كۆرۈش: 177|ئىنكاس: 1

سەن مېنى ، مەن سېنى ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1596
تۆھپە : 0
توردا: 246
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 18:41:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن مېنى ، مەن سېنى
( ئۆمەر مۇھەممەتئېمىن كروران )
1
سەن مېنى پاكار ، دەپ ،
مەن سېنى ناكا، دەپ ،
بوپ كېتەرمىز قايسىمىز قاۋۇل ؟
مەن ساڭا چىشىمنى بىلەپ ،
سەن ماڭا دوزاخنى تىلەپ ،
قايسىمىز
كىرىپ كېتەرمىز جەننەتكە ئۇدۇل ؟!
2
تاشلاندى
ئوتتۇرىمىزغا بىر تائام ،
يا سۆڭەككە تەۋە ئەمەس
يا گۆشكە تەۋە ،
تالىشىپ كەتتى ئۇنى
كىشىنەشتۇق ، چىشلەشتۇق ...
ساڭا ياكى گۆش تەگمىدى
ماڭا يا سۆڭەك .  
ئىككى قوينىڭ ئۈسسۈشۈشىدىن
ھايان تاپتى ئارىدا بۆرە .
ئويۇنلاردا رول ئېلىپ شۇنداق
نېسىۋە تالىشىپلا ئۆتەرمىزمۇ
بىرەر قېتىم قىلىشماي تۆۋە ؟!
3
سەندىن قالار ،
مەندىن قالار بۇ جاھان .
كېمىمىز ئوخشاش ،
غېمىمىزمۇ ھەم .
شۇنداق تۇرۇپ ئويلىدۇقمىكىن
كۈتەر بىزدىن نېمىنى نىشان ؟


<<قەبرىدىكى پالۋان>> دىن ئېلىندى .

idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  864
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 873
تۆھپە : 0
توردا: 292
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 21:26:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران مەن شېئىرلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان شائېرلىرىمىزنىڭ بىرى.( ئىپادىلەش ئۇسۇلى تولىمۇ ئۆزگىچە دەپ قارايمەن.) شائېرىمىزغا ۋە بۇ تېمىنى يوللىغان مۇھەممەت توختى مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر!

ئەگىسە قارا تۇمان كۆك ئاسمانىڭنى ۋاقتىنچە،
سەۋر قىل چىقار شەمسى ئېچىپ گۈلسىمان غۇنچە.
                         _ئەنھار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش