ximal
كۆرۈش: 283|ئىنكاس: 11

تاج ماھال مەقبەرىسى (ئايجامال مۇھەممەت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 349
تۆھپە : 0
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:43:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاج ماھال مەقبەرىسى
بىر تامچە سۆيگۈ

دۆلەت تەۋەلىكى :ھىندىستان
ئېنگىلىزچە نامى : Taj mahal
1412106_212740412037_2.jpg


تاج ماھال مەقبەرىسى ھىندىستاننىڭ ئاگرا شەھەر ئەتراپىدىكى يامونا دەرياسى بويىغا جايلاشقان. بۇ تولىمۇ ھەشەمەتلىك ۋە نەپس ياسالغان قەدىمىي قەبرە ھىندىستان موغۇل ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ مۇكەممەل گۆھەر بۇلۇپلا قالماستىن ، يەنە دۇنيا مىراسلىرى ئىچىدىكى مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان جاي. 1983- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مىراسلىرى دەپ بېكىتىلىپ “دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى” گە كىرگۈزۈلگەن.
1593169_111938024_2.jpg

تاج ماھال مەقبەرىسى موغۇل خاندانلىقىنىڭ 5- ئەۋلاد پادىشاھى شاھ جاھان (1592-1688 ) ئامراق خانىشى ئۈچۈن ياساتقان مەقبەرىدۇر.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا شاھ جاھان تەختكە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى سەرسان – سەرگەردانلىقتا يۈرگەن. ئۇ ئەڭ ئېغىر قىينچىلىقتا يۈرگەن كۈنلەردە، بىر ساداقەتمەن ئايال باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ، ئۇنى قوللاپ ، يېنىدىن ئايرىلمىغان. شاھ جاھان تەختكە چىققاندىن كېيىن ، ياخشىلىقنى ئۇنتۇماي، ئۇنىڭغا “تاج ماھال ”( ئوردىنىڭ تاجى ) دىگەن گۈزەل نامنى بەرگەن . خانىش تاج ماھال شاھ جاھانغا 14 بالا تۇغۇپ بەرگەن . 15- بالىسىنى تۇغىدىغان چاغدا بەختكە قارشى قىيىن تۇغۇتتا ئۆلۈپ كەتكەن.شۇ يىلى ئۇ ئەمدىلا 38 ياشقا كىرگەن ئىكەن. ئۇ جان ئۈزۈشتىن بۇرۇن مۇنداق ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىكەن.”مېنىڭ ئۈچ  تەلىۋىم بار،بالىلارغا ياخشى قاراڭ، مەڭگۈ ئۆيلەنمەڭ، مەن ئۈچۈن كۆركەم بىر قەبرە قاتۇرۇڭ”. شاھ جاھان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ ، خانىش كۆز يۇمغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادىكى بىردىنبىر گۈزەل ۋە كۆركەم قەبرىنى ياساتقان ھەم ئۇنى تاج ماھالنىڭ نامى بىلەن ئاتاشنى بۇيرۇغان ، مانا بۇ ھازىرقى تاج ماھال مەقبەرىسىدۇر .

2531170_174830785777_2.jpg

بەزى تارىخى كىتاپلاردا خاتىرىلىنىشىچە ، تاج ماھال مەقبەرىسى موغۇل خاندانلىقىنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىدە ياسالغان. 1632- يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان.ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن، تۈركىيە،پارس،ھىندىستان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئىنژىنىر ۋە ھۈنەرۋەنلەر كېلىپ ياسىغان.قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان ماتېرىياللار ياۋروپا ئاسىيانىڭ ھەممە يېرىدىن كەلتۈرۈلگەن. ھىندىستاننىڭ سېرىق مەرمەر تېشى،قىزىل قۇم تېشى، پاكىستاننىڭ ئاق مەرمەر تېشى، سىرىلانكىنىڭ كۆك ياقۇتى ، ئەرەبلەرنىڭ قىزىل مارجىنى، ئىراننىڭ سۆسۈن خرۇستالى، رۇسىيەنىڭ يېشىل ھېقىقى ۋە جۇڭگونىڭ خىرۇستاللىرى قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى قىممەتلىك ئۈنچە – مەرۋايىتلار ئىشلىتىلگەن . 22 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان دۇنيادىكى بۇ مۆجىزىلىك كاتتا ئىمارەت ئاخىرى پۈتكەن .

300001087548130249813577114_950.jpg
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە نىسبەتەن ، تاج ماھالنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ئەڭ چوڭقۇر تەسىرى تاج ماھال بىلەن شاھ جاھان ئوتتۇرىسىدىكى ھايات – مامات گىرەلەشكەن چوڭقۇر مۇھەببەت ھىكايىسىدىن باشقا يەنە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تەڭداشسىز سېھرى كۈچى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ . تاج ماھال مەقبەرىسىدىكى نەپس ياسالغان ياپيېشىل گۈللۈك، ھەشەمەتلىك قىزىل ئىشىك،مۇقەددەس بولغان ئاق رەڭلىك قەبرە سۇپىسى، توق كۆك رەڭلىك سالقىن كۆلچەك، ئۆزگىچە قۇببىسىمان ئۆگزە شىپاڭى، قەد كۆتىرىپ تۇرغان تۆت بۇرجەكلىك ئۇچلۇق مۇنار ،كەڭرى ئىبادەت زالى ، ھەيۋەتلىك مەسچىت قاتارلىقلار رەڭدارلىقى بىلەن ئاجايىپ مەنزىرە ھاسىل قىلىپ، كىشىلەرگە ئىنسانىيەتتىن ھالقىغان گۈزەل تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ .


تاج ماھال مەقبەرىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلىقى 583 مېتىر، كەڭلىگى304 مېتىر ، ئەتراپى قىزىل رەڭلىك خىش تام بىلەن قورشالغان، قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 170مىڭ كۇۋادىرات مېتىر كېلىدۇ.قەبرە ئوتتۇرىدا بۇلۇپ،شەرق، غەرپ ئىككى تەرىپىدە قىزىل خىشتىن قوپۇرۇلغان قۇرۇلۇش بار ، بىرى مەسچىت،يەنە بىرى قوبۇلخانا بۇلۇپ، سىممىتىرىك شەكلى ئىنتايىن ماس كەلگەن. قەبرىنىڭ 4 بۇرجىكىدە ئىگىزلىكى 40 مېتىر كېلىدىغان ئۇچلۇق مۇنار ، ئىچىدە 50 باسقۇچلۇق پەلەمپەي بار،بۇ مۇنار مەخسۇس ئاخۇنلارنىڭ ئۈستىگە چىقىپ، ئەزان ئېيتىپ، ئاللاغا سېغىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ . دەرۋازىدىن مەقبەرىگىچە بولغان يول قىزىل خىشتىن ياسالغان بۇلۇپ،ئىككى تەرىپى پىيادىلەر يولى ، ئوتتۇرىسى كۆلچەك ۋە بۇلاق، كۆلچەككە سايە چۈشۈپ، گۈللەر ، چاتقاللار چىرمىشىپ كۆزنى چاقنىتىدۇ. كارىدورنىڭ ئاخىرىغا قەبرە جايلاشقان . ئاساسى قەبرە ئىگىزلىكى 7مېتىر، ئۇزۇنلىقى 95 مېتىر ئاق مەرمەر تاشنىڭ ئۈستىگە ياسالغان. قەبرىنىڭ ئىگىزلىكى 74 مېتىر، ئىمارەت ئاساسى گەۋدىسى ئاق رەڭلىك مەرمەر تاشتىن ياسالغان . ئۈستى قىسمىدىكى قاتمۇ- قات گۈمبەزلەر  كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنىدۇ. ئاستى سەككىز بۇرجەكلىك ئىمارەت  بۇلۇپ تۆت تەرەپتە بىردىن ئىگىزلىكى33 مېتىر كېلىدىغان يوغان ئىشىك بار ، ئىشىك قانىتىغا قارا مەرمەر تاشنىڭ ئۈستىگە “قۇرئان كەرىم”ئويۇلغان، ئۇنىڭغا:“نىيتىڭلار  دۇرۇس بولسىلا ، جەننەتنىڭ ئىشىكىدىن كىرەلەيسىلەر ”دەپ يېزىلغان.
مەقبەرە ئىچىدە يەنە بىر تولىمۇ چىرايلىق ياسالغان ئىشىك بار بۇلۇپ، ئېيتىلىشىچە ئۇنى جۇڭگولۇق ھۈنەرۋەنلەر ياسىغان ئىكەن، مەركىزىي ساراينىڭ ئىچىگە نەقىش ئويۇلغان چوڭ مەرمەر تاش قويۇلغان.ئىچىگە شاھ جاھان ۋە تاج ماھالنىڭ مەرمەر تاشتىن ياسالغان تاۋۇتى قويۇلغان. ئەمما ھەقىقى تاۋۇت يەر ئاستىغا قويۇلغان.تاۋۇتنىڭ ئۈستىگە يېشىل تاش،ھېقىق،خىروستال، مارجان، مالاخىت قاتارلىق 200 نەچچە خىل رەڭگارەڭ گۆھەر تاشلار ئورنىتىلىپ، نەپىس نەقىش شەكىللەنگەن. ئۇنىڭدىكى قول ھۈنەر تولىمۇ ئىنچىكە، رەڭلەر تولىمۇ چىرايلىق، جاھاندا تەڭداشسىز دىيىشكە بولىدۇ .
ئىشقىلىپ تاج ماھال مەقبەرىسىنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى خىروستالدەك سۈزۈكلۈكلەر ئۆز ئورنىنى تاپقان دىيىشىدۇ. ھىندىستانلىق ئۇلۇغ شائىر تاگورنىڭ تاج ماھال مەقبەرىسىنى سۈپەتلەپ:《بىر تامچە سۆيگۈ》 دەپ تەرىپلىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
تاج ماھال مەقبەرىسى پۈتۈنلەي ئاق مەرمەر تاشتىن ياسالغان ئۆز ۋاقتىدىكى ئويمىچى ئۇستىلار تام ، ئىشىك قانىتى ، دەرىزە كېشىكلىرىگە گۈزەل نەقىشلەرنى ئويغان . شۇڭلاشقا بىر كۈن ئىچىدىكى سەھەر، چۈش كەچتە ئوخشىمىغان تەسىر بېرىدۇ . قۇياش نۇرىنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقى ئوخشىمىغاچقا، تاج ماھالنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن نۇر ۋە رەڭلەر خىيالىي ئۆزگىرىپ، ئوخشىمىغان تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ . گۈللۈك ۋە كۆلچەكتىكى شولىلار بىرىكىپ خۇددى سانسىزلىغان ئادەملەر ئىكىسكۇرسىيە قىلىۋاتقاندەك ئاجايىپ مەنزىرە پەيدا بولىدۇ . ساياھەتچىلەرنىڭ كۆز ئالدىدىكى تاج ماھال مەقبەرىسى،  خۇددى ئاسمان بىلەن زىمىن ئارىسىدىكى ئۆزگىرىشنى نامايەن قىلىۋاتقاندەك لەيلەپ يۈرگەچكە ، قانچە كۆرسىمۇ زىرىكمەيدۇ.
سەھەرنىڭ سۇسقىنا شەپەق نۇرى ئىچىدە،ئۇ گۈزەل بالىلار چۆچىكىدىكى تىپتىنچ ئۇخلاۋاتقان ئوردىغا ئوخشايدۇ ؛ ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەن قۇياش يامونا دەرياسىدىكى ئاجىز شەپەق نۇرىغا جۆر بولغاندا، تاج ماھال مەقبەرىسى خۇددى چۆچەكلەردىكى ئۇيقۇدىن ئويغانغاندەك پەيدا بولىدۇ ، چۈش مەزگىلى بولغاندا ئۇنىڭ ئۈستىدە كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇتلار ، ئاستىدا چىملىق، دەرەخلىكلەر ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا بىر پارچە رەڭدار گۆھەرگە ئايلىنىدۇ؛كەچ تاج ماھال مەقبەرىسىنىڭ كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان ۋاقتى بۇلۇپ، ئاق رەڭلىك تاج ماھال مەقبەرىسى، كۈلرەڭ سېرىققا، ئالتۇنرەڭگە ، پەيدىنپەي ھالرەڭگە، قارامتۇل قىزىلغا، سۇس يېشىلغا ئۆزگىرىدۇ. ئاي نۇرىنىڭ پەيدىنپەي چۈشۈشى بىلەن ئەڭ ئاخىرى يەنە ئاق رەڭگە قايتىدۇ ، خۇددى تارتىنچاقلىق بىلەن ساياھەتچىلەرگە تەشەككۈر سالىمى بېرىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ . ئاي تولغان كېچىسى تاج ماھال مەقبەرىسى خۇددى بېھىشتەك يەنە بىر كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سېھىرلىك ئوردىغا ئايلىنىدۇ.خۇددى شاھ جاھان ئېيتقاندەك :“ئەگەر دۇنيادا جەننەت بار دىيىلسە ، تاج ماھال مەقبەرىسى دەل جەننەتتۇر ”
ئەڭ مەنىلىك بولىدىغىنى، تاج ماھالنىڭ سەھەر، كۈندۈزى ۋە كەچتىكى مەنزىرىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ئۇنى دۇنيادىكى بىردىنبىر 3 خىل باھالىق مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان. خۇددى ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئېيتقىنىدەك ، تاج ماھالنىڭ بېلەت باھاسى كۈندۈزى 20 رۇپىيە بولسا ،ئەتىگەن 7 دىن بۇرۇن ياكى چۈشتىن كېيىن 17 دىن كېيىن 110 رۇپىيەگە چىقىدۇ .
ئۇزۇن يىللاردىن بېرى،تاج ماھال مەقبەرىسى ھىندىستاننىڭ بەلگىسى بۇلۇپ كەلدى.تاج ماھال ھەققىدىكى مۇلاھىزە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئاللىقاچان ئىنسانىيەتنىڭ تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ، ئۇ دۇنيادىكى ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ ئېسىل تەرىپلەشلىرىگە ئېرىشىپ كەلدى .
بەزىلەر مۇنداق سورىشى مۇمكىن .مۇشۇنداق دۇنياغا داڭلىق گۆھەرنىڭ لايىھىلىگۈچىسى ۋە سالغۇچى زادى كىم ؟
ئۇزۇن يىللادىن بۇيان تاج ماھال مەقبەرىسىنىڭ لايىھىلىنپ سېلىشى ۋە سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتىگە دائىر مەسىلىلەر ، ھىندىستاننىڭ ئىچى – سىرتىدىكى ئالىملارنىڭ دىققىتى ۋە بەس مۇنازىرە قىلىدىغان قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى .
بۇ قۇرۇلۇشنىڭ لايىھىلىنىشى ۋە سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ تەرەپدارلىرىنىڭ مۇنداق بىر نەچچە خىل كۆز قارىشى بار .
بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەر 《پارس ئىسلام تەلىماتى》نى ئاساس قىلىدۇ ، ئون يىللار ئىلگىرى ، بۈيۈك بېرىتانىيە قامۇسچىلىرى بىردەك مۇنداق قارىغان ،تاج ماھال مەقبەرىسىنىڭ ئاساسلىق ياساتقۇچى پادىشاھ شاھ جاھان بۇلۇپ ، ئاساسلىق لايىھىلىگۈچى پىرسىيەلىك ( تۈركىيىلىك دىگۈچىلەرمۇ بار ) ئوستاد ئەيسا ،ھەممە ئۇنىڭ بىر قوللۇق پىلانلىشى ئاستىدا بولغان بۇلۇپ ، ھىچقانداق ھىندىستانلىق قۇرۇلۇشقا قاتناشمىغان .
يەنە بىر خىل ياۋرۇپا- ئاسىيا بىرلىك تەلىماتى قارىشى بويىچە تاج ماھال مەقبەرىسى ياۋرۇپا ،ئاسىيادىكى تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئەسىرى، ئۆز ۋاقتىدا ياۋروپا ئەدەبىيات –سەنئەت گۈللەنگەن دەۋرىدە بىر تۈركۈم ئېنژىنىرلار بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن ئىتالىيىلىك جى ئەي گې مى مو .ۋېيگىنو، فىرانسىيىلىك ئىنژىنىر ئوستىڭ .د ،بوردولار لايىھىلەشكە قاتناشقان دىيىلگەن .
بۇ خىل قاراش يېڭىچە بولسىمۇ ، لېكىن ھىندىستاندىكى مۇسۇلمان تارىخشۇناسلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى . ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ ھەشەمەتلىك ئىسلام ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ ، غەربىي ياۋرۇپانىڭ سەنئەت گۈللەنگەن دەۋرى بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىكەن .
ھىندىستاندىك داڭلىق تارىخشۇناس مازۇڭدا تاج ماھال مەقبەرىسىنىڭ لايىھىلىگۈچىسىنىڭ قايسى دەۋرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىشتا ، ھىندىستاننىڭ ئۆزىگە خاس ئامىللىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ دەپ قارىدى . ئۇنى ئاساسلىرى تۆۋەندىكىچە :
1)تاج ماھال مەقبەرىسىنىڭ تەكشىلى خەرىتىسىدىن قارىغاندا ئاساسلىق قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى پۈتۈنلەي يېڭىچە ئەمەس، ئۇ قۇرۇلۇش جەھەتتە سۇر پادىشاھى شىر شاھ بىلەن موغۇل پادىشاھى ھۇمايۇننىڭ قەبرىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ .
2)قۇرۇلۇش ماتېرىيالى –ئاق مەرمەر تاش ۋە ئۈستىدىكى گۆھەرلەرنىڭ ھۈنەر- سەنئىتىدىن قارىغاندا، بۇ خىل قول- ھۈنەر ھىندىستاننىڭ غەربىدىكى لاجبوت سەنئەتكارلىرىنىڭ ئىچىدە ھىلىمۇ مەۋجۇت بۇلۇپ، بۇ مەقبەرىنىڭ لايىھە ۋە ياسىلىشىغا پىرسىيەنىڭ ھىچقانداق تەسىرى يوق ئىكەن.لېكىن موغۇل خاندانلىقى مەزگىلىدە،  ھىندىستاننىڭ غەربىي سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بۇلۇپ، غەربنىڭ ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىغا بولغان تەسىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ .
1986- يىلى گىدبورد ئىسىملىك بىرسى 《مونتاژ ماھال》 دىگەن كىتاپنى يازغان.ئۇ كىتاپتا سۇئال- جاۋاپ شەكلىنى قوللانغان بۇلۇپ ، تاج ماھال مەقبەرىسىنى شاھ جاھان ياسىغانمۇ يوق دىگەن مەسىلىگە قارىتا خىلمۇ- خىل گۇمانلارنى ئوتتۇرىغا قويغان ، ئۇنىڭ ئاساسلىرى تۆۋەندىكىچە : بەزى تارىخى كىتاپلاردا خاتىرلىنىشىچە تاج ماھال مەقبەرىسىنى ياساش ئۈچۈن شاھ جاھان 20 مىڭ دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى ۋە 22 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان دىيىلىدۇ ، لېكىن فىرانسىيىلىك ئۈنچە – مەرۋايىت سودىگىرى تاۋلىنىئىدنىڭ بايان قىلىشىچە ، بۇ ئادەم 17- ئەسىرە ھىندىستانغا بەش قېتىم بارىدۇ، دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن 《ھىندىستان سەپىرى 》ناملىق ئەسەرنى يازىدۇ ، ئەمما بۇ ئادەم ئەزەلدىن تاج – ماھال مەقبەرىسىنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىنى كۆرمىگەن.كىشىنى گۇمانلاندۇرىدىغان داۋلىلىق پاكىتلار، ھىچكىمنى قايىل قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىر دەۋردىكى بىر تۈركۈم ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرمۇ دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن تاج ماھال مەقبەرىسىنى تىلغا ئېلىپ باقمايدۇ .
كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان تاج ماھال مەقبەرىسىنىڭ ھەقىقى لايىھىلىگۈچىسى زادى كىم ؟ئۇنى17- ئەسىردە شاھ جاھان ياساتقانمۇ يوق ؟ بۇنىڭ تېخى خۇلاسىسى چىقمىدى .

‹‹ دۇنيا مىراسلىرى ›› ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى .
تەرجىمان : ئايجامال مۇھەممەت


‹‹ مىراس ›› ژۇرنىلىنىڭ 2012- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayjamal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 10:57  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 349
تۆھپە : 0
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:11:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4314454_085701792977_2.jpg

4314454_090533239801_2.jpg



300001087548130249814284728_950.jpg



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ayjamal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 11:18  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:14:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان تاج ماھال مەقبەرىسى توغرۇسىدا چۈشەنچىگە ئىگە قىلغانلىقىڭدىن خۇرسەنمەن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 349
تۆھپە : 0
توردا: 62
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:29:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1373761_164812088_2.jpg
01300000329092123857171106368.jpg

01300000329092123857134940565.jpg





Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 790
تۆھپە : 10
توردا: 215
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 14:54:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن سۈيۈندۈم.قىممەتلىك تارىخى تېما بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر!

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
سۇئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 366
تۆھپە : 4
توردا: 149
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 17:04:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن سۈيۈندۈم. سىزگە كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  889
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 480
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 21:04:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت،تېخى باياملا مىراستىن ئوقۇغان بۇماقالىنى...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 966
تۆھپە : 2
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 14:22:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلىۋالدىم.  ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپرىن! يەنە مۇشۇنداق تېمىلار ھەققىدىكى ئىزدىشنىشلىرىڭىزنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن.

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 23:05:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ كېچىكىپ كورۇپتىمەن ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت . ئاللاھ بۇيرىسا  بىر قېتىم كورۇپ كېلىش ئىستىكى قوزغالدى.رەسىملەر بەك تەپسىلى ھەم بەك چىرايلىق ، سۇزۇك تارتىلىپتۇ، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى يەردە قويمىغاي، رەھمەت!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2599
تۆھپە : 7
توردا: 254
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 10:42:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇيغۇر بىناكارلىغىنىڭ ئالامەتلىرى كۆپمۇ- قانداق....  نەقىشنى دەيمەن... خۇددى دائىم كۆرگەندەكلا؟...  

چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 625
تۆھپە : 46
توردا: 318
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 10:51:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايجامال: سىزنىڭ تېخىمۇ تىرىشىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ياخشى -يامان كۈنلەردە سەندىن ئايرىلمىسام دەيمەن. قولۇمنى چىڭ تۇتقىن!!!!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1145
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 922
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 12:14:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي .قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن ..........

پەقەت بىرلانەرسىگە ئىشىنىمەن_ئۇ بولسىمۇ چىن ئەقىدە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش