بۈۋىھەجەر ئارمىيە قىزى نەشىرگە تەييارلىغان، باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە ئىدارسى نەشرگە ئۇيۇشتۇرغان، مۇنبىرىمىزدىكى قەھىرمان روزى ئەرچىن قاتارلىقلار كىتاپنىڭ ئىشلىنىش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان (كىتاپنىڭ ئۆزى قولۇمدا بولمىغاچقا باشقىلارنىڭ ئىسىملىكى يادىمدا قالماپتۇ) «نىمشېھىت شىئېرلىرى» ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نۇسخىسى يېقىندا شىنجاڭ ياشلار -ئۆسمۈرلەر نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. كىتاپ ئىنتايىن سىپتا ۋە كۆركەم ئىشلەنگەن بولۇپ، شىئېرلارنىڭ خەنزۇچىسى ياش ئەدەبىي تەرجىمانىمىز دىلمۇرات تەلئەت تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان. كىتاپنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئابلىكىم ھەسەن ئىشلىگەن.