ximal
كۆرۈش: 146|ئىنكاس: 2

ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ماھىيىتى ۋە نۆۋەتتە ئەدىبىي تەنقىدتە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم م [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 01:36:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ماھىيىتى ۋە نۆۋەتتە ئەدىبىي تەنقىدتە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر

ئەمەت دەرۋىش

ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىي ئوبزورنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى. ئەدەبىي تەنقىدسىز ئەدەبىي ھايات، ئەدەبىي مۇھىت ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىد بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ يادرولۇق قىسمى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا توسقۇن بولۇۋاتقان بىر قىسىم كونا ئۇسۇل، كونا كۆز قاراشلارغا ۋاقتىدا تۈزىتىش بېرىپ، مەلۇم بىر رامكىدىن قۇتۇلالمىغان، يېڭىلىق ئىجاد قىلالمايۋاتقان بەدىئىي ئەدەبىياتنى يېڭى ئۇسۇل، يېڭى يول بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
   ئەدەبىي تەنقىدنىڭ بۇنداق جەڭگىۋارلىق ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرى ئۇنىڭ ساغلام تەرەققىيات خاھىشىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ئەدەبىي تەنقىد ئىدىيە ۋە دۇنيا قاراش جەھەتتە ھەرقاچان ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىدۇ. شۇڭا ئۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈپكى روھىنى ۋە يېتەكچى لۇشىيەنىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ تۇرمۇشتا پەيدا بولۇۋاتقان يېڭى ئىىدىيە، يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا توغرا ئىگەللەپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق ئادا قىلىشى لازىم.
   ئەدەبىي تەنقىد جەڭگىۋارلىق ۋە يېتەكچىلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە باشلامچى پەن بولۇش خۇسۇسىيىتى بىلەن  كەسپىي جۈرئەت ۋە ئىلمىي پىرىنسىپچانلىققا بەكمۇ مۇھتاج بولىدۇ. «كىرگىلى بولمايدۇ، چىققىلى بولمايدۇ» دەپ قارالغان ئالاھىدە «قورغان»لارغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ رىئال تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ماس بولغان پىرىنسىپال قائىدە – قانۇنىيەتلىرى بويىچە كۈزۈتۈپ ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىدۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرنىڭ تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن بولمىغانلىقىغا، ئىستىتىك تەربىيە تەرىپىدە  كىشىلەرنى تەربىيلەش ئۈنۈمى ھاسىل قىلغان ياكى قىلالمىغانلىقىغا باھا بېرىدۇ. ئەدەبىي تەنقىد بەدىئىي ئەسەرلەرنى باھالاش، ئەدەبىي ھادىسىلەرنى تەھلىل قىلىشتىكى بەدىئىي ئۆلچەملەرگە ھەمىشە، ھەرزامان، ھەرماكاندا سادىق بولغان ھالدا رىئال تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى بوياپ كۆرسىتىدىغان ساختا سەنئەت بىلەن كىتابخانلارنىڭ ئىستىتىك زوقىنى بۇزىدىغان ياكى ئىستىتىك زوق بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆزىنىڭ مەلۇم مەقسەت – مۇددىئاسىنى چىقىش قىلىپ مەيدانغا چىققان يارامسىز ئەدەبىي ھادىسە ۋە ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن پاش قىلىپ، ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت سېپىدىكى يېڭىچە چۈشەنچە، يېڭىچە خاھىش ۋە ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى دادىللىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە ئۇنى جان دىل بىلەن قوغدايدۇ. چىنلىق ۋە گۈزەللىك پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولغان، ئۆزى كۈزەتكەن ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئىجادىي يۇسۇندا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئىجابىي مەزمۇنغا ئىگە يېڭى ئەسەر، يېڭى يول، يېڭىچە خاھىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىجادىي يول تۇتقان يېڭىچە ئىجادىيەت خاھىشىغا ئىگە ئاپتورلارنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى ۋە ئەھمىيىتىنى توغرا مەيدان، توغرا لۇشىيەن ۋە توغرا ئىجادىيەت پىرىنسىپى ئاساسىدا تولۇق شەرھىيلەپ ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئىجادىيەتنىڭ موللىشىغا، ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ زورىيىشىغا ئەمەلىي تۆھپە قوشىدۇ.
   ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ قوشۇن جەھەتتىكى كۆلىمى ئانچە زور بولمىسىمۇ، لېكىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئومومىي يۈزلىنىشى، ئۇنىڭ روھىنى چىقىش قىلغان ئاكتىۋال ئىدىيەلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك ۋە مۇۋاپىقىيەتلەرنى ئەدەبىي ئوبزور ۋە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا ئادىل باھالاپ، تەرەققىياتقا توغرا باھا بېرىپ ۋە يېتەكلەپ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى تۆھپىسى خېلى زور بولدى.
   ئەدەبىي تەنقىدنىڭ نەزىرىيىۋىي مەسىلىلىرىدە نەزىرىيىۋىي سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى تەتقىقاتچىلار ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى قاتمال، رامكا ئىچىدە چەكلىنىپ قىلىش مەسىلىرىگە قارىتا دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ بىر قىسىم نەزىرىيىۋىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ يېتەكچى خاراكتېرلىك قاراشلىرىدا پارتىيىمىزنىڭ «ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە قۇشلار بەس – بەستە سايراش» پىرىنسىپى چىقىش قىلىنىپ، ئىجادىيەتتە دادىل بولۇش،ئىسلاھات ئېچىۋىتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ماسلىشىش، يۈرەكلىك، دادىل باشلامچىلار ئوبرازىنى يارىتىش، مۇشۇنداق ئوبرازلارنى يارىتىشتا، ئىزدىنىش روھىغا باي بولۇشتەك بىر قىسىم نەززىرىيىۋىي قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتە قىسقا بىر مەزگىللىك ياشاش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىگەن گۇڭگا شېئىرلارنىڭ ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى، تىماتىك مەزمۇننى يورۇتۇش ۋاستىسىى قاتارلىقلار ئۈستىدەمەخسۇس ئەسەرلەر يېزىلىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن گۇڭگا شېئىرنىڭ تىماتىك ئىددىيىنى يورۇتۇش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىق، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار ۋە پايدىسىز دەپ قارالغان ئۇسۇللار ئېنىق كۆرسۈتۈپ بېرىلدى. بۇ ھال ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا بەلگىلىك نەزىرىيىۋىي يىتەكچىلىك رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگەيەنە ئىزلەنمە ھېكايىلەر، مىكرو ھېكايىلەر ھەققىدىمۇ يېتەكچى خاراكتېرلىك نەزىرىيىۋىي قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھېكايىلەردە ھېكايىلىق خۇسۇسىيەت بولۇش تەلىپى قايتا بىر قېتىم نەزىرىيىۋىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. مەيلى گۇڭگا شېئىر ئىجادىيىتىدە بولسۇن، مەيلى مىكرو ھېكايىلەر ۋە ئىزلەنمە ھېكايە ئىجادىيىتىدە بولسۇن ئەنئەنىۋىيلىكتىن چەتنەپ كېتىۋاتقان بىنۇرمال ئىجادىيەت ھادىسىسى سەمىيمىلىك بىلەن كۆرسۈتۈلۈپ، ئىجادىيەتنى توغرا بىر نەزىرىيىۋىي قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىش لازىملىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
   يۇقارقىلار ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك نەزىرىيە تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ بىر ئاز قىسمىدىن ئىبارەت.
   نەتىجە بار يەردە كەمچىللىكتىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى باشلامچى خاراكتېرلىك نەزىرىيىۋىي مەسىلىلەر دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىجادىيەتتىكى ئىپادىلەش جەھەتتە خاھىشقا قاراپ ئېغىشقا مەلۇم دەرىجىدە تۈزۈتۈش بېرىلىپ، ئەنئەنىۋىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق ئۆز-ئارا بىرىكىپ، يېڭى بىر ئىجادىيەت يولى يارىتىشقا بەلگىلىك ئاساس يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىجاد قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەر ئۈستىدىكى تەھلىللەر، پىرسۇناژلار خاراكتېرىنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە بېرىلگەن ئوبزور ۋە تەھلىللەردە بىر تەرەپلىمىلىك قاراش مەۋجۇت بولدى. بۇ ھال يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تارىخىي ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەرگە بېرىلگەن باھا ۋە تەقرىزلەردە روشەن كۆزگە كۆرۈنىدۇ. كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا:
1) تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىگە بېرىلگەن باھا ۋە تەھلىل – تەقرىزلەردە ئەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتىلا تەكىتلىنىپ، ياكى كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ يېتەرسىزلىك ياكى خاتالىقى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەيدىغان ئەھۋال بار.
   يېقىندىن بىرى، تارىخىي ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رومان – پوۋسىت ۋە ھېكايىلەر ئارقا – ئارقىدىن نەشىر قىلىنىپ، خەلقنىڭ ئۆتمۈش تارىخى دەۋرىدىن خەۋەردار بولۇش تەلىپى يۈزەكى بولسىمۇ قانائەتلەندۈرۈلدى. لېكىن ئەسەر يازغۇچىلىرىغا بولغان تەلەپنىڭ كۇچلۇك بولماسلىقى ، ئۇلارنىڭ ئەينى دەۋر رىئاللىقىدا بىۋاستە رول ئوينىغان تىپىك تارىخىي شەخىسلەر بىلەن تونۇشلۇقىنىڭ يۈزەكىي ياكى بىر تەرەپلىمىلىكى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ئەسەردىكى ئوبرازىغا سەل قارايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.كونكىرتراق قىلىپ ئېيتقاندا، بىر قىسىم ئاپتورلار، مەلۇم بىر تارىخىي دەۋردىكى مەلۇم بىر كونكىرتنى ئادەمنىڭ پائالىيىتىنى  يورۇتقاندا، ئۇنى ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلاپ، شەخسىي قەھرىمان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ قويىدىغان، سەلبىي پىرسۇناژلارنىڭ سەلبىيلىك تەرىپىنى كۆرسۈتۈشتە زىيادە كۆپتۈرۈپ، ئۇنى ئاشكارە زىيانداش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئادەملىك خۇسۇسىيىتىنى بىراقلا يوققا چىقىرىدىغان، سۈنئىي ئادەم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
   ئەدەبىي تەنقىدچىلەر بۇنداق ئەسەرلەرگە تەقرىز يازغاندا، ئەسەرلەردە يول قويۇلغان مۇشۇ تەرەپلەرگە نەزىرىنى ئاغدۇرمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.
2) ئەدەبىي تەنقىد ساھەسىدە كونكىرت ئەسەرلەردىكى كونكىرتنى پىرسۇناژلارنىڭ تىلىغا باھا بەرگەندە ئاپتورنىڭ بايان، تەسۋىر، لىرىكىلىرىغا باھا بېرىپ، ئەسەردىكى كونكىرتنى پىرسۇناژلارنىڭ ئۆز خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ، مەركىزىي ئىدىيىنى يورۇتۇشتا ئىشلىتىۋاتقان تىلغا ئېتىبارسىز قاراش خاھىشى مەۋجۇت. بولۇپمۇ ۋەقەلىك ئاساس قىلىنغان ھېكايە، پوۋېست، رومانلاردىكى پىرسۇناژلار تىلىغا بېرىلگەن باھا ۋە تەقرىزلەردە بۇ ھال خېلى گەۋدىلىك.
3) كونكىرتنى ئەسەرگە باھ بەرگەندە ماختاش، كۆككە كۆتۈرۈش ئاساس قىلىنىدىغان، ئەسەر پۈتۈنلەي نۇقسانسىز، پىشىپ ۋايىغا يەتكەن ئەسەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ باھا بېرىلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بۇ ھال مەلۇم تەرەپتىن ئەسەر ئاپتورىغا رىغبەت بېرىش، ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەش رولىنى ئوينىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتورغا نىسبەتەن قانائەتلىنىش تۇيغۇسىنى بېرىپ، ئىپادىلەش سەنئىتى تەرىپىدە بىر ئىزدا توختاپ قىلىش خاھىشىنى پەيدا قىلىدۇ.
4) ئەدەبىي تەنقىد قوشۇنىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىنى يۈكسەك نەزىرىيىۋىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىشى يېتەرلىك بولمىدى.
  ھەممىمىزگە مەلۇم، زاماننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەممە ساھەدە زور ئىلگىرلەشلەر بارلىققا كەلدى. جۈملىدىن ئىدىئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغان ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتىمۇ زور ئىلگىرلەش بولدى. ژانىرلار قۇرۇلىشىدا يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى. تور ئەدەبىياتى، تېلېفۇن ئۇچۇر ئەدەبىياتى بارلىققا كەلدى. لېكىن بۇلارنىڭ ئىجادىيەت نەزىرىيىسىدە يېتەكچى خاراكتېرلىك نەزىرىيە سېستىمىسى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، يۈكسەكلىككە، مۇكەممەللىككە كۆتۈرۈلمىدى. تېلېۋىزورلاردا كۆرسىتىلىۋاتقان كارتون فېلىملىرى ئىشلىنىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس قائىدە – قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە ئۇلار كونكىرت ئادەم، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس تىلى، ھەرىكىتى بار. ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرى مۇئەييەن ئەدەبىيات نەزىرىيەسى ۋە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ يېتەكلىشى ۋە باھاسى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلسا ئۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
5) ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئاپتورلاردا ھېس قىلىش، چۇشۇنۇش، بىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە تەربىيلىنىشى كەمچىل.
   ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ باھالايدىغىنى كونكىرتنى ئەسەردىكى كونكىرتنى ۋەقەلىك، ۋەقەلىكنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى كونكىرتنى پىرسۇناژ، ئەسەردىكى كومپوزىتسىيە ۋە تىل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇنداق ئىكەن ئەدەبىي تەنقىدچى چوقۇم ئەسەرنىڭ ئىستىتىك ئۈنۈمىگە دىققەت قىلىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي تەنقىدچىدە بەلگىلىك نەزىرىيە ئاساسى بولىشى، زامان يۈكسەكلىكى بىلەن ئەسەرگە باھا بېرەلەيدىغان سەۋىيە بولۇشى لازىم.
6) ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزدە بەدىئىي ئەسەرلەرگە بىر خىل پورما، ئوخشاش بىر قېلىپتىكى سۆز ئىبارىلەر بىلەن باھا بېرىدىغان ئۇسۇل ئېغىر.
  بۇنداق خاھىش بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ، قارىماققا ئەسەرگە باھا بەرگەن بىلەن ماھىيەتتە ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا باھا بېرىۋاتقاندەك بىر خىل خاھىش شەكىللىنىپ قالغاندەك تۇيغۇ بەرمەي قالمايدۇ.
   يۇقارقىلار مېنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر دەپ قارىغانلىرىم. بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرنىڭ ئومومىيلىق تۈس ئېلىشى ناتايىن.
  
2012-يىلى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  163
يازما سانى: 336
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 896
تۆھپە : 1
توردا: 130
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 09:35:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي تەنقىتچىلىك  قۇشۇنىمىزنىڭ جەڭگىۋارلىقى ھازىر سۇسلاپ كەتتى . مەدھىيە تاماسىدا يۈرىيدىغان ئىنسان شەخسىيىتى ئەدەبىي تەنقىتچىلەرگە تولا ھۈرپەيگەچكە ئاچچىق يۈتۋىلىشنى خالىمىغان ئوبزۇرچىلىرىمىزنىڭ  قەلىمىدىمۇ مەدھىيە شۇڭلىرى كۆپۈيۈپ ، گۈل ئارىسىدىكى تىكەننى ياپىدىغان بولۋالدى ھەي...

قەلبىنۇر ئىلياس

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 10:40:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەت دەرۋىش مۇئەللىمنىڭ بۇ ماقالىسىنى ئۆزۈمنىڭ مۇنۇ ماقالىسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇپ باقتىم...

forum.php?mod=viewthread&tid=1513
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-10 10:40  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش