ximal
كۆرۈش: 75|ئىنكاس: 2

غەربى يۇرت رەسساملىق سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ بۇددا مىڭ ئۆي رەسساملىق سەنئ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 22:58:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەربى يۇرت رەسساملىق سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ بۇددا مىڭ ئۆي رەسساملىق سەنئىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى.
ئەمەت دەرۋىش
غەربى يۇرت رەسساملىق سەنئىتى ئۆزىگە خاس مەزمۇن ۋە ئۆزىگە خاس شەكىل بىلەن تەرەققى قىلغان بىر قەدەر قەدىمىلىككە ۋە ئىزچىللىققا ئىگە مەدەنىيەت. « غەربى يۇرت » دەپ ئاتالغان ھازىرقى تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى مەرگەز قىلغان كەڭ زېمىندە ياشىغان ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ مەدەنى ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان رەسساملىق سەنئەت نامايەندىلىرىنى مىراس قالدۇرغان. خېلى يىراق دەۋىرگە تەئەللۇق بولغان بۇ سىزمىلار ئىپادىلىگەن مەزمۇنلىرىنىڭ موللىغى ، ئىپادىلەش ۋاستىلىرى ۋە ئىپادىلىگەن دائىرىسى جەھەتتىن  خىلمۇ- خىل ۋە رەڭگا – رەڭ بولغان. بۇلار يىپەك يولىنىڭ تەڭرى تاغ ئېتەكلىرىدە ياشىغان ئىپتىدائى ئاتا- بوۋىلىرىمىز بەدەئى تەپەككۇر تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىمقى شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۆز مەدەنىيەت تارىخىدا باشقا رايۇنلاردىكى خەلقلەر مەدەنىيىتىگە ئوخشاشلا تاغ- جىلغا مەدەنىيىتى ، يايلاق مەدەنىيىتى ۋە بوستانلىق – تېرىم مەدەنىيىتى باسقۇچىنى بېشىدىن كۆچۇرگەن . ئاتا- بوۋىلىرىمىز قالدۇرغان تاغ- جىلغا ۋە قىيا تاشلارغا سىزىلغان رەسىملەر ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ غار- ئوڭكۇرلەرنى پاناھ جاي قىلىپ ياشىغان بەكمۇ قەدىمقى مەدەنىيىتىنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولسا، يايلاق ۋە تۇزلەڭلىكلەردىكى چوڭ- چوڭ قورام تاشلارنى تاراشلاپ چىقارغان تاش بالبال ۋە قوچاقلار ئۇلارنىڭ ئات ئۇستى ياكى يايلاق تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ گۇۋاھچىسىلىق رولىنى ئوينايدۇ. ئۆي- جاي رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى مەدەنىيىتى ئۆزىگە خاس سەنئەت تۇسى ۋە تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۇرگەن خاس سەنئەت بولۇپ، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇقىم ئولتۇراق تۇرمۇش ئالاھىدىلىگىنىڭ سەمەرىسى سۇپىتىدە ھەم قەدىمقى دەۋىرنىڭ ھەم دەسلەپكى ئوتتورا ئەسىر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلغار ئامىللىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن سەنئەت سۇپىتىدە نامايەن بولۇپ تۇرماقتا.   غەربى يۇرت قىيا تاش غار- ئوڭكۇر رەسساملىق سەنئىتى بايقال كۆلىدىن ئامۇ دەريا جىلغىلىرىغىچە ، چۇغاي تاغ ئېتەكلىرىدىن ئېلىمىزنىڭ غەربى چىگرىسى قارا قۇرۇم ۋە پامىر تاغلىرىغىچە بولغان كەڭ زىمىنلەرگە ئوخشىمىغان دائىرىدە ئوخشىمىغان مەزمۇن ۋە شەكىلدە تارقالغان.
بايقال كۆلىنىڭ غەربى ۋە ئالتاي – سايان تاغلىق رايۇنىدىكى يىنسەي دەرياسى باش ئېقىنىدىكى جىلغىلارغا ھەرخىل قىياپەتتىكى تاغ تېكىلىرى، ئاچا مۇڭگۇزلۇك بۇغا، ماراللار ۋە بەزىدە ئۆكۇزبىلەن بۆرە (ئورتا سارغۇلدا ) ۋە پىيادە كىشىلەر ، كۆندۇرۇلگەن ئىتلار رەسىملىرى چېكىلگەن. ئات قوشۇلمىغان ئىككى شادىلىق  كۆتەك ھارۋا، ئىككى ئات قوشۇلغان ئىككى شادىلىق  كۆتەك ھارۋا، ئۇچ شادىلىق كۆتەك ھارۋالار رەسىملىرى (ئورتا سارغۇلدا ) ، ئىككى ئات قوشۇلغان ئىككى شادىلىق  كۆتەك ھارۋا (چىڭگىزخان جىلغىسىدا )(1) قاتارلىق رەسىملەر چېكىلگەن .
بۇلاردا تەسۋىرلەنگەن ئاز شادىلىق ۋە كۆپ شادىلىق كۆتەك ھارۋالارنى « ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى دەۋىردىكى قەھرىمانلىق ئىپوسى- ئوغۇزنامە » دىكى ھارۋانى ئىجات قىلغان «قانغۇلۇق » دىگەن كىشىنىڭ ئىسمى بىلەن باغلاپ كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ قەدىمىلىگى تېخىمۇ نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ كورۇنۇشلەر يالغۇز ئىپتىدائى دەۋىردىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشى ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنىڭ سەنئەت شەكلىدىكى كۆرۇنۇشلىرى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئەشۇ ھارۋانىڭ مۇشۇ رايۇن خەلقلىرى ئىجتىمائى ھاياتىغا ئۆزلىشىش تارىخىنى چۇشەندۇرۇپ بېرىدىغان موھىم تارىخى پاكىت بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا چىلىيەنشەن تېغى، تەڭرى تاغلىرى ۋە ئالتاي تاغ تىزمىسىدىكى قىيا تاش سىزمىلىرىغا شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بىر قەدەر ماسلاشقان چۇغاي تاغلىرى ئېتەكلىرىدىكى قىيا تاشلارغا سىزىلغان يالىڭاچ ھەم كېيىنگەن ئۇسۇللۇق كۆرۇنۇشلەر (بۇلار ئارىسىدا ھايۋان ھايۋان كۆرۇنۇشلۇك نىقاپلىق ئۇسۇلچىلار، سېرىكچىلەر قىياپىتىنى ئىپادىلىگەن كورۇنۇشلىرى چېكىلگەن  ) يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىدىن تاكى بىرۇنزا قۇراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ھەر قايسى دەۋىرلەردە بارلىققا كەلگەن رەسىملەر كۆرۇنىشلرىدىن ئىبارەت.
ئالتۇن تاغ قىيا تاش سۇرەتلىرى تەسۋىرى سەنئەت ئۇسلۇبىنىڭ نازۇكلىقى ، نەفىس ۋە كۆركەملىكى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قۇيرۇقى بار ئادەملەر سەكرەۋاتقان ، قوللىرىنى كېرىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان ، مۇڭگۇزلۇك قىياپەتتىكى نىقاپلىق ئادەملەر ۋە ئۇزۇن كوينەك كىيگەن ئۇسۇلچىنىڭ قولىنى ئېگىز كۆتۇرۇپ پىقىراپ ئۇسۇل ئويناۋاتقان قىياپىتى ۋە ئۇنىڭ تىز پىقىرىغاندا كۆپۇپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ كۆرىنىشى ناھايتى نەفىس بولۇپ، (2) گويا ھازىرقى زامان ئۇسۇلچىلىرىنى تەبىئى ھالدا ئىېسىمىزگە سالماي قالمايدۇ. رەسىملەردىكى نەفىس سىزىقلار، باشقا رەسىملەردىكى قاپارتما ، كوپتۇرمە ۋە ئەگرى – بۇگرى كۆپ خىل سىزىقلار ، تامغا بەلگۇلەر ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى جارى قىلدۇرغان بولۇپ، رەسساملىق سەنئىتىنىڭ ئىپتىدائى سىزمىچىلىق ئۆلگىلىرى بولىشىغا قارىماي ھازىرقى زامانىۋى رەسساملىق سەنئىتى قانۇنىيىتىگە تامامەن ماس كېلىدۇ.
تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى مەرگەز قىلغان ئىپتىدائى قىيا تاش ، غار- ئوڭكۇر رەسسامچىلىقى قەدىمقى دەۋىردىكى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائى تەسۋىرى سەنئەت يادىكارلىقى نەمۇنىلىرى بولۇپ، ئۇ كېيىن تەرەققى قىلغان ئەينەن ئىپادىلەش، ھەرىكەتچان بولۇش ، تەبىئەتنى گۇزەللەشتۇرۇپ، ئىنساننىڭ تەبىئەتتىن ئالغان مول تەسىراتىنى تەبىئەتلەشتۇرۇش ، شۇ ئارقىلىق ئىنساننى ئۇنىڭغا تېخمۇ يېقىنلاشتۇرۇش مەقسىدىنىڭ ئىپتىدائى شەكلى  بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىكى ھەر- بىر تەسۋىرى ۋاستىلار ، تۇز – ئەگرى سىزىقلار، كوپتۇرمىلەر، بىر خىل ۋە كوپ خىل سىزىقلار ، ھەر خىل تامغا شەكىللىرى قاتارلىقلار ھازىرقى زاماندىكى سىدام سىزما، تىز سىزما رەسسامچىلىقىنىڭ ئىچكى قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئىپتىدائى نەزىرىيىۋى ئاساسى بولۇپ قالدى. بۇ دەۋىردىكى قىيا تاش سىزمىلىرى مەزمۇن ۋە بەدەئى ئۇسلۇپ جەھەتتىن راۋاجلىنىپ ۋە بېيىپ، يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ھايات گۇۋاھچىلىرى بولغان قەدىمقى بالبال ۋە مەبۇد- قوچاقلار ئويمىچىلىقىنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۇردى. بالبال – مەبۇد – قوچاق سەنئىتى ئىپتىدائى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگى بولغان تەسۋىرى سەنئەت – ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ ئىپتىدائى شەكلى سۇپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. بالباللار ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدە بىر خىل سەنئەت يادىكارلىقى بولۇپ ، ئۇلار ئىپتىدائى ئۇرۇق – جەمەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق سوقۇش، جەڭ پائالىيەتلىرىدە قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن باتۇرلارنى خاتىرىلەش، جەڭ غەلبىلىرىنى تەبرىكلەش، كۆچمەن قەبىلە ياكى خانلىقلار ياكى قەبىلە ئىتتىپاقلىرى بارىگاھلىرىنىڭ ئالدىغا سىمىۋۇل سۇپىتىدە ئورنۇتۇش قاتارلىق ئىجتىمائى مەزمۇنلار ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن .بۇلارنى ياسىغان ئۇستىلار ئالدى بىلەن مەزمۇننى ئىپادىلىمەكچى بولغان ئۇيۇل – قورام تاشنىڭ شەكلىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ تاراشلاش ئارقىلىق ياساپ چىققان . مىلادىدىن 3000يىل ئىلگىرى دەپ قارىلىۋاتقان ئالتاي ۋە غەربى سىبىرىيىدىكى قوزۇق شەكلىدىكى قەدىمقى بالباللار تاشنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تاراشلانغان.  غەربى يۇرت بالبالچىلىق سەنئىتى بىلەن بىر قاتاردا ساپال بويۇملار ، ياغاچ، پىل چىشى، توقۇلما بويۇم ، ئات جابدۇقلىرى شۇنداقلا زىبۇ- زىننەت بويۇملىرىغا ھەر خىل شەكىلدىكى تەسۋىرى سىزما  سەنئەت نەمۇنىلىرى ئىشلەنگەن بولۇپ، مىلادى بىرىنچى ئەسىرگە تەۋە – دەپ قارىلىۋاتقان خوتەندىن تېپىلغان ھەر خىل كومدىك نىقاپ شەكلىنى ئالغان مايمۇن قىياپەتلىك ساز چېلىۋاتقان بۇ ئوبرازلار ئېدىش تۇتقۇلىرىغا كوپتۇرۇپ ياسالغان بولۇپ ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى بۇددىزىم موھىتىنىڭ مەھسۇلى ئىدى (3) .
تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى مەرگەز قىلغان يىپەك يولى ئىپتىدائى قىيا تاش رەسسامچىلىقى ۋە يايلاق بالبال ، تاش ئويما ھەيكەلتاراشلىق مەدەنىيىتى بۇددىزىم ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى مەدەنىيىتىنىڭ بۇ رايۇنغا تارقىلىشى ۋە ئومۇملىشىپ ئۆزىگەخاس سەنئەت شەكلىنى ئېلىشىدا موھىم رول ئوينىغان. كۇچا قىزىل مىڭ ئۆيى ، تۇرپان تۇيۇق مىڭ ئۆيى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھەر قايسى جايلاردىكى مىڭ ئۆيلەرگە ياسالغان ھەر خىل شەكىلدىكى بۇددىزىم مەزمۇنىدىكى ھەيكەللەر بىرلا شۇ دەۋىرنىڭ مەھسۇلى بولماستىن ، بەلكى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق مېھنىتىنىڭ مەھسۇلى . بالباللاردىكى يەرلىك تۇس بىلەن مىڭ ئۆيلەردە تاراشلانغان بۇددىزىم مەزمۇنىدىكى ھەيكەللەردىكى يەرلىك ئالاھىدىلىك بۇنى رۇشەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
غەربى يۇرت بۇددىزىم تاشكېمىر رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى دىنى ئىھتىياجنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان سەنئەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا سىزىلغان رەسىملەر ۋە تاراشلانغان ھەيكەللەر ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى ۋە رەسساملىق سەنئىتىنىڭ قانۇنىيەتلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. ئۇلاردا يەرلىك ئۇستىلارنىڭ ئىستىتىك غايىسى ۋە سەنئەت چۇشەنچىسى ئۆزئىپادىسىنى كۆرسەتكەن. ئۇلاردا ئىپادىلەنگەن گۇزەل ، ئوبرازلىق ، يۇقۇرى ماھارەت بىلەن كونكىرىتلىققا ئىگە قىلىنغان رەڭگا- رەڭ سەنئەت  ئوزىنى مەزمۇن قىلغان دىندىن ئارتۇق ھاياتى كۇچىنى نامايەن قىلدى .ئۇلارغا سىزىلغان بەدەن سەنئىتى تام رەسىملىرىنىڭ يادرۇسى سۇپىتىدە گەۋدىلىك ئورۇن تۇتتى . بۇددىھانىڭ ھەر خىل قىياپەتتىكى رەسىملىرى، ھەر خىل بۇدساتىۋالارنىڭ رەسىملىرى« بۇددىھا يارالمىش ھېكايەتلىرى» گە چېتىشلىق ئادەم ، ھايۋان ، مەنزىرە رەسىملىرى، يالىڭاچ، يېرىم يالىڭاچ كورۇنۇشلەر، ساماۋى مالائىكىلەرنىڭ لىنتىلىق ئۇزۇن كوينەك كېيىپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان كورۇنۇشلىرى قاتارلىقلار بار.
كۇسەن قىزىل مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى ئىپادىلىگەن ئۇچار مالائىكىلەرنىڭ كۆزلىرى چوڭ، پىشانىسى كەڭ ، يۇزى يۇمۇلاق بۇرنى قاڭشارلىق، بەدىنى ئولچەملىك(قىزىل مىڭ ئۆي 1- غار . « ساكيامۇنىنىڭ بالىلىق دەۋرى» ) قىلىپ سىزىلغان بولۇپ، ئۇلارغا ئىشلىتىلگەن رەڭ ئىسسىق ياكى سوغۇق رەڭ ئەمەس ، بەلكى نىسپى ئاجىزلاشقان ئارىلىق رەڭ بولغان (4).
قىزىل مىڭ ئۆيى 175- ۋە 8- كېمىردىكى ئۇسۇلچى قىزلارنىڭ يالىڭاچ كۆرۇنۇشلىرى بەدەن گۇزەللىگىنىڭ مىسلىسىز ئۆلگىسىنى ياراتقان.  « ئۇ ماھىيەتتە شەرقلىق ئادەم تۇركۇمىنىڭ تەبىئى بەدەن گۇزەللىگى ئالامەتلىرىنى ، بەدەن گۇزەللىكىگە بولغان ئولگىلىك قاراشلىرىنى گەۋدىلەندۇرگەن . قىزىل 8- كېمىردىكى ئۇسۇلچى قىز ئوبرازى ماھىيەتتە كۇسەن رەسساملىرى تۇرمۇشتىن ئېلىپ مۇجەسسەملەشتۇرگەن شەرق ۋىناسىنىڭ شانلىق كۆرۇنىشىدىن ئىبارەت. (5)
رەسساملار ئادەمنىڭ سىرىتقى كۆرۇنىشىگە ئاساس بولغان سۆڭەك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىپ سۆڭەك مۇسكۇل تۇزۇلمىسى ئاناتومىيىسىنى پىششىق ئىگەللىگەن بولۇپ، بەدەن سەنئىتىنى كىيىم بىلەن ئەمەس، بەلكى بەدەن سۆڭەك مۇسكۇلىنى ئاسا قىلىپ چۇشەنگەن ۋە شۇ يۇسۇندا ئەكس ئەتتۇرگەن . رەسساملار رەسىم سەنئىتىنىڭ كۆز بىلەن كۆرۇپ ھوزۇرلىنىش خاراكتىرىگە ئاساسەن ، يورۇقلۇق بىلەن گۇڭگىلىقنى سىترولۇق تەڭشەپ، بەدەن سىرتىنىڭ ئويما، كوپمە شەكىللىرىنى رەڭ پەرقى ئارقىلىق ئالاھىدە گەۋدىلەندۇرۇپ، يىراقتىن قارىسا ئويما- قوپما، يېقىندىن قارىسا ھەممىسى تەكشى كۆرىنىدىغان سىترولۇق ھالەت شەكىللەندۇرگەن .مۇسكۇلنى ئىلاستىك سىزىش ئۇسۇلىنى پىششىق ئىگەللەپ بەدەن سەنئىتى ئىستىتىك تەلەپلىرىنى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئورۇنلاشقا ئالاھىدە دىققەت قىلغان.
« ئىگىننى سۇدىن ئېلىپ كېيدۇرۇش ئۇسۇلى » (كېيىمنى بەدەنگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ سىزىش ئۇسۇلى ) سەنئىتى ئادەن بەدىنى سەنئىتىدە سۆڭەك – مۇسكۇل تىركەك قىلىنغان بەدەن گۇزەللىگىنى مەرگىزى ھالقا قىلىش، يالىڭاچ ياكى يېرىم يالىڭاچ رەسىملەردە ئويما- كۆپمە ئۇسۇلنى قوللىنىش ئارقىلىق بەدەن بىلەن كېيىم ئوتتۇرىسىدا يەنىلا بەدەن گۇزەللىگىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان گارمۇنىك بىردەكلىك ھاسىل قىلىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىغان. ئۇلارغا بېرىلگەن رەڭلەر بەدەن قاتلاملىرىغا بەكمۇ ماسلاشقان بولۇپ تەگلىك ، ئارا بوياق ۋە زىننەت بوياقلار بىر- بىرىگە ماسلىشىپ، ئوبرازنى گەۋدىلەندۇرۇش ئۇنىمىگە يەتكەن. رەسساملار نەفىس سىزىقلار ۋە كوركەم رەڭلەر بىلەن خۇددى راس ئادەمدەك ، راس كورۇنۇشتىكى راس ۋاقەدەك كەيپىيات يارىتىش ئارقىلىق كىشىلەر ئېڭىدىكى ئوبرازنىڭ مۇكەممەل ئۆلگىسىنى تولۇق ئىپادىلىگەن
بۇ رەسىملەر ۋە ھەيكالتاراشلىق سەنئىتى غەربى يۇرۇتتىكى خەلقنىڭ ئۆزىگە خاس سەنئەت ئۇسلۇبى ۋە سىتىتىك قارىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كېيىنكى دەۋىرلەرگە كەلگەندە دۇنياۋى تەكلىماكان قەدىمقى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى تەكشۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۇرۇلىشىگە  سەۋەپ بولغان .ئارخېلوگلار ۋە سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى بۇ رەسىملەر ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى تەپسىلى تەكشۇرۇپ، بۇنىڭ ھەرگىزمۇ بىرلا تارىخى دەۋىرنىڭ مەھسۇلى ئەمەسلىگىنى دەلىللىدى. مەن شۇنداق قارايمەنكى ، دۇنياغا مەشھۇر « ۋىناس» (6)ئوبرازى پۇتكۇل ياۋرۇپا رەسسام ۋە ھەيكەلتاراشلىرىنىڭ  ئۆلگىسى بولسا،تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىنى مەرگەز قىلىپ تارقالغان قىيا تاش سىزمىلىرى ، قەدىمقى بالباللار كېيىنكى بۇددىزىم رەسساملىقى ۋە ھەيكالتاراشلىقىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان. ئۇنىڭ مۇنداق بولىشىدا ، بىرىنچىدىن ھەيكەلتاراشلىق ۋە رەسساملىق بۇ رايۇندىكى خەلقلەر مەدەنىيىتىدە ئىزچىللىققا ئىگە بولغان . بۇنىڭ تارىخى ئۇزۇن ، يىلتىزى چۇڭقۇر بولغان. بۇ ھال غەربى يۇرت بۇددىزىمدىكى ساكيامۇنى ۋە باشقا ئىلاھى ئوبرازلارنىڭ ھىندى بۇددىزىمىدىكى ساكيامۇنى ۋە باشقا ئىلاھى ئوبرازلاردىن پەرىقلىق ھالدا قويۇق يەرلىك تۇس بىلەن تويۇندۇرۇلغانلىق تەرىپىدە كۆرىلىدۇ. ئىككىنچىدىن ، ھەر خىل قىياپەتتىكى ئىلاھى ئوبرازلار ۋە باشقىلار يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىنغان . ئۇلارنىڭ بەدەن تۇرق ، قىياپەت – چىرايلىرى يەرلىك تۇسكە ئىگە قىلىنىپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ بەدەن چىراي ھالەتلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇلغان . ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى، كېيىم كېچەك  قاتارلىقلارمۇ تۇرمۇشتىن ئېلىنىپ،يەرلىك ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۇرۇلگەن. مەسىلەن ، قىزىل مىڭ ئۆي غارلىرىدىكى بۇددىزىم رەسىملىرىدە ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرىدىن  كەتمەن، ساپان قاتارلىقلار بار بولسا، رەسىملەردىكى ئادەم ئوبرازلىرىنىڭ كىيىملىرىدە ئۇچلۇق تۇماق، بوغما چاپان ، بېلىگە باغلىغان بەلباغ ، ئاياللارنىڭ ئۇچىسىدا گۇللۇك ئۇزۇن كۆينەك، دوپپا، چوڭ ياغلىق، بىلەيزۇك قاتارلىقلار بار.(7) يەنە بىر تەرەپتىن « ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە سىزىلغان رەسىملەر ئارقىلىق دەسلەپتە ئەۋىج ئالغان بەدەن ھەرىكىتى s  شەكىلگە ئوخشايدىغان مىللى ئۇسۇلنىڭ بار- بارا  t شەكىللىك مىللى ئۇسۇلغا ئۆزگەرتىلگەنلىگىنى ۋە شۇ ئاساستا ھازىرقى  زامان ئۇيغۇر ئۇسۇلى شەكىللەنگەنلىگىنى ئىنىق كورىۋالغىلى بولىدۇ. (8) .
دېمەك، غەربى يۇرت رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتى ئۇيغۇر بۇددىزىم رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان ئۇزۇن مەزگىللىك بىر سەنئەت سالۇنى بولغان .بۇ سەنئەتسىز بۇددىزىم مىڭ ئۆي تام رەسىم ،ھەيكەلتاراشلىق   سەنئەتلىرىنى ۋە كېيىن تەرەققى قىلغان كىتاپلارغا قىستۇرما رەسىم سىزىش سەنئەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
ئىزاھاتلارغا كۆرسەتمە:
(1)ئالىم ئابدۇشكۇر مۇھەممەت ئىمىن « غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى» 20-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1998- يىل نەشىرى.
(2)فىراففىسۇر ئابدۇقەيۇم خوجا : « ئالتۇن تاغدىكى قىيا تاش سۇرەتلىرى» شىنجاڭ گېزىتى 1985-يىل 12-ئاينىڭ 12- كۇنى سانى .
(3)ئالىم ئابدۇشكۇر مۇھەممەت ئىمىن بۇ بويۇملارنىڭ ھازىر توكيۇ ياپۇنىيە دۆلەت مۇزىيدا ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.شىنجاڭ داشۆئەدەبىيات پاكۇلتىتى  تايانچ ئوقۇتقۇچىلار كۇرسى لىكسىيە  . 1991يىل (1) ئىزاھات بىلەن ئوخشاش 42-43- بەتلەر.
(4) « قىزىل مىڭ ئۆي تام رەسىملىرى ھېكايىسى»  شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1985-يىل نەشىرى
(5 )بۇ مەنبە (1) ئىزاھات بىلەن ئوخشاش 328- بەت.
(6 )ۋىناس- يۇنان ئەفسانىلىرىدىكى مۇھەببەت ۋە خۇشاللىق ئىلاھى. ئۇنىڭ كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغان گۇزەل قىياپىتى ، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان زىلۋا بەدەن شەكلى ، سۇزۇك سۇدەك مۇسكۇل ۋە تېرىسى ، ئالتۇندەك چىرايلىق چاچلىرى شۇ قەدەر قاملاشقان بولۇپ، ئۇنى ياۋرۇپالىقلار ئاياللار گۇزەللىگىنىڭ ئەڭ يۇكسەكلەشتۇرۇلگەن سىمۇۋۇلى دەپ قارىغان شۇڭا ئۇ غەرىپتىكى ھەر قايسى دەۋىر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۇمۇرۋايەت ئىشلەپ ھارمايدىغان ئىجادىيەت تېمىسى بولۇپ قالغان. « ۋىناسنىڭ دۇنياغا كېلىشى » ناملىق ماي بوياق رەسىمنى تۇنجى قېتىم ئىتالىيە فىلورېنسىيە رەسساملىق ئېقىمىنىڭ ئاتاقلىق ۋەكىلى بوتتىكېلى (1410-1445)سىزغان .
(7 )1990-يىلى ۋە 2000-يىلدىكى دۇنخۇۋاڭ ، تۇرپان، كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى بۇددا تاشكېمىر ئۆيلىرىدىكى سەنئەت ئالاھىدىلىكلەرنى زىيارەت قىلىشتىن تەسىرات خاتىرەمدىن .
(8 ) بۇ مەنبە(4) ئىزاھات بىلەن ئوخشاش 129- 130- بەتلەر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 495
تۆھپە : 0
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 15:03:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەربى يۇرت رەسساملىق سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ بۇددا مىڭ ئۆي رەسساملىق سەنئىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى.


ئەمەت مۇئەللىم ،ماۋزۇنى يۇقۇردىكىدەك ئالسىڭىز «غەربىي يۇرت رەسساملىق سەنئىتى»نى «بۇددا مىڭ ئۆي رەسساملىق سەنئىتى» ۋە «ئۇيغۇر بۇددىزىم رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىىتى»دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىگە نىسبەتەن يات ،سىرتتىن كەلگەن بىر تەسىردەك تەسىرات بېرىپ قويىدىكەن.سىز ۋە چەتئەل تارىخ ،مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى «غەربىي يۇرت سەنئىتى» دېگەن نام بىلەن ئاتىغان يىراق قەدىمقى ئىپتىدائىي دەۋىرلەردىن باشلاپ قىپقالغان قىيا تاش ،تاغ ئۆڭكۈر ۋە بۇددىزم دەۋرىدىكى رەسسىمچىلىق ۋە ھەيكەلتاراشلىقنى تۈپكى نۇقتىدىن «ئۇيغۇر رەسسىمچىلىق تارىخى»دائىرسىگە مەنسۇپ دەپ قارايمەن .چۈنكى ئۇلارنىڭ  ھەممىسى يىراق قەدىمدە ئۇيغۇر دېگەن نام بىلەن ئاتالمىغان مىللەتلەر بولسىمۇ ئۇيغۇر ھاياتىنى ۋە بىزنى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغان  ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىجاتكارلىقىنىڭ مەھسۇلى.شۇڭا يۇقۇردىكى ماۋزۇنى «ئۇيغۇر تاش قىيا ،تاغ ئۆڭكۈر رەسسىمچىلىقىنىڭ بۇددىزم رەسىمچىلىقىغا بولغان تەسىرى »دەپ ئالسا سىزنىڭچە مۇۋاپىق بولامدۇ؟چۈنكى مەن بۇ ماقالىنى بۇددىزمدىن بۇرۇنقى يىراق قەدىمقى زامان ئەجدادلىرىمىزنىڭ رەسسىمچىلىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ بۇددىزم رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە ئىزدىنىلىپتۇ دەپ چۈشەندىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 23:55:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم نۇرمۇھەممەت، ئەسىرىمنى ئوقۇپ دەرھال ئىنكاس يازغانلىقىڭىزغا رەھمەت. مەن خۇددى سىز ئوتتۇرىغا قويغانغا ئوخشاش،بۇددىزمدىن بۇرۇنقى يىراق قەدىمقى زاماندا  ياشىغان ئەجدادلىرىمىزنىڭ رەسسىمچىلىك ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ بۇددىزم رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىگە بولغان تەسىرى ھەققىدە  توختالغان. «غەربى يۇرت» دېگەن ئاتالغۇ دەل ھازىرقى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا قەدىمقى دەۋىرلەردە ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان ماكاننى كۆرسىتىدۇ .ئۇنى  تارمەنىدە چۇشەنگەندە جۇغراپىيلىك  نوقتىسىدن دەل ئاتا بوۋىلىرىمىز ياشىغان ماكان ۋە شۇماكاندىكى قىيا تاش رەسىملىرى، بالباللار نىڭ كىيىنكى بۇددىزىم رەسساملىق ۋە ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىگە كورسەتكەن تەسىرى مەزمۇن دائىرىسىدە چۇشۇنۇش لازىم. ئەگەر كەڭ مەنىدە چۇشەنگەن تەقدىردىمۇ  سرىتتىن قوبۇل قىلىنغان دېگەن مەنىدە چۇشەنسەك، ئاتا-بوۋىلىرىمىز قىيا تاش ۋە بالبال سەنئەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان چاغلاردا غەربلىكلەرنىڭ تېخى ئۇنداق مەدىنيەتكە قەدەم قويغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ماتىرىيالنى كۆرۇشكە مۇيەسسەر بولالمىدىم.ماۋزۇنى «ئۇيغۇر تاش قىيا ،تاغ ئۆڭكۈر رەسسىمچىلىقىنىڭ بۇددىزم رەسىمچىلىقىغا بولغان تەسىرى »دەپ ئالساق دېگەن تەكلىبىڭىز بەك ياخشى بولدى.كۆڭۇل بۆلگەنلىكىڭىزگە رەھمەت.سىردىشىپ تۇرايلى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش