كۆرۈش: 753|ئىنكاس: 9

« قاغا»توزۇتقان مىللىي روھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2139
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 17:49:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、«قاغا»توزۇتقان مىللىي روھ


خۇدابەردى ئابىخان


         بىز مەيلى قايسى جەھەتتىن كۆزەتمەيلى ،ھەرقايسى مىللەت ياكى ئىنسان توپلىرىنىڭ ئەدەبىياتىىدا بىر-بىردىن پەرىقلىنىپ تۇردىغان روشەن پەرىقلەر بولىدۇ .مانا بۇ بىز دەۋاتقان ئەدەبىياتنىڭ مىللى ئالاھىدلىكى . ئەدەبىياتنىڭ مىللىلىكى يازغۇچىنىڭ قايسى قەۋىم ياكى قايسى خەلىق تۇركىمىگە تەۋە ئىكەنلىكدىن ئىبارەت مىللى تەركىۋى تەرپىدىن ئەمەس،ۋە ياكى ئەسەرنىڭ قايسى تىلدا يېزىلغانلىقى بىلەن ئەمەس ،  بەلكى ئەسەردە ئىپادىلەنگەن تۇرمۇشنىڭ مىللى ئالاھىدلىكى تەرپىدىن بەلگىلىندۇ . بۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ مىللى تۇرمۇش يېزىلسىلا ئەدەبىياتنىڭ مىللى ئالاھىدلىكى تايىن تاپىدۇ. ياكى مىللى ئەدەبىياتقا تەۋە بولدۇ دىگەنلىك ئەمەس ، ئەلۋەتتە . مىللى ئالاھىدىلىك ئەسەردە ئىپادىلەنگەن مىللى تۇرمۇشنىڭ كەڭلىگى ، چوڭقۇرلىغى ،خاسلىقى ئارقىلىق گەۋدىلىنىدۇ .كەڭلىك ،چوڭقۇرلۇق دەل خاسلىق ئۇچۇن خىزمەت  قىلىدۇ. خاسلىق ،مىللى مەدەنىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغىچە ۋە ئجتىمائى تۇرمۇشنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە چوڭقۇر سىڭىپ تىندۇرمىغا ئايلانغان مىللى روھنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ ،ئۇ، شۇ بىر مىللەتنىڭ قىممەت  قارشى ،ئتقادى ،ئۆرپە-ئادىتى ،تۇرمۇش ئۇسۇلى ،پىسخىكىسى ،تەپەككۇرى، ئشلەپچىقىرىش شەكلى ،ئەخلاق چۇشەنچىسى ،گۇزەللىك قارشى، مۇھەببەت ،نىكاھ ،ئائىلە قارشى ،ئارزۇ –ئارمىنى ،قايغۇ ھەسرىتى، قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردە ئۇز ئىپادىسىنى تاپىدۇ .مەشھۇر رۇس يازغۇچىسى گوگۇل«ھەققى مىللى ئالاھىدىلىك دىھقان ئاياللىرىنىڭ يەڭسىز ئۇزۇن كۆينىكىنى تەسۋىرلەشتە ئەمەس ،بەلكى مىللى روھقا ئىگە بولۇشتا»(1) دەيدۇ.دىمەك ،مىللى تۇرمۇش يىزىلسىلا ،ئەسەرنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكىنىڭ تايىن تېپىشى ناتايىن. مىللى تۇرمۇش مەلۇم كەڭلىك ۋە چوڭقۇرلۇققا يىتىپ ،مىللى روھ قېزىلسا ، ئەسەر ھەققى تۇردە مىللى روھقا ئىگە قىلىنسا ،ئاندىن ئەسەرنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى تايىن تاپىدۇ.ۋە ئەسەرنىڭ مىللى مەنسۇبىيتى ئىشقا ئاشىدۇ.ئۇنداق بۇلمايدىكەن ئەسەر مىللى  مەنسۇپلىق جەھەتتىن يەنىلا ماكانسېز قالىدۇ .بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ بەدىئى بالاغىتى ، ئىستىتىك قىممىتى ،ئجتىمائى ئەھمىيتىدىن سۆز ئاچقىلى تىغىمۇ بولمايدۇ .چۇنكى بۇنداق ئەسەرلەر تۇرمۇشنىڭ ماھىيەتلىك چوڭقۇرلىقىغا شۇڭغۇپ بارالماي،يۇزەكى تۇرمۇش ھادىسلىرىنى تەسۋىرلەش بىلەن بولۇپ كىتىپ ،مىللى روھنى قېزىشقا مۇۋاپپەق بولالمايدۇ –دە،تۇرمۇش چىنلىقى بەدىئى چىنلىق دەرىجىسىگە كۆتۇرۇلمەيدۇ.نەتىجىدە ئەسەر بىر دۆۋە كىرەكسېز تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنىڭ خاتىرسىگە ئايلىنىپ ،ئىستىتىك قىممەت يارتىلماي ئوقۇرمەنلەردىن مەھرۇم قالىدۇ .بۇنداق ئەسەرلەر بىزدە ئاز ئەمەس . بىز ھەمىشە، كىتاپ ئوقۇيدىغانلار ئازلاپ كەتتى،-يەي ،كىتاپلار سىتىلمايۋاتىدۇ،- يەي ،دىگەندەك ۋايساشلار ئىچىدە، نادان خەلىقنىڭ يازغۇچىسى بولۇپ قالغانلىقىغا ئۆكۇنۇپ يۇرۋاتقانلارنى ئۇچۇرتۇپ قالىمىز. نىمە ئۇچۇن ئابدۇرىھىم ئۆتكۇر ،زۇردۇن سابىر ،مەمتىمىن ھوشۇر ،ئەختەم ئۆمەر ،جالالىدىن بەھرام ،ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى خەلىقىمىز سۇيۇپ ئوقۇيدۇ ؟ ئىزدەپ-سوراپ سىتىۋالىدۇ ،كىتاپلىرى قايتا –قايتا نەشىر قىلىنىدۇ ؟ چۇنكى ئۇلار تۇرمۇشنى ئۆز خەلىقىنىڭ نەزىرىدە كۆزىتىدۇ ، ئۆز خەلىقىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ باھالايدۇ ، ئجادىيەتكە پاكىز قەلىپ ،ئىنسانى غورۇر ،ۋىجدان بىلەن كىرشىدۇ . ئەسەرگە بىر خىل بۇرۇچ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا مۇئامىلە قىلىدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئوقۇرمەن مىللى تۇرمۇش مۇھىتتى ئىچىگە كىرىپ ،ئۆزى دىمەكچى بولغان ،ئەمما دىيەلمىگەن، ئۆزى قىلماقچى بولغان ، ئەمما قىلالمىغانلىرى بىلەن ئۇچۇرشۇپ ، ئۆزى شۇنداق دەۋاتقاندەك ، ئۆزى شۇنداق قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىدۇ . كەيپىيات بىردىنلا كۆتۇرلۇپ ، رۇھ ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىدۇ . بۇ دەل ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مىللى روھ بىلەن تويۇنغانلىقىنىڭ ئىپادىسى . «ئەسەرلەردە مىللى ئالاھىدىلىكىنىڭ بولۇش بولماسلىقىنىڭ ئاچقۇچى ، ئاپتۇردا مىللى روھنىڭ بولۇش بولماسلىقىدا» (2) دەيدۇ گوگۇل . بۇ نىمە دىگەن دانا ھۆكۇم ھە؟ دىمىسىمۇ ئاپتۇردا يوق نەرسە ئەسەرلىرىدە نىمە ئش قىلسۇن. بىزدە « قازاندا نىمە بولسا ، چۇمۇچكە شۇ چىقىدۇ» دىگەن گەپ بار. ئۆزۇڭدە بولمىغان نەرسىنى باشقىلارغا قانداق بىرەلەيسەن ؟
  ئەدەبى  ئجادىيەت مۇرەككەپ بولغان ئوبرازلىق تەپەككۇر  جەريانى.  بۇ جەريان ئىجادىيەتچىدىن بىر قەدەر ساغلام بولغان پىسخىك ساپا ، توغرا بولغان دۇنيا قاراش ،كىشىلىك تۇرمۇش قارشى ، قىممەت قارشى ، مول بىلىم جۇغلانمىسى ، بىر قەدەر يۇقىرى بەدىئى ماھارەت بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . بەدىئى ماھارەت ئەدەبى ئجادىيەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى . بۇ شەرتنى ھازىرلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئجادىيەت يولىغا قەدەم قويىدۇ ، ئەلۋەتتە. لىكىن بۇ شەرىت قانداق يېزىش مەسىلىسنى ھەل قىلىپ بىرەلىسىمۇ ، نىمىنى يىزىش مەسلىسىنى ئۇزۇل-كىسىل ھەل قىلىپ بىرەلمەيدۇ. بۇ يەنە باشقا شەرتلەرنى تەقەززا قىلىدۇ، ھەم ئىجادىيەتنىڭ ھەرقايسى ھالقىللىرىدا ( تۇرمۇشنى كۆزىتىش ، تىما تاللاش ،ماتىريال توپلاش ،دىتال تاللاش ، پىشىقلاپ ئشلەش ،ئوبراز يارتىش ) يىتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ . بۇ بىز ھەمىشە دەپ كىلىۋاتقان ئاپتۇرنىڭ ئىدىيۋى ھسياتى ۋە تۇرمۇش پوزىتسىيەسىنىڭ ئەسەردىكى ئىپادىسىنى بارلىققا كەلتۇردىغان ۋە تەمىن ئىتىدىغان تەرەپلەر. ھەم شۇنداقلا ئەسەرنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى ۋە مەنىۋى يۇكسەلدۇرۇش كۇچىنى ھازىرلايدىغان تەرەپلەر .بىر قىسىملار بۇ شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلىمايلا ئىجادىيەت يولىغا قەدەم قويغاچقا ،ۋە ياكى ئىجادىيەتنى جان بىقىش ۋاستىسى قىلۋالغاچقا، يازمىلىرىدا روھ يوق ، پۇچەكلىكتىن خالى بولالماي، خەلىقنىڭ ھۆرمەت نەزىرگە ئەمەس ، پىسەنتىگىمۇ نائىل بولالمايدۇ .ئەكىسچە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇشۇكۇر مەمتئمىن ،ئابدۇرھىم ئۆتكۇر ، زوھىردىن سابىر قاتارلىق بىر قىسىم يازغۇچىلار ئاللىبۇرۇن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلۇشۇپ ، خەلىق ئارسىدىن كەتكەن بولسىمۇ ،ئۇلارنىڭ نامى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا زىكىرى قىلىنىپ ،خەلىق ئاغزىدىن چۇشمەيدۇ ،سىماسى خەلىق قەلبىدىن ئۆچمەيدۇ ؟ خەلىقنىڭ قەلىپ دەرۋازىسى تۆھپىكارلىرى ئۇچۇن مەڭگۇلۇك ئوچۇق ،كىرش كىرەلمەسلىك ،ئورۇن ئېلىش ئالالماسلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى،خەلىقتىن ئاغرىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.                        يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى يۇقىردا ئىسمى زىكىرى قىلىنغان ھۆرمەت ساھىبىللىرى قاتارىدا ئىسمىنى ئاتاشقا بولدىغان ،مىللى روھ بىلەن يۇغرۇلغان ،نادىر ھىكايە ،پوۋۇست ، ئەدەبى ئاخپاراتلىرى بىلەن خەلىققە ھال-مۇڭ بولۇپ كىلىۋاتقان ،ئاز ،ئەمما ساز يازىدىغان ساناقلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرسى .ئۇنىڭ «شىنجاڭ مەدىنىيتى »ژورنىلىنىڭ 2009-يىل 4-سانىغا بېسىلغان «قاغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ »ماۋزۇلۇق ھىكايىسى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى ،شۇنداقلا يۇقىردىكى قاراشلىرىمىزنى گەۋدىلەندۇرۇپ بىرەلەيدىغان ،مىللى روھ بىلەن تويۇنغان ياخشى بىر ھىكايىسى،ئوقۇرمەنلەرىگە سۇنغان يەنە بىر ياخشى كۆڭۇل سوۋغىسى . بۇ ھىكايە ئەدىبىياتىمىزغا نىسبىتەن ئېيتقاندا، ھازىر يېزىلاردا دىھقانلارنى بىيتىش داۋرىڭى ئاستىدا ئېلىپ بىرلىۋاتقان سىرىتقا ئىشلەمچى چىقرىش تىمىسىدا يىزىلغان بىردىن- بىر ئەسەر بولۇپ ،تىما جەھەتتىكى يېڭلىقى،چىنلىقى، دادىللىقى ،خاراكتىر يارتىشتىكى يارقىنلىقى تىل ئىشلىتىش جەھەتتكى جانلىق ۋە ئوبرازلىقلقى بىلەنلا ئەمەس ،ئەسەردە ئىپادىلەنگەن مىللى روھنىڭ كۇچلۇكلىكى بىلەنمۇ ئوقۇرمەننىڭ ئالاھىدە دىقىقىتنى تارتىدۇ.         ھىكايە ۋەقەلىكى كۆكقۇم كەنتىدىكى ،قىزىنى ئىچكىرىگە ئىشلەمچىلىككە چىقارغان ياسىن دىھقاننىڭ ئائىلىسىدە پەيدا بولغان بىر قاتار زىدىيەت- توقۇنۇشلارنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ .ئەسلىدىمۇ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئانچە ياخشى بولمىغان بۇ ئائىلىگە چاپلاشقان ئىغىر كىسەل ئائىلىنى سورىۋەتكنىنى ئاز دەپ يەنە بىرمۇنچە قەرزدار قىلپ قويىدۇ .ھالاللىقىنى تۇرمۇش مىزانى ، نۇمۇس بىلەن غورۇرنى ئىنسانى ئۆلچەم قىلپ ياشاپ كىلىۋاتقان ئېتىقاتلىق بۇ دىھقانىغا قەرىزدارچىلىق تولىمۇ ئېغىر كىلىپ،بىشىدا ئوت كۆيىۋاتقان ،يامان چاغدا ئەسقاتقان يۇرتداشلىرىنىڭ يۇزىگە قاراشقا پىتىنالماي نۇمۇس ئىچىدە يۇرگەن كۇنلەرنىڭ بىرىدە  ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشلەمچى چىقىرىش ۋەزىپىسنى ئورۇنلىيالمىغان خوشنا كەنىت سىكىرتارى قاسىم ياسىن دېھقاننىڭ ئۆيگە قىزى ھۆرىنسانى ئۆز كەنتىنىڭ ۋەزىپىسگە سەككىز مىڭ يىۋەن بىرىش بەدىلىگە ئىۋەرتىشنى تەلەپ قىلىپ كىلدۇ . سەككىز مىڭ يىۋەن ھازىر ياسىن دېھقان ئۇچۇن ئاز پۇل ئەمەس، ئالدىرغان قەرىز ئىگلىرىگە بىرىپ تۇرۇپ دەماللىققا تەڭقىسلىقتىن قۇتىلغېلى بولاتتى . ئۇنىڭ ئۇستىگە ھۆرىنىسانىڭ زاۋۇتتا ئىشلەپ ھەر ئايدا ئىبەرتىدىغان مىڭ يىۋەن پۇلمۇ بار تېخى . بۇ بىر يىلدىلا ھەممە قەرىزدىن خالاس بولۇش دىگەن گەپ ئىدى . ئەمما ياسىن دېھقاننىڭ ھۆرىنىسانى ئىبەرتكىسى يوق ئىدى . چۇنكى قىز بالىنى پۇل تېپىش ئۇچۇن سىرىتقا چىقرىش ئۇنىڭ ئۇچۇن نۇمۇسلىق ئىش ئىدى . «كۆكقوم »دا تا ھازىرغىچە ھىچكىم پالانىنىڭ خوتۇن- قىزى پۇل تاپقىلى سىرىتقا ئشلەمچىلىككە چىقىپتۇ، دەپ ئاڭلىغىنى يوق. خوتۇن-قىز دىگەن ئۆينىڭ ئادىمى، ئىپپىتىنى ساقلاپ شەرمۇ-ھايا بىلەن ئۆيدە ئولتۇرشى ،ئىشلىمىسىمۇ  ئۆينىڭ ،ھويلا-ئارام، باغ- ۋاراننىڭلا ئشىنى قىلىش كىرەك. سىرىتلارغا چىقىپ ،يۇرۇت ئاتلاپ مۇساپىر بولۇپ ،پۇلنىڭ كەينىدىن چىپىش ئۇلارغا ياراشمايدۇ. ئاتا مانا شۇنداق ئويلايتى ». مۇھتاجلىق بىلەن غورۇر، ئەنئەنە بىلەن پۇل ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش توپتوغرا بىر كىچە، بىر كۇندۇز  داۋاملىشىدۇ. مۇھتاجلىق بىلەن پۇل ئاخىرى غالىپ كىلىپ ، ئاتا ئازاپ ئىچىدە قىزى ھۆرىنىسانى ئىبەرتىشكە ماقۇل بولىدۇ.        «ھۆرىنىسا كەتكەن دەسلەپكى چاغلاردا ئاتا قەلبى چىقىلغان ئەينەكتەك پارە-پارە بولدى ،ئانا قەلبى قازاندا ئىرىگەن قوي مىيىدەك  سۇ بولدى. بىچارە مەزلۇمە چۇچىسىنى سارغا ئالدۇرۇپ قويغان مىكياندەك رۇكۇلداپ ،قاسىماخون سىكىرتارنىڭ دەرۋازىسىدىن كىتەلمەيتى  ....بالا دەردى ؛ئاھ، بالا دەردىگە نىمە يەتسۇن؟ ئىشىق دەردى بالا دەردىنىڭ ئالدىدا ئۇچقۇنچە،مال- دۇنيا دەردى بالا دەردىگە سىلىشتۇرغاندا دىڭىزدىكى تامچە ....ئاتا بارغانچە جىمغۇرلىشىپ كەتتى ...يالغۇز قالغان چاغلىرىدا كۆكسىگە گۇپۇلدىتىپ ئۇراتتى ‹قارا يۇز مەن ئىككىلا ئالەمدە قارا يۇزمەن ، سىنى مۇساپىرلىق ئوتۇغا ،جاپا مۇشەققەت ئوتۇغا ئىتتىرگەن قارا يۇزمەن ...›دەپ ئاھ ئۇراتتى ئىچىدە .» ئانا ، بالا دەردىگە ئەنە شۇنداق روكۇلداپ، ئاتا ئەنە شۇنداق چۇكۇلداپ، يۇرگەن كۇنلەردە يۇرت مەھەلىدە «قىزىنى سىېتىپتۇ ، بىر يىللىقىنى سەككىز مىڭ كويغا سېىتىپتۇ » دىگەن گەپ تارقىلىپ ، ئاتىنىڭ نۇمۇسىنى ئۇلغايتىپ ، ئازابىنى تىخىمۇ ئىغىرلاشتۇرىدۇ ،سىغىنىش ، ئەنسىرەش، نۇمۇس ئوتۇدا پۇچۇلنىش  بىلەن تەستە بىر يىلنى توشقۇزغان ئاتا –ئانىنىڭ قىزىنىڭ يولىغا تەلمۇرگەن سىغىنچە كۆزلىرى  يەنە ياشلاندى . ياشلاندىلا ئەمەس ، قان ياشقا ئايلاندى . چۇنكى قىز كەلمەي قىز ھەققىدىكى مىش-مىش گەپلەر يىتىپ كەلگەنتى. ئاتا دەسلەپ بۇ گەپلەردىن خەۋەرسىز ئىدى ،خەۋەر تاپقاندا بولسا ئۆرە تۇرالماي داراڭڭىدە ئۇچۇپ چۇشۇپ، قان قۇسۇپ ئىككى ئايغىچە ياتقان ئىدى . «ئەگەر ئاشۇ كۇنلەردە ھۆرىنىسا قايتىپ كىلىپ قالغان بولسا ، ماغدۇرسىزلىقىغا قارىماي سەكرەپ تۇرغان ،پالتىنى قولغا ئالغان بولاتتى » . ئاتا ئاخىرى ئورنىدىنمۇ قوپتى لىكىن «مىنىڭ ئۇنداق قىزىم يوق» دەپ ، قىزىنى كۆڭلىدىن پۇتۇنلەي يوققا چىقىرۋىتىپ ،نۇمۇس ئىچىدە ئەل- جامائەتتىن قىچىپ ،يالغۇز يۇرۇشكە ئادەتلىنپ قالدى .ئۇنىڭ قارشىچە قىزى ئائىلىنىڭ ، جامائەتنىڭ ، ئەۋلاتلىرىنىڭ ، ھەتتا يۇرىت مەھەلىنىڭمۇ نامىنى بۇلغىغان ئىدى.« بىرە –بىرە ئىسىگە كىلىپ قالسا نۇمۇستىن ،نەپرەتتىن، غەزەپتىن چىشلىرى غۇچۇرلاپ كىتەتتى » .شۇ چاغلاردا قىزى كىلىپ قالغان بولسا ، پالتىدا چاناپ قيما- چىيما قىلىۋەتسىمۇ ئاتىنىڭ دەردى چىقمايتى . ئاكىسى ئەگرى ساپلىق پىچىقىنى كۆتۇرۇپ ئىچكىرنى بىر ئايلىنىپمۇ تاپالماي چىقتى. پۇتۇن ئائىلە قىزنى ئۆلدىگە چىقىرۋىتپ ،ئۇنتۇش بەدىلىگە ، نۇمۇسنى ئاقلاپ ياشاشقا ئۇرۇنىدۇ ھەم ئۇنتۇلۇپمۇ كىتىدۇ.ئۇلار ئۇنۇتقان بىلەن قىزى ئۇنتىمىغان ئىدى. بەش يىل بولدى دىگەندە ئاۋال خەۋىرى ، ئاندىن ئۆزى، ناھايتى جق  پۇل بىلەن قايتىپ كىلىدۇ . بۇ ئائىلىگە باھار ئىللىقلىقى ئىزدەپ كەتكەن قارلىغاچ مانا ئەمدى قاغا بولۇپ قايتىپ كىلىدۇ . لىكىن :    «-ئانا !-دەپ مەرىدى قىز .سادا قايىتمىدى .                                            –دادا !-دەپ بوزلىدى قىز. جاۋاپ يانىمىدى.                      –مەن سىللەرنىڭ قىزىىڭلار ، مەن ھۆرۇننىسا !-دەپ ھوۋلىدى قىز ، ئاۋازىدىن يىغا –زارە ، نالە –پەريات ياڭراپ كەتتى .ئەمما يەنىلا ئەكىس سادا قايىتمىدى »                                          شۇنداق ،ھىچكىمدىن سادا چىقمىدى ، ھەم چىقمايتى ھىچكىممۇ قىزىنى كەچۇرمەيتى ،ھەم كەچۇرۋىتەلمەيتى . نىمىشقا ؟چۇنكى قىز ئاتا –ئانسىنىڭ ،ئەجدات – ئەۋلادىنىڭ ، ھەتتا يۇرت –مەھەللىنىڭمۇ نامىنى بۇلغىغان ئىدى .                                   «-نەدىمۇ قوساق كۆتۇرگەن بولاي ؟مەن ھېلمۇ قىز پېتى . ھېچكىم بىلەن كارۋاتقا چىقمىغان يا مەن» ؟                             ئۇھ! ھەر نىمە بولسا ، بۇ ، قىز ساقكەنغۇ ؟! يامان يولغا ماڭماپتىكەنغۇ ؟!ئەمدىغۇ ئاقلىنىپ ، كەچرۇمگە ئېرشەر؟! ئاتنىڭ غەزەپ –نەپرىتنى چۇشنۇپ ، ئار نۇمۇسقا تەھسىن ئېيتىپ ، دەرت ھەسرەتتىن مۇڭلىنىپ ، قىزنىڭ تەقدىرىدىن قايغۇرۇپ كىلۋاتقان ئوقۇرمەن ، بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ ، خۇددى يەلكىسدىكى بىر ئېغىر يۇكنى ئېلۋەتكەندەك ئىچ-ئىچىدىن ئۇھ دىمەي قالمايدۇ .                                                                           «-ياق بالام گەپ بۇ يەردە ئەمەس . سىنىڭ ئىپپەتلىك ياكى ئەمەسلىكىڭنى ئىسپاتلاپ يۇرىشنىڭ ھاجىتى يوق .ئاشۇنداق گەپ –سۆزلەرنىڭ بولىشىلا ئاتاڭنىڭ، ئاكاڭنىڭ غورۇرىنى يەرگە ئۇرۇشقا يىتەرلىك . ئايال كىشى دىگەن شور پىشانە كىلىدۇ ، بالام . ئۇنىڭغا چەكلىمە جىق . ئۇنداق ئشلارنى قىلسىغۇ ئەسلا بولمايدۇ، ئاشۇنداق ئۆسەك سۇزلەر چىقىشقا سەۋەپ بولدىغان قەدەمنى باسسىمۇ بولمايدۇ . ئۇنداق ئشلارنى قىلغانلارغۇ مەڭگۇ كەچۇرىلمەيدۇ ، ئۇستىدە ئاشۇنداق گەپ- سۆز چىققانلارمۇ مەڭگۇ كەچۇرۇمگە ئىرشەلمەيدۇ ... سىنىڭ نامىڭ بۇلغاندى . ئاتا- ئاناڭنىڭ ، ئەۋلات –ئەجداتىىڭنىڭ ، ئۇرۇق-جەمەتىڭنىڭمۇ نامىنى بۇلغۇدىڭ .»                               ھەئە ، قايىللىق ئوقۇرمەنلەرنى بايىقى ساددا خىيالىدىن ئۇيالدۇرىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئەخلاق چۇشەنچىسى ئۇستىدە قايتا ئويلاندۇرىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارشىمىز ، ئەنئەنەۋى ئەخلاقىمىز قىلمىش سادىر بولغاندىن كىيىنكى نەتىجىگە ئەمەس ، بەلكى ئەخلاقسىز قىلمىش سادىر بولۇشقا سەۋەپ بولدىغان ئامىللار ئۇستىدىمۇ ئەتراپلىك ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ پائالىيەت ئەندىزىسىنى ئشنىڭ سەۋەبىدىن باشلاشقا ، قىلمىش سادىر بولۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن .                                             « - ئۇسۇل ئوينىغان بولسام تىخىمۇ كۆپ پۇل تىپىش ئۇچۇن ئوينىدۇم ...قىپيالىڭاچ بولۇپ ئۇسۇل ئويناپتۇ دىگەنلىرى يالغان . ئۇنداق ئۇسۇل ئوينايدىغانلار باشقا، ئۇلار مەندىنمۇ كۆپ پۇل تاپىدۇ ...  
–نىمىلەرنى دەيدىغانسەن بالام .شۇنىمۇ ئۇقمايدىكەنسەندە .ئايال كىشى دىگەننىڭ ھەممە يىرى ئەۋرەت ، قوللىرى ۋە يۇزىدىن باشقا يىرى ئەۋرەت.ئۇ يەرلەرنى ئەر خەققە كۆرسەتسە قانداق بولىدۇ ؟ قارغىنە كىيىملىرىڭگە ،شۇمۇ كىيىم بولدىمۇ ؟ بىلەكلىرىڭ قولتۇقۇڭغېچە يالڭاچ ، كۆكسىڭ ، ساغراڭ مانا مەن دەپ پوسكۇيۇپ تۇرسا ،شۇنىمۇ كىيم دىگىلى بولامدۇ ؟ بۇنىڭ يالىڭاچلىقتىن نىمە پەرقى ؟»                     كىيم –كىچەك مەدەنىيتى مىللى مەدىنىيەتنىڭ ئەڭ يارقىن كۆزنىكى ، مىللى خاسلىقنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى . ئۇ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ فىزۇلۇگىيلىك ئالاھىدىلىكى ، دىنى ئتقادى ، ئۆرۇپ –ئادىتى ، ئەخلاقى ئىستىتىك قاراشلىرى ، ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەرنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ، جۇغراپىيلىك شارائىتى ، تۇت پەسىل ئۆزگىرىشنىڭ كىشىلەر تۇرمۇشىغا ئىلىپ كىلىدىغان تەسىرى ئاستىدا تەدرىجى قىلىپلىشىپ ، مۇكەممەللىشىپ ، ھازىرقى ھالىتىنى بارلىققا كەلتۇرگەن . گەرچە ھازىرقى كىيم –كىچەك مەدەنىيتىدە مىللى پەرىق ئاجىزلاپ ، يەرشالىشىش قەدىمى تىزلىتىلگەن ، كىشىلەرنىڭ ياسىنىش -كىينىش ئھتىياجى  فىزۇلۇگىيلىك ئھتىياج ، ياكى پەسىل ئھتىياجى بولماستىن بەلكى گۇزەللىك ئھتىياجىغا مەركەزلىشىپ قېىلىۋاتقان بولسىمۇ ، لىكىن ئەڭ دەسلەپكى ئىنسان كىيمىنى ھايا يۇزسىدىن كىيگەن.  ئەڭ دەسلەپكى كىيممۇ دەرەخ شاخلىرى ۋە يۇپۇرماقلىرى بولۇپ ، ئنسانلار ئۇلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەۋرىتىنى ياپقان. شۇڭا ئىنسانلار ئەڭ دەسلەپ ئھتىياجلىق بولغان كىيىم ئىشتان . ھەم ئۇ مەيلى قانداق ماتىريال ، ياكى قانداق شەكىلدە بولشىدىن قەتئىنەزەر ، ئەڭ دەسلەپ پەيدا بولغان كىيىممۇ ئىشتان دىيىشكە بولىدۇ. دىمەك ھايا ئىڭىنىڭ بارلىققا كىلىشى ئىنسانلارنى كىيم كىيىشكە مەجبۇر قىلغان . شۇڭا كىيىم –كىچەك مەدەنىيتىنى دەسلەپكى ئەخلاقى ئاڭنىڭ مەسئۇلى دىسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز . ئەنئەنىۋى ئەخلاقىمىز كىينىش ،ياسىنىش مەسىللىرىگمۇ مۇئەييەن ئۆلچەم،تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، كىيىم –كىچەك مەدەنىيتىدە تىگىشلىك ئىپادىسنى تاپقان . بىر ئادەمنىڭ قانداق كىينىشى، قانداق ياسنىشىغا قاراپمۇ شۇ ئادەمنىڭ  قانداق ئادەم ئىكەنلىكىگە، ۋە ئەخلاق ساپاسىغا ھۆكۇم قىلىپ كەلگەن .                                          «-شەھەرلەردە ھەممە ئادەم شۇنداق كىينىدۇ، خەق شۇنداق كىيىنسە بولدىكەنۇ، مەن بۇنداق يۇرسەم نىمىشقا بولمىغىدەك ؟                     -خەق يالڭاچ يۇرسە ئۆزىنىڭ ئىشى، ئەمما بىز يالڭاچ يۇرسەك بولمايدۇ، بىلەمسەن ؟ بىزكىمنىڭ ئۇممىتى ؟ كىمنىڭ ئەۋلادى ؟ ئادەت ئەنئەنمىز قانداق ؟ بىزنىڭ ئۆز ئەخلاق –مىزانىمىز ، ئۆرپە –ئادىتىمىز بار، بالام . ئۆز يولىمىز ، ئۆز مەنزىلمىز بار، بالام . ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساق بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن چەتنىسەك بولمايدۇ. ئەگەر ئاكاڭ ئىزدەپ بارغاندا مۇشۇ ھالىتىڭدە كۆرگەن بولسا سىنى چوقۇم بوغۇزلىۋىتىپ كەلگەن بولاتتى. بۇنداق كىيىنگىنىڭنى ئاتاڭمۇ، ئاكاڭمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ . يۇرۇت – مەھەللىمۇ ، ئەل –جامائەتمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ . ئۇلار ئۆز پەرزەنتىنىڭ ئاينىپ كىتىشىنى قانداقمۇ قوبۇل قىلالىسۇن ؟ ».
       ئەخلاقى تەلقىنلەر بىلەن دىنى ئەقىدە زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ بايانلار بىزنى بۇلار   ئۇتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىشقا ئۇندەيدۇ . « قايسى خىل  دىن    بۇلىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ، ئىنساننىڭ رىيال تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ تۇرشى مۇمكىن   ئەمەس . مۇشۇ خىل جەريان ئەڭ دەسلەپكى ئەخلاقى چۇشەنچىلەرنىڭ بىخىلنىشىغا مەنبە بولغان.شۇڭا دىنى ئىددىيىلەرنىڭ تەسىردىن خالى ئەخلاقى فورمىلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تەسەۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس . » (3) شۇنداق، ھەرقانداق دىن ئۆز قەۋمىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا مەلۇم ئۆلچەملەرنى قويۇش ئاساسىدا ئۆزىنى رئىاللاشتۇرۇشنى ئىستەيدۇ.بۇ جەريان ئەنئەنۋى ئەخلاقنىڭ بارلىققا كىلىشىدە تۇرىتكىلىك رول ئوينايدۇ .ئەخلاقمۇ ئۆز نۆۋىتىدە دىندىن پايدىلىنىپ ،ئۆز مەزمۇنىنى تولۇقلاشقا تىرشىدۇ ، ھەم ئۆزنىڭ مەۋجۇتلىق موھىتىنى ئىزدەيدۇ . «كىشلەرنىڭ ئىجتىمائى تەرتىپنىڭ  بۇزلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدىغان ھاۋايۇ – ھەۋەسلىرى پەقەت ئۇلار ئۆزلىرى ھۆرمەتلەيدىغان   ئەخلاقى كۇچنىڭ ئالدىدا باش ئىگدۇ . » (4 ) بۇ يەردە دىيلىۋاتقان ئەخلاقى كۇچ ، دەل كىشلەردىكى مۇقەددەسلىك تۇيغۇسى ، مۇشۇ خىل تۇيغۇ بولغاندىلا كىشلەردە ئەيمىنىش تۇيغۇسى،  ئار –نۇمۇس تۇيغۇسى،قورقۇش تۇيغۇسى بولدۇ.شۇڭا نۆۋەتتە كۆرلىۋاتقان ئەخلاق كىرزىسىنى،ئىتقات كىرزىسىدىن مۇستەسنا ھالدا چۇشەندۇرۇش ئىلمى پوزۇتسىيە ھىساپلانمايدۇ ۋە مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بىرەلمەيدۇ .                                                    «.....ئاكا دىگەننى،ئاتا دىگەننى چۇشنەمسەن؟ئۇلار ھەممىگە  چىدايدۇ، پەقەت خوتۇن قىزلىرنىڭ ، قىز قېرىنداشلىرىنىڭ شەرمەندە قىلىشىغا چىدىمايدۇ . ئۇلار ئۇچۇن دۇنيادا خوتۇن –قىزلىرىنىڭ ئىپپتىدىن موھىم نەرسە يوق ....»             «-دادام ئاشۇ يالغان ياۋداقلارغا ئىشنىپ،مىنى راستىنلا كەچۇرمەسمۇ؟
-ھېلى ئېيىتتىمغۇ ، ساڭا . ئۇ گەپلەرنىڭ راس –يالغانلىقى بىلەن ھېچكىم ھىساپلاشمايدۇ .ئاشۇنداق گەپلەرنىڭ  تارقالغانلىقى بەش يىلغىچە قايىتمىغانلىقىڭ ،كىيىم كۆرنىشىڭنىڭ ئۆزىلا سەندىن نەپرەتلىنىشكە يىتەرلىك . ئەمدى بۇ ئۆيدە تۇرالمايسەن ، بالام .....»               شۇنداق، قىز بۇ ئۆيدە تۇرالمايتى. قىز بۇ ئۆيدىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئاللا بۇرۇن «ئۆلگەن»  ئۇنى ھېچكىم كەچۇرىۋىتەلمەيتى . ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن شۇنچە كۆپ  پۇللىرىمۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ يۇزىگ  چېچىلغان يۇندا ئىدى . ئۇلار تازا مۇھتاج بولغان بۇ پۇل ئەمدىلتىك ئۇلارنى خۇددى نىجاسەتتەك يىرگەندۇرۋاتاتتى . ئۇۇلارنى يۇز –ئابرويدىن ئار –نۇمۇستىن ئايرىغىنى دەل مۇشۇ پۇل ئەمەسمۇ ؟ بۇ پۇل پەقەت بىرلا ئادەمنى خۇش قىلۋەتتى .ئۇبولسىمۇ پەقەت يېزلىق پارتىكومدىكى ۋاڭ شۇجى ئىدى.ئۇ ، ھۆرنىسانى يوقلاپ كىلىپ، قايتىدىغان چاغدا ئانىنىڭ قولنى مەھكەم سىقىپ ، «ياكشى ، ياكشى كىز چوڭ كىپسىز ، پۇل تاپالايدىگەن چوڭ كەپسىز ، رەخمەيتى » دىدى . بۇ پۇل بۇيەردە بىزگە ئىككى خىل ئەخلاقى قاراش، ئىككى خىل قىممەت قارشىنى رۇشەن سېلىشتۇرما قىلىپ بىرۋاتاتتى.
قىز ئۆيدىن قوغلاندى. لىكىن قىزنىڭ ئۇلاردىن يەنە ئايرىلىپ قالغۇسى ، ئۇلارنى تاشلاپ  يەنە يىراقلاپ كەتكۇسى يوق ئىدى . ئۇلار يېرگەنگەن بىلەن قىزنىڭ قەلبىدە ئاتا –ئانا مۇھەببىتى ، قېرىنداشلىق مېھرى ، يۇرت مېھرى يەنىلا ھۆكۇمران ئىدى . شۇڭا ئۇ يېزىلىق ھۆكمەتتىن يەر سېتۋېلىپ باغ بىنا قىلىپ ، ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولدى. ئۆي سالدى، ماشىنا سېتۋالدى. كۇرۇستا ئوقۇپ تېخنىكىمۇ ئىگەللىدى ، ئەمما ئۇنىڭ بېغىدا ئىشلەشكە ئادەم چىقمىدى . پۇلغا شۇنچە ئېھتىياجلىق بۇ خەخ ، خۇددى كىلشىۋالغاندەك ئۇنىڭغا ئىشلەپ بەرگىنى،ئۇنىڭ پۇلىنى ئالغېلى ئۇنمايۋاتاتتى . كىشىلەر خۇددى نىجاسەتتىن قاچقاندەك ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچىرۇشتى،ئۇنىڭغا ھېچكىم يىقىن يوللىمايتى . ئۇنىڭ بىلەن كىشلەر ئوتتىرسىدا كەڭرى بىرتور يېيلىپ تۇرغا ندەك ، بۇ تور ئۇنى كىشىلەرگە مەڭگۇ يېقىنلاشتۇرمايدىغاندەك قىلاتتى . ئۇ يالغۇز ياشاشقىمۇ چىددى ، لىكىن كىشلەرنىڭ ئۇنى ئۇچراتقان چاغدىكى يامان كۆزلىرىگە، تىل –دەشناملىرىغا  چىداپ بولغىلى بولمايتى. قىز ئەمدى چۇشەندىكى ئۆزىنى كەچۇرمەيدىغىنى يالغۇز ئاتا –ئانسىلا ئەمەس ، بەلكى بارلىق يۇرتداشلار ئىكەن . ئۆزىنى ئائىلسىلا ئەمەس ، يۇرتىمۇ سىغدۇرالمايدىكەن . يالغۇزلۇق ، يەكلىنىش ، چەتكە قېقىش ، خورلىققا چىداپ بولالمىغان قىز بۇ يۇرتنىڭ ئۆزىگە ئەمدى ھارام بولغىنىنى چۇڭقۇر ھېس قىلىپ ،ئىگلىكنى تاشلاپ ، ئازاپ ئىچىدە يۇم – يۇم يىغلاپ ، يۇرىتتىن چىقىپ كىتىدۇ.                                 
دىمەك ، ئۆز ئەنئەنەسىگە ، ئۆرپە- ئادىتىگە، ئەخلاق- مىزانىغا ، ئاسىيلىق قىلغان ،ئۆز  يولىدىن ئازغان بۇ قىزنى سىغدۇرمىغان ، نەپرەت تاشقىنلىرى پەيدا قىلىپ ،لەنەت دېڭىزىغا غەرىق قىلغان ئىجتىمائى موھىت زادى قانداق موھىت ؟ بۇ قىزنى يەكلەشتە ھەممىلا يەرگە تارتىلغان  كۆرۇنمەس تور ، خۇددى سېھىرلەپ قويغاندەك ھەممىلا ئادەمدە پەيدا بولغان ئورتاق نەپرەت ، خۇددى كىلشىۋالغاندەك پايدا –مەنپەت ئالدىدىمۇ قەتئى تەۋرەنمىگەن ئىرادە ، قىز شۇنچە قىلىپمۇ بۆسۇپ ئۆتەلمىگەن كۆرۇنمەس زەنجىر زادى نىمە؟ بۇ دەل ئەنئەنىۋى ئەخلاق ۋە قىممەت قارشى بىلەن تويۇنغان مىللى روھ ۋە مىللى موھىت ئەمەسمۇ ؟ ھازىرقى بىز دۇچ كىلۋاتقان ئەخلاق كىرزىسى،دەل مۇشۇ خىل موھىت، ۋە روھنىڭ ئازلاپ ۋە ئاجىزلاپ كىتۋاتقانلىغىنىڭ نەتىجىسى. ئاقىللىرمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە چۇقانلىرى زامانىۋىلىق ۋە دەۋىر چۇقانلىرى ئارسىدا كۆمۇلۇپ قېلىپ ھېچقانچە ئەكىس سادا پەيدا قىلالمىدى . ئەدەبىياتىمىزدا بۇ تىما خېلى بىر قىسىم قەلەمكەشلەرنى  جەلىپ قىلىپ كىلۋاتقان بولسىمۇ تۇرمۇشنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان  يەككە سوبكىتنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشى ئۇستىدە كۆپرەك باش قاترۇپ، ئۇبىكتىپ سەۋەپلەر ۋە ئۇبكتىپ  موھىت نەزەردىن ساقىت قىلىنغاچقا ، ۋە ياكى ئەسەر قەھىرمانلىرى مىللى موھىت ئىچىگە قۇيۇلۇپ قامچىلانمىغاچقا تەربىۋى ئەھمىيتى تۆۋەن بولۇشتىن خالى بولالمىدى .ھەتتا بەزىلەر ئەسەرنىڭ ئوقۇشچانلىغىنى ئاشۇرۇش مەخسىتىدە قىز-ئاياللارنى ھەدىسىلا كارۋاتقا سۆرەپ چىقىرىپ شاللاق موھىت ، شاللاق پىرسىناژلارنى كۆپەيتىپ ، يامان تەسىر پەيدا قىلىدى .شۇلارغا سېلىشتۇرغاندا نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ بۇ ھىكايىسىنى ئەخلاق تىمىسىدا يېزىلغان ياخشى بىر  ھېكايە ، بىر قېتىملىق ياخشى بىر ئەخلاق دەرىسلىكلى دىيىشكە بولىدۇ .                                    ھېكايىنىڭ ماۋزۇسى تارتمىلىق ھەم  تولىمۇ ئوبرازلىق قويۇلغان . قارىلىغاچ قىزنىڭ ئىشلەمچىلىككە ماڭغان چاغدىكى ئوبرازىغا ، قاغا ئىشلەمچىلىكتىن قايتىپ كەلگەن چاغدىكى ئوبرازىغا سىمىۋول قىلىنغان  . دىمىسىمۇ قارلىغاچ ئەزەلدىن ئىنسىنلارنىڭ دوستى ، باھار ئەلچىسى دەپ قارىلىپ ياخشىلىققا سىمىۋول قلىنىپ كەلگەن .قاغا زىمىستاننى قوغلىشىدىقان قۇش ، ئۇنىڭ قاقىلدىشىمۇ شۇملىقنىڭ بىشارىتى دىيىلىپ يامان ئىشلارغا سىمىۋول قىلىنىپ كەلگەن. ئاپتور بۇ خىل ئەنئەنىدىن ناھايىتى ئۇنۇملۇك پايدىلانغان . ھەم تىمىنى ماۋزۇ ئارقىلىق ئىچىپ بىرىشنىڭ ئۇلگىسىنى ياراتقان . ئۇنىڭ ئۇستىگە ھېكايىنىڭ قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە ،  ھەر بىر بۆلەك قىزنىڭ قايتىپ كەلگەنلىك خەۋىرى بىلەن باشلىنىدۇ، ئەمما سىيۇژىت لىنىسى پىرسىناژلار ئىددىۋى ھېسياتنىڭ ئۆزگىرشى ۋە تەرەققىيات تەلىۋى بۇيىچە قانات يايدۇرىلىدۇ . ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتەبايان ، بولۇپمۇ ئاپتور بايانى ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ . گەرچە بۇ ، ھېكايىنىڭ ھېكايچانلىق خۇسۇسىيتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدىغان تەرەپ بولسىمۇ ، لىكىن ئاپتورنىڭ پىشقان تىلى ، ۋە  ئۆزگىچە بايان قىلىش ئۇسۇلى بۇ تەرەپتىكى ئاجىزلىقىنى يېپىشقا مۇۋاپەق بولالىغان.ماقالىنىڭ مەخسىدى ئەسەرنىڭ بەدىئى ئالاھىدلىكى ئۇستىدە ئومۇمىيۇزلىك توختىلىش بولمىغاچقا باشقا  تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ ، مۇشۇ يەردە توختاپ قېلىشقا مەجبۇرمەن. ئاخىرىدا يازغۇچىنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ، قەلىمىگە يەنىمۇ جۇرئەت ۋە بەركەت تىلەيمەن. .                                                                                                                                                                                  ئسىتاتامەنبەلىرى                                                                                                                                                                                                                                           (1 )  ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى قائىدىلىرى . ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ،  1982 –يىل  نەشرى . 776 –بەت )                     (2 ) ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى قائىدىلىرى . (776 –بەت )                (3 ) ‹ شىنجاڭ مەدەنىيەتى › ژۇرنىلى (2008 –يىل 1 –سان  72-73 –بەتلەر )
(4 ) ‹شىنجاڭ مەدەنىيەتى  › ژۇرنىلى (2008 –يىل 1-سان   72- بەت )                                                                                                                              قەشقەريېڭىشەھەر ناھيىلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى                         13579300870 تىلفۇن :
2009-يىل-10-ئاي

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-27 20:38  


مەن كىرۋالاي!پوش....پوش!!!....
mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6006
تۆھپە : 3
توردا: 645
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 19:31:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2108
يازما سانى: 701
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1187
تۆھپە : 0
توردا: 747
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 21:32:21 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختى ئۈستىدىكى ئزدىنىشلىرىگە مۇبارەك بولسۇن!ھارمىغايلا!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1846
يازما سانى: 343
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1197
تۆھپە : 0
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-29 10:13:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنن بۇ ھىكايىنى ئۇقۇماپتىكەنمەن..بىر ئۇقۇپ چىقاي

سەمىمىلىك  مېنىڭ قىبىلنامەم

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2319
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 135
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-27

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-3 14:45:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبياتتكى مللى روھ ،مللى ئالاھدىلك ھەققدە ساۋاتقا ئىگە قىلغنىڭىزغا رەھمەت

چۇشلىرىمدە گۇزەل ئارمانلار،
رىئاللقتا شوخ ئقىن ياسار.
قەلىبكە تولغان ھالرەڭ ئسكەنجە،
ئۆز ئوقىدا مۇڭلىنى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  830
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 739
تۆھپە : 0
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 20:49:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن... ئەمدى بولسىمۇ ئىزدەپ تېپى چوقۇم ئوقۇپ چىقاي.... بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا رەھمەت....
نۇرمۇھەممەت  ئاكامنىڭ بۇ ئەسىرى-مىللي روھىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى ھەققىدە مۇھىم بىر سېگنال بەرگەنلىكىدە گۇمان يوق!

ئاناتىلىمىزنىڭ پەش-چېكىتلىرىنىمۇ ئىسراپ قىلمايلى!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2139
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 174
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-5 11:52:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: « قاغا»توزۇتقان مىللىي روھ

     بۇ ماقالە يۇللۇنۇش جەريانىدا ئابزاس،قۇرلار بىر-بىرگە چاپلىشپ،قۇرۇلمۇسى بەكلا بۇزلۇپ كىتىپتۇ،  ئوڭشاپ قوياي دىسەم،ماڭا مومكىن بولمىدى،باشقۇرغۇچىلار ئۇڭشاپ قويغان بولساڭلار ياكى مىنىڭ ئۇڭشاپ قۇيشۇمغاشارائىت يارتىپ بەرگەن بولساڭلار!

مەن كىرۋالاي!پوش....پوش!!!....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2462
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 144
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-17 21:49:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ...مەن‹قاغا ›ۇبرازى    توغرىسىدا ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى يازغان بۇ ماڭا ياخشى ماتىريال بولغۇدەك.........

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3415
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-8 10:01:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىشلىرى توختاپ قالمىغاي.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  355
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 829
تۆھپە : 0
توردا: 132
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-27 21:02:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبياتتكى مللى روھ ،مللى ئالاھدىلك ھەققدە ساۋاتقا ئىگە قىلغنىڭىزغا رەھمەت

بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۇچۈن بولدى دەۋزەخ،
ياش گۇلۈمنى خازان قىلدى قانخور ئەبلەخ

                                  _ ل،مۇتەللىپ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش