مەمتىمىن توختاشنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىسى يەكەندە ئۆتكۈزۈلدى
4 X) c) v3 L4 z6 z7 U f
شىنجاڭ رەسساملا ئاكادىمىيىسىنىڭ تەكلىكپلىك رەسسامى، يەكەن ناھىيلىك گۈزەل سەنئەت خەتتاتلىق جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ئاتاغلىق رەسسام مەمتىمىن توختاشنىڭ«گۈزەل يەكەن تىمىسىدىكى ماي بوياق رەسىملەر كۆرگەزمىسى مۇشۇ ئاينىڭ 8ـ كۈنى يەكەن كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغۇلۇق ئىچىلدى.
/ |0 v' b3 E5 q3 J# {) F يەكەن ناھىيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى، يەكەن ناھىيلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يەكەن ناھىيلىك مائارىپ خىزمىتى كومتىتى، يەكەن ناھىيلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە، رادىئو ـ تىلىۋىزىيە ئىدارىسى، يەكەن ناھىيلىك مەدەنىيەت يۇرتى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە تەشكىللىگەن بۇ كۆرگەزمە 28 ـ قىتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى كۈتۈۋىلىش مەخسىدىدە ئىچىلغان بولۇپ يەكەن ناھىيلىك 3 ـ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالى دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى مەمتىمىن توختاشنىڭ يىقىنقى بىرقانچە يىلدىن بىرى سىزغا ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن 40 پارچىدىن ئارتۇقى قاتناشتۇرۇلغان. بۇ رەسىملەردە يەكەن ناھىيسىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشلۈك تارىخى، تەبى مەنزىرىسى ئاسارە ئەتىقە يادىكارلىق ئورۇنلىرى، ئادەملىرى مەزىرە رايۇنلىرى ۋە ئىسلاھات ئىچىۋىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تەرەققىياتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ كۆرگەزمە كۆرگۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى.
! Z5 p+ @- N- N, ?* X: j; M3 v
كۆرگەزمىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتۇنۇم رايۇن ئىچى سىرتىدىكى داڭلىق رەسساملار، گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق خادىملىرى يەكەن ناھىيلىك سىياسى كىڭەش ۋە مائارىپ، مەدەنىيەت ئىدارىرىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلاردىن بولۇپ نەچچە يۈز كىشى قاتناشتى.
+ H+ x$ ]" S1 ?$ e% u, G9 K" E* E
كۆرگەزمە ئاخرىدا مەمتىمىن توختاشنىڭ بەش پارچە ئەسىرى باھا تالاشتۇرۇپ سىتىلدى. كۆرگەزمە تەشكىللەشكە مەسئۇل بولغان تارماقنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە بۇ كۆرگەزمە يەتتە كۈن يەكەن ناھىيسىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىغا ئىچىۋىتىلىدىكەن.
4 ~$ g5 z$ _% M5 `