ximal
كۆرۈش: 73|ئىنكاس: 1

شەھەرنىڭ مۇڭى : ئويغانغان قەلب مەڭگۈ تىنىچلانمايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 774
تۆھپە : 1
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 12:06:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەرنىڭ مۇڭى : ئويغانغان قەلب مەڭگۈ تىنىچلانمايدۇ

بۇ ھىكايىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن ، ھىكايە ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق نوقتىلارنى ئوبدان شەرھىيلەپ ، ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيەت ئۇتۇقلىرى توغرىسىدا جىقراق نەرسىلەرنى قېزىپ ئۆزەمنىڭ بۇندىن كىيىنكى يېزىقچىلىق نىشانىمغا ياخشى خۇرۇچلارنى تېپىش نىيتىم بار ئىدى . ئەمما ، تۇيغۇللىرىم مېنى يەنىلا شۇ ئالدىراش كەلگەن ئوي – خىياللاردىن ئازراق تەمەچ تېرىپ بېقىشقا ئالدىرىتىپ قالدى .
ھىكايە بىزگە ئارلاشما بايان بۇيىچە ئېيتىپ بىرىلىدۇ . ئاپتۇر ھىكايە ۋەقەلىكىگە ئانچە بەك مۇرەككەپ ۋەقەلىكلەرنى سىغدىمىغان . لېكىن ، تۇرمۇشقا ئەڭ يېقىن ئاددىي ۋەقەلىكلەرنى ئۆز – ئارا تەسىر كۆرسەتكۈزۈش ئارقىلىق ، ھىكايە راۋاجىنى شەكىللەندۈرۈپ ، بىزنى ئاددىيلىقنىڭ مۇرەككەپلىككە تۇيۇنغانلىقىدەك ھەقىقەت ئارقىلىق ، ساتتارنىڭ مۇرەككەپ ھايات كەچۈرمىشلىرىنى بىر قەدەر ئېنىق بىلىشكە يېتەكلىگەن . يەنى ئاپتۇر ۋەقەلىككە كۈچ سەرىپ قىلماستىن ھىكايىدە ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ئىدىيىۋى مەزمۇننى ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچەيىتكەن .
ئاپتۇر بۇرۇنقى تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىغا خاس ئاددىي رەڭسىز سۆزلەر ئارقىلىق ، ھىكايىغا كىرىپ كەلگەن ھەم باشتىن – ئاخىر بۇخىل ئىزچىللىقنى ساقلىغان . بۇلۇپمۇ ساتتارنىڭ خانىمى ئىشلىگەن «ئىدىيىۋى خىزمەت» تىلى ئەنئەنىۋى چۆچەك تىلىغا ئىنتايىن يېقىن بۇلۇپ ، ئىختىيارسىز ھالدا بۇ ئايالنىڭ تىل ماھارىتىگە قايىل بۇلۇپ قالىسىز .
ئاپتۇر بۇ ھىكايىنى سۆزلەپ بىرىش ئارقىلىق بىزگە نىمە دېمەكچى ؟

«- ئەگەر قىزىنى بەرمىسە ، قەرىز ئالغان پۇللارنى دەرھال قايتۇرسۇن ...»

بۇ تەھدىت ۋە ھاقارەت ئىگىسى ساتتار قانداق ئادەم ؟
ساتتار - «پۇلنى ئەمەلىدىن ، نەپنى شان – شەرەپتىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى ھەرگىز يۇشۇرمايتتى»
ساتتار - ئائىلىسىگە كۈيىنىدىغان ، بەخت ۋە ھوزۇر ھالاۋەتكە ئىنتىلىدىغان ، ئايالى ۋە ئىككى قىزى ئۈچۈن ھەتتا جېنىدىن كېچەلەيدىغان ئەر .
ساتتار - «ئاللىقاچان شەھەرلىشىشكە ئۈلگۈرگەن ئادەم» . شەھەردىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئۇنى يۇمشاتقان .

ساتتار – ئۆز خاسلىقىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئادەم .
ساتتار – مەغلۇپ بولغان ئەر .
مەن ھىكايىغا كىرىپلا ساتتارنىڭ ئايالىنى ۋە قىزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم . چۈنكى ، غورور ۋە نۇمۇس تۇيغۇسىدىن ئالغاندا ھاقارەتكە قالغان ئەرنىڭ پىسخىك تاللىشى ھاقارەت كەلتۈرگەن ئوبىكىتنى ۋەيران قىلىش ئاندىن ھاقارەت قىلغۇچىنى كۆزدىن يوقىتىش بۇلۇشى مۇمكىن .
ئەمما ، ھىكاينىڭ كىيىنكى بۆلەكلىرىنى ئۇقۇۋېتىپ ،ساتتارنىڭ قۇلىدىن بۇ ئىشلارنىڭ كىلىشىگە كۈزۈم يەتمىدى . نېمىشقا ؟ ئۇنىڭ جاھاندارچىلىق پەلسەپەسىدىن ئېيىتقاندا ، بۇ ھاقارات ۋە خورلۇقلارغىمۇ چىداپ كېتەلىشى ئەقەللىي بىر ئىش ئىدى .
ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدى . مەن يەنە ئۇ ئۆزى قىلالايدىغان ئىككى خىل تاللاشنىڭ بىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى دىگەن تۇنۇشقا كەلدىم .
ساتتارنىڭ شۇنداق تاللىشىنىڭ سەۋەبى نىمە ؟
«ئەمدى مانا تۈنۈگۈن ھېلىقى سەت گەپنى ئاڭلىغان چاغدا ئەشۇ نەرسە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەھەرنىڭ چاڭ - توزانلىرىدا ، شەھەرنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرىدا ، شەھەرنىڭ پۇلدىن ئىبارەت باش مىلودىيىسىدە كۆمۈلۈپ قالغان ئەشۇ نەرسە قايتا باش كۆتۈرگەن ، قايتا ئويغانغانىدى . نومۇس تۇيغۇسى ئۇنى ئۇيغىتىۋەتكەنىدى . ئويغانغان قەلپ مەڭگۈ تىنىچلانمايدۇ .ئۇنىڭ شۇ بىر سوتكىدىن بىرى تىنىچلىنالماسلىقى شۇ سەۋەبتىن ئىدى .»
ھىكايىدە ئەڭ كۆپ دىيىلگىنى شەھەرلىشىش دىگەندىن ئىبارەت بىر ئۇقۇم . مانا شۇ سۆز ساتتارنىڭ ئادىمىيلىكىنى ئاخىرىغا بېرىپ ، ھايات ۋە ماماتىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتى . شەھەرلىشىش - بۇ ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي پائالىيەت دائىرىسىگە قارىتا ئېيتىلغان بىر ئۇقۇم بولسىمۇ ، ھىكايە ئۇنىڭغا يەنە تېخىمۇ بىرئېغىر مەزمۇننى يۈكلەپتۇ . خىزمەت ، ئەمەل ، پۇل ، رېستۇران ، پىكاپ ، ئاشنا ، مېھمانساراي ، مودا ، ئۆي بېزەش ، قەۋەتلىك ئۆي ، سوت ... بولار شەھەرگە خاس ئامىللار . داغۋازلىق ، ھەشەمەتخورلۇق ، ھەسەتخورلۇق ، غەيۋەتخورلۇق ، زىناخۇرلۇق ، شەھۋەتخورلۇق ، خوشامەتچىلىك ، تەخسىكەشلىك ، بۇزۇقچىلىقلار ئىنسان تەبىئىتىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى . ئەخلاقسىزلىق ، نۇمۇسسىزلىق ، غورورسىزلىق ، ئىمان – ئېتىقادسىزلىق ... ئادەملەر ئۆزلىرى پەيدا قىلغان روھى كىرزىس . ئەمما تىرىكچىلىك غېمى ھەر جايدا بار .
دېمەك ، بۇدۇنيادىكى بارلىق زىدىيەت توقۇنۇشلارنىڭ نەق سەۋەبكارى ئادەملەر ، ئادەم ئۆزى . ھەر بىر ئادەم ئۆزىدىكى مەينەتچىلىكلەرنى تۇلۇق تازلىماي تۇرۇپ ، باشقا شەيئىلەردىن ئەيىپ ئىزدەيدىغان نىمە ھەققى بار ؟
ھىكايە بەرگەن زوق مۇشۇ يەردە تامام بولدى . ھەربىر ئوقۇغۇچى ئۆز تۇرغۇسىدا تۇرۇپ ، ئەسەردىن ھوزۇرلانغان ۋاقتىدا قەلبىدە نۇرغۇنلىغان سۇئاللار تۇغۇلۇشى مۇمكىن . ئەمما ، ئۇ سۇئاللارغا مېنىڭ تەھلىلىم تۇلۇق جاۋاب بولالمايدۇ . جاۋابنى ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرى ئۆزى ئىزدىگەي . مەن پەقەت بۇ تەھلىل ئارقىلىق  ھىكايە ئاپتۇرىنىڭ «ئويغانغان قەلپ مەڭگۈ تىنىچلانمايدۇ» دىگەن پىكرىنى تېخىمۇ كۈچەيتەلىسەم شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە !

رۇزى كېرەم يارى
2012 – يىل 5 – ئاينىڭ 7 – كۈنى
كورلا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 774
تۆھپە : 1
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 12:10:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەھەرنىڭ مۇڭى
(ھىكايە)
نۇرى مۇھەممەد توختى

1
- ئەگەر قىزىنى بەرمىسە ، قەرىز ئالغان پۇللارنى دەرھال قايتۇرسۇن ...
ساتتارنىڭ يۈرىكى شامال سوققان غازاڭدەك تىترەپ كەتتى .قازاندىكى قىززىق ياغقا تاشلانغان پىيازدەك پىژلداپ كەتتى . ۋۇجۇدى سۇدىن چىققان كۈچۈكتەك سىلكىنىپ كەتتى . قەلبىدە مۇچتەك ئاچچىق بىر دەرت يېيىلىپ كەتتى ...
بۇ تۈنۈگۈن ئاڭلىغان گەپ . خۇتۇنى ئەلچىلەرنىڭ ئەشۇ گىپىنى يەتكۈزۈۋېتىپ : «قىزىمىزنى ئۇنىڭغا بەرمەكتىن باشقا ئىلاجمۇ يوق ...»دەپ ئالدىنئالا ئىپادە بىلدۈرگەندە ساتتارنىڭ يۈرىكى ئەشۇنداق چىدىماي قالدى . ئاللىقاچان يۈسۈپ ھاجىمنىڭ ئادىمى بۇلۇپ قالغان قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلسا ھېچنىمە بولماسمىش ...
- نىما دېدىڭ ؟- ساتتار غۇلاچلىرىنىڭ قانداق كىرىلگەنلىكىنى ، چىرايلىق خۇتۇنىنىڭ ئاق ئالمىدەك سۈزۈك چىرايىغا سۇزۇلۇپ زەرىپ بىەن تەگكەن نەرسىنىڭ مۇش ياكى شاپىلاق ئىكەنلىكىنى سەزمەي قالدى . ئېگىز بوي ، مەجنۇنتالدەك خۇشپىچىم خۇتۇن تۈۋىدىن شاررىتتىدە كېسىلگەن گۈل شېخىدەك يېقىلدى . ئارقىسىغا پۇلاڭلاپ ئۇچۇپ كەتتى . لېكىن «ۋايجان»لاپ توۋلاشقا ، قىقىراپ ياكى ھۈ تارتىپ يىغلاشقا ئۈلگۈرەلمىدى . ساتتارنىڭ ئۈلگۈرۈپ كەلگەن كۈچلۈك قوللىرى ئۇنى ياقىسىدىن تۇتۇپ يەردىن يۇلۇپ ئالدى ۋە تامغا مىخلىدى .
- قانداقچە ئۇنىڭ ئادىمى بۇلۇپ قالىدۇ ؟ 16 گە كىرمىگەن قىز قانداقچە قېرى ئادەمنىڭ ئادىمى بۇلۇپ قالدى ؟ - گاللىرىدىن سىقىلىپ تامغا مىختالغان خۇتۇن خىقىرايتتى ، دۇدۇقلايتى . يېرىلغان لەۋلىرىدىن ساقىغان ئىسسىق قان ساتتارنىڭ قوللىرىغا يالاپ چۈشتى ، - ئېيتە ، قانداقچە
- قەرىز تۇتۇپ كەلگەن چاغلىرىدا ....
- سولاپ بەردىم دە ، قاچان ؟ - ساتتار خۇتۇنىنىڭ گاللىرىنى يەنىمۇ بەكرەك سىقتى ، تامغا يەنىمۇ بەكرەك مىختىدى .
- ۋايجان ! ۋاي خۇدايىم ،مەن ئۇنىڭ ئانىسى تۇرسام شۇنداق ئىشنىمۇ قىلارمەنمۇ ؟ قەرىز تۇتۇپ كەلگەن چاغلىرىدا بەزىدە ئۇدۇل كىلىپ قېلىپ ماشىنىسى بىلەن مەكتەپكە ئاپىرىپ قويغانتى ، كىيىنچە ... خۇتۇن سانىڭ قۇلىدىكى چۆجىدەك تىپىرلايتتى ، چۆجىدەك چوكىلدايتتى . ساتتار غالجىرلاشقان ، ئەس – ھوشىنى يوقاتقانىدى . چاڭگىلىدىكى چۆجىنى قانداق دەسسەپ ، قانداق چەيلىگەنلىكىنى تۇيمىدى . ئۆيدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيمىدى ، شەھەردىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيمىدى . كىملەرگە ئۈسۈپ ، كىملەر بىلەن دوقۇرۇشقىنى ئېسىدە يوق . پەقەت ، دوقمۇشتا تاكسى شوپۇرىنىڭ «ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ؟» دەپ ۋاقىرىغىنى ئېسىدە !
«ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ؟» ... «ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ؟» ... ... «ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ؟» ... ... ... ئەشۇ ئاۋاز قۇلاقلىرىدا قېتىپ قالغان . قۇلاقلىرىغا ئەشۇ ئاۋازدىن باشقا تاۋۇش ئاڭلانمايتتى . ئۇ دەرياغا ، ئۆزى قاشتېشى قېزىۋاتقان يەرگە يىتىپ چىققاندا ، تاشقېزىش ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازى ئاللىقاچان ئۆچكەن ،قېزىلغان تاشلار ئارىسىدىن قاشتېشى ئىلغايدىغان ئىشلەمچىلەر چېدىر ئىچىدە ئاللىقاچان ئۇيقۇغا كېتىشكەنىدى . ساتتار بىر ھەپتىدىن بۇيان قېزىپ چىقىرىلغان تاش دۆۋىسى ئۈستىدە ئولتۇردى . تاماكىسىنى ئۇلاپ – ئۇلاپ چېكىۋەردى . مۇتىھەمنىڭ كۆڭلىدەك قارايغان كونا دەريا قېنى قاتقان قاندەك قارىيىپ ياتاتتى . كېچە سۈكۈناتىدىن ئۆزگە ھېچنەرسە ئاڭلانمايتتى ، سوغۇقتىن ئۆزگە ھېچنىمە سېزىلمەيتتى ...
شەرق سۈزۈلۈپ ،دەريا قېنى دەججالنىڭ ئېشىكىدەك كۆكۈش رەڭگە كىرگەندە ئىشلەمچىلەر ئويغۇنۇپ بامدات نامىزىنى ئۆتەشتى . ئىش باشلىماق بۇلۇپ قېزىش ماشىنىلىرىنىڭ يېنىغا كىلىشتى . مانا شۇ چاغدىلا تاش دۆۋىسى ئۈستىدە يىگانە قورام تاشتەك دۈگدىيىپ ئولتۇرغان خوجايىننى كۆرۈشتى . خوجايىننىڭ كۈرىنىشى قورام تاشتەك سوغۇق ، قورام تاشتەك بىچارە ، قورام تاشتەك تۇيغۇسىز ئىدى .
- بۈگۈن ، ئەتە ئىشلىمەيلى .دەم ئېلىپ ئائىلەڭلارنى يوقلاپ كىلىڭلار ! – سادا چىقتى قورام تاشتىن .قورام تاشتىين سادا چىقىپ ياغ چىقمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەشۇ سادا ئىشلەمچىلەرگە ياغدەك ياقتى . دېمىسىمۇ ئۇلار بالا –چاقىلىرىنى سېغىنىشقان ، ئالغان ئىش ھەققىلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئويلىرىمۇ بار ئىدى . قورام تاش ئۇلارنىڭ ئالدىراش ھالدا قانداق كېتىشكەنلىكىنى كۆرمىدى .كۈرۈشنىغۇ كۆردى ، ئەمما سەزمىدى .ئۇ خوشنا تەۋەككۈلچىلەرنىڭ ئىشقا چۈشكەنلىكىنىمۇ ، قېزىش ماشىنىلىرىنىڭ گۈكىرەشلىرىنىمۇ سەزمىدى . ئۇ پەقەت بارماقلىرى ئارىسىغا قىستۇرۇلغان تاماكىنىڭ كۈيۈپ تۈگىگەنلىكىنى، بارماقلىرىنى كۆيدۈرگەنلىكىنىلا سېزەتتى . قۇلاقلىرىدا قېتىپ قالغان ھېلىقى «ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ؟» دىگەن ئاۋازنىلا ئاڭلايتتى .«يا قىزىنى بەرسۇن ، يا قەرىزلەرنى دەرھال قايتۇرسۇن !» دىگەن ئاۋاز ئاڭلانغاندا بولسا قەلبى چىدىغۇسىز بىر خىل نومۇستىن كۆيەتتى .
تاڭدا شەرىقتىن بالقىغان قۇياش يەنە غەرىبكە پاتتى . كونا دەريا قېنى يەنە زالىمنىڭ قەلبىدەك قارايدى . شېغىل دۆۋىسى ئۈستىدە بىر كېچە – كۈندۈز چوخچايغان قورام تاش سەل قىمىرلىدى . قىمىرلاپ يانچۇقلىرىنىڭ بىرىدىن «NOKIA»  يانفۇنىنى چىقاردى ۋە كۇنۇپكىلىرىنىڭ بىرىنى باستى .يانفۇن چىرىقى يېنىپ گۆر قاراڭغۇلۇقى ئىچىدىن كىچىككىنە بىر تۈشۈك ئاچتى .
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! مەن ساتتارجان بولىمەن . ھە ، ھە ، شۇ . يادىلىرىدا بار ئىكەن . شۇنى ... ئەتە ئەتىگەن بىزنىڭ كانغا بىر كىلىپ كەتكەن بولسىلا ، 17 كىلومېتىردا . ھە ، ھە ، شۇنداق . قانداقمۇ بۆكىلىرىگە جىگدە سالاي ، ئالۋەتتە ئالدى بىلەن . ھەر گىز ئۇنداق بولمايدۇ . بۇ قېتىم چۇقۇم ...
ساتتار ئارقىمۇ ئارقا تېلفۇن ئۇردى . 10 قېتىم ، 20 قېتىم ئۇردى ، دەيدىغان گېپى بىر خىللا ئىدى . بىرلا گەپنى تەكرارلايتى . ئۇ يەنىمۇ كۆپ تېلفۇن ئۇرۇشى مۇمكىن ئىدى . ئەمما تېلفۇننىڭ توكى تەگەپ كەتتى .
- كاساپەت ، قانداق ياسىغان نەرسە بۇ ؟ توكى تەگىمەيدىغان قىلىپ ياسىيالمىغاندىكىن ، ياساشمىساڭ بولمامدۇ ؟ ھۇ ، كاساپەت ...
ساتتار يانفۇننى ئالدىدىكى تاشقا كۈچەپ ئۇردى .
2
ساتتار ئاللىقاچان شەھەرلىشىشكە ئۈلگۈرگەنئادەم ئىدى . ياسىنىشقا ئېتىبار بىرىشى ، چاچلىرىنى مايلاپ ، بەتىنگىسىگە توزان قوندۇرماي يۈرۈشلىرى ئەينەن شەھەرلىككە ئوخشايتتى . ئالىپتە ، نوچى قىياپىتى بولسا ئۇنى تېخىمۇ شەھەرلىككە ئوخشىتىپ تۇراتتى . ئەمگەكچانلىقىدىن كۆرە تىرىشچانلىقىمۇ ، پەيت پۇرسەتلەرن تۇتۇشنى بىلىشلىرىمۇ ، ھەركۈن ھەر سائەت ھەر مىنۇت پۇل ھەققىدە چوت سۇقۇشلىرىمۇ شەھەرلىكلەرچە ئىدى . شەھەرلىك دىگەننىڭ پۇل ، ھوقۇق ۋە مەنپەئەتتىن ئۆزگە ئۇرۇق – تۇققىنى ۋە دوست – بۇرادەرلىرى بولمايدىغۇ ، ساتتارنىڭمۇ شۇنداق ئىدى . ئۇنىڭ شەھەرلىك بۇلۇپ قېلىشى بىئىختىيار يۈز بەرگەندەك شەھەرلىكلىشىشىمۇ ئۆز ئىختىيارىدا بولىغانىدى . ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ شەھەرگە تەقسىم قىلىندى  . گۈزەر ، لەتاپەتلىك شەھەرلىك قىزغا ئۆيلەندى . تەخسىماتنى تەشكىل قىلغان بولسا ، كىمگە ئۆيلىنىشنى باشلىقلىرى بېكىتىشتى . كىيىن شەھەرلىك بالىلىرى تۇغۇلدى . شەھەرلىك ئائىلىنىڭ ئېغىر يۈكى گەردەنگە ئارتىلدى . مۇرىدىن تۈتۈن چىقىرىپ تۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت دەپتىرىدىكى تۆت تەڭگە مائاشقىلار قاراپ تۇرۇشقا بولمايتتى . قول يەتكەنلا يەردىن ئۈزۈپ ئالمىسا بولمايتتى . دۆلەتنىڭكىدىن ، كوللىكتىپنىڭكىدىن ، ئىدارىنىڭكىدىن ، شەخسنىڭكىدىن ، يېزىلىقلارنىڭكىدىن ، شەھەرلىكنىڭكىدىن ، ئۈزۈپ ئېلىپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى . چۈشتىن بۇرۇن يېزىلىقلارنى ئالاخالتىغا سولىسا ، چۈشتىن كىيىن خوشنىسىنى ھۆل خىشقا دەسسىتىشى لازىم بولاتتى . ساتتارجانشۇ كىينىكى 30 يىلدا ھالال – ھارام ، يوللۇق – يولسىز ، ئاز – كۆپ دەپ ئايرىپ يۈرمىدى . ئىمكانىيەت تاپسىلا ئۈزۈپ تۇردى . ئۇنىڭ ئەشۇ تىرىشچانلىقى ۋەجىدىن ئۆزىنىڭ شەھەرلىك ئائىلىسىنىڭ بەختلىك قازىنى دائىم قايناپ تۇردى . تېخى ساۋاقداشلىرى ، خىزمەتداشلىرىنىڭكىدىن بەكرەك بۇلدۇقلاپ قاينىدى . ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى ، يىراقتىن بىرە – بىرە كىلىپ قالغان كونا باشلىقلىرىغا داستىخان يايغاندا ، بىللە ئوقۇپ بىر ئورۇنغا تەقسىم قىلىنغان ساۋاقداشلىرىغا ئۆزىنى سېلىشتۇرۇپ بىرىشنى ھەرگىز ئۇنىتمايتتى .
- ھاشىمنى دەملا ، تېخىچە كىتاپ – دەستۇرلارنىڭ ئارىسىدا . مەنبولسام پۇل بايلىقلارنىڭ ئارىسىدا ... دەيتتى . پۇلنى ئەمەلىدىن ، نەپنى شان – شەرەپتىن ئۈستۈن كۆرىدىغانلىقىنى ھەرگىز يۇشۇرمايتتى . قاقتى – سوقتى قىلىشنى ئىش بىلەرلىك ، ئالدامچىلىقنى ئەپچىللىك دەپ قارايتتى . ساتتارنىڭ شەھەرلىكلىشىشىدىكى مۇشۇ تۇنجى ئۆتكەل ھەر ھالدا ئوڭۇشلۇق تاماملانغان ئىدى . ۋاھالەنكى : ئۇ مۇشۇ ئۈزۈۋېلىشلارنى ئۆگنىش جەريانىدا نىمە كۈلپەتلەرنى تاتمىدى ، نىمە خورلۇقلارنى كۆرمىدى دەيسىز ؟ سارغىيىشقا ، قىزىرىشقا ، كۆكۈرۈشكە چىداشنى ئۆگەندى . تىل – ھاقارەتلەرگە چىداشنى ئۆگەندى . چىدىسىلا ھەممى ئۆتۈپ كېتەتتى . ئۇنىڭ بەدىلىگە گالدىن ئۆتكىنى ، چۆنتەككە چۈشكىنى ، قازناققا كىرگىنى ئۆزەڭگە ھېساب ئىدى .
ساتتارنىڭ شەھەرلىكلىشىشىدىكى ئىككىنچى بەلگە ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ئورنى ئىناېەت  نوپۇزى ئارقىلىق ئايان بولاتتى . ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە ئەر – ئەر ، ئايال –ئايال ئىدى . ئەر – ئايالىدىن قورقىدىغان ، ئايال ئەرنى باشقۇرىدىغان نائەھلى قىلىقلارئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن بەك يىراق ئىدى . ساتتار قاپىغىنى شۇنداقلا تۈردىمۇ ئائىلە تىترەپ كېتەتتى . قارار چىقىرىش ھوقۇقى مەڭگۈ ۋە ئاخىرغىچە ئۇنىڭ قولىدا ئىدى . ۋاھالەنكى ... مۇشۇ ۋاھالەنكى ساتتار نى ئۈمىدسىزلەندۈرەتتى . قارار چىقىرىش ھوقۇقى مەڭگۈ ۋە ئاخىرغىچە ئۇنىڭ قولىدا بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ تا ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ ئۆز خاھىشى ، ئۆز ئىختىيارى بۇيىچە ھۆكۈم چىقىرىپ باقماپتۇ . ھۆكۈم چىقىرىشتا دائىم ئەشۇ گۈزەل ، لەتاپەتلىك ، خۇشپىچىم خانىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەپتۇ . خانىمنىڭ خاھىشى خانىمنىڭ ئىختىيارى بۇيىچە ھۆكۈم چىقىرىپ كەپتۇ . بۇ تەرىپى ھەممە شەھەرلەشكەن ئائىلىلەردىكى ئەھۋالغا ئەينەن ئوخشايتتى . بۇنى ساتتار بەكمۇ كىچىكىپ ھېس قىلدى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزلىكسىز ھالدا ئۆمۈر بۇيى يۇشۇرۇن كۈچلۈك تەڭ كىلىپ بولماس بىر تەسىرنىڭ ئىلكىدە ياشاپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلغان چېغىدا ئەمدى ئارقىغا داجىشقا پۇرست قالمىغان ئىدى . ئۇ پەقەت ئەشۇ تەسىر ھەققىدىلا ئويلاتتى ، ئەشۇ تەسىرنى نېمە دەپ ئاتاشنى ، نېمىگە ئوخشۇتۇشنى بىلەلمىدى . دەسلەپتە ، ئەمما بۇ تەسىر ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت ئىدى . ئاللىقانداق بىر تەشۋىقاتنىڭ نەتىجىسى ئىدى ، ئىدىيىۋى خىزمەتنىڭ نەتىجىسى ئىدى . ساتتار چۈشەندى . تەشۋىقاتنى ئۆزىگە ئامراق خۇتۇنى ئىشلەپتۇ . ئىدىيىۋى خىزمەتنى بىر ياستۇققا باش قۇيۇپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىپتۇ . ھەر كۈنى ، ھەر كېچىسى ئېلىپ بېرىپتۇ . ئۇ يەنە چۈشەندى . ئۆزىگە ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىگۈچىلەر ئۆزىگە ئۆزلىكسىز تەسىر كۆرسەتكۈچىلەر ئەشۇ ئامراق خۇتۇنى بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن . خىزمەتداشلىرى ، تۇنۇشلىرى ، ئورۇق – تۇققانلىرى ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەشتە خۇتۇنىنىڭ قابىل ياردەمچىلىرى ئىكەن . كوچا – كويلاردا ئېقىپ يۈرگەن مىش – مىشلارمۇ ، قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ كۇسۇرلىشىشلارمۇ ئىديىۋى خىزمەت ئىكەن ، تەشۋىقات ئىكەن . ھەر كۈنى ھەر سائەت قۇلاقلارغا ئۇرۇلۇپ تۇرغان تەشۋىقاتلارنىڭ تەسىرىگە قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن ؟ ئەگەشمەي ، باش ئەگمەي مۇمكىنمۇ ؟
ساتتار تۇنجى قىزى تۇغۇلغان چاغلارنى ئەسكە ئالدى .
- دادىسىغا قۇۇپ قويغاندەكلا ئوخشايدۇ قارىسىلا ، قاشلىرى قاڭشىرى لەۋلىرى بەئەينى كۈچۈرۈپ قويغاندەك ! دىگەنىدى قېيىنئانىسى بالا تۇغۇلۇپ ئەتىسىلا .
- قارىسىلا ، قارىسىلا ! سىلىگە قاراپ كۈلۈمسىرىدى ، دىگەنىدى خۇتۇنى بالىنى ئىملاپ . ئەمما بالا ئۇخلاۋاتاتتى . «دادىسىغا بەك ئامراق ، دادىسى قۇچىغىغا ئالسىلا خوشال بۇلۇپ كېتىدۇ ، قەغىشلىكىدىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ » دىگەن ئەشۇ خۇتۇن يەنە بالا ئىككى ئايلىقچە بولغاندا بۇ گەپلىرى پات – پات تەكرارلىنىپ تۇرغان ...
ساتتار مانا ئەمدى ئويلاپ قالدى . يېڭى تۇغۇلغان سېرىق تۈك ، ئەتلىمە گۆش بالىنىڭ قەيىرى دادىسىغا ئوخشىسۇن ؟ تېخى كۆزلىرىنى ئاچمىغان بالا قانداق كۈلۈمسىرىيەلىسۇن ؟ ئانىسىغىلا ئېنتىلىپ تۇردىغان بالىنىڭ ... ئۇ چۈشەندى . ئىدىيىۋى خىزمەت دىگەن مانا مۇشۇندا ئىشلىنىدىكەن – دە ، ئاستا- ئاستا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش ، ئاستا – ئاستا كۆندۈرۈش ، ئاستا – ئاستا ئىندەككە كەلتۈرۈش دىگەن مانا شۇ ئىكەن – دە ، ھەي ...
ساتتارنىڭ ئېسىگە 80 – يىللارنىڭ بېشىدىكى ئىدىيىۋى خىزمەتلەر كەلدى . سانىيەملەر ئۆيىگە سافا قۇيۇپتۇ . شۇنداق يۇمشاق ، شۇنداق ككم – لۆم دېسىلا ، ئولتۇرسا راھەتلىنىپ كېتىدىكەن كىشى ، ئۆيلىرىنىڭ بىر ئېغىزىنى سافا قۇيۇپ گۈلزاردەك ياساپ قۇيۇپتۇ . يەنە بىر ئېغىزىدا يېتىپ قوپۇدىكەن . سافا قويغان ئۆيى مېھمانخانىنىڭ ئۆزىلا بۇپتۇ ... دېگەنتى خۇتۇنى شۇ چاغدا . ساتتار دەسلەپ ھېچنېمە دەپ جاۋاب بەرمىگەن . ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان . ئەمما خۇتۇن توختىسۇنمۇ ؟ سانىيەملەرنىڭ سافاسى توغرىسىدىكى گەپ ئۇنىڭ قۇلۇقىغا ئۆزۈلمەي ھەپتە – ئون كۈن ئۇرۇلۇپ تۇردى . ئۇنىڭدىن كىيىين يەنە كۈن ئارىلاپ ئەككە ئايغىچە ياڭرىدى . ئاخىر ساتتار بىر ئېغىزلىق ئۆينى سافا بىلەن تولدۇرغاندىلا توختىغان ئىدى .
- رەشىدەملەر يەر سېتىۋېلىپ شەخسى قورو جاي ساپتۇ . ئۆيلىرى شۇنداق كەڭ ۋە ئازادە ئىكەنكى تەنلىرى يايراپ كېتىدۇ كىشىنىڭ . ئىدارىنىڭ تۇخۇ كاتىكىدەك تار ۋە ئىككى ئېغىزلىق ئۆيلىرىدە جان قىيناشتىن قۇتۇلۇپتۇ ...دىگەننىدى ئەشۇ خۇتۇن 80 – يىللارنىڭ ئوتتۇرلىر چىرايلىق لەۋلىرىنى ھەۋەس بىلەن تامشىتىپ . ئۇنىڭ ئەشۇ گىپىمۇ خېلى ئۇزۇن چاغلارغىچە تەكرارلانغان . تاكى ساتتار تۇنۇشلىرى ئالدىدا سارغىيىپ ئۆيلۈك يەر ھەل قىلغۇچە بانكىدىن قەرىز ئېلىپ قورو –جاينى پۈتكۈزگۈچە داۋاملاشقان .
ھەنىپەمنىڭ ئېرى ھۇشۇر ھەسەننى بىلىلىغۇ ، شىتاتىنى ساقلاپ بېرىش شەرتى بىلەن ئىشتىن توختاپ سودا قىلىشقا كىرىشىپتۇ . پايدىسى بەك جىقمىش ، ھەنىپەم پۇلنى غازاڭدەك خەجلەپ يۈرۈيدۇ ...دەپ تەكرارلاشقا كىرىشكەن ئەشۇ خۇتۇن يەنە 90 – يىللارنىڭ باشلىرىدا . «سودىگەرچىلىكنىڭ ئايىغى پىشىپ قاپتۇ . مەلىكەمنىڭ ئېرى رېستۇران ئېچىپتۇ . رېستۇراندا بەك جىق پۇل تاپقىلى بولىدىكەن .» «پاتىمەلەر قەۋەتلىك بىنادىن ئۆي ئاپتۇ . پار بىلەن ئىسسىيدىكەن ، پاتىمە ھويلا تازىلاشتىن ، مەشكە ئوت يېقىشتىن ئازات بۇپتۇ .»«ھەممە ئادەم قاشتېشى سودىسى قىلىۋاتقاننى كۆرمىدىلىمۇ ؟ شازادەمنىڭ ئېرى بىر پارچە قاشتېشىنى تۆت مىليۇنغا سېتىپتۇ . بىر كېچىدىلا مېليونېر بۇلۇپ كېتىپتۇ ...»
ھەي ، ھەي ، ئەشۇ چىرايلىق خۇتۇننىڭ تېپىپ كەلمەيدىغان گېپى بولسۇنمۇ ؟ ئۇ ئەشۇ گەپلەرنى توختىماي تەكرارلايتتى . كۈندۈزى تاماق ئېتىۋېتىپ ، كىر يۇيىۋېتىپ ، يۇيۇپ – تارىنىۋېتىپ تەكرارلايتتى . ھەتتا كېچىسى بىر ياستۇققا باش قويغاندىمۇ تەكرارلايتتى . بىر گەپ ، بىر تەشەببۇس تەكرارلىنىۋەرسە ، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىق مۇمكىنمۇ ؟ ... ساتتار يادىغا ئالدى . مۇشۇ خۇتۇن ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەشكە نېمە دىگەن ئۇستا –ھە ؟ ئۇ بىرەر قېتىممۇ سافا سېتىۋالساق ، شەخسى قورو جاي قىلساق بولاتتى ، سىلىمۇ خىزنەتتىن توختاپ سودىگەرچىلىك قىلغان بولسىلا ،بىزمۇ قەۋەتلىك بىنادىن ئۆي سېتىۋالايلىچۇ ... دىگەندەك گەپلەرنى دەپ باقماپتۇ . ئەمما ئەشۇلار ھەققىدىكى گەپلىرىنى توختاتماپتۇ . تەسۋىرلەشلىرى توختىماپتۇ . ئىدىيىۋى خىزمەتنى مەخپى ئېلىپ بېرىپتۇ . سەزدۈرمەي ئېلىپ بېرىپتۇ . تاكى ساتتارنى ئىندەككە كەلتۈرگىچە تەكرارلاپتۇ .مانا قابىلىيەت دىگەن . بۇنداق قابىلىيەت باشقا يەردىن تېپىلسۇنمۇ ؟
ساتتار خزمەتتىن توختاپ تىجارەتكە كىرىشىشلىرىنى ، كىچىك ماشىنا سېتىۋېلىشلرىنى يادىغا ئالدى . چىرايلىق خۇتۇن يېقىملىق پارىڭى ، ئىسسىق تىنى . سۆلكەتلىك نازى –كەرشمىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇنداق تەسىرگە قايسى ئەر تاقابىل تۇرالىسۇن ؟ ساتتار ئۆزىنىڭ ئۆز خۇتۇنىغا ھېچقاچان تاقابىل تۇرالمىغانلىقىنى بىلدى . ھەر قېتىم خۇتۇنى ئەشۇنداق پاراڭلارنى باشلىغاندا دەسلەپتە سۈكۈت قىلىپ ، ئاخىردا تەسلىم بولغانلىقىنى بىلدى . ئۆزىگە تەسلىم بۇلۇشتىن ئۆزگە ئامالمۇ يوقلىقىنى ، بۇ شەھەرلىكلىشىشنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەندى . ئۇنىڭ كىيىنكى كۈنلىرى ئەشۇ تەڭ تۇرالماسلىقلارنىڭ ، ئەشۇ تەسلىم بۇلۇشلارنىڭ نەتىجىسى ئىدى .
3
ساتتار خېلىدىن بىرى ۋۇجۇدىنى ، گەۋدسىنى ، يۈرىكىنى ، قەلبىنى تۈگمەن تېشىدەك ئېغىر بىر نەرسىنىڭ بېسىپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلىپ كېلەتتى . ئەشۇ ئېغىر نەرسە قەرىز ئىدى . قەرىز شەھەرلىكلەر تىلىدا مەبلەغ كىرگۈزۈش دىيىلەتتى . شەھەرلىكلەر مەبلەغ كىرگۈزگەنلىكى بىلەن ماختىنىپ ، ئالايىپ ئېشىپ ، پونى كۆككىچە ئېتىپ يۈرسىمۇ ، لېكىن ئەشۇ قەرىزدىن ئىبارەت ئېغىر تاش بارغانسېرى ئېغىرلاپ قەرىزدارنى مىجىپ تاشلىماقچى بولاتتى . ساتتار ئەشۇ ئېغىر تاشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۇلقۇناتتى ، تىرمىشاتتى ، تىركىشەتتى ، تىرىشىشنىڭ نەتىجىسى يەنە يېڭى قەرىز ئېلىش بولاتتى . ھەر قېتىم يېڭى قەرىز ئالغاندا ئۆزىنى كونا تۈگمەننىڭ كالوسىدىن ئۆمىلەپ ئاسفالىتلىق يولغا چىقىپ قالغان پاقىدەك ھېس قىلاتتى . ئەمدى ئۇنى يانجىپ تاشلىماقچى بولغىنى تۈگمەن تېشى ئەمەس بەلكى شامالدەك غۇيۇلداپ ، پەلەكتەك پىقىراپ بېسىپ كېلىدىغان ماشىنا – ئاپتۇموبىل چاقى بولاتتى . ماشىنا چاقىنىڭ پىقىرىشىدىن چىققان ئاۋاز چىرايلىق خانىمنىڭ ، سۈيۈملۈك خۇتۇنىنىڭ پىچىرلىشىدەك ، كۇسۇرلۇشىدەك ، كوتۇلدىشىدەك ئاڭلىناتتى . قۇلاقلىرىغا ، ئاڭلاش نېرىپلىرىغا بىئىختىيار ئۇرۇلاتتى . قانداق دەھشەتلىك نىمە ماشىنا چاقى دىگەن ؟ ئاھ خۇدا ! ئەشۇ چاقلارنىڭ ئاستىغا كىرىپ قالدىڭمۇ ، «ۋاق» ! راسا پۈۋلىگەن شاردەك يېرىلىسەن . بومبىدەك پارتىلايسەن . قىپقىزىل قېنىڭ ئەتراپقا چېچىلىپ . ئۈچەي باغرىڭ بومبا پارچىسىدەك ھەر تەرەپكە ئۇچىدۇ . ئىش تامام !
ئەمما ، ساتتار ئەشۇ «تامام» دىن بەكمۇ قورقاتتى . «تامام» غا دۇچ كەلمەسلىك ئۈچۈنلا تىرمىشاتتى ، تىركىشەتتى ، تىپىرلايتتى .شۇنداق قىلىپ ئۇ بەلگىچە پاتتى . قەرىز بولغانىكەن گەردەنگىچە بۇلۇش كېرەك ئىدى . تېشىدا كۆيۈپ يۈرگىچە ئىچىدە كۆيگەن ياخشى ئىدى . ئۇمۇ بارلىق كېرىمىدىن چىقىمى ئېشىپ كەتكەن شەھەرلىكلەردەك بەتىنگىسىنى پاقىرىتىپ ، كاستىيۇم – بۇرۇلكىسىنى قاتۇرۇپ ، «SANTANA» دا گىدىيىپ ، رېستۇرانلاردا كېكىرىپ يۈرىۋەردى . ئەمما ، بۇمۇ ئوڭاي ئەمەس ئىدى . ئىشىك قاقىدىغان ، يول توسىدىغان ، ۋاقىراپ – جاقىرايدىغان ، ياقىدىن بۇغۇپ گالنى سىقىدىغان مۇتىھەملەردىن ئۆزىنى دالدىغا ئالماقمۇ بىر مۈشكىلات ئىدى . ئۇنىڭ ئەشۇ قەرىز ئىگىلىرى ئالدىدا قانچە قېتىم شەلپەردەك قىزىرىپ ، قانچە قېتىم تامدەك تاتارغىنىنى ، قانچە قېتىم كۆك پەمىدۇردەك كۆكىرىپ ، قانچە قېتىم زاراڭزا گۈلىدەك سارغايغىنى ئېسىدە يوق .ئەمما دائىم ئەشۇ مۇتھەملەرگە ئۇچراپ قېلىشتىن ئەنسىرەپلا يۈرگىنى ئېسىدە .
- ھۇ يۈزسىز مۇتھەملەر ! ئالىدىغان چېغىڭدا گېلىڭدىن سىقىپ تۇرۇپ ئالغانمىتىم ؟ كېكىردىگىڭگە پىچاق تەڭلەپ تۇتۇپ سورىغانمىدىم ؟ ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن بىرىشكەندىكىن ئەمدى يەنە بىر ئاز چىداپ تۇرۇشساڭ بولمامدۇ ؟ ماڭىمۇ ئامەت كەلگۈچە ، مېنىڭ چامىدانىممۇ پۇلغا لىق توشقىچە چىداپ تۇرۇشساڭ بولمامدۇ ؟ خەپ قېنى ، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى ئەشۇ پۇل دىگەن نېمىنى يۈزلىرىڭگە ئاتمىسام ، كۆز ئالدىڭدا چاچمىسام ، خەپ ....
- بۇ ساتتارنىڭ قانچىنى قېتىملىق خىيالى ؟ بۇنى ھېچكىم ھېسابلاپ تۇرغىنى يوق ، ئۆزىمۇ ئېنىق بىلمەيدۇ . بەلكىم ، مىڭ بىرىنچى قېتىملىق ۋە بەلكىم ئون مىڭ بىرىنچى قېتىملىق خىيالىدۇ . ئۇ ھەر قېتىم ئەشۇ مۇتھەملەرنىڭ قەرىز سۈيلەشلىرىگە ، قىستىشىغا ، ياقىلىرىدىن ئېلىشلىرىغا دۇچ كەلگەندە مانا شۇنداق خىيال قىلاتتى .
يالۋۇرۇپ قىستاشلار ، تەھدىت – قورقۇتۇشلار ، ئاھانەت – ھاقاەتلەر ، ياقىدىن ئېلىپ گالنى سىقىشلار كۈن ئايلارنى ئۇزىتىۋەردى . يىللار ئۈستىگە يىللارنى قاتلاۋەردى . سوت ساقچىسىنىڭ يالاپ مېڭىشىدا قەدەم ئېلىش –ئانچە پىرايلىق ، ئانچە ھۇزۇرلۇق ھالەتمۇ ئەمەس . «SANTANA» ماركىلىق پاپىدا ۋە كەڭ – ئازادە قورو جايغا ھۈكۈم چىقتى . خۇداغا شۈكرى ! كونا ئىدارىدىكى يېڭىدىن سېتىۋالغان ، ئۆي ئىسلاھاتىغا قاتناشتۇرىلىدىغان 130 كىۋادىرات مېتىرلىق ئۆي بولمىغان بولسا ، تالادا قالماسمىدى ؟ئەمما ، بۇ خېلى بۇرۇنقى ئىش . دەرياغا چۈشمىگەندىكى ئىش . بىر ۋاراق قەغەزدىكى ھۆكۈم ۋە مۇتىھەم قەرىز ئىگىلىرىنىڭ قۇلىغا ئۆتكەن ئەشۇ نەرسىلەر تېزلا ئۇنىتۇلدى . تېزلا ئۇنتۇپ كەتكۈدەك كىچىك ئىش ئىدى ، كىم ئۇنى قايتىدىن باش كۆتىرەلمەيدۇ دەيدۇ . كىم ئۇنى بىنادىكى ئۆيىنى شاھ ئوردىسىدەك بېزىيەلمەيدۇ ، يېڭىدىن پىكاپ سېتىۋالالمايدۇ ، خوجايىن بۇلۇپ يېڭى ئىشلارنى يۈرۈشتۈرەلمەيدۇ ، دەيدۇ ؟ ياق ، ئۇنداق ئوڭاي بەل قۇيىۋېتىدىغان ئىش يوق . يىقىلغان يەردىن قايتا ئۆمىلەپ تۇرۇش كېرەك . ئامەت ئۇنىڭغىمۇ ئالدىنى قىلىدۇ . ئۇمۇ پۇل دىگەننى شاراقلىتىپ خەجلىيەلەيدۇ . باشقىلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتەلەيدۇ . پەقەت ئازغىنە دەسمايە كەم شۇ . دەسمايە بولسىلا ... دەسمايە بولمىسا ئۇنى تېپىش كېرەك . ئەل – ئاغىينىلەر تېزىپ كەتتى . ھېلىقى مەسەلدە ئېيتىلغاندەكلا تېزىپ كەتتى . بانكا ئارقىسىنى قىلدى . بانكا بەرمىسە ھاجىلاردىن ئېلىش كېرەك . تۇنۇش ھاجىلار بارغۇ .ئۇلارنىڭ باي ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ . ئۇلارنىڭ مەككەمۇكەررەمدىن ، مەدىنە مۇنەۋۋەردىن ئېلىپ كەلگەن كېسەك – كېسەك ئالتۇنلىرى بار .سومكا – سومكا دوللارلىرى بار . شۇلارنى ئېلىش كېرەك ...
ساتتار ئالدى . ئورۇق – تۇققان كېلىدىغان ھاجىلاردىن ئەمەس ، تۇنۇيدىغانلىكى ھاجىلارنىڭ ھەممىدىن ئالدى . تېخى ھاجى بۇلۇشقا ئۈلگۈرمىگەنلەردىنمۇ ئالدى . ئۇ ئالالايتتى . ئالىپتە قىياپەت ، ئېسىل سالاپەتكە ئۇز گەپ ، يوغان گەپ ، كاتتا پىلان ۋە قانداقتۇر چوڭ مەنسەپدارنىڭ قوللىشى توغرىسىدىكى پو گەپ قۇشۇلسا خېلىلا ئىشەنىچ پەيدا قىلالايتتى . يەنە تېخى ئامانەت ۋە ۋەدىگە ۋاپا قىلماق توغرىسىدىكى ئەقىلىلىيەلەردىن نەقىللەر ئېلىنىپ ، ھۆججەت يېزىپ بىرىشلەر بولسا تېخىمۇ ئىشەنىچ ئۇرغۇتاتتى . بۇنداق ئىش بىلەر ، پائالىيەتچان ئادەمنى قوللاپ يۆلەپ قۇيۇش ساۋاب جۈملىسىدىن ئەمەسمۇ ! بەرمەسلىككە رەت قىلىشقا ئاساس يوق ئىدى . «ئازراق دەسمايىسىلا كەمكەن شۇ ، بىرىپ تۇرايلى ، ئۇمۇ ئازراق ئەتلىنىۋالسۇن . خۇدانىڭ يۆلىگىنى بۇلۇپ قالسۇن ...» دەپ ئويلىشاتتى ھاجىلار . شۇنداق قىلىپ ئۇلار بېرىۋەردى . ساتتار ئېلىۋەردى . كېكىردەككىچە بۇغۇلدى ، لېكىن تىجارەت يۈرۈشمىدى . يۈرۈشمەيمۇ قالمىدى ، بازارنىڭ راسا ئاۋات يېرىدىن ئىجارە ئېلىپ زاماننىڭ ئەڭ يېڭى ھۈنەر – سەنئەتلىرى بىلەن بېزىتىپ ، ناغرا – سوناي چېلىپ ، پوجاڭزا ئېتىپ ، داغ – دۇغا بىلەن ئاچقان رېستۇراننىڭ پايدىسى خېنىمنىڭ ئوسمىسغا ، بىگىمنىڭ تاسمىسىغا يىتىشمىدى . پايدا چىقىمنى قامدىيالمىدى دەپ ئاتۇشتىن تەكلىپ قىلغان تەمبۇرچىغا ، ئۈرۈمچىدىن تەكلىپ قىلغان ناخشىچىغا ، ئاقسۇدىن تەكلىپ قىلغان ئۇسۇلچىغا ئىش ھەققى بەرمەي قۇتۇلغلى بولاتتىمۇ ؟ ئاز كۈن ئۆتمەيلا قەرىز ئالغان دەسمايە غالتەككە چىقتى . ئىشنىڭ راستىنلا يۈرۈشمەيۋاتقانلىقىنى بىگىممۇ ، خېنىممۇ ھېس قىلىپ  كېلەتتى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە خېنىم يەنە يېڭى گەپلەرنى تېپىپ كەلدى .
- ھەجەرنىڭ ئېرى قادىراخۇن ئۇستامنى بىلىلىغۇ ، ھېلىقى ساتىراش ئۇستام . ئەشۇ ئۇستام ئۇستىرا – كاپنى تاشلاپ دەرياغا چۈشۈپتۇ . رېسقىنى ئاللادىن تىلەپ قاشتېشى قېزىپتۇ . بىر ئېسىل تاش ئۇچىراپ يەتتە يۈز مىڭغا سېتىپتۇ . يەتتە يۈز مىڭ دېسىلە . ئاڭلىسىلا بەك قىززىق ، ئۇستام ئۆيىدىكى ھەممە نەرسىنى ، بالا چاقىلىرىنىڭ كىيىم – كېچەكلىرىنى ، ھەتتا ھاجەرنىڭ ئۆتكەن قېتىمىلق ئولتۇرۇش ئۈچۈن تىكتۈرگەن يېڭى كىيىملىرىنىمۇ قۇشۇپ ، سەيناغا دۆۋىلەپ ، بېنىزىن چېچىپ ئوت قۇيۇپتۇ . ھەممىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپتۇ . ئۇنىڭ كەينىدىن بالا – چاقىلىرىنى بازارغا باشلاپ چىقىپ شۇنداق ئېسىل كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىپتۇكى ، كىم نېمىنى ئالىمەن دېسە شۇنى ،  قاچىلىك ئالىمەن دېسە شۇنچىلىك ئېلىپ بېرىپتۇ . ئەڭ كاتتا رېستۇرانغا باشلاپ مېھمان قىپتۇ . ئەمدى كۆرسىلە ھاجەر ھېلىقى ھاجەر ئەمەس ، يەتتە يۈز مىڭغا يارىغان قاشتېشىدەك پارقىراپ يۈرۈيدۇ دېسىلە . قادىراخۇن ئۇستامنىڭ كۆيدۈرگىنى كونا كىيىملەر ئەمەس ، نامراتلىق ئىكەن . يېڭىدىن سېتىۋالغانلىرى بولسا كىيىم ۋە مەنقۇلات ئەمەس باي – باياشاتلىق ئىكەن ، قارىسىلا ....
خېنىمنىڭ قادىراخۇن ئۇستامغا ئۇچرىغان يەتتە يۈز مىڭ سوملۇق قاشتېشى توغرىسىدىكى ھىكايىسى بىر – ئىككى ئاي داۋام قىلدى . يېڭى – يېڭى مەزمۇن ۋە يېڭى – يېڭى تەپسىلاتلار بىلەن تۇلۇقلىنىپ تۇردى . ھاجەرنىڭ ھەر قېتىمىلق ئولتۇرۇشقا ، ھەر بىر تويغا ، ھەربىر چىرلاققا كىيىپ كەلگەن يېڭى كىيىملىرى بىلەن بېزىلىپ تۇردى . ئەلۋەتتە ، ھىكايە يەنە ساتراش ئۇستامغا ئۇچىرىغان يېڭى – يېڭى قاشتېشىلارغا ، يېڭى – يېڭى باھالارغا چېتىلىپ ئاياغلىشاتتى .ئىككى ئاي توختاۋسىز قۇلاققا ئۇرۇلۇپ تۇرغان ئىدىيىۋى خىزمەت كە بەرداشلىق بېرىش مۇمكىنمۇ ؟ ئىشلار بۇرۇنقى بارلىق ئىشلاردەكلا نەتىجىلەندى . نەتىجە ھەممە شەھەر ئائىلىلىرىدىكى نەتىجىدەكلا بولدى . ساتتار تەسلىم بولدى .تەسلىم بۇلۇش دىگەن ئەمدى بۇ يەردە دەرياغا چۈشۈش ، قاشتېشى قېزىشقا ئاتلىنىش دىگەن مەنىگە ئىگە ئىدى . ئىككى – ئۈچ ئاي ھىكايە ئاڭلاش جەريانىدا قېشتېشى قېزىش ۋە قاشتېشى سودىسى توغرىسىدا خېلى بىلىمگە ئېرىشىپ قالغان ساتتار رېستۇراننى ساتتى . رېستۇرانغا لازىمەتلىك توشۇيدىغان كىچىك كوزۇپلۇق ماشىنىنى ساتتى . يېڭى يېڭى ھاجىلار بىلەن تۇنۇشۇپ يېڭى – يېڭى قەرىزلەرنى ئالدى . شۇنداق قىلمىسا بولمايتتى . ساتتارجان دىگەن ساتتارجان - دە ، ھەرگىز ھېلىقى قادىراخۇن ئۇستام ئەمەس . كەتمەن – گۈرجەك بىلەن قېزىپ قانچىلىك ئىش يۈرۈشتۈرگىلى بولسۇن ؟ ماشىنلىشىش كېرەك . ماشىنلاشقاندىلا نەتىجە ماشىنلاشقانغا لايىق بولىدۇ . يەتتە يۈز مىڭ سوملۇق ئەمەس يەتتە مىليۇنلۇق قاشتېشى تاپقىلى بولىدۇ ... شۇنداق قىلىپ قېزىش ماشنىسى ، قازىدىغان يەر ، قاشتېشى ئىلغۇغۇچىلار ياتىدىغان چېدىرلارنى سېتىۋالغان ، ئىشلەمچىلەرنى ياللىغان ساتتارخوجايىن قولنى ئارقىسىغا تۇتقان ، گىدەيگەن ، يەتتە مىليۇنلۇق قاشتېشى توغرىسىدا خىيال سۈرگەن ھالەتتە كونا دەريا قېنىدا پەيدا بولدى . بۇ ئەلۋەتتە توققۇز ئاي بۇرۇنقى ئىش ئىدى .
مانا ھازىر ئۇ يەنىلا كونادەريا قېنىدا . قېزىپ چىقىرىلغان تاش دۆۋىسى ئۈستىدە ، قاپقارا قورام تاشتەك دۈگدىيىپ ئولتۇرۇپتۇ . ئەتراپنى قازاننىڭ قارىسىدەك قاراڭغۇلۇق باسقان ،، مۇشۇ قاراڭغۇلۇقتا قېزىش ماشىنىسى توققۇز ئاي ئىچكەن سالياركىنى ، سالياركىغا كەتكەن پۇلنى ، تاش ئىلغۇغۇچىلار ۋە ماشىناھەيدىگۈچىلەرگە بىرىلگەن ئىش ھەققىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولارمۇ ؟ بولۇر ، ئەمما ئەمدى بۇنىڭ ھاجىتى يوق . قورام تاش ئۈچۈن بۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق . ھەممىگە سالۋات ، سالۋات ...
ئۇنىڭ قۇلاقلىرىدا يەنىلا ھېلىقى ئاۋاز ياڭرايتتى : «ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ؟» ... «ئۆلگۈڭ كەلدىمۇ ؟» ... ... «يا قەرىزلەرنى قايتۇرسۇن ، ياقىزىنى بەرسۇن !» ... «يا قەرىزلەرنى قايتۇرسۇن ، يا قىزىنى بەرسۇن !» ... ... «يا قەرىزلەرنى قايتۇرسۇن ، يا قىزىنى بەرسۇن !» ... ... ...
يىراقلاردىن قايىتقان ئەكىس سادا ئەمەسمىكىنە بۇ ؟ كونا دەريا قىرغاقلىرىدىن ، قىرغاقتىكى بوستانلىقلاردىن ، جەنۇپتىكى قاراقۇرۇم ۋە شىمالدىكى تەكلىماكاندىنقايىتقان ئەكىس سادا ئەمەسمىكىنە بۇ ؟
4
تاش دۆۋىسى ئۈستىدە ئولتۇرغان قورام تاشنىڭ كۆز ئالدىدا ئىككى قىزىنىڭ گۈلدەك گۈزەل ، نۇردەك نۇرانە ، ئوتتەك ئىسسىق سىماسى گەۋدىلەندى . غۇنچىدەك يۇمران ، باچكىدەك ئوماق ، ئاسلاندەك رەيىش قىزلىرى كۆز ئالدىغا كىلىۋىدى ، يۈرىگى شۇررىدە ئېرىپ ئاتىلىق مېھرى دولقۇنلاپ كەتتى .
- ئاھ ، ئاتا ئۈچۈن بالىدىن مېھرى ئىسسىق يەنە نېمە بار دۇنيادا ؟
ئەمەلىيەتتە ، ساتتارنىڭ ھەممە تىرىشىش تىرمىشىشلىرى ئەشۇ قىزلىرى ئۈچۈن ئىدى . خېنىمنىڭ «ئىدىيىۋى خىزمەت»لىرىگە نېمە مۇددىئا يۇشۇرۇنغان بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر شەھەرلىكلەرچە بەس تالىشىش ۋە مودا قوغلىشىشنى چىقىرىۋەتكەندە ئۇ راستىنلا مۇشۇ ئىككى قىزى ئۈچۈن تىرىشىپ كەلگەنىدى . ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چىكىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ بوينىنى ئىگىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ چېھرىنى سارغايتماسلىق ئۈچۈن تىرىشقان ئىدى . قىزلار ئۈچۈن ئېيىتقاندا دادىسىنىڭ تىرىشىشلىرىنى نەتىجىسىز دىگىلى بولمايتتى . تاتلىق – تاتلىق يەپ ، ئۇز – ئۇز كىيىنىپ ، كۈندە كۈلۈپ ، غۇنچىدەك تۇلۇپ چوڭ بولدى . ئۇلار ئاجايىپ غەلىتە ۋە ئاجايىپ مودا كىيىملەرنى كىيىپ شەھەر كوچىلىرىدىن ئۆتكەندە ، يېزىلىقلارنىڭ ياقىسىنى چىشلىتىپ ، شەھەرلىكلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋېتەلەيتى . قاش –قاپاقلىرىدىكى گىرىم ، چاچلىرىدىكى رەڭ –پاسون كىنو چولپانلىرىنى ، ناخشا چولپانلىرىنى ئەسلىتەتتى . بەلكى ئۇلاردىنمۇ ئېشىپ كېتەتتى . «قىزلىرىنى بەكمۇ ئۇز ، مودا چوڭ بۇپتۇ » دەپ ئويلىشاتتى شەھەرلىكلەر ساتتارجان ھەققىدە .دېمىسىمۇ قىزلار غۇنچىدەك ئوماق ئىدى . كۆرگەن ھەرقانداق شەھەرلىكنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈپ ، لەۋلىرىنى يالىغۇزىۋېتەتتى .
ئەمدى مانا ئەشۇ غونچىلارنىڭ بىرىنىڭ بىمەھەل ئېچىلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى . 16 ياشقا تولماي تۇرۇپلا ئېچىلىپ كەتسە ، پۇرلۇشۇپ خازان بۇلۇشقا يۈزلەنسە ، ئاتا قەلبى چىداپ تۇرالىسۇنمۇ ؟
- ھۇ ، قېرى ئەبلەخ ! ئۆزىنىڭ نەۋرىسىدەك كىچىك قىزغا پاسكىناقوللىرىنى قانداق سوزغاندۇ ؟ ئۇنى قانداق ئەيۋەشكە كەلتۈرىۋالغاندۇ ؟ ھەي ...
ساتتارنىڭ ئېسىگە ئالدىنقى يىلى قايسىدۇر بىر ئالىي مەكتەپنىڭ يوسۇزلۇقتا قالغان قىز ئوقۇغۇچىسى بىلەن مىھمانسارايدىن ياتاق ئاچقۇزغان ھېلىقى ئىشى ئېسىگە كەلدى . ياتاق ئاچقۇزۇش مودا ئىدى . ياتاق دىگەندە مېھمانساراينىڭ ياتىقىدا بولىدىغان ھەممە ئىش بولاتتى . يوقسۇزنىڭ كۆز يېشى ھېچنىمىنى تۇسۇپ قالالمايتتى . چۆجىگە ئېتىلغان سارنى ، قوزىغا تاشلانغان بۆرىنى ، باچكىغا تىرناق ئۇزاتقان مۈشۈكنى تۇسۇپ قالالىغان كۆز يېشى بولغانمۇ جاھاندا ؟! ئەشۇ قېتىم ساتتار قىلغۇلۇقنى راسا قىلدى . راسا ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلدى . خوجايىنلارچە ، بايۋەچچىلەرچە ، بەگزادىلەرچە قىلدى . ئالىي مەكتەپنىڭ يوقسۇز قىز ئوقۇغۇچىسى مىڭ سوم ئوقۇش پۇلىنى تېپىش ئۈچۈن ئۆمۈر دەسمايىسىدىن ئايرىلىپ قالدى .
- ھۇ ، قېرى ئەبلەخ ! قىزىم بىلەنمۇ ئەشۇنداق ياتاق ئاچقۇزۇپتۇ – دە ، ئۇنىمۇ ئەشۇ يەردە ، مېھمانساراينىڭ ياتىغىدا ئەيۋەشكە كەلتۈرۈۋاپتۇ – دە ، ھەي ...
ساتتار بېشىنى چىڭ قاماللىدى . بەتەر چىڭ قاماللىدى .قۇرىغان تۆگە قېرىنى ماڭقۇرۇتنىڭ بېشىنى قىستىغاندەك ، ئالتۇن چەمبەر سۈن ۋۇكوڭ نىڭ بېشىنى قىسقاندەك قاماللىدى . ئۇ ئەشۇ قاماللىشى ۋە قىسىشىدا بېشىدىكى سەت پىكىرلەرنى ، سەت ئەسلىمە ۋە بىنۇمۇس خىياللارنى سىقىپ چىقىرىۋېتىشنى ئىستەيتتى . لېكىن ئۇلارنى چىقىرىۋەتكىلى بولسۇنمۇ ؟ «يا قەرىزلەرنى قايتۇرسۇن ، يا قىزىنى بەرسۇن !» ... «يا قەرىزلەرنى قايتۇرسۇن ، يا قىزىنى بەرسۇن !» ... ... «يا قەرىزلەرنى قايتۇرسۇن ، يا قىزىنى بەرسۇن !» ... ... ...
- يوقسۇل ئەمەستىغۇ مېنىڭ قىزلىرىم ، ئۇلارنى پۇلسىز قويمىغانتىمغۇ مەن ! بۇ ئەمدى ...
ساتتارنىڭ ئېسىگە يېقىنقى بىر ياتاق ئاچقۇزۇشتا ئەمدىلىكتە ئاشنىسىغا ئايلىنىپ قالغان ھېلىقى يوقسۇل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دىگەن گەپلەر كەلدى . ئۇنىڭ دىيىشىچە ئەمدى شەھەر قىزلىرى ئارىسىدا قېرىلار بىلەن ئارلىشىش مودا بولغانمىش ، قېرى بولسىمۇ ، خۇتۇن، بالا – چاقىلىرى بولسىمۇ باي بولسىلا ئاشنا بولىدىغان ، توقال بولىدىغان ئىش چىققانمىش ، قانچە قېرى ، قانچە باي بولسا ، شەھەر قىزلىرى شۇنچە يېپىشارمىش ...
ساتتارنىڭ ئېسىگە قىزلىرىنىڭ موداخورلۇقى كەلدى . ھەتتا ئۇلار مودىۋاز ، مودىگەر ئىدى . مودا دېسە جان بېرەتتى ئۇلار ، مودا دىيىلسلا قاراقۇيۇق ئەگىشىۋېرەتتى ئۇلار . ئەشۇنداق تۇرۇپ مودىكەش قىزلار قېرىلارغا ئاشنا بۇلۇش ، توقال بۇلۇش مودىسىدىن خەۋەرسىز قالسۇنمۇ ؟ بەلكىم ، ھېلىقى قېرى ئەبلەخ ئەمەس ، قىزى تەشەببۇسكار بولدىمىكىن بۇ ئىشتا ، ھەي ...
- ياق ! - دەپ ۋاقىرايتتى ساتتارنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن بىر نىدا ،- ياق ، مېنىڭ قىزلىرىم تاڭ شەبنىمىدەك پاك ، يامغۇردىن كىيىنكى ھاۋادەك بىغۇبار ، ئۇلار باشقىلار ئاچقۇزغان ياتاققا ھەرگىز قەدەم باسمايدۇ . ھەرگىز ... قېرى ئەبلەخ مەجۈن يىگۈزۈپ مەس قىلىپ ، ئاندىن ئەسكىلىك قىلغان گەپ ! مەس قىلىپ قۇيۇپ ئاندىن قولغا چۈشۈرىۋالغان گەپ . گەپ ئەشۇ قېرى ئەبلەختە ، ھەرگىز قىزىمدا ئەمەس . خەپ قېرى ئەبلەخ ، خەپ ...
شۇتاپ ئاللىقاچان شەھەرلىكلىشىشكە ئۈلگۈرگەن ساتتار شەھەرلىككە ئوخشىمايۋاتاتتى . شەھەرلىككە ئوخشىماي قېلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ شەھەرلىككە ئوخشىماي قېلىشى ، تۈنۈگۈن ھېلىقى سەت ، بىنۇمۇس گەپنى ئاڭلىغان چاغدىن باشلانغاندەك قىلاتتى . چىدىغۇسىز نومۇس ، كۈچلۈك قەھرى غەزەپ ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە يۇشۇرۇنغان بىر نەرسىنى ئويغۇتۇۋەتكەندەك قىلاتتى . جاھاندا پۇلدىنمۇ مۇھىم نەرسە بارلىقىنى ، پۇلغا تىگىشكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى جاكارلاۋاتقاندەك قىلاتتى . ئەگەر ئۇ قېنىغا ، نومۇسىغا ، ئىززەت – ھۆرمىتىگە پۇل تىگىشىشنى ئار كۆرمىگەن بولسا ، قىزلىرىغا ، قىزلىرىنىڭ يالىڭاچلانغان تىنىگە ، قىزلىرىنىڭ ئىپپىتىگە تايىنىپ پۇل تېپىشنى نۇمۇس كۆرمىگەن بولسا مانا بۇ ھەقىقىي ، ئېسىلزادە شەھەرلىكنىڭ ئىشى بولاتتى . ھەقىقىي شەھەرلىكلەرچە ئىش بولاتتى . ئەمما ئىش ئەمدى بۇنداق بولمايۋاتاتتى . ساتتار قىزىنى بىرىپ قەرزىدىن قۇتۇلۇشنى مەتۇلارچە نۇمۇس كۈرىۋاتاتتى . ئۇنىڭ شەھەرلىككە ئۇخشىمايۋاتقىنى مانا شۇ ئىدى . ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر بىر يېرىدە ساقلىنىپ قالغان نەرسە شۇ ئىدى . ئاتا – ئانىلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرىگە خاس نەرسە شۇ ئىدى . ئەمدى مانا تۈنۈگۈن ھېلىقى سەت گەپنى ئاڭلىغان چاغدا ئەشۇ نەرسە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەھەرنىڭ چاڭ توزانلىرىدا ، شەھەرنىڭ ۋاراڭ – چۇرۇڭلىرىدا ، شەھەرنىڭ پۇلدىن ئىبارەت باش مىلودىيىسىدە كۆمۈلۈپ قالغان ئەشۇ نەرسە قايتا باش كۆتۈرگەن ، قايتا ئويغانغانىدى . نومۇس تۇيغۇسى ئۇنى ئۇيغىتىۋەتكەنىدى . ئويغانغان قەلپ مەڭگۈ تىنىچلانمايدۇ .ئۇنىڭ شۇ بىر سوتكىدىن بىرى تىنىچلىنالماسلىقى شۇ سەۋەبتىن ئىدى .
تاش دۆۋىسى ئۈستىدە ئولتۇرغان ساتتار ئەتراپىغا باقتى . يۇرۇڭقاشنىڭ قېنى يەنىلا زالىمنىڭ قەلبىدەك قارىيىپ ياتاتتى . زالىمنىڭ قەلبىدەك قاتتىق ۋە سوغۇق ئىدى . ساتتار شۈركىنىپ كەتتى . پۈتۈن تىنىگە تىترەك ئولاشقاندەك بولدى . لېكىن ، بۇ تىترەك سوغۇقتىن ئەمەس بەلكى قەلبىدە پەيدا بولغان باشقا بىر سوغۇق پىكىردىن ئىدى . ئەگەر شۇنداق قىلىشقا توغرا كەلسە ، خېنىم ئالدىن ئالا ئىپادە بىلدۈرۈپ بولدىغۇ ، ئەگەر شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇپ قالسا ، ئاھ ، ئەشۇ قېرى ئوغرىنىڭ رەسۋا كۆزىگە قاراش نېمە دىگەن نومۇس ئىش – ھە !
ساتتار ئاخىرقى قارارىنى چىقارغاندەك قوللىرىنى سىلكىدى ، قاتتىق سىلكىدى . بېشىنى كۈچەپ چايقىدى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ تاش كولاش ماشىنىسى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى .
5
يېڭى تاڭنىڭ يېڭى قۇياشى كۆتۈرۈلۈپ ئالتۇن نۇرلىرىنى يۇرۇڭقاشقا تۆكتى . يۇرۇڭقاش ئاللىقاچان ھەركەتكە كەلگەن ، قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى ئۇنى ھەركەتكە كەلتۈرىۋاتقاندەك ئىدى . قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى چېچىلمىسا يۇرۇڭقاش مەڭگۈ ھەركەتكە كەلمەي ، ئۇخلىشى مۇمكىن ئىدى . ئەمما قۇياش ئۇنى ئۇخلاتمايتتى . چۈنكى ئۇ ھەركۈنى يېڭى بۇلۇپ يېڭىدىن چىقاتتى ۋە يېڭى ئالتۇن نۇرلىرىنى يۇرۇڭقاشقا سېپەتتى . يېڭى ئالتۇن نۇرلار سېپىلىپ تۇرسا ، يۇرۇڭقاش ئالتۇن چۈشەپ داۋاملىق ئۇخلىيالىسۇنمۇ ؟
ساتتاردىن ئاخشام تېلفۇن ئالغان قەرىز ئىگىلىرى ئون يەتتە كىلومېتىرغا يىتىپ چىققاندا ، تاش قېزىش ماشىنىسىنىڭ تامىقىغا ئېسىلىپ تۇرغان جەسەتكە قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى چۈشۈپ تۇراتتى . جەسەت قەرىزلەردىنمۇ ، نۇمۇس – ئەلەملەردىنمۇ بىراقلا قۇتۇلغان ساتتارنىڭ جەسىتى ئىدى . قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىدا ئۇنىڭ قان قاچقان چېھرى ئالتۇندەك سارغىيىپ تۇراتتى . سۇزۇلغان بوينى ، پولتايغان كۆزلىرى ، كىرىشكەن زاڭاق – چىشلىرىغىمۇ قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى چۈشۈپ تۇراتتى . قەرىز ئىگىللىرى باشلىرىنى كۆككە بۇراپ قاراشلىرىدا ئۇ يەردە پۇلاڭلاپ تۇرغان جەسەتنى ئەمەس ، بىرپارچە يوغان ئالتۇننى كۈرۈشكەندەك بولدى .

تۈگىدى

مەنبە: كىروران ژورنىلى

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش