ximal
كۆرۈش: 250|ئىنكاس: 4

يازغۇچى مۇھەممەد باغراش بىلەن سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 966
تۆھپە : 2
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 15:01:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يازغۇچى مۇھەممەد باغراش بىلەن سۆھبەت

(سۆھبەت خاتىرىسى)


ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مۇھەممەد باغراش ئاكا، بىلىشىمچە سىز بىلەن ئەدەبىيات توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۇچۇن ئالدىڭىزغا كەلگەن  تۇنجى كىشى مەن ئەمەس. سىز بىلەن بەزىبىر مەسىىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئۇچۇن يىراق سەھرادىن ئاتايىن ئىزدەپ كەلدىم. مەن ئۇچۇن قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئەركىن-ئازادە پاراڭلىشىشىنى خالامسىز؟

جاۋاپ: ئەلۋەتتە خالايمەن. بىراق، سىزگە ئالدىنئالا شۇنى ئەسكەرتىپ قۇيايكى،بۇنداق مەسىلىدە سۇئال سورىغۇچى چۇقۇم بىلىملىك بۇلۇشى كېرەك. بىلىملىك، تەپەككۇرغا باي ئادەم يازغۇچىمۇ خىيال قىلمىغان مەسىللەرنى سوراپ، ئۇنىڭ يۇرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلامىدىكى پىكىر دۇردانىلىرىنى قېزىپ چىقرالايدۇ. ناۋادا سۇئال ئاددى، يۈزە مەسىللەر توغرىسىدا بولۇپ قالسا يازغۇچىمۇ شۇنىڭغا لايىق جاۋاپ بېرىدۇ. بۇنداق سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدۇرۇپ كىتابخانلارنىڭ ۋاقتىنى ئالغاندىن كۆرە، سۆھبەت ئېلىپ بارمىغان ھەم مەتبۇئاتتا ئېلان  قىلدۇرمىغان مىڭ ياخشى.

سۇئال: توغرا دەيسىز. مەنمۇ «ئاتام ئېيتقان بايىقى» دىگەندەك سۆھبەت بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئانچە-مۇنچە تەييارلىق قىلىپ ئالدىڭىزغا كەلدىم. ئنشائانلا، كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقىشقا تىرىشىمەن. باغراش ئاكا، سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ تىلى نەپىس، تېتىملىق، رەڭدار ۋە ئويناق. بۇ جەھەتتە سىز ئۆزىڭىزگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان يازغۇچى. قارىغاندا ئەسەرلىرىڭىزنىڭ تىلىغا ناھايتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىدىغان ئوخشايسىز. بۇ ھەقتىكى كۆز قارشىڭىزنى سۆزلەپ بېرەمسىز؟

جاۋاپ: تىل-ئەدەبىياتنىڭ جېنى. تىل بىرىنچى، بىرلەمچى، ئپتىدائى ئامىل. تىلنىڭ پاساھىتى، تىلنىڭ دەللىكى ۋە تىلدىكى يۈكسەكلىك بىر ئەسەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان بىرلەمچى ئامىل. مەن راستىنلا ئەسەرلىرىمنىڭ تىلىغا بەك ئشلەيمەن. ئاتا-ئاناممۇ ئانا تىلىمىزدا ناھايتى ياخشى سۆزلەيتتى. شۇلارنىڭ تەسىرىدىن بولسا كېرەك. ئىككىنچىدىن، مەن كىچىگىمدىن يۇرتىمىزدىكى سالچىلار، بېلىقچىلار، دېھقانلار، ھۈنەرۋەن-كاسىپلار، سۇپى-ئشانلار... ئشقىلىپ ھەر ساھە، ھەرخىل تەبىقىدىكى ئاشۇ كىشلەرنىڭ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانمەن. ئەدناسى كوچىدا نان تىلەپ يۈرگەن دىۋانىلەرنىڭ ناخشا-قوشاقلىرىنىمۇ بېرىلىپ ئاڭلايتتىم. يۇرتىمىزدا تىللاخان دىگەن بىر دىۋانە بار ئىدى. ئۇ كىشى تولىمۇ سۆزمەن ئدى. نۇرغۇن شېئىر-غەزەللەرنى، ناخشا-قوشاقلارنى يادا بىلەتتى ھەم كوچىلاردا يۈرۈپ ئشتىياق بىلەن ئوقۇيتتى. كىمنىڭ شېئىرى ئىكەنلىگى ئېسىمدە يوق، ئۇنىڭ ئېيتقان شېئىر-غەزەللىرىدىن مۇنداق بىر مىسرا ئېسىمدە قاپتۇ:

ئەي قۇياش توسما يۈزۈڭنى، تارتما جامالىڭغا نىقاپ...

ماڭا ئاشۇ كىشلەرنىڭ تەسىرى چوڭ بولغان. ئۈچۈنچىدىن، مەن كىچىگىمدىن شېئىر ئوقۇشقا ئامراق ئىدىم. ئەلشىر نەۋائى، مۇھەممەد سىددىق زەلىلى، بابارەھىم مەشرەپ قاتارلىق كېلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ  قالتىس ھۇزۇرلىناتتىم. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدىكى تىل ئشلىتىش ماھارىتىنى تەھلىل قىلاتتىم. ئەسەرلىرىمنىڭ تىلىغا ئاشۇ شائىرلارنىڭ شېئرلىرىنىڭمۇ بەلگىلىك تەسىرى بولغان بۇلۇشى مۇمكىن. كېيىنرەك مەن ئۆزبىك يازغۇچىلىرىدن ئابدۇللا قادىرىنىڭ «مېھراپتىن چايان»، «ئۆتكەن كۈنلەر»؛ ئايبېكنىڭ «ناۋايى» قاتارلىق رومانلىرىنى ئوقۇدۇم. ئاشۇ رومانلارنىڭ تىلى ماڭا شۇنداق گۈزەل بىلىنەتتى. ئۇندىن باشقا مەن شوپۇرلۇق قىلىش جەريانىدا خەلقىمىزنىڭ جانلىق تىلى بىلەن كۆپ ئۇچراشقان. ئۇلارنىڭ تىلى گەرچە قوپال بولسىمۇ لېكىن ساپ ۋە ئېنىق ئىدى. شوپۇرلار شاڭخوچى كېلەتتى. لېكىن مەن ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ  دەللىك دەرىجىسىنىڭ يۇقۇرلىقىغا دىققەت قىلاتتىم. مانا مۇشۇ تەسىرلەر مېنىڭ تىل ئۇستىسى بولۇپ يېتىلىشىمگە زىمىن ھازىرلىغان.

سۇئال: سىزنىڭ شوپۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تېما قىلىنغان ئەسەرلىرىڭىز خېلى مۇۋەپپىقيەتلىك چىققان. مەسلەن: «سەپداش»،  «ساۋاپ» ، «يادىكار»، «ئادەملەر»، «تەنھا ماشىنا» قاتارلىق ھېكايىلىرىڭىز  ۋە «جەزىرە»، «شوپۇرنىڭ چۈشى»، «ئاھ شوپۇر، ئاھ قىز» قاتارلىق پوۋېستلىرىڭىزدا شوپۇرلارنىڭ ھاياتى قىزغىن ھېسيات بىلەن تەسۋىرلەنگەچكىمۇ ئېيتاۋۇر ناھايتى تەبئى چىققان دەپ قارايمەن. بۇ ئەسەرلىرىڭىزدىكى بەزى ۋەقەلىكلەر ھېلىمۇ نۇرغۇن كىتابخانلارنىڭ يادىدا بار ئىكەن. بۇ ئەسەرلىرىڭىزنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ  بىرى دەل سىزنىڭ دىيارىمىزدا  ماشىنا ئاز بىر زامانلاردا شوپۇر بولغانلىغىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۇشىنىشكە بۇلامدۇ؟

جاۋاپ: شۇنداق دىيىشكىمۇ بۇلىدۇ. مەن ئەينى چاغدا  پەقەت بىر يىللا شوپۇر بولغان. ئۇ چاغلاردا كالۇنىمىزدا شوپۇر بولغان ئادەم ئالدى بىلەن ماتۇر ياساشقا (رېمىنۇت قىلىشقا) پىششىق بۇلۇشى كېرەك دەيدىغان قائدە بار ئىدى. شۇڭا مەنمۇ دەسلىۋىدە ئۈچ يىلغىچە ماشىنا رىمنۇت قىلىشنى ئۈگىنىپ ، ئاندىن ئالتە ئاي كونا شوپۇرلارغا شاگىرت بۇلۇپ ( شۇ چاغلاردا شوپۇرلۇقنى ئۈگىنىشنىڭ قائىدىسى شۇنداق ئىدى) ماشىنا ھەيدەشنى ئۈگەندىم. ئالتە ئاي مۇستەقىل ماشنا ھەيدىدىم. كېيىن مەلۇم سەۋەپ بىلەن ماشىنامغا ئوت كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ماشىنامدىن ئايرىلىپ قالدىم.  كالۇندا مەن ئلگىرى-كېيىن بولۇپ بەش يىل ئشلىدىم. ئاندىن شوپۇرلۇق بىلەن خوشلاشتىم...ئەينى چاغدىكى يوللار ھازىرقىدىن  كۆپ ناچار، ئاپتۇمبىللارمۇ ھازىرقىدەك ئىلغار ئەمەس ئىدى. شوپۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ جاپالىق بولىدىغان ئاشۇ يىللاردىكى كەچمىشلىرىم مېنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان ئەسلىملەرنى قالدۇرغان. شۇڭا تەبىئى ھالداماڭا پىششىق بولغان  شوپۇرلارنىڭ ھاياتى توغرىسىدا بەزى ئەسەرلەرنى يازدىم.

دىمەكچى، قانداق پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان تېمىنى مۇۋەپپىقيەتلىك يۇرۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن قانداق دېتال ، قانداق تۇرمۇشنى تاللاش بۇ پۈتۈنلەي يازغۇچىنىڭ ماھارىتىگە باغلىق. بۇ بەك مۇھىم. بۇنىڭدا چۇقۇم يازغۇچىنىڭ كۈزىتىش ئقتىدارى مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەدىئى مۇھىتنى يارىتىش ئۈچۈن تۇرمۇش دېتاللىرنى، پىرسۇناژلارنى تاللايدىغان گەپ. ئەنە شۇنداق تاللاش، پىششىقلاپ ئشلەش ئارقىلىق بىر مۇۋەپپىقيەتلىك ئەسەر يارىتىلىدۇ.

سۇئال: ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا نەزەر سالىدىغان بولساق ياخشى ھېكايىلەر ئازلاپ كەتكەندەك قىلىدۇ. ھېكايە توپلاملىرىمۇ كەمدىن كەم نەشىر قىلىنۋاتىدۇ. سىزنىڭچە ھېكايە ژانىرنىڭ ئەدەبىياتتا تۇتقان ئورنى قانداق بولۇشى كېرەك؟

جاۋاپ: دەرۋەقە ھازىر ئەدەبىياتىمىزدا ھېكايە ژانىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئون–يىگىرمە يىلنىڭ ئالدىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا دىگەندەك ياخشى بولمايۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋال. 1980-يىللىردا بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا ئاساسى  سالماقنى ھېكايە ئىگىللەيتتى. 1990-يىللاردىن باشلاپ پوۋېسىت ژانىرى يوقلىقتىن بارلىققا كېلىپ ئاساسى ئېقىمغا ئايلىنىشقا باشلىدى. 2000-يىللاردىن بۇيان ھىكايە-پوۋېستلارنىڭ ئورنىنى رومان ئىگىلىگەندەك قىلىدۇ. ھېكايە ئىنتايىن قىسقا ژانىر بولۇپ، ئۇ يازغۇچىدىن يۈكسەك دەرىجىدە ئخچاملاش، يىغىنچاقلاش، پېرسىلاش ئىقتىدارىنى؛  شۇنداقلا يەنە يۈكسەك دەرىجىدە ئوبرازلاشتۇرۇش، سىمۇۋۇللاشتۇرۇش، تىل ئشلىتىشتىكى ئېنىقلىق، دەللىك، چوڭقۇر مەنا ۋە كۆپ مەزمۇننى قىسقا، ئىخچام سۆز بىلەن ئپادىلەپ بېرىش سەنئىتى ۋە تالانتىنى، ھېچبولمىغاندا تىپىكلەشتۈرۈش ئىقتىدار-قابىيىتىنى تەلەپ قىلىدۇ. ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان ئاز بىر قىسىم رومانلاردىكىدەك بىر تاغار قۇرۇق گەپ، سۆرەلمىلىك، ئەزمىلىك، چۇۋالچاقلىق ۋە دىتسىزلىقنى قۇبۇل قىلالمايدۇ. ھېكايە ژانىرىنىڭ ئەدەبىياتتىكى ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ۋە شەرەپلىك. ئۇ ئنتايىن قىسقا ۋە ئخچام بۇلۇشىغا قارىماي، ئۆز ئىچىگە ئالەمچە مەنالارنى سىغدۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىكى يۈكسەك دەرىجىدە تىپىكلەشتۈرۈشتىن ئبارەت بۇ  ئەۋزەللىك ئۆز نۆۋىتىدە ئىنتايىن ئۆلمەس ھاياتى كۈچكە ئىگە خارەكتىر ئىگىلىرىنى (ئۆلمەس ئوبرازلارنى) يارىتىدۇ. مەسلەن:  زۇنۇن قادىرىنىڭ «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدىكى باقى، باھار؛ «چېنىقىش» ھېكايىسىدىكى مەتنىياز، ئىززەتخان؛ زوردۇن سابىرنىڭ «خوشنىلار» ھېكايىسىدىكى سالى، «قەرزىدار» ھېكايىسدىكى تۇرغان لېۋىر؛ مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ «ئايخان» ھېكايىسىدىكى ئايخان، «بۇ چۈش ئەمەس» ھېكايىسىدىكى توختى، گۈلشەن؛  چىخوپنىڭ «غىلاپ بەندىسى» ھېكايىسىدىكى بىلكوپ،«خامىليۇن» ھېكايىسىدىكى ئۇچۇملۇۋ، «چىنۇۋنىكنىڭ ئۆلۈمى» ھېكايىسىدىكى چېرۋەكۇپ، «قۇزام» ھېكايىسىدىكى ئولىنكا؛ مۇپاسساننىڭ «دونداق» ھېكايىسىدىكى دونداق قاتارلىق ئوبرازلار كىشىنىڭ يادىدىن مەڭگۈ چىقمايدىغان ئوبرازلاردۇر. ھېكايە ژانىرىنىڭ بۇنداق پاجىئەگە يۇلۇقۇشىنىڭ سەۋەبى مېنىڭچە بەزى نەشىرياتلارنىڭ ئىقتىساتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پۇل تېپىشنى كۆزلەپ پەقەت سىياسى چاتاق چىقمىسىلا نىمە بولسا بۇلىۋېرىدۇ دەپ ئالدىغا كەلگەنلىكى ئەسەرلەرنى رومان دەپ نەشىر قىلىشلىرى؛ بەزى تەھرىرلەرنىڭ دىتسىزلىغى ۋە ئەدەبىيات توغرىسىدىكى بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ تۆۋەنلىگى تۈپەيلى ياخشى بىلەن ناچارنى ئايرىيالماي، قەغەز توشقۇزۇپ كەلگەن يازمىلارنى قانداق بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر رومان دەپ ئات قويۇپ نەشىرگە تەييارلىشى؛ شۇنداقلا بەزى قەلەم ئىگىلىرىنىڭ تەستىن قېچىپ ئاسىنىغا يۈگۈرىشى، نەچچە يۈز يۈەن قەلەم ھەققى بېرىلدىغان ھېكايىدىن قېچىپ نەچچە مىڭ يۈەن(ياكى نەچچە ئون مىڭ يۈەن) قەلەم ھەققى ئالغىلى بۇلىدىغان ئاتالمىش «رومان»لارغا مايىل بولۇش خاھىشىى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىزدە رومان چۇقۇم بولۇشى كېرەك. يەنە كېلىپ دۆلەت ۋە دۇنيا مىقياسىدا شۆھرەت قازىنالايدىغان مەشھۇر رومانلار بولۇشى كېرەك. بۇنىڭسىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېگىشلىك شان-شەرىپىنى تاپالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە بىزدىمۇ خۇددى چىخوپ، مۇپاسساندەك داھى يازغۇچىلار يازغان  ھېكايىلەرگە ئوخشاش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا مەشھۇر بولغان، ھېچبولمىسا ئومۇمى خەلق سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ھېكايىلەر بۇلۇشى كېرەك. بۇنىڭسىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى چىن مەنادىكى مۇكەممەللىگىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

سۇئال: «كەلكۈن» ناملىق پوۋېستىڭىز ئەينى چاغدا كىتابخانلار ئارىسىدا قىزغىن بەس-مۇنازىرە پەيدا قىلغاندى. ئۇنىڭ خەنزوچە تەرجىمىسىمۇ (سەرلەۋھىسى «كامالىدىن» دەپ ئۆزگەرتىلگەن)  15-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ پوۋېستىڭىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، يەنى ئۆزىڭىزگە تۇنۇش بولغان قانداق بىر ۋەقەنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلغانلىغىنى سۆزلەپ بىرەمسىز؟

جاۋاپ: مەن دەريا بۇيىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. بالىلىقىم تولىمۇ مەنىلىك ئۆتكەن ئىدى. شۇڭا مېنىڭ تەپەككۇرۇمدا بىرىنچى بۇلۇپ ئەكىس ئېتىدىغىنى تەبىئەت. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا بىر ئادەمنىڭ ئېڭىغا تەبىئەت تەسىر قىلغان، يىتەكچىلىك قىلغان بولىدۇ. مەن ئۈچۈن مېنىڭ تەبىئەت بىلەن باغلانغان ئەسەرلىرىم مەن ياخشى كۆرىدىغان، سۆيۈنىدىغان ئەسەرلەردۇر. مەسىلەن: «سەبداش» ناملىق تۇنجى ھېكايەمدە چىنلىق بىلەن يېزىلغان تەبىئەت تەسۋىرى بار. «گۈزەل ۋادى» ناملىق ھېكايەمدە ناھايتى كۈچلۈك شېئىرى پۇراق، تەبىئەت ھەققىدە قىزغىن بىر ناخشا بار. «جەزىرە» ناملىق پوۋېستىمدا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ دەشىت-چۆللۈكلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئۇنىڭدا پېرسۇناژلارنىڭ ئاڭ ئېقىمى بىلەن پېرسۇناژلار گىرەلىشىپ كەتكەن. مېنىڭ يازغان ئەسەرلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىدە ئالدى بىلەن ئانا تەبىئەت كۆرۈنىشى پەيدا بولۇپ، پېرسۇناژلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

«كەلكۈن» ناملىق پوۋېستىمدىكى تىللاخان ئاتا پورتىرىتى مەۋھۇم ئادەم. لېكىن ئۇ دەل شۇ تەبىئەتنىڭ، مىللى روھنىڭ، ئۇيغۇرچە تەبىئەت ئېڭىنىڭ ۋەكىلى. ئۇنىڭ پىروتوتىپى بار دىيىلسە، پىروتوتىپى دەل ئانا تەبىئەت.  ئۇ ئانا تەبىئەتنىڭ، مىللى روھنىڭ ئادەملىشىشى. كامالىدىن ئوبرازىنىڭ ئۆزى ئەخلاقىمىزنىڭ  بۇزۇلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى. كىشلەرنىڭ ئېتىقادى سۇسلاپ، مەنىۋى بايلىق ئازلاپ، كىشلەر ھەدەپ ماددى مەئىشەتلەرگە ئۆزىنى ئۇرغانسىرى ئانا تەبىئەتتىن يىراقلاشتۇق. مەسىلەن: «كەلكۈن» ناملىق پوۋېستىمدىكى كامالىدىننىڭ كۆڭلىگە قاچان پۇل ۋەسۋەسىسى چۈشتى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ تەبىئىتى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. نىيتى بۇزۇلۇپ، پۇل ئۈچۈن خەقنىڭ ئۆيىگە ئوت قويدى، نەچچە يىللاپ بىر تەكيىگە باش قويغان ھالال جۇپتى بولغان ۋاپادار خۇتۇنىنىڭ چېچىنى كەستى. پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ ناھايتى تېزلا جىنايەت يولىغا قەدەم قويدى... ئۇ مەن ئۇزاق ئويلىنىپ، ئازاپ ئىچىدە ياراتقان پېرسۇناژ . ئۇنى مېنىڭ يۈرىكىمنىڭ جاراھىتى دىيىشكە بۇلىدۇ.

سۇئال: «يۈرەكتاغ» ناملىق پوۋېستىڭىزدىكى ئۈچ ئوبراز - ئىلدوس، مىراۋۇش ۋە تۇرەك پىتتىن ئبارەت ئۈچ بالىنىڭ تىراگېديىسى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. بۇ توغرىلىق ئويلىغانلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق ئىكەن؟

جاۋاپ: بىز زامانىۋلىشىش جەريانىدا جىق نەرسىلەرنى يوقاتتۇق. ئەمىليەتتە ئۈچ بالىنىڭ ئۆلۈمى بىر قارىساڭ بىر تىراگىدىيە. مىللى ئاڭ، مىللى روھنىڭ خارابلىشىشى، ئۆلۈشى. بىز تەبىئەتنى تاشلىۋەتتۇق. تەبىئەتكە زوراۋانلىق قىلىشىقا باشلىدۇق. تەبىئەتنى سۆيۈشنىڭ ئورنىغا قارشى چىقتۇق. ماھىيەتتە ئاشۇ ئۈچ بالىنى تەبىئەتكە قىلغان خائىنلىقىمىز ئۆلتۈردى. ئۈچ بالىنىڭ ئۆلۈمى يەنە بىر نوقتىدىن قارىساڭ، مىللى روھنىڭ قايتىدىن تىرىلىشى، يارىلىشى بولىدۇ. ئۇلار پاجىئەلىك ئۆلۈمى بىلەن بىزنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. ئەجداتنى ئۇنۇتماسلىقنى، تارىخنى ئۇنۇتماسلىقنى، شۇ ئاڭ بىلەن تەۋرەنمەي ياشاشنى ئۈگەتتى. تىراگىدىيىنىڭ يەنە بىر نوقتىسى ئاشۇنداق. بۇ بەك مۇھىم. مەن ئەسىرىمدە كۆتۈرۈپ چىققان مەركىزى ئىدىيە دەل مۇشۇ.

سۇئال: ئەدەبىياتىمىزدىكى تېمالار توغرىسىدا سىزنىڭ قارىشىڭىز قانداق؟

جاۋاپ: ھاياتنىڭ ئۆزى رەڭگا-رەڭ. جەمىئيەتتە ھەممە ئادەم  بىرخىل سۆزلىمەيدۇ، بىر خىل پىكىر قىلمايدۇ، بىر خىل ياشىمايدۇ. ئەمما نۆۋەتتە بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى يازغۇچىلار بىر خىل يازىدۇ، بىر خىل تۇرمۇشنى يازىدۇ. بۇنى تېمىدىكى نامراتلىق دىيىشكە بۇلىدۇ. تېپىۋالغىنى ئائىلە مۇناسىۋىتى، ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت... قاتارلىق نەچچە خىللا تېما. ئۇلار مىللىتىمىز دۇچ كېلىۋاتقان ئۆتكۈر مەسىللەرنى كۆرمەمدۇ ياكى ئۆزىنى قاچۇرامدۇ ۋە ياكى ئۇنىڭغا قۇربى يەتمەمدۇ، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ يازغانلىرى خۇددى مەكتەپتىكى مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ئوخشاش بىرخىل فورما كىيىۋالغىنىدەك بىر خىللا ھايات شەكلىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. بۇ ماھىيەتتە ئەدەبىياتتىكى بىر خىل ئاچلىق. ئەمىليەتتە يازايلا دىسىڭىز بىزدە تېما دېگەن ناھايتى كۆپ، يازغۇچىلىرىمىزنى چەكسىز ئمكانىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. يازغۇچى بولغان ئادەم ئوغرىنى يېزىش ئۈچۈن چۇقۇم ئوغۇرلىق قىلىپ بېقىشى، ھاراقكەشنى يېزىش ئۈچۈن چىلاشقۇدەك ئىچىپ  مەسىت بۇلۇپ بېقىشى، قاتىلنى يېزىش ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈپ بېقىشى كېرەك ئەمەس-ئەلۋەتتە! بۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچى  چۇقۇم ئىژتىمائىي تۇرمۇشنى كۈزىتىشكە، ئۆتكۈر ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى بايقاشقا، ئلھام تۇلپارىنى چاپتۇرۇشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك.  ئەمما بىزنىڭ كۆپ ساندىكى يازغۇچىلىرىمىز ئۆز ئەتراپىدا ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ئوي-خىياللىرى، دەرت-ھەسرەتلىرى، ئازاپ-ئوقۇبەتلىرى، ئارزۇ-ئارمانلىرى، ئىنتىلىشى، تەقەززاسى، تەقدىر-قىسمەتلىرى... قاتارلىق مۇھىم مەسىللەرنى كۆرمەيۋاتىدۇ.

سۇئال: باغراش ئاكا، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا 300گە يېقىن رومان نەشىر قىلىندى. ھەتتا بىرەر پارچە ھېكايە ياكى پوۋېسىت ئېلان قىلدۇرماي بىۋاستە رومانغا تۇتۇش قىلىدىغانلارمۇ كۆپىيۋاتىدۇ. سىز خېلى بۇرۇنلا نۇرغۇن  ياخشى ھېكايە-پوۋېسىتلارنى ئېلان قىلدۇرۇپ كىتابخانلارنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن تىرىشچان يازغۇچى ئىدىڭىز . بۇ كەمگىچە ئاللىقاچان نەچچە پارچە روماننىڭ ئىگىسى بۇلۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە بىز سىزنىڭ بىرەر رومانىڭىزنى كۆرەلمىدۇق. بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بېرەلەمسز ؟ ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان رومانلىرىمىز توغرىسىدا قانداق ئويلايسىز؟

جاۋاپ: دىمىسىمۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا  ھازىرغىچە نۇرغۇن رومانلار نەشىر قىلىندى. لېكىن ھەقىقى رومان دىگۈچىلىگى بار رومانلار ساناقلىقلا. يۇقۇرىدا دىگىنىمدەك 1980 –يىللاردا ئەدەبىياتىمىزدا ھېكايە قىزغىنلىغى قوزغالغان، نۇرغۇن ياخشى ھېكايىلەر ئېلان قىلنغان. 1990 –يىللاردا پوۋېسىت قىزغىنلىغى پەيدا بولدى. ئۇيغۇر پوۋېستچىلىغى گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى. 2000 –يىللاردىن باشلاپ  رومان يېزىش قىزغىنلىغى پەيدا بولغاندەك قىلىدۇ. ئەمما شۇنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ياخشى رومانلار يەنىلا كەم بۇلىۋاتىدۇ. ھازىر نەشىر قىلىنىۋاتقان بەزى رومانلانىڭ سەۋىيسىنى ئەدناسى مۇۋەپپىقيەتلىك يېزىلغان  بىر ئەدەبى ئاخبارات ياكى ھېكايىگىمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئاشۇ رومانلاردا  بىر تاغار ۋەقەلىك بار، لېكىن   تەم-لەززەت يوق. سىز ئوقۇپ ھىچقانداق ھۇزۇر ئالالمايسىز. گۇيا نۇرغۇن رومانلارنىڭ باشلىنىشىمۇ بىر خىلدەكلا. ئەينى چاغدا تۈزۈكرەك بىرەر پارچە ھېكايە ئېلان قىلدۇرالماي يۈرگەنلەر مۇشۇ  كۈنلەردە بايىقىدەك ئوقۇغان  كىشىنى بىزار قىلىدىغان، بەدىئى دىتسىزلىغىنى چىۋىقىغا ئالماي نەشىر قىلىنىۋاتقان نەچچە «رومان»نىڭ ئىگىسى بۇلۇپ قالدى. ھازىر نۇرغۇن رومانلاردا پېرسۇناژلار كۆپ، ئادەم سۈرەتلىك قورچاقلار، يەنى سۈنئى ئادەملەر بار، ئەمما ئوبراز بۇلالايدىغان چىن ئادەم يوق بۇلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ھەقىقى رومان دىگۈچىلىگى بار روماننىڭ بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدا تۇتىدىغان ئورنى ئنتايىن يۇقۇرى بۇلىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا شۇ مىللەتنىڭ تارىختىن بۇيان بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ھايات كۆرۈنىشلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخى كەچۈرمىشلىرى ئنتايىن كاتتا دەبدەبە، سەلتەنەت ئچىدە نامايان قىلىنىدۇ. ئەپسۇسكى بىزنىڭ ھازىرقى كۆپىنچە  رومانلىرىمىز بۇنداق شەرەپتىن تولىمۇ يىراقتا. شۇنداق بۇلىشىغا قارىماي سۈپەتسىز رومانلار، ئېتى «رومان»، ئەمما خام يازمىلار ئەدەبىياتىمىزنى قاپلاپ كەتمەكتە. بۇنداق دىسەم بەزىلەر گىپىمگە قارشى چىقار بەلكىم، ئەمما بۇ ئەمەلىيەت. ئاز بىر قىسىم ياخشى رومانلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا، ناچار رومانلار ئەخلەت سۈپتىدە ئاسانلا كىشىنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا سۈپەتسىز رومانلارنى نەشىر قىلدۇرغان بەزى ئاپتۇرلارنىڭ قاملاشتۇرۇپ بىرەر پارچە ياخشى ھېكايە يازالىشى ناتايىن.

مېنىڭ رومان يازماسلىقىمدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى، مەن قاچان بۇ يازغىنىم رومانغا ئوخشىدىكىن دەپ قانائەت ھاسىل قىلغاندا ئاندىن ئېلان قىلدۇرۇشۇم مۇمكىن ( ئاللاھ ئىشىمغا ئاسانچىلىق بەرگەي). ھازىرقىدەك بىر قىسىم ئېتى «رومان»لارنى يازغاندىن يازمىغان ياخشى دەپ ئويلايمەن.  تارىخ ھەممىگە ئادىل باھا بېرىدۇ.

سۇئال: سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزدە ھېسىيات ئىنتايىن كۈچلۈك، شۇنداقلا يەنە كۆپىنچە ئەسەرلىرىڭىزدىن  شېئىرى پۇراق گۈپۈلدەپ تۇرىدۇ. شەخسەن مەن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ بەزىدە خۇددى ئەلىشىر نەۋائىنىڭ، شا مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن. سىز ئادەتتە ئەسەرلىرىڭىزدە شېئىرى پۇراقنىڭ كۈچلۈك بۇلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلامسىز قانداق؟

جاۋاپ: ئېيىتقىنىڭىز توغرا. مەن ھەر قېتىم پوۋېسىت يېزىش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالغىنىمدا ئەلىشىر نەۋائى، مۇھەممەد سىددىق زەلىلى، خوجا جاھان ئەرشى، ئابدۇرېھىم نەزارىي قاتارلىق كېلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ چىقىمەن. ئەسەرلىرىمنىڭ تىلىنىڭ خۇددى شېئىرنىڭ تىلىدەك راۋان، ھېسياتلىق، يېقىملىق بۇلۇشىنى مۇھىم شەرت قىلىمەن.

ئەمەلىيەتتە پىروزا بىلەن پوئىزىيەنىڭ تىلىدا كۆپ پەرق يوق. شېئىرى تىل پەقەت شېئىرغىلا خاس بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە پىروزىغىمۇ ئورتاق. چۈنكى تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا يەنىلا «ئەدەبىيات - تىل سەنئىتى». دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچىلاردىن لېۋ تولسىتوي، چىڭغىز ئايتماتوف، رابىندىرانات تاگۇر قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدە شېئىرى پۇراق گۈپۈلدەپ تۇرىدۇ. بۇھەقتە مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى ناھايتى توغرا ئېيىتقان: «‹پادىشا نېكۇلاي ئۈستەلگە بىر مۇشت ئۇرغاندا، پۈتۈن ئوردا ئىچى تىترەپ كېتەتتى؛ لېۋ تولسىتوي ئۈستەلگە بىر ئۇرسا، پۈتكۈل رۇسىيە زىلزىلگە كېلەتتى › دىگەن رىۋايەت مۇبالىغە بولمىسا كېرەك. چۈنكى، لېۋ تولسىتوي شېئىر يازمىغان بىلەن چىن شائىر ئىدى.»(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر:«شېئىر ۋە شائىر»ناملىق نەسىرى شېئىرىدىن )

سۇئال: سىز يېقىندىن بېرى ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىدىكى بىرقانچە دۆلەتتە زىيارەت ۋە ئىلمى مۇھاكىمىلەردە بۇلۇپسىز. چەتئەللەردە ئەدەبىياتنىڭ تەقدىرى ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىق قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

جاۋاپ: مەن يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلەتلىك يازغۇچىلار ۋەكىللەر ئۈمىكىنىڭ تەركىۋىدە پاكىستان، رۇسىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، شىۋىتسارىيە، گوللاندىيە، بېلگىيە، ۋېنگىريە، نۈرۋىگىيە، لىيۇكسومبوروگ، لېخنىشتىيىن، ۋاتكان قاتارلىق 13 دۆلەتتە زىيارەت ۋە ئىلمى مۇھاكىمىلەردە بولدۇم. تىل تۇسالغۇسى تۈپەيلى چەتئەلدىكى يازغۇچىلار بىلەن كەڭ دائىرىدە مۇڭدىشالمىغان بولساممۇ، لېكىن رەسمى سورۇنلاردىكى تۇنۇشتۇرۇش تەتقىقات دوكىلاتلىرى ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەردىكى ئەدەبىياتنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن ئىنتايىن يۈزەكى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم. «11-سىنتەبىر» ۋەقەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىراق، ئافغان ئۇرۇشى، شۇنداقلا يېقىندا يامرىغان پۇل مۇئامىلە كىرزىسى قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرنىڭ دىققەت نەزەرى بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادى كىرىم مەسىلىلىرىگە بۇرالغاندەك قىلىدۇ. لېكىن ئۇلار ھەرگىز ئەدەبىياتنى تاشلىۋەتمەپتۇ. ياۋرۇپادىكى ھەرقانداق دۆلەتتە ئايرىدۇرۇم، ۋۇگزال، باغچا ۋە يول بويلىرىدا كىتاب ئوقۇۋاتقان ياش قىز-يىگىتلەرنى، بوۋاي-مومايلارنى ھەر قەدەمدە ئۇچىرتىش مۇمكىن. مەن بېرلىن، پارىژ، رىم، بۇداپىشىت قاتارلىق چوڭ شەھەرلەردە كىشلەرنىڭ ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىنى قولۇمغا ئېلىپ مۇقاۋىلىرىنى كۆرۈپ باقتىم. كۆپۈنچىسى ئەدەبىى كىتابلار ئىكەن. ئۇلار بىزنىڭ يازغۇچى ئىكەنلىگىمىزنى ئاڭلاپ قىزغىنلىق بىلەن سالاملاشتى ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى. ئومۇمەن ئۇلاردا يازغۇچىلار بەك ھۆرمەتلىنىدىكەن، قەدىرلىنىدىكەن. قەلەم ھەققىمۇ ئىنتايىن يۇقۇرى ئىكەن. گېرمانىيەدە بىر گېرمان يازغۇچىسى بىلەن قەلەم ھەققى توغرىسىدا سۆزلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ دىيىشىچە، ئۇ يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە رومانىنىڭ قەلەم ھەققىگە بىر داچا، بىر ئالىي دەرىجىلىك پىكاپ سېتىۋاپتۇ. ئاشقان پۇلىغا ياۋرۇپادىكى بىرنەچچە دۆلەتنى ساياھەت قىلىپتۇ. ئۇ يەردە ئەسەر ئېلان قىلماق ۋە كىتاب نەشىر قىلماق ئىنتايىن قىيىن ئىكەن. بەدىئى سەۋىيىسى تۆۋەن ئەسەرلەرنى مەتبۇئات ۋە نەشىرياتلار يېقىن يۇلاتمايدىكەن. سۈپەتسىز ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىش دۆلەتنىڭ ئابرۇيىغا بېرىپ تاقىلىدىغان چوڭ ئىش دەپ قارايدىكەن. شۇڭا يازغۇچىلارمۇ ئاز ئىكەن، لېكىن ئۇلار ئۆز خەلقى ئارىسىدا ئىنتايىن ھۆرمەتلىنىدىكەن. مۇشۇ ئەھۋال بىزنىڭ ھازىرقى ئەدەبىيات بازىرىمىزدىكى پاخاللىق بىلەن رۇشەن سېلىشتۇرما. ئۇيەرلەردە ئەسەرنىڭ سانى ئەمەس، بەلكى ئەسەرنىڭ سۈپىتى بىر يازغۇچىغا باھا بېرىشتىكى بىردىنبىر ئۆلچەم ئىكەن. ئۇ يەرلەردە يازغۇچىلار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇچىرىشىشى كەم ئۇچرايدىكەن. يازغۇچىلار بىزدەك يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ يۈرمەيدىكەن. ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كۆپرەك ھەرقايسى ئۇنۋېرسىتىتلاردا لېكسىيە سۆزلەش، ماتىريال كۆرۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى تۇلۇقلاپ تۇرىدىكەن. سانپېتىربورگ(پادىشا يېزىسى) دا پۇشكىن تۇغۇلغانلىغىنىڭ خاتىرە كۈنىگە ئاتاپ ئۆتكۈزۈلگەن مۇشائىرەگە قاتنىشىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. مۇشائىرە پۇشكىن ھەيكىلىنىڭ ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ، ھىچقانداق تەكلىپسىز ھالدا رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھەر ساھە خەلقىنىڭ ھەربىرى دىگۈدەك پۇشكىننىڭ بىرەر پارچىدىن شېئىرىنى يادا بىلىدىكەن ھەم دېكلىماتىسىيە قىلالايدىكەن. رۇسىيەدە ھازىرقى كۈنلەردە ئىقتىسادى تۇرمۇش دىگەندەك باياشات بولمىسىمۇ، رۇس ئەدەبىياتى ۋە رۇس يازغۇچىلىرى ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى تۇلۇقلاپ تۇرغان بىر روھى تىرەك ئىكەن. 70-80 ياشلىق بوۋاي-مۇمايلاردىن تارتىپ بەش-ئالتە ياشلىق سەبىيلەرگىچە ئۆزلىرىنىڭ يازغۇچى-شائىرلىرىنىڭ ئات-جونىنى ئىپتىخار ۋە سۆيۈنۈش ئىلكىدە تىلغا ئالىدىكەن، ئەسەرلىرىنى بىلىدىكەن. بۇ ھال بىزدە ئۇمۇمى خەلقىمىز ئەمەس، ئۇنۋېرستىتلارنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن نۇرغۇن ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ كىلاسسىك شائىرلىرىمىزنىڭ بىرەر پارچە شېئىرىنى يادقا ئوقۇپ بېرەلمەيدىغان ئەھۋال رۇشەن سېلىشتۇرما-ئەلۋەتتە.

سۇئال: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا قانداق ئويلايسىز؟

جاۋاپ: مەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەقدىرى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دىيەلمەيمەن.  بىلىدىغىنىم، بىزدە يازغۇچى-شائىرلار جىق، لېكىن ياخشى ئەسەرلەر ئاز. بۇنىڭغا سۇخەنچىلىك قىلىش كەتمەيدۇ. بىراق شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كەلگۈسىدە نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن، شۇنداقلا يەنە بىزدىنمۇ نوبېل ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدىغان ۋە پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئېتراپ قىلىدىغان مەشھۇر يازغۇچىلار چىقىشى مۇمكىن. ئەمدىكى گەپ، بىزنىڭ يازغۇچى-شائىرلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش، دۇنياۋى سەۋىيىگە ئېرىشتۈرۈش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شان-شۆھرىتىنى پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە تۇنۇتۇش ئۈچۈن كۈچلۈك جاۋاپكارلىق ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان پىداكار روھ بۇلۇشى كېرەك.پەقەت شۇچاغدىلا ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن زور ئۈمۈت كۈتكىلى بۇلىدۇ. ئاخىرقى ھېساپتا پەقەت تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلىگەن ئەسەرلەرلا مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.


2011-يىل مارت-ئاپرىل ئۈرۈمچى-ئۇچتۇرپان



بۇ سۆھبەت خاتىرىسى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 11-سانىدا ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىم ئۇنىڭ بىر قىسىمىنى يوللىدىم.

(كونا مۇنبەردىكى ئىنكاس شەكلىدە يوللىغان جايدىن كۆچۈرۈلدى)



ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  419
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 252
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 16:38:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن،ئىزدىنىشلىرىڭىزدىن گۈل ئۈنگەي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 543
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1136
تۆھپە : 6
توردا: 144
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:55:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى ئېلىپ بىرىلغان سۆھبەت ئىدى . بۇ يەردە كۆرۈپ خۇش بولدۇم . ئۇستاز مۇھەممەد باغراشنىڭ ھاياتىغا سالامەتلىك يار بولسۇن . قەلەم تۇلپىرى چاپچىپ تۇرغاي .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 20:24:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندىم. ئامەت تىلەيمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1556
تۆھپە : 0
توردا: 267
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 12:26:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەت باغراش مەن كىچىكىمدىن ئەسەرلىرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى ،ئاللاھتىن مۇھەممەت باغېاش ئاكىغا ئۇزۇن ئۆمۈر، سالمەتلىك ۋە قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن !

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش