يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1708|ئىنكاس: 19

مۇھەررىرلەر ۋە مۇنبەر ئەزالىرىغا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يازغۇچىلار تورى قۇرۇلۇپ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولدى. ھەر قايسى جايدىكى موھەررىرلەرمۇ بىر ژورنالنىڭ مۇھەررىرلىرىدەك تىنىمسىز ئىشلەپ، ئەجىر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ مۇنداق بىر قانچە تەكلىپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ.
1. ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىملا ئەسەر تەستىقلانسا؛
2.مۇشۇ بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە مۇنبەر ئەزالىرى نۆۋەتتە كۆرۈنۈۋاتقان ئەسەرلەر ئۈستىدىلا مۇلاھىزە قىلىشساق. ‹‹ياخشى، مۇبارەك بولسۇن...›› دېگەندەك تاللا بازىرىدا ساتىدىغان ئىنكاسلارنى ئاز يوللاپ، شۇ ئەسەرنىڭ تىلى، ئۇسلۇبى، قۇرۇلمىسى، ئىددىيىسى، كىيىنلىك مەۋجۇتلۇقى...قاتارلىق جەھەتلەردە ئەركىن مۇنازىرىلسەك، زۆرۈر تېپىلغاندا ئاپتۇرىنىمۇ مۇشۇ غۇلغۇلىغا قاتناشتۇرۇپ، بىر ئورتاقلىققا كەلسەك. بۇنداق بولسا ئاپتورلارمۇ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.
3.ئەسەرلەرنى ئاز بەرگەندىكىن ھەر قايسى ژورنال موھەررىرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، شۇلار ئىچىدىن ژورنالغا ماس كېلىدىغانلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىشىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسە. تور ۋە مەتبەئەنى تېخىمۇ ئىچ قويۇن، تاشقويۇن قىلىشقا كۈچىسەك.
4. بەزى ياشلار ئۆزىگە قاتتىقراق تەلەپ قويسا، بىر ئولتۇرۇشىدا بەش-ئالتە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ شېئىرنى يېزىۋىتىدىغان، سائەت-سائەتلەپ كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدىن قوپماي ئولتۇرۇپ ئەسەر يازىدىغان، ئۇياقتىن يېزىپ بۇياقتىن يوللايدىغان ئىشلارنى قىلمىسا، ئەسەرگە پىششىق ئىشلەپ پۇختىلانغاندىن كىيىن يوللاشقا تىگىشلىك بولسا يوللىسا.
5.مۇنبەرگە ھەۋەس، نام-ئاتاق، شان-شۆھرەت ئۈچۈن كىرمىگەن بولساق. يەنى باشقىلار بىر-ئىككى پارچە شېئىرىمىزنى قاراقويۇق ماختاپ قويسا ‹‹ھە، مەنمۇ قالتىسكەنمەن›› دەپ ئويلاپ ئىلھام كەلسۇن-كەلمىسۇن يېزىپ، ئەسەرلەرنىڭ قۇرغاقلىشىپ، تەمسىز بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانسا.
6.بولسا ھەر بىر مۇنبەر ئەزاسىغا ئايدا يوللايدىغان تېما سانىغا چەك قويساق.  بۇنداق دېگەندە، ئۆتكەن يىلى خوتەنگە چىققان ۋاقتىمىزدا ئابدۇرىشىت ئېلىنىڭ قولىدا ئىككى تىلىفۇن باركەن، بىرىدە سۆزلىشىدىكەن، بىرىدە ئەسەر تەستىقلايدىكەن. ئەسەر تەستىقلايمەن دەپ بىز بىلەنمۇ تۈزۈك مۇڭدىشالمىدى، مۇھەررىرلەرنىڭ ، شۇنداقلا شۇنچە نۇرغۇن مۇنبەر ئەزاسىنىڭ ۋاقتىنى ئالغانغا چۇشلۇق ياخشى ئەسەرنى يوللايلى.

بۇ پىكىرلىرىم سەل تاققا-تۇققا بولۇپ قالدىمۇ تاڭ ئۇقالمىدىم. بىرلىكتە پىكىرلىشىپ باقايلى، مۇھەررىرلەرنىمۇ بۇ پىكىر-تەكلىپىمنى كۆرۈپ بېقىشىغا تەكلىپ قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-22 21:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-22 11:14:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام‹‹مەدەنىيەت بوستانى››نى كۆرگەن ئوخشىمامسىز ؟؟؟

ۋاقتى: 2013-3-22 11:25:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تولىمۇ ئورۇنلۇق تەكلىپ بوپتۇ...

ۋاقتى: 2013-3-22 13:02:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئورۇنلۇق تەكلىپ بوپتۇ.....
بولۇپمۇ، مۇنبەرگە سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى يوللىساق، ھەمدە  ياخشى چىققان ئەسەرلەرنى ماس
كېلىدىغان گېزىت-ژۇرناللارغا تونۇشتۇرۇش ئىشى ئەمەلىيلەشسە... تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى...

ۋاقتى: 2013-3-22 14:53:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     مۇنبەرگە سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى يوللىساق، ھەمدە  ياخشى چىققان ئەسەرلەرنى ماس
كېلىدىغان گېزىت-ژۇرناللارغا تونۇشتۇرۇش ئىشىنى  تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بارسا،بەك ياخشى بولاتتى.بىزدەك ھەۋەسكار ياشلارغا پايدىسى بولاتتى.

ۋاقتى: 2013-3-22 15:49:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەنمۇ سەھەرنىڭ پىكرىنى قوللايمەن .مۇنبەر نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنى قېزىپ چىقتى ،نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنى ،يازغۇچىلارنى ھەم يىتىشتۈردى يىتىشتۇرىۋاتىدۇ .
  يازمىلارغا چەكلىمە قۇيۇش ئەمەس ئەكسىچە ئۇنىڭغا بولغان پىكىر تەكلىپلەرنى بېيىتىش ئارقىلىق مەدەت ۋە ئالغا ئىلگىرلەشكە يول ئېچىش كىرەك دەپ ئويلايمەن.

ۋاقتى: 2013-3-22 21:16:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزگۈنىڭ مەزكۇر تېمىسىنى يوللىشى مېنىڭمۇ نەچچە ۋاقىتتىن ئويلاپ كېلىۋاتقانلىرىم بىلەن ئازدۇر كۆپتۇ ئوخشاشلىق بار ئىكەن.
ھازىر مۇنبەردە 1700 دىن ئارتۇق تىزىملاتقان ئەزا بار ئىكەن. ھەر كۈنى بىزگە يوللىنىدىغان ئەسەرلەر سانى خېلىلا كۆپ. مۇھەررىرلەر بۇ تېمىلاردىن تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى شاللاپ ئاندىن تور يۈزىگە چىقىرىۋاتىمىز. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب تورىمىزغا ئىشتىراك قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ياش ھەۋەسكار بالىلارغا كۆپرەك پۇرسەت بېرىش ئۈچۈن ئىدى.
ئەمما قارايدىغان بولساق، بەزى تورداشلار كۆزگۈ دېگەندەك بىرلا قېتىمدا بىر نەچچە تېمىسىنى تەڭلا يوللايدۇ. بىر قېتىمدا تەستىقلانمىسا يەنە قايتا - قايتا يوللايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.
شۇڭا تورداشلارغا تېما يوللاشتىن بۇرۇن ئۆز تېمىسىنى ئوبدان دەڭسەپ بىزگە توپلام قىلىپ يوللىماي ئەڭ ياخشىلىرىنى، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتىدىكى ياخشى پەللە ياكى ئۆزگىچىلىك دەپ قارىغانلىرىنى يوللىسىكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن. بىزگە ھاياجان بىلەن تور ئالدىدا ئولتۇرۇپلا يازغان مەشىق ئەسەرلىرىڭىزنى يوللىماڭ! بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس. مۇنبىرىمىزدە كۆپلەپ ئەسەر ئېلان قىلىش سىزنىڭ كاتتا شائىر بولۇپ كەتكەنلىكىڭىز ئەمەس. ھەتتا مەتبۇئاتلاردىمۇ كۆپ ئەسەر ئېلان قىلىۋىلىشمۇ سىزنىڭ ناھايىتى ياخشى يازغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلاپ بەرمەيدۇ.
كۆزگۈ، بىز ھەپتىدە بىر تېما يوللايمىز دەپ قائىدە بىكىتىۋالساق تورىمىزنىڭ «يېزىقچىلىق سۇپىسى» بولۇشتەك خاسلىقىغا قارشى بولۇپ قالىدۇ. بۇ باشقا مۇنبەرلەرگە ئوخشىمايدۇ. خاس يېزىقچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يازارمەن. شۇڭا سىزنىڭ بۇ پىكىرىڭىزنى قوبۇل قىلساق بولمايدۇ دەپ قارايمەن. ئەمما سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭىتىپ، پاخپاقچىلىقنى تۈگەتسەك بولىدۇ. بىز ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچەيمىز.
سىز دېگەن «ئەزالارنىڭ ئايلىق تېما يوللاش سانغا چەك قويۇلسا» دېگەن پىكىرنى ئويلىشىپ باقساق بولغۇدەك.  «ھەپتىلىك تېما يوللاش سانى»غا چەك قويۇپ ماڭساقمۇ بولىدۇ.

ياخشى بىر يازارمەن بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ياخشى بىر ئوقۇرمەن بولۇشنى ئۆگىنىش كېرەك. باشقىلارنىڭ سەرخىل نادىر ئەسەرلىرىدىن ئۈلگە ئالساق، كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىدىن ساۋاق ئالىمىز. تور ئىجادىيىتىنىڭ ئەۋزەللىكىمۇ ئەسلىدە شۇ ئىدى.
ھازىر مۇنبىرىمىزگە قارايدىغان بولساق ھەر قانداق تېمىدا بىر تالاي ماختاش، كۆپتۈرۈش، «ياخشى بوپتۇ»، «ھارماڭ»، «ياخشى يېزىپسىز» ... دېگەندەك پاخپاق ئىنكاسلار بار. بىر قىسمىنى باشقۇرغۇچىلار تازلاپ ماڭدۇق. ئەمما تازىلاپ ئۈلگۈرگىلى بولمايۋاتىدۇ. ئامال بولمىغاندا شۇنداق «كەسپى ئىنكاسچى» تورداشلارغا ئۇچۇرمۇ قالدۇردۇق.
تورىمىز يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ناھايىتى ياخشى سۆھبەت، مۇنازىرىلەر روياپقا چىققان ئىدى. ھازىر كۆزگۈ ئۈستىدە ئېيىتقان ئەھۋالنى ھەممەيلەن ھېس قىلىپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى كۆرگەن چېغىڭىزدا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشقا ئادەتلەنسەك. يادلىۋالغاندەك ھەممەيلەن بىر خىل ماختاش ئىنكاسلىرى بىلەن ۋاقتىمىزنى ئاۋارە قىلمىساق. ئىشىنىمەنكى سىزنىڭ ئاشۇ ماختاشلىرىڭىز تېما يوللىغۇچىغىمۇ ياقمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى سىزنىڭ سەمىمىي، ئەستايىدىللىقىڭىز تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.
بۇ قېتىم «خانتەڭرى تور ژورنىلى»نى ئىشلەۋىتىپ، تورىمىزدىكى بۇ خىل قاتمال ئىنكاسچىلىققا قارشى ھالدا، تورىمىزدىكى ياخشى ئەسەرلەرگە يېزىلغان ئەستايىدىل، نادىر ، سەمىمىي ئىنكاسلارنى تاللاپ ئېلىپ «نادىر ئەسەر - سەرخىل پىكىر» دەپ دەپ سەھىپىگە ئېلىپ تورداشلارغا تەييارلىدۇق(پات پۇرسەتتە تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى). مەقسىتىمىز تورداشلارغا سەمىمىيلىكنىڭ، ئىلمىي،ئەستايىدىللىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويايلى دىدۇق.  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سىزنىڭ ئاشۇ ئەستايىدىل يازغان ئىنكاسلىرىڭىز ۋاقتى كەلگەندە ناھايىتى ياخشى بىر پارچە ئوبزۇر بولالايدۇ. ئاپتۇر ۋە ئوقۇرمەنگە ھەققى نەپ بېرىدىغىنىمۇ شۇنداق ئىنكاسلار ئەلۋەتتە.

يەنە بىر پىكىرىم: تورداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا بىر قىسىملار بىزگە بىر تېما يوللاپ بولۇپلا باشقا تورغا چاپىدۇ. قارىسا ھەممە تور بىكەتلەردە «ۋابا»، «تەمرەتكە» دەك ئوخشاش بىر تېما يامراپ كەتكەن.  بۇ بىر ئەخلاقسىزلىق. (تورداشلار خەۋەر تاپمىسا بولمايدىغان ئۇچۇر، مۇراجىئەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا). بىز بۇرۇنمۇ بۇ خىل ئەھۋالنى تەنقىدلىگەن. شۇڭا بۇنىڭغىمۇ دىققەت قىلساق.  ئەگەر باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ تەڭ يوللانغان ئەسەرلەر بولسا بىز باشقۇرغۇچىلار ئۇنداق تېمىنى ئۆچۈرۈپ ماڭىمىز ياكى تەستىقلىمايمىز. بۇ تەرىپىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ.

ئاخىرىدا كۆزگۈ قاتارلىق تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق ياخشى  تەكلىپ - پىكىرلەرنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز.  سىلەرنىڭ قوللىشىڭىلار بولغاندىلا بىز ئاندىن ياخشى قىلالايمىز. بىز ياخشى قىلالىساق ھەممىمىز بەھىرلىنىدىغان سەرخىل بىر ئەسەرلەر جەمگاھى شەكىللىنىدۇ.

ۋاقتى: 2013-3-22 21:26:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Bu yahshi teklip boptu. Menmu deqqat qilsam bolghidek, reshidning sozidin sel hijil bop qaldim, dostumning tewsitesi bilen uzumning terjimilirini bashqa beketkimu yollaptikenmen.

ۋاقتى: 2013-3-22 22:13:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ياخشى  تەكلىپ - پىكىرلەرنى بىرىپسىز  ، تەشەككۇر . بولسا  يازغۇچىلار  مۇنبىرىدە  تەستىقلانغان  تىمىلار  مۇشۇ  مۇنبەرگە  تەۋە بولسا ،باشقا  مۇنبەرگە  يوللانمىسا  چەك قويۇلسا ، ياخشى  بولاتتى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈزەلنۇر ھېيت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-22 22:13  


ۋاقتى: 2013-3-22 22:39:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پىكىر قىپسىز!ھەممىمىز قىلغان ئىشىمىزنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈشنى خالايمىز ئەلۋەتتە!شۇڭا سىزنىڭ بۇ پىكىرىڭىزنى ھەممىمىز ئەستايىدىل ئويلىنىشىمىز كېرەك،راست دىگەندەك مۇنبەردە قولىدىن كىلىدىغان ئىشنىڭ تايىنى يوق قاڭسىق گەپ قىلىدىغان،ۋە ياكى قۇرۇق گەپلەربىلەن بىر-بىرىمىزنى ماختايدىغان خۇشامەتكوي ئادەتنى يىتىلدۇرىۋالدۇق!بۇ مەسىلىدە ھەممىمىز ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرساق ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولىدۇ،ئاخشام ئۇنى كۆرۇپسىزدە بۇگۇن بۇنى كۆرۇپسىزدە دەپ ئولتۇرغاندىن ياخشى...............

ۋاقتى: 2013-3-23 00:18:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار تورىنىڭ خاسلىققا ئىگە تور بەتلەردىن بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.تەكلىپ -پىكىرلەردىن ئۆرنەك ئالساق،ياخشى يازالمىساق،ياخشى ئوقۇرمەن بولۇپ،ئازغىنە ئىلھام ھەم مانالارغا ئىرشەلىسەكمۇ كۇپايە.

ۋاقتى: 2013-3-23 01:42:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەزگۈ ۋە ئابدۇرەشىدلارنىڭ پىكىرلىرى مەن نەچچە ۋاقتىن دەۋاتقان گەپ بوپتۇ.


           ئەمدى، سىلەرگە ئامانلىق ۋە چوڭقۇر پىكىرلەر يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2013-3-23 17:23:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       كۆرگۇنىڭ تەكلىۋى تولمۇ ئورۇنلۇق،مەنمۇ توربەتلىرنى كۇرۇپ شۇنداق تەسىراتتا بولغان ۋەبۇ ھەقتە تەكلىپ بىرىشنى ئويلاشقان «تاز ياسانغۇچە توي تارقاپتۇ'» دىگەندەك ،مەن كومپويۇتۇرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قارسام بۇ تەكلىپ تورداشلارنىڭ ھوزۇردا ئىكەن.مىنىڭچە دىگەندەك تىما تەستىقلاش ،ئەسەر يوللاشقا نىسبىتەن چەك قۇيۇش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس،ئەمماسۇپەت ئۆتكىلنى چىڭ تۇتماي بولمايدۇ.بۇنىڭدا يالغۇز مۇھەررىرلەرنىڭلا قولغا قاراپ تۇرماستىن ھەربىر قەلەم ئىگىسى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ  قويشى،ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنسام بولامدۇيوق،خاممۇ پىشتىمۇ،بۇ بىر چالا تۇغۇندىمۇ ياكى بالاغەتكە يەتتىمۇ،قانات قۇيرۇقلىرى يىتىلدىمۇ يوق،تازا بىر دەڭسەپ،ئۆزنىڭ يازمىسنىڭ ئىستىتىك قىممىتى ۋە ئىجتىمائى قىممىتى ئۇستىدە ئەستايىدىل ئويلۇشۇپ، ئاندىن يولشى كىرەك.گەرچە بۇ يېزىقچىلىق مۇنبىرى بولسىمۇ لىكىن مەشىق دەپتىرى ئەمەس.
       ئىنكاسلارغا تىخىمۇمەسئوليەتچان مۇئامىلە قىلايلى،مىنىڭچە ئىنكاسلار بەكلا پۇچەك،ياخشى نىمىسنى ياخشى دىدى، يامىنى نىمىسنى يامان دىدى،مەيلى مەزمۇن يىقىدىن بۇلسۇن ياكى بەدىئى ياقتىن بولسۇن ئىنىق باھا تۇسنى ئالغان كونكىرىت پىكىر بولشى كىرەك.ئەگەر بىزدە ئوقۇلمىغا نىسبىتەن بۇ ھەقتە پالان- پۇكۇن دىگىدەك ھاسىلات بولمىسا،ئوقۇغان ھەر-بىر نەرسىگە زومۇ -زو ئىنكاس يىزىش تەلۋى يوققۇ دەيمەن.بەزى ئىنكاسلارنىڭ پەقەتلا قىممتى، زورۇرىيتى يوق بەكلا پۇچەك،خۇددى ئۇينۇشۇپ دەپ قۇيۋاتقاندەك.تور يالغۇز تۇرداشلارنىڭلا مۇنبىرى بولۇپ قالماستىن.بەلكى پۇتۇن دۇنيادىكى ئۇيغۇرتىلنى بىلگۇچى كىشلەرنىڭ ئۇچۇرۋە ھوزۇر مۇنبىرى.بۇنى ھەرقانداق ياش قاتلىمىدىكى ئەمەس، بەلكى ھەرىخىل مەدىنىيەت قاتلىمىدىكى كىشلەركوردۇ.ئۇلارغىمۇ بۇ يازغۇچىلار مۇنبىردەك ئەدىبىي ھوزۇرۋە ياخشى تەسىرات بىرشى  كىرەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-23 23:33:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر مۇنبەردە ئىنكاس يازىدىغانلار تونۇيدىغانلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قارا قويۇق ماختاپ كۆڭۈل خوشى قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆپ.
يۇقاردا مەسئۇلىيەتچان ئەزالار  ‹‹يازما سانىغا چەك قويماسلىق›› توغرىسىدا پىكىرىڭلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىلەر. ئەمدى مەن پىكىرىمنى دەپ باقاي.
مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم بىر ھەپتىدە بىر قېتىم تېما تەستىقلاش ئېلىپ بېرىلسا، كىلەر ھەپتىگىچە شۇ ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنغان ئەسەلەر ئۈستىدە سەمىمىي ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مىكىر، مۇنازىرە ئېلىپ بارساق. شۇ ئەسەرلەرگە ئوبدانراق باھا بەرسەك. ئاندىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىرى ۋە ئەسەرنىڭ پىشقان-پىشمىغانلىقىغا ئاساسەن بىرەر مەتبۇئاتقا تەۋسىيە قىلىنسا، بۇنىڭغا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلسا ياخشى بولاتتى دېمەكچىمەن. كۈندە نەچچە تېمىنى يوللاپ بەرگەن پىكىر، باھانىڭ تايىنى يوق ئاستىغا سۈرۈلۈپ كىتىۋەرسە ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتى ياخشىلىنامدۇ؟ باھاسىز ئەدەبىيات ئەدەبىيات بولمايدۇ-دە.  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-23 23:46:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھەر  ‹‹تورغا ئەسەر يوللايدىغانلارمۇ قىممەتلىك ۋاقتلىرىنىڭ ئىچىدىن ۋاقت چىقىرىپ، تىما يېزىپ يوللايدۇ، ئۇلارغا مانچىنى يوللايسەن، يوللىمايسەن دەپ تەلەپ قويۇش سەل ئارتۇقچە.  ھازىر مۇنبەرگە تەرجىمە ئەسەرلەر، مەشىق ئەسەرلەر، يەنە كۆزگە كۆرۈۈنگەن شائىر، يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى ياخشى يوللىنىپ كىلىۋاتىدۇ، سان بەلگىلەپ بەرسە راستىنلا مۇۋاپىق بولمايدۇ دەپ قارايمەن››.   دېگەن [ىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز، ئەمدى مەن بۇ پىكىرىڭىزگە جاۋاب قايتۇراي: ژورنال مۇندەرىجىسى، مۇھىم پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى ۋە بەزى مۇھىم تېمىلار قەرەلسىز، ۋاقتىدا تەستىقلانسا بولىۋىرىدۇ.  بىر ئاپتورنىڭ ھەپتىدە ياكى  بىر ئايدا يوللايدىغان ئەسىرىنىڭ سانىغا چەك قويۇش دېگەندە مەسىلەن سىز ھەپتىدە بىر پارچە ئەسىرىڭىز مۇنبەرگە يوللىنىپ باشقىلار بەس-بەستە پىكىر بەرسە ئىلگىرلەمسىز ياكى ھەپتىدە نەچچە پارچە يوللاپ ‹‹ ھە قالتىس. تىرىشىڭ. بەك ياخشى چىقىپتۇ...›› دېگەندەك توخۇ تۈكى پىكىرلەرنى بەرسە ئىلگىرلەمسىز؟ سانغا چەك قويۇش دېگەندە مۇشۇنى كۆزدە تۇتتۇم.  يەنە بىرى مەشىق ئەسەرلەرنى يوللاپ باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىش ياخشى دېمەكچى ئوخشايسىز، ئەمما مۇشۇ سۆزىڭىز ياخشى ئېيتىلماپتۇ، مەشىق ئەسەرنى مۇشۇنداق ياخشى مۇنبەرگە يوللىساق بولامدۇ؟ مېنىڭچە ئۆزىمىزگە نىسبەتەن پىشقان ئەسەرنى يوللايلى. مەسئۇلىيەتچان بولايلى. مۇنبەرنىڭ ئوبرازى، سۈپىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش