ximal
كۆرۈش: 249|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىن قىسقىچە بايان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 13:57:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىن قىسقىچە بايان 3 V6 U8 y5 m, o% P3 _
  o( X+ F, d% ]' f
                                       ئەمەت دەرۋىش
/ h1 P, m! v+ w0 |. W
( Y/ W* i- t0 N0 ]1 q

: q. o* d5 F  G3 T9 A     «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يېزىققا ئېلىنغان دەۋرىدىن تارتىپ تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىگىچە بولغان يازما ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى كۆرسىتىدۇ . ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى يىراق ، بېسىپ ئۆتكەن دەۋرى ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ ، ئىپادىلىگەن مەزمۇنى تىرەن ، تەربىيۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر ، ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى كۆپ خىل ۋەقوللانغان مىتۇدلىرى رەڭگارەڭ بولۇپ ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كېيىنكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ، تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئوينىغان رولى جەھەتتە ئالاھىدە رىئال ئەھمىيەتكە ۋە تارىخىي قىممەتكە ئىگە .
( i& z% x8 @7 G9 L6 w' Zھەرقايسى تارىخىي دەۋىرلەردە ئوتتۇرىغا چىققان تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئالاھىدىلىگى ئۈستىدە ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى ۋە رىئال ئەھمىيىتىنى يەكدىللىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈردى . ئۈگۈنۈشكە ، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ ،ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قەدىمكى دەۋىر ئەدەبىياتىدىكى باشلامچىلىق رولىغا يۇقىرى باھا بەردى . دۇنيانىڭ دىققەت مەركىزىنى ئۆزىگە تارتقان بۇ بۈيۈك ئەدەبىيات دۇنياۋى خاراكتىرلىك تۈركىلوگىيە ئىلمىنىڭ( تەتقىقاتىنىڭ )بارلىققا كېلىشىنى ياخشى بىر ئىجتىمائىي زېمىن بىلەن تەمىن ئەتتى .گىرمانىيە ، ئەنگىلىيە ، روسىيە ، ياپۇنىيە ، دانىيە ، شىۋىت ، شىۋىتسارىيە،ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نوپۇزلۇق ئالىملار ئۆزىنىڭ تەتقىقات نىشانىنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىگە قارىتىپ ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئالاھىدىلىگىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىپ ، ئۇنى دۇنيا ئەدەبىيات سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپە قوشتى .ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۆزىنىڭ يۇرۇقلۇققا چىقىشى ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن زاتلارغا ئالىملىق مەرتىۋىسنى تارتۇق قىلدى . چەتئەلدىكى نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىشۇناسلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىشۇناسلىق ساھەسىدىكى تەتقىقات سەمەرىلىرى بىلەن دۇنيا ئىلىم ساھەسى سورۇنىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى . ئېلىمىزدىمۇ خەنزۇ ئالىملار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىشۇناسلىقى بويچە يىرىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپ ، ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى . فىروفىسۇر گىڭ شىمىن ، لاڭ يىڭ ، ۋېي لىياڭتاۋ ، خاۋگۇەنجۇڭ ، جاڭخۇڭچاۋ ، ليۇبىڭ ، خۇا تاۋ قاتارلىق ئالملارنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىسى ئالاھىدە زور بولدى .ئۇلار  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىشۇناسلىق جەھەتتىكى مىننەتسىز مېھنەتلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدى .
- V, Q$ T! P9 m« ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ناھايتى چوڭ بىر تېما . ئۇنىڭ دەۋرى ئۇزۇن ، تەتقىقات نىشانى كۆپ ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىللەر مۇرەككەپ ، قاتناشقان ئادەملەر سانى كۆپ بولۇشتەك بىرقانچە تۈرلۈك ئجتىمائىي ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ ،بۇ تەتقىقاتنى دەۋىر نۇقتىسى، چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات نىشانى ؛ ئېلىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتشۇناسلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات نىشانى ؛ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللارنغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات نىشانى قاتارلىق بىرقانچە نۇقتىلار بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ناھايتتى زۆرول ئىدى . بىراق ، باشقا تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » پەقەت ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرتەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نىشانى ۋە مۇھىم يىرىك تەتقىقات نەتىجىلىرى ئۈستىدىكى مۇلاھىزە بىلەن چەكلىنىدۇ .بۇ ، ئىھتىمال بىر باشلىنىش نوقتىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
  X! s3 c4 J8 i; g. N$ P- uئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  50- يىللاردا باشلانغان دەپ قاراشقا بولىدۇ . مەرھۇم فىروفىسۇر ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ قاراخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پىشۋاسى بولغان يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلەن مەھمۇت قەشقەرىنىڭ بۇيۇك ئىلمى ئابىدىلىرى ئۇستىدە ئېلىپ بارغان يىرىك تەتقىقاتى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى ئىككى بۇيۇك ئالىمى»نىڭ «شىنجاڭ ئېنىستىتوتى ئىلمى ژورنىلى»نىڭ 1956-يىلدىكى سانلىرىدا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىدا ئىلان قىلىنىشى ① ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ يېڭى بىر سەھىپىسى ئېچىلغانلىقىدىن دىرەك بەردى. ئالىم بۇ ماقاللىرىدا «قۇتادغۇبىلىك»بىلەن «تۇركى تىللار دىۋانى» نىڭ ئىجتىمائىي ، تارىخي قىممىتىنى ئىلمىي يوسۇندا شەرھىيلەپ ، گۈللەنگەن قاراخانىيلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بەردى.شۇنىڭدىن كېيىن ئالىم ئەھمەت زىيائى 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلارجەمئىيىتنىڭ تۇنجى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدا سۆزلىگەن «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۇگىنىدىغانلىرىمىز»② ناملىق ماقالىسىنىڭ جامائەت بىلەن يۇز كۆروشىشى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسىم ئالاھىدىلىكلىرى ئۇستىدىكى تەتقىقاتنى نوقتۇلۇق چۇڭقۇرلۇققا قاراپ يۇزلەندۇرۇشتە  ، بولۇپمۇ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ تىلى،قوللانغان سىتىلىستىك ۋاستىلار ھەققىدىكى تەتقاتنى مەخسۇس نۇقتىلار بويىچە ئىلگىرى سۇرۇشتە نىشان بەلگۇلەپ بەرگەن بولسىمۇ،  لېكىن كېيىنكى تارىخىي مەزگىللەردە قوزغالغان سولچىل ئىدىيۋى ئېقىمنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار توختاپ قالدى .
4 a- P6 y# V7 V$ Z& B« ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » نىڭ يېڭى باھارى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 3-ئۇمۇمىي يىغىندىن كېيىن رەسمىي باشلاندى . ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئالىي مائارىپنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ھەم مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنىڭ دەرىسلىك ماتىرىياللىرىدىن ئورۇن ئېلىشى ، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئوتتۇرا ، ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى دەرىسلىكىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇش، ئۇنى چۈشۈنۈش ، بىلىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈردى . فىراپپسور ئابدۇكېرەم راخمان ،شەرىپىدىن ئۆمەر ، ئابدۇ شۈكۈر مەھەممەتئىمىن ، رەۋەيدۇللا ھەمدۇللا ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، مەخمۇت زەيدى ، تىيىپجان ئىلىيوف ، ۋاھىتجان غوپۇر ، ئەسقەر ھۈسىيىن ، ئابدۇرېھىم سابىت ، ھاجى ئەھمەد ، ئابدۇشۈكۈر تۇردى ، ئەھمەد زىيائى ، ئىمىن تۇرسۇن .... قاتارلىق بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلار ئارقا ئارقىدىن ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىياتى تېكىسىتلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى ئېلان قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى تەتقىقاتلىرىدا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخي دەۋىرلەردىكى نەمۇنىلىرىنى تونۇشتۇرۇش ياكى شۇلار ئۈستىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ، بىر پۈتۈن سېستىمىلىق تەتقىقات 80- يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن كېيىن رەسمىي باشلاندى .
4 }: o1 Q7 P) a- Tبۇ جەھەتتە تەتقىقاتچى مەرھۇم مەمتىمىن يۈسۈپنىڭ « بۇلاق » ژۇنىلىنىڭ نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان « كلاسسىك ئەدەبىيات يېڭى تەتقىقاتىنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتىۋالايلى »③ ناملىق ماقالىسىنڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىقات نىشانى ، تەتقىقات تۈرى ، تەتقىقات پىرىنسىپى ، تەتقىقات يۈنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويدى . شۇنىڭدىن كېيىنكى مەزگىللەردە « بۇلاق » ژۇرنىلى ۋە ھەرقايسى گېزىت ژۇرناللاردا كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا دائىر ماقاللار ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ ، كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى قوشۇنى رەسمىي شەكىللىنىشكە باشلىدى . بۇ باشلىنىش ئالىي مەكتەپ كلاسسىك ئەدەبىياتى دەرىسلىك ماتېرىيالىنىڭ تۈزۈلىش جەھەتتە گەۋدىلىك بولدى . دەسلەپ فىراپپسور شەرپىدىن ئۆمەرنىڭ « ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن تارىخي ئوچرىكلار » ، فىراپپسور ۋاھىتجان غوپۇر بىلەن ئەسقەر ھۈسىيىننىڭ قەشقەر پىداگۇگىكا ئىنىستىتوتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 1982-يىلى مەكتەپ ئىلمىي باشقارمىسى تەرىپىدىن باستۇرغان « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تىزىسلىرى » ناملىق كىتاپنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ بىر قەدەر سېستىمىلاشقان ؛ ئاپتۇرلار ۋە تېكىسىتلەرنىڭ دەۋىر پەرقلىرى ، ئاپتۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى ، مىتودلىرى ھەرقايسى تارىخي دەۋىرلەرنىڭ ئىجادىيەت نىشانى بىر قەدەر ئېنىق كۆرسىتىلگەن ماتېرىيال دەپ ئاتاشقا بولىدۇ . ئاپتۇرلاربۇ يىرىك تەتقىقاتلىرىدا ئۇيغۇر كلاسسىك يازما ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ، دەۋىر چىگرالىرى ، ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى ، ئىجادىيەت مىتودى قاتارلىق ساھەلەردە دەسلەپكى ئىزدىنىشلىرىنى تارىخي نۇقتىدىن چىقىپ تەھلىل قىلدى .شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئابدۇرېھىم سابىتنىڭ  4توملۇق « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى » ناملىق كىتابى دەرىسلىك سۈپىتىدە باستۇرۇلۇپ ئېلان قىلىندى . بۇ كىتاپنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغا قوشۇلغان بىر ئۈلۈش كۈچ بولۇپ ھېساپلاندى . شۇنىڭدىن كىيىنكى يىللاردا ، مەسىلەن : 1989-يىلى نەشىر قىلىنغان فىروپىسور شەرپىدىن ئۆمەرنىڭ « ئۇيغۇرلاردا  كلاسسىك ئەدەبىيات » ،  شىنجاڭ داشۆ جۇڭگۇ تىل – ئەدەبىيات فاكولتېتى « ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىى»  نى تۇزۇش ، يېزىش كوللىگىيىسى تەرىپىدىن 1988-يىل تۈزۈلۇپ ، 1993-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىى»2-،3-،4-توملىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تەتقىقات نىشانىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سېستىمىلاشتۇرۇپ بەردى . شۇنىڭدىن كېيىن « بۇلاق » ژۇرنىلىدا كلاسسىك ئەدەبىيات تېكىسىتلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى ، بىر قىسىم دىۋانلارنىڭ ئايرىم نەشىر قىلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا ئاپتورلارنىڭ يەككە ھالدىكى يىرىك تەتقىقاتى باشلىنىپ ، يېڭى گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى . فىروپسور شەرپىدىن ئۆمەر 1996-يىلى« ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر كلاسىك ئەدەبىياتى » ناملىق 2 توملۇق كىتاۋىنى نەشىر قىلغان بولسا ، 1998-يىلى « 19- ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى » ناملىق 3توملۇق كاتتا ئەسىرىنى ئېلان قىلدى .
) ~7 z: S3 z8 q7 H; z% dمەرھۇم   فىروپسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1986-يىلى« فارابىي ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى » ناملىق تەتقىقاتىنى ئېلان قىلغان بولسا ، 1998-يىلى تەڭداشسىز يىگانە ئەسىرى « غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى » ناملىق ئەسىرىنى ئېلان قىلىپ جامائەت ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى .شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئالىمنىڭ « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخي » (1997) « ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى » (1997-يىل) «  ئۇيغۇر لاردا ئىسلام مەدەنىيىتى »(2002-يىل )    « قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا » (2002-يىل) قاتارلىق كاتتا ئەسەرلىرى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىنىڭ مەخسۇسلىشىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى .  5 O6 H$ X6 S- X6 Q" }  F; F
    ئىسمايىل تۆمۈرىنىڭ ئۇيغۇر بۇددىزىم ئەدەبىياتىنى نىشان قىلغان «ئىدىقۇت ئۇيغۇر مەدەنىيىتى » (1998-يىل )، «ئىدقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى » (1995-يىل ) قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر بۇددىزىم مەدەنيىتى ۋە ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتىكى يىرىك نەمۇنە بولسا ، ئىبراھىم مۇتئى بىلەن مۇھەممەت رېھىم سايىت قاتارلىقلارنىڭ ئىلگىرى – كېيىن بولوپ ئرىق بىتىكنى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىشى بۇئەسەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى يېڭى بىر نىشانغا قاراپ يىتەكلىدى . ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ،سۇلايمان ھېلىمنىياز قاتارلىقلارنىڭ «‹پالنامە›ۋە قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى » ناملىق يىرىك تەتقىقاتى ۋە ئەمەت دەرۋىش قاتارلىقلارنىڭ بۇ ئەسەر ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى سېستىمىلىقلىقى ۋە ئەتراپلىقلىقى بىلەن بۇ دەۋىر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى .: b( H0 N; T8 n3 j1 q, e
قەدىمكى دەۋىر ئىپوس تەتقىقاتى جەھەتتە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخي داستانى « ئوغۇزنامە » نىڭ گېڭ شىمىن ، تۇرسۇن ئايۇپ قاتارلىقلار تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇرتىلى ۋە يېزىقىدىن ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى، يېزىقىغا تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىنىشى قەدىمكى ئىپوس تەتقىقاتىنىڭ باشلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈردى . بۇ جەھەتتە فىروپپىسور ئابدۇكېرىم راخماننىڭ « ئوغۇزنامە ۋە ئوغۇزنامە ئىپوسى ھەققىدە مۇلاھىزە »  فىروپپىسور غەيرەتجان ئوسماننىڭ « ئوغۇزنامىنىڭ مەيدانغا كەلگەن دەۋرى توغرىسىدا » مۇھەممەتجان سادىقنىڭ « ئىپوس ۋە ئوغۇزنامە ئىپوسى » ناملىق ماقالىسى ، ئەھمەد دەرۋىشنىڭ « ئوغۇزنامە ئىپوسىنىڭ ئىپوسلوق  خۇسۇسىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىش » ، « ئوغۇزنامە ئىپوسىنىڭ ۋارىيانىتلىرى ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەتقىقات »، « ئوغۇزنامە ئىپوسىدىكى ئوغۇزخان ئوبرازىنىڭ تارىختا ئۆتكەن كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىزدىنىش »، « ئوغۇزنامە ئىپوسىدىكى بىرقىسىم نام ئاتالغۇلارغا شەرھى » ناملىق ماقاللىرى قەھرىمانلىق ئىپوسى« ئوغۇزنامە»نىڭ تارىخى ئىجتىمائىي قىممىتى ، رىئال ئەھمىيىتى ۋە ئورنى ،ئۆرپى- ئادەتشۇناسلىق جەھەتتىكى قىممىتىنى دەلىل ئارقىلىق ئىسپاتلاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە بەلگۈلۈك قىممىتىنى جارىي قىلدۇردى .2 a4 r0 b# G4 D+ A# f# s, o
قاراخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىدىن مەھمۇد قەشقەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ۋە ئەھمەد يۈكنەكىلەرنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى ، ئەسەرلىرىنىڭ تىماتىك ئىدىيىسى ، پەلسەپىيۋى قاراشلىرى ، ئىجادىيەت مىتودى ، بەدىئىي ئىستىداتى قاتارلىق تەرەپلەر بويىچە ئېلىپ  بېرىلغان  تەتقىقات بىر قەدەر چۇڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بولدى.
- m! c2 Q# y( P% ]& a, N+ Fمەملىكەتلىك تۇنجى قېتىملىق « قۇتادغۇبىلىك » ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ 1986-يىلى قەشقەردە ناھايىتى داغدۇغلىق ئۆتكىزىلىشى « قۇتادغۇبلىك » ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ كۆلەملەشكەنلىكىنى مەلۇم جەھەتتىن ئىسپاتلاپ بەردى .شۇنىڭدىن كېيىن 1998-يىل 10- ئايدا يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىنىڭ قايتا ياسىلىپ پۈتكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن قەشقەردە يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەۋەللۇتىنىڭ 960يىللىغى « قۇتادغۇبىلىك مەيدانغا كەلگەنلىكىنڭ 928يىللىقىنى خاتىرلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلغانلىقى « قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتىنىڭ يەنە بىر دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى . يىغىندا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ئىلمىي ماقالىلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ، پاكىتلىرىنىڭ ئىلمىي ، كۆزقاراشلىرىنىڭ يېڭى بولىشى بىلەن «قۇتادغۇبىلىك » تەتقىقاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسى بولۇپ قالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نەشىر قىلىنغان« تارىخي مىراس -‹ قۇتادغۇبلىك ›ھەققىدە ئۇمۇمىي بايان »④ ناملىق 4توملۇق كىتاپ ۋە « ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە ‹قۇتادغۇبلىك› »⑤ قاتارلىق كىتاپلارنىڭ نەشىر قىلىنىشى بۇنىڭ جانلىق ئىسپاتى.« قۇتادغۇبلىك »ھەققىدە يەنە يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامىنىڭ«‹ قۇتادغۇبىلىك› ۋە قانۇن»               ناملىق يىرىك ئەسىرى، ئارسلان ئابدۇللانىڭ « ‹قۇتادغۇبلىك ›ئىستىلىستىكىسى» ناملىق يىرىك ئەسىرى ، تۇرسۇن ئەرشىدىننىڭ « قۇتادغۇبىلىكتىكى تەبئي پەنگە ئائىت بايانلار  » ناملىق يىرىك ئەسەرلەرنىڭ نەشىر قىلىنىشى شاھانە ئەسەر « قۇتادغۇبلىك » ھەققىدىكى يېڭى قاراشلارنىڭ تېخىچە داۋاملىشىۋاتقانلىقنىڭ ئەمەلىي پاكىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . يۇقارقى يىغىن ماقالىلىرى ۋە مەخسۇس  ئەسەرلەردە « قۇتادغۇبىلىك »نىڭ ئىدىيۋىي ئەھمىيىتى ، ئوينىغان رولى ، دۇنياۋى تەسىرى ۋە باشقا ئۆزگىچىلىكلىرى ھەققىدە يېڭى – يېڭى پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، بىر – بىرىنى تولۇقلاش ، كېڭەيتىش مۇئەييەنلەشتۈرۈش  رولىنى ئوينىدى .
! z, d" Y: L9 k0 Q" H; x; c   ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى » ھەققىدىكى تەتقىقات « دىۋان » نىڭ تارىخى ، ئىلمىي ، بەدىئىي ، فولىكلور ۋە تىل تەتقىقاتى ساھەسى بويچە كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلدى.    ئالىمنىڭ ھاياتى ، ئىجادىي پائالىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەخسەت قىلغان شۇنداقلا « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ تۈزۈلىشى ، ئەھمىيىتى ، تەتقىقات نىشانى قاتارلىقلار ھەققىدە يېزىلغان ئىلمىي ماقالىلارنى توپلاپ تۈزۈلگەن « مەھمۇد قەشقەرى » ناملىق كىتاپنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن 1985-يىلى نەشىر قىلىنىشى « تۈركى تىللار دىۋانى » تەتقىقاتىنىڭ مەلۇم كۆلەملىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى . 1998-يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مەملىكەتلىك «‹ تۈركى تىللار دىۋانى› ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى »ۋە 2005-يىلى قەشقەردە ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000يىللىغىنى خاتىرىلەش مەملىكەتلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى «تۇركى تىللار دىۋانى »تەتقىقاتىنىڭ مەلۇم چۇڭقۇرلۇققا قاراپ يۇزلەنگەنلىگىنى  ئىسپاتلاپ بەردى. يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلار «تۇركى تىللار دىۋانى»نىڭ تىل،ئەدەبىيات،تىبابەتچىلىك،ئاستىرىنومىيە،ھەربى ئىشلار،مىللەت ئېتنىگورافىيەسى،تىلشۇناسلىق،فولىكلۇر،ئۆرپى-ئادەت،قائىدە–يۇسۇن قاتارلىق تەرەپلەردىكى قىممىتىنى ئىلمىي يۇسۇندا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەسەرنىڭ تارىخى ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى قىممىتىنى ئىلمىي يۇسۇندا مۇئەييەنلەنشتۇردى.
0 n" i2 v3 d9 x, q+ Z4 L   شۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللاردا « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ  تىل ، ئەدەبىيات ، تىبابەتچىلىك ، ئاستىرىنۇمىيە ، ھەربىي ئىشلار ، مىللەت ئىتنۇگىرافىيەسى ، تىلشۇناسلىق ، فولىكلور ، ئۆرىپ – ئادەت ، قائىدە – يوسۇن قاتارلىق ساھەلىرى بويچە ئايرىم – ئايرىم تەتقىق قىلىش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى . تەتقىقاتچىلار « تۈركىي تىللار دىۋانى » نىڭ بۇ ساھەدىكى ئەھمىيىتى، ئىجتىمائىي قىممىتى ھەققىدە يېڭى – يېڭى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەسەرنىڭ دۇنياۋىي ئەھمىيىتى ۋە رىئال قىممىتنى ئىلمىي يوسۇندا باھالاپ چىقتى .بايمەت ھاجى راخمان تۇزۇپ نەشىر قىلدۇرغان «‹ تۇركى تىللار دىۋانى ›دىكى ئەدەبى مىراسلار»، مۇھەممەترېھىم  ھاج تۇرسۇننىڭ «‹ تۇركى تىللار دىۋانى ›دىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن تەرمىلەر »ناملىق كىتاپلار «دىۋان» ھەققىدىكى تەتقىقاتنىڭ مەخسۇسلىشىشقا قاراپ يۇزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.
0 |4 v0 \  J5 r/ o6 y0 R# }, Q5 j5 _   ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدا ئەھمەد يەسسەۋىنىڭ ھىكمەتلىرى ئالاھىدە بىر تەتقىقات تىمىسى  بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .ئەھمەد يەسسەۋى قاراخانىيلارنىڭ ئاخرىقى مەزگىلىدە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان شائىر بولۇپ ئۆزئالدىغا مەخسۇس يەسسەۋىچىلىك پىكىر ئېقىمى يۈرگۈزگەن، شەيئى ۋە ھادىسلەرگە سوفىستىك دۇنيا قاراش بويچە مۇئامىلە قىلغان شائىر بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ لېرىكىلىرىدا  چاقناپ تۇرغان ئادىمىيلىك روھ ، ئىنسانىي خىسلەتنى جارى قىلدۇرۇش تەشەببۇسى ، ئىلىمنىڭ ئىنساننىڭ ھاياتىدىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ، ھالال بىلەن ھارامنى پەرىق ئېتىش ، ئادىل ، راسچىل بولۇشقا ئۈندەشتەك بىرقاتار ئىدىيلىرى قەدىرلەشكە ، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاخرلىشىۋاتقان قاراخانىيلار دەۋرى بىلەن شەكىللىنىۋاتقان چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە قوللانغان ئەدەبىي تىلى مۇشۇ ئۆتكۈنچى دەۋىر ئەدەبىي تىلىنىڭ تاۋۇش ئۆزگىرىش ھادىسىلىرىنى تەھلىل قىلىش ،مۇئەييەنلەشتۈرۈش ، سۆزلۈكلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تەھلىل قىلىش جەھەتتىكى قىممىتى ناھايتى مۇھىم .
, }0 z4 s2 c! q/ F- \: f2 k   بۇ جەھەتتە مەرھۇم شەرىپىدىن ئۆمەر ، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۈھەممەتئىمىن ، ۋاھىتجان غوپۇر، ئەسقەر ھۈسىيىن ، غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىقلار دەرىسلىك ماتىرىياللىرىدا بۇ جەھەتتىكى ئىلمىي قاراشلىرىنى يەكدىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئىدىيىسىگە لىللا باھا بەرگەن بولسا، ئابدۇبەسىر شۈكرى ، ئەھمەت دەرۋىش ، ھۆرمەتجان ئابدۇراخمان ، ئەخمەتجان ھەسەن قاتارلىقلار شائىرنىڭ شىئېرلىرىدىكى پەلسەپىيۋى ھەقىقەت ، ئىجتىمائىي ئەخلاق ، كىشلىك مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئىلغار قاراشلار ھەققىدە يېڭى تەتقىقاتلارنى ئوتتۇرىغا قويدى . شائىرنڭ رىئال دۇنيادا ئۆز نەپسىدىن ۋاز كېچىپ،ئۆزىنى پاكلاش  تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنڭ ئاساسلىرىنى ئىلمىي رەۋىشتە ئىسپاتلاپ ، مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ۋە قۇبۇل قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلىرىغا ئادىل باھا بەردى .1 ^# ]8 Y! T$ H% _
يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە باشقا مىللەت تىل – يېزىقى بىلەن ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىدىكى خاسلىق ۋە تېما ئىزچىللىقى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى يېڭى بىر تېما بولدى .بۇجەھەتتە كۆپ ئەمگەك سەرىپ قىلغان ئابلىز مۇھەممەت سايرامى مۇشۇ تارىخي دەۋىردىكى ، مۇشۇ خانلىق تەۋەسىدىكى يازغۇچى- شائىرلارنىڭ ئېلىمىز ئەدەبىياتىغا قوشقان تۆھپىسى ۋە يۈەن سۇلالىسى دەۋىرى ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە بەلگۈلۈك كۆلەملەشكەنلىكىنى ماتىرىياللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغان بولسا ، فىروفىسور غەيرەتجان ئوسمان مۇشۇ خانلىق تەۋەسىدىكى ئۇيغۇر شائىر- يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرى ئۇمۇمىي ئەدەبىياتىدا  تۇتقان ئورنى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەھقىقلەپ ، دەرىسلىك ماتىرياللارغا كىرگۈزۈش جەھەتتە كۆپ ئەجىر سىڭدۈردى . ( t" I+ R) @! Z/ v: `3 y* r
   ئەلشىر نەۋائى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى ئالاھىدە بىر تەتقىقات تېمىسى .نەۋائىنىڭ مىللەت تەۋەلىگى ، ئىجادىيەت مۇددىئاسى ، ئىپىك ئەسەرلىرىدىكى ئۆزگىچە ئوبراز يارىتىش خاھىشى ، لىرىكىلىرىدىكى بەدئىي ئىستىدات ، ئىلمىي -نەزەرىيىۋى ئەسەرلىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇنازىرلىرىدىكى قاراشلار ھەققىدە ئاز بولمىغان تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى .بۇ جەھەتتە غەيرەتجان ئوسمان « ئەلشىر نەۋائىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىي پائالىيىتى ھەققىدە تەلقىنلىق سۆھبەت » ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىدە نەۋائىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ھەققىدىكى ئوخشىمىغان قاراشلارغا قارىتا ئۆزىنىڭ بۇھەقتىكى قاراشلىرىنى پاكىتلىق ماتېرىياللار ئاساسىدا ئىلمىي يوسۇندا ئوتتۇرىغا قويغان بولسا ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمن ، ئەسقەر ھۈسىيىن ، ۋاھىتجان غوپۇر ، ئىمىن تۇرسۇن ، ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانى ، مەھمۇت زەيدى ، ئىمىنجان ئەھمىدى ، ئىبراھىم مۇتئى، جاپپار ئەمەت، ئابدۇشكۇر تۇردى، ئەمەت دەرۋىش، ئەسئەت سۇلايمان، ھەسەنجان ئابلىز، ئەزىزى قاتارلىق تەتقىقاتچىلارناۋايىنىڭ لېرىكىلىرى ، داستانلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ئوبرازلار ،ئەسەرلىرىنىڭ ئىستىتىك گۇزەللىكى ، ئىلمى-نەزىرىيىۋى ماقالىلىرىدائوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئەينى دەۋىر ئىجتىمائى رىئاللىقى ئۇچۇن بولغان ئەھمىيىتى قاتارلىق تەرەپلەردە ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، مۇئەييەنلەشتۇردى، يۇقۇرى باھالارنى بەردى. ; s/ \  P/ ]9 K/ z7 _' e; X
      فىراففىسۇر شەرىپىدىن ئۆمەر، ۋاھىدجان غوپۇر، ئەسقەر ھۇسەيىن ،ئابدۇرىېھىم سابىت ، غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئۆزلىرى تۇزگەن ئالى مەكتەپ دەرىسلىك ماتىرىياللىرىدا شائىىرنىڭ لېرىك شىېرلار توپلىمى «چاھار دىۋان» ، داستانلار توپلىمى «خەمىسە» ،ئىلمى نەزىريىۋى ئەسەرلىرىدىن «مۇھاكىمەتۇل لوغەتەيىن» ،«مەھبۇبۇل قۇلۇب» ، «مەجالىسۇن نەفائىس »ۋە باشقا ئەسەرلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پايدىلانغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۇچۇن بەلگۇلىك ماتىرىيال مەنبەسى ۋە تەتقىقات نىشانى كۆرسىتىپ بەردى.
" k' j, x4 Z& |/ x* c      2001-يىلى نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 560يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭ شەھرىدە مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى نەۋائىي ئىجادىيىتى تەتقىقاتىنىڭ بەلگۈلۈك كۆلەمگە ۋە تەتقىقات سەۋىيەسىنىڭ مەلۇم مەنزىلىگە قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى . يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلارنىڭ سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرىلىقى ، قاراشلىرىنىڭ ئىلمىي ۋە پاكىتلىق بولىشى تەتقىقاتچىلار قوشۇنى سەۋيىسىنىڭ كۈنسىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .يىغىن ماقاللىرىنى ئاساس قىلپ نەشىر قىلىنغان « ئۇلۇغ شائىر نەۋائى » ناملىق ئىلمىي ماقالىلار توپلىمنىڭ نەشىر قىلىنىشى نەۋائىي تەتقىقاتىدىكى مۇھىم نەتىجىلەرنىڭ جۇغلانمىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتېكىن تۈزگەن « نەۋائىي دۇردانىلرى »، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن شائىرنىڭ « خەمىسە » دىكى داستانلارنىڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا نەشىر قىلىنىشى ، « مەجالىسۇن نەفائىس »، « مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن »، « مەھبۇبۇل قۇلۇپ »، نەۋائىنىڭ مەكتۇپلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن « نەۋائى ئەسەرلىرى » قاتارلىقلارنىڭ نەشىر قىلىنىشى مۇشۇ ساھەسىدىكى تەتقىقاتنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشنى ئەمەلىي ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكۈسى .
2 ~5 L/ x% j$ d# F1 mسەئىدىيە خانلىقى دەۋىرى ئەدەبىياتى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىكى گۈللەنگەن تارىخي دەۋىرنىڭ بىرى . بۇ دەۋىر ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرى تۈرلۈك ئىجتىمائىي ، تارىخي سەۋەپلەر تۈپەيلى كېيىنكى مەزگىلىدە زور دەرىجىدە شىكەستىلىنىپ، زامانىمىزغا تولۇق يېتىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ئۈستىدىكى تەتقىقات خېلى چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بولدى . يەركەن خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سەئىدخان ، شاھزادىسى ئابدۇرەشىدخان ، خانىش ئاماننىساخان ، ۋەزىرى قېدىرخان ،خان كۈيئوغلى مۇھەممەد مىرزا ھەيدەر ، شاھ مەھمۇد جوراس قاتارلىقلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ، تارىخي ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئەتراپلىق ۋە خېلى چوڭقۇر تەھلىللەر ئېلىپ بېرىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات مەنزىرىسى ھاسىل قىلىش جەريانىدا كۆرسەتكەن بۈيۈك تۆھپىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى . مۇشۇ تارىخي دەۋىرنىڭ ئەدەبىيات جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگى نۇقتىلىق تەتقىق قىلىنىپ ياخشى باھا بىرىلدى .بولۇپمۇ « جاھاننامە » داستاننىڭ ئاپتۇرى 80-يىللاردا ئايازبىك قۇشچى دەپ قارالغان قاراش كېيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە مىرزا مۇھەممەت ھەيدەرنىڭ تەخەللۇسى ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلدى ۋە دەرىسلىك ماتىرىياللارغا شۇنداق ئېلىندى .« جاھاننامە» داستانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پەلسەپىيۋى قاراشلار ، ساددا ماتىرىيالىزملىق قاراش ۋە ئۇنىڭ ئەسەردىكى ئىپادىسى شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنيىتى- دىئالىكتىك كۆزقاراش ئاساسىدا ئەتراپلىق شەرھىيلىنىپ ، ئىسلامىزىم قارىشى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان تارىخي دەۋىردىكى شائىر – يازغۇچىلارنىڭ ماتىريالىستىك كۆزقارىشى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى .
& W! X* N7 i. h5 N6 r3 G, i& w   سەئىدىيە خاندانلىقىدىن كېيىنىكى تارىخي مەزگىل ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا خوجىلار دەۋرى ئەدەبىياتى دەپ ئاتالغان ئۆتكۈنچى دەۋىر بىلەن ئالاھىدە خاراكتىرلىنىدۇ .جۇڭغارلارنى ئارقا تېرەك قىلغان ھىدايىتۇللا ئىشاننىڭ ھاكىميەت ئىگەللىشى ۋە ئۇنىڭ سوفىزىم ئىدىئالىستىك قارىشىنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشى ئەدەبىياتنى ئىككى قاشقا ئايرىدى . ئۇنىڭ بىرسى مەخسۇس كۆككە كۆتۈرۈش ۋە مەدھىيلەشنى ئاساس قىلىدىغان ساراي شائىرلىرى ۋە سوفىزىم ئەدەبىياتى بولسا ، يەنە بىرسى رىئاللىققا يۈزلەنگەن رىئالىستىك خاھىشتىكى ئىلغار ئەدەبىيات بولدى . بۇخىلدىكى ئەدەبىيات يەنە ئۆز ئىچىدىن پەندى – نەسىھەتچىلىك ( دىداكتىك ) ئۇسۇلدا خان – ئەمىرلەرنى ئەدلى – ئادالەت بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىشقا دەۋەت قىلىش بىلەن بىرگە ، خەلقنى ئۆز-ئارا مېھر- مۇھەببەت ئاتا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرسە ، يەنە بىرسى سىمىۋۇلىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللىنىپ رىئاللىقتىكى تۈرلۈك شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئادەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنى رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاستىسىگە ئايلاندۇرۇپ خەلىقنىڭ مۇڭ – زارىنى ، ئەركىنلىك ۋە ئازادلىققا ئىنتىلىشتەك ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۈردى . خىرقىتى ،سالاھى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجادىيتىدىكى سىمۇۋۇلىزمىلىق ئىپادىلەر ، ئابدۇللا خاراباتى ، نەۋبەتى ، ئەرشى ، فوتوھى ، بەرشىدى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىدىكى دىداكتىكا ، زەلىلى قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىدىكى كونىلىققا ۋە زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلىق روھ قاتارلىقلار مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى ، يۇقىرى باھالار بېرىلدى . بۇ جەھەتتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار ھەرقايسى ئاپتۇرلار تۈزگەن دەرىسلىك ماتىرىياللاردا ئورۇن ئېلىشتىن تاشقىرى يەنە ، ھەرقايسى گېزىت – ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىپ زور كۆپچىللىك خەلق ئاممىسىننڭ بۇلارنى چۈشىنىش ، بىلىش ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى ، تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرىي سۈردى ۋە مۇئەييەن ياردەملەرنى بەردى . بولۇپمۇ خاراباتىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى دىداكتىك مەزمۇنلار قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ مەشھۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئىدىيىسىنىڭ مۇشۇ تارىخي دەۋرىدىكى ئىنكاسى ۋە راۋاجى سۈپىتىدە قارىلىپ ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەت ، ئىلم تەلەپكارلىقى ، ئادىمىيلىك روھ قاتارلىقلارنىڭ ئادەم تەربىيلەشتىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان رولى ۋە ئەھمىيىتىگە يۇقرى باھا بېرىلدى . « مەسنەۋى خاراباتى » ، « سىدىقنامە » قاتارلىق دىداكتىك ئەسەرلەرنىڭ ئەينى تارىخي دەۋىرلەردە ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە تۇتقان ئورنى ، ئوينىغان رولى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى .
7 i) n  K9 L. M, @* `" P5 h. Y   چىڭ سۇلالىسى دەۋرى ئەدەبىياتىدا ئابدۇرىھىم نىزارىنى ۋەكىل قىلغان رىئالىستىك ئەدەبىيات ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك ياراتقان نادىر نەمۇنىلىرى بىلەن تارىختا بەلگۈلۈك تەسىر قالدۇرغان زوھرىدىن ھېكىمبەگنىڭ يول قويىشى ، نىزارى ۋەكىللىگىدىكى كاتىبات ئىشخانىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ، بۇ دەۋىر ئەدەبىياتىدا كوللىكتىپ ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىشتەك يېڭىچە بىر ئىجادىيەت مىخانىزىمىنڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى . « مۇھەببەت داستانلىرى » دەپ ئاتالغان چوڭ كۇللىياتنىڭ تۈزۈلىشى بۇدەۋىر ئەدەبىياتىدىكى يۇقىرى چوققا ھېسابلاندى . تەتقىقاتچىلار مۇشۇ تېمىنى مەركەز قىلغان ھالدا مۇشۇ دەۋىرنىڭ تېما ئالاھىدىلىكى ، ئىجادىيەت ئوسلۇبى ، ئاپتورلارنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىش ئىقتىدارى ، ئوردىدا بەلگۈلۈك مەنسەپكە ئىگە شائىر- يازغۇچىلارنىڭ خەلق تۇرمۇشىدىن يېقىندىن ماتىرىيال ئېلىشقا يۈزلىنىشنىڭ سەۋەپلىرى توغرىسىدا ئەستايىدىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، بۇدەۋىردىكى ئەدەبىياتنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى يېڭى بىر نۇقتىدا كۈزەتتى .فىروفسور شەرپىدىن ئۆمەر ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمن ، ۋاھىتجان غوپۇر ، ئەسقەر ھۈسىيىن ، ئىمىن ئەخمىدى، ئابدۇرىھىم سابىت  ، غەيرەتجان ئوسمان ، ئەھمەت دەرۋىش ، ئەشرەپ ئابدۇللا ، ئابلاجان مەمەت ئۈمىديار ، ئىقبال تۇسۇن قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئابدۇرىھىم نىزارى ، تۇردۇش ئاخۇن غېرىبى ، موللا سادىق ئەئلەم ، موللا بىلال نازىمى ، موللا مۇسا سايرامى ، ئەخمەتشاھ قارىقاش قاتارلىقلارنىڭ ئىجادىيەت تېمىسى ، ئۆزگىچە ئوبراز يارىتىش ئالاھىدىلىكى ، ئوبرازلىرىدىكى  خاسلىق قاتارلىقلار ئۈستىدە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ ، يېڭىچە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
( u$ t1 X$ I8 _, A% H' j4 s1 d  ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا ، « ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى » ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى تونۇش ، بىلىش ، چۈشىنىش ۋە ئۇنى كەڭ جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان كەڭ كۆلەملىك ، يۇقۇرى ساپالىق تەتقىقات قوشۇنى،مول تەتقىقات مەنبىيى ، ياخشى ۋە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە بىر تەتقىقات ساھەسى بولۇپ، مۇنداق ساھەنىڭ بەرپا بولغانلىقى ، مۇنداق قوشۇننىڭ شەكىللەنگەنلىگى ، كاتتا تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئارقىمۇ – ئارقىدىن ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكى خۇشاللىنىشقا تىگىشلىك بىر ئىش .
, Q1 _0 K% f9 Hئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بويچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ كۈنسىرى يېڭىلىنىپ بېرىشى نەتىجىسىدە قوشۇنمۇ كۈنسىرى زورايماقتا .شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇللىقىدا تەتقىقاتچى ئابدۇشكۇر تۇردىنىڭ باش مۇھەررلىكىدەتۇزۇلگەن «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» ناملىق تۆت توملۇق كاتتا ئەسەرنىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2006-يىلى نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى قوشۇنىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا ،ئازلىقتىن كۆپلىككە، نەتىجىلىرىنىڭ چۇڭقۇرلۇققا  قاراپ زورايغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.   
- v' N3 \( d' E  `# q( v% ?   ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنى نىشان قىلغان لۇغەتچىلىك ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر ۋاستىسى بولدى .تەتقىقاتچىلار تەتقىقات جەريانىدا توپلىغان ماتىياللار ئاساسىدا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر ئەلا سۈپەتلىك لوغەتلەرنى تۈزۈپ چىقتى .خۇجىنخۇا ، خۇاڭرۇڭخۇا قاتارلىقلار رەتلىگەن مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1984-يىلى نەشىر قىلىنغان « ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى » ، غولام غوپۇرى ، مەمەت تۇرسۇن ئىبراھىمى ، غوجا ئەھمەت يۇنۇس قاتارلىقلار تۈزۈپ مەركىزىي مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1986-يىلى نەشىر قىلىنغان « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن قىسقىچە سۆزلۈك » ، مەمەتتۇرسۇن باھاۋۇدۇن ، ئابلىمىت ئەھەد بۆگۆ قاتارلىقلار تۈزۈپ نەشىر قىلغان « چاغاتاي تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى » ، ئەھمەد دەرۋىش ، مۇنەۋۋەر ئابلىز قاتارلىقلار تۈزۈپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1998-يىلدىن باشلاپ ئۇلاپ  نەشىر قىلىنغان تۆت توملۇق « ئۇيغۇر كلاسسك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات » ناملىق كىتاپلارنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىكى يېڭى نەتىجىلەر بولۇپ ، تەتقىقاتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ، چوڭقۇرلىشىشنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە قىلىدىغان مۇھىم قۇرال بولۇپ ھېساپلىنىدۇ .
3 k2 C) L3 ^0 e5 L5 A' E) x4 Hئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى قوشۇنىنىڭ زورىيىشى ، تەتقىقات تېمىسىنىڭ خاسلىققا قاراپ يۇزلىنىشى «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» ساھەسىدىكى خۇشاللىنارلىق بىر ئىش.بۇ قوشۇننىڭ زورىيىشى مۇقەررەر يۇسۇندا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۇگۇنكى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقاتىغىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتكۇسى.
- x; A3 `9 J( N! K5 f  {
& c: G. ?& t2 j   ئىزاھاتلارغا مەنبە كۆرسەتكۇچ:' J2 I+ L" y2 L" d0 r
①ئابدۇشكۇر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» «شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى» 2001-يىل نەشىرى.5 a- K: ~7 k6 u4 W
②«ئەھمەت زىيائى ئەسەرلىرى».«شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى» 1988-يىل نەشىرى.
* P- O2 [9 t! L& X( ]+ \③«بۇلاق »مەجمۇئەسى1980-يىل1-سان .«شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى» 1980-يىل نەشىرى.
7 y2 @# A2 ~8 ?2 K; q$ l/ p④«قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى »1988-يىل نەشىرى.
/ }, y9 Z; ]3 o* O+ k" F% V' |⑤  «شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى» 1999-يىل نەشىرى ., H* r/ ]# ^2 ^
  
6 ~7 B- L& m! L; D
$ E/ r' g+ }" H5 m4 b
. H, [/ w, Y1 b$ _  X" u6 L4 P" o

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 138
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 616
تۆھپە : 9
توردا: 217
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 17:06:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەمەت ئەپەندىمنىڭ بۇ ماقالىسىدىن  ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى، تەتقىقاتچىلىرى ھەققىدە قايتا خېلى چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولدۇم. ئەمەت ئەپەندىم ئېيتقاندەك كلاسسىك ئەدەبىيات ھەقىقەتەن قازسا – قازسا قېزىلىدىغان كان. بۇ ماقالىدىن بىر ئۆمۈر يۈرەك قېنىنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا بېغىشلىغان مۆھتەرەم ئۇستاز، ئالىملىرىمىزنىڭ نامىنى ئوقۇۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئۆز كەسپىگە بېرىلىش، ئىزدىنىش... روھلىرى ھەر بىر ئوقۇرمەننى سەگىتىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئەمەت ئەپەندىمنىڭ تېتىملىق ماقالىلىرىگە تەشنامىز.

كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 18:37:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ تىتىملىق تىمىلىرىنىڭ ئۈزۈلمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىمەن ھەمدە ئۇستازنىڭ تىنىگە ساقلىق ئېلھاملىرىغا بەركەت تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1928
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 633
تۆھپە : 0
توردا: 130
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 01:59:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈرك تىللار دىۋانى، قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتى بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيتىمىزدۇر. ئاپتۇرغا ۋە باشقا تەتقىقاتچىلارغا سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۇر تىلەيمەن .


" |7 e+ l# j. s

ئىنسان بالىسىنىڭ قەدىر – قىممىتى ئەقىل ۋە بىلىم بىلەن بولىدۇ.

بىلىملىك كىشى قىممەتلىك دىناردۇر، بىلىمسىز نادانلار قىممەتسىز يارماقتۇر.

ئادەم بىلىمى بىلەن تونۇلىدۇ، بىلىمسىزلەر تىرىك تۇرۇپ كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.

بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ نامى تىرىك بولىدۇ، بىلىمسىزلەر تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۈك بولىدۇ.

ئاتا – ئاناڭ سەندىن رازى بولسا، تەڭرىمۇ سەندىن رازى بولىدۇ.

                                                                                 — يۈسۈپ خاس ھاجىپ.

( M; }$ K8 Z5 g- X- L& J
! ^- l& q' Y9 K

سۈكۈت ئادەمنىڭ ئىككىنچى ئەقلىدۇر، ئۈمۈت پەقەت بىچچارىلەرگە مەنسۇپ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 22:45:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالامنى ئوقۇپ مەزمۇنىدىن ئوقۇرمەنلەرگە نىشان بەرگەن كازىم ئەپەندىگە ئاز-تولا بولسىمۇ نەپكە ئېرىشكەن ئىنىم ياقۇپجانغا،ئىنىم دىلداشقا رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1928
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 633
تۆھپە : 0
توردا: 130
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 03:44:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتىدىن قىسقىچە بايان
" I7 j2 [* ?8 ~% r/ n5 p& Z" W( h" O

# H5 N; ~4 v* O  Bمۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنىڭ توپا بىسىپ قىلىشى ، ياكى مۇنازىرىلەرنىڭ بولماسلىقى روھىمىزنىڭ نەقەدەر بۇلغانغانلىقىنى ۋە كەلگۇسى ئەدىبىياتىمىزدىن ئالدىن بىشارەت بەرمەكتە.  ئەي! ئەدىبىيات ئاشنالىرى!  بىز ئەدىبىياتنى قانداق سۆيىمىز؟  قايسى ئۇسۇلدا سۆيگىمىزنى ئىپادىلەيمىز؟ - \  p7 m6 h; i& n. H* S* r( V- S/ F: n

سۈكۈت ئادەمنىڭ ئىككىنچى ئەقلىدۇر، ئۈمۈت پەقەت بىچچارىلەرگە مەنسۇپ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش