ximal
كۆرۈش: 247|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇرلانىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى بادام دوپپىدىكى مەدەنىيەت قاتلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 22:57:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇرلانىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى بادام دوپپىدىكى مەدەنىيەت قاتلىمى

ئەمەت دەرۋىش
  T+ I" J) I) G4 d, a$ T+ y

/ L( X, K  I4 n& a: }ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم- كېچەك مەدەنىيىتى ئوزىگە خاس شەكىل ۋە ئوزىگەخاس مەزمۇنغا ئىگە. ئۇلار ئۆزلىرىدە ئىپادىلەنگەن ھەرخىل شەكىل ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۆزى تەۋە  مىللەتنىڭ  پىسخىك روھى ھالىتى ،گۈزەللىك قارىشى، شەيئىلەرگە بولغان چۈشىنىشى، سالامەتلىك، قامەت يارىشىملىقى، دەۋىر روھى قاتارلىق ئىجتىمائى مەزمۇنلارنى ئۆزىدە  ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ.  ئۇلاردا ئىپادىلەنگەن  ھەر خىل گۈل نۇسخىلىرى چۇڭقۇر ئىجتىمائى مەزمۇنغا تويۇنغان بولۇپ، ئۈلارغا  تىككۇچىنىڭ ئەقىدە ئىخلاسى ۋە مۇھەببىتى سىڭگەن بولىدۇ.ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كېيىمىنىڭ بىرسى بولغان بادام دوپپا مانا شۇلارنىڭ بىرسى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ شەكلى ۋە گۈل نۇسخىلىرى  توغرىسىدا  نۇرغۇنلىغان  ئىزدەنگۇچىلەر  ئوتتورىغا چىقىپ ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئۆزى چۇشەنگەن  نۇختىدا  ئىزاھلاپ، مەنا بېرىشكە تېرىشتى.  بەزىلەر ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىگەقاراپ ، ‹‹دوپپا شەكىل جەھەتتىن  مىسىردىكى پىرامىدانىڭ گىئومېتىرىيەلىك قۇرۇلمىسىغا ئوخشايدۇ،  بەزىلەر سىناق قىلىش ئۇچۇن ئەلئىھرامنىڭ ئىچىگە پىژغىرىم يازدا گۆش قويۇپ قويغان. ئەمما، زادىلا بۇزۇلمىغان . قۇرۇلمىسى ئەلئىھرامنىڭ قۇرۇلمىسىغا ئوخشاش ئۆي سېلىنسا ، بۇنداق ئۆينىڭ يە ر تەۋرەش  ۋە باشقا خەتەرلەرگە بەرداشلىق بېرىش كۇچى ئاشىدىكەن. مۇشۇنداق ئۆيدە ئادەم ياشىسا تولىمۇ ئازادە، راھەت ھىس قىلىپ، نېرۋا كېسەللىرى ساقېيىپ قالىدىكەن . كېسەلنىڭ كارۋىتى ئاستىغا ئېھرامسىمان مودىلنى قويۇپ قويسا، كېسەل تىز ساقېيىدىكەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن دوپپا باشنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاپ ، نىرۋىنى ئاسراش، تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلىشقان. ›› (سۇلايمان قېيۇم. شىنجاڭ مەدىنىيېتى. 2002- يىل 6- سان. ) دېسە ، يەنە بەزىلەر :‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ باش كېيىمى بولغان دوپپا نۇسخا ، گۈل ۋە رەڭ پەرىقلەر بويىچە 30 خىلغا يېتىدۇ. دوپپا باش كېيىمى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى بىر خىل نەفىس سەنئەت بويۇمى بولۇپ، تەبىئەت گۈزەللىكلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن . مەسىلەن:ئەرلەرنىڭ بادام دوپپىسىنىڭ شەكلى شەھەر ، قەلئەلەرگە، ئاق مەشۇتتىن چېكىلگەن بادام گۈللىرى ئايغا، گىزەك گۈللىرى يۇلتۇزلارغا تەقلىد قىلىنغان. چىمەن دوپپىغا چېكىلگەن گۈل نۇسخىلىرى خىلمۇ خىل بولۇپ ،ۋەتەننىڭ تاغ-دەريا ،دەل-دەرەخ ، گۈل-گىياھلىرىغا سىمۋۇل قىلىنغان. دېمەك ،ئۇ بىر مىللەتنىڭ ئېتنىك غايە ئورتاقلىغىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ››(تۇردى تۇرسۇن.«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى››2001-يىل 16-دىكابىر سانى) دەپ قارايدۇ.بۇلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەزمۇن دوپپىلارنىڭ شەكىل (تىكىلىش شەكلى ،گۈل نۇسخلىرى)جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدىكى قاراش بولۇپ ،ئاپتورلارنىڭ مەلۇم يۈزەكى چۈشەنچىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.دەرۋەقە دوپپا تىكىلىش شەكلى ۋە گۈل نۇسخىلىرى جەھەتتە يۇقارقى قاراشلارغا مەلۇم جەھەتتىن يانداشسىمۇ ،لىكىن مىكرو جەھەتتىن قارىغاندا ھەرقانداق نەرسىنىڭ يوقلۇقتىن سەۋەپكە باغلانغان بارلىققا كېلىش تارىخى ،چۈشۈنۈش ئاساسىدا شەكىللەنگەن قەدىرلىنىش تارىخى بولغانغا ئوخشاش بادام دوپپىنىڭمۇ يوقلۇقتىن مەلۇم سەۋەپكە باغلانغان بارلىققا كېلىش تارىخى بار .بۇنى تەپسىلى بىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تارىخقا مۇراجىئەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ . كۆك تۈرك خانلىقى تۈرلۈك تارىخى ۋە ئىجتىمائى سەۋەپلەر تۈپەيلى يېمىرىلىپ ،ۋەيران بولغاندىن كېيىن ،ئۇيغۇرلار تەرەپ-تەرەپكە پېتىراپ ،چېچىلىپ كەتكەن خەلقنى بىر يەرگە يىغىپ○1 ،ئورخون دەرياسىنىڭ بويىدا مەشھۇر ئۇيغۇر خانلىقى(745-840)نى قۇردى .بۇ خانلىق جۇغراپىيىلىك جايلىشىش ئالاھىدىلىگىنى  نەزەردە تۇتۇپ بەزى مەنبەلەردە ‹‹ئورخون ئۇيغۇر خانلىقى ››دەپمۇ ئاتالدى .خانلىق دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزىنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش تارىخىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم ئېلىپ ،بىر مەزگىللىك گۈللىنىش تارىخىنى ياراتتى .مىلادى 795-يىلىغا كەلگەندە خانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھوقۇق تالىشىش زىددىيىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ بۇ خانلىقنىڭ ھۆكۈمران تەبىقىسى ۋە بېقىندى قەبىلىلەر ئارىسىدا كەسكىن جەڭ-جىدەللەر باشلاندى .ئۇنىڭ ئۈستىگە مىلادى 9-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ ،ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزى رايونلىرى بولغان ئۆتۈكەن تاغلىرىدا ۋە ئورخۇن-سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىدا، يۇقۇملۇق كىسەل  (ۋابا كىسىلى )تارقىلىپ ،ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتى .بۇ كىسەللىكنىڭ يۇقۇمچانلىقى ناھايىتى تىز ،كىسەللىكنىڭ مەنبىئى ۋە خاراكتىرى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشنىڭ ۋاختىدا ئېلىپ بېرىلماسلىقى سەۋەپلىك نۇرغۇن ئادەم يۇقۇملىنىپ قىرىلىپ كەتتى○3 .  بۇ ھال ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىدىنمۇ جىددى بىر مەسىلە بولۇپ قالدى .خەلقنىڭ ئالدىغا ناھايىتى ئېغىر بىر مەسىلە –تىزدىن تەدبىر قوللۇنۇپ ،كىسەللىكنىڭ مەنبىئى ۋە خاراكتىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ ،ئادەملەرنى تىز قۇتقۇزۇپ قېلىشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋە جىددى بىر مەسىلە قويۇلدى .كىشىلەر ھەر تەرەپلىمە ئىزدىنىپ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشقا تېرىشقان بولسىمۇ ،لېكىن ئىزدىنىشلىرى بىكارغا كەتتى .ئاخىرى جەرراھ –تىۋىپلار ئۆزلىرىنىڭ مول تەجرىبىلىرىگە تايىنىپ ھەر خىل ئۆسۈملۈك ،زىرائەت ،مىۋىلەردىن خاس دورىلار ۋە ئارىلاشما دورىلارنى ياساپ جىددى سىناق قىلىشقا باشلىدى .تەجرىبىلىك جەرراھ –تېۋىپلارنىڭ بايانلىرى  ۋە خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن خەلق ھېكايەتلىرىگە قارىغاندا ،ئۇلار ياسىغان دورىلارنىڭ ئىچىدە بادام ۋە بادام مېغىزىدا ياسالغان دورىنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ ،كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ئىدى .شۇنىڭ بىلەن تىۋىپلار قارا بوراندەك يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان ئەجەلنىڭ ئالدىدا بۇ رىتسىپنى خەلقتىن سىر تۇتماي ،ياۋا بادام ۋە باداممىغىزىدىن دورا ياساش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇللىرىنى كەڭ خەلققە تەشۋىق قىلىپ ئومۇملاشتۇردى .بۇ ھال تىز پۇرسەتتىلا خەلق ئىچىگە ئومۇملىشىپ نۇرغۇن كىشىلەر ئامان قالغان بولسىمۇ ،لېكىن ياۋا بادام ۋە بادام مىۋىلىرىنىڭ چەكلىك بولىشى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كىسەللىكنىڭ تازا قارا قىشتا تارقالغانلىقى ،تەييارلىقنىڭ كۆپ بولماسلىقى سەۋەپلىك يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەم قىرىلىپ كەتتى .بادام مېغىزىغا ئېرىشەلمىگەن كىشىلەر دەسلەپتە بادام دەرىخىنىڭ قوۋزىقىنى سويۇپ قاينىتىپ ئىچىشكەن بولسا ،كىيىن بادام دەرىخى غولىنى قاينىتىپ ئىچىپ ھاياتلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇر بولدى .بۇ ھالمۇ بەلگىلىك ئۈنۈم بەردى .خانلىق تەۋەسىدىكى خەلق ئۆز جان ھەلەكچىلىگى بىلەن قالغان مۇشۇنداق ۋاقىتتا خانلىق ھوقۇقىنىڭ بۇ خانلىقنىڭ دەسلەپكى ئاساسىنى تىكلىگەن ياغلاقار قەبىلىسىدىن ئادىز قەبىلىسىنىڭ  قولىغا ئوتۇپ  كىتىشى،بىلىمسىز خاقانلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا بولىشى، ھاكىمىيەت باشقۇرۇش تەدبىرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى، ئەينى زاماندا قاغان قوزا تېكىن بىلەن دۇشمەنلەشكەن تارقان كۆل باغانىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، خاكاسلارغا بارلىق ئىچكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويىشى ۋە خاكاس خاقانى ياغلاقارنىڭ كۆلباغانىڭ يول باشلىشى بىلەن  ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى 100 مىڭ ئاتلىق قوشۇن بىلەن شىددەتلىك ئىلگىرلەپ كېلىشى ۋە شۇ يىلى پەيدا بولغان  ۋابا كېسىلىنى ئاز دېگەندەك يەنە قاتتىق جۇت – شىۋىرغان بولۇپ، قېلىن قارنىڭ يېغىشى بىلەن نۇرغۇن چارۋا –مال قىرىلىپ كېتىشى سەۋەپلىك ئۇيغۇرلار ئۈچ بولەككە بۆلۇنۇپ، غەرىپكە قاراپ كۆچۇشكە باشلىدى. بۇ ھەقتە تارىخى ماتىرىياللاردا مۇنداق بايانلار بار: ‹‹ئۇيغۇرلاربارلىق ئۆي ھايۋانلىرىدىن ، ياۋايى ھايۋانلاردىن ۋە بوۋاق بالىلاردىن كۆچ-كۆچ دىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ. ھەربىر جايغا بارغاندا شۇنداق ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. كېيىن ئۇلار بىر تۇزلەڭلىكنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارغاندا ، بۇ ئاۋاز توختاپتۇ. ئۇيغۇرلار شۇ يەرگە قاغان شەھىرى بىنا قىپتۇ، ئۇ شەھەرگە ‹ بېشبالىق› دەپ ئات قويۇپتۇ. بېشبالىق قاغان شەھىرى دىمەكتۇر. ››. 3-بۆلەككە بۆلۇنۇپ ماڭغان ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيا يايلاقلىرىغا كېلىپ ئۆزلىرىدىن  ئىلگىرى كۆچۇپ كەلگەن قارلۇق قەبىلىسىىگە قوشۇلدى ۋە 10- ئەسىرنىڭ ئوتتورىلىرىدىن 11-ئەسىرگىچە  قارلۇق ، ياغما قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن بىرلىشىپ قۇدرەتلىك قاراخانىلار  خانلىقىنى قۇردى○7 . مۇشۇ يول بىلەن ماڭغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن كۆچۇرگەن ۋابا كېسىلى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش ھەققىدىكى ساۋاقلىرىنى يەكۇنلەپ ، يول بويى ياۋا بادام ۋە بادام مىۋىلىرىنى ئىستىمال قىلىپ ماڭغان . يەرلىك ئولتۇراق قېرىنداشلىرىغا  ياۋا بادام ۋە بادام مېغىزىنىڭ شىپالىق رولى توغرىسىدا بېشىدىن كۆچۇرگەن تارىخى سەرگۇزەشتلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ ، ئۇلارنى بادام ئوستۇرۇشكە رىغبەتلەندۇرگەن. ئۆزلىرىمۇ  بادام مېغىزىنى ئالاھىدە ئەتىۋالاپ ساقلىغاننىڭ سىرتىدا ئۇنى قۇۋەت دورىسى سۇپىتىدە تىبابەتتە ئىشلەتكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان بۇ مىۋىنى ئەزىزلەپ ، باشلىرىغا ئېلىپ ئىگىز  كۆتۇرۇشكەن . بادام مېغىزىنى تارىخى ساۋاق ۋە ھاياتلىقنىڭ ئاساسى سۇپىتىدە ئەتىۋارلاپ ئۇنى ھەممىدىن ئۇستۇن تۇرىدىغان باش كېيىمىنىڭ گۇلى قېلىپ تاللىغان. بادام دوپپىنىڭ گۇلى بولغان بادامنىڭ دوپپىغا چېكىلىشىدىكى تارىخى سەۋەپ مانا مۇشۇ جەريانلارنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ئۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ نوقۇللا  گۇزەللىك قارىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ قالماستىن،  بەلكى ئەنە شۇنداق تارىخ قارىشىنىڭمۇ مەھسۇلى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.تارىخى ئەمىلىيەتتىن قارىغاندا بادام دوپپىنى ھازىرغىچە ئەتىۋارلىق باش كېيىمى سۇپىتىدە ئەزىزلەپ كېلىۋاتقان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونىشەھەر ، يەركەن ، قاغىلىق، پوسكام، قەشقەر شەھىرى، پەيزاۋات، مارالبېشى قاتارلىق ناھىيىلىرى، خوتەننىڭ قاراقاش، گۇما ،ئىلچى ناھىيىلىرى ، ئاقسۇنىڭ  ئاقسۇ ،بۈگۈر ،كۇچار قاتارلىق ناھىيىلىرى  ،ئاتۇش شەھىرى قاتارلىق  جايلاردىكى خەلقلەر بادام دوپپىنى ئەتىۋارلاپ كەيگەننىڭ سىرتىدا قىز بىلەن يىگىتنىڭ ئاساسلىق تويلۇق مېلى سۈپىتىدە قارايدۇ .ئۇنى ئەزىزلەيدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ .بۇ ھال مۇشۇ رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى گۆر ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان بادامغا بولغان ئىخلاس ،ئەقىدىسىنىڭ سىمۋۇلى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ .شۇلارغا قارىغاندا  ئورخون دەرياسى بويىدا قۇرۇلغان ئورخون ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ جەنۇبى يول بىلەن ماڭغان قارلۇق ۋە ياغما قەبىلىلىرى ئارىسىدا ۋابا كىسىلىنىڭ تارقىلىشى بىر قەدەر كۆپ بولسىمۇ ،لېكىن ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان .مۇشۇ خەلقلەر تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھازىرقى قەشقەر ۋىلايىتى ،گۇما ،قاراقاش ،ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا بادامنىڭ ئۆستۈرىلىشى بىر قەدەر كۆپ بولۇپلا قالماستىن بەلكى بادامنى ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ ، ئۇنى باش كىيىمنىڭ گۈلى قىلىپ تاللىغان ئەھۋال بۇنىڭ جانلىق مىسالى . مۇشۇ رايونلاردىكى خەلقلەرمۇ بادام ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن .بادامنى تۈرلۈك مىۋىلىك دەرەخلەرگە ئۇلاپ كۆپەيتكەن ۋە تۈرلىرىنىمۇ كۆپ خىللاشتۇرغان .مەسىلەن :قەشقەر ۋىلايىتى ،خوتەن ،ئاتۇش قاتارلىق رايونلاردا تاش بادام ،جەگە بادام ،قەغەز بادام ،غازاڭ بادام (قەغەز بادام ) ،قوشماق بادام ، ئىلمەك بادام ،پىستە بادام (يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە )قاتارلىق سورتلىرى يېتىشتۈرۈلگەن . بادام دوپپىنىڭ گۈل شەكلى مانا مۇشۇ تارىخى سەۋەپنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ،كىشىلەر بادامغا بولغان چۇڭقۇر ئىخلاس ئەقىدىسىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇشتا ،ئۇنىڭ تارىخىيلىگىنى نەزەرگە ئېلىپلا قالماستىن ،بەلكى ئۇنىڭ ئىستىتىك قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن دوپپىغا چېكىلگەن بادام گۈل نۇسخىلىرىنى ئەسلى بادامنىڭ شەكلى بويىچە ئېلىشقا ئالاھىدە ئېتىۋار بىلەن قارىغان .شۇڭا بادام دوپپا ئەسلىدىكى بادامنىڭ شەكلى بويىچە تور بادام ،گىجىم بادام ،چۆچۈرە بادام ،قېلىچ  بادام ،پۇتەي بادام قاتارلىق بىر قانچە خىل ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ .بادام دوپپا گۈلىدىكى قېلىچ بادام گۈل شەكلى ھەجىمى باشقا باداملارغا قارىغاندا بىر قەدەر چوڭراق ،ئۇچى قىسمى ئەگرىرەك ،تۈۋى يوغانراق كەلگەن ،شەكىل جەھەتتىن قەدىمقى تۈرك قېلىچلىرىغا ئوخشايدىغان يېرىم يايىسىمان جەگە بادام دېگەن بادامنى كۆرسىتىدۇ .ئەسلىدىكى بادامنىڭ شەكلى بىلەن دوپپىدىكى بادام گۈلى شەكلى ئوتتۇرىسىدا مۇئەييەن ئوخشاشلىق بار .چۆچۈرە بادام دېگىنىمىز ،ئۆزى تومراق ،دانلىق ،چاقسا ئاساسەن قوش مېغىز چىقىدىغان قوشماق بادام شەكلىنى كۆرسىتىدۇ .بەزى ھاللاردا بۇ بادام دوپپا ئەنجان دوپپىسى ياكى ئۆزبىكچە بادام دەپمۇ ئاتىلىدۇ .بۇ خىل گۈل نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن بادام دوپپىنىڭ بادام گۈلى باشقا بادام گۈللۈك دوپپىلارغا قارىغاندا گۈل ۋە دوپپا ھەجىمى جەھەتتىن ئىخچام، چاققانراق كېلىدۇ .تور بادام دېگىنىمىز ،ئەسلىدىكى غازاڭ بادام (قەغەز بادام ) شەكلىدىن كەلگەن. بۇ خىل بادام ھەجىم جەھەتتىن چوڭراق ،پوستى ناھايىتى نېپىز ،مېغىزى يوغان، قولىدا مېجىپلا چاققىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئېگە .بادام مىۋىسى پوستىدىكى تورسىمان سىزىقچىلار ۋە  بادامنىڭ مۇشۇ خىل دانلىق ،چوڭ ھەم نېپىز بولۇش ئالاھىدىلىكى بادام دوپپا گۈلىنىڭ تور بادام شەكلىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. تور بادام دەپ ئاتالغان دوپپىنىڭ شەكلىمۇ باشقا بادام دوپپىلارغا قارىغانداھەيۋەتلىك، گۈلى چوڭ بولۇپ ،ئگىزرەك قېلىپ قوندۇرۇلغاچقا بەكمۇ يارىشىملىق كېلىدۇ .بادام دوپپىلارنىڭ گۈل نۇسخىلىرى يۇقارقىدەك تارىخى جەريان ۋە شەكىلنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، دوپپىنىڭ كېزەك قىسمىغا قوندۇرۇلغان دۆگلەكسىمان گۈل نۇسخىلىرى قانداقتۇ ۋەتەننىڭ تاغ، دەريالىرىغا سىمىۋۇل قىلىنغان بولماستىن ، بەلكى نەخ بادام گۈلى بەرگىنىڭ شەكلىدۇر. ئاستىدا گۈل، ئۈستىدە مىۋە بولغان بۇنداق شەكىلنى ھەرگىزمۇ بىر- بىرىدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولمايدۇ. بادام دوپپىنى يالغۇز ئەرلەرلا كېيىپ قالماستىن ، بەلكى ئاياللارمۇ ئەتىۋارلاپ كېيىدۇ. ئاياللار كېيىدىغان بادام  دوپپا ‹‹چوكان بادام ›› دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. چوكان بادام  ئالتۇن، قىممەت باھالىق كىچىك مارجان، مەرۋايىتلار بىلەن بېزىلىدۇ. ناھايىتى يارىشىملىق ، پۇتۇپ چىقىشى قىممەت بولغانلىقى ئۇچۇن كوپىنچە قىزلارغا تويلۇق سوۋغىتى قىلىنىدۇ. قىزلار بۇ دوپپىنى ئەتىۋارلاپ، تاكى ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىگىچە كېيىشىدۇ. شۇڭا بۇ دوپپا ‹‹چوكان بادام ›› نامى بىلەن ئاتالغان . ئاتاغلىق رىياسەتچى دىلبەر ھۇشيار رىياسەتچىلىك سەھنىسىگە كېيىپ چىقىدىغان بادام دوپپا  مانا شۇ خىلدىكى دوپپا بولۇپ، ئۇنىڭغا گويا خان تاجىدەك يارىشىپ  سالاپىتىگە سالاپەت قوشقان. ئاتا –ئانىلار نارېسىدە قىزلىرىغىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن مۇشۇنداق دوپپىلارنى   مەخسۇس بۇيرۇتۇپ تىكتۇرۇپ بېرىدۇ.بادام دوپپا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتا –بوۋىلىرىمىزغا  نىجاتلىق ئاتا قىلغان بادامنى ئەبەدى ئۇنۇتۇپ قالماسلىقىنىڭ ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت، ئەقىدىسىنىڭ ، گۈزەللىك ۋە قىممەت قارىشىنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان.
" x, }3 [' L! gسىتاتقا مەنبەلەر : لىن گەن، گاۋزىخۇ :‹‹قەدىمقى ئۇيغۇرلار تارىخى ›› شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 2000- يىل نەشىرى. & V5 K7 Z) J/ P% T
‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى›› ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخىنى يېزىش گورۇپپىسى. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى .1990- يىل نەشىرى . 5 I) g( ~/ |2 w
‹‹شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى ››. شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى .  1997- يىل نەشىرى.
6 v( P' m9 [# R% Q1 o2 r# K
- X+ }& x# o  X4 @* [" J

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غازى ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-13 00:13  
" p/ b% V" o& w$ x* i# \0 r, u0 e+ A2 c

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  282
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 936
تۆھپە : 4
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:18:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپا مەدەنىيتىمىز ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىگە ئاپىرىن ئەمەت مۇئەللىم، سىلىگە ھەم فاكولتىتتىكى بارلىق ئۇستازلارغا ئوتلۇق سالاملار بولسۇن...

قاتىل زادى كىم؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  244
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 390
تۆھپە : 0
توردا: 64
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 10:32:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوپپا كىيىپ ياشايلى!
- j* D' S3 ^8 W  O' u& y& `
7 q  V; C9 G9 [! d5 n# N$ Q- I
& p3 X+ \9 p7 D+ P+ e- g. G  E+ e5 y. K, I
بايرام بۈگۈن بولغاچقا دوپپا كەيدىم ئۆزگىچە،$ Q& ~3 O5 y# t- I: j# i

) }& u% E7 Q/ |    دوپپا كىيىپ يول ئالدىم تاغ داۋاندىن تۈزگىچە،
% ~$ e1 r; S8 R, A; z7 D  [- r9 v- D3 w8 i5 H: c7 J4 r
      ئەمدى سالماي كىيۇرمەن باھار ،ياز ھەم كۈزگىچە،7 G6 W6 K. k3 Y  i) `

7 e. H& E) ?2 `  x7 x% O دىدىم شۇنداق ئاۋامغا قايتىپ كەلگەچ ئۆيگىچە،5 E# E% h5 I$ k% s

8 r4 D, v9 }) F" y8 H  H% L' C0 g" l      دوپپا كىيىپ     ئۈتەرمەن  ھاياتلىقتىن ئۆلگىچە.9 A% u# G1 h' y5 n' B
" a2 q1 F8 t1 t
, ~! V" s5 ]9 V  ]7 y: C
0 H" y6 W1 D; L8 ]  I
ئەجداتلىرىم ئۇلۇغلاپ تەۋەرۈك قىپ ساقلىغان،$ ^1 f7 L9 H0 W
. {; L5 ]) _9 k& W, @- m0 O7 |# }( n1 T
دوپپا كىيىپ ئۇيغۇر دەپ غورۇرىنى ئاقلىغان،2 I* N6 k' X0 ~; d+ D0 ^! z

7 C4 r# d. O- B' Q# K( Qنەغمە تۇقۇپ داستاندا دوپپىلارنى ياقلىغان،; Y/ W. P( W  s! A% \0 I* k8 C& c
5 u3 \) ]" {5 o5 s* T) c. [! |
دوپپا بىلەن  ئىماننى ،ئېتىقاتنى پاكلىغان،
7 \- v; I$ {$ S; O
- J. y$ }8 I+ ^/ s6 ?دوپپا دىگەن‹‹يول خېتى››قۇرۇلتايدىن يانغۇچە.
1 u: q( J9 _5 @4 r: J, ?" \
0 F  ?* }/ A7 K& z $ `- L' c. P9 I5 [

5 ?- Y3 M8 ~# {/ y% V( @" T+ W  Uمەن ئېيتىمەن ناخشىنى، دوپپا ئۇيغۇر ناخشىسى،* `0 P! Z1 F: S7 h; M0 q" L
/ j5 X/ ~" ?8 e( ?8 h. u, D
دوپپىلاردەك باش كىيىم تېپىلمايدۇ ياخشىسى،
$ i+ V" a! f6 U+ f9 [; m, \& D! h1 L" w
چۈنكى دوپپا نۇر چاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ تاجىسى،
8 j1 R4 {5 w. e4 E+ B9 B# Q/ @! U8 @, o( n
دوپپا بىلەن قېنىم بىر، مەن بىر ئۇيغۇر تامچىسى،8 j3 M( j  S# ^! O9 e

6 q4 J3 ~; y% zداستان قىلىپ كۆيلەيمەن بېشىم كۆككە يەتكۈچە.
6 K4 n1 L5 }' [7 z$ G' m, p7 [
- z+ O! [7 F5 ?1 ~- S% D  A* g   G# I' c! d6 [: q7 p

' Z0 g6 {4 R$ H+ j4 O) X" e; Oدوپپا دىگەن‹‹كىملىك››تۇر، ئۇيغۇرۇمنى تۇنۇتقان،
2 K$ d2 B7 `$ h0 W; U) V5 `9 }( d6 K; B7 n( ~0 Q
پاك ئۇدۇمنى ئەۋلادقا ھېكمەت قىلىپ يۇرۇتقان،+ x) M$ \3 M) p# q6 m
+ k0 b5 K: }  M; `1 m  r
بىراق بەزى گۆدەكلەر بۇ ھېكمەتنى ئۇنۇتقان،
, P$ U: r% I/ e% s0 o1 i' ]
+ q  G9 a% e; ?' \( T0 Y% i$ Aچىقارمىغىن ئىسىڭدىن بىز دوپپىدىن ئۇيۇشقان،! b5 w0 y+ H; D- ]5 g1 ~+ d
& M! D6 q/ k! h  L! s2 G, K
دوپپا ئۇيغۇر ئۇدۇمى، ئەلمىساقتىن كەلگۈچە.
# k4 [2 Z; ?( @: A" p4 W
+ }; ^! d7 O5 w3 F2 ~/ C- T
" u) T; O( x+ ?1 p8 K5 r/ n% Y
. ?- w. e6 S; Z1 V% Jدوپپا بىزنىڭ بەلگىمىز 55 خىل مىللەتتىن،
0 o* f8 i8 }7 h* D; s' k1 E" z" C. P3 S
تاشلىمايلى دوپپىنى ساقلىنىپ بىز ئىللەتتىن،3 F7 @4 @8 i5 L: K! F
0 q( P6 a3 l9 T! D3 Z; x* L" W
ئۆگىنەيلى ئۆز-ئارا ئىلھاملىنىپ خىسلەتتىن،; H5 b) U( P, h# T' H* P
9 L: E7 j  F7 K5 _7 @9 o; M
نۇرلاندۇرغىن ئۆزەڭنى دوپپا‹‹كىملىك››ھېكمەتتىن،
; l2 k1 ^; r# N$ K3 \5 }; [+ ~+ z5 K& B, h, ?' }, J
‹‹دارغا ئېسىلىپ ئۈلىۋال››دوپپىدىن ۋاز كەچكۈچە.
' j# k) y7 A8 L3 ~* O  x
& x% g& r) X( s ! q9 u4 {- k7 C# t( b) a
- x! {- S' F) k6 _3 H
دوپپا كىيگەن قوشناڭغا كۆزلىرىڭنى ياشلىما،5 u/ M6 h1 ~( \9 z. n3 `$ [
! a% Z  |; @2 y5 h' i9 a
ناماز بوپتۇ ئۆيدە دەپ، دوستلىرىنى باشلىما،, I7 c" i7 \" ~) x- ^/ ^/ Z% [* c

; a4 F0 b# r  L: v* q& a‹‹سەۋىر قىلىڭ››دەپ قولنى، مۈرىسىگە تاشلىما،
% |) B+ w; K/ I6 H
1 h$ V* f' N5 S# y' Y% [. A‹‹بەلباغ››يوق دەپ بىلىدە، گەدىنىڭنى قاشلىما،
& o9 [) D4 C2 m  h+ D
8 s1 W; w9 ^# D* a9 q( d# \& sنامازسىزمۇ كىيگەن بىز، كىرگۈچە ياش يۈزگىچە.
! K6 i' p% w! r8 S8 k; f! g* O* c: {* ~# g( V  u
) y, O2 q( o) j! M  M( c

' r  e* B$ s2 ]( X/ z4 x' Eدوپپا كىيسە ئۆز-ئارا مىھرى تۇنۇش ئۆز بۇلۇر،" X/ [: ?3 [: f& G# M

6 `6 Y3 B# N; F5 [1 Vھەۋەس قىلىپ بىزلەرگە ھەممە جايدا كۆز بۇلۇر،
# e$ G( B2 y1 e4 \, U* q  _+ J7 `% {& L) N) G$ k4 B( s' S
ئەنە ئۇيغۇر كەلدى دەپ جاراڭلىغان سۆز كىلۇر،& \& W$ ]3 v/ @* I

: }5 n$ d/ B2 [6 q$ Z/ J) Jتۇنۇشمىغان كۆڭۈللەر دوپپا بىلەن ئۆز بۇلۇر،2 y1 r. l' {- Y9 `

4 T' _0 s& [6 \. s: V' N; H0 k  s5 iدوپپا كۆرسە دوپپىنى تەكلىپ قىلار تۆرگىچە.
, v7 m* S/ @- |3 V" B
% s$ V" k3 M& I+ |2 f  g+ u8 B
; x" X2 P+ ?$ [  h: `* d8 W
' Y3 z) C$ K' y  E) c7 q. Sدوپپا دىگەن غۇرۇردۇر-ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈكى،& G/ `) Z( e' U4 [5 `5 o/ n$ |7 e

) z$ v* A/ {! G) A- Zتاشلىۋەتسە كىم ئۇنى ئەلدىن يانار سورىقى،
% z( w/ W/ J* Y$ M( |1 T: R: X* |7 |. o' e. r
شۇڭا دائىم بۇلۇدۇ دوپپىلارنىڭ كۆرىكى،! ^% m. p4 ^, G9 t" {6 R7 H
" Y' D! S- t0 e7 O. w
دوپپىلاردىن ياتلاشقان بولماس مىللەت ئۆرنىكى،
/ q! h4 ?1 Q. }3 o' l' l/ i6 V4 ]6 P( Y% ~8 h: F2 d0 i2 U
دوپپا كىيىپ ياشايلى بۇ دۇنيادى كەتكىچە.7 a, M( p- C4 T; O& a. F; L, l6 K& @* {8 E
* T$ m4 m8 i% D" S0 c! U. b; V& L& P
$ s& D9 h0 M$ n) q- {9 p9 n' D
9 B8 w& l1 Z$ H2 v9 R
ئاپتۇر:توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ6 f2 o! T) j9 k/ X* [
/ y' b; _1 V( i
* c9 ^( V, m# t4 R

- W7 N; E0 g, G/ E/ P. [" |ئابلاجان راخمان2 L0 U; ~' n/ N" A+ R- Y

- U8 V( G, y, Y0 w1 u$ {

ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق،ئەڭ زور بەخت ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلىشتۇر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 19:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كېيىمىنىڭ بىرسى بولغان بادام دوپپا ھەققىدىكى ئىزدنىشلىرىڭىزگە ئاپىرىن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 23:06:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلداش يوللىغان ۋاقتى  2012-9-13 19:42 ! ]8 d% i: {/ ?
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى باش كېيىمىنىڭ بىرسى بولغان باد ...
  U& g/ G2 z* y
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابلاجان، ئابدۇمېجت، دىلداش قاتارلىق دوستلار،  ئۇيغۇر دوپپىلىرىدىكى مەدەنىيەت قاتلىمى ناملىق ماقالامنى ئوقۇپ تەسىراتىڭلارنى بايان قىلغانلىقىڭلارنى  كۆرۇپ بەكمۇ ھاياجانلاندىم،ئابلاجاننىڭ  شىېرىغا ئاپىرىن . بىرەر يۇرنالدا ئىلان قىلىنغان بولغىيمىدى؟بولسا كۆپرەك ئادەم كۆرسە ئوبدان بولااتتىكان -دەپ قالدىم، ھەممىڭلارغا رەھمەت!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  346
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 191
تۆھپە : 0
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 00:49:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەت دەرۋىش مۇئەللىمنىڭ قەدىمىگە مەرھابا! ئۇستازنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مۇنبەر ئارقىلىق خەۋەردار بولغانلىقىمدىن خۇرسەنمەن!

كۈنسېرى ئۆزگىرىش ياساۋاتقان زامان بىزدىن ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  244
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 390
تۆھپە : 0
توردا: 64
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:55:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام ئەمەتجان مۇئەللىم،ئاۋال ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلۇشىنى،بارلىق ئىشلىرىڭىزنىڭ مەنىلىك،كۈڭۈلدىكىدەك بۇلۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.9 t# n# [8 A+ O/ d$ D
شېئىرغا كەلسەك  مەن نەشىرياتقا ئەۋەتتىم،ساقلىدىم ،كۈتتۈم لىكىن بېسىلمىدى،مەن يەنە تىرىشسام  بولغۇدەك.

ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق،ئەڭ زور بەخت ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلىشتۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 22:50:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئابلاجان، سالامەت تۇردىڭىزمۇ، شىېرىڭىزنىڭ ئوقۇپ سۆيۇندۇم،شىېرىڭىزنىڭ مەتبۇئاتتا ئىلان قىلىنمىغانلىقى مەزمۇنىنىڭ چولتا ياكى تېيىزلىكىدىن ۋە ياكى بەدىئىلىكىنىڭ زىيادە تۆۋەنلىكىدىن ئەمەس،مۇھەررىر لەر ھامان بىر كۇنى ئىلان قىىدۇ. تىلدىكى پاساھىتىڭىزگە ئاپىرىن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1416
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 327
تۆھپە : 0
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 00:20:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەتجان مۇئەللىمنىڭنىڭ قەلىمىگە بەركەت بولغاي. بۇ مەن ئۇزاقتىن بۇيان جاۋاب ئىزدەپ كىلىۋاتقان سۇئالغا جاۋاب بولغان ئەڭ ئەھمىيەتلىك تىما بولدى. شۇنچە خۇرسەنت بولدۇم... دېمەك بادام دوپپىغا بۇ يىل 1182 يىل بولۇپتۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 00:05:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام مۇختارجان، ئالدىنقى يىلى يەكەندە بادام دوپپا بايريمى ئۆتكەزگەندىمۇ كىشىلەر بۇ بايرامنىڭ  شۇ قەدىرلىك تاجىمىزنى ئەۋلاتلار دىلىغا قايتا نامايان قىلىپ ، ئۇنىڭ قەدىرىنى ، ئۆزلىكنى تونۇشتىكى رولىنى تونوتوپ قويغانلىقىدىن سويۇنگەن ئىدى، سىزنىڭ بۇ تاجىمىزنى بېشىمىزدىن ئالماي كېلىۋاتقانلىق تارىخمىزنىڭ ئازكەم 1200 يىل بولغانلىقىنى تەھقىقلەپ چىققانلىقىڭىزدىن، -ھە، دوپپا تېخى ئەۋلاتلارنىڭ يادىدا باركەن ، دەپ چۇشەندىم .رەھمەت سىزگە !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش