ximal
كۆرۈش: 264|ئىنكاس: 12

ئۆزھال :ئابدۇرېھىم ھېيىت روھىنى بويلاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 12:18:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدرۇرىھىم ھىيىت روھىنى بويلاپ

راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال

بىىمەنلىككە تولغان دۇنيانىڭ بىمەنلىكلىرى بىلەن سەنئەتكارنىڭ زىددىيىتى قانچىلىك ئۆتكۈر بولسا ئۇنىڭدىن بۇيۈك ئەسەرلەر چىقىدۇ دىگەن سۆزگە ئىشىنىمەن . نەزىرىمىدە ئەڭ ئۇلۇغ نەزىرىيىلەر ئەمەلىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كىرەك . لىكىن ئەڭ ئەمەلى كۆز قاراش ۋە ئىش ھەركەتلەردىن ئەڭ ئۇلۇغ نەزىرىيەلەر بارلىققا كىلىشى مۈمكىن . لېكىن بۇلىشى كىرەك . قىلىشمىز كىرەك دىگەندەك شۇئار خارەكتىرىنى ئالغان نەزىرىيلەردىن مۇھىم بىر ئەملىيەتنىڭ بارلىققا كىلىشى ناياتىن . چۈنكى ھادىسە ئاۋال يۈز بىرىدۇ ئاندىن ئېسىم قويۇلىدۇ . ئاندىن ئۇنىڭ نەزىرىيىسى بارلىققا كىلىدۇ . شۇڭا ئەمەلىيەتتىن نەزىرىيە ۋە تەدبىقلاش كۆز قاراشلىرى نەچچە پەللە ئارقىدا تۇرغان بۇلىدۇ .
ئابدۇرىھىم ھىيىت بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك پىشۋاسى بۇلۇشقا لايىق كىلىدىغان بىر سەنئەتكاردۇر . دۇتتار كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاددى ھەم پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا « ئولتۇرۇشتا چىلىشقا باپ كىلىدۇ» غان ساز قاتارىدا سانىسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ ئىككى تارىسىدىكى ھەقىقى سىھرى كۈچنى دۇنياۋى سەۋىيىدە ئورۇنلاش جەھەتتە ئۇ يالغۇز دۇتتارغا ھەۋىسى بار كەسىپ ئەھلى ياكى كەسىپ ئەھلى بولمىغان بىر تۈركۈم ئادەملەرگە ئۇستازلىق ئورنىنى تىكلەش بىلەن بىرگە دۇتتارنىڭ مۇكەممەل بىر چالغۇ بۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە ھەر قانداق چالغۇ ئورنىنى باسالمايدىغان مۇكەممەللىگىنى بىزگە چۇڭقۇر ھىس قىلدۇرغان سەنئەتكار بۇلۇش بىلەن باشقا كەسىپ ئەھلللىرىنىڭمۇ قايىللىغىنى قولغا كەلتۈردى . ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ نەزىرىدە دۇتتار مۇكەممەل بىر چالغۇ . ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ مۇلايىم ھەم جەڭگىۋار . ھىسياتچان ھەم ئەقىللىق، كۆپ قىر ، كۆپ قاتلاملىق  خارەكتىرىنى يورۇتۇپ بىرىشتە دۇتتار ئەڭ موھىم ۋاستە ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى موزىكىلىرىنى ئەستايىدىل تەتىقىق قىلغاندىن كىين تۈركى مىللەتلىرىنىڭ موزىكا قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلىشقا ئۆتتى . جاھان كەزدى .مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى ئارلىدى . سەنئەتكارلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى . تۈركىيە . سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ۋە ئوتتۇرا ئاسيادىكى تۈركى خەلىقلىرى بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ موزىكىلىرىنى ئاڭلىدى ۋە ئۈزىمىزنىڭ موزىكىلىرىغا سىلشىتۇرما قىلىپ تەتقىقاتلارنى ئىلىپ باردى . ئاندىن دۇنياۋى موزىكىلار بىلەن ئۇچۇرۇشۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ قۇرۇلمىسى . ھىسيات ئالاھىدىلىگى . يەتتە پۇتۇن . بەش يىرىم ئاۋازدىن تۈزۈلگەن چالغۇلاردىكى ئاۋازلارنىڭ ئورۇنلىشش ئالاھىدىلىكلىرىنى، موزىكىلاردىكى ئورتاق قانۇنىيەت ۋە ئورتاق بولمىغان ئىلىمى نوقتىلارنى ئويلىدى . تەپەككۇر قىلدى . تەتقىق قىلدى . دۇتتارنىڭ ئاۋاز ئورۇنلىشش جەھەتتە ناھايىتى مۇكەممەل ئىكەنلگىنى ھىس قىلىپ ئۈزىنىڭ ھاياتىغا بىر ئۈمۈر ھەمرا قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ جەلىپكار چالغۇلىرى ئىچىدىن دۇتتارنى تاللىۋالدى .

ئۇ ئەسلى راۋابچى ئىدى

راۋاب – ئۈزىنىڭ جاراڭلىق ۋە ساددا مىجەزگە ماس كىلىدىغان ھالەتتە ئىجاد قىلىنىپ ئۇيغۇر موزىكا تارىخىدا موھىم ئورۇن تۇتقان بولسا يەنە بىر تەرەپتىن نوچىلىقنىڭ بەلگىسى ئىدى . نوچى ئاتىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن چوقۇم بىر سازنى بۇلۇپمۇ راۋاپ چىلىشنى بىلىش كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئاڭسىز بىر ئۆلچەمگە ئايلانغاندى . شۇڭا سىيىتى نوچى . سەلەي چاققان . تاشۋاي . روزەك باشى قاتارلىقلار ھاياتىدا بىر ئۈمۈر راۋابىنى قۇچاقلاپ ئۆتكەنچە جاھاندىكى ناھەقچىلىقلارغا قارشى جار سىلىپ ئىسيانكارلىق روھى بىلەن دۇنيادىن كەتكەندى . نوچى دىگەنلىك جەميەت تەرتىۋىنى قالايمىقان قىلىپ . يوۋاشنى بوزەك ئىتىپ ياماندىن قورقىدىغان ، يىتىمنىڭ يەللكىسىگە مىنىپ بايلارغا غالچا بۇلۇش ئارقىلىق جان باقىدىغان ھارامزەدىلەرنى ئەمەس پەقەت ئەل ئىچىدە ئەدلى ئادالەتنى قوغدايدىغان . ئاجىزلارنىڭ غەمگۇزارى بۇلۇپ يوۋاشنى بۆزەك ئەتمەيدىغان . ياماندىن قورىقمايدىغان، ھەق ناھەق تۇيغۇسى ئېنىق مەردانىلەر كۆزدە تۇتىلاتتى . شۇڭا ئۇ كىچىك چىغىدا راۋاپقا ئىشتىياق باغلىدى . قىنىدا تاشۋاي كەبى نوچىلارنىڭ قىنى قايناپ تۇرىدىغان ئابدۇرىھىم ھىيىت قەشقەرنىڭ چايخانلىرىدا بۇلىدىغان سۆھبەتلەردىن بەھىر ئىلىپ ۋايزلار ۋە داستانچىلارنىڭ ئىسلام تارىخىنى بايان قىلىدىغان ئەپسانە رىۋايەت چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولدى . يەرلىك سەنئەتكارلار راۋاپنى قولىغا ئىلىپ يۈسۈپ ئەھمەد داستانى . ھەزىرىتى ئەلى ۋە ھەسەن ھۈسەن ئاكا ئۇكىنىڭ كەچۇرمۇشلىرى . ئۇيغۇر خەلىق داستانلىرىدىكى تاھىر زۆھرە . پەرھاد شىرىن . ھۆرلىقا ھەمراجان قاتارلىق داستانلارنى تۈرلۈك ئوبرازلار ئارقىلىق بايان قىلىش سەنئىتىدىن خەۋەردار بۇلۇپ سەنئەت موھىتى قويۇق بىر دائىردە ئىچىدە باللىغىنى ئۆتكۇزدى . كشىىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىزچىللىق بىلەن يڭىلىنىپ ئەنئەنىۋې قائدىىلەر بىر بىرلەپ كۆز ئالدىدىن غايىپ بولماقتا ئىدى . ئۇ كىچىك تۇرۇپلا مەشھۇر سازەندىلەر بىلەن ساز چىلىشىپ ئۇلاردىن تېخنكىلىق ماھارەتلەرنى قۇبۇل قىلدى . قىتىرقىنىپ ئۈگەندى . يۈرىكىدىكى موزىكىغا بولغان ئىشتىياق ئۈگەنگەنسىرى پايانى يوق دىڭىزدەك ئۇنى جەلىپ قىلىپ قانائەتكە ئەمەس قانائەتسىزلىككە ئۈندەيتتى . باللىق چاغلىرىنى ئەنە شۇنداق ئەل ئىچى سازەندىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن ئابدۇرھىىم ھىيىت باللىق چاغلرىىدىكى نوچىلىق تامايىدىن بىر قەدەم ھالقىپ سازنى ئەڭ يىقىن سىردىشىدەك بىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كىچە - كىچە سىردىشىدىغان ،مۇڭدىشىدىغان بولدى . ھەدىسى رەيھانگۈل ھىيىت قەشقەر سەنئەت مەكتىۋىنىڭ راۋاپ ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ راۋاپ چىلىشتىكى مۇكەممەل قانۇنىيەتلەرنى ناھايىتى ئىدىتلىق ۋە سىستمىلىق ئىگەللىگەندىن باشقا يەنە نۇرغۇن راۋاپچى ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلگەندى . ئابدۇرىھىم ھىيىت سەنئەت مەكتەپكە ئالاھىدە تالانىتى ۋە باشقىلاردىن پەرىقلىق بولغان ئالاھىدە سىىزىمى ئارقىلىق سەنئەت مەكتەپكە ئۆتتى ۋە تۆت يىللىق ئوقۇشنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا مەركىزى مىللەتلەر سەنئەت ئۈمىگىدىن ئادەم تاللاشقا كەلگەنلەرنىڭ تاللىشىدىن ئۈتۈپ قەشقەردىن بىيجىڭغا قاراپ يول ئالدى . ئۇنىڭ ھاياتىدىكى زور بۇرۇلۇش بىيجىڭدا خىزمەت قىلىش قەدىمىنى باسقاندىن كىين يۈز بىرىدىغانلىغىنى ئۇ تىخى بىلمەيتتى . بىيجىڭغا بارغاندىن كىين ھەر مىللەتلەرنىڭ چالغۇلىرىنى . ھەر مىللەتنىڭ موزىكىلىرىنى ئاڭلىدى . ئۇيغۇر ئاھاڭلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەر بىر موزىكىلىق تەۋرىنشىنىڭ نە قەدەر دىلرابا ۋە ئۇزلىغىنى قايتا قايتا ھىس قىلىپ يەتتى . ئارقىدىن بىلىملىك زاتلار ئۇنىڭ تالانىتىنى كۆرۈپ ئۇنى پىكىر جەھەتتىن يىتەكلەشكە باشلىدى . شۇ ئارىدا ئۇ ھاجى ياقۇپ . ئابدۇرىھىم ئۆتكۇر . تۇرغۇن ئالماس قاتارلىقلارنىڭ پىكىردىشى بۇلۇپ قالدى . ئۇنىڭ بۇ تەقدىرى تاشۋاينىڭ تەقدىرىگە بەك ئوخشايتتى . تاشۋايمۇ ئەينى دەۋىردە موزىكىدا ئەڭ يۈكسەك پەللىگە چىقىپ قەشقەر كىچىك كىلىپ ھۈكىرەپ يۈرگەن زامانلاردا تىخى ساۋاتسىز ئىدى . بىراق شۇ چاغلاردا ئابدۇقادىر داموللام بىلەن تەجەللى ھەزرەتنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ شۇلارنىڭ كۈڭۈل بۆلىشى ئارقىلىق ساۋاتلىق بۇلۇپ نەچچە يىلنىڭ ئىچىدە بۈيۈك ئەللامىلەرنىڭ شېئىرى نەزمىلىرىنى شەرىھلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكەندىن كىين «يارۇ» «لەيلىگۈل» «ئاشناجان» قاتارلىق ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن ناخشىلارنى ئىجاد قىلىش پۈرسىىتىگە ئىرىشكەندى .  ئابدۇرۇھىم ھىيىت بىيجڭىغا بارغاندىن كىين ئۇيغۇر خەلىقنىڭ ئوت يۈرەك زىيالىيلىرىنى يۈرەكتىن تونۇپ ھىس قىلىش پۈرسىتىگە ئىرىشتى . مىللەتلەر ئۇنۋىرىستتى ئۈمەك بىلەن بىر تام بولغاچقا تىرىشچان باللارغا قاراپ ئۈزىنىڭ قەشقەردە قالغان باللىغىنى ئەسلىسە بەزى بىلىملىك ياشلارغا قاراپ ئۈزىنىڭ پىشىپ يىتىلىش باسقۇچىنى باشتىن ئۈتكۇزىۋاتقانلىغىنى ھىس قىلىپ ھاجى ياقۇپتەك داڭلىق جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئۆتكۇر پىكىرىلىرىنى ئاڭلاپ ئۇيقۇدىكى پىكىر نىرىپلىرىنىڭ ئاستا ئاستا ئويغىنىپ ئېىچلىۋاتقانلىغىنى چۇڭقۇر ھىس قىلىپ يەتتى ۋە نەزىرىيە ئاساس بىلەن موزىكىنىڭ چىلىش قائىدە قانۇنىيەتلىرىنى ئىگەللەشتە ئەمدى باشقىلارنى تەقلىد قىلىش ئەمەس بەلكى ئۆز ئالدىغا بىر يول ئېچىشتەك ئۇلۇغۋار نىيەتنى كۆڭلىگە پۈكتى . بىيجىڭدا ھاجى ياقۇب ئۇنىڭغا ھەمرا بولسا قەشقەرگە بىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە چۈشسە تۇرغۇن ئالماسنىڭ ئۈيى ئۇنىڭ قونالغۇسى ئىدى . تۇرغان پۈتكىنىدىن جەڭگىۋارلىق ۋە جاسارەت بالقىپ تۇرىدىغان بۇ يىگىتنىڭ ئوتلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلاش بىتەكرار بۇ ئالىمىلارغا باشقىچە روھ بىغىشىلىسا ئالمىلارنىڭ سۆھبەتلىرى ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ تەپەككۇر ئېىتىنى قامچىلاپ مەنزىلگە قاراپ چېپىشقا مەدەت بىرەتتى . ئابدۇرىھىم ھىيىت ئەنە شۇ چاغدا راۋاپنى پەقەت خىزمەتتە چىلىش ئۈچۈن قويۇپ دۇتتارنىڭ ھەممىباب ئالاھىدىلىگىنى ھىس قىلىپ يىتىپ دۇتتارنى ئۈزىگە ھەمرا قىلىش ئۈچۈن تاللىۋالدى . شۇنىڭدىن كىين ئۇ ياۋرۇپانىڭ كىلاسسىك موزىكىلىرىنى . ئوركىتسىر بىلەن چىلىنغان ئاھاڭلارنى دۇتتار بىلەن چىلىپ باقتى . بىر توپ چالغو پەيدا قىلغان ھىسياەت ۋە كەيپىياتنى يالغۇز دۇتتار بىلەن ئورۇنلاپ باقتى . شۇ چاغدا ئۇنىڭدا شۇنداق بىر سىزىم ئاشكارە بولدىكى دۇتتاردىكى ئاددى ئىككى تارا بىلەن ئون پەش پەدىدىكى يىرىم پۈتۈن ئاۋازلار ئۇيغۇرنىڭ يۈرەك ساداسىنى جاھانغا ئاشكارا قىلىشتا كەمتۈكلۇك قىلمايتتى . ئۇ شۇ خىلدا تەتقىقات ۋە تەجىرىبە قىلىش بىلەن ئاز كەم ئون بەش يىلنى ئۆتكۇزۇپ ئارىدا نۇرغۇنلىغان ناخشىلارنى ئىجاد قىلدى ئەمما ئۇنى ئاشكارا قىلمىدى . ئۇنىڭ تېكسىىت تاللاش جەھەتتىكى سەۋىيىسىمۇ باشقا  ناخشىىچلاردىن پەرىقلىق بۇلۇپ تىما تاللاشتا شائىرنىڭ ئابرۇيى بىلەن ھىساپلاشماي ئۇنىڭ ئەسىرىنىڭ قىممىتى زادى قانچىلىك دىگەننى ئۆلچەم قىلىشنى ئاساس قىلدى . بىر تەرپەتىن ئىجاد قىلسا يەنە بىر تەرەپتىن خەلىق ناخشىلرىىىن توپلاپ رەتلەشنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭ مىۋىلىرىنى بىر بىرلەپ ئەلگە سۇنۇشقا تەرەددۇت قىلدى .  92- يىلى تۇنجى بۇلۇپ قاپلىق ئۇنئالغۇلېنتىسى بولغان «دوس خېنىم» نامىلىق پىلاستىنكىنى ئىشلەپ تارقاتتى . ئۇنئالغۇ لىنىتىسى چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر زىمىنى تەۋرەپ كەتتى . تەرەپ تەرەپتىن كىلىۋاتقان خەتلەر . ئالقىش سۆزلىرىنى مۇجەسسەملىگەن تېلېفۇنلار، ئەتراپىدىكى جەمىيەت ئۇنىڭغا زور دەرىجىدە ئىلھام ۋە مەدەت بولدى . ئۇ شۇ چاغدا قىلچىلىك ئىككىلەنمەستىن يالغۇز دۇتتار بىلەن ناخشا كېچىلىگى قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى . ئۆتكۈر ئەپەندى ۋە تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق ئالىملار ئۇنىڭ بۇ روھىنى جان دىلى بىلەن قوللايدىغانلىغىنى بىلدۇردى . ئەمما ھەمىمسىنىڭ كۈڭلىدە پەقەت سورۇندا چىلىنىپ كەلگەن بىر ساز بىلەن ناخشا كېچىلىگى قىلسا تاماششبىنلار كۆرەرمۇ دىگەن ئەنسىرەشمۇ بار ئىدى . بۇ يىللاردا خەلىق تاللاش بىلەن شاللاش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقاندى . ياۋرۇپانىڭ چالغۇلىرى شىنجاڭ زىمىنغا كىرىپ باشقىلارنىڭكىنى ئىلغار . ئۈزىمىزنىڭ قالاق دىگەن كۆز قاراشلار ئەۋىج ئىلىۋاتقان شارائىتتا بۇ كېچىلىك قانداق بۇلار دىگەن ئىككىلىنىش ئالىملاردىمۇ ئىككلىنىش ۋە گۇمان تۇغۇسىنى پەيدا قىلغاندى . بىراق ئابدۇرىھىم ھىيىت ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسەن ئىشەنىچ بىلەن ئۇيغۇرلار دۇتتارنى بەك ياخشى كۈرىدۇ . دۇتتارنىڭ ھەۋەسكارلىرىمۇ بىزدە ئەڭ كۆپ . كېچىلىك چوقۇم مۇۋاپىقيەتلىك بۇلىدۇ ھەم تاماششبىنلارنىڭ چوقۇم ئالقىشىغا ئرىىشىدۇ دەپ ھۈكۈم قىلغاندى . دىگەندەك كېچىلىك باشتىن ئاياق ئالقىشلار ۋە ھوررا سادالىرى بىلەن غەلبىلىك ئاخىرلاشتى . ئويۇن ئاخىرلاشقاندىن كىين . ئىز . چىللاڭ خورۇزۇم . مەن ئاق بايراق ئەمەس . ئۇچراشقاندا قاتالىق نادىر ناىشىلارنىڭ تېكسىىت ئىجادىيەتچىسى ئۆتكۇر ئەپەندى شېئىرنىڭ ھەقىقى قىممىتى ئاھاڭدا بۇلىدىكەن . نۇرغۇن شېئىرلىرىم ئۆز قەدىر قىممىتىنى تاپالماي تڭىرقاپ يۈرگەندى . مەن ناخشىنى ئاڭلىغاندىن كىين ئاندىن ئۇىنڭدىكى ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن گۈزەلللىكلەرنى قايتا ھىس قىلدىم دىگەندى . ئارقىدىن كېچىلىك قەشقەر ھىيتكاھ تىياتىرخانسىىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى . مەنىۋى جەھەتتىن ئىچىرقاپ كەتكەن كىشىلەر ئاقسۇ ، ئاتۇش . خوتەن دىيارىدىن كىلىپ ئويۇن كۆرۇشكە باشلىدى . بىر مەيدان . ئىككى مەيدان ئۈچ مەيدان . كېچىلىك داۋاملاشماقتا ئىدى . لىكىن ھەر كۈنى بىلەت تۈگەپ كىتەتتى . ئويۇن ئۈزۈلدۇرمەي قويۇلۇپ قەشقەردە جامائەت پىكىرى پەيدا بولغاندىن كىين ۋالى مەھكىمىسى مەجبۇر بۇيرۇق چۈشۈرۈپ كېچىلىكنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلدى . ئابدۇرىھىم ھىيىت ئارمانسىز قەشقەردىن ئايرىلىپ بىيجىڭغا قاراپ يولغا چىقتى . دۇتتار ھەم ئۇنىڭ مۇڭلۇق ئاۋازى نۇرغۇن قۇلاقلاردا ئۇ كەتكەندىن كىينمۇ خىلى ئۇزاققىچە ئەكىس سادا پەيدا قىلدى .
(داۋامى بار)        

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  832
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 15:08:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ داۋامىغا قىزىقىۋاتىمەن. تولۇق تۈگىگەن بولسا بىراقلا يوللىغان بولسىلا بوپتىكەن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 15:25:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى كۈتىۋاتىمەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 16:23:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلىقنىڭ ئالقىشلىرى ئابدۇرىھىم ھىيىتقا ئىلھام ۋە مەدەت بولغاندى . ئۇنىڭ ناخشىلىرى ساپلا ئىدىيسى بار شېئىرلار بىلەن مۇكەممەل قانۇنىيەتلىك موزىكا ئىلمىنىڭ يۇغۇرلىشى بۇلۇپ تېكسىىت بىلەن ئاھاڭنىڭ جىپىسلىششى ۋە ئورۇنلاشتىكى سەۋىيە كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىن ھالقىپ كەتكەندى . چۈنكى ئابدۇرىھىم ھىيىت سەنئەتنى « ئويناپ كۈڭۈل ئاچىدىغان» دىگەن ئۇقۇمدىن بىر دەرىجە ھالقىپ ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغاندىن سىرىت يەنە ئۇيغۇر موزىكا قانۇنيىتىنىڭ كۈي شەكلى . قۇرۇلمىسى . كەيپىيات ۋە ھىسيات ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن تىمپىنىڭ يەنە قانداق تۈرىدە بوشلۇق بارلىغىنى چۇڭقۇر تەتقىق قىلىپ چۈشەنگەندى . ئادەتتە 9\8  تىمپا مۇقامنىڭمۇ بىر نەچچە يىرىدە ئۇچرايتتى . ئۇنى چىلىشنىڭ قىينلىغى ۋە ئاڭلىغۇچىلاردا 7\8 دەك تۇيغۇ بىرىپ قويىدىغانلىغىنى پەرىق ئېتىپ قۇتلۇق شەۋقىنىڭ بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر نامىلىق ناخشىسىنى ئەنە شۇنداق چىلىش قىين بولغان تىمپىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئورۇنلىدى . شېىرىيەتتە بولسا دېققىتىنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىچىدىن چىققان ئىسيانكار شائىرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن سۇغۇرۇلىغان ئىدىيلىرى ئەكىس ئەتكەن شېئىرلىرىغا قارىتىپ ئۇنىڭغا چۇڭقۇر چۈكۈش ۋە ئەستايىدىل تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئاندىن ئاھاڭغا سىلىشنى ئۈزىنىڭ ئىجادىيەت پىرىنسىپى قىلىپ چىقتى . ئۇنىڭ ئىشلىگەن ئاھاڭلىرى ئاساسەن . ئابدۇخالىق ئۇيغۇر . قۇتلۇق شەۋقى . نىمشىھىت . ئۆتكۇر . قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك شائىرلارنىڭ ئىجادى ھاياتىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ۋە ئىجادى ھاياتىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى ياراتقان شېئىرلىرىغا ئاھاڭ ئىشلەشكە قاراتتى . غەرىپنىڭ مەدەنيىتى بىرىنچى بۇلۇپ تارقىلىدىغان بىكەت بولغان بىيجىڭ شەھرىدە باشقا مەدەنىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىگە ئىزچىللىق بىلەن تەسىر كۆرسېىتىپ  كىلىۋاتقان شارائىتتا ئابدۇرىھىم ھىيىت ئۆزى يالغۇز كاتەكتەك بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئىجادىيەت ئىلىپ باراتتى . موزىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىناتتى . دۇتتارنى قولدىن چۈشۈرمەي مەشىق قىلىپ ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنىڭ ئاھاڭ جەتەتتىكى ئۈز نەزىىرىدە مۇكەممەل بولمىغان بەزى جايلىرىغا نەزىرىنى سالاتتى . تېكسىتتىكى مۇۋاپىق بولمىغان سۆزلەر ئۈچۈن تىلشۇناسلارغا تېلېفۇن ئۇرۇپ مەسلىھەت سالاتتى . ئاھاڭلارنىڭ بارلىق نۇسقىلىرىنى تىپىپ ئاڭلاپ ئۆز ئارا سىلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئەڭ توغىرىلىرىنى دىتلاپ . تاللىۋالاتتى . 18 يىل بىيجىڭدا خىزمەت قىلغان ئابدۇرىھىم ھىيىت ئاخىرى ھەرەمگە يول ئالدى . رۇسىيە ئارقىلىق پويىز بىلەن سەپەرگە چىقىپ ھەرەمگە باردى . ئۇ يەردىكى قىرىنداشلار ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى . ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىلار بىلەن كۈتىۋلغاندىن كىين بەزىلىرى ئۇنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى . بىراق ئابدۇرىھىم ھىيىت ۋەتەن دىگەن بىر جۇملە سۆزنى تىلغا ئىلىپ ئۇنىڭدىن كېچىش دىگەن گەپنى ئويلىغاندا بەدىنى تىكەنلىشىپ كەتتى ۋە داڭلىق بايلارنىڭ تەلىۋىنى تە تەكلۋىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ زىيارەت قىلغاچ ئىستانبولغان كەلدى . ئەنقەرەگە باردى . ھەممە يەردە ئۇ قىزغىن قارشى ئىلىندى ۋە بۈيۈك سەنئەت پىشۋاسى دىگەن ئىتىراپ قىلىشلار نەتجىسىدە ئەتىۋارلاندى . غازى ئۈنۋىرىستتىلىرىدا لىكسىيگە ئورۇڭنلاشتۇرۇلدى ھەم تۈركچە سۆزلدى . نۇرغۇن ساۋاغداشلار ھەيران قىلىپ سىز تۈركچىنى قانداق ئۈگەنگەن دىگەندە ئابدۇرىھىم ھىيىت ئويلانمايلا تۈرك تىلى بىزنىڭ ئانا تىلىمىز تۇرسا ئۇنى يەنە مەخسۇس ئۈگنىشىنىڭ ھاجىتى بارمۇ دەپ جاۋاپ بەردى . شزالدىكىلەر قىزغىن ئالقىشلار بىلەن ئابدۇرىھىم ھىيتنى ئورىۋالدى . تۈركىلەرنىڭ مەشھۇر سەنئەتكارلىدىن بولغان ئورخان گەنجىباي ئۇنى ئالاھىتەن ئىزدەپ كىلىپ سۆھبەتكە چاقىردى ۋە ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىغا . بەدىئى دىتىغا قايىل بۇلۇپ ئىستانبولنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئەڭ ياسىداق داچىسىنى كۆرسىىتىپ ساڭا سوۋغا قىلدىم . بۇ يەردە قال . ھاياتىمىزنى تۈرك سەھنىلىرىدە بىللە ئۈتكۈزەيلى دىدى . لىكىن ئابدۇرىھىم ھىيىت رەھمەت ئىيتىپ ماڭا ۋەتەن كىرەك . ۋەتەنىگىمۇ مەن كىرەك دەپ زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ قايتىپ كەلدى . بۇ ھەقتە ئەختەم ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ . ئابدۇرىھىم ھىيىت مەن ئەڭ چوڭ بىلىدىغان ھەقىقى ئەركەك سەنئەتكارلارنىڭ بىرى . مەن ئىستانبولغا بارغان چىغىمدا ئۇنى تونۇشتۇرغان بىر تېلېۋىزىيە پىرگىراممىسىدا ئۇنى كۆردۇم چالغان دۇتتىرىنى ئاڭلاپ خۇددى كېچك بالىدەك يىغلاپ كەتتىم كەتتىم دەيدۇ . ئابدۇرىھىم ھىيىت تۇركىيەگە بارغاندىن كىين كچىكىلكىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەتلىرىنى ئىلىپ بىرىپ ئۈزىنىڭ ئىلغار كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەم ئەمەلىيتى بىلەن ئۇلارغا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ شۇنچىلىك جەلىپكارلىغىنى نامايەن قىلىپ بەردى . ئۇ ھەۋەسكارلىق باسقۇچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەمدى مۇستەقىل تەتقىاتچى ۋا ئىجادىيەتچىلىك ھاياتىنى باشلىغان بولغاچقا ئاخىرى شىنجاڭغا قايتىپ كىلىشىنى قايتا قايتا ئىلتىماس قىلدى . لىكىن ئىدارىسىدىكلەر ئۇنى قويۇپ بەرمىدى ھەم داۋاملىق ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى . بىر قارارنى قىلغانكەن باشقىلارنىڭ ئىغىزىغا قاراپ ياشاشنى ھار ئالىدىغان بۇ تالانىت ئىگىسى ئۈزى قايتپ كىلىپ شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۈمىگى بىلەن دىيىشىپ قەشقەرگە قايتىپ كىلىپ تۇرىۋالدى . نەتجىدە مىللەتلەر سەنئەت ئۆمىگىنىڭ باشلىغى ئۇنى تۇتۇپ قالغىلى بولمايدىغانلىغىنى تونۇپ يىتىپ 97- يىلى ئۇنىڭ شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۈمىكىگە يۈتكىلىپ كىتىش ئۈچۈن ئامالسىز تەستىقلىدى .  ئۇ شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىگە يۈتكىلىپ كەلگەندە ئاز دىگەندە 10 تال پىلاستىنكا نەشىر قىلغاندى . ئۇىنڭ ئۈچ قېسىملىق «مۇڭزار» نامىلىق ئىجادى توپلىمى ئەل ئچىىدە قىزغىن ئالقىشلىنىش بىلەن بىرگە نەچچە قېتىم نەشىر قىلسىنمۇ يەنە بازاردىن تاپقىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئەتىۋار بۇيۇمغا ئايلانغاندى . شۇنداق قىلىپ ئۇ قايتىپ كەلدى . ئۇيغۇر خەلىقنىڭ قايناق بازارلىرىنى كەچلىرى سەيلە قىلالايدىغان بولدى . ئۇيغۇر روھىتىگە يىقىندىن تۇرۇپ نەزەر سالالايدىغان بولدى . ئۆز خەلىقنىڭ باغرىدا تۇرۇپ ئۇلار ھىس قىلغاننى تەڭ تۇرۇپ ھىس قىلالايدىغان بولدى . بۇنداق شان شەرەپكە نائىل بولغىدىن خۇرسەن بولغان ئابدۇرىھىم ھىيىت يەنە قايتىدىن ئىجادىيەتكە كىرىىشتى .     

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  287
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 506
تۆھپە : 0
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 20:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزھال ئەپەندىنىڭ بۇ ماقالىسى ئاتاقلىق ناخشىچىمىز ئابدۇرېھىم ھېيىت ئەپەندىنى قايتا تونۇشىمىزدىكى بىر تۈرتكىلىك ئىزدىنىش بوپتۇ. ئۆزھال ئەپەندىنىڭ ھىممىتىگە تەشەككۇر!
ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ بۇ قېتىم نەشىر قىلىنغان«دۇتارىم»ناملىق يۈرۈشلۈك پىلاستىنكىسىنى سېتىۋالسام بولاتتى.ئۇ بىزنىڭ بۇ خىلۋەت ماكانغا كېلىدىغاندەك ئەمەس.قانداق يول ياكى ئۇسۇلدا سېتىۋالغىلى بولاركىن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxhuy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-17 08:41  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 20:33:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەۋرىمىزدىكى ئابدۇرىھىم ھىيىت بۈگۈنكى زامان تارىخىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك پىشۋاسى بۇلۇشقا لايىق كىلىدىغان بىر سەنئەتكاردۇر . مەن بۇ تىما ئارقىلىق ئابدۇرىھىم ھىيىت ئاكىنى قايتا تۇنۇدۇم.رەھمانجاندىن خۇرسەن بولدۇم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1517
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 138
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 21:30:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزھال ئەپەندى، ماقالىڭىز ناھايىتى ياخىشى باشلىنىپتۇ.داۋامىنى ياخىشى يېزىپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.ئىمكانىيەت يار بەرسەبۇ قېتىم نەشىر قىلىنغان 9 قىسىملىق«دۇتتارىم»ناملىق بىر يۈرۈش پىلاستىنكىسى ھەققىدە كەسىپ نوقىتىسىدىن ئىلمىي ۋە ئەتراپلىق تەھلىل يۈرگۈزۈپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن.چۈنكى بۇ بىر يۈرۈش پىلاستىنكا ھەقىقەتەن ئېسىل........

كۆزۈڭنى يۇم، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 01:20:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزھال ئاكا، ناھايتى ياخشى، ئەھمىيەتلىك تېمىلارغا قەلەم تەۋرىتىۋاتىسىز. سىزگە غەيرەت تىلەيمەن. مەن بۇ ماقالىنى قەدىرلەپ ئوقۇۋاتىمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  343
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 642
تۆھپە : 2
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 10:27:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەنئەتكارلارنىڭ  ئىجادىي  ھاياتى توغرىسىدىكى بۇ  ماقالىڭىز  ئىزدىنىش  ۋە ساقلىنىش قىممتىگە  ئىگە  ئىكەن. بۇ نداق ماقالىلار سىزدە  خېلى جۇغلاندى، كىيىنچە  كىتاپچە  قىلىش  ئويىڭىز  بار  بەلكىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 19:07:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى . ئۇيغۇرنىڭ ئالىملىرى . بىلىملىك زىيالىيلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ زىمىندا ياشاش ئۇنىڭغا بەخىتتەك تۇيۇلغاندى . لىكىن ئۇ جەمىيەتنى چۇڭقۇر كۈزىتىش ئارقىلىق ئۈزى چوڭ بىلىپ قايتىپ كەلگەن جەمىيەتنىڭ تولىمۇ چۈشكۇن . بەزىلەر پۇل ۋە شان شەرەپنى دەپ ئۈزىنىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇغان ھالدا دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەئىشەتلىرى ئۈچۈن قاتراپ ھاياتىنى ئۆتكۇزسە بەزىلەرنىڭ ئەمەل ئورۇندۇقلىرىنى تالىشىش ھاياتنىڭ قىممىتى دەپ قارايدىغانلىغىنى ھىس قىلدى . ئۇ ئۇيغۇرلار شۈنچىلىك كۆپ ئولتۇراقلاشقان بۇ ماكاندا سەمىمىيەت بىلەن كىشىلەرگە مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ تولىمۇ ئازلىغىنى كۆرۈپ يەتتى . لىكىن مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى ئاخىرلىشىپ ئەمدىلا يورۇقلۇققا چىققىنىغا يىرىم ئەسىر بولمىغان جەميەتنىڭ مانا مۇشۇنداق چۇۋالچاق بۇلىدىغانلىغىنى ئۇ پەرەز قىلالايتتى . شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر جەميىتىنى ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدۇ دەپ كەمسىتىمدى . چۈنكى باشقا مەمىلكەتلەرگە بىرىپ باشقىالرنىڭ ئەرىپ ئادىتى . مەدەنىيەتلىرىنى كۆزدىن كەچۇرگەن ۋاختىدا ئۈزىنىڭ بىر مۇسۇلمان ئاندىن ئۇيغۇر پەرزەنتى بۇلۇپ تۈرىلىپ قالغانلىغىنى ئۈچۈن ياراتقان ئىگەمگە مىڭلاپ ھەمدۇ سانا ئىيتقاندى . ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىگى پاكىز . دۇنياغا ئەدەپ ئەخلاق ئۈگىتىش ۋە ھاكىمىيەت تىكلەش ئىشلىرىدا ئىنسانىيەتكە ئۆلگە بۇلۇپ كەلگەن بىر مىللەت بۇلۇپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى تۆۋەن چاغلاشقا بولمايتتى . شۇڭا ئۇ جەڭگىۋار ئىدى . ئۇيغۇر دەپلا ئىغىزى ئېچىلىپ بولغىچە مىللەتنى ئەيپلەيدىغانلار بىلەن مۇنازىرە قىلىپ ئۈزىنىڭ مەيدانىنى ئىپادە قىلىپ تۇراتتى . بىراق گەپ قىلمايدىغان ۋە پىكىر قىلمايدىغان كىم بار ؟ ئىش قىلىش كىرەك . ئەمگەك قىلىش كىرەك .ئەمگەك قىلىپ گەپ قىلىۋاتقانلار بىلەن تولا كىرىشىۋالماسلىق كىرەك دىگەن تۇيغۇ ئۇنى ئۆز كەسپىگە ئۈندەيتتى . شۇڭا ئۇ ئۆتكۇنچى جەريانلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ كەتمىدى . كۆز ئالدىدا يۈز بىرىۋاتقان ھەر بىر ئىش ئۇنىڭغا دەرىسلىك ئىدى . ئۇ يەنە سەنئەتكارلارغا كۆز تىكتى . تەڭدىن تولسىى كەيچىلىپككە بىرىلگەندى . ئەمەلدارلارنىڭ . بايلارنىڭ سورۇنلىرىدا كۈڭۈل ئاچىدىغان ئويۇنچۇق بۇلۇپ قالغان سەنئەت پىشۋالىرىغا نەزەر سالدى . ئۇلارنىڭ كەيىپتىن باش كۈتۈرەلمەي يەنە پىشۋا ئاتىلىپ كەسپىدە نەتىجە قازىنىپ كىلىۋاتقانلىغىنى ھەيرەتتە قويدى . ئۇنىڭ نەزىرىدە سەنئەت ۋە ئادەمنىڭ بەدىنىنىڭ ئاناتومىيىلىك بەدەن قۇرۇلمىسىدىن چىققان سادالارنىڭ ئۈزى كەيىپ ئىدى . ھەقىقى كەسىپىكە بىرىلگەن سەنئەتكارغا باشقىچە كەيىپ . ھاراق . نەشە . خىرويىن ۋە باشقىلار ئارتۇقچە ئىدى . چۈنكى دۇنيا تۈرلۈك تۈمەن لەززەت بىلەن تولغاندى . ئاچ قورساققا ئوخىشغان تاماقنى مەززە قىلىپ يىيىش كەيىپ ئىدى . ئۇسسىغاندا سۇنى ئۇچۇملاپ ئېچىش كەيپنىڭ ئەڭ زورى ئىدى . تەرلىگەندە بەدەننى سۆيگەن سەلكىن شامالغا ئۈزىنى پىدا قىلىش كەيىپ ئىدى . ئۇ ئەمدى قايتىپ كەلگەندە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنى سورۇنلارغا تەكلىپ قىلدى . بىراق ھەممىسى چىرايلىقچە رەت قىلىندى . ئەگەر تىز تاماقخانىلارنىڭ ئايرىم ئۆيلىردە ياكى ئۇىنڭ ئۈيىدە ساز چىلىش . تۇز تاماق يىيىش ۋە سۆھبەتلەردە بۇلۇش مۈمكىن ئىدى بىراق . باشقىالرنىڭ دەسمايىسىغا ئايلىنپ قىلىدىغان . ئۆز ئارا خوشامەت قىلىشىدىغان . سورۇن ئارقىلىق ئىش ھەل قىلىدىغان مەخسەتلىك سورۇنلاردا ئابدۇرۇىھىم ھىىيتىنىڭ ئاۋازىنى تاكى ھازىرغىچە ئاڭلاپ باققانلار يوق دەپ كېسىپ ئىيتىشقا بۇلىدۇ . بىراق ھاراق ئىچكەن سورۇندا باشقىلارنىڭ نەزىرىگە چۇشۇشۇشنى تاما قىلىپ ساز چىلىش بۇ سەنئەتكار ئۈزىنى ئۈزى دەپسەندە قىلغان بىلەن باراۋەر ئىدى . شۇڭا ئۇ ھەر قانداق چىرايلىق تەكلىپ قىلىشلارنى رەت قىلدى . پەقەت ۋە پەقەت ئۈزىگە چۈكۈش، ئۈزىگە بىكىنىش ئارقىلىق ئاللا بەرگەن تالانىتنى توغرا يولدا ئىشلىتىش ئۇنىڭ بىردىن بىر نىشانى ئىدى . شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكىگە كىلىپ چالغۇچىلارنىڭ ھەقىقى ئۇيغۇر خەلىقىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سەۋىيىسىدىن گۇمان قىلدى . ئارلىقتا بىرنەچچە ناخشىسىنى رەپتىىس قىلغان بولسىمۇ لىكىن بىر ئۆمەكتىن بىر نەچچە ئادەملەرلار ئۇنىڭ ھۈددىسدىن چىقتى قالغانلىرى ئاساسەن ۋەزىپە ۋە مائاس ئىلىش ئۈچۈنلا ئىدارىغا كىلەتتى ۋە رەپتىىس قىلاتتى . باشقا چاغلاردا بەزىلىرى سودا قىلاتتى . بەزىلىرى تويلارغا باراتتى . ھەممە ئۈزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئەمما سەنئەتنى ھەقىقى تەتقىق قىلىپ ئۇنىڭ بىر پەللىسىگە چىقىشىنى ئويلىمايتتى . ئەمەلىيەتتە ئۈزىگە نان بەرگەن كەسىپكە ئەڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلسا ئۇنىڭ شەرىپىمۇ . مىۋىسىمۇ ئەجىرگە لايىق بۇلاتتى . لىكىن مۇشۇنچىلىك ئەقەللى ساۋاتتىنمۇ خەۋىرى يوق ساپاسىىز ئادەملەر توپى ئۇنى تىخىمۇ يالغۇز قالدۇردى . شۇڭا ئۇ پەقەت خىزمەت ۋاختىدا ئۇلار بىلەن نۇرمال سالام سائەتتە بولغاندىن باشقا يەنىلا يالغۇز ھالەتتە تەتقىقات ۋە ئەمەلى ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولدى . ئۇ شۇ يىللاردا ئۈزىنىڭ ئىقادى مىۋلىىرى توپلىمى بولغان « ۋىجدان سورىقىغا جاۋاپ» نامدىىكى پىلاستىنكسىىنى ئىشلەپ تارقاتتى . پىلاستىنكا ھەر قىتىم بەش مىڭ تالدىن كۈپەيتىلىپ ئومۇمى سانى 50 مىڭ تالدىن ئېشىپ كەتتى . ئۇنىڭدىكى ئېشىق پۇل مال ياكى بايلىق شان شەرەپكە باغلانغان ئېشىق ئەمەس ئىدى . ئۇنىڭ تاللىغان تىمىلىرى ئاساسەن  باشقىلار قورقدىىغان تىمىلار بۇلۇپ ئانا تىلنىڭ زۇرۇرلىگىنى كۆزدە تۇتقان ھامان ئانا تىل ھەققىدە ئېسىل شېئىرلارنى تىپىپ ئوقۇدى . مىللىتىمىزنىڭ شانلىق تارىخنى ئەسلتىىش ئارقىلىق چۈشكۈنلۈككە يۈزلەنگەن كەڭ جەمىيەت ئەھلىنى ئويلىنىش ۋە تەپەككۇرغا ئۈندەيدىغان ئاجايىپ ئېسىل شېئىرلارنى ئاھاڭغا سىلىش بىلەن كۈنلىرىنى ئاۋات قىلدى . ئۇنىڭ ھاياتى ئىجادىيلىق ئىچىدە ئۆتكەچكە ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئىشلار ھەققىدىكى قەسەم قىلىشلار بىلەن تولغان سورۇنلاردا ئۇ يوق ئىدى . ھەشەمەتلىك سارايلاردا بايلارنىڭ خەجلەپ بەرگەن پۇلىدىن پەخىرلىنىپ ياخشى بىر ۋاخ تاماق يىگەنلىگىدىن پەخىرلىنىش ئىچىدە پارقىراپ يۇرىدىغانلار ئارسىدا ئۇنىڭ سايىسى يوق ئىدى . كىملەرنىدۇ تىللاپ . غاجاپ غەيۋىتىنى قىلىدىغان يەردە ئۇ يوق ئىدى . ساختا ھەشەمەت بىلەن يالغان كۈلكىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇ يوق ئىدى . سەنئەتنىڭ كۈكىنى سېتىپ قورسىغىنى باقىدىغانلار ئارىسىدا ئۇ يوق ئىدى . خەلىقنى ئالداپ باشقىلارنىڭ ئىجاد مىۋىلىرى ئارقىلىق نەچچە يۈز سوملاپ بىلەت سىتىپ ھەيۋەتلىك ئىلانلارنى بىرىپ خەلىقنىڭ چۈنتىكىنى قۇرۇغداش ئارقىلىق ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا ئىگە بۇلۇشنى كۆزلىگەن تالانىتلىق ئەمما نىيىتى قارا سەنئەت ئەتكەسچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۇنىڭ ئىسمى يوق ئىدى . ئۆزىنىڭ ھەيۋىتىنى چىرايلىق ماشىنا ۋە بەھەيۋەت ئۆيلەرنى بىزەش ئارقىلىق راھەتتە كىرىلىپ ئاۋازنى ناخشىغا كاللىنى خەلىقنى ئالداشقا قاراتقان يالتىراق چولپانلار ئارىسىدا ئۇىنڭ ئىسمى يوق ئىدى . ئۇ تاشۋايدىن بىر ئەسىر كىين ياشىغان بولسىمۇ لىكىن قورساق بىېقىشىنى ئەڭ ئالى شان شەرەپ دەپ قارىمىدى . نەدە ئاشخانا ئېچىلسا شۇ يەردە پەيدا بۇلۇپ لىنتا كىسىش پائالىيەتلرىىگە قاتناشمىدى . ئۇ پائالىيەتچان بۇلالمىدى . چۈنكى ئۇ ئۈزىنىڭ ئىجادى ھاياتىنى گۈللەندۇرۇپ بىر پەللىنى يارتىىش ئۈچۈن داۋاملىق تەپەككۈر قىلىشقا مۇھتاج ئىدى . قاچانلا قارىسا يالغۇزلۇقتىن قورقۇپ بىر توپ ئادەم بىلەن غەلۋە غەۋغانىڭ ئىچىدە ياشاشنى بىھۇدىچىلىك دەپ قارايتتى . ئۇنىڭ دوسىتلىرى نازىرلار ئەمەس . ۋالى ھاكىملار ئەمەس بەلكى جەميەتنىڭ ئەڭ تۈۋەن قاتلىمىدا ئۈزىنىڭ كۈنلىرىنى ھالاللىق ياشاۋاتقان موزدوز ،ساتىراچ ۋە كىتاپخانا ئاچىدىغان پىكىرى ئوچۇق ئادەملەر بولدى . ئۇ شۇلار بىلەن باراۋەر كەيپىيات ئىچىدە قانغىدەك مۇڭدىشاتتى . ئۇلارغا قانغىچە چىلىپ بىرەتتى . ئىجادىيەتلىرىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئەنە شۇنداق ئاددى ھۈنەرۋەن كاسىپلار ئاڭلايتتى . كىشىنى ئزىىقتۇرۇپ ئاخىرىدا ئادىملىگىنى خار قىلىدىغان ۋە ھەممە ئادەمگە داۋاملىق لازىم بۇلىدىغان « پۇل» نىڭ كەينىدىن قاتراپ ئۆزىنى خار قىلمىدى .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1517
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 138
تۆھپە : 0
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 15:43:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزھال ئەپەندىم. داۋامىنى يوللىمامسىز؟

كۆزۈڭنى يۇم، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-23 19:21:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللايمەن . لىكىن يازغىدەك ۋاقىت بولماي قالدى . ماقالە تىخى يىرىم بولمىدى .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1254
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 182
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 16:50:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزھال يوللىغان ۋاقتى  2012-9-23 19:21
يوللايمەن . لىكىن يازغىدەك ۋاقىت بولماي قالدى . ماقالە  ...

ئابدۇرېھىم ھېيىت مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان سەنئەتكار.
بالدۇرراق يېزىپ پۈتتۈرىشىڭىزگە تەقەززا بولىۋاتىمىز.....
بۇ قېتىم نەشىردىن چىققان 9 قىسىملىق پىلاستىنكىسىنى ئېلىش ئىمكانىيتى بولمايۋاتىدۇ، پوچتىدىن سېلىۋېتىش ئىمكانىيتى بار قېرىنداشلار ياردەم قىلساڭلا بولاتتى....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش