خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ۋە چىرا ناھىيەسىنى كەڭ تۈردە سىرتقا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، 2012- يىلى 9- ئاينىڭ 11- كۈنى مەمۇرچىلىق قاپلىغان ئالتۇن كۈزدە چىرا ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىشىپ «چىرا مەشرىپى» ئۆتكۈزدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ، 3000 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم مەشرەپنى نەخ مەيداندا كۆردى.
مەشرەپتە «مەشرەپ تەنتەنىسى»، «چىرا سەنىمى»، «چىرا تاغ ناخشىلىرى»، «تاغ يىگىتلىرى»، «مەشرەپ بولسا شۇنداق بولسا»، «ئۆرۈكلەر تاتلىق»، «چىرا قىزلىرى»، «كۈمەچ رىۋايىتى» قاتارلىق چىرا ناھىيەسىنىڭ يەرلىك پۇراق ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق، دەۋىر روھى، بەختىيار تۇرمۇش كۈيلەنگەن، مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىي- سەنئەت نۇمۇرلىرى كۆرسىتىلىپ، كەڭ مەشرەپ ئەھلىنى ھەيران قالدۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا ئۆزگىچە ئىستېتىك زوق بېغىشلىدى ھەمدە چىرا ناھىيەسىدە ياشاۋاتقان باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىللىق خەلقنىڭ، مەنىۋى- مەدەنىيەتكە ئىنتىلىشتەك قىزغىن روھى، مېھماندوستلىقى تولۇق نامايەن قىلىندى.
سۈرەتتە: «چىرا مەشرىپى» دىن كۆرۈنۈشلەر
- ~+ Z7 F% E" b: a0 T# w: ]