ximal
كۆرۈش: 257|ئىنكاس: 3

ئەتىگەندىمۇ كەچتىمۇ ( تەرجىمە ھېكايە ) ئەسلى نۇسخا بىرگە بېرىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1333
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 128
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 22:58:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
早上和晚上
玛格丽•霍斯尔
从哥伦比亚师范大学毕业后,我总算考到了纽约市的教师执照。终于可以当老师了,我心里那份激动和兴奋就别提了。但是第一天上班,我才发现新教员没有固定的班级和课程。
  虽然我的老师执照上清楚地写着“高年级法语教学资格”,但学校让我代的课五花八门,我的神经整天高度紧张,每天累得半死,工作却丝毫没有进展,就连学生们也不买我的账。
  放春假时,我像获了大赦的死囚连夜逃回马萨诸塞州的父母家。我需要放松,另外也很想听听父亲的建议。
刚进家门,我就倒出一肚子苦水。父亲慈爱地看着我,耐心地等我说完才问:“一天里你什么时候觉得最糟?是早上到学校的时候,还是晚上下班以后?什么时候你觉得早上起来比晚上更累更糟,那就不妙了。如果有那么一天,我劝你赶紧换工作。”
  春假后,我回到学校继续工作,记忆中那一年特别辛苦,下班后往往难过得想大哭一场,但第二天早上我总能打起精神,迎接新一天的挑战。第二年的情形就好多了,我有了自己固定的班级,学生们对我的态度也开始慢慢地转变。爸爸说得一点也没错,我冲过了最初的瓶颈。35年后的今天,我仍然在同一所学校里工作,而且是一校之长。
  很多年以后,当年轻的朋友为事业而彷徨,问我该如何选择的时候,我都会问他们同一个问题:“什么时候感觉更糟?早上还是晚上?”
  【《都市文化报》6月28日】

ئەتىگەندىمۇ   كەچتىمۇ

ماگېل.خوسر
( مىكرو ھېكايە )

مەن  گولۇمبىيە پېداگوگىكا ئونۋېرستىتىنى پۈتتۈرۈپ ، ھەر ھالدا ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ نىيويورك شەھىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق دىپلومىغا ئېرىشتىم . ئاخىرى ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن شۇنداق ھاياجانلاندىم ۋە قانچىلىك دەرىجىدە ھاياجانلانغانلىقىمنى دىمەيلا قوياي . بىراق تۇنجى كۈنى خىزمەتكە چۈشكەندە ، مەندەك  يېڭى ئوقۇتقۇچىلارغا  مۇقىم سىنىپ ۋە دەرس تەقسىم قىلىنمىدى .
گەرچە مېنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق گۇۋانامامغا «يۇقىرى يىللىقلار فىرانسۇز تىلى ئوقۇتۇش سالاھىيىتى » دەپ ئېنىق يېزىلغان بولسىمۇ ،لېكىن مەكتەپ ماڭا خىلمۇ – خىل دەرس تەقسىم قىلدى ، نېرۋام كۈندىن كۈنگە جىددىيچىلىك بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى ، ھەر كۈنى ھېرىپ چارچاپلا كېتىۋاتاتتىم ، خىزمىتىمدە قىلچىلىك ئىلگىرلەش بولمايۋاتاتتى ، ئوقۇغۇچىلارمۇ مەندىن رازى بولمايۋاتاتتى .
ئەتىيازلىق تەتىلگە قويۇپ بەرگەندە ، مەن ئۆلۈمدىن كەچۈرۈم قىلىنغاندەك كېچىلەپ ماساچۇسېتىس ئىشتاتىدىكى ئاتا- ئانامنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالدىم .مەن جىددىيچىلىكنى بوشاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدىم ، ئۇندىن باشقا دادامنىڭ تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ بېقىشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلاتتىم .
ئەمدىلا ئىشكتىن كىرىشىمگە ، قورسىقىم زەرداپ بىلەن تولدى . دادام مېھرىبانلىق بىلەن ماڭا قاراپ ، سەۋرىچانلىق بىلەن مەندىن سورىدى :
_ بىر كۈن ئىچىدىكى قايسى ۋاقىتنى ئەڭ پالاكەت باستى دەپ قارايسەن ؟ ئەتىگەندە مەكتەپكە بارغان ۋاقتىڭدىمۇ  ياكى كەچلىكى ئىشتىن چۈشكەن ۋاقتىڭدىمۇ ؟ قايسى ۋاقىتتا ئەتىگەن ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭغا قارىغاندا كەچتە تېخىمۇ ھېرىپ تېخىمۇ پالاكەت باستى ؟ شۇنداق بولغان بولسا ، ئۇنداقتا ياخشى بولمايدۇ. ئەگەر ئاشۇ كۈن بولۇپ قالسا ، ساڭا  خىزمىتىڭنى دەرھال ئالماشتۇرۇشىڭنى  نەسىھەت قىلىمەن .
تەتىل توشۇپ ، مەكتەپكە قايتىپ بېرىپ داۋاملىق خىزمەت قىلدىم ، ئاشۇ يىلدىكى ئىنتايىن جاپالىق كۈنلەر ھېلىمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قايغۇرۇپ تازا يىغلىۋالغۇم كېلەتتى ، لېكىن 2- كۈنى ئەتىگەندە دائىم روھلىنىپ ، يېڭى بىر كۈننى  جەڭ ئېلان قىلىپ كۈتۈۋالاتتىم . 2- يىلى ۋەزىيەت كۆپ ياخشىلاندى ، ماڭا مۇقىم سىنىپ تەقسىم قىلىندى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماڭا بولغان پوزىتسىيىسىمۇ ئاستا ئاستا ئۆزگىرىشكە باشلىدى . دادام بىر ئازمۇ كايىمايدىغان بولدى ،مەن دەسلەپكى چاغلاردىكى « بۇغما » ھالەتتتىن قۇتۇلدۇم . 35 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ، مەن يەنىلا شۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلىپلا قالماي ، بەلكى مەكتەپ مۇدىرى بولدۇم .
   ناھايىتى ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن ، كەسپتە تەمتىرەپ قالغان ياش دوستلار  مەندىن نېمە ئۈچۈن بۇ ئوقۇتقۇچىلىق كەسىپنى تاللىغانلىقىمنى سورىغىنىدا  ، مەنمۇ ئۇلارغا سوئال بىلەن جاۋاب بەردىم :
-        قايسى ۋاقىتنى ئەڭ يامان بولدى دەپ ھېس قىلدىڭىز ؟ئەتىگەندىمۇ ياكى كەچتىمۇ ؟

“中国剪报”« جۇڭگو قىيما گېزىتى » نىڭ 2012- يىلى 7- ئاينىڭ 2 – كۈنىدىكى سانىنىڭ 5- بېتىدىن  تەرجىمە قىلىندى .  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.باھايدىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-14 23:01  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  191
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2318
تۆھپە : 1
توردا: 216
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 08:12:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىدە ئەسلى ئەسەرنىڭ مەزمۇنىنى توغرا چۈشىنىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ئاتالغۇلارنىڭ كونتېكستتىكى مەنىلىرىنى توغرا چۈشىنىڭ، يەنە بىرسى خەتمۇ-خەت تەرجىمە قىلىشتىن ساقلىنىڭ.
يەنىمۇ غەيرەت قىلىڭ، تەرجىمە ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇقلار بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1333
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 128
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 11:13:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمەمگە نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ ، ماڭا ئىلھام ۋە قىممەتلىك تەكلىپ بەرگەنلىكىڭىزدىن بەك خۇش بولدۇم . بۇندىن كېيىن ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكتە سىز دىگەن تەلەپلەرگە چوقۇم دىققەت قىلىمەن . بىراق بۇ يولدا يەنىلا سىزگە ئوخشاش ئۇستازلارنىڭ مەدىتىگە ، تەربىيىلىشىگە موھتاجمەن . رەھمەت سىزگە !

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1505
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 364
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 15:41:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىدىن ئانچە خەۋىرىم بولمىسىمۇ، لېكىن جۇملىلەرنىڭ راۋان ، مەقسەتنىڭ دەل ئىپادىلەنگەنلىكىدىن تەرجىمىدە خېلى يىتىشىپ چىققانلىقىڭىزنى كۆرىۋالغېلى بۇلىدۇ. تەرجىمە ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىغا تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش