ximal
كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 3

ئەدەبىي ئەسەر ئىجاد قىلىنىشى كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 495
تۆھپە : 0
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 20:11:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي ئەسەر ئىجاد قىلىنىشى كېرەك

نۇرمۇھەممەت ھاشىم

« ئەدەبىي ئىجادىيەت»دېگەن بۇ نامدىن بىلىنىپ تۇرۇپتىكى،ئەدەبىي شەكىلدە تىلنىڭ ياردىمىدە ئىجاد قىلىش -يەنى بىر يىپيېڭى بولغان سۇبيېكتىپ دۇنيانى  پەيدا قىلىش دېگەنلىكتۇر. يازارمەن ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە تەسەۋۇرىغا تايىنىپ بەدىئىلىككە تويۇنغان ئەسەرنى ئوتتۇرغا چىقىرىشى كىرەك.بىر پارچە ئەسەردە چوقۇم تىل قۇرۇلمىسى ،ئىدىيە ،مەزمۇنى  ياكى بولمىغاندا ئىپادىلەىش شەكلى دېگەندەك مەلۇم بىر تەرىپىدە بولسىمۇ بىرەر يېڭىلىق ،ئاپتۇر مېھنىتىنىڭ ئىجادى سەمەرىسى بولمىسا ئۇنداق ئەسەرلەرنى ئەدەبىي ئەسەر دەپ ئاتاشقا لاياقىتى توشمايدۇ دەپ ھېساپلاش كىرەك.ئەگەر بىر ھەۋەسكار بىر پارچە ئەسەر يازغان بولسا ،بۇ ئەسەردە باشقىلار ئېيتىپ بولغان گەپلەرنى دېگەن بولسا، مەسىلەن،«دوستلۇق»دەپ بىر پارچە شېئىر يېزىلغان بولسا ،بۇ شېئىردا ھەۋەسكار «دوستلۇقنى قەدىرلە،دوستۇڭغا ۋاپاسىزلىق قىلما،دوستسىز ئىنسان يالغۇز دەرەخ،ياخشى دوست مەڭگۈلۈك بايلىق...»دېگەندەك باشقىلار تەرىپىدىن نۇرغۇن قېتىم ئېيتىلىپ بولغان مەزمۇننى يەنە شۇ كونا شەكىل ھەم بايان قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ يازغان بولسا ،بۇنى كىتابخانىلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشقا لاياقىتى توشمايدىغان تەقلىدى ئەسەر، دەپ قاراش كىرەك ۋە ھەۋەسكار بۇ ئەسىرىنى تارتمىسىغا تىقىىۋىتىشى كىرەك.مەنمۇ بىر ئەدەبىي ھەۋەسكار بولغىنىم ئۈچۈن مەلۇم بىر ياخشى ئەسەرنى كۆرگىنىمدە ئىلھاملىنىپ كېتىپ شۇنداق ئەسەردىن بىرنى يازغۇم كېلىپ قالىدۇ.مەن سەزسەم دەل مۇشۇ نۇقتىدىكى بىپەرۋالىق،ھورۇنلۇق ۋە تەپەككۇرنىڭ چولتىلىقى بىر ھەۋەسكارنىڭ يۈكسەكلىككە ئۆرلىشى ،ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى روياپقا چىقىرىشىغا نىسبەتەن ئەكىس تەسىر بېرىپ چەكلىمىلىك پەيدا قىلىپ قويىدىكەن.ئەگەر بىز بىزگە تەسىر كۆرسەتكەن بىر پارچە ئەسەرنى كۆرگىنىمىزدە بىزنىڭ ئىلھاملىنىش نۇقتىمىز ،تەقلىد قىلىدىغان يېرىمىز شۇ ئەسەرنىڭ ھېچكىمنىڭ ئەسىرىگە ،باشقىلارنىڭ ئۇسۇلىغا ئوخشاپ قالمىغان تەرىپى بولۇپ ،ئۆزىمىزمۇ دەل بىزنىڭ ياقتۇرىشىمىزغا ئېرىشكەن ئەسەرنى دۇنياغا كەلتۈرگەن ئاپتۇرغا ئوخشاش ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ،ئۆزىمىزگە خاس بولغان ئەسەرنى دۇنياغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تەپەككۇرغا ،ئىزدىنىشكە ئاتلىنىشىمىز زۆرۈر ئىكەن.بۇ ھەۋەسكارلار ئەمەس قەلىمى پىشقانلارمۇ دىققەت قىلىدىغان تەرەپ.بۇنداق دېيىشىمدە مۇنبىرىمىزدە ،ھەتتا مەتبۇئاتلىرىمىزدا بەزى پىشقەدەملىرىمىزمۇ شۇنداق ياكى بايان قىلىش ئۇسۇلىدا ،ياكى تىل قۇرۇلمىسىدا ،ياكى پىكىر ،ئىدىيە ۋە مەزمۇنلىرىدا زادى ھېچقانداق يېڭىلىق ،ئۆزگچىلىك يوق تەيپىنەم زامانىدىن قالغان كونا نەرسىلەرنى ئەدەبىي ئەسەر دەپ كىتابخانىلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنبماقتا.مېنىڭچە ئۆزىنى شائىر ،يازغۇچى دەپ ئاتايدىغان ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزىگە تەلەپنى قاتتىق قويۇشى ،نۇرغۇن ئەسەر يېزىپمۇ  بىرەر خاسلىقنى ئىجاد قىلالماي قىلىپتە قۇيغاندەك تۆت چاسا،بوغۇم ،تۇراق ،ۋەزىن قاپىيەلىرى شۇنداق راۋان ،چىرايلىق چىققىنى بىلەن مەزمۇنىدا ياكى تىلىدا بىرەر يېلىقى بار ئەسەر يېزىپ چىقالمىغان بولسا ياخشىسىى باشقا ئىش قىلغىنى تۈزۈك  ياكى ئۆزىنى يەنىلا باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ھەۋەسكار ھېساپلاپ  ئەدەبىيات بىلەن قايتىدىن تونىشىپ چىقمىقى كىرەك. ئەدەبىيات تارىخدىن ئورۇن ئالالغانلار دەل ھېچكىم دەپ باقمىغان ئوي -پىكىرنى ،مەزمۇننى ئوتتۇرغا قويغان ياكى ھېچكىم قوللىنىپ باقمىغان شەكىلنى قوللانغانلاردۇر.ئەدەبىيات دۇنياسىدا باشقىلارغا تەقلىد قىلمىساقمۇ ،باشقىلار دېگەننى دېمىسەكمۇ بىزنىڭ قىزىپ چىقىشىمىزنى ،ئىجاد قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان بوشلۇق ناھايتى چەكسىز ،يېزىپ چىقىلىش مۇمكىنچىلىك بار نەرسىلەرنىڭ پايانى يوق.


   

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  75
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 493
تۆھپە : 2
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 19:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام نۇرىمۇھەممەد ، ماقالىڭىزنىڭ ئىدىيىسى ئاكتىۋال ، يەتمەكچى بولغان نىشان ئېنىق بولسىمۇ ، لېكىن دەلىلنىڭ كەملىكى سەۋەبلىك سەل ‹‹چۇلتا ›› ھىس قىلدىم .  مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز مەتبۇئاتلىرىمىزدا ئىلان قىلىنىۋاتقان ئەدەبىي ۋە نەزەرىيەۋىي ئەسەرلەردىن نەقىل ئېلىپ تۇرۇپ ماقالىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بىيىتىپ باقامسىز!؟

كۆيمەكتە ئەنە ئاھ، قاردىكى قۇياش
http://kilyang.blogbus.com/  غا مەرھەمەت!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 495
تۆھپە : 0
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 13:47:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقۇت ،يازمىنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈرگىنىڭىزگە تەشەككۇر.بۇ يازما ھەقىيقەتەن «تىز تاماق»شەكلىدە يۈزەكى تەسىراتلىرىمنى بىۋاستە قىسقىلا بايان قىلغان .سىز دېگەندەك  نەزىريىۋى ئاساسلار ۋە كونكىرىتنى مىساللار بىلەن بايان قىلغاندا يازمىنىڭ قايىل كۈچى ئاشىدۇ.سىز دېگەندەك قىلىشقا ئۇرۇنىپ باقاي.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1933
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 917
تۆھپە : 0
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 19:33:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ «تىز سىزما» نى  يۈرىكىمگە سىزىۋالدىم. چۈنكى ئاددى بولسىمۇ كىشىگە «ئىتتىرىش» كۈچى ھاسىل قىلىپ بىرىدىكەن. بىز يازغۇچى دەپ نىمىگە ئىيتىمىز؟ خەلىقنىڭ ئالدىدا مېڭىپ يىڭىچە ئىددىىيە بىلەن تەرەققىيات ھاسىل قىلالىسا ئاندىن قالتىس ئەدىب دەيمىز. بوممىسا بىر خىل  كونا ئىددىيە بىلەن خەلىقنى تۈگمەن تىشى چۆرگىلەتكەندەك بىر ئىزدە توختىماي چۆرگىلىتىپ ،يوغانراق بىر زامانىۋى «ئۇن زاۋۇتى» قۇرۇش يادىغا يەتمىگەن ئىلغارلىقنى «ئەدەبىيات گۈللىنىشى» دەپ ئاتىساق بولمايدۇ...
يەنە مۇشۇنداق پىكىرلەر بولسا ، ماقالىلار بولسا يوللاپ تۇرۇڭ. ياقتۇردۇم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش