ئىگىسى: abdurexit eli

رەيھانگۈلنىڭ رەيھانلىرى (30)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-3-25 18:42:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    يىتىلىۋاتقان يەنە بىر شائىرە بىلەن تونۇشقىنىمدىن خۇرسەن خۇشمەن. بۇغداينىڭ باشىقىدەك ساپ شېئىر چىقىدىكەن سىزدىن

ۋاقتى: 2013-3-25 19:13:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈزۈك تۇيغۇلىرىڭىزغا مۇبارەك،سىڭلىم!قەدىمىڭىزگە قۇت،قەلىمىڭىزگە ئىزچىللىق يار بولغاي!

ۋاقتى: 2013-3-25 19:37:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تونۇمايدىكەنمەن... يېقىندىن بۇيان ناتونۇشلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ! بۇ ئىسىمنى تۇنجى ئاڭلىشىم،....

ۋاقتى: 2013-3-25 21:08:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! شىئىرلارنىڭ تېلى شۇنداق تاتلىق، يەڭگىل ، چۈشىنىشلىك چىقىپتۇ.مۇشۇنداق شائىرەلىرىمىزنىڭ كۆپرەك چىقىشىغا تىلەكداشمىز.

ۋاقتى: 2013-3-25 21:43:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۈلنىڭ شېئىر گۈللىرىگە مۇبارەك بولسۇن . شېئىر ئاسمىنىدىكى پەرۋازى پەلەككە يەتكەي .

ۋاقتى: 2013-3-25 23:34:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۈلنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن .

لوپنۇر دالىسىدىكى چىگە گۈللىرىدەك ئاددى ئەمما ، تولىمۇ تەبئىي ۋە خۇشپۇراق چىققان شېئىرلار مېنى ئىختىيارسىز ئاچچىق - چۈچۈك قىسمەتلەر ئارىلاشقان تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئىچىگە تاشلىدى .
شېئىر تىلىدىكى يىنىكلىك ۋە زورۇقۇشتىن خالى راۋانلىق كۈنچى دەرياسىنىڭ سۈيىدەك جانغا راھەت بۇلۇپ تۇيۇلدى .

جىمجىت شەھەر   ماڭا خېلى چوڭقۇر تەسىر قىلغان شېئىرلارنىڭ بىرى . شېئىردىكى چوڭقۇرلۇق ۋە ئۇنىڭغا يۇشۇرۇنغان تىندۇرمىلار بۇ شېئىرنى لوپنۇر كۆلىدەك چەكسىز سىرلارغا ئىگە قىلغان دەپ باھا بەردىم كۆڭلۈمدە ...

شۇڭا ئۇشبۇ شېئىرنى بۇيەرگە قايتا ئىنكاسىم سۈپىتىدە چاپلاپ قويدۇم .

جىمجىت شەھەر

سوزۇلۇپ ياتىدۇ جىمجىت شەھەردە،
داستانلاردەك ئۇزۇن بىر كوچا.
ئادەملىرى شۇنچىلىك سۇلغۇن،
مۇڭسىرايدۇ تۈننىڭ قوينىدا.


قاۋىمايدۇ ئىتلىرى تۈندە،
ياكى نەغمە ياڭرىماس كۈندە.
ۋۇجۇدى سوۋۇغان مۇز پارچىسىدەك،
يىغلاشنى بىلمەيدۇ ياكى كۈلۈشنى،
ئاپتاپتا بىمەھەل چىرىگەن چۈشتەك،
ئىزدەيدۇ يوقاتقان تاتلىق ئۆتمۈشنى.


جىمجىت شەھەرنىڭ كوچىلىرى،
قەيەرلەردىن قەيەرگىدۇر تۇتاشقان،
مەۋجۈت ئەمەس شەرق،غەرىپى،
ياكى شىمال ،جەنۇب تەرىپى،
ئادەملىرى يولدىن ئاداشقان.


بۇ شەھەردە ئەۋلاد-ئەۋلادقا،
ئەستىلىكلەر ئېتىدۇ داۋام،
ئەمدى يىغا-كۈلكىسى بىلەن،
بۇ شەھەرنىڭ جىمجىتلىقىنى ،
بۇزار يېڭى تۇغۇلغان بالام.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رۇزى كېرەم يارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-25 23:35  


ۋاقتى: 2013-3-26 12:02:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۈلنىڭ ئىجادىيەتتىكى قىزغىنلىقىغا ئاپرىن!

ۋاقتى: 2013-3-26 13:53:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ زور ۋە تېخىمۇ مول ئۇتۇقلار يار بولغاي!

ۋاقتى: 2013-3-26 19:43:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزغا  گۈل چېھرىڭىز  تېخىمۇ ھۆسۈن قۇشۇپتۇ. ھارماڭ ئۇماق قىز !

ۋاقتى: 2013-3-27 15:33:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭىزغا ئاپىرىن سىڭلىم. يەنىمۇ ترىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزگە تېلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2013-3-27 15:34:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭىزغا ئاپىرىن سىڭلىم. يەنىمۇ ترىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزگە تېلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2013-3-28 17:11:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۈلدەك خۇش پۇراق چېچىپ،
مەستھۇش قىلدى شېئىرلىرىڭىز.
يەڭگىل،چۈچۈك،لىرىك تۇيغۇغا،
تويۇنۇپتۇ-مىسرالىرىڭىز.


ۋاقتى: 2013-3-29 11:20:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلڭم رەيھانگۈل ، شىئېرلىرىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم . چۈنكى مەنمۇ بىر لوپنۇرلۇق بولۇش سۈپۈتىم بىلەن سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن . يەنە بىر گەپ ، لوپنۇردا چىقىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان توپلامغا شىئېرلىرىڭىزنى چوقۇم كىرگۈزىمەن . ھەرگىز توختاپ قالماي داۋاملىق يېزىڭ . قەلىمىڭىز ھارمىغاي ....

ۋاقتى: 2013-3-29 12:48:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۈلنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم يازمىلىرى مېنى ھەقىقەتەن قايىل قىلدى. ئۇنىڭ سەمىمىي ئىزدىنىشلىرىگە ئاپىرىن. ئۇنىڭ قەدەملىرىدىن كېلىچەكتىكى ھەممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بىر شائىرەنى كۆرگەندەك بولدۇم. قېنى رەيھانگۈل تالانت تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ، يەنىمۇ تىرىشىپ ئىلگىرلەڭ!

ۋاقتى: 2013-3-29 14:21:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


        شېئىرلار ياخشى چىقىپتۇ.
        بۇ قىزغا مۇنتىزىم ئوقۇش ھاياتى نىسىپ بولغان بولسا قانچە ياخشى بولار ئىدى-ھە؟!
        رەسىمدىكى ھالەت مەڭگۇ داۋاملاشقاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش