ximal
كۆرۈش: 67|ئىنكاس: 4

كۇچا ئۇيغۇر تىبابەت تارىخىغا كىرىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2123
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 14:53:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇچا ئۇيغۇر تىبابەت تارىخىغا كىرىش
قۇربانجان ئابلىكىم ئىمىن(كۈسەمىش) ،ئەركىن نىياز ،ئەبەيدۇللا ھەسەن،ئۆمەر نىياز
ئۇيغۇر تىبابىتى_ئەقىللىق ،تىرىشچان ،چىچەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىلى داۋالاش تەجىرىبىسىنىڭ جەۋھىرى .پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات داۋامىدا شانلىق مەدەنىيەت سېستىمىلىرىنى ياراتقان بۇلۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتى مانا شۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئۇيغۇر تىبابىتى-سېستىمىلاشقان،مۇپەسسەل نەزىرىيىۋى ئاساسقا،مۇكەممەل خاسلىققا ئىگە تىبابەتچىلىك ئىلمى بۇلۇپ، ئۇ بايقال-يەنسەي،ئورخۇن-سىلىنگا ،ئىلى-يەتتسۇ،تارىم ۋە سىر-ئامۇ دەريالىرىنى باغرىغا بېسىپ ياتقان كەڭ زىمىندا ھەركەتلەنگەن تۈركى-تۇران،ئارىئان تۇركۈمىدىكى مىللەت-قوۋملەرنىڭ ئەمەلى ياشاش جەريانىدا پەيدا بولغان، ھەرخىل تىپتىكى كېسەللىكلەرگە ،يارلىنىشلارغا،ئۈلۈمگە قارىتا ئېلىپ بارغان تىببى تەجىرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى.بۇنىڭغا ئاشۇ مىللەت- قوۋملەرنىڭ تازلىق-پاكىزلىق قاراشلىرى،ساغلاملىق قاراشلىرى،تەبىئەت قاراشلىرى،ھاياتنى سۈيۈش ۋەئۈزىنى قەدىرلەش قاراشلىرى شۇنداقلا قەيسەر- ئىرادىلىك خاراكتىرى سېڭىپ كەتكەن.شۇنداق بولغاچقا، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ جەنۇبى ۋەشىمالىدا كەڭ بىمارلارنىڭ "دەردىگە داۋا،رەنجىگە شىپا" بۇلۇۋاتقان ،ئويغۇر تىبابەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قۇشۇۋاتقان شىپاگەرساھىپقىرانلارنىڭ جاپالىق ئەجرى ۋە تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆز تەسىرىنى مىسلىسىز كېڭەيتتى ۋە كېڭەيتمەكتە.
ئۇيغۇر تىبابىتى باشقا مىللەت تىبابەتچىلىكىىدىن پەرقلىنىدىغان روشەن خاسلىق ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى . بىز شۇنى قەيىت قىلىپ ئۈتىمىزكى،ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە تەرەققى قىلىشى ھەرگىزمۇ ئايرىم قەۋم ،مەلۇم يۇرتنىڭ تىبابەتچىلىك جەريانىلىرىغىلا  ئەمەس يەنە ئورتاق تىرىشىش،ئۆزئارا تەجىرىبە ئالماشتۇرۇشلارغىمۇ باغلىق بولغان. بىز بۇنى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە   راۋاجلىنىشىدىكى ھەل قىلغۇچ كۈچلەرنىڭ بىرى بولغان كۇچا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ تارىخى تەرەققىيات جەريانلىرى  بىلەن ئىسپاتلاپ ئۈتمەكچىمىز.
ھەمىمىزگە مەلۇمكى كۇچاقەدىمدە كۈسەن نامى بىلەن مەشھۇر بولغان يۇرت بۇلۇپ  ، ئۇنىڭ تىروتىرىيىسى ھازىرقى باي،كۇچا، توقسۇ،شايار،ئونسۇناھىيسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى .ئۇ- كەڭ كەتكەن زېمىن، مۇنبەت تۇپراق،ئەمگەكچان، تىرىشچان خەلق،مول يەرئاستى-يەرئۈستى مەدەن بايلىقلىرى،تۈرلۈك-تۈمەن دەل-دەرەخ،گۈل-گىياھ، ئۈسۈملۈك،ھايۋانات مەنبەسى،ئۆگەن،مۇزارت،تارىم دەريالىرىنى ئاساس قىلغان مول سۇ مەنبەلىرى ،خەلقئارالىق سودا يۇلىنىڭ موھىم نوقتىسى بۇلۇش قاتارلىق كۇزۇرلارغا ئىگە بۇلۇپ  ،بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بۇ بوستانلىقنىڭ ياشنىشىنى،شۆھرەتلىك كۈسەن مەدىنىيىتىنىڭ جۈملىدىن كىيىنكى چاغلاردا ناملانغان كۇچا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە گۈللىنىشىنى شەكىللەندۈرگەن مۇھىم ئامىللار ئىدى. مۇشۇنداق مۇھىم مەدەنىيەت مەركىزى بولغان بۇ بوستانلىقتا قاچاندىن باشلاپ ئىنسان زاتىنىڭ ياشىغانلىقى توغرىسىدا ھەرخىل قىياسلار مەۋجۇت بۇلۇپ،    ئارخىئۇلۇگلار‹‹ كۇچا قارادۆڭ خارابىسى ،ئاقسۇ كوناشەھەر ئەتىراپىدىكى ئىز ۋە ئاقسۇ قارايۇلغۇندىكى خارابە ئىزىدىن تېپىلغان ئارخىئۇلوگىيلىك تېپىندىلارنى بىرونزا قۇراللار دەۋرىگە  تەئەللۇق ››① دەپ قاراشنى ھۆكۈم سۆپىتىدە ئوتتۇرغا قويماقتا، لىكىن بىز ئامىرىكىلىق ئىپتىدائى جەمىيەت تەتقىقاتچىسى لىۋىس ھىنىرى مورگاننىڭ ‹‹قەدىمكى جەمىيەت›› ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدىكى ‹‹يەرشارىدا ئىنسانلارنىڭ ئەلمىساقتىن تارتىپ پەيدا بۇلۇشقا باشلىغانلىقىدىن ھېچكىم گۇمان قىلمايدۇ›②دېگەن قارىشىغا ۋە كۈسەن ئاھالىسىنىڭ تارىم دەريا بويلىرىداجۈملىدىن ئۆگەن ۋە كۇچا دەريا ھاۋزىلىرىدا ئەڭ بۇرۇن ئولتۇراقلاشقان قەۋملەرنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىگە شۇنداقلا كۈسەننىڭ غەربى يۇرت بۇيىچە ئەڭ بۇرۇن شەھەر- قەلئە مەدەنىيىتى ياراتقان يۇرت بۇلۇش تارىخىغا ئاساسەن بىرونزا قۇراللار دەۋرىدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا نىسبەتەن ئارخئولوگىيلىك پاكىتلار تېپىلمىغان، يازما ماتىرىياللار مەۋجۇتلىقىنى ساقلىيالمىغان بولسىمۇ،ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلەرنى يۇرۇتىدىغان  ماتىرىياللار ھەرخىل تارىخى ،ئىجتىمائى ،سىياسى ۋە جۇغراپىيلىك سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئۇزاق تارىخى زامانلار داۋامىدا يوقالغانلىقىنى قىياس قىلغان ھالدا پىروفىسۇر سۇبىيخەي ‹‹يىپەك يۇلى ۋە كۈسەننىڭ تارىخ مەدەنىيىتى›› ناملىىق كىتابىدا ئىيتقاندەك :‹‹كۈسەن رايۇنىدا ھىچ بولمىدى دىگەندە كونا تاش قۇراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىلا ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى بولغان ››③ لىقىنى مۇقىملاشتۇرالايمىز.
كۈسەندىن ئىبارەت كەڭ تىرۇتىرىيەنى ماكان قىلغان كۈسەنلىكلەرنىڭ ياشاش جەريانلىرى تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ۋە تۈۋەن ئېقىنىدا ئولتۇراقلاشقان ياكى سىر-ئامۇ دەريا بويلىرىدا ياشىغان قېرىنداشلىرىنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىدى.بىز تەسەۋۋۇرىمىزنى قانات يايدۇرۇپ،ئانىنىڭ قورسىغىدىن يېڭىلا تۇغۇلغان بوۋاقنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك ،بوۋاقنىڭ يۇرۇق دۇنياغا تۇنجى قېتىم كۈزئاچقاندىن كىيىن تەمتىرەش،يىتىرقاش،قورقۇش،قىزىقىش تۇيغۇلىرىدا بولىدىغانلقىنى ھېس قىلىمىز.بۇ يېڭى،ئېچىلمىغان زېمىنغا تۇنجى قېتىم قەدەم قويغان بۇ بىر توپ ئىنسانلارنىڭ تۇيغۇ- ھىسىياتلىرىمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشايتى.دەماللىققا ئۇلار تەمتىرىدى،لىكىن بۇ تەمتىرەش بىر مەزگىللىك تۇيغۇلا ئىدى.ئۇلار ياشىشى،ھايات كەچۇرىشى كېرەك.بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى يىمەك-ئىچمەك،كىيىم-كېچەك،تۇرالغۇ جاي ۋە ھايات كەچۈرىشىگە پايدىلىق بولغان باشقا قۇشۇمچە نەرسىلەرنى ھەل قىلىش مەسىلىسى ئىدى.
     ئۇلار ئالدى بىلەن ئەتراپىدىكى ھايۋاناتلارنى ئپتىدائى ئۇسۇل بىلەن ئۈلتۈرۈپ،ئۇنىڭ گۈشىنى ئۇزۇقلۇق ،تېرىسىنى يېپىنچاقىلدى،ياۋا مىۋىلەرنى تىرىپ ئۇزۇقلۇقلارنى خىللاشتۇردى،ھەرخىل ئۈسۇملۈكلەرنى يەپ باقتى،ئۇلار تاغ- جىرا غارلارنى،يوغان دەرەخلەرنىڭ كاۋاكلىرىنى پاناھلىنىش ماكانى قىلىپ دەسلەپكى تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.بۇ مەزگىلدە ئۇلارنىڭ كوللىكتىپچانلىقى بەك يۇقىرى بۇلۇپ، توپلىشىپ ياشايتى.ئۇلارنىڭ ھايۋانلارنى ئپتىدائى ئۇسۇللار بىلەن ئۆلتۈرۈش جەريانلىرى ئىپتىدائى ئوۋچىلىقنى شەكىللەندۇردى.ئوۋچىلىق مەزگىللىرىدە ياۋايى ھايۋانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۇلۈش،يارىلاندۇرۇلۇش،تاغلاردىن يىقىلىپ ئەزالىرىدىن ۋە جېنىدىن جۇدا بۇلۇش،يىلان-چايانلار تەرىپىدىن زەھەرلىنىش،ئوت-چۆپ، مىۋىلەرنى ئىستىمال قىلىش جەريانىدا زەھەرلىنىش ۋە زىيان قىلىش نەتىجىسىدە كېسەللىنىش،پاشا،قۇرۇت-قۇڭغۇزلارنىڭ چېقىۋېلىشى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ھەرخىل نورمالسىز ئۈزگىرىشلەر جۈملىدىن ھاۋارايى ۋەتەبىئەتنىڭ  ئالمىشىپ ئۈزگىرىشى تۈپەيلىدىن زۇكام بۇلۇش ياكى باشقا كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بۇلۇش قاتارلىقلار بۇلۇپ تۇراتتى.
بۇنداق يارلىنىش ،كېسەللىنىش ،ئۆلۈش ھادىسلىرىنىڭ قەدەمدە بىر ئۇچىرىشى ئۇلارنى سەگىتمەي،ئويلاندۇرماي قالمىدى،بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆز ھاياتىنىڭ قىممەتلىكىنى ،ھاياتنىڭ سۈيۈملۈگلكىنى سەزدى ۋە بۇنداق ۋەھىمىلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن ئامال ئىزدىدى .
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا ئۆسۈملۇك،ياۋامىۋىلەر، ھايۋانات،ئۇچارقۇشلارنىڭ گۆشلىرى ،ئىچكى ئەزالىرىنى يىيىش داۋامىدا ئۇلارنىڭ ئىنسان بەدىنىگە بولغان پايدا - زىينىنى تۇنۇپ يەتتى ،دەل – دەرەخ شاخلىرىنى قالاش جەريانلىرىدا بەزى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئوت تەپتىنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىگىنى بايقىدى .ھايۋان تېرىلىرىنى يېپنچاقلاش جەريانىدا  بىر قىسىم ھايۋان تېرىلىرىنىڭ ئىنسان سالامەتلىكىنى ئاسىراش رولىنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىپ يەتتى .ئۇلار ھەتتا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ زەربىسى ،تاغلاردىن يېقىلىپ كىتىش ،دەرەخلەرنىڭ پۇتاقلىرىغا ئىلىشىپ قېلىش بىلەن يېرىلغان بەدەن تېرىلىرىنى سۆڭەك يىڭنە،ھايۋان قىللىرى ئارقىلىق تىكتى.دەرەخ يۇپۇرماقلىرىنى يارىلىرىغا تاڭدى.قۇش پەيلىرىنى كۆيدۈرۈپ يارىلىرىغا بېسىش  ئۇسۇللىرىنى قوللاندى. بەدەنلىرىگە لاي – پاتقاقلارنى ،سېغىزلارنى ۋەئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۈيىنى چىقىرىپ سۈركەش ئارقىلىق زىيانداشلارنىڭ چېقىشىنىڭ ۋە ئاغرىق ئىششىقلارنىڭ ئالدىنى ئالدى.بۇ ئارقىلىق بارلىق ئىنسانلارغا تەئەللۇق بولغان ئەڭ ئىپتىدائى ساغلاملىق ئەم ئادەتلىرى شەكىللەندى.
چاقماق چېقىپ ئاسمان گۈلدۈرلەش ،ئۆسۈملۈكلەرنىڭ، دەل- دەرەخلەرنىڭ ئەتىيازدا كۆكلىشى ،يازدا مىۋە بىرىشى ،كۈزدە خازانلىشىشى قاتارلىق بىر قاتار تەبىئەت ھادىسلىرى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى  شەيئىلەر ۋە ھادىسلەر بىلەن بىر قاتارغا قۇيۇپ ،ئەتىراپىنى ئوراپ تۇرغان بارلىق تەبئەت ھادىسلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ قارىشىغا سەۋەپ بولۇپ، ئىپتىدائى تەبىئەت ئىلاھىيەتچىلىكىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ۋە مەلۇم مەزگىللەردىن كىيىن ئىپتىدائى تەبىئەت ئىلاھىيەتچىلىكىنڭ ھەممە نەرسىدە ھاياتلىق روھى بار دېگەن قارىشىنىڭ داۋامى سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىپ ھەر نەرسىنىڭ كەينىدە شۇ نەرسىگە مۇئەككەل بولغۇچى تەڭرىلەر مەۋجۇت دەپ قارايدىغان ئانىمىزىم  ئېتىقاتچلىقى  شەكىللەنگەن ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە  ئاسمان،تۇپراق ،سۇ،مۇقەددەس تاغلارغا، ئوتلارغا تىۋىنغان ۋە قۇياش ،ئوت مۇئەككەللىرى ،سۇ،دېڭىز-دەريا مۇئەككەللىرى،يەر- زىمىن مۇئەككەللىرى،تۇغۇت ۋە بالىلار مۇئەككەللىرى،سالامەتلىك ،ئۆمۈر – رىزىق مۇئەككەللىرىنى مەيدانغا كەلتۇرگەن.
بۇ قاراشلار ئىپتىدائى ئىنسانلار پەلسەپە ئىدىيەسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ياردىمى بۇلۇپلا قالماستىن ، تۇغۇت ۋە بالىلارغا،سالامەتلىك ۋە ئۆمۈر- رىزىققا مۇئەككەل بولغۇچى تەڭرىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى  ئىپتىدائى تۇغۇتشۇناسلىق قاراشلىرىنىڭ،سالامەتلىكنى ئاسىراش نەزەرىيىلىرىنىڭ پەيدا بۇلىشىغا ئاساس سالدى .
زامانلارنىڭ ئۈتىشى ،ئىنسان تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرىنىڭ مۇكەممەللىشىپ بېرىشى،مەنپەئەتدارلىق تۇيغۇسىنىڭ ئېشىپ بېرىشى ئارقىسىدا، ئىپتىدائى پادا – توپ ھالىتىدە ياشاۋاتقان قەبىلىلەر ئۆزلىرىنى تەبىئەت نىڭ بىر قىسمى بولغان كۆك بۆرە ، دەل-دەرەخ، شۇڭقار قاتارلىقلاردىن پەيدا بولغان دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش نەتىنجىسىدە تۇتىم ئىتىقادى ۋۇجۇتقا كەلدى .تۇتىمىزىم ئۆز نۆۋىتىدە خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە،ئىپتىدائى سەنئىتىگە تەسىر قىلىپ قالماستىن يەنە تىبابەتچىلىككىمۇ كۆرىنەرلىك ھالدا تەسىر قىلغان .
قەدىمقى كىشىلەر تۇتېم بىزنى قۇغدايدۇ، ئۇنىڭ ھەر قانداق نەرسىسى ئىنسان سالامەتلىكىنى ئاسىرايدۇ دەپ قاراپ ،تۇتېمنىڭ مەلۇم نەرسىسى ئارقىلىق يامان روھ ،جىن ئەرۋاھلارنى ،قوغلاش مەقسىتىگە يەتكەندىن سىرت يەنە ئالما دەرىخىنىڭ شېخى،ئالما قېقى ياكى ئادراسمان شاخلىرى ئارقىلىق كىشىلەر ئۈزىنى ۋە  ھويلا- ئاراملارنى ئىسىرىقلاپ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى تىزلەتكەن.
چاكاندىنى ھەرخىل ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئۆپكە ،كاناي ياللۇغلىرىنى ساقايتىپ كەلگەن.بويۇنلىرىغا بۆرە ئوشۇقى ئېسىىش،تۇغۇتلۇق ئاياللار بۆرە تېرىسىگە ئورىنىش ئارقىلىق ‹‹يامان روھلارنى›› قوغلىغان ھەم ئۇ ئارقىلىق بەدەن ئىسسىقلىق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغان ۋە بۇ ئارقىلىق تىبابەتچىلىكنىڭ ئىلگىرلىشىگەتۇرتكىلىك رول ئوينىغان
بۇ جايدىكى ۋە باشقا جايدىكى تۇركى-تۇران، ئارىئان تۇركۈمىدىكى خەلىقلەر ئۇزاق مەزگىللىك ھايات كەچۈرۈش داۋامىدا تەبىئەتكە بولغان قارىشى ئالغا بېسىپ ماڭغان.ئۇلار كۈزىتىش،تەپەككۇر قىلىش،بىۋاستە باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ مۇقەددەسلىكىنى، ئۈزىنىڭ تەبىئەتنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىگىنى،ئوت،سۇ،ھاۋا،تۇپراقتىن ئىبارەت تۆت زاتنىڭ تەبىئەتنى تەشكىل قىلىدىغان تۈپ ماددىلار ئىكەنلىگىنى بىلىپ يەتكەن.
ئۇلارچەئوت-ئىسسىقلىق،يۇرۇقلىق ۋە ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى؛ھاۋا-مۇھىتتىكى بوشلۇقلارنى تۇلدۇرغۇچى؛سۇ-پۈتكۈل كائىناتتىكى مەۋجۈداتلار ئىچىملىگىنىڭ مەنبەسى،تۇپراق-تەبىئەتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى يىتىشتۈرگۈچى زات ئىدى.ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئىسسىقلىق،يۇرۇقلۇق بولمىسا ھىچنەرسە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى،تۇپراق بولمىسا ماددا ئۈسمەيدىغانلىقىنى،سۇ،ھاۋاسىز ھايات بولمايدىغانلىقىنى ھېسى يۇسۇندا يەكۈنلەپ چىقارغان ۋە ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخىدىكى تۆت زات تەلىماتىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن شۇ ئاساستا بۇ تۆت زات بىر بىرىنى تەقەززا قىلىدۇھەم بىر بىرىگە قارشى تۇرىدۇ ،ئۇلار گەرچە جىسمى ،خۇسۇسىيىتى، كەيپىياتى جەھەتتە بىر بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ لېكىن بىرى بولمىسا يەنە بىرى ئۆز رولىنى ۋەخىزمىتىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ .بۇ تۆت زاتنىڭ تەسىرى ئىنسان بەدىنىدە ئىسىقلىق ،ھۆللۈك ،سوغۇقلۇق ،قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت تۆت خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.بۇ تۆت خىل كەيپىياتنىڭ بەدەندىكى قارمۇ-قارشى پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بۇلىدۇ دېگەن ئاڭنى ئىپتىدائى ھالەتتە شەكىللەندۈرگەن .ۋاقىتنىڭ ئۈتىشى بىلەن تۆت زات ،تۆت كەيپىيات،مىزاجلار توغرىسىدا قەدىمقى ماتىرىيالىستىك كۆز قاراشلار ئاساسىدا تۆت خىلىت تەلىماتى ،ئەزا تەلىماتى ،قۇۋۋەت تەلىماتى ،روھ تەلىماتى شۇنداقلا ساقلىق ۋە كېسەللىك ،كېسەللىكنىڭ سەۋەپ ،ئالامەتلىرى ،دىئاگنۈز قۇيۇش ئۇسۇللىرى ،داۋالاش پىرىنسىپ ئۇسۇللىرى ،دورىگەرلىك توغرىسىدىكى بىر يۈرۈش نەزىرىيىلىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ ئۇيغۇر پەلسەپە -ئىدىيەتارىخىدىكى تۆت زات  تەلىماتىنى تىبابەتچىلىككە ئەمەلىي تەتبىقلاب ئويغۇر تىبابەتچىلىكنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان.
تۆت زات تەلىماتىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشى كەيپىيات،مىزاج،خىلىت تەلىماتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا يەنە ھايۋان، مەدەن، ئۆسۈملۈك تىپىدىكى دورىلارنى بايقاش،دورا ھالىتىدە ئىشلىتىش،ئۇنىڭ سالامەتلىككە بولغان تەسىرىنى تەجىرىبە قىلىش تېخىمۇ كونكىرىتلاشتى.ئىنسانلارنىڭ مۇشۇنداق تەبىئەتنى سۆيۈش ھەم تەبىئەتكە قارشى تۇرۇش،مەنپەئەتدارلىق ھېسىياتى بىلەن تەبىئەت ۋە ئۇنىڭدىكى مەۋجۇداتلاردىن پايدىلىنىش نەتىجىسىدە ئىنسان مىڭىسىمۇ ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ ماڭدى.شۇنىڭ نەتىجىسىدە پۈتكۈل ئالتاي مەدىنىيەت چەمبىرىكىدە ئۇزاق مەزگىل رول ئوينىغان شامانىزىملىق ئېتىقاد تەدىرىجى شەكىللىنىپ بۇ قەۋملەرنىڭمۇ ئىدىيە قۇرۇلمىسىدا ئۈزگىرىش ياسىدى.شامان دىنى-ئىپدائى ئىنسانلارنىڭ ئانىزىملىق قارىشى ئاساسىدا ئانا ئۇرۇقداشلىق جامەسىنىڭ ئوتتۇرلىرىداشەكىللەنگەن دىن بۇلۇپ،ئۇنىڭ تەلىماتلىرىدا، ئالەم-ئاسمان(ئەرش)، يەرئۈستى(زىمىن)،يەرئاستى(دەۋزەخ) دىگەن ئۈچ قاتلامغا بۈلۈنگەن بۇلۇپ،ئاسمان-تەڭرى، ياخشىلىق مۇئەككىلىرى،پەرىشتىلەرنىڭ ماكانى  يەرئۈستى-ئادىمىزات ۋە ھايۋانات تۈركۈمىدىكىلەرنىڭ ماكانى:يەرئاستى-جىن،ئالۋاستى، يامان روھلارنىڭ ماكانى.شامان باخشى كاھىنلىرى-ئىنسانلارنىڭ ھەر خىل مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ،يۇقىرىدا تەڭرى،تۆۋەندە جىن،ئالۋاستى،يامان روھلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ۋاستىچى دەپ قارىلاتتى.
شامان باخشى – كاھىنلىرى ئۆز ئېتىقادى بۇيىچە يىتىلگەن ئالىم سۆپەت ئىنسان بۇلۇپ قالماستىن يەنە ئىقتىدارلىق ئەمچى –ئاتاساغۇنلار ئىدى .ئۇلار شۇ زامان ئېتقاد قارشى بۇيىچە ھەرخىل سەۋەپتىن كېسەل بۇلۇپ قالغانلارنى ‹‹جىن چاپلىشىۋاپتۇ››دېگەن ئاتاق ئاستىدا داۋالايتى .باخشى كاھىنلار ياخشى روھلارنى چىللاپ ،يامان روھلارنى قارغاپ ئىنسانلارنىڭ ئاتالمىش جىن چاپلىشىۋېلىش  قاتارىدىكى ھەرخىل كېسەللىكلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە ئۇسۇللار بىلەن داۋالاپ شامانىزىملىق نىقاپ بىلەن تىبابەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇئەييەن رول ئوينىدى .
1.پېرە ئارقىلىق كېسەل داۋالىغان بۇلۇپ بۇنىڭدا شامان باخشىسى ‹‹...قوللىرىغا خەنجەر،چاچىراتقۇئوت ،داپ ۋە جىڭراتقۇ(ساپايى)ئېلىپ ،سۆزلەپ سوراپ،ناخشىلارنى ئۇقۇپ ،پىرقىراپ ،ئۇسۇل ئويناپ،ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرغان ، بۇنداق قىلىش كىشىلەرنىڭ دىن ئېڭىنىلا ئەمەس ،ئىستتىك ھىسىياتىنىمۇ قانائەتلەندۈرۈپ ،ئازادىلىك ھاسىل قىلغان ››④ بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ روھى جەھەتتىكى كېسەللىرىنى داۋالاش  ۋەروھى جەھەتتىن (ناخشا ،مۇزىكا،ئۇسۇل ئارقىلىق) كېسەل داۋالاشتىن ئىبارەت ۋەزىپە ئوروندىلىپ كەلگەن.
2.ھەرخىل دەل – دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق ئىسىرىقلاش ، گۈڭگۈرتتە ئەملەش ،قان ئېلىش ،ھايۋانلار ئەزالىرىدىن پايدىلىنىش ، تەبئى ئارشاڭلارغا چۈشۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق كېسەل داۋالاپ ئەم – ئىرىم ئادەتلىرىنى تاكاماللاشتۇرۇپ ماڭغان .
3.ھەرخىل تىپتىكى دۇرا مەنبەلىرىگە ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرىغا ،ئېپتىدائى ئوپىراتسىيە ئۇسۇللىرىغا تايىنىپ كېسەل داۋالاپ ماددى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى ساقلىغان ۋە تەرەققى قىلدۇرۇپ كەلگەن.
قەدىمى كۈسەنلىكلەر ئەقىللىق ،تىرىشچان ،ئەمگەكچان خەلق بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى قەدىمدىلا مۇقىم ئولتۇراقلىشىش ۋە ئېكىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا قەدەم قويدى.ئەنئەنىۋى فولكلور ئادەتلىرى شەكىللىنىپ مۇكەممەللىشىشقا باشلىدى.
ئوتتۇرا،مەركىزى ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ 4 زات قارىشىنىڭ ۋە شامانىزىم ئەقىدىسىنىڭ راۋاجى سۈپىتىدە زەردۇشت (زارائاستىرمۇدىيىلدۇ) دېگەن كىشى تەرىپىدىن يارىتىلغان زەردۇشت دىنى(ئاتەش پەرەسلىك دىنى ياكى زارائاستىردىنىمۇدىيىلدۇ) بۇ جايدىكى خەلىقلەرگە مىلادىدىن بۇرۇنقى4 -5-ئەسىرلەردەتارقىلىشقا باشلىغان بۇلۇپ ،بۇ دىن ئوتنى شۇنداقلا سۇ،تۇپراقنى مۇقەددەس بىلەتتى .
بۇ دىن ياخشىلىقنىڭ ھەر ۋاقىت يامانلىق ئۈستىدىن غالىپ كىلىدىغانلىقتىن ئىبارەت پەلسەپىۋى ئىدىيىنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي نوقتىنەزىرى قىلغان . بۇ دىننىڭ يۇقۇرىدا دىيىلگەن قاراشلىرى بۇ جايدىكى خەلقلەر قارىشىغا تەسىر قىلىپلا قالماستىن ، يەنە زەردۇشت ئاۋىستانىڭ ياشتا دەستۇرىدا تەشەببۇس قىلغان ‹‹ تۆگە سۈتى ، قىمىز ، كالا سۈيدۈكىنى تازلىغۇچى سۇيۇقلۇق ئورنىدا ئىشلىتىش ، دورا – دەرمەك بىلەن داۋالاش، تېڭىق ، ئوپراتسىيە›› ⑤قاتارلىقلار بۇ جايلاردا ياشىغان تۈركى- تۇران، .ئارىئان تۈركۈمىدىكى قەۋملەرنىڭ تبابەتچىلىكى بىلەن بىردەك بولغان . ھەممىزگە مەلۇمكى تەرەققىيات بىر كۈندە بىراقلا مەيدانغا كەلگەن ئەمەس. ئۇنىڭغا ۋاقىت ،تىرىشچانلىق ، غەيرەت –شىجائەت، تەجرىبە ، ئەقىلدارلىق لازىم بولىدۇ . يەنە شۇنداقلا ھەرخىل دىنلارنى ، ھەرخىل تەسىرلەرنى قۇبۇل قىلالايدىغان ئېچىۋىتىلگەن خارەكتىر، ئۇنىڭ شاكال -جەۋھەرلىرىنى ئايرىيالايدىغان    ئەقىل كۈزى ، قەلىبمۇ لازىم بۇلىدۇ. ئۇيغۇر ئەجدادلىرى ئەنە شۇنداق پاراسەتلەرگە ، پاراسەتلىك قەلىبلەرگە، ماكان ۋە شارائىت يىتىلدۈرگەن ئالاھىدە ئىچۋىتىلگەن خاراكتىرگە ئىگە بولغاچقا كىيىنكى كۈنلەردىكى ئىقتىساد، سودا، مەدەنىيەت، تېخنىكا جۈملىدىن تىبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ تەرەققىياتلىرىغا زور ئۇتۇقلار ھەمنەپەس بولغان .بىزگە مەلۇمكى ئەڭ دەسلەپتە تۇرالغۇ يوق ئىدى . پاراسەتلىك ، ئەمگەكچان ئەجدادلار تەرىپىدىن تورالغۇلار ۋۇجۇدقا كەلدى. يىمەك-ئىچمەكلەر ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ، ئاددى ياغاچ ، تاش قوراللار تاكاموللىشىپ تۈمۈر -مىتال قوراللارغا يۈزلەندى. تاغ قاپتاللىرى ، دەريا بويلىرىدا پەيدا بولغان ئاددى چىغىر يوللار ئات ،تۆگە، ھارۋا يوللىرىغا تەرەققىي قىلىپ كىيىنكى كۈنلەردىكى يىپەك يولىنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىنىڭ شەرت- شارائىتلىرى ھازىرلاندى . ئاددى ئالماشتۇرۇشلار كىيىنكى كۈنلەردىكى ھەرخىل يۇقۇرى تىپتىكى ئىقتىسادى سودىلارنىڭ شەكىللىنىشگە ئاساس بولدى . ئىپتىدائى ئەم – ئىرىم ئادەتلىرى ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشى بىلەن سېستىمىلاشقان، نەزىرىيىۋىلەشكەن تىبابەتچىلىكنىڭ ‹‹سۈت ئانىسى›› بۇلۇپ قالدى . شۇنداق قىلىپ مىلادىدىن بىرقانچە يۈز يىل ئىلگىرى ئويغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ رەسمى تارىخى باشلاندى.ھەممىزگە مەلۇمكى ئۇيغۈرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى توغرسىدىكى ماتىرياللار تۇنجى قېتىم خەنزۇ تارىخچىلىرى، يىلنامىچىلىرى تەرىپىدىن تۇرغۇزۇلغان بۇلۇپ، مىلادىدىن 770-221-يىللاردىن ئىلگىرى يېزىلغان مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمى كىلاسسىك تىببى ئەسىرى (خۇاڭدى نېيجىڭ سۇۋىن) دا غەربى زىمىننىڭ تەبىئى مۇھىتى، كېسەللىك ۋە دورىلار ھەققىدە بايان قىلىنىپ ‹‹غەرپ ئالتۇن- قاشتېشى ماكانى، ئۇ يەرلەر قۇم تاشلىق بۇلۇپ ، دائىرىسى كەڭ ، شامال كۆپ ، زىمىنى قاتتىق.خەلىقلىرى تاغلارغا ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ، يۇڭ رەخلەردە كېيىم كىيىدۇ؛مايلىق قۇۋەتلىك تاماقلارنى يەيدۇ، شۇڭا تاشقى ئىللەتلەر ئۇلارنىڭ تېنىنى زەھەرلەندۈرەلمەيدۇ.ئۇلارنىڭ كېسىلى ئىچكى جەھەتتىن پەيدا بۇلۇدۇ، داۋالاشتا زەھەرلىك ۋە كۈچلۈك دورىلارنى ئىشلىتىدۇ،شۇڭا زەھەرلىك ۋە كۈچلۈك دورىلار غەربى زىمىندىن كېلىدۇ. ››(6) دەپ يېزىلغان . بىزگە مەلۇمكى غەربى زىمىن دىگەندە ئۇمۇمىي جەھەتتىن شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇن كۆزدە تۇتۇلدىغانلىقى ، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان زەھەرلىك دورىلار زەھەرلىك ئوت – چۆپ دورىلاردىن باشقا گۈڭگۈرت ، نۆشۈدۇر، سېرىق مەرگىمۇشقا ئوخشاش مەدەن تپىدىكى زەھەرلىك دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقى ئېنىق بۇلۇپ ، بۇ زەھەرلىك دورىلارنىڭ زەھەرلىك تەسىرى كۈچلۈك. مۇۋاپىق ،توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىلمىسە زەھەرلىنىش ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تىببى ئىلىمدىن ئازراقلا خەۋىرى بار ئادەملەرگە  مەلۇمكى ، زەھەرنىڭ زەھەرلىك خۇسۇسىيىتىنى تۇنۇشتىن باشقا ئۇنىڭ ئىنسان بەدىنىگە پايدىلىق قىسمىنىمۇ بايقاش ھەم ئۇنىڭ زەھىرىنى يوقۇتۇپ دورا قىسمىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش خېلى زور نەتىجە . بىز بۇنىڭدىن 3000مىڭ يىللار ئىلگىرىلا غەربى يۇرت ئويغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ خېلى زور نەتىنجىلەرگە ئىرىشىپ بولغانلىقىنى دەلىللىيەلەيمىز.
مىلادىدىن ئىلگىركى 5-4-ئەسىرلەردىن باشلاپ تۈركى-تۇران، ئارىئان تۈركۈمىدىكى خەلقلەر ۋە ئۇلار ھەركەتلەنگەن زېمىنىلار تارىخ سەھىپىسىگە تىزىلشقا باشلىدى. بىز بۇ مەزگىللەرگە قارىساق، بۇ زىمىنلاردا شەھەر قەلئەلەرنىڭ، مەلۇم دائىرىلەرنى ئۆز ئالدىغا ئىگەللىۋىلىپ قۇرۇلغان خانلىقلارنىڭ ئاللىقاچان شەكىللەنگەنلىكىنى  ، بۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ ئاللىقاچان مەدىنيەتلىك دىگەن نامغا ئېرىشىپ بولغانلىنى ، تارىختا بىرونزا يۇلى  ،  يىپەك يۇلى نامى بىلەن مەشھۇر بولغان بۈيۈك كارۋان يۇلىنىڭ خېلى زور ئۇتۇقلارغا ئىگە بولغانلىغىنى كۈرۈۋالالايمىز. دەل ئەنە شۇ بۈيۈك كارۋان يولىنىڭ شىمالى بۆلىكىنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان كۇسەن ئېلى ۋە ئۇنىڭ خەلقى بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرىگە تايىنىپ بىر تەرەپتىن بۈيۈك كارۋان يولى ۋە ئىچكى سودا يولىنى بويلاپ ھەرقايسى يۇرت ئەللەر تامان بولدىغان ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرىنى ۋە بىلىم -تەجىربىلىرىنى باشقا جايلارغا تارقاتسا يەنە بىر تەرەپتىن باشقا يۇرت ئەللەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكىلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ئەسلىدىكى مەدەنىيەتلىرى بىلەن زىچ بىرلەشتۈردى. بۇ ھال باشقا مەدەنىيەت سىېستىمىلىرىدىن باشقا تىبابەتچىلىكتىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەندى . كۇسەن- كۇچا تىبابەتچىلىكى مۇشۇ دەۋردىن باشلاپ مۇكەممەل بولغان سىرتقى رايۇنلارغا تەسىر تارقىتىش ھەم سىرتقى رايۇنلاردىن تەسىر قۇبۇل قىلىش جەريانلىرىنى شەكىللەندۈردى . گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇۋېي ناھىيسى ۋۇچى كەنتىدىن 1972- يىلى تېپىلغان خەن دەۋرىگە تەئەللۇق قەدىمى قەبرىدىكى 92 تال تاش پۈتۈككە پۈتۈلگەن تېببى دورا دەرمەك ناملىرىدىن غەربى يۇرتلۇقلارنىڭ جۈملىدىن كۇسەنلىكلەرنىڭ يىپەك يۇلىدىكى ئورنىنى بىلىۋالالايمىز.  ۋۇۋېي قەدىمى قەبرىگاھىدىن چىققان تاش پۈتۈكتىكى 100خىلدىن ئارتۇق دورا ناملىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق بۇ دورىلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ شىنجاڭ زىمىنىدىن چىقىدىغانلىقى ،بۇ دورىلارنىڭ ھازىرقى زامان ئويغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىلىپ كىلىنۋاتقان ئۈسۈملۈك ، ھايۋانى ، مەدەن تۈردىكى دورىلار ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز ، بۇ تاش پۈتۈكلەرگە پۈتۈلىشىچە ، چۈمۈچ ، ساپال قاچا ، يارغۇنچاق ، سۈرمەدان دىگەندەك دورا ياساش سايمانلىرى ئىشلىتىگەن بۇلۇپ بۇ سايمانلار يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان ئويغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىلىپ كېلىنگەن ، دورا ياسالمىلىرى قايناتما ،دەملىمە ، كوملاچ ،تېمىتما ، مەلھەم ، ئۇۋاق دورا ( تالقان)دىگەندەك تۈرلەرگە بۈلۈنگەن.(7) بىز يۇقارقىلاردىن كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى ئويغۇر تىبابەتچىلىكىگە نەزەر سالساق يۇقارقى دورا، دورا ياساش سايمانلىرى، دورا ياسالما تۈرى ، دورا ئىستىمال قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ ھازىرمۇ ئىشلىتىلىپ كىلىنىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. بىز بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتكى غەربى يۇرت كۇسەن تىبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ خېلى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىغا ئىشنەلەيمىز .
جەمىيەتنىڭ ۋە كىشلەر ئېىڭىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئارقىسىدا ھىندىستاندا ئىجاد قىلىنغان بۇددا دىنى تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 1- ئەسىردە توخرى راھىبلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن كۇسەن ۋادىسىغا تارقالدى ، بۇددىزىمنىڭ تارقىلىشى ئەينى دەۋر غەربى يۇرت مەدەنىيىتىگە بۇلۇپمۇ كۇسەن مەدەنىيىتىگە ناھايتى زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى . بۇ خىل تەسىر كۆرسىتىش مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە قەدەر كېڭەيدى . بۇددا دىنى – دۇنيانى چەكسىز ئازاپ دەپ قاراپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەش ئاساسىدا قۇرۇلغان ، شۇڭا تۆت ئالىي ھەقىقەت ( رىئال دۇنيانىڭ ئازاپلىق بۇلدىغانلىقى بەرھەقىقەت ، ئازاپنىڭ ئون ئىككى سەۋەپتىن ( بىلمەسلىك ، بىلىپ قېلىش ، روھىيەت ، بەدەن ، سەزگۈ، تەسىرلىنىش، مۇھەببەت ، ئىنتىلىش ، مۇھىت ، تۇغۇلماق ، كېسەللىك ۋە قېرىش ، ئۆلمەك ) بولدىغانلىقى بەرھەقىقەت ، ئازاپتىن قۇتۇلۇش مۇمكىنلىكى بەر ھەقىقەت ، ئازاپتىن قۇتۇلۇش يوللىرى ۋە ئۇسۇللىرى بەرھەقىقەت ) بۇددىزىمنىڭ نىگىزلىك تەلىماتى ھىسابلانغان . بۇ خىل ئىدىيە – كۆز قاراشلارنىڭ  بۇددىستلارنىڭ روھىيتىگە تەسىر قىلماسلىقى ، ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيەتلىرىدە ئۆز ئەكسىنى تاپماسلىقى مۇمكىن ئەمەس . شۇ ۋەجىدىن بۇددىزىمنىڭ ‹‹بارلىق جانلىقلارنى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرۇش ساۋاپ››  دەيدىغان مەركىزى كۆز قارىشى تىبابەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ھەم تەسىر كۆرسەتمەي قالمىغان . شۇڭا، ھىنايانا بۇددىزىمدا – رىئال دۇنيادىكى ‹‹ ئاۋاز ›› ،‹‹ جىسىم››، ‹‹سەۋەب››، ‹‹تىبابەت›› ، ‹‹ ھۈنەر›› دىن ئىبارەت بەش روشەن ( بەش زاھىر ) ئىلمىنى تەتقىق قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان . ماھايانا بۇددىزىمىدا بولسا مەخسۇس ئەمچى بۇددا ( دورىگەر بۇددا) ئوبرازى يارتىلغان . پۇرنا مۇكھا ئاۋانادا ناملىق بۇددا كىتابىدا سۆزلىنىدىغان خاننىڭ لەھەڭ بېلىققا ئايلىنىپ پۇقرالارنىڭ كېسىلىگە داۋا بۇلۇشى ناملىق ھىكايىدە ۋارنا دۆلىتىدە بەدەنگە جاراھەت چىقىدىغان بىرخىل يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ تارالغانلىقى ئەمچى – تىۋىپلار بۇ خىل كېسەلگە لەھەڭ بېلىقنىڭ گۈشى ۋە قېنى پايدا قىلدىغانلىقنى ئېيتقاندىن كېيىن ۋارنا دۆلىتى پادىشاھىنىڭ لەھەڭگە ئايلىنىپ كىشلەر كېسىلىگە شىپا بولغانلىق سۆزلەنگەن. (8) پىراجىنا موكھا سوترا ناملىق بۇددا كىتابىدا سۆزلىنىدىغان ئارزۇلۇق گۆھەر ناملىق ھىكايىدە بىر شاھزادىنىڭ خەلىقنىڭ ئەمنلىكى ئۈچۈن خاسىيەتلىك گۆھەرنى ئىزدەپ تېپىش سەپىردە ئىنىسى تەرپىدىن قارىغۇ قىلىنغاندا بىر پادىچىنىڭ كۈندە ئۇنىڭ كۆزىنى كالا سۆتى بىلەن يۇيۇپ ،جاراھتىنى سېرىق ماي سۈرتۈپ داۋالاپ ساقايتقانلىقىدەك تىببى ئىلىمنىڭ ساۋاپلىقى سۆزلەنگەن(9) ھىكمەتلەر ئارقىلىق كىشلەردە تىبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ مۇقەددەسلىكىگە نىسبەتەن ئىدىيە شەكىللەندۈرگەن . ھەتتا قىزىل  مىڭ ئۆي بۇددا غارلىرىدىكى سۆرەتلەردە ساكيامۇنى ئاغرىپ قالغاندا ناخشا مۇزىكا ، ئۇسۇل ئارقىلىق داۋالىغانلىقىدەك كۆرۈنۈش ،  قۇمتۇرا 50- غاردا بۇددانىڭ مەلۇم بىر ساخاۋەتچىنىڭ تۇمۇرىنى تۇتىۋاتقانلىقىغا ئوخشايدىغان كۆرۈنىشلەر ئىپادىلەنگەن . مەلۇمكى، تىبابەت كىشىنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىدىغان ياكى يوق قىلدىغان ساۋاپلىق كەسىپ ، بۇ ھال يۇقارقى بۇددىزىم قاراشلىرى بىلەن يۇغۇرلۇپ تىبابەتچىلىكنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئاسانلىق يارىتىىپ بەرگەن . كۇسەنلىكلەرمۇ بۇددا دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن بۇددىزىم ئەقىدىلىرىنى شۇنداقلا بۇددىزىمنىڭ تىبابەتچىلىككە تۇتقان ئالاھىدە قارىشىنى ئۆزىگە سىڭدۈرمەي قالمىغان. مىلادى 4 – ئەسىرلەردە كۈسەن خانىنىڭ سىڭلىسى مەلىكە جىۋا خانىم ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ۋە زامانداش تىۋىپلارنىڭ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تىبابەت تەجىرىبىلىرىگە ئاساسەن ‹‹جىۋا ئىچكى بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسدا ›› ناملىق رىسالىسىنى يېزىپ كۇسەن تىبابەتچىلىكنىڭ ئەھۋالىدىن دىرەك بەرگەن .  بۈيۈك بۇددا ئالىمى ،تەرجىمان كومراجىۋا مىلادى 384- يىلدىن 413- يىلغىچە بولغان ئارلىقتا غەربى يۇرت- كۇسەن تىبابەتچىلىرىنىڭ ۋە ھىندى تىبابەتچىلىرىنىڭ تەجىربىلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان‹‹23جىلىتلىق غەربى دىيار ھۆكۇمالىرى سۆزلەپ بەرگەن مۇھىم رېتسىپلار› ‹3جىلىتلىق غەربى دىيار ۋە ھىندى ھۆكۇمالىرنىڭ رېتسىپى ›‹4جىلىتلىق غەربى دىيارنىڭ مەشھۇر ھۈكۇمالىرى توپلىغان مۇھىم رىستىپلار›‹20جىلىتلىق ھىندى ھۆكۈمالىرىنىڭ رىستىپلىرى ›‹10جىلىتلىق گاندىخارا(پاكىستاننىڭ شىمالىدى پىشاۋۇر راۋالپىنىدى رايۇنلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ)لىق لارنىڭ ئۇچۇنغاننى داۋالاش رىستىپلىرى›› ‹‹ئەجدىھا دەرەخ بۇسەتۋانىڭ رىستىپلىرى ›› ‹‹2600جىلىتلىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن توپلانغان رىستىپلار ››‹‹ ئەجدىھا دەرەخ بۇسسەتۋانىڭ ئىسىرىقلاش ئۇسۇلى›› قاتارلىق سەككىز پارچەتىببى ئەسەرنى خەنزۇتىلغا تەرجىمە قىلىپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تۇنۇشتۇرغان . 1890- يىلى ئەنگىلىيە ئوفىتسىرى بوۋىر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ، خەلقئارادا بوۋىر قوليازما نۇسخسى نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئۈچ قىسىملىق ۋەسىقە كۇسەننىڭ شۇ دەۋردىكى تىبابەتچىلىكىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ۋە تەرەققىياتىنى دەلىللەپ بىرىدىغان مۇھىم يازما ماتىريالدۇر. تەتقىقاتچى خورنىلىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا بۇ  ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسى تەخمىنەن مىلادى 4- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان بۇلۇپ ، قۇلىمىزدىكى نۇسخا ئەسلى قول يازمىدىن تەخمىنەن 350~375- يىللار ئارلىقدا كۆچۈرۈلگەن.بۇ قول يازما نۇسخا تىبابەتچىلىك، دورىگەرلىك، پالچىلىق ، ئەپسۇنلاردىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، تىبابەتچىلىك ، دورىگەرلىك قىسىمى ئەڭ ئاساىسي بۆلەك ھىسابلىنىدۇ. بۇ قول يازمىنىڭ بۇ قىسمىنى ئەستايىدىل كۆزەتسەك ھەرخىل نەپەس سېستىمىلىرى كېسەللىكلىرى ، ھەزىم سېستىملىرى كېسەللىكلىرى ،  كۆپىيىش سېستىمىسى كېسەللىكلىرى، جۇزام كېسەللىكلىرى، ئاياللار كېسەللىكلىرى ، يەل كېسەللىكلىرى قاتارلىق ھەرخىل ئاددى ۋە مۇرەككەپ جاھىل خارەكتىرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش چارىلىرى، دورا ياساش ئىلىمى شۇنداقلا ئوخشىمىغان پەسىللەردە ئوخشمىغان سۇيۇقلۇق دورىلارنى ئىشلىتىش ، بەش خىل داۋالاش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەينى زامان تىبابەت نەزىرىيەلىرى جەھەتتە يۇقۇرى تەرەققىياتقا ئىرىشىپ بولغانلىقىنى بايقايمىز.
بىز بۇ قوليازمىلاردىكى ھەرقايسى مەزمۇنلار بىلەن بۈگۈنكى ئويغۇر تىبابەتچىلىك نەزەرىيىسى ،رىتسىپشۇناسلىقى، دورىگەرلىكىنى سېلىشتۇرساق زور كۆپچىلىك مەزمۇنلاردا بىردەكلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز . مەسلەن : ‹‹ ئوخشاشمىغان پەسىللەردە ئوخشاشمىغان دورا ئىشلىتىش ›› ، ‹‹ يامغۇر پەسلىدە شامال ، كۈز پەسلىدە سەپرا، ياز پەسلىدە قان ، ئەتىياز پەسلىدە بەلغەم ... دىگەندەك پەسىل خارەكتىرلىك پەيدا بولغان كېسەللىكلەرنى شۇنىڭغا قارىتا داۋالاش›› ،‹‹ ئەگەر يىمەكلىكلەر ياخشى ھەزىم قىلىنمىسا ئاشقازاننىڭ سىغملىق مىقدارى ئازىيىپ ئاجىزلايدۇ، بۇ بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ مەنبەسى . ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇنداق تۆت خىل : ئاشقازان تۇشۇپ قالدۇ، شۆلگەي ئاچچىق بولىدۇ، ئىچىدىن يەل ( ئۇسۇرۇق) ئۈتۈشمىگەچكە ئاشقازاندىكى نەرسىلەر ھەزىم بولمايدۇ، چوڭ تەرەت راۋان بولمايدۇ. ›› دىگەندەك نەزەرىيە قائىدىلىرى ئويغۇر بۈگۈنكى زامان تىبابەتچىلىك نەزىرىيىسى بىلەن ئوخشاشلىققا ئىگە . بوۋىر تببى قوليازمىسىدا ‹‹ ئاچچىق دورىلاردىن تەييارلانغان ياسالمىلارغا  سېرىق ماي ئىشلىتىش ئۇسۇلى قوللۇنۇپ دورىلارنىڭ ئاچچىقلىقىنى  تۈۋەنلىتىشتىن ئىبارەت ئۇسۇل›› قوللىنلغان بولسا،  بۈگۈنكى ئويغۇر تىبابەتچىلىكىدە ‹‹سېرىق ماي››نىڭ رولىنى  ئوينايدىغان ‹‹ ھەسەل›› ئارقىلىق يۇقارقى ئۈنۈمگە ئىرىشكەن. بوۋىر تىببى قوليازمىسىدىكى سامساق توغۇرۇرلۇق بايانلارغا كۆز يۈگۈرتسەك‹‹ ساغلام بەدەن بۇلۇشنى ئارزۇلىغان كىشى ئەتىياز پەسىلىنىڭ ئىككىنچى ئېيىدا سامساق ئىستىمال قىلىشكېرەك››دىگەنگە ئوخشاش تىببى مەسلىھەتلىرى بۈگۈنكى ئويغۇر تىۋىپلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرى بىلەن ئوخشاش . شۇنداقلا يەنە  ‹‹سامساق شەربىتىگە ئوخشاش ھەرخىل  شەربەتلەر ئارقىلىق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغان  ياكى كېسەل داۋالىغان ››(10) ھەتتا  ئارپا، تېرىق، بۇغداي، ئۈزۈم ، ئۆرۈك ، ،  ئەمەن ،  ئانار ، ئالما  قاتارلىق  ھەرخىل ئۈسۈملۈك، مىۋىلەر ئارقىلىق شارابلارنى ، سىركالارنى ، مۇراببالارنى ، ئۈزۈم شەربەت ( ھازىر شەربىتى زىبىب  دەپ ئاتىلىدۇ )لىرىگە ئوخشاش  ھەر تۈرلۈك  شەربەتلەرنى  ئىشلەپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، داۋالاش، پەرۋىش خىزمەتلىرىدە ئىشلىتىپ زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشكەن .    بۇنداق مىساللار كۆپ ئۇچۇرايدىغان بۇلۇپ بۇلار ھىندى تىبابىتىنىڭ كۇسەن تىبابەتچىلىكىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى شۇنداقلا شۇ دەۋىر كۇسەن تىبابەتچىلىكىنىڭ بۈگۈنكى ئويغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە راۋاجلىنىشىدا مۇئەييەن رول ئوينىغانلىقىنى پاكىت بىلەن تەمىللەيدۇ. ھەممىزگە مەلۇمكى ئىجتىمائى، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىم تۇراقلىق بۇلۇشى ئىقتىسات، مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. تەخمىنەن1 -ئەسردىن 8- ئەسىرگىچە بولغان نەچچە يۈز يىللىق تارىخى مۇساپىدە كۇسەن ئېلى يات قەۋملەرنىڭ باسقۇنچىلىقلىرىغا ، ھەرخىل يىغلىقلارغا ئۇچۇرغان بولسىمۇ ئۇمۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا كۇسەننىڭ ئىجتىمائى ،ئىقتىسادى ئىگىلىكلىرىنىڭ، مەدەنىيەت – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ جۈملىدىن تىبابەتچىلىك دورىگەرچىلىكىنىڭ تەرەققى قىلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سۈردى. بۇ مەزگىللەرگە دائىر تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، كۇسەننىڭ ئەتراپتىكى خوشنىلىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادى، ئىجتىمائى، مەدەنىيەت، تىبابەتچىلىك ئالاقىلىرى زىچ بۇلۇپ قالماستىن يەنە ئىچكىرى ئۆلىكىلەردىكى مەركىزى ھۈكۈمەت بىلەن بولغان ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەن . بۇ ھال كۇسەن تىبابەتچىلىكىنىڭ ھەرقايسى يۇرتلار بىلەن بىللە ئۆز – ئارا تەسىر كۆرسىتىش ، قۇبۇل قىلىش مۇناسىۋىتىدە بۇلۇپ ئۇمۇمىي غەربى يۇرت ئويغۇر تىبابەتچىلىكىدە ھالقىلىق ئۇرۇنغا ئىگە بۇلۇشنى تىزلىتىپ كىيىنكى كۈنلەردىكى ئويغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان . سۈي ، تاڭ دەۋرلىرى جۇڭگۇ فىئودالىزىملىق مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى گۈللەنگەن دەۋرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ . بىز تارىىخى ماتىرياللارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق، بۇخىل مەدەنىيەت گۈللىنىشىدە مۇڭغۇلىيە ئىگىزلكىدىكى ئۇرخۇن ئويغۇرلىرىنىڭ ۋە غەربى يۇرتتىكى قەۋىملەرنىڭ ناھايتى كۆپ ھەسسى بارلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز . سۈي ، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋىرىلىرىدە ئاۋاتلاشقان يىپەك يولى ئارقىلىق غەربى يۇرتتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ھەرخىل بۇيۇملار جۈملىدىن دورا – دەرمەكلەر كۆپلەپ يۆتكەلگەن ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك تىبابەتشۇناسلىقىغا غەربى يۇرتنىڭ ھەرخىل داۋالاش ئۇسۇللىرى، دورا رېتسىپلىرى، دورىلىرى كىرگۈزۈلگەن . تاڭ سۇلالىسىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىللىرىگە كەلگەندە غەربى يۇرت ۋە ئۇرخۇن ئويغۇر تىۋىپلىرى چاڭئەندە مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ھەرخىل نامدىكى شىپاخانىلارنى كۆپلەپ ئېچىپ مۇنتىزىم ھالدا كېسەل داۋالىغان ، دورىخانىلارنى ئېچىپ چاڭئەننىڭ دورا سودىسىنى كونتىرول قىلغان. شياڭدا ئەپەندىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تاڭ دەۋىردىكى چاڭئەن بىلەن لوياڭدا دائىمى تۇرۇشلۇق ئويغۇرلار ئىككى ئۈچ مىڭدىن كۆپرەك بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربى، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى، سەنئەت ئۇستازلىرى، ئۇقۇتقۇچىلىرى، دىپلۇماتىيە خادىملىرى قاتارلىقلار بولسا، يەنە بىر قىسىمى سودىگەر ، تىۋىپ ، دورىگەر، مەيخانا خوجايىنى ، قول ھۈنەرۋەنلەر بولغان. ئەينى دەۋىردىكى چاڭئەن شەھىرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرى بولغان شەرقى گۈزەر بازىرى بىلەن غەربى گۈزەربازىرىدا ئويغۇرلار ئاچقان ئاشپۇزۇللار ،مەيخانىلار ، بەزمىخانىلار ، شورپا دۇكانلىرى، شىپاخانا ،دورا -دەرمەك دۇكانلىرى بولغان .بۇ ئويغۇرلار يالغۇز ئورخۇن تەرەپتىن كەلگەنلەرلا بۇلۇپلا قالماستىن غەربى يۇرتتىن كەلگەنلەرمۇ خېلى سالماقنى ئىگەللىگەن. تاڭ تىۋىپلىرى ئويغۇر لارنىڭ  داۋالاش رېتسىپلىرىىدىن پايدىلىنىپ تۈزگەن ‹‹ تاشقى كېسەللىكلەرنىڭ مۇھىم مەخپى رېتسىپلرى›› دىگەن كىتابتا زەھەرلىك ئىششىقنى داۋالاش ئۈچۈن بەدىيان سۈيىنى سىقىپ ئىچىپ قالدۇقىنى ئىششىق بار جايغا چاپلاش تەۋىسىيە قىلغان. بۇ خىل رېتسىپلارنىڭ داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ كۆرىلىشى بىلەن غەربى يۇرت ئويغۇرلىرنىڭ تىببى داۋالاش پائالىيەتلىرىگە قىزىقىش يۇقۇرى پەللىگە چىققان. تاڭ سۇلالىسىى جېدى يىللىرىدا ھۈنەر كەسىپ مەھكىمىسىىڭ دىۋان بىگى شىڭ ساۋجىڭ ئېغىر كېسەلگە مۇپتۇلا بۇلۇپ ئوردا تىۋىپى ھەمدە يۇرت – يۇرتلاردىن چاقىرىىپ كىلىنگەن تىۋىپلارغا كۆرۈنۈپمۇ ياخشى بۇلالمىغان كېينچە بۇ ئويغۇر راھىب تىۋىپلىرى ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ كۇچالىق بىر تىۋىپنىڭ ئالدىغا بىرىپ كۆرۈنگەن بۇ تىۋىپ ئۇنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ، ئاغرىغان جاينى ئوپراتسىيە قىلىپ تىشىپ گۈرۈچ سۈيىنى قۇيۇپ ئاندىن ئۆزى ياسىغان دورىلارنى تىقىپ ئۈستىگە دورا سۈرۈپ تېڭىپ قويغان.. شۇ كېچىسى ئىششىق يېنىپ قىچىشىش توختاپ شىرىن چۈش كۈرۈپ ئۇخلىغان ، ئون كۈنگە قالماي كېسىلى تامامەن شىپا تاپقان. دىۋان بىگى ھېلىقى كۇچالىق تىۋىپقا ئالتۇن كۈمۈش ھەدىيە قىلغان ئىكەن(11) . بىز يۇقارقى مەلۇماتتىن كۇسەن- كۇچا تىبابەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتنىڭ زور ئىكەنلىكىنى بىلىپلا قالماستىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى شۆھرىتىدىنمۇ خەۋەر تاپالايمىز. يۈز يىلدىن كۆپرەك ھۈكۈم سۈرۈپ پۈتكۈل ئەللەرنى تىتىرەتكەن ئورخۇن ئويغۇر خانلىقى مىلادى 840- يىللىرى تەبىئى ئاپەت، ئىچكى قىرغىنچىلىق ،تاشقى ھۇجۇم تۈپەيلىدىن ھالاك بولغاندىن كېيىن خانلىق تەۋەسىدىكى ئاھالىلەر خان جەمەتى ۋە ئالىي سەركەردىلەرنىڭ باشچىلىقىدا بىرقانچە يۆلىنىش بويىچە كۆچتى ، بۇلارنىڭ بىر تۈركىمى قۇچۇ-بەشبالىق، قاراشەھەر، ئەنشى ( كۇچا) رايۇنىغا كۈچۈپ كىلىپ بۇ جايلاردىكى قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولدى . بۇلار ئىلگىرى – كىيىن كۈسەن ئويغۇر خانلىقى ، قۇچۇ ئويغۇر خانلىقىنى قۇردى . بۇ ئىككى يۇرت خەلقىنىڭ قېرىنداشلىق مىھىرىنىڭ ئەزەلدىن چۇڭقۇرلىقى، دىنى جەھەتتىكى ئورتاقلىق ۋە يەنە مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن قۇچۇ ئويغۇر خانلىقى بىلەن كۈسەن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ۋە بۇ جايلاردىكى پۇقرالارنىڭ ئالاقىسى ئىنتايىن قۇيۇق ئىدى.  ئورخۇن ۋادىسىنى ماكان قىلغان شەرقى ئويغۇرلار غەربى يۇرتقا جۈملىدىن تۇرپان، كۇچاغا كۈچۈپ كەلگەندىن كىيىن شارائىت ، مۇھىت ، كىلىماتقا كۈنەلمەسلىكنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە شۇ تۈپەيلىدىن ھەرخىل كېسەللىكلەرگە مۇپتۇلا بۇلۇشى ھەم  تىبىب ھۆكۈمالارنىڭ  شۇنىڭغا  قارىتا  تىببىي  داۋالاش  تەجىربىلىرىنى  ئېلىپ  بېرىپ  تىبابەتنى  يۈكسەلدۈرۈشكە تىرىشىشى تەبىئى ئىدى.
بۇ دەۋىردىكى ئويغۇر تىبابىتى ئويغۇرلار ۋە ئويغۇر مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى تۈپەيلىدىن قۇشۇلۇش ۋە ئۇمۇملىشىىش يولىغا قەدەم قويدى . ھەرقايسى يۇرتلار تىبابىتى ئاستا – ئاستا تەسىرلىشىپ ئۇمۇمىي ئويغۇر تىبابىتى نامىدا جانلىنىشقا باشلىدى .بۇ دەۋىر تىبابىتىگە جۈملىدىن كۇچا تىبابىتىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىگەتۇرپاندىن قىزىۋىلىنغان تىبابەت ۋەسىقىلىرى ۋەكىل بۇلالايدۇ. بۇ تىبابەت ۋەسىقىلىرىدە 140خىل رېتسىپ خاتىرلەنگەن بۇلۇپ كېسەللىكلەر- تېرە كېسەللىكى ، بەش ئەزا كېسەللىكى ، ھەرخىل ئىچكى ئەزا كېسەللىكى ، ۋىروسلۇق ۋە مىكروپلۇق كېسەللىكلەر دەپ 12 چوڭ تۈرگە بۈلۈنگەن . داۋالاش شەكىللىرى دورىلارنى ئىستىمال قىلىش ئۇسۇللىرى ۋە ئىشلىتىش ۋاقتى ، ئارلاشتۇرۇپ بىرىلىش ھالەتلىرى، دورا ياسالما تۈرى ، ياساش ئۇسۇللىرى ، دورىلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى، دورىگەرلىك جاھازىلىرى ،دورا مەنبەلىرى قاتارلىقلار ئۇمۇمىي جەھەتتىن بۈگۈنكى زامان ئويغۇر تىبابىتىنىڭ نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيەتلىرى بىلەن پۈتۈنلەي ياكى ئاساسەن  ئوخشاش بولغان .بۇ تىبابەت .ۋەسىقىسىدىكى مەزمۇنلارغا نەزەر سالساق : زەمچە ياخشى يانچىلىدۇ، مىس قاچىغا سېلىنىپ ، قىزارغىچە قورۇلىدۇ. ئۈستىگە كۈنجۈت يېغى قۇيۇلۇپ ئارلاشتۇرۇلىدۇ ، بۇنى تازغا سۈركىسە ساقىيىدۇ دىيىلگەن .بۇ رېتسىپ ھازىرمۇ ئىشلىتىلىپ كىلىنمەكتە .
شۇنداقلا قەدىمى ئويغۇر تىۋىپلىرى  ‹‹ ئەگەر كۆزدىن ئىسسىق ياش ئاقسا شېكەر ۋە سېرىق مانگو بىلەن سېرىق ماينى ئارلاشتۇرۇپ بۇرۇنغا تىقسا ياش توختايدۇ.›› دەپ قارىغان(12) بولسا ھازىرقى زامان تىۋىپلرى ھىندىستاندىن كەلتۈرۈلدىغان سېرىق مانگونىڭ ئورنىغا ئۆز زىمىنىمىزدىن چىقىدىغان‹‹ تاتلىق ئانارنىڭ سۆيىنى›› ئىشلىتىپ قەدىمىكى تىۋىپلارنىڭ تەجىربىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان . ئۇرخۇن ۋادىسىدىن كۆچكەن ئويغۇرلارنىڭ بىر تارمىغى قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلىپ قارخانىلار دۆلىتىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەندىن كېيىن بۇ خانلىقنىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد خانى موسا ئارسىلان 960-يىلى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن. بۇنىڭ بىلەن غازات نامىدىكى ئىسلامنى تارقىتىش ئۇرۇشلىرى پارتىلغان . مۇشۇ سەۋەپلەر بىلەن خوتەن 1001-يىلى ئىسلامنى قۇبۇل قىلىپ قاراخانىلار تىروتىرىيىسىگە قۇشۇلغان . قۇچۇ ، كۇسەن خانلىقلىرىنىڭ زور كۆپچىلىك ئاھالىلىرى بۇددا دىنىدا قېلىپ ئولپان تاپشۇرۇش نامىدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قالغان . بۇ دەۋىردە قاراخانىلار ھاكىمىيىتىنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەردىكى مەدرىسلەردە باشقا پەنلەر قاتارىدا تىبابەت پەنلىرى تەسسىس قىلىنغان ، بۇنىڭ بىلەن ئويغۇر ئىسلام تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى تىزلەشكەن . بىز 11-ئەسىردە ئۆتكەن ئويغۇر ئسىلام پەيلاسۇپى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ‹‹ قۇتادغۇبلىك ››ناملىق شاھانە ئەسىرى بىلەن قاراخانىلار خان جەمەتىدىن چىققان ئالىم مەھمۇت قەشقىرىنىڭ ‹‹تۈركى تىللار دىۋانى›› ناملىق ئىنسىكپىلودىك ئەسىرىدىن بىز ئەينى دەۋىر تىبابەتچىلىك قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلىشالايمىز . چۈنكى مەيلى قۇتادغۇبىلىك مەيلى تۈركى تىللار دىۋانى بولسۇن  بۇلار ئىسلامىيەت زامانىسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ئورتاق ھالدا ئېغىزلانغان ئاساسىي مەنبەئەسى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى  كەڭ مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە بولغان غەربى يۇرت مەدەنىيىتىدۇر. شۇڭا بۇ ئەسەرلەر مەيلى ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغان ئويغۇرلارنىڭ بولسۇن مەيلى بۇددىزىم ئېتقادىدىكى ئويغۇرلارنىڭ بولسۇن ئاساسي ئىدىيە، ئاساسي مەزمۇن ، ئاساسي ماھىيەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۆت زات ۋە ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى مىزاج ، خىلىت ، تازلىق ۋە يىمەك-ئىچمەك قائىدىلىرى، كېسەللىكنىڭ ئىچكى-تاشقى تۈپ سەۋەپلىرى، ھەرخىل پەسىل ۋە ئادەمنىڭ ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى مىزاج، خىلىتنى تەڭشەش چارىلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى، تىبابىتىمىزدە ھازىرمۇ ئىشلىتىلىپ كىلىنىۋاتقان ياسالمىلار ۋە ئۈچ مەنبەلىك دورىلار توغۇرسىدا تەپسىلى توختالغان(13) . بۇلاردىكى زور كۆپچىلىك قاراشلار ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تىبابەت نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئوخشاش. مەھمۇد قەشقىرى تۈركى تىللار دىۋانىداھەرخىل شىپالىق غىزالار ، مىۋە – چىۋە ، كۆكتات ، ئۈسۈملۈك، ھايۋانات ، ئۇچار – قۇش ، مەدەنلەر، ئادەمنىڭ ھەرخىل ئەزالىرى، كېسەللىكلەر ۋە كېسەللىك سەۋەبى، كېسەللىك ئالامىتى، داۋالاش ئۇسۇللىرى، تېببى ئەسۋاپ ۋە دورا سايمانلىرى، تەييار دورىلار، ساقلىقنى ساقلاش قائىدىلىرى توغرسىدا چۈشەنچە بەرگەن .
بۇ ئەسەر قاراخانىلار تەۋەلىكىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپلا قالماي، كۈسەنلىكلەرنىڭمۇ ئەھۋالىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلەيدۇ. چۈنكى بۇ توغرسىدا مەھمۇد قەشقىرى لۇغەتنىڭ بېشىدىلا ‹‹ مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆز مەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن ، ئەڭ زىرەكلىرىدىن ، ئەڭ ئاساسلىق قەبىلىگە مەنسۇپلىرىدىن ۋە جەڭ ئىشلىرىدا ئۇستا نەيزىۋازلىرىدىن بۇلۇپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنىڭ شەھەر ۋە سەھرالىرىنى باشتىن ئاياق كىزىپ چىقتىم . تۈرك ، تۈركمەن ، ئۇغۇز ، چىڭگىل ، ياغما ، قىرغىزلارنىڭ سۆزلىرى ۋە قاپىيەلىرىنى ئېنىقلاپ چىقپ ئۇلاردىن پايدىلاندىم .›› (14)دەپ ئۆزىنىڭ تۈركى تىللىق قەبىلىلەر جايلاشقان ھەممە جايلارغا جۈملىدىن كۇچانىڭ شەھەر سەھرالىرىغىمۇ كىلىپ تەكشۈرگەنلىكىنىمۇبىلدۈرگەن. بىز يۈسۈپ خاس ھاجىىپ ۋە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى بايانلار ۋە باشقا تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسەن شۇ دەۋر شىنجاڭ ئويغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ سېستىمىلىق ھالەتكە يېتىپ گۈللىنىش باسقۇچىغا كىلىپ بولغانلىقىنى دەلىللىيەلەيمىز . لىكىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتاد غۇبىلىكتىكى ئەپسۇنلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىش ھەققىدە ‹‹ شامال دارىغان ، جىن تەككەن كېسەللەرنى ئۇلار داۋالايدۇ ، بۇلارغىمۇ ئارلىشىىش كېرەك ، شامال  دارىغان ، جىن تەككەن كېسەللەر ئۈچۈن ئۇلارنى چاقىرىش كېرەك . (15) دىگەن بايانلىرىدىن ئەينى دەۋىر ئۇيغۇرجەمىيىتىدىمۇماددى داۋالاش ئۇسۇلىدىن باشقا داخان ، باخشىلارنىڭ ھەرخىل تىپتىكى ئىرىم ئادەت بىلەن داۋالاش ئىشلىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلىقىدىن دېرەك بىرىپ قەدىمى شامان ئاتەشپەرەسلىك ئېتقادلىرىدىكى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭمۇ ئويغۇر تىبابەتچىلىكىدە كۈرۈنەرلىك رول ئويناۋاتقانلىقىدىن شەپە بىرىدۇ . كۇسەنلىكلەر قۇچۇدىن تېپىلغان تىببى ۋەسىقە، قۇتادغۇبىلىك ، تۈركى تىللار دىۋانىدا ئىيتىلغان تىببى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن يەنە مىلادى  981 ~ 1030-يىللارغىچە بولغان ئەللىك نەچچە يىل ئىچىدە مەستىكى رۇمى ، نۆشۈدور،كەھرىۋا ،مۇشكى ئەنبەر قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئاپىرىپ ساتقان. بۇ پائالىيەتلەرگە كۇسەن خاقانى ، ۋەزىر ، راھىپ ، سودىگەرلەر قاتناشقان. كۇسەنمۇ دەۋىر تەرەققىياتىغا ماسلاشقان ھالدا دەۋرنى – دەۋرگە ئۇلاپ يىللار تىزمىسنى شۇنداقلا ئۆزىگە خاس ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ، پەن –تېخنىكا مۇۋاپپىقىيەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن . 1124- يىلى لىياۋ خانلىقى جەمەتىدىن بولغان ياللۇغ تاشىن  ماۋارائۇننەھردە غەربى لىياۋ خانلىقىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ ئىلگىر- كىيىن بۇلۇپ قۇچۇ ئويغۇر خانلىقى، قارا خانىلار دۆلىتىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. 1211-يىلى چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن قېچىپ غەربى لىياۋ خانلىقىدا پاناھلىنىۋاتقان نايمان شاھزادىسى كۈچلۈك غەربى لىياۋ ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالدى . 1217-يىلى چىڭگىزخاننىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتكەن سەركەردىسى جەبە باشچىلىقىدىكى مۇڭغۇل قۇشۇنلىرى كۈچلۈكنى ئۈزۈل – كىسىل يوقاتتى . بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالى چڭىگىزخانغا تەئەللۇق بولدى . بۇ بىر ئەسىرگە يېقىن جەرياندا ئويغۇر ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى جۈملىدىن تىبابەتچىلىكى تۇرغۇن ھالەتتە ئالغا باستى . دەل ئەنە شۇنداق تارىخى شارائىتتا، چىڭگىزخان مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزلىرىدىن زور دەرىجىدە ئىلگىرلەپ كەتكەن ئويغۇرلاردىن پايدىلىنىش مەقستىدە ھەرقايسى ئۇيغۇريۇرتلىرىدىكى ھەرساھەدىكى بىلىملىك كىشىلەرنى ئۆز پايتەختىگە ئېلىپ كەتتى . بۇخىل ھالەت ھەتتا قۇبلەيخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەزگىلىدىمۇ ئەنئەنە شەكلىدە داۋاملاشتى . مەنبەلەرگە قارىغاندا مۇڭغۇللار ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئەكەتكەن ئويغۇر تىۋىپلىرىلا ئىككى يۈزدىن ئاشقان بۇلۇپ ، بېيجىڭدا ئويغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى قۇرغان شەخسى شىپاخاناۋە دورىخانىلار بۇلۇپ قالماستىن يەنە ئوردا شىپاخانىسى ۋە مۇسۇلمانلار دورىگەرلىك مەھكىمىسىدە يۈزلەرچە ئويغۇر تىۋىپلار ،دورىگەرلەر ۋە باشقا تببى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىدىغان كەسپى تېخنىكا خادىملار بار ئىدى . چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بېيجىڭغا ياكى باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كۆچۈرگەن خەلق ئاساسەن بۇددا دىنىدىكىلەر بولغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بۇلىدىكى ئەينى دەۋر بۇددا ئېلى كۈسەندىن   ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بىلىملىك زىيالىيلارنىڭ كۆچۈرۈلگەنلىكى ئېنىق.
مەلۇمكى10- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا قاراخانىلار خانى سۇتۇق بوغرا قاراخان ئىسلامغا كىرگەندىن تارتىپ 14- ئەسىرگىچە كۆپ خىل شەكىلدىكى، ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئىشلىرى ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭ بىلەن قۇچۇۋە كۇسەن تەۋەسىدىن باشقا جايلار ئىسلاملىشىپ بولدى . غەربى لىياۋ خانلىقىنىڭ ئىسلام دىنىغا كەڭچىلىك قىلىش سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن كۇچا ، كورلا ،قارا شەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا ئىسلام دىنى تارقىلىپ بۇ جايلاردا ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام دىنى مۇرتلىرى كەمسىتىلمەيدىغان، دىنى جەھەتتە ئەركىن بولىدىغان ھالەت شەكىللەندى . شەرقى چاغاتاي خانى تۇغلۇق تۈمۈر ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى دەۋرىدە پۈتكۈل شىنجاڭ پۈتۈنلەي ئىسلاملىشىپ بولدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئويغۇرلارنىڭ تىلى ، دىنى ، يېزىقى بىردەك بۇلۇش ھالىتى شەكىللىنىپ مەدەنىيەت، تىبابەتنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى پۈتۈنلەي ئەمەلگە ئاشتى . 1353- يىلى شەرقى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ھۈكۈمرانى توغلۇق تۈمۈرنىڭ قوللىشى بىلەن مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلى كۇچادا ئىسلام دىنىنى ئۇمۇملاشتۇردى، ئىسلام مەدرىسلىرى سېلىندى .ئەرەپ ، پارىس تىللىرى ئارقىلىق خەلىقلەر تىلىنىڭ لىكسىكىسىنى موللاشتۇردى . بۇنىڭ بىلەن كۇچا رايۇنىدا ئەسلىدىكى مەھەللىۋى تىبابەتكە كىيىنكى كۈنلەردە بۇددا دىنىنىڭ تەسىرى بىلەن ھىندى تىبابىتى، ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىش بىلەن گىرىك - يۇنان ، ئەرەپ – پارىس تىبابەتلىرى سىڭشىپ ئويغۇر تىبابىتىنىڭ ئۇچۇق خارەكتىرلىك ھالىتىنى نامايەن قىلندى . شۇ دەۋىرلەردە قۇرۇلغان ھەرقايسى مەدىرىسلەردە ئەرەپ-پارىس تىللىرى، ئىسلام تەلىماتلىرى ئۆگۈتۈلۈشتىن سىرت يەنە تىبابەتچىلىكمۇ ئۆگۈتىلگەن . مەۋلانە ئەرشىدىن ۋەلى تەزكىرىسدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 14-ئەسىرلەردە كۇچادىكى بېلىقىيە( بەلىخئاتام) مەدىرىسىدە قاراخانىلار دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر تىۋىپ ئىمادۇددىن قەشقىرى يازغان  شەرھى ئەل قانۇن  ، شەرھى شىپا قاتارلىق ئويغۇر تىبابەت كىتاپلىرى تىببى دەرىسلىك سۈپىتىدە ئۇقۇتۇلۇپ ئويغۇر تىۋىپ شاگىرىتلىرى تەربىيلەنگەن.(16) 1514- يىلى يەركەن سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلغاندىن كىيىن  ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ، تىبابەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن. مەدىرىسلەردە ھەرقايسى ئىلىملەر قاتارى تىبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ پىشىۋالىرىدىن ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنانىڭ ‹‹ئەل قانۇن فېت تىب›› ، قاراخانىيلار  دەۋرىدە ئۆتكەن  مەشھۇر تېۋىب  ئىمائىدىن  قەشقىرىنىڭ‹‹ شەرھى ئەلقانۇن›› ، ‹‹ شەرھى شىپا ››ناملىق ئەسەرلىرى ۋە شۇ زامانلاردا ئۆتكەن مەشھۇر تېۋىب مۇھەممەت ئەلى ئىمىن يەركەندىنىڭ‹‹ زىيائول قۇلۇب›› ( قەلىب نۇرى) ناملىق ئەسەرلىرى دەرسلىك قىلىنغان(17) كۇچانىڭ ۋەزىيىتىدىن ئالساق مىرزا ئابابەكرى زامانىسىنىڭ ئاخىرلىرىدا كۇچا شەھىرى ۋەيرانە قىلۋىتىلگەن  بۇلۇپ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقى مەزگىلىدە كۇچانىڭ ئاۋاتلىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ تىزلىكتە ئەسلىدىكى مەدەنىيەت مەركىزى بۇلۇش ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن كۇچادا داڭلىق ئالىم ، ئۆلىمالار مۇددەرىسلىك قىلغان مەدىرىسلەرنىڭ سانى كۆپەيدى . ئىجتىمائى پەنلەردىن باشقا تەبىئى پەنلەرگىمۇ ئۇرۇن بېرىلىپ كۇچانىڭ شۇنداقلا باشقا رايۇنلارغا كېرەكلىك ساپالىق بىر تۈركۈم كىشلەر يىتىشتۈرۈلۈپ چىقىرىلدى . مەدىرىسلەردە ئەرەپ،فارىس تىللىرى ، قائىدە، گىراماتىكا ، مەنتىق، تىبابەتچىلىككە ئائىت  مىزانى تىب ، دەستۇرىل ئىلاج ، تىببى ئەكبەر ، تەسھىلىل  مەنافى( ئاسان مەنپەئەتلىنىدىغان ساغلاملىق دەستۇرى)،  تىببىن نەبەۋى( پەيغەمبەرلەر تىبابىتى )، دەلائىلىن نەبزى(  تۇمۇر تۇتۇش ئارقىلىق كېسەل ئايرىش قوللانمىسى )  قاتارلىق پارىسىى ئەرەبى كىتابلار  ، ئىسلامىيەتكە ئائىت   ئۇسۇل ، فىقھى ، ھەدىس ، تەپسىرلەر، ئۇنىڭدىن باشقا ئەدەبىيات ، قىسسە ، ئىلمى نۇجۇم ، پەلەكيات  قاتارلىق پەنلەر مەدىرىسلەردە   كەڭ دائىرىلىك دەرس قىلىنغان .بۇ مەزگىلدە كۇچادا مەشھۇر ھۈكۈمالاردىن خۇدۇيىمخان ھاجى غۇجام(1567-1658) دىگەن كىشى ئۆتكەن بۇلۇپ، بۇ ئالىم 1619- يىلى تۈزۈلگەن جۇڭگۇ تىبابەت تارىخىدا ‹‹回回药方›› نامى بىلەن مەشھۇر بولغان‹‹ مۇسۇلمانلار دورا رىتسىپىلىرى›› دىگەن كىلاسسىك تىببى ئەسەرنى يىزىپ چىققان. بۇ ئەسەردە ئويغۇر تىبابەتچىلىكنىڭ ئىچكى – تاشقى بالىلار ، ئاياللار ، بەش ئەزا ، تېرە تاناسىل ، سۇنۇق ، چېقىق قاتارلىق ھەرقايسى كېسەللىكلەرگە ئىشىلتىلدىغان 7000 غا يېقىن دورا رېتسىپلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان ، بۇنىڭدىكى ھەب ، مەجۇن، قۇرىس، شاراب، شىياف ، سىركەنجىبىن قاتارلىق دورا ياسالمىلىرى ، ئەفتىمۇن ، ئاقىرقەرھا، ئۈستىقۇددۇس ۋە سۇفۇفى خەشخاش، مەلھىمى شىڭرىپ ، مادەتۇل ھايات قاتارلىق دورىلار، بەھەق( قارا داغ) ، سەرئى( تۇتقاقلىق) ، قۇلىنىجى(ئۈچەي تۇسۇلۇش) قاتارلىق كېسەللىكلەر ۋە ئۇنى ساقايتىش ئۇسۇل چارىلىرى (18) ئۆز دەۋىردىكى تىبابەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىگە چىققانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . كۇچا ئويغۇر تىبابىتى ئەنە شۇخىل تەرەقىيات باسقۇچى بىلەن شىنجاڭدا ئۆزىگە خاس نامى بىلەن شەكىللەنگەن خوجىلار دەۋرىگە قەدەم قويدى . 1678- يىلى ئاپپاق خوجا ھاكىمىيىتى تىكلەنگەندىن كىيىن قارا تاغلىق ، ئاق تاغلىق خوجىلارنىڭ مەزھەپ كۇرەشلىرى خەلىقنى ئىككى لاگىرغا بۆلۈۋەتتى . يۈرەكنى ئىزىدىغان جاھالەتلىك دەۋىر باشلاندى . خوجىلار دەۋرىدە پۈتكۈل خەلىق دىگۈدەك  نادانلىققا مەھكۇم بۇلۇپ ،  مازار ماشايىقلارغا، خانقالارغا داشقازان ئېسىپ ئىستقامەت قىلدى . ئىلىم – مەرىپەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن تۈگۈل، مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ‹‹كېسەللىكنى  ۋە دورىنى ئاللەتەئالا چۈشۈردى . ھەرقانداق كېسەللىككە دورا ياراتتى . داۋالىنىڭلار، .... لېكىن ھارام بىلەن داۋالانماڭلار  ››(19) دىگەن  ھەدىسىنى ئۇنتۇپ تىببى ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىش بىدئەد ئەۋلىيالاردىن ،مازار –ماشايىقلاردىن شىپالىق تىلەش توغرا دەپ قارالدى .لېكىن ئىبراھىم نىيازتارىختىن قىسقىچە بايانلار ناملىق كىتابىنىڭ 254-بېتىدە ئېيىتقاندەك ‹‹ بۇ خوجىلار ساددا ، ئاقكۆڭۈل خەلىقنى ئالداپ ، ئۆزلىرىنى دىننى قوغدىغۇچى دانا ھەممىنى ئالدىن بىلىدىغان سېھىر قىلالايدىغان بىمارنى داۋالايدىغان ئەۋلىيا قىلىپ كۆرسىتىپ خەلىقنى خالىغانچە قاختى – سوختى قىلىشتى ›› . بۇنىڭ بىلەن ئىلىم – مەرىپەت نۇرى خىرەلەشتى ، تىبابەت ئىلمى ۋە تىۋىپ ھۈكۈمالار چەتكە قېقىلدى . لىكىن ئاللاھنىڭ كالامى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىنىڭ روھى بويىچە ئىش قىلىدىغان بىر قىسىم ئېتقاد ،ھەققانىيەت ئىگىلىرى ئويغۇر تىبابىتىنىڭ نۇرىنى ئۈچۈرۈپ قويماسلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۆگۈنۈش ،ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشتىن ئىبارەت مەجبۇرىيەتلىرىنى قورقماي ئادا قىلدى . بۇخارا ، سەمەرقەنت ،دەمەشىق ،ھىراتلاردا ئالاھىدە شۆھرەت قازانغان كۇچالىق داڭدار ھۆكۈما خوجاقۇتلۇق بىننى مەنسۇر ئەللامە(1619-1720) كۇچاغا قايتىپ كىلىپ ئويغۇر تىبابىتى بويىنچە كېسەل داۋالاش ۋە شاگىرىت تەربىيىلەش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 1698- يىلى ئۇنىڭ باشچىلىقىدا شاگىرتلىرى قۇرغان داۋالاش ئۇرۇنلىرى ۋە دورا دوكانلىرى  228گە يىتىپ ئەينى زامان جاھالىتىگە ئوت ئاچقان. يەنە شۇ دەۋرلەردە شىرىپ بىننى جامالىدىن ھاجى(1666-1758 )ئۇستازى خوجا قۇتلۇق بىننى مەنسۇر ئەللامىدىن تىببى ئىلىمنى سېستىمىلىق ئۆگۈنۈپ كۇچادا تىبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇستازىنىڭ ئىزىنى باسقان. ئۇ بۇ مەزگىللەردە ئۆزى قىزىقىدىغىنى بويىچە جىنسى ئاجىزلىق جەريانلىرىنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەپلىرى، داۋالاش ئۇسۇللىرى ،پەرھىزلەر توغرسىدا ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ چاغاتاي ئويغۇر تىلىدا ‹‹جىنسىيەت ھەققىدە تەلىمات ۋە داۋاسى›› دىگەن رىسالىنى يىزىپ ئويغۇر تىبابىتىگە بىر ئۈلۈش تۆھپە قوشقان .
1759- يىلى چىڭ سۇلالىسى جۇڭغار ھۈكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ چوڭ – كىچىك خوجا توپلىڭىنى تارمار قىلىپ شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى . بۇنىڭ بىلەن چىڭ ھۈكۈمىتى بىرقاتار ئىقتىسادى ، سىياسى ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەدبىرلەرنى تۈزۈپ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشتى . لىكىن 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ چىڭ ھۈكۈمىتىنىڭ زەئىىپلىشىشى بىلەن ئىلىپ بارغان تەدبىرلىرى ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى. سوپى ئىشانلارنىڭ مەنىۋى زۇلىمىدىن خەلق تېخىچە قۇتۇلالمىغان ،بۇخارا ئۇيقۇسى ئۇلارغا كاتتا ئىنئام بولغان، خۇراپاتچىلىق ، مازار- ماشايىخلارغا تىۋىنىش ، ئىشان -غوجاملاردىن پاناھلىق تىلەش ،ئۇلاردىن ھىممەت ، كېسىلىگە داۋا تىلەش  داۋاملىشىۋاتقان مەزگىللەر بولسىمۇ  ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى  يەنىلا مۇئەييەن دەرىجىدە  ئۆز مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا ئىدى.   ئۆززامانىسىدا تۇنۇلغان داڭلىق كۆز كېسەللىكلەر مۇتەخەسىسى مۇھەممەت بىننى شىرىپخان ھاجى(1698-1812) بىر تەرەپتىن كۇچا خانىقا مەدىرىسىدە مۇددەرىسلىك قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن كۆز كېسەللىكلىرىگە مۇپتۇلا بولغان نەچچە مىڭىلغان خەلىقنىڭ ئاھۇ – زارىغا ھەمدەم بولدى.ئۇنىڭ ئىزىنى بېسىپ جامالىدىن مەۋلىۋى داموللا ھاجى(1817-1917) ئۆزىنىڭ يىتۈك ھۆكۈمالىقى بىلەن خەلىقنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلىشىغا ئۆزىنى پىدا قىلدى . بۇلۇپمۇ بۇ ھۆكۈما ئاق كېسەلنى داۋالاش جەھەتلەردە ئالاھىدە ماھارەتلىك بۇلۇپ قۇياش نۇرىغا قاقلاپ داۋالاش ئۇسۇلى بويىچە كېسەل داۋالاپ كېسەل ئازابىنى يوقاتسا يەنە ‹‹ئاب ۋە ئاتەشنىڭ كېسەل داۋالاش قائىدە قانۇنلىرى›› دىگەن كىتاپنى يېزىپ قالدۇردى. ھەش – پەش دىگۈچە يىللار تىزمىسى 20- ئەسىرگە قەدەم قويدى ، بۇ يىللاردا خەلق بۇ دەۋىرنىڭ ‹‹جاھالەت نادانلىق دەۋرى ئەمەس ،ئىلىم – مەرىپەت دەۋرى›› ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ ئۆزىنىڭ سۈت ئۇيقۇسىنى داۋاملاشتۇرۇپ چۈش كۈرۈپ ياتتى . ھالبۇكى تىبابەتچىلىك ئىلمى ئۆز دەۋرىگە يارىشا تىمتاسلىق ، تۇرغۇنلۇق ھالىتىدە تۇرۇپ ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى .‹‹ ئاتا – بوۋىسىدىن مىراس كونا كېسەلنىڭ داۋامى بولغان›› پىرە ئوينىتىش ، دۇئا ئۇقۇش، كەتمەن بېسىش ، قان قىلىش ۋە مازارلاردىن نىجاتلىق تىلەپ كېسەل داۋالاشتەك خۇراپى پائالىيەتلەر كەڭ خەلق ئارىسىدا يەنىلا داۋاملىشىپ بارماقتا ئىدى .مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭغا قارىتا تىبابەت ئاشناسى بولغان جامالىدىن مەۋلىۋى داموللا ھاجى ئۆزنىڭ ئاخىرقى ئۆمۈردىمۇ ماددى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بىرىىپ خەلق ئاممىسىنى داۋالاپ ۋە شاگىرىت يىتىشتۈرۈپ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلدى. يەنە شۇ مەزگىللەردە كۇچا  خانىقاسى ئەتراپىدا ھەرخىل يەككە ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دورىلارنى ساتىدىغان توختى موللام دىگەن كىشى يەل ، ئاقما جاراھەتلەرنى ۋە بەزى ئاددى كېسەللەرنى داۋالاپ كەلگەن . كۇچا ئويغۇر تىبابەتچىلىكىدىكى داڭلىق ئۇستاز قاسىم ئەئىلەم ئاخۇنۇم(1872-1955) تىببى جەھەتتىكى يۇقۇرى بىلىملىك ماھارىتى بىلەن ھەم كېسەل داۋالاپ ھەم شاگىرىت تەربىيىلەپ بۇ يۇرت تىبابىتىگە كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان. قاسىم ئەلەم ئاخۇنۇمنىڭ شاگىرىتلىرىدىن ساۋۇر ئەۋلىيا، توختاخۇن خەلپىتىم ، سىدىقئاخۇن خەلپىتىم ، ئابدۇقادىر ئىمام، قۇتبىدىن پەرەڭ،    يىمىت ئىمام،ئۇلارنىڭ شاگىرىتلىرىدىن سىدىق ئەيسا ، ھاشىم بەختى ، ئابدۇكېرەم روزى قاتارلىقلار ئازادلىقتىن بۇرۇن ۋەئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ساي بويى ۋە رەستە مەسچىت ئەتراپلىرىنى مەركەز قىلىپ دۇكان ئېچىپ  كۇچا ئويغۇر تىبابىتىنىڭ كىيىنكىلەرگە كىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 1953-يىلى لىن جىلۇ سالدۇرغان ئىتتپاق كۆۋرۈكىنىڭ تۆۋەن قىسمىدا ئازاتلىقتىن كىيىنكى تۇنجى ئۇيغۇر تىبابەت گورۇپپىسى قۇرۇلدى. 1956-يىلى ناھىيىلىك مائارىپ مەدەنىيەت سەھىيە بۆلىمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ساقساق ئۆستەڭ بۇيىدا ئۇيغۇر تىبابەت شىپاخانىسى قۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن كۇچا ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىندى. ھازىر كۇچا ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ  ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ كەلمەكتە.
ئاخىرىدا ئۇشبۇ يازمىنى يېزىش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان  كۇچاناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىگە ،كۈسەن تاشكېمېر تەتقىقات ئورنىنىڭ پىنسىيۇنىرى مەرھۇم مەھەممەت موسا ئاكىغا ،ئۆزىنىڭ‹‹كۇچانىڭ ئۇيغۇرتىبابەتچىلىك دۇرىگەرلىك تارىخى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش ›› ناملىق مول مەزمۇنلۇق تەتقىقات ماقالىسى ئارقىلىق بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بەرگەن كۇچا پاختا بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق پىشقەدەم ۋەقەشۇناس ،تارىخچى ھۈسەيىن ئىمىنھاجىمغا،ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقاتچىسى ئابلىز مۇھەممەت سايرامى ئاكىغا،ئابدۇرېھىم قادىر ئاسىپ ئاكىغا كۆپتىن –كۆپ تەشەككۈرىمىزنى  بىلدۈرۈپ ئۆتىمىز.
ئىزاھلار:
1.        ئىسراپىل يۈسۈپ،ئەنۋەر قاسىم: غەربىي يۇرت يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيەت تارىخى مىللەتلەر نەشىرىياتى2006-يىل1- نەشىرى 37-بەت
2.        رەيھانگۈل قۇربان: قەدىمقى كۈسەن بەگلىگىنىڭ ئىقتىسادى توغرىسىدا شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى ژۇرنىلى 99-يىل 2-سان 79-بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىل
3.        غەيرەتجان ئوسمان: ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدەنىيىتىگە دائىر مۇلاھىزىلەر  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2003-يىل 1-نەشىرى24-بەتتە كەلتۈرۈلگەن نەقىل
4.        ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1997-يىل 1-نەشىرى1998-يىل 2-بېسىلىشى 34-بەت
5.        ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : ‹‹ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ قىسقىچە تارىخى تەسۋىرى›› ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى2002-يىل نەشىرى 210-بەت
6.        جۇڭگۇ تىببىي قامۇسى تارماق تومى ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى 1-جلد شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1988-يىل 1-نەشىرى4-5-بەت
7.        ئابلىز مۇھەممەت سايرامى : ۋۇچىدىن تېپىلغان ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگە ئائىت ئارخېئۇلۇگىيىلىك مەلۇماتلار ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ژۇرنىلى 2003-يىلى 3-سان 27-28=بەتلەر
8.        قۇربان ۋەلى : قىزىل مىڭئۆي رەسىملىرى ھېكايىسى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1986-يىل 1-نەشىرى51-بەت:
9.        قۇربان ۋەلى : قىزىل مىڭئۆي رەسىملىرى ھېكايىسى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1986-يىل 1-نەشىرى 88-بەت
10.        ئابلىز مۇھەممەت سايرامى : كۇچادىن تېپىلغان سانسىكىرت يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە دائىر ئۈچ قىسىملىق ۋەسىقە ھەققىدە  ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ژۇرنىلى 2003-يىل5-سان 23-26-27-28-29-بەت   ؛ 6-سان 28-30-بەتكە قاراڭ
11.        ئابلىز مۇھەممەت سايرامى :ئۇيغۇرلارنىڭ تاڭ سۇلالىسى پايتەختى چاڭئەندىكى دۇرىگەرلىك – تىبابەتچىلىكى  توغرىسىدا  ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى 1997-يىل 3-سان
12.        ئا.سۇھەيل ئۈنۋەر : ئۇيغۇرلاردا تىبابەتچىلىك  شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشىرىياتى 1997-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى7-8-9-10-44-47-بەتلەر
13.        يۈسۈپ خاس ھاجىپ : قۇتادغۇبىلىك (نەزمى يەشمىسى) مىللەتلەر نەشىرىياتى 3725، 6006، 6007، 6008،6010، 6011،6012، 6013، 6014، 2887، 2893، 4615، 4616، 6421، 6422، 4622،  4623، 4624، 4625، 4626، 4627-بېيىتىغا قاراڭ.
14.        مەھمۇد كاشىغەرى : تۈركىي تىللار دىۋانى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1980-يىل نەشىرى 1-توم 2-3-بەت
15.        قۇتادغۇبىلىك (نەسرى يەشمىسى) مىللەتلەر نەشىرىياتى 1991-يىل ئۇيغۇرچە نەشىرى 622 ، 4361 ، 4362 –بېيىت .
16.        ئىمىن ئابدۇللا ،ھۈسەيىن ئىمىنھاجى : ‹‹كۇچانىڭ ئۇيغۇرتىبابەتچىلىك دۇرىگەرلىك تارىخى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش ›› ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ژۇرنىلى 1996-يىل 1-سان 37- 38-بەت .
17.        ھاجى نۇر ھاجى  : يەركەن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1993-يىل  نەشىرى 242-بەت
18.        ئابدۇرېھىم قادىر ئاسىپ: ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمقى ئەسەرلەر كاتالۇگى ۋە ئۇلارغا ئىزاھات   ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى 1996-يىلى 4-سان 42- 44 – 45-بەتلەر
19.        ئىبنى قەييۇم جەزۋى : تىببىن نەبەۋى (پەيغەمبەرلەر تىبابىتى ) لىۋان بىيرۇت نەشىرىياتى 1957-يىل ئەرەپچە 3-نەشىرى 9-بەت
پايدىلانغان مەنبەلەر〔1〕ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1997يىل 1-نەشىرى1998-يىل 2-بېسىلىشى
〔2〕ئابلىز مۇھەممەت سايرامىنىڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى،شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرىدىكى ئۇيغۇر تېبابەت تارىخىغا ئالاقىدار ماقالىلىرى.   
〔3〕ئىمىن ئابدۇللا ،ھۈسەيىن ئىمىنھاجى : ‹‹كۇچانىڭ ئۇيغۇرتىبابەتچىلىك دۇرىگەرلىك تارىخى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش ›› ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ژۇرنىلى 1996-يىل 1-سان
〔4〕ئابدۇرېھىم  قادىر ئاسىپ : ئۇيغۇر تىبابىتى قەدىمكى ئەسەرلەر كاتالۇگى ۋە ئۇلارغا ئىزاھات  ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ژۇرنىلى 1992-يىل 3-سان ؛ 1993-يىل 2-3-سان  ؛ 1994-يىل 2-سان  ؛ 1995-يىل 3-سان ؛ 1996-يىل 1-3-4-سان ؛ 1997-يىل 1-سان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈسەمىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-18 14:59  


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 366
تۆھپە : 4
توردا: 149
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 18:55:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش سەپىرىڭلار تېخىمۇ مەنىلىك بولغاي!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 19:23:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى بۇ مۇنبەردە تەكرار ئۇقۇغاندەك قىلىمەنغۇ؟

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 19:25:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلداش يوللىغان ۋاقتى  2012-9-18 19:23
بۇ تىمىنى بۇ مۇنبەردە تەكرار ئۇقۇغاندەك قىلىمەنغۇ؟

forum.php?mod=viewthread&tid=6583

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2123
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 13:44:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەسلەپتەيوللىغاندا ئىملاغا دىققەت قىلماي يوللاپ قۇيۇپتىمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش