نورۇز تەشنالىقى
ئاپتورى: ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت
ئاۋازدا: ئىپارگۈل باتۇر
كىرىشتۈرگۈچى: مەخمۇتجان كېرىم
نورۇز تەشنالىقى (نەسر) ئېلى بۇراۋىدىن (بۈركۈت)
كەل، نورۇزۇم كەل. خىسلەتلىرىڭنى، ھېكمەتلىرىڭنى ئېلىپ كەل. ياپراقلار بەرگىدە ئولتۇرۇپ ھاياتلىقنىڭ بۇ ئەڭ گۈزەل دەقىقىلىرىنى زوق-شوق بىلەن كۈيلەۋاتقان نەغمىچى قۇشلارغا، يېقىملىق تىۋىشلىرى بىلەن سۇمبۇل چاچلارنى ئەركىلىتىپ، ئوماق زىناقلارنى سۆيۈپ ئۆتۈۋاتقان ئەركە شاماللارغا، ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈپسۈزۈك باھار چەشمىلىرىگە ئىلھام-مەدەت بەر. ئۇلار بۇ گۈزەللىكنى تاغلاردىكى قار لەيلىلىرىگە، باغلاردىكى رەڭگارەڭ چېچەكلەرگە، سەھرا دالىلىرىدىكى ئەنبەر پۇراق كاككۇك گۈللىرىگە، قەلبلەر پايانىدىكى ئەمدىلا بىخلىنىۋاتقان يۇمران تىلەكلەرگە يەتكۈزسۇن. كەل، نورۇزۇم كەل. ساداقەت ئېلىپ كەل، كامالەت ئېلىپ كەل. نورۇز خاسىيىتى ھەققىدە قىسسە سۆزلەۋاتقان، باھادىرلىقنىڭ، قەھرىمانلىقنىڭ تەبىرىنى يېشىپ بېرىۋاتقان، ئاپئاق ساقاللىق خىزىر سۈپەت بوۋايلارغا، ئەدەب-ئەخلاق، قائىدە-يوسۇن،ئەنئەنە توغرىسىدا تەربىيە قىلىۋاتقان مېھرى ئاتەش، خۇشچىراي، پەرىشتىدەك مومايلارغا ساقلىق، ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىل. ئۇلار ھەر يىلى سېنىڭ نۇردەك جامالىڭنى كۆرۈپ تۇرسۇن. تاللارنىڭ شىۋاقلىرىنى ئات قىلىپ مىنىۋالغان گۆدەك شاھزادىلەرگە، مەجنۇنتاللاردىن چاچ ياساپ قىرىق كوكۇلىلىق بولۇۋالغان سەبىي مەلىكىلەرگە بەخت بەر، تەخت بەر. دىللىرىغا ساداقەتنىڭ رەڭدار نەقىشلىرىنى چېكىپ قوي. ئۇلار سېنىڭ بۇ كامالىتىڭنى پۈتكۈل ئالەمگە جاكارلىسۇن.كەلگۈسىدە گۈزەللىك بىلەن رەزىللىكنى، ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتەلەيدىغان ۋىجدانلىق ئەركەكلەردىن، ھايالىق، باھالىق قىز-چوكانلاردىن بولسۇن. كۈللى مەۋجۇداد سەندىن ئەنداز ئالسۇن. كەل، نورۇزۇم كەل. سائادەت ئېلىپ كەل، بەرىكەت ئېلىپ كەل. نورۇز ئېشىنىڭ مەززىلىك ھېدلىرىدىن مەستخۇش بولغان، بەخت-سائادەتكە تولغان ئاۋۇ كۆجۈم مەھەللىلەرگە مەڭگۈلۈك بەرىكەت ھەدىيە قىل. ئۇ يەردىكى ساددا، ئاقكۆڭۈل، مېھماندوست قەلبلەرنى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلا. ئوغلاق تارتىشىۋاتقان چەۋەندازلارنىڭ، چېلىشىۋاتقان پالۋانلارنىڭ دىل بەتلىرىگە غەيرەت-شىجائەتنىڭ، سۇنماس جاسارەتنىڭ بۈيۈك شەجەرىلىرىنى ئويۇپ قوي. سوقۇشۇۋاتقان خوراز،قوچقارلارغا، جەڭنامىلەرنى سۆزلەۋاتقان مەدداھلارغا، تۈرلۈك ماھارەتلەرنى، كارامەتلەرنى كۆرسىتىۋاتقان جامبازلارغا قاراپ ئالەمچە شادلىنىپ كەتكەن ئاۋۇ گۈلگۈن چېھىرلەرگە نۇرلۇق كۈلكىلەرنى يار قىل. ئۇلارنىڭ شادلىق كۈلكىلىرى سېنىڭ خاسىيىتىڭگە ياڭراۋاتقان بۇ شادىيانە كۈيدەك ئەبەدىي جاراڭلاپ تۇرسۇن. كەل، نورۇزۇم كەل. مېھىر-رىشتە، سۆيگۈ-مۇھەببەت ئېلىپ كەل. ئوتلۇق مېھىرگە، چىن سۆيگۈگە تەشنا يۈرەكلەر سېنىڭ شاراپىتىڭدىن جۇلا ئەمسۇن.غەمناك كۆڭۈللەر شادلىقنىڭ، خۇشاللىقنىڭ دالاسىدا نورۇز سەيلىسى قىلسۇن.ئاداۋەت-نىزالار ئاۋۇ بۇلدۇقلاپ ئوقچۇپ تۇرغان بۇلاق سۇلىرىغا ئوخشاش يىراق-يىراقلارغا ئېقىپ كەتسۇن.مەرد ئوغلانلىرىمىز يېتىم-يېسىرلارغا، ئاجىزەلەرگە ئۆزلىرىنىڭ ساخاۋەتلىك قۇچاقلىرىنى كەڭ يايسۇن. ھەممە ئاسايىشلىقنىڭ، ئامەتنىڭ بەھرىگە چۆمسۇن. بارچە ھايات نورۇز ناۋاسىغا جۆر بولسۇن. كەل، نورۇزۇم كەل. گۈزەل ئوپال دىيارىغا ـــ نورۇز بۇلاق بويلىرىغا كەل. سۆيۈملۈك قەدىمىي شەھەر، تالاي رىۋايەتلەرنى قۇچاقلاپ ياتقان سېھىرلىك ماكان، ئەزىزانە قەشقەرگە كەل. شائىر-مۇغەننىيلەرنىڭ مۇشائىرە-مۇتالىئەلىرىدىن، ياخشىلىق، ۋاپا، دوستلۇق، ئەقىدە تامچىلاپ تۇرىدىغان ئوتلۇق لىرىكىلىرىدىن مەھمۇد بوۋامنىڭ روھىي كۈلسۈن. ئىلىم-ئېرپان نۇرلىرى كەڭ تارالسۇن.نىگاھلار سەتھىدە بەختىيارلىق ھېسلىرى كۈۋەجىسۇن. مۇقەددەس ھېيىتگاھ مەيدانى كانۋاي كۆڭلەك،بادام دوپپا كىيگەن ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ جۇشقۇن سامالىرى بىلەن، بەللىرىگە پوتا باغلىۋالغان بەردەم سۇنايچىلارنىڭ ناغرا-دۇمباق سادالىرى بىلەن لەرزىگە كەلسۇن، تېخىمۇ قايناپ كەتسۇن. ساما بۇرجىدىكى قۇياش بۇ ئەلگە، بۇ كىشىلەرگە مەمنۇنىيەت بىلەن باقسۇن.پۈتۈن جاھان ئەھلى سۇتۇق بۇغرانىڭ، مەھمۇد، يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئۇلۇغ بىر خەلقنىڭ مەۋجۇدلىقىنىمۇ بىلىپ قالسۇن!!!
مەزكۇر ئەسەر «قەشقەرگېزىتى»نىڭ2013-يىلى3-ئاينىڭ22-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-22 20:28
|