ximal
كۆرۈش: 273|ئىنكاس: 5

دوپپا ۋە دوپپا مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە پاراڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2182
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 20
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 19:19:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

IMG_0275-1.jpg





                       دوپپا ۋە دوپپا مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە پاراڭ


                                             ئەنۋەرجان مەتنىياز  


   يېقىندا، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن2011 –يىللىق وۇرۇز مەشرىپىنى يەنە بىر قېتىم كۆرگىنىمدە ، ئادىل مىجىت قاتارلىق بىر قانچە ئارتسىنىڭ دوپپا ھەققىدە ئورۇنلىغان ئېتوتى مېنى قايتىدىن ھاياجانغا سېلىپ،دوپپا ھەققىدىكى خىيال قۇشۇم بۇلتۇر 5- ئاينىڭ 2- كۈنىدىكى يەكەن ئاسمىنىغا پەرۋاز قىلدى. . .


شۇ كۈنى ئەتىگەندە،يەكەن مېھمانخانىسىنىڭ كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان بۈككىدە دەرەخلىك سالقىن ھويلىسىدا مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن  «شىنجاڭ قەشقەر يەكەن تۇنجى نۆۋتلىك بادام دوپپامەدەنىيتى مۇھاكىمە يىغىنى»غا كەلگەن ئالىم، مۇتەخەسسس ۋە تەتقىقاتچىلار توپ-توپ بولۇشۇپ قىزغىن پاراڭغا چۈشكەن بولۇپ، گەپنىڭ تېمىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ۋە مەدەنىيىتىدە   ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان ئەڭ چوڭ ساھە-ئۇيغۇركىيم-كېچەك مەدەنىيتى، جۈملىدىن باش كىيىمى-دوپپىغا مەركەزلەشكەنىدى. مەيداننىڭ بىر چېتىدىكى ئورۇندۇقلارغا ئالاھەزەل بىرەر يۈزدەك بادام دوپپا قاتار تىزىلغانىدى.


-«تازنىڭ بارىدىغان جايى دوپپىچىنىڭ دۇكىنى»دەپتىكەن،-دېدى بىر تەتقىقاتچى چاقچاقنى باشلاپ: - بۇ مەيدانغا «دوپپا دۇكىنى»مۇ تەييارلىنىپتۇ،شۇڭا ئارىمىزدىكى چېچى شالاڭلارغا ئاۋال ئاۋۇ دوپپىلارنى كىيىشىكەرۇخسەت قىلايلى.


-ئۇنداق قىلغاننىڭ پايدىسى بولارمۇ؟- دېدى بىرى قىزىقچىلىق قىلىپ: - «دوپپىغا پاتقان بېشىم، جاھانغا پاتمىدى» دەپ رەنجىپ يۈرەرمىكىن دەيمەن.


ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشتى. قارىغاندا دوپپا ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللەر، تۇراقلىق ئىبارىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان چاقچاقلار ئەمدى رەسمىي باشلانغاندەك قىلاتتى.


  -بۇرادەرلەر،ئاۋۋال ئەسكەرتىپ قوياي،دوپپىلارنى ئاۋايلاپ كىيىڭلار جۇمۇ،-دېدى بىرى مەنىلىك كۈلۈپ، - كونىلار «بېشىڭدىكى دوپپاڭنىڭ قىرىنى بۇزۇۋەتمە، بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم ئۈمىدنى ئۈزۈۋەتمە»دەپتىكەن.


-ئۇنداق بولامدىغان،-دېدى يەنە بىرى ئۆزىگە ئۇزۇتىلغان بىر دانە بادام دوپپىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ: -«دوپپامنىڭ قۇندۇزىغا قارىما،ماڭلىيىمنىڭ يۇلتۇزىغا قارا» دەپ، ئاۋايلاپ كىيىمىز مۇنداق...


- ھەي، قانداق بولاركىن،- دېدى بىرى ھازىر جاۋابلىق بىلەن: - «بادام دوپپام بار دەيسەن كەيمەيدىغان نېمەڭگە، ئاخشاملىققا كەلدەيسەن كەلمەيدىغان نېمەڭگە»دەپ، بىردەمدىن كىيىن باشلىرىدىن چۈشۈپ قالمىسابولاتتى.


-بۇ دېگەن بىر قىسملارنىڭ«دوپپامغا جىگدە ساپتۇ،بۇرتىنى يىكەندە ئاپتۇ»دېگەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى. مەن بۇ دوپپىنى كەيدىممۇمەڭگۈ بېشىمدىن ئالمايمەن.


-ھەي ئاغىينىلەر،ئەمەلىي گەپكە كەلسەك،يەنە بىر ئاز ۋاقىت بار ئىكەن،- دېدى ئارىدىكى تونۇلغان بىر مويسىپىت ناخشىچى كۆپچىلىككە قاراپ، - مۇزىكىسىز، مىكروفونسىز بىر«يېشىل» ناخشائېيتىپ بېرەي. بۇنى ئۆزۈم ئىجاد قىلىپ، ئۆزۈم ئورۇنلىغان.


قىزغىن پاراڭغا چۈشكەنلەر جىمىدى، دەرۋەقە، ئۇنىڭ سۈزۈك،لەرزان، يېقىملىق ئاۋازى ھېچقانداق مۇزىكىنىڭ تەڭكىشىسىزلا ئەتراپنى بىر ئالدى:


غۇرۇرۇم،بەختى-تاجىمدۇر،


بادام دوپپا، بادامدوپپا.


كۆزۈمنىڭ گۆھىرى،جانىم،


ھوزۇرۇم، دىلئارامدوپپا. . .


بىردەمدىن كېيىن ساھىپخان ئورۇننىڭ مەسئۇللىرى ھەربىر كىشىگە بىردىن بادام دوپپا تەقدىم قىلدى. ئەتراپ دوپپا كىيگەن ئادەملەر بىلەنگويا بادامزارلىقتىكى ھۈپپىدە ئېچىلغان چېچەكلەر دۇنياسىغا ئايلىنىپ قالغاندەكبولدى. قايسىدۇر بىرى  شائىر،يازغۇچى ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ«بادام دوپپا، چىمەن دوپپا، ئاقار يولدا تۈمەن دوپپا»دېگەن شېئرىنى ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلغاندا، ھەممەيلەن بىردەك ئالقىش ياڭرىتىشتى.


ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ يىغىندا جايلاردىن كەلگەن ئالىم، مۇتەخەسسس،تەتقىقاتچىلار گۈرۈپپىلارغا بۆلۈنگەن ھالدا يەكەن خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بادام دوپپىسىنى ئاساس قىلغان ھالدائۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى، تەرەققىياتى ۋە بۇنىڭىدىن كېينكى يۈزلىنىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەر خىل تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ، «دوپپا»ئاتالغۇسىىڭ ئېتمولوگىيەسى ھەققىدىكى ئىلمىي يەكۈنلەر، بادام بىلەن بادام دوپپىنىڭ مۇناسىۋىتى،بادام دوپپىنى ماركا سۈپىتىدە ئەنگە ئالدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكى،تەخىرسىزلىكى،بادام دوپپىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىڭ   ئىستېمال كۆلىمىنى كېڭەيتىش، ئۇنى ئاپتونوم رايون، مەملىكەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈشنىڭ ئەھمىيتى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرغا قويۇشتى...


          X                  X               X      


ئاشۇ ئېتوت ۋە بادامدوپپا مەدەنىيىتى مۇھاكىمە يىغىنىدىكى ئەھمىيەتلىك پاراڭلار ۋەجىدىن  دوپپىلىرىمىز ھەققىدە ئاز- تولا ئىزدىنىپ بېقىشنى لايىق تاپتىم.


دۇنيادىكى ھەرخىل مىللەتلەر ھەر خىل كەسپ، ھەر خىل ئېھتىياج تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان باش كىيىمىنى كېيىشىدۇ. ھەر قانداق باش كىيىمى ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئەڭ تېز ۋە ئەڭ بىۋاستە كۆزگە تاشلىنىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۈگۈنكى دۇنيادا باش كىيىمى بەزىدە كەسپكە ۋەكىللىك قىلسا، بەزىدە ئىجتىمائىي ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي، مىللىي باش كېيىمى. دوپپا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستېتىك قارىشىدا ئەكس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى. ئۇيغۇرلار بوستانلىق مەدەنىيىتىگە قەدەم قويۇپ،شەھەرلىشىشكە يۈزلەنگەندىن تارتىپلا ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇشنىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كۆپ تىرىشقان. جۈملىدىن كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدە تاشقى كۆرۈنىشكە،يارىشىمىققا ئەھىيەت بەرگەن. مۇتەخەسسسلەر تارىم بوستانلىقىدا كىشىلەر كېيىپ كەلگەن بادام،چىمەن ۋە چىكەن دوپپىلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قول ھۈنەر- سەنئىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ كەلدى.


ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسىلىق قىلىش داۋامىدا دوپپىلىرىمىز ئاللا بۇرۇنلا  ئۆزىنىڭ ئىستېمال قىممىتىدىن ھالقىپ، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكىمىز ۋە سەنئىتىمىزنىڭ دۇردانىسى، ئەڭ مۇھىمى  ئەجدادلار ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن  مىللى مەدەنىيىتىمىزنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.  دوپپا ئۇيغۇركىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھەر قېتىملىقھېيت-ئايەم، توي- تۆكۈنلەردە، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلار ئۇچرىشىشى بولسۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل نەپىس ئىشلەنگەن دوپپىلارنى كىيىپ ياسىنىشىدۇ. دوپپا يەنە ئالاھىدە ئەتىۋارلىق سوۋغا سۈپىتىدە باشقىلارغاسوۋغا قىلىنىدۇ. قىممەتلىك سەنئەت بويۇمى سۈپىتىدە تىزىپ قويۇلىدۇ. ئۇنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ياقتۇرۇپلا قالماستىن، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىمۇ ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.  دوپپىغا ئوخشاش مۇنەۋۋەر قول ھۈنەر-سەنئەت مىراسلىرىنى قېزىش، يىغىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش،تونۇشتۇرۇش، مىللى سەنئەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلاش، ئىلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت- سەنئىتىنى ئالماشتۇرۇشتا  تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.   نۆۋەتتە،ئۇيغۇر دوپپىلىرىنىىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى،قۇرۇلمىسى، مەھسۇلات تۈرى ھەققىدەئەتراپلىق ئىزدىنىۋاتقانلار كۆپ بولۇپ،ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەجرى ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. خوتەن ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، پېشقەدەم مەدەنىيەت-سەنئەت تەتقىقاتچىسى مەمتىمىن سابىرنىڭ ئۇيغۇر دوپپىلىرى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشى ناھايىتى چوڭقۇر بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نىيە قەدىمى شەھىرى خارابىسىدە 1959- يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئارخىئولوگىيلىك قېزىپ تەكشۈرۈشتەبايقالغان ئەر جەسەتنىڭ بېشىغا سېرىق شايى بۆك ،يۇمىلاق دوپپا كىيگۈزۈلگەن.ئۆلچەشتە بۇ قەدىمى خارابىنىڭ يىل دەۋرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادى 3-ئەسىرگە قەدەر بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. بۇ پاكىتلارغائاساسەن شۇنداق  خۇلاسىگە كېلەلەيمىزكى،ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئەڭ ئومۇملاشقان شايى بۆك بىلەن دوپپا  بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەردە بارلىققا كەلگەن.


ئۇيغۇردوپپىلىرىنى تاشقى كۆرۈنۈش شەكىلىنىڭ پەرقىگە ئاساسەن يۇمۇلاق دوپپا، تالالىق دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ قۇرۇلما پەرقىگە ئاساسەن ئاق(شاپاق) دوپپا، قاتۇرما دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ رەڭ پەرقى بويىچە ئاق دوپپا، رەڭدار كەشتە دوپپا دېگەنئىككى چوڭ تۈرگە؛ ئىستېمال ئوبىيېكتىغا قاراپ ئەرەنچە دوپپا، ئايالچە دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ كەسپ ئايرىمىسىغا ئاساسەن سەللە دوپپىسى ۋە ئادەتتىكى دوپپا دېگەنئىككى چوڭ تۈرگە؛ كەشتە بەت يۈزى پەرقى بويىچە تۈز كەشتىلىك دوپپا، قاپارتما كەشتىلىك دوپپا دېگەن ئىككى چوڭ تۈرگە؛ ئۇنىڭدىن باشقا 16 كىچىك تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.ئۇنىڭدىنباشقا يەنە گۈل نۇسخىلىرىنىڭ شەكلى، سىمۋوللۇق مەنە پەرقىگە ئاساسەن بادام دوپپا، چىمەندوپپا، مەنپۇ دوپپا، چاشما دوپپا، گىلەم دوپپا، غۇلجا دوپپىسى، تاشكەنت دوپپىسى دېگەندەكتۈرلەرگىمۇ ئايرىلىدۇ.  دوپپا گۈللىرىدەھەر قانداق ھايۋان، ئۇچارقۇش، ھاشارات ۋە ئادەم ئوبرازى يارىتىلمايدۇ. بۇ دوپپىچىلىقتائەقىدە- ئېتىقاد قاراشلىرى ۋە ئادەتلىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.


دوپپىلارغا ھەر خىل گۈل- كەشتىلەرنى چېكىش ئۇيغۇر كەشتىچىلىك سەنئىتىنىڭ بىر نامايەندىسى بولۇپ، دوپپىلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ئۇلارغا چېكىلگەن گۈل-نەقىشلەرنىڭ خىلمۇ خىللىقى، تەكرارلانماسلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.


بۇ ھەقتە 40يىللىق ئۆمرىنى قەشقەر شەھىرىنىڭ ئوردا ئالدى دوپپا-تۇماق بازىرىدا ئۆتكۈزگەن،ئۇزۇنيىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ دوپپا مەدەنىيىتى ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن 4- ئەۋلاددوپپا- تۇماقچىلىق ۋارىسى مۇھەممەترىشات مۇنداق دېدى: دوپپىلارنىڭ ھەممىسى تۆتتالا، ئۈچ بۇلۇڭ شەكىللىك خىرت بىلەن جۈپلەپ تىكىلىدۇ. ئۈستىگە تەكشى كەشتىلەش،زەر يىپ بىلەن يۆگەپ كەشتىلەش، كىرست شەكلىللىك كەشتىلەش، ئۈنچە-مارجانلارنى تىزىپتىۋىتلەپ كەشتىلەش، كاتەكچە توسما شەكىلىدە كەشتىلەش، گىرەلەشتۈرۈپ كەشتىلەشقاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەر خىل سىزىقىلار، قاپارتما نەقىشلەر چىقىرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا قارا مەشۇت يىپ بىلەن گۈللەرنى بويلىتىپ كەشتلىگەندىن كېيىن پۈتۈپ چىقىدۇ. دوپپا نۇسخىلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى خىلمۇ خىل بولۇپ، يىڭنە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تەشمە تىكىش ئۇسۇلى، ئىلماپ تىكىش ئۇسۇلى،مارجان قىستۇرۇش ئۇسۇلى، گېئومېتىرىك تىكىش ئۇسۇلى، زەر يىپتا تىكىش ئۇسۇلى، پىلۇسشەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.


بادام دوپپىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنى تىكىش، سېتىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېلىۋاتقانيەكەن ناھىيە يەكەن بازىرىنىڭ باغ مەھەللىسىدىكى 5- ئەۋلات دوپپا-تۇماقچىلىقۋارىسى مۇھەممەتتۇرسۇن ھامۇت بۇ كەسپنى قىزغىن سۆيىدىغان ھۈنەرۋەنلەرنىڭ بىرى. ئۇيېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەيلى دوپپا-تۇماق بازىرى داۋالغۇپ، باھاسى چۈشۈپ كەتكەنۋاقىتلاردا بولسۇن، مەيلى باھا كۆڭۈلدىكىدەك بولغان چاغلاردا بولسۇن ئىزچىل بۇكەسپ ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ كەلگەن. ھەر يىلى ئائىلىسىدىكىلەر ۋەقۇلۇم-قوشنىلىرى تىككەن 20مىڭدىن ئارتۇق دوپپىنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يۆتكەپ سېتىپ، يىللىق كىرىمىنى 60 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇپ كەلگەنبولۇپ،  مۇھەممەتتۇرسۇن ھامۇت بۇ يىل 6-ئايدا  ناھىيە بويىچە "يەكەن بادامدوپپىسىدىن ئىبارەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى"دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: "ھۈنەرلىك ئەر خار بولماس"دېگەندەك بۇ كەسپنى بىر ئۆمۈر قىلىپ كەلگەنگە چۈشلۈك خۇشاللىققا ئېرىشتىم.ھۆكۈمەتمۇ مېنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ ئىشلىرىمغا قولايلىق يارىتىپ بەردى. يېقىندا"باغ مەھەللە دوپپىچىلىق جەمئىيتى" ۋە بۇ جەمئىيەتنى ئاساس قىلغان بىردوپپىچىلىق زاۋۇتى قۇرۇشنى ئىلتماس قىلدىم. بۇنداق بولغاندا يەكەن بادام دوپپىسىنىئاساس قىلغان باشقا ئۇيغۇر دوپپىلىرىنى تىكىش، دوپپىچىلىقنى كۆلەملەشتۈۈش، ئىشكۈتۈپ تۇرغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ كۈچ چىقارغىلى بولىدىكەن.


يەكەنناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيۇ-تېلېۋىزىيە ئىدارسىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئاۋۇتنىڭتونۇشتۇرۇشىچە، ھازىر بۇ ناھىيەدە دوپپىچىلىق كەسپىي ئائىلىسى 3000 دىن كۆپرەككەيەتكەن، پەقەت يەكەن بازىرىدىلا بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇلىنىۋاتقانلار 1850 كە، "يەكەنبادام دوپپىسىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى" تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەر سەككىزگەيەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دوپپىچىلىق كەسپىي بىلىملىرى بويىچە  تەربىيلەنگەنلەر 4000 ئادەم(قېتىم)دىن ئاشقان.


قانداق قىلغاندا دوپپائاساس قىلىنغان ئۇيغۇر باش كىيىملىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلەتكىلى بولىدۇ؟ شىنجاڭپىداگوگىكا ئونۋىرستېتىنىڭ پروفېسورى، فولكلور تەتقىقاتچىسى ئەنۋەر سەمەت قورغانبادام دوپپا ئاساس قىلىنغان ئۇيغۇر باش كىيىملىرى مۇزېيى قۇرۇش بەك مۇھىم دەپقارىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:  ھازىرقى دەۋردەدۆلىتىمىز ۋە چەت ئەللەردە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتمىراسلىرىنى توپلاش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، ساقلاش ۋە قوغداش ئىشلىرى بارغانسېرىچوڭ دىققەت – ئېتىبارغا سازاۋەر بولۇۋاتىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، دۇنيا مىقياسىداكۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان زامانىۋىلىشىش ۋە سانائەتلىشىش دولقۇنلىرىنىڭ زەربىسىدە،ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇللىرى خىرىسقا دۇچ كېلىپ، ئەنئەنىۋىمەدەنىيەتكە تەئەللۇق نۇرغۇن تەركىبلەر يوقىلىش، ئېتىبارسىز قېلىشقا دۇچاربولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتا يەنە  ھەر قايسى مىللەت ۋە دۆلەتلەر ئەنئەنىۋى تۇرمۇشئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ قىممىتىنى بارغانچە چوڭقۇر تونۇپ يېتىۋاتىدۇ. يەنەبىر تەرەپتىن، دۇنياۋى كۆلەمدە ئومۇملىشىۋاتقان ساياھەتچىلىك ئىشلىرى ئىچىدەئىلگىرىكى تەبىئەت ساياھىتى (يەنى تاغ – دەريالار ساياھىتى) دىن پەرقلىق ھالدا،ھازىرقى دەۋردە مەدەنىيەت ساياھىتى ئومۇمىي ساياھەتچىلىكنىڭ ئىچىدە بارغانچە مۇھىمتۈر سۈپىتىدە ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتۈۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ماددىي ئۆرپ – ئادەتمەدەنىيىتى ئىچىدە كىيىم – كېچەك مەدەنىيىتى سەمەرەلىرى سان جەھەتتىن كۆپ، شەكلىھەر خىل، مەزمۇنى مول، تارىخى ئۇزۇن، تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە. بولۇپمۇ بۇنىڭئىچىدە ئۇيغۇر باش كىيىملىرى تېخىمۇ ئالاھىدە بىر تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇمەخسۇس تېمىلىق مۇزېي ياكى كۆرگەزمىخانە قۇرۇپ توپلاش، تۈرگە ئايرىش، رەتلەش،تەتقىق قىلىش، نامايان قىلىش ۋە ساقلاشقا تامامەن ئەرزىيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەرقايسى جايلار بۇ پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دوپپىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر باشكىيىملىرى مۇزېيى ياكى كۆرگەزمەخانىسى قۇرۇپ چىقىشقا بەل باغلىشى زۆرۈر.  بۇ خىل مۇزېيى ياكى كۆرگەزمەخانىغا  دوپپىلارنىڭ ئەڭ ئۆلچەملىك ئۈلگىلىرى (يەنىقولدا تىكىلىدىغان ۋە ماشىنىدا تىكىلىدىغان  ھەر ئىككى خىل نۇسخىلىرى)، ھەر قايسىرايونلاردىكى  ۋارىيانت نۇسخىلىرى، تارىخىيئۆزگىرىش جەريانىنى ئىپادە قىلىپ بېرەلەيدىغان ئۆلچەملىك رەسىم – سۈرەتلىرى،تىكىلىش جەريانىنىڭ ئۈلگىلىك سۈرەتلىرى ۋە سېخىمىلىرى، مۇمكىن بولسا ھەر قايسى باشكىيىملەرنىڭ تىكىلىش – ياسىلىش جەريانىنىڭ سىن فىلىملىرى،تىكىلىش جەريانىنىڭ بىرقانچە خىل تىلدىكى چۈشەندۈرۈشلىرى، ماتېرىيال ۋە ئەسۋاب – جابدۇقلار، دوپپا  ھەققىدىكى ئىلگىرىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىقاتارلىق مەزمۇنلار قويۇلىشى ياكى كىرگۈزۈلۈشى لازىم.


شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتۇر ھەسەنجان ئابلىز  ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيتىنى قانداق قىلغاندائىجتىمائىي بايلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:دوپپا مەدەنيەت ماركىسىنى يارتىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇئىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دوپپا تىككۈچىلەرنى يىغىپ،  كۆپلەپ دوپپىچىلىق جەمئيەتلىرىنى قۇرۇپ چىقىش، بۇجەمئىيەت ئارقىلىق دوپپا تىكىشكە ھەۋەس قىلىدىغانلارنى تەربىيلەپ تېخنىكا ئىگىلىتىش،دوپپا تىكىش بويىچە قەرەللىك مۇسابىقىلەرنى ئويۇشتۇرۇپ، نەتىجىسى گەۋدىلىكبولغانلارنى تەقدىرلەش، دوپپا تىككۈچىلەرگە ياردەم پۇلى ئاجرىتىپ، بازار كاساتبولغان چاغلاردا ئۇلارنى يۆلەپ، ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇش لازىم. يەنە بىر جەھەتتىن  ھەر خىل دوپپا ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەنئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە قوللانما كىتاب تۈزۈپ،كىتابقا دوپپا ھەققىدىكىقىزىقارلىق رىۋايەتلەرنىمۇ كىرگۈزۈپ، ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلارنى، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش كېرەك.  ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇپ،ماركا ئېڭىنىبازارلاشتۇرۇپ،ھەر يىلدا ياكى ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالاپ، دوپپىلارنىڭ ئەڭنەپىس، ئەڭ ئېسىللىرىنى تاللاپ  ماركابېجىرىپ بېرىپ، تاۋار ماركا ھوقۇقىنى قانون بويىچە قوغداپ، دوپپا تىككۈچىلەرنىڭئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرىش لازىم.  قولداتىكىلگەن دوپپا بىلەن ماشىنىدا تىكىلگەن دوپپىلارنىڭ پەرقىنى ئايرىش، باھاسىنى ئېنىقبېكىتىش، قايسىنىڭ قولدا تىكىلگىنى، قايسىنىڭ ماشىنا ئارقىلىق تىكىلگىنىنى چوقۇمئەسكەرتىپ قويىدىغان تەشۋىقات بەلگىلىرىنى ياساپ  دوپپىلارنىڭ ساياھەتچىلەردىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىش؛ھەر قايسى چوڭ-كىچىك بازارلاردا دوپپا مەدەنىيتىگە مۇناسىپ ھالدىكى دوپپىغا تەقلىتقىلىنغان ھەر خىل بويۇم(ساپال دوپپا، قاشتېشىى دوپپا، ياغاچ دوپپا، قەغەزدوپپا)لارنىمۇ تاپقىلى بولىدىغان مۇھىت يارىتىپ،  تېخىمۇ كەڭ بازار ئېچىش لازىم.


مۇخبىرنىڭ تەسىراتى: بىز يۇقىرقىلاردىن مۇھىم بىر نەرسىنى، يەنى دوپپىنى كېيىم-كېچەك مەدەنىيتىمىزدە شۆھرەتلىك ئورۇنغا ئىگەقىلغان مۇھىم بەلگىنىڭ ئۇنىڭ ماددى تەركىبى ئەمەس، بەلكى مەنىۋى تەركىبى ئىكەنلىكىنى؛ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەبىئەتنى، تۈرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، يېشىللىق، بوستانلىق،گۈل-گۈلىستانلىق يارىتىش ئارقىلىق تەبئەتنى بېزەپ، كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان بەددىئىي دىت ۋە كامالىتىنى چىۋەرلىك بىلەن دوپپا يۈزىگە قايتا زاھىر قىلىشقامۇۋەپپەق قىلغان بۈيۈك ئىستېداتلىق مىللەت ئىكەنلىكىنى قايتىدىن تونۇپ يېتەلەيمىز.


IMG_6421-1.jpg


5-1.jpg


IMG_4472-1.jpg



IMG_1362-1.jpg


  



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  685
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 157
تۆھپە : 0
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 07:17:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1313
تۆھپە : 7
توردا: 124
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:23:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىمىزنىڭ ئەتۋارىنى ئۆزىمىز قىلمىساق خەق ھەرگىز قىلمايدۇ .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2146
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 42
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:35:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، دوپپا ھەممىمىزگە يارىشىدۇ، ھەممىمىز دوپپا كىيىپ يۈرسەك بۇ دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ رەڭدار بولۇپ كەتكەن بولاتتى ،ھە!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1145
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 922
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 12:52:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيعۇر  دوپپىسى ـ ــ ئۇيعۇر جىلۋىسى !ئەجرىڭىزگە كۆپ رەحمەت،بەرىكەتلىك بولۇڭ  ئەنۋەرجان!

پەقەت بىرلانەرسىگە ئىشىنىمەن_ئۇ بولسىمۇ چىن ئەقىدە!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2275
تۆھپە : 19
توردا: 467
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 20:10:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەرجان مەتنىياز ئىجادىيەتتە يەنىمۇ بەركەتلىك بولغايسىز بۇ تىمىڭىزنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت،بەرىكەتلىك بۇلۇڭ دىگىم كەلدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش