سۆيگۈ ناخشىسى
ئېزىز مەتكىرىم
سۆيگۈ ناخشىسى ،تۈگىمەس ناخشا،
سۆيگۈ بېغىدا ياڭرايدۇ ئەبەد.
قېرىتسىمۇ ئۇ گۈزەل ياشلىقنى،
قېرىتالمايدۇ يۈرەكنى پەقەت.
سۆيگۈ ناخشىسى،يېقىملىق ناخشا،
كۈيلەيدۇ دائىم ئىزگۈ تىلەكنى،
شۇ ناخشا بىلەن ياشنات بىر ئۆمۈر،
چىن سۆيگۈگە باي ئوتلۇق يۈرەكنى.
سۆيگۈ ناخشىسى،سېھىرلىك ناخشا،
سېھىرلىك كۈيى شۇنچە جەلىپكار.
ھەر كىم ھاياتى خۇشال ئۈتىدۇ،
سۆيگەن يارىغا بولسا ۋاپادار.
2012-يىل23-ئىيۇل
سۆيگۈ ناخشىسى2
ئېزىز مەتكىرىم
ئاڭلا قىز ،ئۇخلىما،بۇ تىمتاس كىچە،
بىر يىگىت ئېيتىدۇ سۆيگۈ ناخشىسى.
ئۇ كىسەل بوپقالدى سىنىڭ ئىشقىڭدا،
سەن ئۇنىڭ داۋاسى-تىۋىپ،باخشىسى.
ئاڭلا قىز،ئۇخلىما،ئاڭلىغىن ناخشا،
ۋە لىكىن ئۇخلىسۇن سەندىن باشقىسى.
ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ كۆرۈشكىلى چىق،
ئۇ سىنى كۆرمىسە كەلمەس كەتكۈسى.
ئاڭلا قىز،ئۇخلىما،بۇ تىمتاس كىچە،
ئاڭلىغىن تۈگىمەس سۆيگۈ ناخشىسى.
جۆر بۇلۇپ قېتىلساڭ سەنمۇ ناخشىغا،
تۈگىمەس ناخشىدىن داستان پۈتكۈسى.
2012-يىل15-سىنتەبىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ASMAR1204 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-15 17:11