ئەڭ ئاخىرقى پەيت
جۇ خەيلىياڭ
ئابلەھەت باھايىدىن تەرجىمىسى
يىگىت بىلەن قىز تاغقا سەيلە قىلىغىلى چىققىنىدا ، تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتتى ، ئۇلار بىر خىلۋەت ئۆڭكۈرگە كىرىپ پاناھلىنىپ، يامغۇرنىڭ توختىشىنى كۈتتى . ئۆڭكۈردە خېلى ئۇزاق تۇرغان بولسىمۇ ، يامغۇر توختايدىغاندەك قىلمايتتى ، يامغۇر شامال بىلەن بىرلىشىپ ،پۈتكۈل تاغنى تەۋرىتىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى ، يىگىت ئەندىشە قىلغان ھالدا قىزغا : << يامغۇر توختايدىغاندەك قىلمايدۇ، شۇنداقتىمۇ قايتىۋېرەيلىمۇ ؟ >> دېدى.
ئۇلار كېچىككەن ئىدى . ئۇلارنىڭ كۆز ئالدى بارا – بارا قاراڭغۇلىشىپ، ئاخىرى ئۆڭكۈر ئاغزى كۆرۈنمەي قالدى . قاتتىق يامغۇر تاغ كۆچكۈنى پەيدا قىلغاچقا ، ئۈستىدىن قورام تاشلار چۈشۈپ ئۆڭكۈر ئاغزىنى ئەتمەكتە ئىدى . بىردەمدىلا قاراڭغۇ چۈشتى ، قىز قورقىنىدىن يىگىتنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى .
يىگىت قىزنى قورقماسلىققا ئۈندەيتتى.
ئۇلار ئۆڭكۈر ئاغزىدىكى قورام تاشنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن خېلى ھەپىلەشتى ، لېكىن ئۈنۈمى بولمىدى . قورام تاشلار توپلىنىپ ، بىر مۇستەھكەم تاش تام ھاسىل قىلماقتا ئىدى . ئۆڭكۈرنىڭ باشقا تەرەپلىرىدە چىقىش ئېغىزى يوق ئىدى . ھېلىمۇ ياخشى ، بىر كىچىك يوچۇقتىن ئۆڭكۈرنىڭ سىرتىنى كۆرگىلى بولدى .سىرتتا ئۆڭكۈر تېمىنى سۇ يالاپ ئېقىۋاتاتتى ، بۇنى كۆرۈپ يىكىت ئۈمۈدلەندى – دە ،قىزغا :<< ھازىر بىزدە ھاۋا، سۇ يېتەرلىك ،يەنە ئۆڭكۈر سىرتىدىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىۋاتىدۇ ، قورقماڭ>>دېدى .
ئۇلار بىردەم بىردەم يەرگە چىڭ چاپلىشىپ ، ئاشۇ تار يۇچۇقتىن يۇقىرى ئاۋازدا قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلاتتى . ئادەتتىكى بۇ تاغقا دورا كولايدىغانلاردىن باشقا ئادەم كۆپ كەلمەيتتى . . ئۇلار توپتوغرا بىر كۈن ۋارقىرىغان بولسىمۇ ، ئاۋازىنى ھېچكىم ئاڭلىمىدى .
ئەتىسى ئۇلار داۋاملىق قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ ۋارقىرىغان بولسىمۇ ، يەنىلا ئۈنۈمى بولمىدى .
ئۇنىڭ ئەتىسىمۇ شۇنداق بولدى .ئۇلار ئىنتايىن ھالسىزلانغان ئىدى .قىز يىگىتنىڭ قۇچۇقىدا ياتاتتى،قىزنىڭ گەپ قىلغۇدەك ماجالى قالمىغان ھەم ئۇزاققىچە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغاندەكلا قىلاتتى ، ئەمىلىيەتتە يىگىتمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىدى . يىگىت ئاۋالقىدەكلا قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلاتتى، ئۇنىڭ ئاۋازى تار كىچىك يۇچۇقتىن چىقىپ تېزلىكتە تاغ ئورمانلىرىغا تارقىلىپ، ئىز دېرەكسىز يوقىلاتتى. ئۇنىڭ كانىيى يىرتىلىپ ،جاۋغىيىدىن قان چىقىۋاتاتتى .
تۆتىنچى كۈنى يىگىت يەنە توپتوغرا بىر كۈن ۋارقىرىدى . .قىز ھۇشسىز ياتاتتى ، يىگىتنىڭ بۇغۇزىدىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى . ئۇ قىزنىڭ يېنىدا ياتاتتى ، ئۇنىڭ ئەمدىلىكتە ئۆمىلەشكىمۇ قۇربى يەتمەيدىغاندەك قىلاتتى . ئۇنىڭ كۆزى ئاشۇ ئۆڭكۈر يۇچۇقىغا تىكىلگەن ئىدى، ئۇ ئۆڭكۈر سىرتىدىكى قۇياش نۇرى ۋە ئوت - چۆپلەرنى كۆردى – دە . ي ھاياتلىق ئۈمىدى تۇغۇلغاندەك بولدى، بىراق ئۇنىڭ ماغدۇر قالمىغان ئىدى . بۇ ۋاقىتتا يىگىتكە ئۆڭكۈر سىرتىدىن ئاۋاز ئاڭلاندى .
ئەسلىدە كەنت ئاھالىسىدىن بىرنەچچەيلەن ئۇلارنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى . ئۇلار يىگىت بىلەن قىزنىڭ ئىككى كېچە - كۈندۈز كەنتكە قايتمىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ، ئۇلار بىرەر پىشكەللىككە يولۇققان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىپ ،ئىزدەپ كېلىشكەن ئىدى . بىراق كەنت ئاھالىلىرى ئۇلارنىڭ تاغقا چىققان - چىقمىغانلىقىنى بىلمەيتتى .يىگىت بىلەن قىز يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ، ھېچكىمگە ئېيتىپ قويمىغان ئىدى . كەنت ئاھالىلىرى تۇيغۇسى بويىچە بۇ يەرگە ئۇلارنى ئىزدەپ كەلگەن ئىدى .ئۇلار ئۆڭكۈر سىرتىدا تۇرۇپ ، يىگىت بىلەن قىزنى چاقىردى .لېكىن ئۆڭكۈر يۇچۇقىنى كۆرمىدى .
يىگىت ئۈمۈدلىنىپ ، ئىنتايىن خۇشال بولدى . .ئۇ قىزنى يىنىك سىلكىپ ئويغاتتى .لېكىن قىزنىڭ ماجالى قالمىغاچقا ، يېنىدىكى ئۇششاق تاشلارنى ئۆڭكۈر تېمىغا ئېتىپ ،سىرتتىن ئاۋاز كېلىشىنى كۈتەتتى .
يىگىت بىلەن قىز كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆڭكۈر سىرتىدا ئىكەنلىكىنى بىلەتتى . ئۇلار يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەسلىھەتلىشىپ يەنە باشقا جايلارنى ئىزدەپ باقماقچى بولۇشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى .مۇبادا ئۇلار بۈ يەردىن كېتىپ قالسا ، قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئۆلۈمدىن باشقا يولى قالمايتتى . يىگىت ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ، يېنىدىكى خەنجىرى بىلەن ئىككىلەنمەيلا بوينىنى كەستى . يىگىتنىڭ بويۇن تومۇرىدىن ئېتىلىپ چىققان ئىسسىق قان تار يوچۇقنى بويلاپ ، ئۆڭكۈر سىرتىغا چىقتى .
كەنت ئاھالىلىرى تۇيۇقسىز يۇچۇقتىن چىقىۋاتقان قاننى كۆرۈپ بىر ھازا ھاڭ تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتى .ئارقىدىن دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ، يوچۇق ئەتراپىدىكى قۇرام تاشلارنى ئېلىشقا باشلىدى . ئاخىرى قىز قۇتقۇزۇۋېلىندى ، لېكىن يىگىت ئۆلۈپ كەتتى . ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە، يىگىت ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ، ئۆز قولى بىلەن ئۆز ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى . يىگىت جىمجىتلا كېتىپ قالدى . قىز ئاخىرقى دەقىقىلەردە ، يىگىتنىڭ پەس ئاۋازدا ئۈزۈپ – ئۈزۈپ ئېيتقان << سىزنى ياخشى كۆرۈمەن >> دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغاندەك بولدى .
‹‹小小说选刊›› ‹‹كىچىك مىكرو ھېكايىلەر ›› ژورنىلىنىڭ 2010 – يىل 24 – سانىنىڭ 28- 29 – بەتلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى .
2012- يىل 1- ئاينىڭ 30 – كۈنى << تۇرپان گېزىتى >> دە ئېلان قىلىنغان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.باھايدىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-15 21:28