كۆرۈش: 2926|ئىنكاس: 28

بۇ _ ئالىمجان تۆمۈر تۇران(8)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
IMG_4056.jpg
بۇ مۇقەددەس زىمىنغا قاچان ئاپىرىدە بولغانلىقىمنى دادامدىن بىلگەن ئىدىم . دادامنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە : ئانام ئاچچىق تولغاقتىن بوشانغان كۈنى ، دادام مېنى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئىماملىرىم يېزىسىدىكى ھازىرقى ئۆيىمىزدە تۇنجى بولۇپ كۆتۈرگەن ئادەم ئىكەن . 1988 – يىلى 7- مارت كۈنى مەن تۇنجى يىغام بىلەن جەمەتىمىز شەجەرىسىگە يېڭى بىر بەت ئاچقان ئىكەنمەن .
بىركۈنى كەچ مەن پەقەتلا ئۇخلىيالمىدىم . شۇكۈنى مەن ئادىتىم بويىچە دادامنى ئەمەس ، ئاپام ئۆز قولى بىلەن تىكىپ بەرگەن چاققانغىنە لاتا سومكامنى قۇچاقلاپ ياتقان ئىدىم . شۇ ھاياجانلىق كېچە سۈزۈلۈپ تاڭغا ئۇلاشسىلا مەن مەكتەپكە باراتتىم . تىنىمسىز بالىلىقىمنىڭ مەلۇم بىر خاسىيەتلىك سەھىرىدە ئاپام قولۇمدىن يىتىلىگەنچە مەكتەپكە ئېلىپ باردى ھەم ئۆز تەربىيەسىگە ئالدى . قورساقتىكى ۋاختىمدىن باشلاپ باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە قەدەر ئاپامنىڭ تەربىيەسىدە بولغانلىقىمنى ئەقىل كۆزلىرىم ئېچىلىپ ئاق – قارىنى بىلگىدەك بولغان چاغلىرىمدا ئاندىن بىلدىم . ئاق ھەم قارىدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس رەڭلەر مېنى ئادەملىك ئالەمدە ۋە ئالەملىك ئادەمدە ھېلىغىچە يىتەكلەپ كېلىۋاتىدۇ .
شۇنداق قىلىپ مەن بارا – بارا چوڭ بولۇپ ئەر ھېسابىغا ئۆتكەن چاغلىرىمدا خىلۋەت يېزامدىن ئايرىلىپ ئاتا- ئانامدىن يىراق بىر جايدا تولۇقسىز ھەم تولۇق ئوتتىرا مەكتەپنى تاماملىدىم ۋە شۇ جەرياندا ئۆز چۇڭقۇرلىقىمغا ئاستا – ئاستا شۇڭغۇشقا باشلىدىم . قەلبىمدىكى ئىستەكلەرنىڭ غايىۋى تۈرتكىلىرىدە مەن 2008 – يىلى ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇيغۇرتىل – ئەدەبىيات كەسپىگە قۇبۇل قىلىندىم .
مەن دېمەتلىك بالىلار ئارىسىدا قوشاقچى ئاتىلىپ خېلى يىللاردىن كېيىن ، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژورنىلىنىڭ 2009 –يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئېھتىمال» ناملىق شېئىرىم بىلەن قانداقتۇ ئىجادىيەت سېپىگە قىستىلىپ كىرىۋالغان بولدۇم . شۇنىڭدىن بويان «تەڭرىتاغ»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ، «ئىلى دەرياسى »، «كۆسەن مەدەنىيىتى» ، «مۇزارت دولقۇنلىرى»  قاتارلىق بىرقىسىم نەشىرى ئەپكارلاردا ئون نەچچە پارچىغا يېقىن  شېئىرىم ھەم بىرقانچە پارچە ماقالىلىرىم ئېلان قىلىندى . مەيلى مىڭ پارچە ئېلان قىلىنسۇن ۋەياكى بىرپاچە ئېلان قىلىنسۇن يازغان ئەسەرلىرىمىز ھىچقايسىمىزنى ئۆز قاراڭغۇلىقىمىزدىن ئېلىپ چىقىپ كېتەلمىدى . ئەمما شۇنىڭ ئۈچۈن ئىپتىخارلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، ئۇيغۇرتىلىدا ئەسەر يېزىش پۇرسىتكى بۈگۈنكى كۈندە پېقىرغا ھەم سىزلەرگە بېرىلىپتۇ . خوش ، ئەمدى مونۇ يازمىلىرىم ئارقىلىق ئىخلاسمەنلەر ئالىمجان تۆمۈر تۇراننى ئەقىل ئەلگەكلىرىدە تاسقاپ قويغۇسى ...
____ ئالىمجان تۆمۈر تۇران

بىز بۇ ياش قەلەم ئىگىسىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىگە ئاق يول تىلەش بىرگە ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى  ۋە مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزاسى، ئىزدىنىش روھىغا باي ياش قەلەم ئىگىسى ھەزرەتئەلى ئەلىنىڭ ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدىكى ماقالىسىنى قوشۇپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.
___ مەسئۇل مۇھەررىردىن



ئائىشەنىڭ بەشىنچى پەسلى

ئۇ يەردە كۆيىدۇ رەزىل ئەتىرگۈل ،
بۇ يەردە ئۆزىنى ئۆلتۈرەر بىر تەن .
تۇزۇشنىڭ ئازابى ئېچىلسا قات – قات ،
سەن مېنىڭ دەردىمگە كۈمۈلگەن ۋەتەن .

يىغلايمەن ، يىغلايمەن تىشىلگۈچە كۆز ،
يىرتىلار قولۇمدا قان رەڭ قولياغلىق .
تاشلارنىڭ دەردىنى ئاسمان بىلمەيدۇ ،
ئىككىمىز ئارىسى مەڭگۈلۈك ئارلىق .

يۈگۈرۈپ كېلىمەن دارنىڭ ئالدىغا ،
ناخشىلار ئۆزىنى توۋلايدۇ غېرىپ .
تۆكۈلۈپ بولغاندا نەمدەلگەن كىرپىك ،
ئۆلۈمنى چاقىردىم ئەڭلىمنى سېلىپ .

تاشلاردىن ئويۇپ قوي كۆز ياشلىرىمنى ،
كۆكسۈمدە داپ چالغان چۆللەرنى ئۇنتۇپ .
سۆي يەنە ئۆزۈڭنى يېرىلغىچە لەۋ ،
ئۇ يالغۇز دەرەخنىڭ قولىنى تۇتۇپ .

چاقىرغىن ئىسمىمنى يىراق دىلبىرىم ،
كىرپىكتىن كۆز ياشلار پىيادە ئۆتسە .
شۇ غەمكىن تۇرقۇڭدا ئەينەككە قارا ،
ئاھ ، يىتىم قۇۋرىغام قولۇڭنى كەسسە .

ئائىشەنىڭ ئاق بۇلۇتى
1
ئاسمان بەك يىراقتا
يەر ھەم تولىمۇ چۇڭقۇر ...

يۇتۇلماي قالغان بىر يۇتۇم سۇنىڭ ئازابىدەك  ،
شۇ بىر تامچە ياشنى
پەقەت شۇ بىر تامچە ياشنى ئىچىمگە يۈتىۋېتەلمەيمەن  .
كۆزدىن دۇمىلاپ چۈشكىنى ياش ئەمەس تاش  ،
شۇ تاشنى ھېلىغىچە قوغلاپ يېتەلمەيمەن  .
مەڭزىڭدىكى ياشنى يەڭلىرىم بىلەن سۈرتىۋېتىش قولۇمدىن كەلسىمۇ
... بىراق بەرداشلىق بېرەلمەيمەن

مەن پىچاق بىسى ئۈستىدە سوزۇلۇپ  يېتىپ  ،
غەملىرىڭگە يەردەك پېتىپ
چېكە چاچلىرىڭنىڭ چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئويلىسام
ھەم سېنىڭ يەنە ئاسماندەك ئۆرە تۇرالىغانلىقىڭنى خىيال قىلسام
قىشتىكى يالىڭاچ دەرەخلەردەك ياداڭغۇ  ئاۋازىڭنى ئەسكە ئالسام
تېنىمدىكى قىزىل گۈللەردەك تارام – تارام قاناپ كېتىمەن  .

2
تالادا قار يېغىۋاتىدۇ ...
سەن بىركۈنلۈك تىرىكچىلىكتىن پەرىشان قايتىپ كېلىسەن :
- قار يېغىۋېتىپتۇ ، تالاغا چىقتىڭىزمۇ ؟
- ئويدىمۇ قار يېغىۋاتىدىغۇ ...
-...( ھېچنېمە دېمىدىڭ )
بىلىمەن سەن قارنى قەۋەتلا ياخشى كۆرىسەن .

مەن دېرىزىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ  ،
تەكچىدىكى قارلارنى سىقىمداپ  ئېلىپ  ،
سېزىمەن قولۇمنىڭ ئەمەس يۈرىكىمنىڭ ئېچىشىۋاتقانلىقىنى .
ھېس قىلىمەن ئازاپلىرىڭنىڭ قاردەك پەرۋاز قىلىشلىرىنى ...
شۇ چاغدا
سەن يېنىمغا لېۋىمگە تەككۈزۈپ باقماقچى بولغان قاردەك كېلىپ :
- بۈگۈن نېمە تاماق ئېتەي ؟
- قار ...
3
سېنىڭ داداڭ ئۆلۈپ كەتتى ...
4
تۇرمۇش سېنى قېرىتماقتا ...

دادامغا يېزىلغان خەت

دادامنىڭ كىتاپلىرىنى ئوقىدىم
خەت يوق
دادامنىڭ سۆڭەكلىرىنى چاقتىم
قوپقۇرۇق
كىم ئۇ دادامنىڭ ئىلكىنى شوراۋاتقان ! ...

دادا
خوشلاشقىلى ئالدىڭغا كەلدىم
سەن ئىچىڭدىكى تاشلارنى ئىرغىتىۋېتىپ
بوغۇزۇڭدىكى ئاچچىق ياشلارنى ئىچىڭگە يۈتۈپ
ھەم مېنى سەجدىگە يۈزلەنگەن تەرىپىڭگە ئۆتكۈزۈپ
بوۋامدىن ئۆگەنگەن دۇئالىرىڭنى
بىخسىغان قىرىق ئالتە يىللىق جاراھىتىڭنى
يىگىرمە ئىككى يېشىڭنى
بەردىڭ ، جېنىم ئوغلۇم يوللۇغۇم بۇ ...
شۇ چاغدا
كۆزۈڭگە تىكىلىپ قارىيالمىدىم
سۆيەلمىدىم ھەم بويۇنلىرىڭغا
ئەنسىرەيتتىم ساقال – بۇرۇتىمنىڭ سانجىلىپ ئارغىتىشىدىن
ئەنسىرەيتتىم كۆز ياشلىرىمنىڭ ئېتەكلىرىڭنى ھۆل قىلىۋېتىشىدىن

بىلەمسەن دادا
كىچىك چاغلىرىمدا ساقىلىڭنى سىيلاپ ئىپتىخارلىناتتىم
چوڭ بولسام ساڭا ئوخشاپلا كېتىشنى خىيال قىلاتتىم
باشقىلارغا ئۇ مېنىڭ دادام دەپ پەخىرلىنەتتىم
سېنىڭ مۇئەللىم ئىكەنلىكىڭنى بىلەتتىم
ئەمما غەملىرىڭنى سوراشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم
ھازىرچۇ...
ئىلىكىڭنى شوراپ ئەر بولدۇم
چوڭ بولدۇم ، دادامدىن قورقمايمەن دەيتتىم
« يەنە ساڭا گۈر – گۈر توۋلاپ گەپ قىلاتتىم »①
يوللاردا قولتۇقىڭدىن يۆلەپ مېڭىپ باقمىدىم
ھېلىھەم مۇڭلىرىڭنى سوراشقا ئۈلگۈرمىدىم
بىراق دادا
سەن ھىچنەرسىدىن رەنجىمىدىڭ
بۇيۇمنىڭ سېنىڭكىدىن ئېگىز ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەندىڭ
خەت تارتقان ساقال – بۇرۇتۇمدىن ئۈمىدلەندىڭ
يازغان شېئىرلىرىمنى ئوقۇپ ھاياجانلىناتتىڭ
جېنىم دادا
سەن تەتىل كۈنلىرىمنىڭ تولىمۇ قىسقىلىقىدىن ئۆكىنەتتىڭ
مېنى يېنىڭدىن ئايرىماسلىقنى ئارزۇ قىلاتتىڭ

ئەمما نېمە ئېلاج !
خوش دادا،خوش
مەن يەنە مەكتەپكە ماڭدىم ...


①: بۇ مىسرا ئابلەت نۇراخۇن زەپەرىنىڭ

ئىچىمدىكى ئايال

كىملىكىڭنى ئەسلىيەلمەيمەن ،
جېنىمغا جېنىمدىنمۇ يېقىنراق تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن .
مەن قونۇپ قالغىدەك كېچە قالمىدى ،
سەن ئۆچۈرگەن كۈندۈزدىن چىقىپ كېلىمەن .

بىلەمسەن
سېنى سېغىنىش ھېسلىرىم بىلەن ئورىۋالدىم .
تېنىمدىكى ئىشىكتىن جىمجىت چىقىپ كەتكەنچە ،
مەن سېنى ھېچيەردە ئۇچراتماقچى بولدۇم .

ئەرلەر مۇرادىغا يەتسە ئەر بولالمايدۇ
ئەر ئۆلگەندە مۇرادىغا يېتىدۇ  ...

ئەي ئىچىمدىكى قاراڭغۇ ئايال !
كىملىكىڭنى بىلمەيمەن ،
بىراق سېنى قەلبىم بىلەنلا كۆرىمەن .

ئۇ ئۇخلاۋاتىدۇ
( ھازىدار بىر قىز خاتىرىسىگە )
1
ئۇ ئۇخلاۋاتىدۇ
بىر تامچە ياش ئىچىدە
ھەم ياداڭغۇ تاش ئىچىدە

ئۇنىڭ كۆزلىرى چىڭ يۇمۇلغان ...

2
ئۇنىڭ بىر تۈپ دەرىخى يىقىلدى
توپا يىللارنىڭ لاي يوللىرىدا .
ئۇنىڭ يۈرىكى مۇجۇلدى ،
ئۆلۈمنىڭ مۇزدەك قوللىرىدا .

ئۇ خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدۇ
كۆز يېشىنىڭ يامغۇرلۇق تالاسىدا ،
پەرىشان توزىۋاتقان كىرپىكلەرنىڭ دالاسىدا
كېچە ۋە قارايغان بىر دېرىزىنىڭ سىرتىدا .
ئۇنىڭ كېمىلىرى كۈتىۋاتىدۇ
... كۈتىۋاتىدۇ
ئاقمىغان بىر دەريانىڭ ئۇ قىرغىقىدا ،
قوياش ھەركۈنى پېتىۋاتسىمۇ
ۋاقىت چىقىرىپ ئۆلۈپ كەتكۈچىلەرنى ،
ھەم شۇلار ئارىسىدىكى بىرلا كىشىنى .

3
ئۇ ئۇخلاۋاتىدۇ
چۈشىنى سۆزلەپ دەرەخلەرگە .
يۇلتۇزى يىتكەن تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىدۇ ،
مىنگىشىپ پەسىللەرگە ، پەسىللەرگە .
ۋە قوللىرىنى سوزىۋاتىدۇ
يېقىنلاپ تاش ئىشىكلەرگە .

ئۇ ئويغاندى
قىش بىلەن كۈز ئارىسىدا
بىر تامچە مۇزدەك ياش بىلەن تەڭ ،
بىر پارچە ئۆلگەن تاش بىلەن تەڭ  .

بىر كەتمەن – بىر كەتمەندىن
كۆمۈلمەكتە ئۇنىڭ ئاۋازى .
بىر تال – بىر تالدىن
تۆكۈلمەكتە ئۇنىڭ يۈرىكى .


كېچە ۋە يالغۇز يول يۈرگۈچى

سەن تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىمەن
كۆزلىرىمنىڭ سۈكۈتلىرى تاماملانغان ،
كۈتۈشلىرىم يولغا ئايلانغان ...

كېتىۋاتىمەن
سېنى سۆزلىگەچ يولدىكى دەرەخلەرگە .
سۆزلەيمەن ھەم سەن تەرەپتىن كەلگەن بۇلۇتلارغا
قارنىڭ پەرۋاز قىلىشلىرىنى ،
چاچلىرىمغا
كىرپىكلىرىمگە
قونۇشلىرىنى ، سەن ئېيتقان ناخشىلاردەك .
لەۋلىرىمگە سۆيىۋاتقان قارنى سۆزلەيمەن ،
سەن مېنى سۆيگەن قىزغىن كېچىلەردىكىدەك .

سەن تەرەپكە كېتىۋاتىمەن
قەلبىمدىكى يول بىلەن
كېسىپ ئۆتۈپ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىنى ،
ئۇنتۇپ كەتمەكتىمەن كوچا چىراقلىرىنىڭ ياداڭغۇ چىرايىنى ،
دەسسەپ ئۆتمەكتىمەن تەنھالىقنىڭ جەسەدلىرىنى .
كېتىۋاتىمەن
مېنىڭ مەۋجۇتلىقىم سەن تەرەپكە يۈزلەنگەن .

كېتىۋاتقاچ شۇنداق خىيال قىلىمەن :
كېلىۋاتقانلىقىمنى كۆرگەن بولساڭ تاش ئەينەكلىرىڭدىن ،
ياسىنىۋاتمسەن ئالدىمغا يۈگۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن .
سۆزلەۋاتامسەن ئۆز – ئۆزۈڭگە پىچىرلاپ ،
ماڭا ئېيتماقچى بولغان سۆزلىرىڭنى پىششىقلاپ .

تاملىرىڭنى ئاتلاپ ئۆتۈپ بۇياققا كەل !
سەن تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىمەن


سۆيۈپ ئويغاتتىڭىز كېچىلىرىمنى

سىز
چامغۇر سوراپ كەلگەن شۇ كۈنى
بېرىۋەتتىم
گەمىدىكى چامغۇرلىرىم ھەم
قەلبىمدىكى چامغۇرلىرىمنى

شۇ كۈندىن باشلاندىم ...
سۆيۈپ ئويغاتتىڭىز كېچىلىرىمنى
ھەم ئۇزارتتىڭىز سىز ھەققىدىكى چۈشلىرىمنى

مەن دېرىزەمدىن كېچىگە قارايمەن
كېچە يوللاردىن ئاياق ئىزىڭىزنى ئىزدەيدۇ
شامال دەرەخلەرگە ئىسمىڭىزنى پىچىرلايدۇ
يۇلتۇزلار قول سوزۇپ تېرىۋالار چىرايلىق خۇلقىڭىزنى
ئاي دوراپ ئېيتار ئېيتقان ناخشىڭىزنى

مەن يەنە قەلبىمگە چامغۇر تېرىدىم
چامغۇرلىرىم كۈتىدۇ سىزنى
چامغۇر سوراپ كېلىشىڭىزنى ...

سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى

سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى
مەن دادامنىڭ قارا پەلتوسىغا يۆگىنىپ ئولتۇرۇپ
تۆنۆگۈنكى كىتاپنىڭ داۋامىنى ئوقىۋاتىمەن
قەدەملىرىنى توختىتىپ ئۇزاقتىن – ئۇزاق سۆيۈشكەن ئەر – خوتۇنلارنى
تۈرۈم – تۈرۈم دولقۇنلارغا قاراپ ئولتۇرغان ساھىلدىكى ھېلىقى قىزنى
بانان يىيىشنى بىلىدىغان ئادەمسىمان مايمۇننى
باشقا بىر كىتاپتا ئوقىغانلىقىمنى ئېسىمگە ئالىمەن
بىزنىڭ بۇ يەردە دېڭىز يوق
بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئاشكارە سۆيۈشكەننى ھار ئالىدىغانلىقىنى بىلىمەن
ئېرىق سۈيىگە پۇتىنى چىلاپ ئولتۇرغان قىزلارنى كۆرگەنمەن
يامغۇر ياغقاندا سۇ ئىسسىق بولىدۇ
يامغۇرلۇق كۈننى تاللاپ سۇ ئۈزگىلى بارغانلىقىمنى ئەسلىيەلەيمەن

سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى
راھەتلىنىشنى بىلىدىغان قارا مۈشۈك پۇتلىرىم ئارىسىدا ئۇخلاۋاتىدۇ
خىياللىرىم خىيال سۈرىۋاتىدۇ …

سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتاتتى
يېشىل كىيىملىك دەرەخلەر ھۆل چاچلىرىنى سىلكىپ ناخشا توۋلايتتى
يامغۇر سۈيى قىپيالىڭاچ يۈگۈرگەنچە
ئۆيىگە قايتىشقا ئۇنىمايدىغان بالىلار بىلەن بىللە ئوينايتتى
يامغۇرلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان قىز
پاتقاق كوچىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ
ئۆزىنىڭ كۈنلۈككە ئەمەس
مۇھەببەتكە مۇھتاجلىقىنى ھىس قىلىپ قالاتتى

تالادا يامغۇر يېغىۋاتاتتى
بۇنداق چاغلاردا كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئاسمانغا قاراش بەك قىيىن …
مەن دېرىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ
يەر بىلەن يامغۇرنىڭ قۇچاقلاشقان چاغدىكى  ئېچىرقىشىغا دىققەت قىلدىم
ھەم قولاق سالدىم بوش ئاۋازدا پىچىرلاپ سۆزلەشلىرىگە …

شۇ كۈنى يۇلتۇزلار تالادا قالدى

يىرتىپ ئاسماننىڭ بۈرجىكىنى
چىگىپ قويدۇم
چېچىڭنى چىگىپ قويغان دەرەخلەرگە
كۆكلەپ چىقتىم
سەن ياسانغان ئەينەكلەردىن ...
* * *
بۈگۈن - تۆنۈگۈندىن ئۇزۇن بىلىندى
ۋاقىتتىن قىسقا بىر ئادەم شائىر ئىدى
ئىچىڭدە قاغجىراۋاتقان شارقىراتمىلار
چۈشۈمنىڭ تاشقا ئايلانغان داۋامى ئىدى
ئۇستازىم ئابدۇرەھىم ياسىن قاينامى :
قېتىپ قالغان شارقىراتمىلاردا
ئىھتىمال ھەممىمىز يۇيۇنغان دېدى

كېتىۋاتىمەن
ئەكىس سادادەك ئۆزۈمدىن ئۆزۈمگە
بۇ بەك ئۇزۇن يول ئەمما ئىسمى يوق ...
ئالدىمدا بىر تام ئويغاندى تۇرۇپ قالدىم
تاملار بىر ئۆيدۇر دېرىزىسى يوق
ئۆيلەر قەبرىدۇر ئىشىكتە قۇلۇپ ...
ئۆزۈمنى ئىزدەپ قەبرىگە كىردىم
بىراق ھىچكىم يوق

تەڭ قېرىماقتا
قۇياش  ۋە ئاي روھ ھۇجرىسىدا
قۇياشنىڭ بالىلىرى تەكچىدە يېنىپ تۇرغان
بىراق ئۇلار شام دەپ ئاتالغان
شۇ كۈنى يۇلتۇزلار تالادا قالغان ...


ئايتاش

(داستان)

تالادا تاڭ ئاتمىدى
بىر ئىشىك تۈۋىدە يىگىرمە ئۈچ يىل ساقلىسام
بىرەرتال گۈل ئېچىلمىدى
مەن كۆكسۈمنى تاشلارغا ئۇرسام
1. روجەك سىرتىدا ئاي
مەن ھېلىغىچە روجەك تۈۋىدە
كېچىگە تېخىمۇ يېقىن ئولتۇرۇپ
لېۋىڭدىكى گۈللەرنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتىمەن
قاچان دەرەخ بولىسەن
قوزا چۈشلەرنىڭ خام خىيالىدا
قاچان ئۆزۈڭنى سۆيسەن قېنىپ
بېدە باسقان كۆتەك ھارۋىدا
قاچان ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرىسەن
بىر تۈپ دەرەخنىڭ كاۋىكىدا
قاچان ئۆزۈڭنى چاقىرىسەن
مەسچىد مۇنارىنىڭ پەشتىقىدا
2 . مونولۇگۇم تاش
تاش سۆزلەيدۇ ئۇيغۇرتىلىدا
ۋاقىت قاراڭغۇ ، ئاستا – ئاستا
بىر بەت ئۆرۈدۈم كۆز يېشىمدىن
تارىخ نۆل ياشتا
بىر چال ئويغاندى ئوت ئىچىدە
تېنى يەردە
تىلى قوياشتا
ساختىلىققا تولغان بىر توپ ئادەم
قوياشنى يۈزيىل تەنھا قالدۇرغان بىر توپ ئادەم①
تاشقا ئايلانغان ئىدىيە بىلەن
تەن
ۋاقىت
ئۆلۈم ئارىسىدا
بىر – بىرىنى ھاقارەتلەپ ياشايدۇ
بىر قېتىملىق ساقال ئېلىشتىن كېيىنكى قىيالماسلىق
ئەينەك ئىچىدىكى قورقۇنۇشلۇق چىراي
خوتۇن ئالغاندىن كېيىنكى تالاغا قاراپ قېلىش
جاڭگالدىكى ئېشەككە نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە
ئەرگە تېگىشتىن ئويالغان قىزنىڭ سالدۇرغان يالغان قىزلىقى
يەنىلا قورقۇنۇشلۇق ھالدا مەۋجۈت
ئەرلەرنىڭ يارىشىملىق پادىچىلار تامبىلى ئىچىدە
ئاياللارنىڭ ئۇپا – ئەڭلىكىدە
ساختىلىققا تولغان بىر توپ ئادەم
ئۆزىنى يۈز يىل تەنھا قويغان بىر توپ ئادەم
تاشقا ئايلانغان ئىزلار بىلەن ...
داۋاملىشىدۇ
مېنىڭ بىردىنلا
مەيدىسىنى ئېچىۋەتكەن ئاياللار ئارىسىدا
تولغان كاسىلارنىڭ قورشاۋىدا
يەنىلا جىمجىت ياشاۋاتقانلىقىمنى ئەسكە ئالغىنىمدا
كوچىدا ئۆزىنى ئۆلتۈۋالغان ئەركەك ئىتلارنى مەدىھلىگۈم كېلىدۇ
3 . بۇ شەھەر
قۇيۇن ئىچىدە
يىڭنە تۆشىكىدىن تۆگە ئۆتكىچە
مۇزدەك داۋاملىشىدۇ بۇ شەھەر
سەن بىتۇن ئادەم
قولۇڭنى كەسسەڭ قان چىقمايدۇ
ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرۋېلىش
دارغا ئېسىلىش
ۋاقىتنىڭ ئۈستىدە يېنىپ تۇرغان قىزىل چىراقتا
رەزىل ماشىنىلاردەك توختاپ قالىدۇ
بىرتاش يېنىدا ئولتۇرپ
موخۇركا چېكىدىغان ئادەم بولۇشنى
خىيال قىلدىم بۇ ئۇزۇن كەچتە
كىرلەشكەن پايپاق
كۆيدۈرۋېتىشكە كۆزۈم قىيمايدىغان بىر دۆۋە كىتاب
جىنسى كېسەللىكنى داۋالاش ھەققىدىكى ئېلان ۋە
... نۇرغۇن نەرسىلەر ئىچىمنى لىق ئىگەللەپ كەتكەن بولسىمۇ
يەنىلا ياشاشنى قارار قىلىمەن
دېرىزىدىن بېشىمنى چىقىرىپ بىرتال تاماكا چەككەچ
ئەتراپتا قارايمەن
بۇ مېنىڭ ئاخىرقى كۆزلىرىم قاراۋاتقان
- سۆيسەڭ ئەگەر كۆكرىكىمدىن سۆي
بىر قۇچاق چاچ پاھىشخانىدا
قاراڭغۇ تەنلەردىن ساقىۋاتقىنى
بىر دۆۋە تاش ئىشىك يېنىدا
بۇ شەھەر -
بىر كارۋات
يالىڭاچ بەدەن
بىر تاشنى كۆكرىكىدىن سۆيىۋاتقان ئەر
ۋە مېنىڭ رەزىل بالىلىقىم
بۇ شەھەر
تامغا ئېسىلغان لاي بوياق رەسىم
نەقىشلىك رامكا ئىچىدە ئىشتىنىنى سېلىۋاتقان
تۇمان ئىچىدە
ئۆزىدىن نەپرەتلىك قېچىۋاتقان
4 . مەستلىك كوچىسى
گۇگۇم پەيتىدە
بىر ئايالنىڭ تاش ئەينىكىدە
ۋاقىت كەينىدە
سېنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمنى ئويلىمىغان
ھەم ئىككىمىزنىڭ ئوخشاش بىر كېسەلگە گىرىپتار ئىكەنلىكىمىزنى
كەل !
ئولتۇر يېنىمدا
بىز سوغۇق سۇدا ھاراق ئىچكەچ ②
دېرىزىلەرنى ئېچىۋېتىپ ، قىپيالىڭاچ ھالدا③
مىللەت ، شېئىر ۋە قىزلار توغرىسىدا
زەھەرخەندىلەرچە پاراڭلىشىمىز④
قۇرۇقدالغان بوتولكىلارنىڭ رومانتىك مەنزىرىسى ئالدىدا
قورسىقىمىز چىرىشقا باشلىغان
ئەتىگە مەست داۋاملىشىمىز
توۋلا !  بۇغۇزىڭدا كەيىپ جۈملە :
- ئۇيغۇرنىڭ شائىرلىرى كەلدى
- جالاپلارنىڭ شائىرلىرى بۇياققا چىقىڭلار !
5 . ئايتاش
1
ھەربىر يول مەڭگۈلۈك ناتۇنۇش
كېتىۋاتىمەن
كېچىدىن چىقىپ كېچىگە
خۇدا
پەرىشتە
ۋە مەن ئۈچەيلەن
بۇ تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈش دەۋرى ...
يەنىلا مەۋجۈت
يارىيار ھارۋىلارنىڭ كۆچىشى
ياغاچ چاقلارنىڭ ئۈستۈمدىكى كىيىملەردەك ئاۋاز چىقىرىشى ۋە
لۈكچەكلەرنىڭ يېرىم كېچىدە
قىز – چوكانلارنى بولاپ كېتىشى
يەنىلا مەۋجۈت
دۇئاغا كۆتۈرۈلگەن قوللارنىڭ كۆسەي بولىشى
سەن ئادەم ئاتىنىڭ پۇشتى دېسە
ئۆكۈنىمەن بىرتال قۇۋرىغامنىڭ كەملىكىگە
مەن ئادەممۇ ئەمەس
مەندە بۇنداق خىيال ئەزەلدىن بۇلۇپ باقمىغان
مەن كاپىر ئەمەس
ئىشىنىمەن يارىتىشنىڭ شەكلىگە
ئىشىنىمەن يارىلىشنىڭ مەنىسىگە
2
مەن چىرايلارنى يىغىپ ساقلىغۇچى
سەن چىرايىڭنى ئېلىپ قاچقۇچى
كەل كۆزۈڭگە ئۇزۇنراق قارىۋالاي
يۈزلىرىڭنى سىلىۋالاي قاداق باسقان قوللۇرۇمدا
بۇ بەلكىم شائىرنىڭ بىر كۈنلۈك پۇرستى
قات – قات يالىڭاچلىقىم بىلەن
سىلەرنى سۆيۈش ئستىكى دائىم بىرلىشىدۇ
بىراق مەن كىيىم ئىچىگە مىخلانغان
ھەم پارچىلانغان
تاپىنىڭلاردىن سۆيەي سىلەرنى
پىما ئىچىدە قۇم پۇرىقىغا ئارلىشىپ كەتكەن تاپىنىڭلاردىن
ئالقىنىڭلاردىن سۆيەي سىلەرنى
شۇخا پاتقان ، كەتمەن چاپقان ، نان ياققان
ئىجازەت قىلىڭلار ! قانغۇچە سۆيىۋالاي
ئىھتىمال بۇ كېچە ئاخىرلاشقاندا مەن يوق
سىلەر يوق يەنە يۈز يىلدىن كېيىن
يۈرىكىڭلارغا تەگسە بىر پاي ئوق
3
تالادا ئۆيۈم
ئۆيۈمدە يۇشۇرۇن ئۆلۈم
قېنىم شاراپتا
ئىسمىم ئاي ، تاشتا ...
ئارىمىزدا يىنىك – يىنىك شىۋىرلاش
تۇساتتىن ئۇچراشقان كۆزلەرنىڭ ئىلاجىسىزلىقى
ۋە تۈشۈك پايپاقنى پۇتلار ئارىسىغا يۇشۇرۇشقىچە
بىزنى چەكسىز يېقىنلاشتۇرىدۇ
بىز ئۇيغۇرتىلىدا مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىمىز
ئۇيغۇرتىلىدا ئازاپلىنىمىز
ماڭماقتىمەن چىلىق – چىلىق
چارشەنبە بازارنىڭ ۋاڭ – چۇڭلىرى ئارىسىدا
بۇ غېرىپلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئىپتىدائى يولى
6 . يىراق يۇلتۇزلار
1
مەن يەنىلا
شەكلى ئۆزگەرگەن چىرايىم بىلەن
كوچىلاردا تەكرارلىنىمەن
مېنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن چىرايىم
مېنىڭ تاشقا ئايلانغان كۆزلىرىم
تېرەمدىكى نەم ئىزلار بىلەن قوشۇلۇپ
پاتقاق كوچىلاردىكى ھارۋا ئىزلىرىغا
جىمجىت ئارلىشىپ كېتىدۇ
بەزىدە قايغۇلۇق
بەزىدە قۇپقۇرۇق
يىراقلارغا تىكىلگۈم كېلىدۇ ، ئەڭ يىراقلارغا
ئەڭ يىراق دىگىنىم بەلكىم
بۇ يەر بىلەن
تىتىرەۋاتقان ئىككى پۇتۇم ئارىسىدىكى
...
بەزىدە ئاسماندىنمۇ ئېگىز بىر جايغا چىقىپ
زەھەرخەندە شامالغا
مەيدەمدىكى قاپقارا تۈكلەرنى سىلاتقۇم كېلىدۇ
بەزىدە تاملارغا ئۆزۈمنى ئۇرۇپ
ئېغىز ، بۇرنۇمنى قاناتقۇم كېلىدۇ
ئاۋازىمنى بىر تاش بېسىپ تۇرىدۇ
بولمىسا مەن ۋارقىرىغان بۇلاتتىم
سېنى سۆيىمەن ئەمەس
سىلەرنى سۆيىمەن دەپ ۋارقىرىغان بۇلاتتىم
بىراق مەن بوش ئاۋازدا سۆزلەيمەن
ۋارقىرىسام يۈرۈكىم ئاغرىيدۇ
ۋارقىرىسام كۆزلىرىم پولتىيىپ چىقىدۇ
2
كۆزلىرىمنىڭ يېرىمى ياش
كۆزلىرىمنىڭ يېرىمى تاش
بىراق يىغلىيالمايمەن
سەن ‹‹ ئەر ›› دېگەن سۆزنى ئېسىمگە ئالسام
چاچلىرىمنى تاراپ
ئايىقىمنى مايلاپ
ئەينەككە پاتمىغان خىياللىرىمنى
كۆزلىرىمگە يۇشۇرۇپ ياشايمەن
3
مەن تۇمۇرۇمدىكى قاننىڭ ئېقىشىغا قولاق سالغاچ
روجەك تۈۋىگە سوزۇلۇپ بارىمەن
كېچىچە قارا بېسىپ ئۇخلىمىغان تالا
يوللارنىڭ كىرلىشىپ كەتكەندىكى يان كۆرىنىشى
بۇ تەرەپكە يېقىنلاۋاتقان ئاياق تىۋىشى
خوشنامنىڭ ئىشىكلەرنى جالاقلىتىپ يېپىشى
مېنى سۈكۈت تاملىرى بىلەن قورشاپ قويىدۇ
مەن يىراقتىكى بۇرادىرىمگە تېلفۇن قىلىپ
ئۇ يەردە قار ياغقان – ياغمىغانلىقىنى سورايمەن
ئاندىن ئۆزۈم ھەققىدە سۆزلەيمەن
ھەركىمنىڭ دەردى ئۆزىگە يىتىپ ئاشىدۇ
ئۇ بۇرادىرىم بىردەم جىم بۇلىۋېلىپ :
- سۈكۈت قىل ... سۈكۈت
- بۇ تۇرمۇشنىڭ نورمال نوقتىسى دەيدۇ
4
قەلبىمدىكى نەم ئەسلىمىلەر بىلەن
سېنىڭ ياداڭغۇ كۆزلىرىڭ ئارىسىدا
يامغۇر تامچىلايدۇ
كەشتىلەپ چىقىمەن تۈننى ئۇخلىماي
تەننىڭ ئەڭ قاراڭغۇ جايلىرىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ
ئىپادىلەيمەن ئامالسىزلىقنى
ئون بارمىقىمنى بىر – بىر سۇندۇرۇپ
ئاۋازلارنى قاچىلايمەن ئىچىمگە
چاچلىرىمنى سىقىمداپ يۇلۇپ
لېۋىڭدىكى ئۇ كىمنىڭ قېنى
كۆزۈڭدىكى ئۇ كىمنىڭ يېشى
چۈشەندۈر
كۆزلىرىمنى يەپ كېتىۋاتقان كۆزلەرنى
قات – قات كىيىملەر ئىچىدە سىقىلىۋاتقان تەننى
بىرتال ئۆسمىدەك يوغىناۋاتقان غەمنى چۈشەندۈر
5
ئۇھ ... توققۇز كۆزۈم ئاغرىيدۇ
ئۆلۈمنىڭ خاسلىقىغا ھەيران قالىمەن
تۇغۇلۇشنىڭ راستلىقىغا ھەيران قالىمەن
ئىگەم بىزنى ئويغاتقايسەن قەبرىلەردىن
ئىگەم بىزنى كۆكلەتكەيسەن سەبىرلەردىن⑤
، ②،③،④ بۇ مىسرالار شائىر تاھىر ھامۇت قەلىمىگە تەئەللۇق
⑤ بۇ مىسرا شائىر رەخىم ياسىن قاينامى قەلىمىگە تەئەللۇق


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-7 02:49:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان تۆمۈر تۇراننىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-7 18:08:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجان تۇرۇن مەندىن ئاران ئىككى ياش چوڭكەن مەنمۇ قاچان بۇ كوچىغا سىغدىلىپ كىر ۋالارمەن

ۋاقتى: 2012-4-7 19:05:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيتىڭىزگە بەرىكەتلەر يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2012-4-7 19:08:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نىمە دىگەن ياخشى تىمىلار بۇ  ؟   
   ئائىشەنىڭ  بەشىنچى پەسلى  _  بۇ شېئىر ماڭا بەك ياقتى .

ۋاقتى: 2012-4-7 21:17:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دادامغا يېزىلغان خەتكە يەنە كىرىپ قالدىم....

ۋاقتى: 2012-4-7 21:43:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجاننىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-7 23:05:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمجاننىڭ قەلىمىگە بەركەت تىلەيمەن  .

ۋاقتى: 2012-4-8 10:46:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يېڭى مۇنبەرگە كۆچۈرۈپ ئېلىپ كېلىپ ئاۋارە بوپسىز ھەدە ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر ...

ۋاقتى: 2012-4-8 12:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش ماۋزۇسى چاتاق تۇرىدۇيا؟

ئەلپىدا ئەلپىدا ئەلپىدا ئەلپىدا  دېگەن سۆز نەدىن قوشۇلدى؟

ۋاقتى: 2012-4-9 20:09:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
            ئىنىم ئالىمجان تۆمۈر تۇراننىڭ خاسلىق ئىچىدە روھقا چوڭقۇرلاش قەدىمىدىن گۈللەر ئۈنۈپ تۇرسۇن، ئىجادىي ئىزدىنىشلىرىگە يەنىمۇ زور نۇسرەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2012-4-13 17:45:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرلىك ئىنىمىز ئالىمجانغا ھەر ۋاقىت پاكىز ئەقىدە،ئوتلۇق تەپەككۇر ھەمرا بولغاي.ئاللاھ تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!

ۋاقتى: 2012-4-13 18:49:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرىشچان ئىنىمىزنىڭ ئۇقۇش ،ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش مۇساپىسنىڭ  ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىنى تېلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-14 12:57:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىنى كۆرۈپ خوش بولدۇم

ۋاقتى: 2012-4-14 18:49:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇران ،ئەكەل ئاداش قولۇڭنى !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش