كۆرۈش: 204|ئىنكاس: 5

يەنە مەشرەب ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1185
تۆھپە : 32
توردا: 348
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 17:03:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يەنە مەشرەب ھەققىدە


ئىسمەتۇللا ئابدۇللايوۋ(ئۆزبېكىستان)

                                                                mashrab2.jpg

  1991-يىل 13-ئاپرىل جۇمھۇرىيەت بويىچە مەشرەبشۇناسلار، پەنلەر ئاكاد ېمىيەسى ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمىگە تەكلىپ قىلىندى. لېكىن ئاكادېمىيەدە قانداقتۇر ئىش چىقىپ قېلىپ، يىغىن 15-ئاپرىلغا قالدۇرۇلدى. 13-ئاپرىلدا سەمەرقەندلىك مەشرەبشۇناس ج. يۈسۈپوۋ تاشكەنتكە كەلدى. ئۇ مەشرەبنىڭ نامانگاندا تۇغىلغانلىقى راسىت، لېكىن ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى 1640-يىلى ئەمەس،بەلكى 1653-يىلى دېگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىرىنى بىر ۋاراق قەغەزگە يېزىپ ماڭا بېرىپ كەتتى.  خەتتە مەشرەبنىڭ نامانگاندا تۇغىلغانلىقى ئىلمىي دەلىللەشلەر ئاساسىدا ئىسپاتلىنىپ، شائىرنىڭ تۇغىلغان يىلى 1653-يىلى دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى. خەتتە يەنە، شائىر 1664–يىلىدىن 1668-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا موللا بازارئاخۇننىڭ قولىدا ئوقۇغان،1669–1670يىللىرى سەمەرقەندكە ساياھەتكە بارغان، 1671–يىلىدىن 1690-يىللىرى ئارلىقىدا قەشقەردە بولغان، ئاندىن ماۋارائۇننەھىرگە  سەپەر قىلغان،ئۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىل مەشرەبنىڭ چەتئەل سەپىرى بولغان، دەپ كۆرسىتىلگەنىدى.

      1991-يىلى 15-ئاپرىل كۈنى ئۆزبېكىستان پەنلەرئاكادېمىيەسى ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمىدىكى يىغىلىشقا مەشرەبشۇناسلاردىن ھ.غۇلام، ئە.قەييۇموۋ، ئە.ھېيىتمەتوۋ، ئە.ئابدۇغاپۇروۋ، م،راكىروۋ، ئى. غاپۇروۋ، ھ.مۇھەممەدخوجايوۋ، «ئوزبېكىستان ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى»گېزىتىنىڭ بۆلۈم باشلىقى م.سەئدىي قاتارلىقلار قاتناشتى، ئەلۋەتتە مەنمۇ شۇلار قاتارىدا بار ئىدىم. يىغىلىشتا مەشرەبنىڭ ھاياتىغا ئائىت بەزى قالايمىقانچىلىقلار ھەققىدە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلىپ، شائىر مەشرەب 1640-يىلى نامانگاندا تۇغۇلغان ۋە 1711-يىلى بەلختە دارغا ئېسىلغان؛ ئۇنىڭ تەۋەللۇتىغا 350 يىل بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك خاتىرلەش پائالىيىتى، مەشرەبخانلىق كۈنلىرىنى يۈكسەك سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈش لازىم، دېگەن قارار قوبۇل قىلىندى.

     مەن يىغىلىشتا ج. يۈسۈپوۋنىڭ خېتىنى ئوقۇپ بەردىم. ئۇنىڭ مەشرەب 1653 -يىلى تۇغىلغان دېگەن پىكىرىنى ئىلمىي ئاساسى يوق، دەپ ھېچ كىم قۇبۇل قىلمىدى.بۇ قېتىمقى يىغىلىش ھەققىدىكى سۆھبەت م. سەئدىي تەرىپىدىن «ئۆزبېكىستان ئەدەبىياتى ۋە سەنئەتى»گېزىتىنىڭ 1991-يىللىق 17-ماي سانىدا ئېلان قىلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن،جۇمھۇرىيەت مەتبۈئاتلىرىدا نەشر قىلىنغان ھەممە ماقالىلاردا مەشرەب 1640-يىلى نامانگاندا تۇغىلغان دەپ،يېزىلدى. 1992-يىلى مەشرەب تۇغۇلغانلىقىنىڭ  350 يىللىقى ئەلىشر ناۋائىي نامىدىكى چوڭ تئاتردا تەنتەنىلىك تەبرىكلەندى. بۇلاردىن ج. يۈسۈپوۋ خەۋەردار بولۇشى كېرەك.

      كېيىن مەن مەشرەبنىڭ چوڭ ھەجىملىك پەلسەپىۋى-ئەخلاقىي ئەسىرىنى ئەڭ ئىشەنچلىك قوليازمىغا سېلىشتۇرۇپ، نەشرگە تەييارلىدىم، بۇئەسەر خېلى كەڭ سۆزبېشى ۋە ئىزاھلىرى بىلەن 1994-يىلى «پەن»نەشرىياتىدا بېسىلىپ چىقتى. شائىرنىڭ «كىميا»ناملىق كىتابى («نامانگان»نەشرىياتى،1999)،«ئىلىفنى دىلغا جا قىلماقنى بىسمىللاھتىن ئۆگەندىم»ناملىق نەشر قىلىنمىغان شېئىرلار توپلىمى («نامانگان»نەشرىياتى، 1999)،«مەشرەب ھىكمەتلىرى»ناملىق رىسالىسىنى («نامانگان»نەشرىياتى، 2000) نەشر قىلدۇردۇق. 1995-يىلى ئې. ر.مۇسۇلمانقۇلوۋ«رەھىم بابا مەشرەب ۋە ئۇنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى تەلقىنى» دېگەن تېمىدا نامزادلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقىلىدى. م.ھاشىمخانوۋمۇ، مەشرەبنىڭ دۇنياقارىشى ھەققىدە نامزادلىق دىسسېرتاتسىيەسىنى ياقىلىدى ۋە ئۇنىڭ«مەشرەب ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىجتىمائىي پىكىر تەرەققىياتى» (تاشكەنت، 1994-يىل) ناملىق كىتابى نەشر قىلىندى. بۇلاردىن باشقا، ژۇرنال، توپلام ۋە گېزىتلەردە،ئەنئەنىۋى مەشرەبخانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي-ئامماباپ ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مەشرەبنىڭ 1640-يىلى تۇغۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

     نىھايەت،«يازغۇچى»گېزىتىنىڭ 1998-يىللىق 15-،28-ئاۋغۇست سانلىرىدا جالالىدىن يۈسۈفىي (يۈسۈپوۋ)نىڭ«ئۇنى دىۋانەئى مەشرەب دەرلەر »ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىسى ئېلان قىلىندى. مۈئەللىپ كېيىنكى ۋاقىتتا ئۆزى تەتقىق قىلغان مەنبەلەر ئاساسىدا مەشرەبنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادى ھەققىدە يېڭى پىكىرلرنى ئوتتۇرىغا قويغان،شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىن مىساللارنى كەلتۈ رۈپ،ئۇلارنى تەھلىل قىلغان.«مېھرىبانىم، قايدىسەن»ناملىق توپلىمىدا ئوتتۇرىغا قويغان بەزى پىكىرلىرنى قىسمەن تەكرارلاپ ئۆتكەن. بۇ ماقالارنى كېيىنكى ۋاقىتتا مەشرەبشۇناسلىققا قوشۇلۇشغان يېڭى ئىجادىيەت مەھسۇلى سۈپىتىدە تەن ئېلىش كېرەك. ئەمما،بىز بۇ يەردە، جالىدىن يۈسۈپوۋنىڭ مەشھرەب ھەققىدىكى ماقالىردا يول قويۇلغان بەزى قالايمىقانچىلىقلار ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى لازىم تاپتۇق. مۇئەللىپ شائرمەشرەبنىڭ ئۆزى نەشر قىلدۇرغان«مېھرىبانىم قايدىسەن» (تاشكە نت،1990) ناملىق دىۋانىغا يېزىلغان كېيىن سۆزى (خاتىمە)دە مەشرەبنى 1653-يىلى تۇغۇلغان،دەپ كۆرسەتكەن ۋە بۇنىڭ بىلەن شۇ كۈنگىچە بولغان ھەر خىل قاراشلارغا چەك  قويىلغانلىقىغا ئىشارە قىلىپ:«ئەمما 1994-يىلى «پەن»نەشرىياتىدا بېسىلغان مەشرەبنىڭ«مەبدەئى نۇر»دېگەن نام بىلەن كىتابىغا يېزىلغان مۇقەددىمىدە بابارەھىم مەشرەب ھىجرىي 1050- (مىلادىي 1640-يىلى) يىلى نامانگان شەھىرىدە نامرات بۆزچى بابارەھىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى،دەپ يازغان. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار شائىرنىڭ بىر مۇخەممىسىدە ئېيتىلغان:

ياشى يەتمىش بىرگە كىرگەن

بەندەئى رەددى پەلەك،

مارۇ كاجدۇملار بىلەن

تولغان دىلىدا رەيبۇ شەكك–

     بېيىتىدىكى «يەتمىش بىر ياش»قا ئېسىلىۋېلىپ،ئۇنى(مەشرەبنى) ھەمىيشە 1640-يىلى تۇغۇلغان دەپ يېزىشىدۇ،بۇ تەخمىندىن باشقا نەرسە ئەمەس».

     ج. يۈسۈفىي بۇ پىكىرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن«دىۋانەئى مەشرەب»نىڭ قوليازمىلىرىدا«ياشى توخسان بىرگە كىرگەن»،«ياشى يەتمىش بىرگە كىرگەن» دېگەندەك قۇرلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان. بىز بۇنى«قىسسەئى مەشرەب»نىڭ ھېچ قانداق بىر نۇسخىسىدىن ئۇچرىتالمىدۇق. م.زاكىروۋ تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلىنىپ،«شەرق يۇلتۇزى»ژۇرنىلىدا پارچىسى ئېلان قىلىنغان«تەزكىرەئى قەلەندەران»ناملىق ئەسەردە؛«ھەزرىتى مەشرەب مەۋتلەرى ئەيامىدا ئۆمۈرلىرىدىن ئەللىك سەككىزچە سانا ئۆتكەن ئىدى»دېگەن جۈملىنى ج.يۈسۈفىي دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن. ئۆزبېكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە بولۇپ ئۆتكەن بىر قېتىملىق يىغىلىشتا، م.زاكىروۋدىن ئاشۇ«تەزكىرەئى قەلەندەران»نى بىرەرسىمىز گە كۆرسىتىشنى سورىغىنىمىزدا:«مەن 25 يىل بۇرۇن بىرسىدىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇغانمەن، ئۇ كىشى بىر قېتىملىق كەلكۈن ئاپىتىدىن قېچىۋاتقاندا كىتاب قولىدىن سۇغا چۈشۈپ كېتىپ، يوقىتىپ قويغان»،– دېدى. شۇيىغىندا «شەرق يۇلتۇزى»ژۇرنىلىنىڭ مەنبەنى كۆرمەي، ھېچ يەردە يوق نەرسىنى ئېلان قىلغا نلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدۇق. ھەممە كىتاب ۋە ماقالىلاردا مەشرەب 1640-يىلى تۇغۇلغان دەپ،كۆرسىتىپ كېلىنگەنلىكىنى، جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ داڭلىق مەشرە بشۇناسلىرى-ئاكادېمىكلىرى،پەن دوكتورلىرى ۋە پەن نامزادلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ قارارى«تەخمىندىن باشقا نەرسە ئەمەس»، پەقەت ج.يۈسۈفىينىڭ پىكىرىلا ھەقىقەتمۇ؟ ئاكادېمىك ۋاھىد ئابدۇللايوۋنىڭ«ئوزبېك ئەدەبىياتى تارىخى»، ئا.ئابدۇغاپۇروۋنىڭ«ئوزبېك ئەدەبىياتى تارىخى»نىڭ ئاكادېمىك نەشىرىگە يازغان كىرىش سۆز ئورنىدىكى چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ماقالىسى ۋە باشقا بىر قانچە ئەسەرلەر، ئاكادېمىك م.خەيرۇللايوۋ نەشرگە تەييارلاغان«بۈيۈك سىمالار، ئەللامەلەر»ناملىق توپلامىنىڭ ئۇچىنچى كىتابى (تاشكەنت، 1997) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرىدا تىلىمىزغا ئېلىپ ئەتكەن بىر قاتار ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرىدە مەشرەبنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى 1640 (1050)-يىلى دەپ كۆرسەتىلگەن، بۇلارنى رەت قىلىش، ئۆز پىكىرىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇ ېلىش ئىلمىيلىك ئەمەس.

     «قىسسەئى مەشرەب» ۋە باشقا بارلىق مەنبەلەردە مەشرەبنىڭ موللا بازار ئاخۇننىڭ قولىدا يەتتە يىل، يەنى 15 يېشىغىچە تەلىم ئالغانلىقى، ئۇستازنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇنى 1665-يىللىرى قەشقەرگە-ئاپاق خوجىنىڭ دەرگاھىغا ئەۋەتكەنلىكى، پىرنىڭ ھوزۇرىدا يەتتە يىل تەلىم ئالغانلىقى، كېيىن نامانگانغا كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، شائىرنىڭ سەرگۈزەشتلەرگە باي ساياھەتلىرى باشلانغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇ 21-22 ياشلاردا بولغان. ج. يۈسۈفىينىڭ ماقالىسىدە «1668-يىلى ئىلىم ئىزدەپ سەمەرقەندكە كېلىدۇ»، دېيىلگەن. ئەگەر،ئۇ 1653-يىلى تۇغۇلغان بولسا، 15 يېشىدا سەمەرقەندكە بارغان بولۇپ چىقىدۇ-دە،بۇ ھېچ قانداق ئىلمىي ئاساسقا ئېگە  بولمىغان خۇلاسە بولغان بولىدۇ. مەشرەبنىڭ ئەسەرلىرىنى تۇنجى بولۇپ ئىلمىي تەتقىق قىلغان رۇس شەرقشۇناسى ن.س. لىكوشىن (1860-1922) مەشرەب ھەققىدىكى قىسسەنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، 1915-يىلى سەمەرقەندتە سۆزبېشى ۋە ئىزاھلىرى بىلەن نەشر قىلدۇرغان. بۇ ئەسەر،شائىرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن غاپۇر غۇلام نامىدىكى نەشرىيات تەرىپىدىن 1992-يىلى قايىتا بېسىلدى. ئەنە شۇ كىتابتا موللا بازار ئاخۇننىڭ ۋاپاتى تارىخى «بۇلبۇل بىرەفت ئەز بارغى ئىلىم»(«بۇلبۇل ئىلىم بېرغىدىن كەتتى») دېگەن مىسرادا كەلتۈرۈلگەن. ئەبجەد ھېسابى بويىچە،بۇنىڭدىن، موللا بازار ئاخۇننىڭ ۋاپاتى ھىجرىيە 1143–يىلى(مىلادىيە 1668-يىلى)ئىكەنلىكى كېلىپ چىقىدۇ. ج. يۈسۈفىينىڭ ماڭا قالدۇرغان خېتىدە «تۈركمەن ئالىمى قارىيوۋ يازغان» دېيىلگەن، ماقالىدە بولسا«مەشرەب يازغان»،دېيىلگەن.دېمەك مەرسىيەنىڭ تولۇق تېكىستىنى تاپمىغۇچە، ئۇنىڭ مۈئەللىپى ھەققىدە بىرنېمە دېيىش ئاسا سسىز بولۇپ قالىدۇ.  ماقالىدىكى مەشرەب 1668 – 1672-يىللىرى ھازىرقى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان دائىرىلىرىدىكى ئەزىز- ئەۋلىيالارنىڭ مازارلىرىنى زىيارەت قىلدى، دېگەن پىكىرلەر ئاساسسىز. بۇ چاغدا شائىر ئاپاق خوجىنىڭ دەرگاھىدا بولغان. ماقالىدە مەشرەب 1691-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا شەھەرلىرى قاتارىدا سەمەرقەندتىمۇ بولغان دېيىلىدۇ. بۇ يىلنامە ھەقىقەتكە بىرئاز يېقىن، چۈنكى شۇ يىللاردا مەشرەب  سەمەرقەندكە بىر قېتىم بارغان. بۇرادىرىمىز جالالىدىننىڭ نەشرگە تەييارلانغان توپلاملىرىدا مەشرەبنىڭ تۇغىلغان يىلنى 1640 (1050)-يىلى، دەپ توغرىلىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىمىز، ئىلىم ساھەسىدە پەقەت ئۆزىنىڭلا پىكىرىنى توغرا دېيىش ئالىملىق ئابرويىغا داغ چۈشۈرۈپ قويىدۇ.

     ماقالىدە«مائو مان»دېگەن سۆزگە ناتوغرا ئىزاھ بېرىلگەن. بۇ پارسچە «ما»(بىز) ۋە «مان»(مەن) سۆزلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئوتتۇرىدا«ۋاۋ»(ۋە) باغلىغۇچىسى كەلگەن،«بىز ۋە مەن»دەپ ماختىنىش، مەنمەنلىك، كىبىر مەنالىرىنى بىلدۈرىدۇ.«مائو مانىي»ئىبارەسىدىكى«مائون»سۆزى ئەرەبچە «ما»دىن كېيىن ھەمزە قويۇلۇپ،«سۇ»مەنىسىگە ئىگە،«مەنىي» ئەركەكلەرنىڭ ئۇرۇقى،«مائو مەنىي»–«ئۇرۇق سۈيى». ماقالىدە كەلتۈرۈلگەن بىر بەند مۇخەممە ستىكى«كەچتىم مائو مەنلىكتىن،مەندە ئىللەت قالمىدى»دېگىنى،«مۇجتەھىد» سۆزى«ئاچقۇچى،مۈشكۈل دىنىي مەسىلىلەرنى قۇرئان،ھەدسلەرنىڭ ھۆكۈمى ئاساسىدا ھەل قىلغۇچى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ قانۇنلىرىنى ياراتقۇچى ئالىم»، دەپ ئىزاھلانغان. بۇ سۆز «جەھد قىلغۇچى،تىرىشقۇۋچى،تىرىشچانلىق- غەيرەت كۆرسەتكۈچى»دېگەن مەنالارغا ئىگە. دىنىي قانۇن-قائىدىلەر ئاساسىدا يېڭى مەزھەپ تۈزگۈچىمۇ«مۇجتەھىد» دېيىلىدۇ، لېكىن«ياراتقۇچى»ئەمەس.

    جالالىدىن يۈسۈفىينىڭ ماقالىسىدە مەشرەبنىڭ بەزى شېئىرىي پارچىلىرى دىنىي تەسەۋۋۇپىي نۇقتىئى نەزەردىن يېڭىچە تەھلىل قىلىنغان. بۇ، ئەلۋەتتە، مۇستەقىللىقىمىزنىڭ شاراپىتى ۋە تەھسىنىگە سازاۋەردۇر. جالالىدىن شائىرنىڭ 3769 مىسرادىن ئىبارەت بولغان يېڭى دىۋانىنى تەييارلاپ قويغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ كىشىنىڭ دىۋاننى مۇۋاپىقىيەتلىك نەشر قىلدۇرۇشىغا تىلەكداشمىز.شۇنداقلا جالالىدىننىڭ بىز نەشرقىلدۇرغان مەشرەبنىڭ ھازىرغىچە بېسىلمىغان غەزەل، مۇخەممەس، مۇسەد دەسلەرنى ئۆز ئىچىگە  ئالغان«ئىلىفنى دىلغا جا قىلماقنى بىسمىللادىن ئۈگە ندىم»ناملىق توپلىمىنى،«كىميا»ناملىق ئەسىرى ۋە«مەشرەب ھىكمەتلىرى»ناملىق رىسالىسىنىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈپ قويسا،پايدىدىن خالى بولماس ئىدى، دەپ ئۈمىد قىلىمىز.

     «ئۆزبېكىستان ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى» گېزىتىنىڭ 2002-يىللىق 10- سانىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى.

     ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى؛ قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلە شمىسىدىن

         تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيار

        2013-يىل 27-مارت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-28 17:33  


idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  227
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1079
تۆھپە : 0
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 17:45:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىلمىي قىممىتى يۇقۇرى، ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن، مۇھىم ئەسەرلەر قاتارىدا ساقلىۋالدىم. بەگيار ئاكىمىزنىڭ ئىزدىنىش مۇساپىسىگە يېڭىدىن يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر يار بولسۇن.

ھەقىقەت مەشئىلى كۆپ ھاللاردا كۆتۈرگۈچىنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1095
تۆھپە : 3
توردا: 214
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-27

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 20:00:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگياركامنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئادەمنى خۇشال قىلىدۇ .
قاراقاشتىكى نورۇزدا ھىچ ئۇچرىتىپ بولالمىدىم بەگياركا . ئەھۋال ياخشىدۇ . يېقىندىن بۇيان كەم دىدارغۇ؟

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1580
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 741
تۆھپە : 0
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 20:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت .

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6006
تۆھپە : 3
توردا: 645
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-28 23:44:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش مۇساپلىرىڭىزگە مۇۋەپپەقىيەتلەر يار بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش