يىغلاپ تۇرۇپ تۇغۇلدۇم پەريادىڭغا چىدالماي،
ماڭا يېگەن شۇ ئاچچىق تولغاقلارغا يىغلايمۇ؟
جاراڭلايدۇ ئاۋازىڭ ساداسىدا روھىمنىڭ،
«ئەللەي بالام» دەپ قاتقان قوشاقلارغا يىغلايمۇ؟
چېچىكى بار گۈلۈڭنىڭ سېغىنچىمدا ئىچىلغان،
باھارىڭدا توزىغان ياپراقلارغا يىغلايمۇ؟
قۇرۇپ قالدىم قەلبىمنىڭ چۆللىرىدە يىگانە،
كۆز يېشىمدەك سۈپ-سۈزۈك بۇلاقلارغا يىغلايمۇ؟
ئۆچتى قۇياش سامادىن، تۈنلىرىمدە يۇلتۇز يوق،
ئانا، ئۆزۈڭ ياققان شام-چىراقلارغا يىغلايمۇ؟
سەن سۇ بەرگەن قوللار بار، سۆيۈپ-سۆيۈپ قانمايمەن،
تاۋاپ قىلىپ تەۋەررۈك ئاياقلارغا يىغلايمۇ؟
قىزلىرىمدا مېھرىڭ بار، يۈرىكىڭ بار كۆكسىدە،
ئىللىق كۈلكەڭ پارلىغان زىناقلارغا يىغلايمۇ؟
قىلالمىدىم زىكرىڭنى، بوز تورغايغا دان چاچتىم،
روھىڭ مەندىن سورىغان سوراقلارغا يىغلايمۇ؟
ئېڭىكىمنى چاتساڭچۇ رومىلىڭدا «بالام!»دەپ،
چۈشلىرىمدە كېرىلگەن قۇچاقلارغا يىغلايمۇ؟
ياشارمەن دەپ دۇنيادا سېنى يۈدۈپ-ھاپاشلاپ،
ماڭا بەرگەن ھېكمىتىڭ-ساۋاقلارغا يىغلايمۇ؟
كۆز يۇممىغاي ئانىلار، نالە قىلدىم تەڭرىگە،
يۈرىكىمنى ئۆرتىگەن پىراقلارغا يىغلايمۇ؟
«قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىندى.