كۆرۈش: 174|ئىنكاس: 3

لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك -ئىچمەك ئادىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1596
تۆھپە : 0
توردا: 246
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 15:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك – ئىچمەك ئادىتى
مۇھەممەت توختى
( لوپنۇر ناھىيىلىك 2- باشلانغۇچ مەكتەپتىن )
     لوپنۇر رايۇنى – لوپنۇر ناھىيىسى ۋە چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زىمىن بولۇپ ،  ئەسىرلەردىن بۇيان لوپنۇردىن  ئىبارەت  بۇ  گۆھەر زىمىن مەيلى تارىخ تەتقىقاتى جەھەتتىن بولسۇن ،  مەيلى  مەدەنىيەت  تەتقىقاتى  جەھەتتىن بولسۇن تەتقىقات تېمىسىنىڭ  كۆپلۈكى  ۋە  ئۆزگىچە  رايۇن ئالاھىدىلىكى بىلەن جاھان ئەھلىنى  تاڭ  قالدۇرۇپ  ،  دۇنيا  مىقياسىدا  بىر قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە .
   تارىختىن  بۇيان  بۇ   گۆھەر  زىمىننىڭ  تارىخى  ۋە   بۇ  جايدا ياشىغۇچى  خەلقلەرنىڭ  تۇرمۇش   ئالاھىدىلىكى   ،   خەلق   ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى  دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار تەتقىق قىلىپ مول مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى .
   لوپنۇرلۇقلارنىڭ  يېمەك – ئىچمەك  ئادىتى  جەھەتتە  نۇرغۇنلىغان تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ ، يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ ( مەسىلەن : << لوپنۇرلۇقلارنىڭ بېلىق ئىستىمال قىلىش ئادىتى >> ... ) كەلدى . مەنمۇ بىر لوپنۇرلۇق بولۇش سۈپىتىم  بىلەن  لوپنۇر  رايۇنىنىڭ  بىر قەدەر تونۇش بولغان تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان توپلىغان ماتىرياللىرىم ئاساسىدا بۇ ماقالىنى  كۆپچىلىككە  سۇندۇم  . گەرچە تولۇق بولمىسىمۇ بەلكىم ، ئازدۇر – كۆپتۇر پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتىمەن .  
**              **              **
》 مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ .  بۇ  مىللەتلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ياشىغان شارائىتى ، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنىڭ پەرقلىق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، شۇ پەرقلەرنىڭ بىرى مىللەت -   
لەرنىڭ يېمەك – ئىچمەك جەھەتتىكى ئۆزىگە  خاس ئالاھىدىلىكلىرىدە ئىپادىلىنىدۇ . 《(1)   
  دېمەك ،  ئەجدادلىرىمىز  ھايات كەچۈرۈش  داۋامىدا  چارۋۇچىلىق، بېلىقچىلىق ، ئوۋچىلىق ۋە قىسمەن تېرىقچىلىق شەكىللىرى ئارقىلىق ئۆز تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن . بۇ مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللاردىكى تارىخىي پاكىتلار ئېنىق دەلىللەپ بەرگەن .
  لوپنۇرلۇقلارمۇ باشقا جايلاردا ياشىغۇچى ئۇيغۇر قەۋمىلەر قاتارىدا لوپنۇر رايۇنىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك يەر شارائىتىغا ئاساسەن سۇ قوغلىشىپ دەريا ، كۆل  بويلىرىدا  كۆچمەن  ھالەتتە  تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن بولغاچقا ،  ئۆزىگە  خاس  يېمەك  –  ئىچمەك  مەدەنىيىتىنى  بارلىققا كەلتۈرگەن .
  چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارى چى شىيى تەرەپىدىن يېزىلغان <<غەربىي يۇتتا  ئاڭلىغان  ،  كۆرگەنلىرىمدىن  خاتىرە  >>  ناملىق كىتابتا : 》  لوپنۇر ... ئۇ يەردە  ئىككى ئۇيغۇر كەنتى بولۇپ ، ئۇ كەنتتىكىلەر لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتىلىدۇ . بۇ ئىككى كەنتنىڭ ھەر بىرىدە 4-5 يۈزدىن ئائىلە بار . ئۇلار ئاشلىق تېرىمايدۇ ، چارۋۇچىلىق قىلىشنى بىلمەيدۇ . ئاشلىق ئورنىدا بېلىق يەيدۇ . ياۋا كەندىر ( چېگە ياكى لوپنۇر كەندىرى ) دە توقۇلغان رەختتە كېيىم كېيىدۇ . مامۇق چاپان كېيىدۇ. ئوۋلىغان ئۇچار قۇشلارنىڭ مامۇق پەيلىرى ئۈستىدە ياتىدۇ ... دۇئا-تىلاۋەتنى ، نامازنى بىلمەيدۇ . كورلىدىكى ئۇيغۇر شەھەرىگە بارغانلىرى چارۋا گۆشى ، ئاشلىق يېيەلمەيتتى . يەپ قويسىلا قۇسۇپ ياندۇرۇۋېتەتتى . كورلىدا بېلىق كۆپ بولغاچقا ئۇلار بۇ يەرگە كېلىپ تۇراتتى . ئەمما باشقا جايغا بېرىشقا پېتىنالمايتتى ... 《(2)
  يۇقۇرىدىكى نەقىلدىن لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنى پەقەت بېلىق يەپلا باشقا ھېچقانداق يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماي ھايات كەچۈرگەن دېگەندەك چۈشەنچىگە ئىگە بولىمىز . ئەمما لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى پەقەت بېلىق يەپلا ، باشقا يېمەكلىكلەرنى يېمەي ھايات كەچۈرگەنمۇ ؟ ئۇنداقتا ئادەم پەقەت بېلىق گۆشىنى يەپ، ئاشلىق ۋە باشقا تۈردىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەي ھايات كەچۈرۈش مۈمكىنمۇ ؟ قانداق شارائىتتا لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىدىن ئۆمۈر چولپانلىرى كۆپ چىققان ؟ ... بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشقا ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ .
  يارمۇھەممەت تايىر تۇغلۇق ، ئابدۇبەسىر شۈكرى قاتارلىق تەتقىقاتچىلىرىمىز بىرلىشىپ يازغان》مەدەنىيەت كارۋانلىرى《 (1) دېگەن كىتابىنىڭ》 كروران ئانا 《ناملىق ماقالىسىدا يۇقارقى نەقىللەرنىڭ دەل ئەكسىچە ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك نەقىللەرنى يازغان. يەنى ،》 ... <بۇ جايدىن چىققان بۇغداي مەملىكىتىمىز بويىچە ئەڭ بۇرۇن  ئۆستۈرۈلگەن  يۇملاق  بۇغداي  ئەرۋىشكىسى > دەپ قارالدى ... 《 (3)
  ئىگىلىنىشىچە ۋە پىشقەدەملەر سۆزلىرىدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇكى ، ئەينى زاماندا لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىنلىرى ( كۆنچى دەرياسى، قىرقى دەرياسى ، ئوپقان دەرياسى، يۇملاق دەرياسى، ئاچچىق دەرياسى قاتارلىق بەش تارام ئېقىن ) ۋە لوپنۇر كۆلى ئەتراپلىرىدا ئېقىن قوغلىشىپ كۆچمەن ھالەتتە تۇرمۇش كەچۈرگەن بولغاچقا ، ئۇلار تەبىئىي شارائىت ، جۇغراپىيىلىك ئورۇن سەۋەبىدىن باشقا ئۇيغۇر قەۋىملىرىدىن ئۆزگىچە بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن .
  يۇقارقىدەك ئۆزگىچە رايۇن ئالاھىدىلىكى ۋە كۆپ قىسىم ماتىرياللاردا زىكرى قىلىنغىنىدەك ، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى بېلىقچىلىق ، ئوۋچىلىق، كۆچمەن چارۋۇچىلىق ۋە قىسمەن تېرىقچىلىق قاتارلىق ئىگىلىك شەكىللىرى ئارقىلىق ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا ياشاپ ، ئۆزىگە خاس بولغان پارلاق يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيەت شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
  1 . بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر :
  لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى يۇقۇرىدا ئېيتىلغىنىدەك ، ئېقىن ۋە سۇ قوغلىشىپ دەريا ، كۆل بويلىرىدا ياشىغان بولغاچقا ، بېلىق ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكىگە ئايلانغان . ئۇلار دەريا ، كۆللەردىكى بېلىقلارنىڭ كۆپ بولۇشىدەك ئەلۋەك شارائىتتىن پايدىلىنىپ ئەتىياز ، ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە توغراقتىن چېپىپ ياسىغان كېمە ( قېيىق ) ئارقىلىق چېگە (لوپنۇر كەندىرى ) يىپىدىن ئېشىپ توقۇغان گۆلمۈ ( بېلىق تۇتىدىغان تور ) ، مانجار ( بېلىق تۇتۇش ئۈچۈن توقۇلغان سېۋەت ) ۋە ساچقاق (بېلىق تۇتۇشتا ئىشلىتىدىغان تىللىق ئارا ) قاتارلىق سايمانلار ئارقىلىق بېلىق تۇتسا ؛ قىش پەسلىدە مۇز يېڭى تۇتقاندا ( ئادەم كۆتۈرگىدەك بولغاندا ) نېپىز مۇز ئۈستىدە بېلىقنى قوغلاپ ، ساچقاق بىلەن سانجىپ تۇتقان . بۇ خىل بېلىق تۇتۇش》 قۇغان 《دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا قىشلىقى مۇز قېلىن تۇتقاندا سۇلاق تېشىپ ، ئۇنىڭغا گۆلمۈ (تور) تاشلاپ بېلىق تۇتقان .
  بېلىقنى ئىستىمال قىلىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ .
(1) سۇغا سېلىپ پىشۇرۇلغان بېلىق گۆشى : ئادەتتە بېلىقچىلار دەريا، كۆللەردىن بېلىق تۇتۇپ كەلگەندىن كېيىن مەھەللىدىكىلەرگە ياكى توپتىكىلەرگە قۇ ( نېسىۋە ) ئايرىپ بېرىدۇ . ئۇلار يېڭى تۇتۇلغان بېلىقلارنى تازىلاپ ، سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ يەيدۇ ھەم شورپىسىنى ئىچىدۇ . ئىگىلىنىشىچە ، بىر قىسىم پىشقەدەم بېلىقچىلار بېلىق گۆشىنى ئوڭ جاۋغايدىن ئېغىزغا سېلىپ يەپ ، سۆڭىكىنى سول جاۋغايدىن چىقىرىپ يەيدىكەن .
  (2) بېلىق كاۋىپى : لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى بېلىقنى سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ يېگەندىن سىرت ، يەنە كاۋاپ قىلىپ يېيىشنىمۇ ياخشى كۆرىدۇ . يەنى سۇدىن يېڭى تۇتۇلغان بېلىقنى تازىلاپ ، يۇلغۇن زىققا ئۆتكۈزۈپ ، ئوتقا  قاقلاپ پىشۇرۇپ ، تۇز سېپىپ يەيدۇ . بۇمۇ ئىنتايىن يېيىشلىك . بۇ خىل ئادەت ھازىر ئومۇملىشىپ كەتتى .
  (3) قاق بېلىق :تۇتۇپ كېلىنگەن بېلىقلارنى پىشۇرۇپ يەپ ، ئېشىپ قالغان قىسمىنى كۈن نۇرى بىۋاستە چۈشمەيدىغان ھەم شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايغا ئېسىپ قويۇپ قۇرۇتۇپ ، سوقۇما ( باغلام – باغلام ) قىلىپ ئېھتىياجغا ئاساسەن ئاز – ئازدىن ئىستىمال قىلغان . بۇ قاق بېلىق دەپ ئاتىلىدۇ . قاق بېلىقنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلغان .بىرى قاق بېلىقنى ئوتقا قاقلاپ كاۋاپ قىلىپ يېگەن ؛ يەنە بىرى قاق بېلىقنى سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ يېگەن . ئەمما قاق بېلىقنى سۇدا پىشۇرۇپ يېگەندە شورپىسىنى ئىچمىگەن .
  (4) بېلىق تالقىنى : لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېشىپ قالغان بېلىقلارنى قۇرۇتقاندىن  كېيىن ئۇنى ئېزىپ  تالقان ھالىتىگە كەلتۈرۈپ ئىستىمال قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان .   يەنى  قۇرۇتۇلغان بېلىقنى ئېزىپ قورۇپ ، قاغا جىگدە (ياۋا جىگدە ) بىلەن بىرگە ئىستىمال قىلغان. بۇ خىل يېمەكلىك ئۇلارنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكىگە ئايلانغان  .  ئۇلار ئۆيىدە غىزالانغاندا بېلىق تالقىنىنى قايناق سۇ بىلەن ئىستىمال قىلسا ، ئوۋغا چىققاندا  ياكى  سەپەرگە  چىققاندا  بېلىق تالقىنىنى ئېلىۋىلىپ ، قۇرۇق پېتىمۇ ئىستىمال قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا بېلىق تالقىنى بىلەن يېكەننىڭ ئوجۇلى (يېكەننىڭ توزغاق  قىسمىنىڭ  ئۈستىدىكى رەڭگى ساپسېرىق چېچىكى ) نى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ئېتىپ ئىچىشنىمۇ ئادەتكە ئايلاندۇرغان .
(5) بېلىق يېغى :  لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەجدادلىرى  بېلىقنىڭ ئىچىنى تازىلاش جەريانىدا ئىچىدىن چىققان ياغنى ئايرىۋىلىپ قورۇپ ، سۇيۇق ھالەتتىكى ياغقا  ئايلاندۇرۇپ ، قاپاققا  ياكى  تۇلۇمغا قاچىلاپ  قويۇپ  ئىستىمال قىلغان .  بېلىق يېغىنىڭ ئىستىمال قىممىتى بولۇپلا قالماي ، يەنە ئۇنىڭ دورىلىق قىممىتىمۇ يۇققۇرى .
(6) بېلىق ئۈچۈسى ( ئۈچىيى) : بېلىقنىڭ قورسىقىنى يارغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچىيىنى تازىلاپ ، بېلىق يېغى بىلەن قورۇپ ئىستىمال قىلغان . بۇ بېلىق ئۈچۈسى دەپ ئاتىلىدۇ .
  ئۇلارنىڭ  ئىستىمال  ئېھتىياجى  بېلىقتىن  ئايرىلالمىغانلىقى  ئۈچۈن ھازىرغىچە باشقا يۇرتتىكى كىشىلەر ئارىسىدا  》 بېلىقنىڭ ئۆپكىسىگە سامان تىقىپ يەيدىغان لوپلۇق 《دېگەن سۆز تارقىلىپ كەلمەكتە .
   2. ئوۋ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر :
  جۇغراپىيەلىك شارائىتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، ئەينى زاماندا لوپنۇر رايۇنى دەريا ، كۆل ، قۇملۇق ، توغراقلىق ، يۇلغۇنلۇق چاتقاللارنى بىر گەۋدە قىلغان بولغاچقا  ،  بېلىقتىن قالسىلا ئوۋ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇھىم يېمەكلىكى بولۇپ قالغان .
  ئوۋ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى تۆۋەندىكى ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
  (1) دەريا ، كۆللەردە ياۋا غاز ، ياۋا ئۆردەك ، ئاققۇ ...  قاتارلىق سۇ قۇشلىرى  كۆپ  بولغاچقا  ،  بۇ  ياۋايى  قۇشلارنىڭ گۆشلىرىمۇ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېمەكلىك جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرغان  .  يەنى ئۇلار قۇشلارنى تۇتقاندىن كېيىن گۆشىنى سۇغا سېلىپ ھەم كاۋاپ قىلىپ ئىستىمال قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋايى قۇشلارنىڭ تۇخۇملىرىنىمۇ ئىستىمال قىلغان .
  (2) قۇملۇق ، توغراقلىق ، يۇلغۇنلۇق  ۋە  چاتقاللىقلاردا ياشايدىغان توشقان ، جەرەن ، كېيىك ، تۆگە ، قىرغاۋۇل ، كەكلىك ... قاتارلىق ياۋايى جانۋارلارنىڭ گۆشلىرىنى سۇغا سېلىپ ۋە كاۋاپ قىلىپ يېگەندىن باشقا ، ئېشىپ قالغان قىسمىنى قۇرۇتۇپ قاق قىلىپ ئىستىمال قىلغان . بۇ قاق گۆش دەپ ئاتىلىدۇ . لېكىن قاق گۆشنىڭ شوپىسى ئىچىلمەيدۇ .
  3 .  چارۋۇچىلىق  مەھسۇلاتلىرى  تۈرىدىكى  (   گۆش تۈرىدىكى ) يېمەكلىكلەر :
  لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى دەسلەپكى ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق قىلىش داۋامىدا ياۋايى  ھايۋانلارنى  تۇتۇۋېلىپ كۆندۈرگەن ئىجتىمائىي توپلارنىڭ بىرسى ھەمدە  》  يىپەك يولى《دىكى كارۋانلار ئارقىلىقمۇ تەدرىجى ھالدا ئات ، كالا ، قوي ، ئۆچكە  ،   تۆگە  ...   قاتارلىق  ئۆي  ھايۋانلىرىنى بېقىشنى بىلگەن ، شۇنداقلا ئۇلارنى بېقىپ كۆپەيتكەن .  شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۆش تۈرىدىكى ھەرخىل غىزالارنى تەييارلاپ ئىستىمال قىلغان .
  (1) ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ گۆشىنى سۇغا سېلىپ يەپ  ،  شورپىسىنى ئىچكەن . ئۆيگە مېھمان كەلسە ،  گۆشنى چارا  ( تەڭنە ) غا سۈزۈپ چىقىرىپ مېھماننىڭ ئالدىغا قويىدۇ .
  (2) توغراق ، يۇلغۇن ئوتۇنلىرىنى قالاپ چوغ چۈشۈرۈپ  ، گۆشنى يۇلغۇن زىققا ئۆتكۈزۈپ قاقلاپ كاۋاپ قىلىپ يېگەن .  بۇ خىل ئادەت ھازىرمۇ داۋاملىشىپ كەلمەكتە .
  (3) قوي ، ئۆچكە ( كىچىك بولسا تېخىمۇ ياخشى )  نى  تۇلۇم قىلىپ سويغاندىن كېيىن ، گۆشنى پارچىلاپ تۇلۇم ئىچىگە سېلىپ ،  ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ ،  قۇمنى كولاپ كۆمۈپ ئۈستىگە ئوت قالاپ  ،  قۇمنى قىزدۇرۇپ پىشۇرىدۇ . بۇ خىلدىكى تائام ئىنتايىن يېيىشلىك بولىدۇ .
  (4) قوي – ئۆچكىنىڭ زىۋىشى  :   بۇ  خىلدىكى  گۆش  تۈرىدىكى تائام ئىنتايىن  يېيىشلىك  بولۇپ  ، ئۇنىڭ ئېتىلىشى مۇنداق بولىدۇ : لوپنۇرلۇقلار قوي – ئۆچكىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىچىنى ئېلىپ ئۈچبيلىرىنى   ئاجراتقاندىن  كېيىن  ئاچچىق  ئۈچىيىنى  سىيرىپ  ، تازىلىغاندىن كېيىن ئىچ ياغقا جىگەر ، ئۆپكە ، يۈرەك ، بۆرەك قاتارلىق ئىچكى ئەزالارنى توغراپ سېلىپ ، ئىچ ياغنى يۆگەپ ، ئاندىن ئاچچىق ئۈچەينى ئۇنىڭغا ئوراپ يۆگەپ سۇدا قاينىتىپ يەيدۇ . بۇ خىل ئادەت ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە .
4 . ئاشلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر :
  كروران قەدىمىي شەھەر خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان جەسەتلەر بىلەن بىرگە چىققان بۇغدايلاردىن لوپنۇرلۇقلار ئەجدادلىرىنىڭ  خېلى  بۇرۇنلا تېرىقچىلىق  قىلىشنى  بىلىدىغاىلىقىنى ھەمدە ئۇن تۈرىدىكى تائاملارنى ئىستىمال قىلغانلىقىنى  مۇئەييەنلەشتۈرگىلى  بولىدۇ  .  چۈنكى لوپنۇر رايۇنى ئەينى ۋاقىتتا << يىپەك يولى >> نىڭ بىر مۇھىم تۈگۈنى بولغاچقا، كارۋانلار  ئارقىلىق  باشقا  جايلارنىڭ  تېرىقچىلىق  قىلىش  ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەنلىكى ئەمەلىيەتكە ئەڭ يېقىن . ئۇلار ئەڭ دەسلەپ ئىپتىدائىي ئۇسۇلدا دەريا ۋە  كۆللەرنىڭ سۇيى كۆتىرىلىپ ،  پەسەيگەندە بۇغداي دانلىرىنى دەريا ۋە كۆل بويلىرىدىكى تۈزرەك جايلارغا چېچېپ ،  قوش بىلەن ھەيدەپ  ،  سۆرەم سېلىپ  ،  بۇغداي پىشقاندا يىغىۋالغاندىن كېيىن، قاتتىقراق يەرگە بۇغداي ئۆنچىلىرىنى يېيىتىپ ، كالا ۋە ئاتلارغا دەسسىتىپ ،  دانلارنى ئايرىۋالغان  .  دەسلەپ بۇغداينى سۇغا سېلىپ پىشۇرۇپ يېگەن  .  كېيىنكى  مەزگىللەرگە  كەلگەندە  ، ياغۇنچاق ۋە تۈگمەن  ياساپ  بۇغداينى  ئۇن  ھالىتىگە  كەلتۈرۈپ ، ھەر خىل ئۇن تائاملىرىنى ئېتىپ يېگەن .  ئۇن تائاملىرىدىن تۆۋەندىكىلەرنى مىسالغا ئېلىشقا بولىدۇ .
  (1) چوغمۆشكۆل  :  ئۇنىڭ ئېتىلىشى  ئادەتتە  ،  خېمىر يۇغۇرۇلۇپ بولدۇرماي ، يۇملاق ۋە نېپىز ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، چوغ ئۈستىگە سېلىپ پىشۇرۇپ ئىستىمال قىلغان .
  (2) كۆمەچ : كۆمەچ ئىككى بولۇپ ، بىرى گۆشلۈك كۆمەچ ، يەنە بىرى گۆشسىز كۆمەچتىن ئىبارەت . گۆشلۈك كۆمەچ خېمىر يۇغۇرۇلۇپ يۇمۇلاق ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ ، چوغمۆكۆلدىن سەل قېلىنراق قىلىپ  تەييارلاپ ، گۆش ۋە ھەر خىل خۇرۇچلار خېمىر ئۈستىگە سېلىنىپ  ،  ئۈستى يەنە خېمىر بىلەن يېپىلىپ ، چوغ ئىچىگە كۆمۈلۈپ پىشۇرۇلىدۇ . بۇ ئىنتايىن يېيىيشلىك بولۇپ ، مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلىدۇ . گۆشسىز كۆمەچنى ئېتىش ئۇسۇلى گۆشلۈك كۆمەچكە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ پەرقى خېمىرنى  تەييارلىغاندا  سەل  قېلىنراق  قىلىپ تەييارلىنىدۇ  (بىر قات بولىدۇ ) .  ئىچىگە  گۆش  ۋە باشقا خۇرۇچلار سېلىنمايدۇ  .  بۇ خىل كۆمەچنى لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ھەر قانداق ۋاقىتتىا (ئۇن بولغان شارائىتتا) ئېتىپ يېيەلەيدۇ .  
  (3) داڭقان نېنى : لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئەمەلىي تۇرمۇش داۋامىدا داڭقان ياساشنى ئۆگىنىپ  ،  خېمىرنى توغرىغۇ ( توغراقنىڭ  غولىدىن ئېقىپ چىققان ئاپئاق قېتىشما ) نىڭ سۇيى بىلەن يۇغۇرۇپ  ، ئاندىن ئۇنى بولدۇرۇپ ،  داڭقانغا بېلىق يېغىدىن ئاز مىقداردا قۇيۇپ ،  خېمىرنى يۇملاق   ھالەتكە  كەلتۈرۈپ   داڭقانغا   سېلىپ  پىشۇرۇپ  يېيىشكە ئادەتلەنگەن.
  (4) تونۇر نېنى : لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىمۇ كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە، ئىپتىدائىي ھالەتتە ئوزۇقلىنىشتىن تەدرىجى ئىلمىي  ئوزۇقلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن .  يەنى ئۇلار شور كۆپ بولۇش ئەۋزەللىكىدىن  پايدىلىنىپ شوردىن  تونۇر  سېلىشنى  ئۆگىنىپ  ،  نان يېقىپ ئىستىمال قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان . ئەمما ، يۇقۇرىدا ئېيتىلغان چوغمۆشكۆل ، كۆمەچ قاتارلىقلارنىمۇ پىشۇرۇپ يېيىشنى توختىتىپ قويمىغان .
  (5) ئۇماچ : ئۇماچ – لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان غىزاسى بولۇپ ، ئۇنى تەييارلاش بەك ئاسان . ئۇنغا ئاز مىقداردا سۇ ۋە تۇز قۇيۇپ ئالقان بىلەن ئۇۋلاپ ، ئاندىن قايناۋاتقان قايناق سۇنىڭ تۇزى تەڭشىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇۋىلىغان ئۇننى ئاز – ئازدىن سېلىپ ئارلاشتۇرۇلۇپ ئېتىلىدۇ . ئۇماچقا گۆش ، جىگدە ۋە سۈت قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ (خۇرۇچ قىلىپ ) ئىستىمال قىلغان . ئۇماچنى ئۈچ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ . يەنى ئادەتتىكى ئۇماچ ، قىزىل ئۇگىلىغان ئۇماچ ( ئاز مىقداردا سۇ ۋە تۇز قۇيۇپ ئۇۋىلىغان ئۇماچنى كۆرسىتىدۇ ) ۋە جىگدە تۈگۈر ئۇماچ (جىگدىنى ئۇن بىلەن  ئارىلاشتۇرۇپ  ئاز  مىقداردا  سۇ قۇيۇپ ئۇۋىلىغان ئۇماچنى كۆرسىتىدۇ ) .
  (6) تالقان : تالقان ئادەتتە مۇنداق تەييارلىنىدۇ . يەنى ، ئالدى بىلەن بۇغداي ئۇن ھالىتىگە كەلتۈرۈلۈپ ، داڭقان ياكى ئابدۇشتا قىزدۇرۇلۇپ جىگدە ئارىلاشتۇرۇلۇپ قورۇلۇپ قايناق سۇ بىلەن ياكى قۇرۇق ھالەتتە ئىستىمال قىلىنىدۇ .  يەنە بىر خىلى ، بۇغداي داڭقان ياكى ئابدۇشتا قىزدۇرۇلۇپ قورۇلىدۇ . ئاندىن ياغۇنچاق ياكى تۈگمەندە ئۇن قىلىنىپ، قايناق سۇنىڭ تۇزى تەڭشىلىپ  ،  ئۇماچتىن  سەل  قويۇقراق قىلىپ ئىستىمال قىلىنىدۇ  ياكى  قۇرۇق  پېتىمۇ  ئىستىمال  قىلىنىدۇ . لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى ئوۋغا ياكى  يىراق  سەپەرگە  چىققاندا تالقان تەييارلىۋېلىپ غىزالانداندا تالقان بىلەن غىزالىنىدۇ . ( بېلىق تالقىنى بېلىق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى سۆزلىگەندە قەيت قىلىنغان ) .
  (7) پوسۇلاق ئاش :  بۇ خىلدىكى ئاش خېمىر يۇغۇرۇلۇپ ، لەڭمەن پىلتىسىدەك ئېشىلىپ  ،  ئىنچىكە قىلىنىدۇ  . ئاندىن قايناۋاتقان سۇغا سېلىنىپ پىشۇرۇلۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ   . ئەگەر  سۈت  بولسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ  .  بۇ خىلدىكى ئاشنى ئىچكەندە  ،  ئۇزۇنغىچە قورساق ئاچمايدۇ .
  (8) ئۈزۈپ  تاشلانغان  ئاش  :   ئۈزۈپ  تاشلانغان  ئاشمۇ  لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ  ئەنئەنىۋىي  تاماق  تۈرلىرىنىڭ  بىرى  بولۇپ  ، ئۇنى تەييارلاشتا  ،  خېمىر  يۇغۇرۇلۇپ  ھازىرقى   خۇيمىئەن  پىلتىسىدەك تەييارلىۋىلىپ ، قول بىلەن يىرىپ قايناق سۇغا سېلىپ پىشۇرۇلىدۇ . بۇ خىلدىكى ئاش كۆپىنچە ھاللاردا گۆشنىڭ شورپىسىغا سېلىپ پىشۇرۇلۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ . بەزىدە گۆشنى توغراپ خام قىيما قىلىپمۇ ئىستىمال قىلىنىدۇ . بۇ ئادەتتە جاڭڭەل ئاشى ( جاڭگال ئېشى ) دەپ ئاتىلىدۇ .
  (9) مالۇنپۇتۇ : مالۇنپۇتۇ ھازىرقى مانتىنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ ، ئۇنىڭ تۈگۈلۈشى   جەھەتتە  تۈگۈلگەن  قىسمى  خۇددى  مولۇننىڭ  پۇتىغا ئوخشىغاچقا ، بۇ خىلدىكى غىزانى》 مالۇنپۇتۇ《دەپ ئاتىغان .
  (10) پولۇ ، چۆچۈرە ، لەڭمەن ، شويلا ، ئۈگرە ... : بۇ خىل تائاملار لوپنۇر  ئۇيغۇرلىرى  سىرت  بىلەن ئالاقە قىلغاندىن كېيىن ئومۇملاشقان بولۇپ ، ھازىرغىچە كىشىلەر دائىم ئىستىمال قىلىدىغان ئاساسلىق تائام بولۇپ كەلمەكتە .
  
5. قوشۇمچە يېمەكلىكلەر :
بېلىق ، گۆش ، ئۇن  تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاساسلىق  يېمەكلىكلىرى ھېساپلىنىدۇ . بۇلاردىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى يېمەكلىكلەرنىمۇ قوشۇمچە يېمەكلىك قاتارىدا ئىستىمال قىلغان .
(1) يېكەن : يېكەن سۇلۇق جايلاردا ئۆسىدىغان سامان غوللۇق كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك بولۇپ ، لوپنۇر رايۇنىدىكى كۆل ۋە دەريا ياقىلىرىدىكى تېيىز جايلاردا ئۆسىدۇ . ياز پەسلىدە ، بولۇپمۇ 5-6-7-ئاي مەزگىلىدە لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى يېكەننى سۇ ئىچىدىن يۇلۇپ ئېلىپ ، سىرتقى پوستىنى سويۇپ ئېلىۋىتىپ ئىستىمال قىلغان .
(2) ئۈجۈر (يېكەننىڭ يىلتىز قىسمى ) : ئادەتتە يېكەن ئۆسۈپ 6-7-   ئاي  مەزگىللىرىگە  كەلگەندە  ، يېكەننىڭ  يىلتىز  قىسمىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ  . ئۇنىڭ رەڭگى ئاپئاق بولىدۇ . ئۈجۈرنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە دورىلىق قىممىتى يۇقۇرى بولغان يېمەكلىك بولۇپ ، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ، قان قېتىش ... قاتارلىق كېسەللەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ .
(3) ئوجۇل  :  ئوجۇل – يېكەننىڭ  ئۇچىدىكى  توزغاق  قىسمىنىڭ ئۈستىدە 10-15 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، رەڭگى ساپسېرىق بولىدۇ. لوپنۇر  ئۇيغۇرلىرى  يېڭى  چىققان  ئوجۇلنى  كېمە  ئارقىلىق  يېكەن ئۇچىدىن سىيرىپ يىغىۋېلىپ ،  قۇرۇتقاندىن كېيىن تاسقاپ  ،  قاپ (خالتا) قا قاچىلاپ جىگدە ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ۋە تالقان قىلىپ ئىستىمال قىلغان .
  (4) جىگدە : جىگدىمۇ لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان   قوشۇمچە  يېمەكلىكى   (  مېۋە  تۈرىدىكى  )   بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. جىگدە ئادەتتە ئىككى خىل بولۇپ ، بىرى يېمىش جىگدە (نان جىگدە ) . ئۇ باش بارماق چوڭلۇقىدا بولۇپ ، كۈزدە پىشقاندىن كېيىن يىغىۋېلىنىپ ، ئادەتتىكى يېمەكلىك قاتارىدا ئىستىمال قىلىنغان. ئۇ ئادەتتە مەھچەللە ، باغ – ھويلىلاردا ئۆستۈرۈلگەن . يەنە بىرى قاغا جىگدە بولۇپ ، كۆپىنچە چەت – ياقا دالىلاردا ئۆسىدىغان بولۇپ ، ئۇنى تالقان  ۋە  ئۇماچ  ،  بېلىق  تالقىنى  ،  ئوجۇل  تالقىنى قاتارلىقلارغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ  ئىستىمال  قىلىنغان  .  ئۇنىڭدىن   باشقا  يېمەكلىك ئورنىدىمۇ  ئىستىمال  قىلىنغان  .  بۇ  ئادەت  ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
(5) يۆگەل ( چىڭگىلەك  ) نىڭ  يېڭى  چىققان بىخى ۋە مېۋىسى : چىڭگىلەك –  يۆگەل  تۈرۈدىكى  كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ  ،  ھەر قانداق جايدا ئۆسۈۋېرىدۇ  . ئەتىياز پەسلىدىكى ئوت – چۆپلەر يېڭىدىن بىخ چىقارغاندا ، قۇمدا ئۆسكەن يۆگەلنىڭ يىلتىزىنى كولاپ  ، ئۇنىڭدىن يېڭى چىققان ئاخماشاخ ( يۇمران بىخلىرى ) نى  تېرىپ ئېلىپ يېيىشمۇ (بولۇپمۇ كىچىك بالىلاردا ) ئادەتكە ئايلانغان  .  6-7- ئاي مەزگىللىرىدە  ، يۆگەل ( چىڭگىلەك ) شاخ – شۇمبىلارنى بويلاپ ئۆسۈپ، چېچەك ئېچىپ مېۋىلەيدۇ ،  بۇ  <<  چوكۇ >>  دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ 10- 20 ساتىمېتىر  ئۇزۇنلۇقتا  بولىدۇ  .  ئاشۇ  يۆگەل مېۋىسىنى   ئىستىمال   قىلغان   .    بولۇپمۇ    ئۇنىڭ قان بېسىمنى نورماللاشتۇرۇش  ۋە  بەدەنگە  كېرەكلىك   مول ئاقسىل  ماددىلىرىنى تولۇقلاش جەھەتتىكى رولىمۇ ئىنتايىن چوڭ يېمەكلىك ھېساپلىنىدۇ .
(6) يانتاق يىلتىزى : يانتاق ئادەتتە قۇملۇق ، شورلۇق ، سېغىزلىق قاتارلىق  جايلاردا  ئۆسىدىغان  كۆپ  يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ ،  40 سانتىمېتىردىن  80سانتىمېتىرغىچە  ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ . ئۇنىڭ يىلتىزى چىمچىلاق بارماق چوڭلۇقىدا بولۇپ .   2 -3  مېتىر ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ئۆسىدۇ .  بولۇپمۇ قۇملۇق ۋە سېغىزلىق جايلاردىكى يانتاق يىلتىزىنى كولاپ سۈرتۈپ چايناپ سۇيىنى شۈمۈرۈپ يەيدۇ .
(7) پىياز ، سەۋزە ، چامغۇر  :  يىللارنىڭ  ئۆتۈشى  بىلەن  يىپەك يولىدىكى كارۋانلار ئارقىلىق پىياز ، سەۋزە ، چامغۇر ... قاتارلىق سەي- كۆكتاتلار لوپنۇر رايۇنىغا كىرگەندىن كېين ، بۇ خىل كۆكتاتلارنى ئۇن ، گۈرۈچ قاتارلىق غىزالارغا قوشۇپ ئىستىمال قىلىنغان .
يىغىپ ئېيتقاندا ، لوپنۇر ئۇيغۇرلىرى يۇقارقىدەك ئۆزىگە خاس بولغان ئۆزگىچە يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .  بۇ خىل ئادەتلەر يېقىنقى مەزگىللەرگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە . لوپنۇرلۇقلارنىڭ يۇقارقىدەك يېمەك – ئىچمەك جەھەتتىكى ئالاھىەدىلىكى ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ .
لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكىدە ئىشلىتىلگەن ئەسۋاپلار :
داڭقان، ئابدۇش ،مىس چاگۈن ( چۆگۈن)، قاپاق، نۆگۆي ، سوغۇ ، تۇلۇم  ، تەڭلە  ، چارا، چۆيچۆك(چۆچەك) ، تاۋاق ، غادىر ، ئۇسقاق ، قاشۇق ....
لوپنۇر ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېمەك  – ئىچمەك ئادىتى ھەققىدە ئۇزۇن يىل ئىزدىنىش 80 -  90 ياشتىن  يۇقۇرى بولغان  پىشقەدەملەرنى زىيارەت قىلىش ، مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ئۆگىنىش تەتقىق قىلىش ئارقىلىق تولۇق  بولمىسىمۇ  بۇ  يازمىنى  رەتلەپ  چىقتىم . لوپنۇر مەدەنىيىتىنى قېزىش، يىيغىش ، توپلاش ، رەتلەش ،تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ھەممەيلەننىڭ  بۇرچى  .  بۇ  ساھەدە  تەتقىقات  ئېلىپ   بېرىۋاتقان تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىىپ بېقىشىنى ،  بۇ يازمىغا قارىتا تەنقىدىي ياردەم – پىكىر بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن .
پايدىلانمىلار :
(1) ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا》 ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى 《شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى  2004 – يىل 4- ئاي 2-بېسلىشى 111 – بەت . ئۈرۈمچى  .
(2)  ئابدۇكېرىم  راخمان  ،  》 مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن تۇغۇلغان ھېسلار《، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1993-يىل 9- ئاي 1- بېسىلىشى ، 91-92- بەت . ئۈرۈمچى .
(3) يارمۇھەممەت تايىر تۇغلۇق ، ئابۈدۇبەسىر شۈكرى –》مەدەنىيەت كارۋانلىرى 《(1) دىن . شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2004 – يىلى 8- ئاي 1- نەشىرى ، ئۈرۈمچى .

idraksoft

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2673
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 25
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:50:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 12:51:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا  بۇنى  كۆزىمىزنىڭ كورلىقىدىن كۆرمەپتىمىز ئەمەسمۇ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  649
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1596
تۆھپە : 0
توردا: 246
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 13:11:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداش دوستلارنىڭ مەدىتىگە كۆپ رەھمەت ...

مۇھەممەت توختى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش