كۆرۈش: 135|ئىنكاس: 2

مىليونىر تىلەمچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1272
تۆھپە : 2
توردا: 499
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 17:48:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مىليونىر   تىلەمچى  


ھىكايە
ئايشەمگۈل بارات

16049.jpg




        دەرىسلىرىمنىڭ كۆپلىكىدىن ئۇزاق بوپتىكەن بازار ئارىلىمىغىلى،ئىمتاھانلار تۈگەپ تەتىلگە ئازلا قالغاچقا ئاكامنىڭ باللىرىغا بىرە نەرسە ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بۈگۈنكى يەكشەنبىلىك پىلانىمنى بازار ئارىلاش قىلدىم.  
    كىرەكلىك نەرسىلەرنى تىزلا ئەپ بولدۇم .بالدۇرلا قايتقۇم كەلمەي دوڭ كۆۋرۈك  ۋە كونسۇل كوچىسى دىكى مىللى پۇراقلارنى سېغىنىپ شۇياقلارنى بىردەم ئارىلاشنى مەخسەت قىلىپ كىتىپ باراتتىم .
    بۈگۈن يەكشەنبە بولسىمۇ كونسۇل كوچىسى ئەتراپىدىكى قايناقچىلىقلار سەل پەسەيگەنمۇ ياكى يول رەستىلەر تەرتىپكە سېلىنغانمۇ يايمىچىلار ھېچ كۆرۈنمەيتتتى ،ئەكسىچە ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان تىلەمچىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئادەم ئارامخۇدامۇ ماڭغىلى بولمايتتى.بۇلارغا قارىسا ئادەمنىڭ ئىچى شۇنچىلىك ئېچىشاتتى.
كىتىۋېتىپ ،   چوڭ يولنىڭ  يان تەرىپىگە ئىككى مىتىردا بىر جايلىشىپ ئۇرۇن ئالغان بىر قانچە تىلەمچىلەرگە ئىختىيارسى كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.بېشىغا ئاق شاپاق دوپپا ،ئۇچىسىغا كۈلرەڭ كۆينەك كىيىپ بىلىنى قارا رەخ بىلەن باغلىۋالغان ئوتتۇز ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئەر، قول ھارۋىسىدا ياتقۇزۇلغان ،يۈزىدىن تارتىپ ئايىغىغىچە ئاق رەخىت بىلەن يوگەپ قۇيۇلغان بىر ئايالنى يەلپۈپ ئولتۇراتتى،قول ھارۋىسىدا ياتقۇزۇلغان ئۇ ئايالنىڭ بەل تەرىپىدىكى ئالقانچىلىق يەردىن ماي تەپچىرەپ تۇرغان بولۇپ قارىغان كىشىنىڭ كۆڭلى ئېلىشاتتى .  
      ئۆتكەن كەچكەنلەر ھەممىسى دىگۈدەك بۇ ئايالغا قارىشىپ ئۆتەتتى ، تۈۋىنى بىر يۈئەندىن يۇقۇرىسى ئون يۈئەنگىچە بولغان پارچە پۇللار ئايالنىڭ ئاياغ تەرىپىگە خېلىلا دۆۋىلەشكەن  بولۇپ،  كۆرگەن كىشى ئىچى ئېچىشقان ھالدا بارىنى تاشلاپ ماڭماي يانالمايتتى. ئاندا ساندا بېشىنى چايقاپ قۇيۇپ كىتىپ قېللىشىدىغانلارمۇ چىقىپ قالاتتى .مىنى بەكرەك ئۆزىگە تارتقىنى ئايالنىڭ يېنىدا تۇرغان  تۇنۇش چىراي بولدى .باشتا دەماللىققا  ئەسلىيەلمىدىم ،ئەمما ئۇنىڭ چېقىر كۆزلىرى بىلەن كۆزۈم ئۇچراشقان ھامان چۆچۆپ كەتتىم.قەدەملىرىم كالۋالىشىپ،تۇرغان جايىمدا خېلىغىچە تۇرۇپ قالدىم .  
         ئىسىمگە بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنقى ئىشلار كىلىشكە باشلىدى.
   ئۇ ئۆتكەن يىلى قىشلىق تەتىلدىكى ئىش ئىدى .مەن ئاكامغا ياردەملىشىپ ئۇنىڭ دۇككىنىغا قارىشىپ بىرىۋاتاتتىم . ئاكامنىڭ دۇككىنىغا ئايالچە كىيىم -كىچەكلەر سېلىنغان بۇلۇپ ،سودىسى تولىمۇ ياخشى ئىدى .بۇ كۈنى ھەم يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا ئادەتتىكىدىن بەكرەك ئادەم كۆپ ئىدى .
  دۇككاندا ئادەم كۆپ بولغاچقا مەن كىرگەن چىققانلارغا قاراپ ئىشىككە يېقىنراق جايدا ئورە تۇراتتىم .شۇ ئارىدا يان تەرىپىمدە بىر ئايالنىڭ ،-
- ھوي بالا ئاۋۇ نوركا پەلتۇنى ئالە ،-دىگىنى ئاڭلىدىم ئۇ تولىمۇ سىمىز بۇلۇپ ئىتىنىڭ كىلەڭسىزلىكىگە باقماي ناھايىتى پوزور كىيىنىۋالغان بۇلۇپ،ياغلىقنى زاڭقىدىن   ياقۇت كۆزلۈك قىسقۇچ  بىلەن بىرسى تارتىپلا ئېلىۋېتىدىغاندەك چىڭڭىدە قىسىپ قويغان ئىدى . ئۇستىدىكى تۈلكە ياقىلىق پەلتۇسى نىڭ تۈگمىلىرى ئارانلا ئىتىلگەن بۇلۇپ ،بىر يەرلىرىدىن ئۈزىگە خوپ كەلمىگەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.  ھەر بىر قولىنىڭ تۆتتىن بارمىقىغا سېلىۋالغان ئالتۇن ئۈزۈكلەر ،كىرلاشقىنىدىن  پاقىراقلىقىنىمۇ يۇقاتقان   .يېنىدا شۇ ئايالغا ئوخشاشلا كىيىنىۋالغان ياشراق يەنە توت چوكان تۇراتتى .
    - ئانىكا ،مۇشۇ پەلتۇ زادى سىلىنىڭكىكەن جۇمۇ ، ئەڭ يېڭسى ،ھەم ھەممىدىن قىممىتى مۇشۇ. ئۈلۈشكۈن كۆرۈپ قويغانىدىم ، سىلىگە بەك يارشىدۇ  چۇقۇم،- دىدى ئارىدىكى ياداڭغۇراق كەلگەن بىرسى  ،- كىيىپ باقسىلا  بىر كۈرەپ باقىلى ئانىكا  
    مەن ئۇلارنىڭ كىينىشلىرىگە  قاراپ ،قايسى سودىگەرلەرنىڭ خۇتۇن، قىزلىرىدۇ بۇ دەپ خىيال بىلەن قالغان ئىدىم.
  -ۋۇيىت غوجام ھوي،ماۋۇ پەلتۇنى سورىدۇق سىلىدىن ،نىمانداق بەز يگەن مۈشۈكتەك  ھاڭ ۋېقىپ تۇرىدۇ بۇ بىر نىمە ؟ -دىدى ھېلىقى ياشتا چوڭ ئايال ھاياسىزلىق بىلەن .
ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ ئۈزۈمنى بېسىۋېلىپ ،ئاكامدىن پەلتۇنىڭ باھاسىنى سوراش ئۈچۈن ئىچكىركى دۇككانغا مېڭىشقا تەمشەلدىم .
   -ۋاي نىمانداق قىلىدۇ ماۋۇ يالاڭتوش ھارىمى،ساڭا گەپ قىلدۇق بىز،-دىدى ئۇ ئايال
شۇنچىلىك ئاچچىقىم كەلدىكى كەينىمگە بۇرۇلۇپلا ،غەزەپ بىلەن ھېلىقىلارغا قاراپ تۇرۇپ،-
  -بۇ سەت سىمىىز  ئىتىڭگە ،بۇ نوركا پەلتۇنى كەيسەڭ  خۇددى  قارا ئېيىققىلا ئوخشاپ قالغۇدەكسەن چوڭ ئا.....،-
گىپىم تۈگە -تۈگىمەيلا ،چاڭڭىدە تەككەن  بىر تەسسەكنىڭ كۈچىدىن كەينىمگە سەنتۈرىلىپ يېقىلىپ كەتتىم .
ھېلىقىلار ئەتراپىمنى ئورىۋېلىپ تۇرۇپ، ھەدەم مىنى تىللىغىلى تۇردى .
   - ھۇ ھارامى قانجۇق ،كىمنى دىدىڭ سەن ھې؟ مەن دىگەن ئىخلىمخان پاشا جۇمۇڭ بىلىپ قوي ،كۆتەكتەك يەتتە ئوغلۇم بار  بۇنداق مايماق دۇككىنىڭدىن يۈزنى سېتۋالغۇدەك كۈچۈم بار،قېنى داداڭ دىگەن پوق ساقال، چىقە ۋاي  قېرى ھاجىم  ماياققا.......
     ئاكام ئىچكىرىدىن چقىپ ،ئۇلارنى ئىتتىرىپ دۇككاندىن چىقىرىۋەتتى.   مەندىن بۇئىشلارنى سوراشقا ئۈلگۈرمەيلا دۇككان ئىچىگە بىر- بىرىدىن بەستىلىك كەلگەن توت بەشدەك ئەر كىشى ھۆكىرەپ ئارقا- ئارقىدىن باستۇرۇپ كىردى .
ئاكام كەمسۆز ، ئىسىل ئادەم ئىدى . چوڭ بۇلۇپ مۇشۇ چاققىچە بىرەسى بىلەن تالاش- تارتىش قىلغىنىنىمۇ ئۇقمايتتىم .مەن ئەھۋالنى چۈشەندۈرگەن بولساممۇ ،ئۇلار دۇككاندىكى كىيىملەرنى يەرگە ئاتقىلى تۇردى. بىردەمدە ئەتراپقا ئادەم دوۋىلىشىپ كەتتى .دۇككان قوشنىلار ، بۇلارغا توغرا  گەپنىڭ ئاقمايدىغىنىنى بىلىپ چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىشقا چۈشتى .ئاكام خۇددى مىڭ تۈمەن تاش بېسىۋالغاندەك ئۇلارنىڭ ئالدىدا  ئېغىر تىنىپ ،قاپىقىنى تۈرگەن ھالدا گەپ- سۆزمۇ قىلماستىن قاراپ تۇراتتى .
ھايال ئۆتمەيلا قولىغا قىرىق سانتىر كەلگۈدەك قىڭراق كۆتۈرىۋالغان چېقىر كۆز بىرسى كىرىپ كەلدى ۋە ئاكامنىىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ كەلدى .
مەن ئوقتەك بېرىپ ئاكامنىڭ ئالدىغا ئۈتىۋالدىم .
ئۇ مىنى گەدىنىمدىن  تۇتۇپ ،خۇددى قۇچقاچنى كۈتۈرگەندەك كۈتۈرىۋىدى ئاكام ۋە ئەتراپتىكىلەر ھەممىسى ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ يالۋۇرۇڭشقا باشلىدى . مەن خۇددى  قىسماققا  چۈشكەن چاشقان بالىسىدەك ئۇنىڭ قولىدىن ئاجراش ئۈچۈن تىپىرلايتتىم .
   -  قادىر ئۇكام، .ئۆزۈڭگە ھاي بەر ،- دىدى ئارىدا ياشقا چوڭراق كەلگەن بىرسى ،- ساۋۇت ھاجىم  بۇ ئۇكىمىزنىڭ ئاچچىقى يامان .ئەمدى بۇ ئىشنى قانداق قىلىمىز گەپ قىلسىلا ،-دىدى  ئاكامغا
   - سىلى قانداق بولسۇن دىسىلە شۇنداق قىلىلى ، ئاۋال ئۇكامنى قويىۋەتسۇن   دىسىلە ،-دىدى ئاكام يۈزلىرى پوكاندەك قىزارغان ھالدا جىددىلىك بىلەن

    - بۇ كۇسپۇرۇش ئانامنى ھاقارەت قىلىپتۇ بۇنىڭ بەدىلىنى تولىسۇن ئەمدى  
   - ھاي، ھاي ئۆزڭگە ھاي بەر ئۇكام ،- دىدى ئاكام يالۋۇرۇپ ،
ئەتراپتىكى كىشىلەر ھەممىسى ھەيرانلىق ئىچىدە ياقىلىرىنى تۇتۇپ ئۇلارغا نەپرەت بىلەن قارىشىپ تۇراتتى .
   - بىز سىلەرنى ئوبدان رازى قىلايلى
ئاكامنىڭ گىپىدىن كىيىن ،ئۇ مىنى بىر ئىتتىرگىنىچەقۇيۇۋەتتى  .مەڭزىلىرىم ئوتتەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى .
ئاكام بىلەن چوڭ ئاكىسى ئىچكىركى دۇككاندا بىردەم پاراڭلاشقاندىن كىيىن .دۇككان ئالدىغا قاتار توختىتىپ قۇيۇلغان ئۈچ دانە داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارغا  ئولتۇرۇشۇپ كىتىپ قېلىشتى .ھېلىقى چېقىر كۆز ماڭا دىۋەيلەپ بىر كىلىۋېتىپ ،ساپسېرىق  ئۈستى ئۇچۇق جىپ ماشىنىنى غەزەپ بىلەن ئېچىپ ،بولىشىغا تولغىما مۇزىكىنى قۇيۇپ بەرگەندىن كىيىن  ،چىقىرىتىپ تۇرمۇز قىلغان ھالدا ئۇچقاندەك  ھەيدەپ كىتىپ قالدى .
مەن ھازىر قاراپ تۇرغان چېقىر كۆز دەل ئاشۇ  ئىدى .   
كىيىنكى ئىشلارنى ئويلىسام  كۆڭلۈم تېخىمۇ غەش بۇلىدۇ .
   دۇككاننى تاقاپ ئويگە كىرسەك ،رەھمەتلىك دادام ،ئاچا- سىڭىل ئاكىلىرىم بىلەن يىغلىپ ،خۇددى ماتەم بولغاندەك ئۈن- تىنسىز ئولتۇرىشاتتى .دادامنىڭ يېنىدا ئاغىنىسىنىڭ ئوغلى ناھىيلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ھىمىتكاممۇ بار ئىدى .
  ھىمىتكام مىنىڭ بېشىمنى يىنىك نۇقۇپ تۇرۇپ،
   -ۋۇ ئالدىراڭغۇ كەپسىز، ھەممىسىگە خاپىىلىق تېرىپ  بەردى مانا،- دىدى مەن خىجىللىقتا تېخىىمۇ ئوپكىدەك قىزىرىپ كەتتىم ،- مۇنداق بولسۇن ھاجىكا،  بۇ ھېلىم پاشا دىگەن« تىلەمچى  مەھەللىسى »نىڭ زومىگىرى ،ھەمىمىز بىلىمىز بۇنى .قانۇننى بىلمەيدۇ ، يۈزمۇ يوق خەق بۇ،نوچىلىق قىلغىنى بىلەن  قىش بولسىلا چوڭ شەھەرلەردە  خۇتۇن بالا چاقىسىنىڭ ئۇ يەر بۇ يىرىنى تېپىپ قۇيۇپ تىلەمچىلىك قىلىدۇ. يازدا مۇشۇنداق تاپقىنىڭ راھىتىنى سۈرىدۇ ،بىر سىلى ئەمەس نۇرغۇن ئادەمگە ئاھانەت قىلغان پەسەندىلەر بۇلار ،بىز قانۇن بۇيىچە چارە كۆرسەك ، ھاكىم لارنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرىۋېلىپ جىدەل تېرىيدۇ . مۇشۇندق پالتا -پىچاق كۆتۈرۈپ جىدەل تېرىيدۇ . پۇل بىرىپ خەقنى يالغان گۇۋالىققا سېلىپ بىزنىمۇ بەك ئوسال قىلغان. سىلى  ھەممىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر يۇرتنىڭ چوڭى، ساۋۇت ھاجىممۇ   يۇز- ئابرويلۇق كىشى ،بۇلار بىلەن ئېتىشساق ئۈزىمىزنىڭ يۈزىمىزنى تۈكىۋالىمىز ھاجىكا .پوققا چالما ئاتساق يۈزگە چاچرايدۇ دىگەن گەپ بار .ئانىمىزنى ھاقارەت قىلدى تولەم بەرسۇن دەپ بۇ يۈزسىزلەر ئىدارىغا كىلىپ ئولتۇرىۋالدى . .ئەمدى بىز ئېغىر - بېسىق بولايلى .ئۇنىڭ جاجىسىنى بىردىغانلارمۇ چققىپ قالار .قىز باللا داستىخان تەييارلىسۇن ، ھاجىكا سىلى چىقمىسىلا مەن ساۋۇت ھاجىم  ،بىلەن بىرگە چىقىپ ھۆزۈر قۇيايلى،- دىدى تولىىمۇ ئېغىر تىنغان ھالدا
   -  رەھمەتلىك دادامنىڭ   ئاپئاق ساقىلى يىنىك تىترەپ تۇراتتى .ئىنىقكى ئۇ ئاكامنىڭ بۇخورلۇققا ئۇچرىشىنى خالىمىسىمۇ لېكىن يەنىلا ئامالسىز بېشىنى لىڭشىتتى    ئاكاملار ھېلىقى نەچچە ئونمىڭ- يۈئەنلىك پەلتۇنى ئېلىپ چىقىپ ئۇلاردىن ھۆزۈر تىلىگەن بولدى بۇ ئىشمۇ شۇنىڭ بىلەن بېسىقتى .
نەچچە ئايغىچە  ئاكامنىڭ چىرايى پەقەت ئېچىلمىدى ،ئۇ پەلتۇ ئۈچۈن ئەمەس ئەكسىچە بۇ ئىزا- ئاھانەتتىن  بەكمۇ تەستە ئەسلىگە  كەلگىنىنى ھەمىمىز سىزىپ تۇراتتۇق .
ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئادەمگە نەپرەت بىلەن قاراپ ئۇزاققىچە تۇردۇم . ئايالنىڭ ئۈستىدىكى رەخىتنى ئېلىپ ئەپتى- بەشرىسىنى ئېچىۋەتكۈم كىلىپ كەتتى .ئەمما يەنىلا ئۇنداق قىلالمىدىم .

      كىتىۋاتىمەن ،يول بۇيى ئۇچراۋاتقان بارتلىق تىلەمچىلەر ئۇلارنىڭ جەمەتىدەك كۆرۈنۈپ نەپرەت بىلەن قارايمەن .بۇ جاھاننىڭمۇ سورىقى باردۇ،ئۇلاردىنڭمۇ سورىقىنى ئالىدىغان ۋاقىت كىلەر دەپ ئۆزۈمنى زورىغا بېسىپ مېڭىۋاتىمەن .



يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،
ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.
idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1503
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 870
تۆھپە : 5
توردا: 178
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 18:36:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەدىئىيلىككە يەنىمۇ كۈچەش كېرەك ئىكەن دەپ قارىدىم، تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي ھەدە...

يىراقتىن بىر قارا كۆلەڭگە ماڭا قاراپ كەلمەكتە...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2108
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1187
تۆھپە : 0
توردا: 747
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 23:29:38 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇسى ناھايىتى جايىدا قۇيۇلۇپتۇ.ئاڭلىسام مۇشۇنداق ئادەملەر كۆپۈيۈپ قېلىۋاتىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش