن ) باشلىنىپ- ئۈچئۆستەڭ بازىرىنى كىسىپ ئۈتۈپ چىمەن بازىرىنىڭ دابۇز سۇ باشقۇرۇش رايۇنىدا (گەنلىچۈدە ) ئاخىرلىشىدۇ .) E; b- o9 A- d$ }" ^7 O
(2)        چاقىنىڭ ئۆستىڭى – ئۆگەن دەريا سۇ بېشىدىن باشلىنىپ- ئۈچئۆستەڭ بازىرىنى كىسىپ ئۈتۈپ بىھىشباغ يېزىسىنىڭ خانقا ، شور كۆل ،كۆك تىكەن ، بوستان كەنىتلىرىنىڭ تېرىلغۇ سۈيىنى تەمىنلەيدىغان ئۆستەڭ ., M+ j# y* @9 C8 h
(3)        پەيزىۋات ئۆستىڭى – ئۆگەن دەرياسىنىڭ سۇ بېشىدىن باشلىنىپ- ئۈچئۆستەڭ بازىرىنى كىسىپ ئۈتۈپ پەيزىۋات كەنتىدە ئاخىرلىشىدۇ .. A; I1 |. q, e- B; x
2.  ئارمەھەللە
* T! h0 B. d: B! |ئارمەھەللە -  يېزىلىق ھۇكۇمەت جايلاشقان ئۇرۇندىن4.5 كىلومىتر  شەرقى جەنۇبىې تەرپىگە جايلاشقان. مەزكۇر كەنت ئەسلى ‹‹ئارائۆستەڭ چوڭ ئەترىتى››گە قاراشلىق بۇلۇپ، 1979 –يىلى ئالتە ئىشلەپچىقىرىش  كىچىك ئەتىرىتى ‹‹ ئارمەھەللەچوڭ ئەترىتى›› بۇلۇپ قۇرۇلغان.1984-يىلى چوڭ ئەترەت كەنىت مەھەللە  كومىتىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.【6】 تەۋەلىكىدە ئۈچ كىچىك كەنىت  گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ  295 ئائىلە ، 1286 نۇپۇس بار . ئومۇمى يەر  كۆلىمى 20000مو، تېرىلغۇيەر كۆلىمى 2500 مو . ھەمىمىزگە مەلۇمكى ،‹‹ ئارا›› سۆزى ‹‹ئارلىقتىكى  ، ئىككى ئوتتۇرا، ئوتتۇرسى›› دىگەن مەنىلەرگە ئىگە بۇلۇپ ، ھەقىقەتەن ئارا مەھەللە جۇغراپىيلىك جەھەتتىن ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ  كەنىت ‹‹ئارامەھەللە›› دەپ ئاتالغان .
) X2 s; v6 A  u3. ئارا ئۆستەڭ5 G; f, G+ V  e2 G- I* G) j3 u
ئارا ئۆستەڭ-  يېزىلىق ھۇكۇمەت جايلاشقان  ئۇرۇندىن 3 كىلومىتىر شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان  كەنتنىڭ نامى بۇلۇپ،خەلق جانلىق تىلىدا ‹‹ئارئۆستەڭ››دىيىلىدۇ.  ئۇ 1946-يىلى 4-رايۇن بەيشى يېزىسىغا قارىغان.1950 –يىلى 3-رايۇن ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا قارىغان. 1958 –يىلى ئۆكتەبىر كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ، ئارائۆستەڭ   چوڭ  ئەترىتى دەپ ئاتالغان. 1959–يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا  تەۋە قىلىنىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن يەنىلا ‹‹ئارا ئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى›› دەپ  ئاتالغان.1984-يىلى ئارا ئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى‹‹ كەنىت مەھەللە كومىتىتى›› قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.【7】 كەنىتتە ئۈچ كىچىك كەنىت گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ، 301ئائىلە 1402نۇپۇس بار. ئومۇمى يەر كۆلىمى 22100مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2700 مو.
  j) _/ u6 A8 y- @1 H4 x* Aئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئوتتۇرىسىنى شىمالدىن جەنۇپقا قاراپ كىسىپ ئۆتىدىغان   ئۈچ ئۆستەڭنىڭ بىرى بولغان پەيزىۋات ئۆستىڭى(ھازىر بۇ ئۆستەڭ ئېرىققا ئايلىنىپ قالغان) ئارائۆستەڭ كەنتىنى ئوتتۇرىدىن كىسىپ ئۆتىدىغان بولغاچقا بۇ مەھەللە نامى ‹‹ئارائۆستەڭ ››دەپ ئاتالغان.
! K# j! I, T$ x4. ئاخۇنلا
/ \, _$ z- X! p/ Y8 l, p! tئاخۇنلا – ئۈچئۆستەڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت جايلاشقان جاينىڭ3.2 كىلومىتىر شەرقى جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان مەھەللىنىڭ نامى،ھازىرئارائۆستەڭ كەنتىگە تەۋە بۇلۇپ،سەكرەپ ئىلگىرلەش سۇ ئامبىرىنىڭ جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان. ; \& t6 I0 b% g! i. \
بۇ جاينىڭ نامى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەتلەر بار : تۆت ئاخۇنۇم بىرلىشىپ ئاچقانمۇ ، ياكى بىرنىڭ كەينىدىن يەنە بىرى ئاشقانمۇ نامەلۇم . بىراق قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر تۇنجى قېتىم بۇ مەھەللىدە بوز ئاشقان، كۆكەرتىپ ، ئاۋاتلاشتۇرۇپ مەھەللە بىنا قىلغان كىشلەردەل ئاشۇ ئاخۇنۇملار بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ مەھەللە نامى ئاخۇنۇملار بىنا قىلغان مەھەللە دىگەن مەنىدە ئاخۇنلا مەھەللىسى دەپ ئاتىلىپ قاپتىكەن .+ D( l. |9 Z' `  K/ a5 T, k8 l! i
5. تۇغچى             6 M# O0 K, i& ^- Q% N% l# W8 |3 O
تۇغچى –يېزىلىق ھۇكۇمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ  4.5 كىلومىتر  جەنۇبىې تەرپىگە يەنى يېڭى دەريانىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان كەنتنىڭ نامى بۇلۇپ ، ئۆگەن دەرياسىىنىڭ ئايىقىدا  كەلكۈن چۈشۈرىدىغان يېڭى دەريا ئېقىمى دەل تۇغچى كەنتى ئىككىگە بۈلۈپ ئېقىپ ئۈتىدۇ.
, p5 n" Q; v/ m" _تۇغچى1949–يىلى4- رايۇننىڭ بەيشى  يېزىسىغا تەۋە بولغان . 1950-يىلى  3-رايۇن ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا تەۋە بولغان .1958 –يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ، تۇغچى چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان .1959-يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ ئۆزگەرگەندىن كىيىن يەنىلا تۇغچى چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان. 1979 –يىلى ئۈستۈن تۇغچى ،تۆۋەن تۇغچى دەپ ئىككى چوڭ ئەترەتكە بۇلۇنگەن . 1984- يىلى چوڭ ئەترەتنى كەنىت كومىتىتى قىلىپ ئۆزگەرتكەندىن كىيىن ئۈستۈن تۇغچى كەنىت كومىتىتى ۋە تۆۋەن تۇغچى كەنىت كومىتىتى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.【8】 كەنىت ئىچىدە يەتتە كەنىت كىچىك گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ . 531 ئائىلە ، 2402 نۇپۇس بار  ، ئومۇمى يەر كۆلىمى  45000مو، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 5300 مو .
: y+ V1 f. g: ?0 F/ h8 Bبۇ كەنتنىڭ نامى توغرىسىدا خەلق ئارىسىدا ئوخشاشمىغان ئىككى خىل قاراش مەۋجۇت. بىرىنچى رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا: ئىنتايىن ئۇزۇن زامانلار ئىلگىرى بۇ يەرگە تىلەك بۇۋاي دىگەن تۇغچى(قەدىمقى زامانلاردا قۇشۇننىڭ بېشىدا تۇغ-ئەلەم تۇتۇپ ماڭغۇچى) ئادەم دەپنە قىلىنغان بولغاچقا كەنت نامى تۇغچى  دەپ   قۇيۇلغان دىگەن قاراش مەۋجۇت. 【9】
4 K* }4 z7 x) O- o0 |* k( rئىككىنچىسى. ھەر يىلى كەلكۈن مەزگىلىدە يېڭى دەريا ئېقىنىغا سۇ ھەددىدىن تاشقىرى كۆپ كىلىپ بۇ كەنتنىڭ دەريا قىرغاقلىرىدىكى يەرلەرنى ئېقىتىپ كەتكەچكە كىشىلەر كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن دەريا قىرغاقلىرىغا تۇغ باغلىغان. بۇ خىل ھالەت بۇ مەھەللە بارلىققا كەلگەندىن باشلاپ داۋاملىشىۋاتقاچقا ، كىشىلەر بۇ مەھەللىنى تۇغچى- تۇغ باغلىغان ( توغان – توسما ياسالغان ) مەھەللە دەپ ئاتاشقان دىگەن قاراش مەۋجۇت. 11-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك تىلشۇناس ئالىم مەھمۇد كاشىغەرى  ئۆزىنىڭ‹‹ دىۋانۇ لۇغاتىت تۇرك›› ناملىق ئېنسىكلوپىدىك ئەسىرىدە ‹‹ تۇغ ›› سۆزىنى  ‹‹ تۇغ، تۇغان››  دەپ ئىزاھلاپ كېلىپ” سۇۋقا تۇغ ئۇر – سۇغا تۇغ باغلا “【10】 دىگەن مىسالنى ئالغان. بىز بۇنىڭدىن ۋە بۇ كەنتنىڭ جۇغراپىيلىك تۈزۈلۈشىغا ئاساسەن ئىكىنچى قاراشنى توغرا دەپ قارايمىز.4 _, {0 R/ T' Z+ ~( o/ K# K$ H
6. غوجىلئېرىق & q: t3 w1 ?: {' t4 n' A& t' a
غوجىلئېرىق يېزىلىق ھۈكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جاينىڭ 4.5 كىلومىتىر شەرقى جەنۇبىي تەرىپىگە جايلاشقان كەنتنىڭ نامى.8 X; r' C# q9 M
غوجىلئېرىق كەنىت ئازادلىقتىن ئىلگىرى 4 – رايۇننىڭ بەيشى يېزىسىغا تەۋە بولغان . 1950 – يىلى غوجىلئېرىق يېزىسى دەپ ئاتالغان . 1956 – يىلى غوجىلئېرىق ئالىي كوپىراتىپىغا ئايلانغان . 1958 – يىلى ئۆكتەبىر كوممۇناسىغاتەۋە بولۇپ، غوجىلئېرىق چوڭ ئەترىتى دەپ  ئاتالغان . 1959 – يىلى-يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ ئۆزگەرگەندىن كىيىن يەنىلا غوجىلئېرىق چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان. 1979 – يىلى  بۇ  چوڭ ئەترەت غوجىلئېرىق1- چوڭ ئەترەت ، غوجىلئېرىق2- چوڭ ئەترەتكە بۈلۈنۈپ كەتكەن. 1984 – يىلى چوڭ ئەترەت كەنىت كومتتىغا ئۆزگىرىپ غوجىلئېرىق1- چوڭ ئەترىتى ئۈستۈن غوجىلئېرىق كەنىت كومتتى، غوجىلئېرىق2- چوڭ ئەترىتى تۆۋەن غوجىلئېرىق كەنىت كومتتىتى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.【11】2005-يىلى ئۈستۈن غوجىلئېرىق كەنتى  بىلەن تۆۋەن غوجىلئېرىق كەنتى بىرلىشىپ، غوجىلئېرىق كەنتى دەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.
) @2 m7 W3 y  i, H$ ^كەنىت ئىچىدە ئالتە كەنىت كىچىك گورۇپپىسى بار بۇلۇپ، 441 ئائىلە ،2047 نۇپۇس بار،ئومۇمى يەر كۆلىمى 35200مو،  تېرىلغۇ    يەر كۆلىمى 5100 مو .* U  i+ o6 v2 G" O& R
غوجلئېرىق – غوجىلار ئېرىقى دىگەنلىك بۇلۇپ ، كونىلارنىڭ ئېيتىشچە ، بۇ مەھەلىنىڭ ئېرىقلىرى غوجىلارغا تەۋە ئىكەن . ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، بۇ مەھەللە ئېرىقلىرىنىڭ ئىگىلىرى بولغان بۇ غوجىلار مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەليۇللا ئەۋلاتلىرى بۇلۇپ ، ئۇلار بۇ مەھەلىگە كۇچا دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى راشىدىن غوجا دەۋرىدە كۆچۈپ چىققان ئىكەن .
4 @' K/ @6 F- W3 l' x) y7.  پەيزىۋات ) \% E6 j, f! i6 X# l& N  y# Q# F
پەيزىۋات يېزىلىق ھۈكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جاينىڭ 7 كىلومىتىر شەرقى جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان كەنت نامى . ئازادلىقتىن ئىلگىرى 4 – رايۇنىڭ بەيشى يېزىسىغا تەۋە بولغان . 1950 – يىلى 3 – رايۇن غوجىلئېرىق يېزىسىغا تەۋە بولغان . 1958 – يىلى ئۆكتەبىر كوممۇناسىغا  تەۋە بۇلۇپ، پەيزىۋات چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان . 1959 – يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ ئۆزگەرگەندىن كىيىن يەنىلا پەيزىۋات چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان. 1980 – يىلى ئىككى چوڭ ئەترەتكە بۆلۈنۈپ، ئۈستۈن پەيزىۋات چوڭ ئەترىتى ، تۆۋەن پەيزىۋات چوڭ ئەترىتى  دەپ ئاتالغان . 1984 – يىلى چوڭ ئەترەت كەنت مەھەللە كومېتىتىغا ئۆزگەرگەندىن كىيىن، بۇ چوڭ ئەترەتلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈستۈن پەيزىۋات كەنىت كومتتى، تۆۋەن پەيزىۋات كەنىت كومتتى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. 【12】 كەنىت ئىچىدە ئالتە كىچىك كەنىت گۇرۇپىسى ،437 ئائىلە ،1924 نۇپۇس بار . ئۇمۇمى يەر كۆلىمى40200مو، تېرۇلغۇ يەر كۆلىمى5100 مو.8 E/ o3 i- V0 v; k# x
پەيزىۋات نامىنڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا كىشىلەر ئارىسىدا ئىككى خىل پىكىر مەۋجۇت . % c9 w! }0 _" c9 h; q
1-        پىكىر: پەيزىۋات – پەيزىئاۋات دىگەنلىك بۇلۇپ ، بۇ جاي بۇرۇندىن تارتىپ ھاۋاسى ئوبدان ، باغ- بوستانلىق ، ئاۋاتلىققا تولغان جاي بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان دىگۈچىلەرنىڭ قارىشى .
. C, u6 [1 I; z2-        پىكىر – پەيزىۋات – پىياز ئاۋات سۆزىدىن كېلىپ چىققان بۇرۇندىن تارتىپ بۇ جاينىڭ پىيىزى داڭلىق. شۇڭا كىيىنكى كۈنلەردە  پىيىزى ئاۋات دىگەن سۆز بۇ مەھەللىگە نام بۇلۇپ قالغان دىگۈچىلەرنىڭ قارىشى . بىزنىڭ قارىشىمىزچە بۇ قارش خاتا، چۈنكى ئۇيغۇرتىلىدا پىيىزى داڭلىق دىيىلىدۇ، ھەرگىزمۇ پىيىزى ئاۋات دىيىلىدىغان سۆز بولمايدۇ.شۇڭا بىز بىرىنچى قاراشنى قۇۋەتلەيمىز.
8 U* ?! Q2 X8 _* |8.قۇمتۇر : R& g# r: x; m: T' U0 J; u
قۇمتۇر – ئۈچئۆستەڭ يېزا بازىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان كەنىت بۇلۇپ ، كەنىت بىلەن ئۈچئۆستەڭ بازىرىنىڭ ئارلىقى4.6كىلۇمىتىر كىلىدۇ . قۇمتۇر  كۇچادىكى مەشھۇر بۇددىزىم ئىبادەتخانىسى قۇمتۇر مىڭئۆي جايلاشقان جايدۇر .
& `+ V+ R  ?3 E  b, V" O3 {/ |بۇكەنت ئازادلىقتىن ئىلگىرى 4 – رايۇنىڭ بەيشى يېزىسىغا تەۋە بولغان .1950-يىلى 3 – رايۇن غوجىلئېرىق يېزىسىغا تەۋە بولغان .  1958 – يىلى سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ، قۇمتۇر چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان . 1959 – يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ ئۆزگەرگەندىن كىيىن يەنىلا قۇمتۇر چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان. 1976 – يىلى لەنگەر چوڭ ئەترىتى بىلەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ قىزىل يۇلتۇز  چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان. 1978–يىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى چوڭ ئەترەت ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتقاندىن كىيىن، قۇمتۇر چوڭ ئەترىتى دىگەن نامى ئەسلىگە كەلتۇرۈلگەن. 1984-يىلى چوڭ ئەترەت كەنىت مەھەللە كومىتىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.【13】 4كىچىك گۇرۇپپىغا بۈلۈنگەن بۈلۈپ440ئائىلە،1874نۇپۇس بار. ئۇمۇمى يەر كۆلىمى 45000مو، تېرۇلغۇ يەر كۆلىمى 3200 مو.
! S+ _$ i( o' p, A. P  ]! s‹‹ تۇر ›› ئادەتتە  قەدىمكى دەۋرلەردە جەڭدە سىگنال بېرىش،ئالاقىلىشىش، ياۋ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتلگەن مۇنار بولۇپ، بۇرۇنلاردا بۇ كەنت تەۋەلىكىدە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان تۇر بولغانىكەن. قۇمتۇر سۆزىدىن بىلىنىپ تۇرىدىكى ، بۇ ‹‹ قۇم بارخانلىرى ئارىسىدىكى تۇر  ›› دېگەنلىكتۇر . ئەپسۇسكى بۇ تۇرنىڭ ئىزنامىسى يامغۇرنىڭ ۋە سۇنىڭ ‹‹ يالىشى ›› بىلەن ئازاتلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ۋەيران  بولغان .5 B* d9 b2 S8 y% l
9.  لەڭگەر - Z8 D6 Z, S' [1 R+ l/ {6 T# o: ~
لەڭگەر – ئۈچئۆستەڭنىڭ غەربىگە جايلاشقان كەنىت بۇلۇپ ، يېزا مەركىزى بىلەن بولغان ئارلىقى تەخمىنەن  5.2 كىلومىتىر كېلىدۇ .ئازاتلىقتىن ئىلگىرى 4- رايۇن بەيشى يېزىسىغا قارىغان.  1950 –يىلى 3- رايۇننىڭ غوجىلئېرىق يېزىسىغا تەۋە بولغان . 1958 –يىلى سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ،لەڭگەر چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان . 1959 – يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ ئۆزگەرگەندىن كىيىن يەنىلا لەڭگەرچوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان. 1976 –يىلى قۇمتۇر چوڭ ئەترىتى بىلەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ قىزىل يۇلتۇز  چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان . 1978 –يىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى چوڭ ئەترەت ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتقاندىن كىيىن لەڭگەر چوڭ ئەترىتى دىگەن نامى ئەسلىگە كەلتۇرۈلگەن. 1984-يىلى چوڭ ئەترەت كەنىت مەھەللە  كومىتىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ【14】 بەش كىچىك گۇرۇپپىغا بۈلۈنگەن بۇلۇپ ، 448 ئائىلە ،2152 نۇپۇس بار .ئۇمۇمى كۆلەم 30300مو، تېرۇلغۇ يېرى4500 مو. ‹‹ لەڭگەر›› سۆزى پارىسچە ‹‹ ئۆتەڭ›› دىگەن مەنىدە. ئۆگەن دەرياسى كۇچا ناھىيىسى بىلەن توقسۇ ناھىيىسنى ئايرىپ تۇرىدىغان پاسىل بۇلۇپ،ئىككى ناھىيىگە قاتنايدىغان كىشىلەر ھازىرقى  لەڭگەر كەنتى دەپ ئاتىلىدىغان  بۇجايدىن ئۆتىدىغان بۇلۇپ، بۇ جەريانلاردا بۇ جاي يۇلۇچىلارغا ئۆتەڭلىك رولىنى ئۆتىگەن. .شۇڭلاشقا بۇكەنت ‹‹ ئۆتەڭ ›› دىگەن مەنىدە لەڭگەر دەپ ئاتالغان. 2 O' ]. S- E: W* r
10.  بەشكېرەم  
7 a& O( q  V- ]  s* Z  بەشكېرەم  يېزىلىق ھۇكۇمەتنىڭ  5 كىلومىتىر غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان كەنتنىڭ نامى بۇلۇپ، ئازاتلىقتىن ئىلگىرى4-رايۇن بەيشى يېزىسىغا قاراشلىق بولغان   .1950 –يىلى 3 –رايۇننىڭ غوجلېئېرىق يېزىسىغا تەۋە بولغان . 1958 –يىلى سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ،‹‹ بەشكېرەم چوڭ ئەترىتى›› دەپ ئاتالغان . 1959 – يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ ئۆزگەرگەندىن كىيىن يەنىلا بەشكېرەم چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان. 1980 – يىلى چوڭ ئەترەت بۆلۈنۈپ بىر قىسىمى  ياقابەشكېرەم  چوڭ ئەترىتى ،بىر قىسمى تۆۋەن بەشكېرەم چوڭ ئەترىتى دىگەن نام بىلەن ئاتالغان. 1984 – يىلى چوڭ ئەتىرەت كەنىت مەھەللە  كومىتىتىغا ئۆزگەرتىلگەندە ياقابەشكېرەم  چوڭ ئەترىتى- ئۈستۈن بەشكېرەم كەنىت كومتتى ، تۆۋەن بەشكېرەم چوڭ ئەترىتى- تۆۋەن بەشكېرەم كەنىت كومتتى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان.【15】  بەشكېرەم  كەنتى  ھازىر7 كىچىك گۇرۇپپىغا بۇلۇنگەن بۇلۇپ ،450 ئائىلە ، 2290 نۇپۇس بار،ئۇمۇمى يەر كۆلىمى 47000مو، تېرۇلغۇ يەر كۆلىمى 3900 مو .
9 R9 v# ~; P  \. u0 x: w# Dبەشكېرەم ئەسلىدە بەش گېرەم ( ياكى بەش گەمە ) دېگەندىن كىلىپ چىققان . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، بەشكېرەم مەھەلىنىڭ دەسلەپكى بىنا قىلغۇچلاردىن بىر قانچە كىشى ئۈچئۆستەڭ يېزىسىدىكى مەشھۇر تەرىقەتچى سۇپى ئاق ئاتام بۇزرۇكۋارغا ( بۇ كىشىنىڭ مازىرى لەڭگەر كەنتىدە ) قول بىرىشىپ مۇرشىد – مۇرتلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. بۇ قول بەرگەن يېڭى مۇرتلار سۇپىلارنىڭ ئادىتى بۇيىچە بەش گېرەم ( گەمە ) كولاپ ، بۇ كولىغان گېرەم ( گەمدە ) لەردە ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان . شۇنىڭ بىلەن بارا – بارا بەشگېرەم بۇ يۇرتنىڭ نامىغا ، بەشگېرەم ئاستا – ئاستا بەشكېرەم نامىغا ئۆزگەرگەن ئىكەن .
4 M5 B) G; q9 I7 ]7 C7 ~6 h11. قارسۇ 7 D2 E$ k6 ^+ z* T; o# J: f- I
قارسۇ – ئۈچئۆستەڭ يېزا بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان كەنت بۇلۇپ ،يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن ئارلىقى تەخمىنەن  7.7 كىلومىتىركېلىدۇ . ئادەتتە خەلق قارسۇ دەپ ئاتايدۇ. ئازاتلىقتىن ئىلگىرى 4 –رايۇننىڭ بەيشى يېزىسىغا تەۋە بولغان . 1950 –يىلى 3- رايۇننىڭ غوجلېئرىق يېزىسىغا  قارىغان .1958 – يىلى سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ، قارسۇ چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان . 1959 – يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ ئۆزگەرگەندىن كىيىن يەنىلا قارسۇ چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان.  1979 – يىلى قارسۇ چوڭ ئەترىتى قارسۇ  ۋە دۇگېتئېرىق ئىككى  چوڭ ئەترەتكە بۈلۈنگەن. 1984 – يىلى قارسۇ چوڭ ئەترىتى قارسۇ كەنىت كومتتىغا ئۆزگەرگەن.【16】 كەنىتتە ئالتە كىچىك كەنىت گۇرۇپىسى بار بۇلۇپ ،439 ئائىلە ،2030 نۇپۇس بار بۇلۇپ ،ئۇمۇمى يەر كۆلىمى 25200مو، تېرۇلغۇ يەر كۆلىمى 5600 مو., a% M- z- Y9 b( e6 L
قارسۇ ئەسلى ‹‹قاراسۇ›› بۇلۇپ، خەلق ئادەتتە قارسۇ دەپ ئاتايدۇ.‹‹ بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت››تە‹‹قاراسۇ››دىگەن بۇ سۆزنى ‹‹سۈيى توڭلىمايدىغان كۆل››دەپ ئىزاھلىغان. 【17】يەرلىك پىشقەدەملەرنىڭ قارىشىمۇ بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان بۇلۇپ، ئۇلار بۇسۆزنى شىۋە بۇلۇپ‹‹ مۇز تۇتمىغان يەر ياكى مۇز تۇتمىغان سۇ ››دەپ قارايدۇ،ئۇلارنىڭ ئاڭلاشلىرىغا ئاساسلانغاندا ، ئۆگەن دەرياسى يىڭى شەكىللەنگەن مەزگىلدە ،توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئۆگەن يېزىسى بىلەن ئېقىپ ئاياغ قىسمى قارسۇ كەنىتنىڭ ئوتتۇرسى بىلەن ئاققان بۇلۇپ ، قىش پەسلىدە قاراسۇنىڭ ئاياغ قىسىمى ۋە بېشى ( شىمالىي ) تەرەپ مۇز تۇتۇپ قاراسۇ كەنىتنىڭ ئۇتتۇرى ( ئۇدۇل تەرىپى ) مۇز تۇتمىغان . شۇنىڭ بىلەن كىشلەر بۇ يەرنى قارا ئاققان ( يەرلىك شىۋە بۇلۇپ ، مۇز تۇتمىغان دېگەن مەنىدە ) يەر ياكى قارا ئاققان سۇ دەپ ئاتىغانىكەن . كېيىنچە بۇ سۆزلەر ئىخچاملىنىپ قارسۇ (قاراسۇ) دېيىلگەنىكەن .
' o5 D- z7 t2 e1 W. n12. دۇگاتئېرىق– ئۈچئۆستەڭ بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان مەھەللە بۇلۇپ ، تەخمىنەن  6.7 كېلومىتىر كېلىدۇ . 1978 – يىلىدىن بۇرۇن قارسۇ چوڭ ئەترىتىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ، 1979 – يىلى قارسۇ چوڭ ئەترىتى بۈلۈنگەندە، دۇگىتئېرىق چوڭ ئەترىتى بۇلۇپ قۇرۇلغان. .1984 – يىلى كەنىت كومتتى قىلىپ ئۆزگەرتىگەن.【18】
9 d' h' b) ]* A/ N0 vدۇگاتئېرىق نامىنىڭ پەيدا بۇلۇشى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەتسىمان گەپلەر تارقالغان . شاھ مەشرەپ ئەۋلىيا (مەشھۇر ئىسيانكار شائىر بابارەھىم مەشرەپ ) يۇرتىدىن ئايرىلىپ ، شۇ زاماندىكى مەشھۇر سۇپى ئاپپاق خوجا (ھىدايىتۇللائىشان ) ھۇزۇرىغا (قەشقەرگە ) بېرىش ئۈچۈن دەل دۇگاتئېرىقتىن ئۈتۈپ قاپتۇ . قارىسا كىشىلىرى شۇنداق ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلاردىن بۇلۇپ، كىشىلەر ۋاقتى ئاللاغا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگۈدەك . ئېرىقلىرىدا سۈپسۈزۈك ، تاتلىق سۇلار تېشىپ كىتىشكە ئازلا قالغان ئىكەن .   ئەۋلىيا بۇنى كۆرۈپ ، بۇ ئېرىق راست دۇئا ئالغان ئېرىق ئىكەن دەپتۇ ۋە بۇ گەپنى (دۇئا ئېرىق دىگەننى )بۇ يەرگە ئىسىم قىلىپ قۇيۇپ كىتىپ قاپتۇ. كىيىنچە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ، دۇئائېرىق دىگەن سۆز دۇگاتئېرىققا ئۆزگەرگەن ئىكەن.     يەنە بىر نەرسىنى ئەسكەرتىپ قۇيۇش زۈرۈركى ، بۇ كەنتنىڭ نامى جانلىق تىلدا ‹‹ دۇۋتېرىق ››دىيىلىدۇ . بۇ گەپنىڭ تەلەپپۇز ھالىتى ‹‹ دۇئائېرىق ›› قا يېقىنراق كېلىدۇ . چۈنكى ، ئويغۇر تىلىدا ‹‹ ئا ›› تاۋۇشى ‹‹ ئې ›› تاۋۇشقا ئاجىزلىشىدۇ . بۇ سۆزدە قوش ‹‹ ئې ›› تاۋۇشى بولغاچقا ، ئالدىنقى ‹‹ ئې ›› لەۋلىشىپ ‹‹ ۋ ›› ھالىتىگە كەلگەن . شۇنىڭ ئۈچۈن مەن بۇ رىۋايەت شەكلىنى بىر قەدەر ئەمىليەتكە ئۇيغۇن ، ‹‹ دۇئا ئېرىق ›› سۆزى ‹‹ دۇگاتئېرىق ›› سۆزىگە ئۆزگەرگەن دەپ قارايمەن .
% F; B# ]' ?7 b13. خامپا باغ  
6 w& L" _( Q" C5 N% |* B. U  T! i  خامپا باغ- يېزىلىق ھۈكۈمەتنىڭ 8.7 كىلومىتىر شەرقى جەنۇبىغا جايلاشقان كەنتنىڭ نامى. ئازادلىقتىن ئىلگىرى 4 – رايۇن بەيشى يېزىسىغا قارىغان . 1950 – يىلى 3- رايۇننىڭ غوجىلئېرىق يېزىسىغا تەۋە بولغان . 1958 – يىلى سۈنئى ھەمراھ كوممۇناسىغا تەۋە بولۇپ ،خامپاباغ چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان . 1959 – يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ ئۆزگەرگەندىن كىيىن يەنىلا خامپاباغ چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان.  1968 –يىلى نامىنى غالىبىيەت چوڭ ئەترىتى دەپ ئۆزگەرگەن . 1978 – يىلى يەنە نامىنى ئۆزگەرتىپ خامپاباغ چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان . 1979 – يىلى خامپاباغ چوڭ ئەترىتى خامپاباغ  ۋە ئىپارباغ ئىككى  چوڭ ئەترەتكە بۈلۈنگەن. 1984 – يىلى خامپاباغ چوڭ ئەترىتى خامپاباغ كەنىت كومتتىغا ئۆزگەرگەن.【19】 كەنىتتە 6 كىچىك كەنىت گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ ،539 ئائىلە ،2553 نۇپۇس بۇلۇپ ،ئۇمۇمى يەر كۆلىمى 35100مو، تېرۇلغۇ يەر كۆلىمى 5700 مو.. k3 t0 {6 z7 P) o
مەزكۇر كەنتنىڭ غەربىي چېگرىسى ئۆگەن دەرياسىنىڭ قىرغىقى بىلەن تۇتاش بولغاچقا بۇ كەنتنىڭ جايلىشىش ئورنى دەريا ئېقىنىغائەگىشىپ خامپا (سۇ تۈگمىنىدە تارتىلىپ چىققان ئۇن چۈشىدىغان جاي(سولما ساندۇق))شەكلىدە بىر سولما بولغانلىقى ئۈچۈن خامپىغا ئوخشايدىغان كەنت دىگەننىڭ ئورنىغا ‹‹خامپا باغ   ››دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئىكەن. يەنە بىر رىۋايەتتە : ئافراسىياپ زامانىسىدا بۇ باغنىڭ ئورنى دەريا بۇيىدىكى ناھايتى گۈزەل جاي بولغاچقا، بۇ باغ- ئافراسىياپنىڭ سەيلىگاھى بولغان ئىكەن ۋە بۇ باغدا چەتتىن كەلگەن مېھمانلارنىمۇ قۇبۇل قىلار ئىكەن.شۇڭا بۇ باغ ئەسلى ‹‹خانلىق باغ›› بولۇپ، كېيىنچە  ‹‹خامپا باغ ››دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىكەن.【20】
0 z3 E2 ?( D& F14. ئىپارباغ# ?& n, q7 f* j( V/ Q( Q, d
ئىپارباغ يېزىلىق ھۇكۇمەتنىڭ 7 كىلومىتىر غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان مەھەللىنىڭ نامى. ئۇئەسلىدە خامپاباغ چوڭ ئەترىتىنىڭ بىر قىسمى بۇلۇپ، 1979 – يىلى خامپاباغ چوڭ ئەترىتى بۈلۈنگەندە،   ئىپارباغ چوڭ ئەترىتى بۇلۇپ قۇرۇلغان. .1984 – يىلى كەنىت كومتتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن. 【21】
' h8 l7 s' w+ R7 K5 s( J: Fئلگىرىكى زامانلاردىن تارتىپلا   بۇ كەنتنىڭ ئاھالىلىرى مىۋە-چىۋە ئۆستۈرۈپ مىۋىلىك باغ قىلىشنى ئادەت قىلىپ كەلگەن بۇلۇپ، مىۋىلىك دەل-دەرەخلەر چېچەكلەپ مىۋە بىرىپ  پىشقان پەسىلدە  مەھەللىنىڭ ھاۋاسى خۇش پۇراق ھىدقا تۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بۇ پۇراقلارنى ئىپارنىڭ پۇرىقىغا ئوخشۇتۇپ،ئىپار پۇرىقى چېچىپ تۇرىدىغان باغ  دىگەن مەنىدە بۇ كەنتنى ‹‹ئىپارباغ›› دەپ ئاتاپ كەلگەن ئىكەن.
8 [1 C0 @0 c4 }: A; y- K6 B2 ^( `+ t15.  داۋزىيا
+ b8 Y) D$ M! ^8 e5 z$ M   داۋزىيا– ئۈچئۆستەڭ يېزىسىنىڭ بازىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە توغرا كىلدىغان كەنتنىڭ نامى . ئۇ ئۈچئۆستەڭ بازىرىغا 2.8 كىلومىتىر يىراقتا . كەنىت ئۆگەن دەرياسىنىڭ شەرقى قىر غىقىغا ،يىڭى دەريانىڭ شىمالى قىرغىقىغا جايلاشقان . يەر شەكلى  شىمالى ئىگىز ،جەنۇبى پەس.
; ?9 i; [! v+ d* J% L1955 – يىلى ئۆكتەبىر كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ داۋزىيا چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان . 1959 – يىلى ئۈچئۆستەڭ كوممۇناسىغا تەۋە بۇلۇپ ئۆزگەرگەندىن كىيىن يەنىلا داۋزىيا چوڭ ئەترىتى دەپ ئاتالغان.  1966 –يىلى ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى بىلەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ ياڭبەن چوڭ ئەترىتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.1979- يىلى بىرلەشتۈرۈلگەن ئىككى چوڭ ئەترەت ئەسلىدىكى بۈلۈنگەن ھالىتىگە قايتقان ۋە داۋزىيا چوڭ ئەترىتى دىگەن نامى ئەسلىگە كەلتۇرۈلگەن. 1984 –يىلى ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتى ئۈچئۆستەڭ كەنىت مەھەللە  كومىتىتىغا ئۆزگەرتىلدى.【22】 كەنىت ئىچىدە ئالتە كىچىك كەنىت گۇرۇپپىسى بار بۇلۇپ .600 ئائىلە 2583 نۇپۇس ئۇيغۇرلار ئاساسى ئۇرۇننى ئگىلەيدۇ .  كەنتنىڭ ئۇمۇمىي يەر كۆلىمى 65مىڭ مو ،تېرۇلغۇ يەر كۆلىمى 9800مو.
! e$ o6 v1 V  W* T4 F0 j: ^; r‹‹داۋزىيا ›› سۆزى ئەسلى ‹‹دەرۋازىيار›› بولۇپ،‹‹ دەرۋازا ›› سۆزى جانلىق تىلدا ‹‹ داۋزا ›› دىيىلىدۇ . تىلىمىزدىكى ئادەت بۇيىچە سۆز ياكى بۇغۇم ئاخىرىدىكى ‹‹ ر ›› تاۋۇشى چۈشۈپ قالىدۇ . شۇ سەۋەپتىن ‹‹ دەرۋازا ›› - ‹‹ داۋزا ›› غا ، ‹‹ يار ›› - ‹‹ يا ›› غا ئۆزگەرگەن . ئەمدى ، كەنىتنىڭ نىمىشقا داۋزىيا (دەرۋازىيار) دەپ ئاتىلىپ قالغانلىقىغا كېلەيلى : بۇ كەنىت دەريانىڭ باش تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ ، كەلكۈن كۆپرەك كېلىدۇ . كەلكۈننى خەلىق ‹‹ يار كېتىش ›› دەپمۇ ئاتايدۇ .ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ، ئەينى يىللىرى كەلكۈننى تىزگىنلەش ئۈچۈن يار كەتكەن جايغا دەرۋازا بېسىپ سۇنى توختاتقان . شۇ سەۋەپتىن بۇ كەنىت داۋزا (دەرۋازا) ئورناتقان يار مەنىسىدىكى ‹‹داۋزىيا (دەرۋازىيار)›› دەپ ئاتالغان ئىكەن .  
# [- R3 k; Q5 w8 W16.قوشتۇر
6 A, m3 i1 u0 k+ ^# Y8 w4 ?/ rقوشتۇر-كۇچا بازىرىنىڭ 13.5كېلۇمىتىر غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان كەنتنىڭ نامى. بىركىچىك ئەترەتتىن تەشكىل تاپقان بۇلۇپ، 1300ئائىلە،1852نۇپۇس بار.ئۇمۇمى يەر كۆلىمى 45000مو،  تېرىلغۇ يەر كۆلىمى600مو.
- z* E4 z( n# V$ S" b: wبۇ كەنت تەۋەسىدە  خەن –تاڭ دەۋرىگە مەنسۇپ بولغان تەخمىنەن 7 مىتىر ئىگىزلىكتىكى چاسا شەكىللىك تۇر،ئۇنىڭ 30 مىتىر غەربىدە سەل كىچكرەك تۇر بار【23】 بولغاچقا بۇ كەنت قوشتۇر دەپ ئاتالغان. ھازىر بۇ قوشتۇرنىڭ بىرى بۇزۇلغان ھالەتتە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
: z6 o5 _$ G* q2 p17  چۆلتۇر ; J$ }* D2 R' g" U; _, S
چۆلتۇر - ئەسلىدە ئۈچئۆستەڭ يېزىسىغا قاراشلىق چوڭ ئەترەت بۇلۇپ ، 1977 – يىلى 10–ئاينىڭ 15 – كۈنى سەكرەپ ئىلگىرلەش سۇ ئامبىرى كېڭەيتىپ ياساش قۇرلىشى باشلانغان چاغدا ، چۆلتۇر چوڭ ئەترىتى ۋە چوڭ ئەترەتنىڭ 7500 مو تېرىلغۇ يېرى سۇ ئاستىدا قالدى ، 246 ئائىلە 1031 كىشى ھەر قايسى چوڭ ئەترەتلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلدى ، بۇ چوڭ ئەترەت مەۋجۇت بۇلۇشتىن قالدى، بۇ كەنىتنىڭ ئورنى سۇ ئامبىرى بولدى【24】 . چۆلتۇر نامىدىن مەلۇمكى ، بۇ ‹‹دەشت – چۆللەردە قۇرۇلغان تۇر››  دېگەن مەنىدىكى سۆزدىن ئىبارەت  بۇلۇپ،ئەسلىدە بۇ چوڭ ئەترەت تەۋەسى ئىلگىرى بىر چۆل –جەزىرە بۇلۇپ،بۇ يەردە بىر تۇر بولغان.بۇ  تۇر كىيىنكى كۈنلەردە تەبئى ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇزۇلغان، قېلىپ قالغان قىسمى كوممۇنا مەزگىلىدە كىشىلەرنىڭ ئېتىزلىقىغا ئۇغۇت قىلىنغان.
3 M/ G4 a' w0 Z9 V9 D18.    ياڭبەن.(样板)
+ k1 n, F  [+ A) e9 G/ q& ~$ F: Bياڭبەن(样板)خەنزۇچە سۆز بۇلۇپ ، ئۈلگە ، نەمۇنە، ئۆرنەك دېگەن ئۇيغۇرچە مەنىلەرگە ئىگە . ئۈچئۆستەڭ خەلقى ئۈچئۆستەڭ كەنتىنى ئادەتتە ياڭبەن (样板) دېگەن نام بىلەن ئاتايدۇ.  ئۇنداقتا ياڭبەن (样板) دېگەن نام قانداق كىلىپ چىققان ؟
* p4 ^: c& I) X1 ?) ]1960-يىللاردا ھەر ئىككى چوڭ ئەترەتنى (大队) (ھازىرقى كەنت نامى شۇ چاغلاردا چوڭ ئەترەت –  大队دەپ ئاتىلاتتى .) بىر چوڭ ئەترەت قىلىپ بىرلەشتۈرۈش سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تارىخى شارائىتتا ، كۇچا ناھىيىلىك پارتكومىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 1966- يىلى دەرۋازىيار چوڭ ئەترىتى بىلەن ئۈچئۆستەڭ چوڭ ئەترىتىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سىياسى ھەركەتلەردە ئاكتىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ياڭبەن چوڭ ئەترىتى (一样板大队ئۈلگىلىك چوڭ ئەترەت ) دەپ ئاتالغان . 1976 - يىللاردا بۇ سىياسەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، دەرۋازىيار ، ئۈچئۆستەڭ ئايرىم – ئايرىم كەنت قىلىپ ئايرىلغان ۋە ئۈچئۆستەڭ كەنىت داۋۇزىيار ‹‹ داۋزىيا ›› كەنىت دەپ ئاتالغان . ياڭبەن دىگەن بۇ نام ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ ، يەنىلا كىشلەر كونا ئادىتى بۇيىچە ئۈچئۆستەڭ كەنىتنى ياڭبەن دەپ ئاتاپ كەلمەكتە . 9 U1 A3 m& g7 S
19.    ھۇرۇنباغ   V9 i* ^; @7 f
ھۇرۇنباغ ئۈچئۆستەڭ يېزا بازىرىنىڭ غەربى شىمال تەرىپىگە توغرا كېلىدىغان بىر جاينىڭ نامى.
8 n5 `2 R) G8 ]& _! S  {بۇ جاينىڭ ئورنى ئۆگەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىسىمىغا يەنى كونا دەريا بۇيىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ھۇرۇنباغ سۆزىدىن مەلۇمكى ، بۇ ھۇرۇنلارنىڭ بېغى ياكى ھۇرۇنلار ئارام ئالىدىغان باغ دىگەن مەنىدە . تارىخ گۇۋاھچىلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا ، شىڭ شىسەي دەۋىرلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىرىدە ھۇرۇنباغ دەپ ئاتالغان ، مۇشۇ جايدا دەرەخلەر قۇيۇلۇپ ، ياخشى پەرۋىش قىلىنغان . كىيىنچە بۇ دەرەخلەر بۈك – باراقسان ئورمانزارغا ئايلىنىپ كىشلەرگە سالقىنلىق بېغىشلايدىغان جايغا ئايلانغان . مەلۇمكى ، ئۆگەن دەرياسىنىڭ ئايىقىدا كەلكۈن چۈشۈردىغان يېڭى ۋە كونا دەريا ئېقىمى بار بۇلۇپ ، كونا دەريا بۇيىغا ھاشار ئۈچۈن كەلگەن كىشلەر ئەنە شۇ دەرەخلىققە كىلىپ ئارام ئېلىشقان . كىشلەر دەرەخلىقنى ‹‹ باغ ›› بولمىسىمۇ ، ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلاشقا باغنىڭ ھۇزۇرىدىن قېلىشمايدۇ دەپ قاراپ بۇ دەرەخزارلىقنى باغ ، ھاشارنىڭ جاپاسىدا ھېرىپ كىتىپ ئارام ئېلىشقان كىشلەرنى ھۇرۇنلار دەپ ئاتاشقان ۋە بۇ يەرنىڭ ئىسمىنى ھۇرۇنباغ دەپ ئاتاشقا باشلىغان . بۇ جايدا  رەسمىي باغ بىنا قىلىنغان ۋاقتى ئازاتلىقتىن كىيىن بۇلۇپ ، سۇ ئىدارىسى بۇ يەردە 10 مو ئەتراپىدا ئۈرۈكلۈك باغ ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن .
8 [+ D1 e6 I* c, |6 g5 N* c+ a+ B" H20.بۆرە قۇم . 9 r- A2 x9 i/ u7 E' o
بۆرە قۇم  تۇغچىغا تەۋە جاينىڭ نامى . بۆرە قۇم سۆزىدىن مەلۇمكى بۇ بۆرە ماكانلاشقان قۇم  ياكى بۆرىگە تەۋە قۇم دىگەن مەنادىكى سۆزدىن ئىبارەت .
% `+ N$ \: q4 p" r9 |بۆرە قۇم دىگەن بۇ نام توغرىسىدا  كىشىلەر ئارىسىدا مۇنداق گەپ بار: بۆرە قۇم دەپ ئاتالغان بۇ جاي ئەسلىدە بۇرۇنلاردا كەڭرى كەتكەن قۇملۇق بۇلۇپ ، بىر كۈنلەردە بىر بۆرە مۇشۇ قۇملۇقتىكى بىر قۇم بارخاننىڭ ئارقىسىدا بىر بۆرە كۇچىكىنى تۇغۇپتۇ. كىيىنچە بۇ ئانا – بالا بۆرە كۆپىيىپتۇ.  بۇنىڭ بىلەن بۇ قۇملۇق بۆرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. كىشىلەر بۇنى كۆرۈپ بۇ جاينى بۆرە قۇم دەپ ئاتىغان ئىكەن .4 U: A( P- r! _( D
يۇقىرقىلار مىنىڭ بىرنەچچە يىللىق ئۆگىنىشىم، ئىزدىنىشىمنىڭ نەتىجىسى . ئۈچئۆستەڭ يېزىسى تەۋەسىدىكى يەر ناملىرى توغرىسىدا يازما ماتىرىياللار بولمىغانلىقى ئۈچۈن،خەلقنىڭ ئارىسىغا تارقالغان بىرقانچە خىل قاراشلارنىڭ ئىچىدىن ئۈزەم مۇۋاپىق دەپ قارىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالدىم. بۇ جەريانلاردا كەتكۈزۈپ قويغان سەۋەنلىكلىرىم بۇلىشى تەبئى. بۇ توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ ياخشى پىكىرلەرنى بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ., u( F" Q( Z, W* H3 c
ئىزاھات:.
9 G; j) b$ V4 h- e# \1-2-4.كۇچا ناھىيىلىك يەر ناملىرى كومىتېتى تۈزگەن: ‹‹كۇچا ناھىيىسى يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى›› 1994-يىل خەنزۇچە باسمىسى 47-بەت
* X4 F5 S1 i! D2 a) [& N3-تەلئەت ئۇبۇلقاسىم تۈمەن:‹‹ پائۇل پېللىئوتنىڭ كۇچادىكى ئارخىئولۇگىيىلىك پائالىيىتى ›› تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ژورنىلى 2003-يىل 2-سان
2 D* v9 [* \. J$ f" N[5.كۇچا ناھىيىلىك يەر ناملىرى كومىتېتى تۈزگەن: ‹‹كۇچا ناھىيىسى يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى›› 1994-يىل خەنزۇچە باسمىسى 48-بەت
5 ?. B1 y/ E$ ?1 K- m1 o5 I[6][7][8-9.كۇچا ناھىيىلىك يەر ناملىرى كومىتېتى تۈزگەن: ‹‹كۇچا ناھىيىسى يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى›› 1994-يىل خەنزۇچە باسمىسى 49-بەت
# W* {4 n7 w0 U% t/ I[10.ئابلىمىت ئەھەت، دىلدار مەمتىمىن تۈزگەن ‹‹قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى لۇغىتى›› –شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 1989-يىل نەشىرى 174-بەت               
( A1 K5 ^4 ?. H! X[11][12.كۇچا ناھىيىلىك يەر ناملىرى كومىتېتى تۈزگەن: ‹‹كۇچا ناھىيىسى يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى›› 1994-يىل خەنزۇچە باسمىسى 50-بەت1 A, d' u# |' {% b0 R, }
[13][14][15][16.كۇچا ناھىيىلىك يەر ناملىرى كومىتېتى تۈزگەن: ‹‹كۇچا ناھىيىسى يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى›› 1994-يىل خەنزۇچە باسمىسى 51-بەت5 H: C& j" i# n0 i+ C* G
[17.غالىپ بارات ئەرك ‹‹يەر ناملىرىدا ھىكمەتلەر  كۆپ ›› شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى 2007-يىل 12-سان25-بەت
, ?& R7 p) b& u) x% v" g6 U$ U6 N) _[18][19][21][22.كۇچا ناھىيىلىك يەر ناملىرى كومىتېتى تۈزگەن: ‹‹كۇچا ناھىيىسى يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى›› 1994-يىل خەنزۇچە باسمىسى 52-بەت; c  r  e- X1 ^% Z+ W! H
[20.نىياز مەھمۇت ‹‹ كۇچادىكى بەزى كەنت ناملىرىنىڭ ‹‹باغ ›› دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا ›› (ماقالە) كۇچا تارىخ ماتىرىياللىرى مەجمۇئەسى 4-قىسىم 1996-يىل باسمىسى.# n1 @, Y. i- S2 p/ g3 y# W. A
23.كۇچا ناھىيىلىك يەر ناملىرى كومىتېتى تۈزگەن: ‹‹كۇچا ناھىيىسى يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى›› 1994-يىل خەنزۇچە باسمىسى 319-بەت* k1 Q& N: [* V) E. I
24.كۇچا ناھىيىلىك تەزكىرە كومېتىتى  تۈزگەن :‹‹كۇچا ناھىيىسى تەزكىرىسى ››شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1997-يىل 9-ئاي نەشىرى 382-بەت .
" P) [6 o4 |0 Y" f
7 s: u9 U" m6 c9 v$ i' X7 J3 r3 C; I) ~1 Z8 m9 z3 s$ d- y8 r
$ t! c$ [9 y0 [; c3 e. x5 }- m

* z* v, Y. p. V& f) y) g2][ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈسەمىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 15:14  7 d0 F8 C. Y9 u. O/ n
5 S8 y) b$ j1 j

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2228
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 204
تۆھپە : 10
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 17:31:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
             يۇرتلار   تەزكىرىسىنىڭ    كۆپلەپ  مەيدانغا  كىلىشى  تۇلىمۇ  ياخشى   بىر  يۈزلىنىش...; c4 M5 H( x! E$ t
   ئەمما  ژۇرناللارنىڭ  ھەجىمى  چەكلىك  سەۋەبلىك  ئىشلىتىشكە  ئامال  بولماي  ،نۇرغۇن  ئەسەرلەر  ساندۇقلاردا  ساقلانماقتا...ھەي!!!

تارىخنىڭ  چۆلىدە  چىچەكلىسە قۇم،
ئاخىرقى ئاقكەپتەر چىشلەيدۇ چۇقۇم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش